UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخاسىيەتلىك قۇش

خاسىيەتلىك قۇش

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر دېھقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسىمى خۇجا ھەسەن، كىچىك ئوغلىنىڭ خۇجا ھۈسەن ئىكەن. چوڭ ئوغلى يەتتە ياشقا، كىچىك ئوغلى بەش ياشقا يەتكەندە، ئانا ۋاپات بوپتۇ. دېھقان ئىككى ئوغلىنى بېقىپ تەربىيلەپ چوڭ قىپتۇ. بۇ ئوغۇللار چوڭ بولۇپ كامال - ۋايىغا يەتكەندە، دادىسىمۇ ۋاپات بوپتۇ. چوڭ ئوغۇل ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئىكەن. ئۇ بىر قىزغا ئۆيلىنىپتۇ. ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ، ئۇنىڭ خوتۇنى قوشكېزەك پەرزەنت تۇغۇپتۇ. دېھقاننىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ خۇي - پەيلى ئەسكى، ئۆزى مەككار، ئالدىمچى، مەدنىيەت ئىكەن. ئۇ كىشىلەرنى ئالداپ - سىلاپ، مەككارلىق، زىيانكەشلىك يولى بىلەن باي بولۇپ كېتىپتۇ. بۇمۇ ئويلىنىپتۇ. لېكىن پەرزەنت يۈزى كۆرمەپتۇ. جوجا ھەسەننىڭ ئىككى ئوغلى چوڭ بوپتۇ. ئۇلار دائىم جاڭگالغا بېرىپ ئوتۇن ئېلىپ كېلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاڭگالغا ئوتۇنغا كېتىپ بارسا، يولدا ئاجايىپ گۈزەل قۇش يولۇقۇپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇل قۇشنى تۇتۇۋاپتۇ. بۇلار ئۆمرىدە بۇنداق قۇشنى زادى كۆرمەپتىكەن. بۇ قۇشنىڭ چىرايلىقلىقىغا ئادەمنىڭ زوقى كېلىدىكەن. بۇلار خوشاللىقتا قۇشنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ قۇشنى كۆرۈپ دادىسى ناھايىتى خوشال بوپتۇ ۋە: _ بۇ چىرايلىق قۇش ئىكەن. باي داداڭلارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىڭلار، پۇل بەرسە ئېلىپ كېلەرسىلەر، - دەپتۇ. بالىلار خۇشال بولۇشۇپ، قۇشنى باي دادىسىنىڭكىگە ئاپىرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن باي قۇشنىڭ خاسىيەتلىك قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى خوشال بوپتۇ. قۇشنى ئېلىپ قېلىپ«ئەتە كېلىڭلار، پۇل بېرىمەن» دەپتۇ. بالىلار قايتىپ كېتىپتۇ. باي خاسىيەتلىك قۇشنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن: «ئەمدى پۈتمەس - تۈگىمەس دۇنيا - دەپنەگە ئېرىشتىم. بۇ يۇرتتا مەندىن كاتتا باي تېپىلمايدۇ» دەپ، خۇشاللىقى ئىچىگە پايماي قاپتۇ. قۇشنى ئۆلتۈرۈپ كېچىچە ئۇخلىماي، ئىچ قارنىنى پاكىزە ئادالاپ، ئەتىسى ئەتىگىنى خوتۇنىغا: «گۆشنى ئۆزەڭ دىققەت قىلىپ پىشۇرغىن، باشقا بىركىم بىلىپ قالمىسۇن » دەپ تاپىلاپ قويۇپ، بازارغا دۇكان ئاچقىلى چىقىپ كېتىپتۇ. بالىلار قۇشنىڭ ھەققىنى ئالىمىز دەپ شۇ كۈنى باي دادىسىنىڭكىگە كېلىشىپتۇ. ئۆيگە كىرسە ئۆيدە ئادەم يوقمىش. ھېلىقى قۇشنىڭ گۆشى قازاندا قايناۋاتقۇدەك. بالىلار قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ قارىسا، ئۈسىتىدە كىچىككىنە بىر پارچە گۆش قايناۋاتقۇدەك. بالىلار بۇ گۆشنى ئېلىپلا يەۋاپتۇ. تۇۋاقنى يەنە ئاۋۋالقىدەكلا يېپىپ قويۇپ تۇرۇشىغا، باينىڭ خوتۇنى ئىچكىرىكى ئۆيدىن چىقىپ قاپتۇ ۋە: _ ھوي گاداي شۇمتەكلەر، ئادەم يوق ئۆيدە نېمە قىلىشىۋاتىسەن؟ ھازىرلا ئۆيدىن چىقىش، - دەپ، تىللاپ ھەيدىۋېتپتۇ. بالىلار ئۆيگە يىغلاپ كېلىشىپتۇ. دادىسى ھەسرەتلىنىپ ئولۇغ - كىچىك تىنىپ: _ بوپتۇ بالىلىرىم، باي داداڭلارنىڭكىگە مۇندىن كېيىن بارماڭلار، - دەپتۇ. ئەمدى گەپنى مەككار بايدىن ئاڭلايمىز. باي كەچقۇرۇن دۇكىنىدىن قايتىپ كەپتۇ ۋە زور ئۈمىد بىلەن ئالدىراپ - تېنەپ خاسىيەتلىك قۇشنىڭ گۆشىنى يەپ بولۇپ، سۈڭەكلىرىنى بىر جايغا كۆمۈۋېتىپ، يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ تېكىر بېشىغا قاراپتۇ. ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى، ھەتتا بولۇڭ - پۇچقاقلىرىغچە سەپ سېلىپ ئاختۇرۇپتۇ. ھېچنەرسە پەيدا بولماپتۇ. خاسىيەت ئەسلىدە قۇشنىڭ يۈرىگىدە ئىكەن. قانداق كىشىنىڭ تەلەي - ئامىتى كېلىپ، خاسىيەتلىك قۇشنى تۇتۇپ، يۈرىگىنى يېسە، ئۇ غايىپتىن دۇنيا - دەپنىگە ئېگە بولىدىكەن. بۇ قۇشنىڭ يۈرىگىنى ئىككى بالا يەپ كەتكەن ئىكەن. باينىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋرى يوق بولغاچقا، خوتۇنىغا كايىپ: _ بۇ قۇشنىڭ گۆشىدىن بىر كىمگە بەردىمۇ؟ سەن ياخشى خەۋەر ئالماي خۇشنىڭ خاسىيەتلىك يۈرىگىنى يىيەلمىگەنلىكىمدىن، ئۇنىڭ ماڭا ھېچقانداق خاسىيىتى بولمىدى،- دەپ خوتۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ. مۇشۇ خاپىلىقتا تۇرسا، ئاكىسى ئىككى ئوغلىنى باشلاپ كېرىپ كەپتۇ. ئۇ ئاكىسىغا قاراپمۇ قويماي، تەلەتىنى بۇزۇپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئاكىسى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن: _ ئۇكام ساڭا بىر خالتا ئالتۇن ئېلىپ كەلدىم، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باي يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ. ئاكىسى ئۇنىڭغا بىر خالتا ئالتۇننى كۆرسىتىپ: _ ئەتىگەن ئورۇندىن تۇرغاندا بالىلىرىمنىڭ تېكىرىنىڭ بېشىغا بۇ بىر خالتا ئالتۇن پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بىز ھەيران بولۇپ، بۇ ئالتۇننى سېنىڭ قېشىڭغا ئېلىپ كەلدۇق، - دەپتۇ. ئالتۇننى كۆرۈپ مەككار باينىڭ كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ كېتىپتۇ ۋە: _ بۇ ئالتۇن ئەسلىدە ماڭا تېگىشلىك ئالتۇن ئىدى. سېنىڭ بالىلىرىڭ ئوغرىلاپ كەتكەن، تۇتۇڭلاربۇ ئوغرىلارنى! - دەپ ۋارقىراپتۇ باي. مەككار باي ئادەملىرىنى چاقىرىپ، ئاكىسىنى دۈشكەلەپ، ئىتتىرىپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋېتىپتۇ. ئاكىسىنىڭ ئىككى بالىسىنى يىراق بىر جاڭگاللىققا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. بالىلار جاڭگاللىقتا بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ، «ئەمدى بۇ جاڭگالدە بۆرىگە يەم بولىدىغان بولدۇق» دەپ ئاھ ئۇرۇشۇپ، بارار يېرىنى بىلەلمەي، ئۇيان مېڭىپ، بۇ يان مېڭىپ بۇ جاڭگالدىن چىقىپ كېتىشكە كۆزى يەتمەي، ھېرىپ - چارچاپ كەتكەنلىكتىن، بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇشۇپ ئۇخلىشىپ قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپتۇ. قارىسا ياتقان يېرىدە بىر خالتا ئالتۇن تۇرغۇدەك. ئۇلار : «بۇ ئالتۇن بىزنى مۇشۇ كويغا سالدى، بۇنى ئالساق يەنە نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمىز؟ ئۇنىڭدىن كۆرە بۇنى تۇتمايلى» دەپ، ئالتۇنغا قارىماي يولىغا مېڭىپتۇ. ئۇلار ماڭا - ماڭا بىر ئۆستەڭ بويىغا كەپتۇ. بالىلار ھېرىپ كېتىپ ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇشۇپتۇ. توشقان ئوۋلاپ كەلگەن بىر ئوۋچى بالىلاردىن: _ قەيەردىن كەلدىڭلار؟ قەيەرگە بارىسىلەر، نېمە ئۈچۈن يىغلايسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ. _ بىز زالىم باي دادىمىزنىڭ دەردىدىن بۇ يەرگە كېلىپ قالدۇق. ھېرىپ - چارچاپ قورسىقىمىز ئېچىپ يۈرەرگە مادارىمىز يوق، ئولتۇرۇپ قالدۇق، - دەپ يىغلىشىپتۇ بالىلار. ئوۋچىنىڭ بۇ بالىلارغا ئېچى ئاغرىپ، رەھىمى كېلىپ ئۆيىگە باشلاپ بېرىپتۇ. بالىلارغا تاماق بېرىپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ. بالىلار ھېرىپ - چارچاپ كەتكەنلىكتىن تاماقنى يەپلا ئۇخلىشىپ قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن ئوۋچى ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا، بالىلارنىڭ بېشىدا بىر خالتا ئۇن تۇرغۇدەك. ئوۋچى بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، بالىلارنى ئويغىتىپ، ئۇلاردىن گەپ سوراپتۇ. بالىلار بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئوۋچى بالىلارغا: _ سىلەر دېگەن ئۇ قۇش خاسىيەتلىك قۇش. دۇنيادا مۇنداق قۇشنى ئۇچراتماق ئىنتايىن قىيىن. خاسىيەتلىك قۇش كىمگە نېسىپ بولۇپ، كىم شۇ قۇشنىڭ يۈرىگىنى يېسە، قۇشنىڭ خاسىيىتىدىن تۈگىمەس دۇنيا - دەپنىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇ قۇشنى خۇدايىم سىلەرگە نېسىپ قىپتۇ، - دەپتۇ ۋە بالىلارغا ئوۋلاپ كەلگەن قۇشقاچ گۆشىدە تاماق قىلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تۇيغۇزۇپ سوراپتۇ: _ بالىلىرىم! مەن بىلەن مۇشۇ يەردە بىللە تۇرامسىلەر ياكى كېتەمسىلەر؟ _ ئاتا! بىز بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭىز، سىزدىن ئايرىلغىمىز كەلمەيدۇ. سىزمۇ يالغۇز ئىكەنسىز، سىزگە بالا بولۇپ، قېشىڭىزدا تۇرۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلساق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالىلار. ئوۋچى ناھايىتى خوشال بوپتۇ. بۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ، ھەتتا كەچ كىرگەننىمۇ ئۇقماي قاپتۇ. بۇلار يېتىپ ئۇخلاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا، بالىلارنىڭ بېشىدا يەنە بىر خالتا ئالتۇن تۇرغۇدەك. بالىلار بۇ ئالتۇننى ئوۋچىغا بېرىپتۇ. ئوۋچى بۇنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ يېمەك - ئىچمەك ۋە لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كەپتۇ. ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ. ئوۋچى زەردار باي بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى بالىلار ئوۋچىغا: _ ئاتا باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ سودا - سېتىق قىلىپ كەلسەك، شۇ پۇرسەت بىلەن ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ باقساق، - دەپتۇ. ئوۋچى بۇلارنىڭ تەلىۋىنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. چەت شەھەرلەردە سېتىشقا باب كېلىدىغان ماللاردىن راسلاپ بېرىپتۇ. بۇلار شەھەرمۇ - شەھەر يۈرۈپ ئالماق - ساتماق قىپتۇ. بارغانلا يېرىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىپتۇ. بىراق، ھېچ يەردىن ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىگىنى ئالماپتۇ. يەنە بىر شەھەرگە بېرىپ ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى ساتماقچى بوپتۇ. بىرمۇنچە سودىگەرلەر مال ئالغىلى كېلىشىپتۇ. قارىسا سودىگەرلەر ئارىسىدا ھېلىقى باي دادىسىمۇ تۇرغۇدەك. بالىلار باي دادىسىنى كۆرۈپلا تونۇۋاپتۇ. بۇ نائەھلى مەككارنى كۆرۈپلا، بالىلارنىڭ غەزىپى ئۆرلەپتۇ. ئەمما غەزىپىنى بېسىۋاپتۇ ۋە باي دادىسىدىن: _ بىزنى تونۇدىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. _ ھەر بىرلىرىنى تونۇيالمىدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ باي دادىسى. ئۇلار غەزىپىنى بېسىۋالالماي: _ تونۇمىغان بولساڭ ئەمدى تونۇپ قويغىنكى، بىز سەن زىيانكەشلىك قىلىپ، جاڭگالغا تاشلىۋەتكەن ئوغۇللارمىز. ئەمدى سەندىن ئىنتىقام ئالىمىز. دادىمىز بىلەن ئانىمىز قەيەردە؟ بار يېرىنى ھازىر بىزگە ئېيتىپ بېرىسەن! - دەپ، بۇ نائەھلىگە چاڭ ساپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باشقا سودىگەرلەر ھاڭ - تاڭ بولۇشۇپ قاپتۇ. _ ۋاي بالىلىرىم، ئاتا - ئاناڭلارنىڭ باي يېرىنى ئېيتىپ بېرەي. ئېزىپتىمەن، توۋە قىلدىم، ئەپۇ قىلىڭلار، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ ئاتا - ئانىسى ھەيدەپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، بىر يىراق تاغنىڭ باغرىغا بېرىپ بىر ئۆڭكۈرنى ماكان قىلىپ، تىلەمچىلىك بىلەن كۈن كەچۈرۈپتۇ. ئوغۇللىرىنىڭ پىراقىدا كېچە - كۈندۈز يىغلاپ دادىسىنىڭ كۆزى تۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئانىسىمۇ يېرىمجان بولۇپ قاپتۇ. ھېلىقى نائەھلى بالىلارنى شۇ يەرگە باشلاپ بېرىپتۇ. بالىلار ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈپلا، «ئاھ، ئاتا، ئاھ، ئانا» دەپ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئېتىپ يىغلىشىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ قارىسا، ھېلىقى نائەھلى، مەككار ئاللىقاچان قېچىپ كېتىپتۇ. ئاتا - ئانىسى بېشىدىن ئۆتكەن ئازاپ - ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ھەمدە بۇ نائەھلىدىن ئىنتىقام ئېلىشنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇل بۇ مەككارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ تۇتۇپتۇ: _ ھەي قارا نىيەت مەككار قاراقچى! سەن بىزگە بىكاردىن - بىكارلا شۇنچىۋالا زىيانكەشلىك قىلدىڭ. ئەل قىساسى مىنەلھەق. قىساس ئېلىش نۆۋىتى ئەمدى بىزگە يەتتى، ياتار جايىڭ دوزاخ بولسۇن، - دەپ بۇ مەككارنى ئاتقا سۆرىتىپ، قىيىن ئۆلۈم بىلەن جازالاپتۇ. ئاتا - ئانا ۋە بالا جەم بولۇشۇپ مۇرات - مەقسەتلىرىگە يېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق