UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئالتۇننىڭ تەسىرىدە

ئالتۇننىڭ تەسىرىدە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، يېتىم بۇلۇڭدا، خەلق زۇلۇمدا، ئاقچىنىڭ بارچىسى زالىم پادىشاھ خەزىنىسىدىكى تولۇمدا ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى بەكمۇ زالىم ئىكەن. ئۇ خەلققە ھەددىدىن زىيادە ئالۋاڭ - سېلىق سېلىپ، خەلقنى قاخشىتىدىكەن. ئۇ پادىشاھقا دېھقان ۋە ھۈنەرۋەنلەر ئۆچ ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھ زەر، ئۈنچە - مەرۋايىت، ياقۇت بىلەن زىننەتلەنگەن ئېسىل تون كىيىپ بىر ساتراشخانىغا كىرىپ كەپتۇ. پادىشاھ يېشىنىپ كۇرسىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ساتىراش ئەدەب بىلەن كېلىپ پادىشاھنىڭ چېچىنى ئاپتۇ، ساقال - بۇرۇتىنى ياساۋېتىپ ساتىراشنىڭ كۆڭلىگە بىر ئىش كەپتۇ - دە، تۇيۇقسىزلا پادىشاھنىڭ ساقىلىنى خۇددى ئۆچكىنىڭ ساقىلىنى تۇتقاندەك تۇتۇۋېلىپ، ئوڭ قولىدىكى ئۇستىرىنى پادىشاھنىڭ كانىيىغا تەككۈزۈپ: - ھىم، مانا مۇشۇنداق بىر سۈرسەم، جانابلىرىنىڭ ئىشى تامام بولىدۇ، - دەپتۇ. -ھاي - ھاي! ئۇنداق بىمەنە گەپ قىلما، - دەپتۇ پادىشاھ ئالىيىپ. ساتىراش پادىشاھنىڭ ساقىلىنى تېخىمۇ يۇقىرىغا قايرىپ تارتىپ، پادىشاھنىڭ بوينىنى، بىر غېرىپ سوزۇپ، ئۇستىرىنى بوغۇزىنىڭ ئۈستىگە تەككۈزۈپ: مانا، مۇشۇنداق قىلىپ بىرلا تارتىمەن، ئىش تامام، ۋەسسالام! - دەپتۇ. پادىشاھنىڭ پۇت - قوللىرى لاغىلداپ تىترەپ، كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەكلا بوپتۇ. -ھاي - ھاي!... بۇ پەيلىڭدىن يان، نېمە خالىساڭ شۇنى قىلاي، ساڭا خەزىنەمنى ئېچىپ بېرەي، نېمە لازىم بولسا ئالغىن. مېنى ئۇنداق قىلما... - دەپتۇ پادىشاھ. -خوش تەقسىر، >جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرىمەن...< دەپ خەلقنى قورقۇتقانلىرى شۇمىدى؟ خەلقنى سەلتەنەتلىرى ئالدىدا تىترەتكەن جانابلىرى ئەجەب مېنىڭ ئالدىمدا لاغىلداپ تىترەپ كەتلىغۇ؟ - دەپتۇ ساتىراش پادىشاھنىڭ ساقىلىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇۋېلىپ. - جىنىم بۇرادەر، - دەپتۇ پادىشاھ تىترەك ئاۋازدا، - زەر بېرەي، ئۇنداق قىلما!.... - زەر ئالمايمەن، قان ئالىمەن! - دەپتۇ ساتىراش. - ھاي. مەن ساڭا زەر بېرەي، زەر! - ياق، زەر ئالمايمەن، قان ئالىمەن - قان!... زەر دېگەن قولۇمدىكى ئۇستىرا.... - سادىغاڭ كېتەي قېرىنداش، زەر بېرەي، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچ! -مەن زەر ئۈچۈن قېنىڭدىن كەچمەيمەن، ئەگەر ھەر قاچان، ھەرزامان ماڭا بويسۇنىدىغان پادىشاھ بولساڭ ئاندىن كېچىمەن. پادىشاھ ئويلانماستىن ۋاراپتۇ: -بويسۇناي، ئەزبىرايى خۇدا، بويسۇناي!... ساتىراش بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ ساقىلىنى قويۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھ كىيىملىرىنى ئوپۇل - توپۇل كىيىپ، چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئوردىسىغا بېرىپ تەختكە چىقىپتۇ - دە: - جاللات! - دەپ ۋارقىراپتۇ. جاللاتلار دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ھازىر بوپتۇ. - ھەممىگە مەلۇم بولسۇنكى - دەپتۇ پادىشاھ، - ئوي بازاردىكى ساتىراش داۋۇت ھازىر كەلتۈرۈلۈپ دارغا ئېسىلسۇن ۋە تېنى پارچە - پارچە قىلىۋېتىلسۇن! ھايال ئۆتمەي جاللاتلار ساتىراشنى باغلاپ، پۇر - قولىنى يەرگە تەككۈزمەي دار ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرىدىغان ھېكىم دېگەن كىشى ساتىراش داۋۇتنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئىكەن. ئۇ دوستىنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە: - ئى شاھىم، ساتىراش نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلدىكىن؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ ساتىراشىانىدا بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرىپتۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆچ ئالماقچى ئىكەنلىكىنى دەپتۇ. - شاھىم، - دەپتۇ ھېكىم، - ئۇنىڭ بۇنداق قېلىشتىكى مەقسىتىنى سوراپ بېقىپ، گۇناھىنى تونىغاندىن كېيىن ئاندىن ھۆكۈمنى ئىجرا قىلساق قانداق؟ پادىشاھ ھېكىمنىڭ مەسلىھەتىگە قوشۇلۇپتۇ. ۋەزىرلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا باشلاپتۇ: - سەن ساتىراش بولغىلى قانچە يىل بولدى؟ - 30 يىل. - پادىشاھىمىزنىڭ چېچىنى قاچاندىن بېرى ئالىسەن؟ - 15 يىلدىن بېرى. - 15 يىلدىن بېرى پادىشاھ بىلەن چاقچاق قىلىشقانمىدىڭ؟ - ياق، ھەر دائىم ئۇنىڭ چاچ - ساقاللىرىنى ئەدەب بىلەن ئالاتتىم. - بۇ قېتىم نېمىشقا ئەدەبسىزلىك قىلدىڭ؟ - يوقسۇ، ئەدەبتىن قىلچە چىقىپ كەتكىنىم يوق. - شاھنى ئۇستىرا بىلەن بۇغۇزلايمەن دەپ قورقۇتقانلىقىڭ ئەدەبسىزلىك بولمايدۇ؟ - يوقسۇ، مەندەك بىر ئاجىز قانداقمۇ ئۇنداق ئىشنى قىشقا پېتىناي؟ پېقىر ئۇنداق ئىشنى ئوڭۇمدا تۇرماق، چۈشۈمدىمۇ قىلغىنىم يوق. سوئال - سوراق ئۇچىغا چىققاندا، پادىشاھ تاقەت قىلىپ تۇرالماي ۋارقىراپتۇ. - كاززاپ! نامەرد ئېكەنسەن، ئۆلۈمدىن قورقۇپ يالغان سۆزلەۋاتىسەن، ھۇ ھايۋان! - ئۆمرۈمدە يالغان سۆزلەپ باققىنىم يوق، - دەپتۇ ساتىراش، - بۇ گەپنى ئۆزلىرىدىن ئاڭلاپ قورقۇۋاتىمەن. پادىشاھ بۇ گەپلەرنى >ماڭا تەنە قىلدى< دەپ ئويلاپتۇ - دە، دەرغەزەپ بولۇپ: - جاللاپ! پەرماننى بەجا كەلتۈر! - دەپ ۋارقىراپتۇ. -ئەي پادىشاھىم، سەۋرى قىلغايلا، - دەپتۇ ھېكىم پادىشاھقا تازىم قىلىپ، - مەن بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلىۋاتىمەن، مەن ساتىراشتىن ئىككى ئېغىز گەپ سوراپ باقسام بولارمۇ؟ ھېكىم ئەقىل - پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن كىشى بولغاچقا، پادىشاھ ئۇنىڭغا قول قويىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپتۇ. -سەن پادىشاھنىڭ چېچىنى قەيەردە ئالغانىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. ھېكىم ئاغىنىسىدىن چاندۇرماي. ساتىراشمۇ چاندۇرماي جاۋاب بېرىپتۇ: - ئۆز دۇكىنىمدا ئالغان. - بۇرۇنمۇ پادىشاھىم دۇكىنىڭغا بارغانمىدى؟ - يوقسۇ، ئۆمرۈمدە پادىشاھنىڭ چېچىنى ئۆز دۇكىنىمدا ئالغىنىم بۈگۈنكى بىر قېتىم. - سەن بۇ دۇكىنىڭدا قاچاندىن بېرى تۇرىسەن؟ - تېخى كېچە كۆچۈپ كەلگەنىدىم. - مەسىلە روشەنلەشمەكتە، - دەپتۇ ھېكىم پادىشاھقا سالماقلىق بىلەن قاراپ، - جانابلىرى پېقىرغا بىرەر سائەت مۆھلەت بېرىپ، بىر نەچچە نۆۋكەر قوشۇپ بەرسىلە، مەن بىر ھېكىمەتنىڭ سىرىنى ئاچقان بولاتتىم. - قېنى، ھېكىمىتىڭىزنى كۆرسەتكەيسىز، ئەگەر ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، سىزنىڭمۇ بېشىڭىز ئۆلۈمدە، - دەپتۇ پادىشاھ. ھېكىم ساتىراشنى زەنجىر كىشەندىن بوشىتىپتۇ ۋە 10 نەچچە نۆۋكەر بىلەن ساتىراشنىڭ دۇكىنىغا كەپتۇ، ئاندىن ساتىراشقا قاراپ: - سەن پادىشاھنىڭ چېچىنى قەيەردە تۇرۇپ ئالغان؟ - دەپ سوراپتۇ. ساتىراش پادىشاھنىڭ ئولتۇرغان يېرىنى ۋە ئۆزى تۇرغان يەرنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. ھېكىم بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن نەۋكەرلەرنى ساتىرش تۇرغان يەرنى كولاشنى بۇيرۇپتۇ. نۆۋكەرلەر يەرنى تىز بويى كولاپتىكەن، يوغان بىر كۈن چىقىپتۇ. ئۇلار كۈپنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ئاچقان ئىكەن. كۈپنىڭ ئچىىدىن ئالتۇن چىقىپتۇ. ئەسلىدە ھېكىم ئاغىنىسىنى قۇتقۇزۇېلىشنى ئويلاپ، پادىشاھ داۋۇتىن سوراق سوراۋاتقان ۋاقىتتا، خەزىنىدىن ھېلىقى كۈپنى ئېلىپ چىقىپ، ساتىراشخانىغا كۆمۈپ قويغان ئىكەن. پادىشاھ كۈپتىن ئالتۇن چىققانلىقىنى كۆرۈپ قەۋەت خۇشال بوپتۇ. ھېكىم پادىشاھقا قاراپ: - مانا، بۇ كۈپتىكى ئالتۇن جانابلىرىنىڭ چېچىنى ئالغاندا ساتىراش دەسسەپ تۇرغان يەردىن چىقتى، بۇنىڭ ھېكمىتى شۇكى، بۇنداق بىر ئاددىي ساتىراشنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇنداق ھەيۋە قىلىشى، ئۇ تۇرغان يەردىكى ئالتۇننىڭ تەسىرىدىن بولغان. دېمەك، جانابلىرى ئالتۇن تاج، ئالتۇن كەمەرلەردىن ئاجراپ ئولتۇرغاندا، بۇ كۈپتىكى خىسلەتلىك ئالتۇن ساتىراشقا تەسىر قىلغانلىقتىن، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەي قالغان. شۇڭا ساتىراشنىڭ گۇناھىدىن كېچىپ، كىشىلەرنى ئەدەبتىن چىقىرىپ تاشلايدىغان بۇ ئالتۇننى خەزىنىگە سالماق كېرەك. پادىشاھ ھېكىمنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، مەمنۇن بوپتۇ ۋە ساتىراشنى قويۇپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئاددىي بىر ساتىراش زالىم پادىشاھنى ئەخمەق قىپتۇ. )بۇ چۆچەك 1960 ـ يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان >ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى< دىكى نۇستخىغا ئاساسەن خوتەنلىك مەھەممەت قارىنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە قايتا رەتلەندى(.
← بارلىق تېمىلار چوچاق