UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقناداندىن تادان چىقار

ناداندىن تادان چىقار

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىر كەمبەغەل دېھقان يەر ھەيدەۋېتىپ، ئادەم بېشىدەك بىر كاللەك ئالتۇن تېپىۋاپتۇ. دېھقان «ئەمدى بۇنى نېمە قىلىش كېرەك؟ بۇ ئالتۇننى پادىشاھقا تەقدىم قىلسام، ماڭا سوغا بېرەر» دېگەن ئويغا كەپتۇ - دە، ئالتۇننى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ: «بۇنى يالغۇز ئېلىپ بارسام، پادىشاھ، سەن گاداي بۇنى نەدىن ئالدىڭ؟ دەپ زىندانغا سالمىسۇن، بىر ئابرويلۇق ئادەم بىلەن بىللە باراي» دەپ قارىسا، پادىشاھنىڭ چاپارمىنى ئات چاپتۇرۇپ ئېتىزنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن. نادان دېھقان: - ھوي چاپارمەن، بۇياققا كېلىڭ! - دەپ ۋارقىراپتۇ، ئۇ ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ، بۇ تەرەپكە ماڭغاندا، دېھقاننىڭ كۆڭلىگە «بۇ بولسا ئاتلىق ئىكەن، ئالتۇننى ئېلىپلا قېچىپ كەتسە، مەن ساقال سىپاپ قالماي» دەپ ئويلاپتۇ. شۇ چاغدا ئات چېپىپ كەلگەن چاپارمەن: - خوش، نېمە گەپ،نېمىگە چاقىردىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. دېھقاننىڭ تادانلىق قىلغۇسى كەپتۇ - دە: - مۇنۇ ئىككى ئۆكۈزنىڭ بىرسى شىرىكىمنىڭ، بىرسى مېنىڭ ئىدى، ئېيتىڭا قېنى، ئىككىسىنىڭ قايسى ھېرىپ قالار؟ - دەپ سوراپتۇ. چاپارمەن: ساراڭمۇ سەن؟ مەن نەدىن بىلەي، - دەپ ئېتىنى قامچىلاپ كېتىپ قاپتۇ. بىر چاي قاينام ۋاقىت ئۆتكەندە،چاپارمەن ئىشلىرىنى تۈگىتىپ يەنە شۇ يولدىن ئۆتۈپتۇ. دېھقان ئۇنى كۆرۈپ، ئالتۇننى تاغارغا ساپتۇ - دە: «ئۆزەم كۆتىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارسام ئۇ ئېلىپ قاچالمايدۇ» دەپ ئويلاپ چاپارمەننى يەنە چاقىرىپتۇ. - يەنە نېمە دەيسەن؟ -دەپتۇ چاپارمەن. دېھقان «ئالتۇننىڭ يېرىمىنى بۇ ئېلىۋالارمىكىن» دېگەن ئەندىشىگە چۈشۈپ قاپتۇ. - مۇنۇ يەرنىڭ يېرىمى ئوتاقچىنىڭ، يېرىمى ئۆزەمنىڭكى، ئېتىڭا قېنى ئاشلىق قايسىمىزنىڭ يېرىدە ياخشى ئوخشار؟ - دەپتۇ ئۇ. چاپارمەننىڭ ئاچچىقى كېلىپ دېھقاننى: - سەن ساراڭ ئوخشايسەن؟ - دەپ قامچا بىلەن بىر ئىككىنى ئۇرۇپتۇ - دە، كېتىپ قاپتۇ. دېھقان ئالتۇننى كۆتىرىپ ئۆيىگە كەپتۇ. - خوتۇن ماڭا قارا! - دەپتۇ ئۇ. - لەببەي ! - دەپتۇ خوتۇنى. - چاپىسان چاي قاينات، كاللەك ئالتۇن تېپىۋالدىم، ئۇنى پادىشاھقا تەقدىم قىلىپ، بەرگەن سوغىسىغا گۆش ئەكىلىپ، شورپا قىلايلى. خوتۇن ئېرىنىڭ گەپلىرىگە ھەيران بولۇپ، بۇ «نادانلىق» دەپ ئويلاپتۇ. - دە، ئېرى چايغا ئولتۇرغاندا، تاغاردىكى ئالتۇننى ئېلىۋېلىپ، ئورنىغا بىر پارچە قارا تاش سېلىپ قويۇپتۇ. دېھقان قوسىقىنى تويغۇزۇپ، تولغاپ، شاھنىڭ ئوردىسىغا كەپتۇ. - خوش، نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ ئېيت، - دەپتۇ پادىشاھ. پادىشاھى ئالەم، مەن سىزگە لايىق بىر نەرسە تېپىپ كەلدىم، - دەپ تاغاردىن «ئالتۇن» نى چىقىرىپتۇ. پادىشاھ قاپ - قارا تاشنى كۆرۈپ: - ماڭا مۇشۇ لايىقمۇ؟ سەن مېنى زاڭلىق قىلماقچىمۇ؟ ! - دەپ دېھقاننى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ. ئۇنى دارغا ئاسار چاغدا، چاپارمەن پادىشاھقا: - پادىشاھى ئالەم! بۇ بىر ساراڭ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئەرزىمەيدۇ، - دەپ، ئۇنىڭ ساراڭلىقىغا دەلىل قىلىپ، دېھقاننىڭ ئۆزىدىن سورىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇنى ئۆلۈمدىن قالدۇرۇپ، سىناپ باقماق بولۇپ زىندانغا ساپتۇ. دېھقان زىنداندا يېتىپ، يوقالغان ئالتۇننىڭ چوڭلىقىنى قوللىرى بىلەن شەرەت قىلىپ «مۇنچىلىك يوغان ئىدى، يايسا داستىخاندەك بولاتتى» دەپ غۇلىچىنى يېيىپتۇ. دېھقاننىڭ ئۆز - ئۆزى بىلەن شەرەت قىلىپ سۆزلىشىۋاتقىنىنى كۆرگەن پادىشاھ ئۇنىڭدىن: - بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. - تەقسىر، - دەپتۇ دېھقان، - ئاشۇ قارا تاش ئالتۇن بولۇپ قالسا، يايسا قانچىلىك يېيىلار؟ - بۇ خىيالى ساراڭ ئىكەن. بۇنى زىنداندىن چىقىرىۋېتىڭلار، پايدىسىز ئوغرىنىڭ گۇندىدا تۇرغىنى زىيان، - دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ پادىشاھ. دېھقان خوتۇن ۋە بالا - چاقىلىرى بىلەن ئالتۇننى خەجلەپ باياشات ياشاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق