تاز بىلەن سېھىرگەر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن چىندىل دىگەن مەملىكەتتە بىر ئانا- بالا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىدىكى يېزىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئانا تۇل ئىكەن. ئەمما ئۇ ئاتىسىدىن كىچىك قالغان ئوغلىنى ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ، ئۆزى كىيمەي كىيگۈزۈپ چوڭ قىلىپتۇ. لېكىن ئوغۇل تاز ئىكەن. شۇڭا ئۇ چوڭ بولغۇچە بازار قارىسىنى كۆرمىگەن ئىكەن. بىر كۈنى تاز:
- ئانا، مېنى بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلدىڭىز. ئون سەككىز ياشقا كىرىپ قالدىم، ئەمدى رۇخسەت بەرسىڭىز بازارغا بېرىپ كەلسەم، - دەپتۇ. ئانا ماقۇل بولۇپتۇ ۋە بازاردىن بالدۇرراق قايتىپ كېلىشنى تاپىلاپتۇ. ئانىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان تاز بازارغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ شۇ پېتى ئۇدۇللا بازارغا بېرىپ كوچىلارنى ئارىلاپتۇ. پادىشاھىنڭ ئوردىسى ئالدىغا بېرىپ، ھەيۋەتلىك قەسىرلەرنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا كۈن چۈش بولغان ئىكەن. دەل شۇ ۋاقىتتا راۋاقنىڭ پەنجىرىسى ئېچىلىپتۇ. بىر گۈزەل قىز پەنجىرىدىن بېشىنى چىقىرىپ شەھەر كوچىلىرىغا قاراپتۇ. بۇقىزنى كۆرگەن تاز ھۇشىدىن كەتكىلى تاسلا قاپتۇ. بۇ قىز شۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ قىزى ئىكەن. بۇ قىزنى بىرلا كۆرگەن ھەر قانداق كىشى ئاشىق بولۇپ قالار ئىكەن. قىزغا نۇرغۇن شاھزادە ۋە بەگزادىلەردىن ئەلچى كەپتۇ. ئەمما پادىشاھ >مېنىڭ قىزىمنى ئالىدىغان كىشىنىڭ بىر ھۈنىرى بولسۇن. بۇ ھۈنەرنى مېنىڭ تەۋەلىكىمدىكى كىشىلەر بىلمەيدىغان بولسۇن. قىزىمنى شۇنداق ھۈنەرۋەنگە بېرىمەن< دەپ ئەلچىلەرنى قايتۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ شەھەردىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇنداق ھۈنەرنى بىلىدىغان ئادەم چىقماپتۇ.
تاز بۇ قىزنى كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ئۆيگە قايتىپ ئانىسىغا:
- ئى ئانا، مەن بۈگۈن بازارغا بېرىپ تاماشا قىلىپ كەلدىم. ئەمدى ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسا، مېنى بالام دىسىڭىز مېنىڭ تەلىپىمنى ئاڭلاڭ، - دەپتۇ.
- قېنى ئوغلۇم، نىمە سۆزۈڭ بولسا ئېيتقىن، - دەپتۇ ئانا.
- مەن بۈگۈن پادىشاھنىڭ راۋىقىدىكى بىر قىزنى كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالدىم. سىز پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا ئەلچى بولۇپ بارسىڭىز، پادىشاھنىڭ قانداق شەرتى بولسا چوقۇم ئورۇنلايمەن، - دەپتۇ تاز كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ. ئانا ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى دەپ شۇ كۈنى كەچتە پادىشاھ ھوزۇرىغا بېرىپتۇ. پادىشاھقا سالام قىلغاندىن كېيىن نىمىشقا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپتۇ. پادىشاھ بۇرۇنقى شەرتىنى تەكرارلاپ:
- ئوغلىڭىز ئاشۇ شەرتنى ئورۇنلىسا قىزىمنى بىرىمەن، - دەپتۇ.
موماينى غەم بېسىپتۇ. ئۇ ئۆيگە كېلىپ بولغان ۋەقەنى ئوغلىغا دەپتۇ. تاز دەرھال ئانىسىغا يالۋۇرۇپ:
- مەن ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى كېزىپ چىقاي، بىرەر يۇرتتا پادىشاھ دىگەندەك ھۈنەرنى ئۆگىنىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس. شۇڭا ماڭا رۇخسەت بېرىڭ، - دەپتۇ. ئانا نائىلاج رۇخسەت قىلىپتۇ.
تاز ئانىسى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ يولغا چىقىپتۇ. ئۈچ ئاي يول يۈرۈپ بىر تاغنىڭ يېنىدىكى شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. ئۇ بىر يەرگە قارىسا بىر ئاشپەز ئىككى پۇتىى ئوچاققا تىقىپ، كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغۇدەك. قازاندىن ھەر خىل تاماقلار چىقىپ تۇرغۇدەك. بۇ تاماقلار چىنە - قاچىلارغا ئۆزلۈكىدىن قاچىلىنىپ جوزىلارغا تىزىلىۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن تاز >مەن مۇشۇ ھۈنەرنى ئۆگىنەي، بۇ بىز بار يۇرتتا يوق ھۈنەر< دەپ ئويلاپتۇ.
تاز كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ قاراپ تۇرۇپتۇ. تازنى كۆرگەن ئاشپەز:
- ھوي تاز، ئەجەپ قارايسەنغۇ؟ ھۈنەر ئۆگىنەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۆگىنىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ تاز.
- ئۇنداق بولسا ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ تۇرغىن، - دەپ ئۆينى كۆرسىتىپتۇ ئاشپەز. تاز ھېلىقى ئۆيگە كىرىپ قارىسا ئوتتۇزدەك ئادەم ئولتۇرغۇدەك، تاز ئۇلارنىڭ بىرسىدىن:
- سىلەر نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ئادەم:
- مەن ھۈنەر ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇشۇ ئاشپەزگە شاگىرتقا كىرگەن ئىدىم. ھازىر ماڭا ئون بەش يىل بولدى. تېخى پىياز ئاقلاشنىمۇ ئۇقمايمەن. ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاشلار، - دەپتۇ.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان تاز >مەنمۇ بىر ئامال قىلمىسام بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنەلمەيدىغان ئوخشايمەن< دەپ ئويلاپتۇ.
بىر كۈنى ئاشپەز پەشتامىنىنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتۇ. ئۇ تازنى چاقىرىپتۇ ۋە پەشتامىنى ئەكىلىشكە ئەۋەتىپتۇ. تاز ئاشپەزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەرۋازىنى قېقىپتۇ. ئۆيدىن بىر قىز چىقىپتۇ. تاز قىزغا:
- ئاتىڭىز پەشتامىنىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. شۇڭا مېنى ئەۋەتتى. پەشتامىنىنى ئەپچىقىپ بەرسىڭىز، - دەپتۇ. تازنى كۆرگەن قىز >مەن چوڭ بولۇپ ئون ئالتە ياشقا كىرگىچە ئاتامدىن باشقا ئەر كىشىنى كۆرمىگەن ئىدىم، بۈگۈن خۇدايىم ماڭا بىر يىگىتنى ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپ تازنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋېلىپ قويۇپ بەرمەپتۇ ۋە:
- مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
- مېنىڭ ئايالىم بار. مەن ئەسلى ھۈنەر ئۈگەنگىلى كەلگەن. سىزنى ئەمرىمگە ئالسام، سىز ئىككىنچى خوتۇن بولۇپ قالىسىز، بۇنىڭغا رازىمۇ سىز؟ - دەپتۇ تاز.
- مەن رازى، سىز ھۈنەر ئۆگەنگىلى كەپسىز. مەن ئاتامدىن ئارتۇق ھۈنەر بىلىمەن. ئاتام سېھىرگەر، ئۇ قىرىق بىر خىل ھۈنەر بىلىدۇ. باشقىلارغا ھەرگىز ئۆگىتىپ قويمايدۇ. مەن قىرىق ئىككى خىل ھۈنەر بىلىمەن. سىز مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز، مەن سىزگە چوقۇم ھۈنەر ئۆگىتىپ قويىمەن، - دەپتۇ. قىز ۋە تازنى ئاگاھلاندۇرۇپتۇ، - ھازىر سىزنىڭ ھاياتىڭىز خەۋپتە. سىز پەشتامىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئاتام سىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن جاڭگالغا ئوتۇن ئەكىلىشكە بۇيرۇيدۇ. >ئوغلۇم، قوتاندا بىر ئىشەك بار، شۇ ئىشەكنى ئېلىپ بېرىپ جاڭگالدىن ئوتۇن ئەكىلىڭ< دەيدۇ. سىز ماقۇل دەپ ئۆيدىن چىقىپ بولغۇچە ئاتام قوتانغا بېرىپ ئىشەك بولۇۋالىدۇ. سىز بىر زىخ ياسىۋېلىپ جاڭگالغا بارغىچە ئىشەكنى سانجىپ مېڭىڭ. جاڭگالغا بارغاندا ئىشەكنى بىر توغراققا قاڭتۇرۇپ قويۇڭ. ئىشەك نوقتىنى ئۈزۈپ يىلان بولۇپ سىزگە ئېتىلىدۇ. سىز قورقماي، يىلاننىڭ بېشىغا پالتا چېپىڭ. ئەگەر شۇنداق قىلمايدىكەنسىز، ئاتامدىن تىرىك قۇتۇلالمايسىز.
تاز پەشتامىنى ئېلىپ ئاشپەزنىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئاشپەز ئۇنى ئوتۇنغا بۇيرۇپتۇ. ھەممە ئىش قىز دىگەندەكلا بولۇپتۇ. تازنى ئۆلتۈرەلمىگەن ئاشپەز ئەتىسى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ. لېكىن بۇنى قىزى بىلىۋېلىپ تازغا ئېيتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ سېھىرگەر ئاشپەز تازنى ئۆلتۈرەلمەپتۇ. تاز قىزدىن بولۇپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تاز سەھەردە بىر دومىلىغان ئىكەن، بىر كۈنلۈك يەرگە كېتىپتۇ. كەپتەر بىلەن ئۇچۇپ ئۈچ ئايلىق يىراقتا قالغان يۇرتىغا ئاش ۋاقتىدا بېرىپتۇ. ئۆز ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە قونۇپ تۈڭلۈكتىن ئۆيگە قاراپتۇ. ئۆيدە ئانىسى سالامەت ئولتۇرغان ئىكەن. تاز بىر دومىلاپ ئادەمگە ئۆزگىرىپ ئۆيگە كىرىپتۇ - دە، ئانىسىغا سالام بېرىپتۇ. ئوغلىنىڭ سالامەت كەلگەنلىكىنى كۆرگەن موماي خوشال بولۇپتۇ ۋە ئوغلىدىن نىمە ھۈنەر ئۆگىنىپ كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ.
- مەن ئەتە بىر ئات بولىمەن. سىز مېنى شەھەرگە ئەكىرىڭ. كىشىلەر >قانچە پۇل< دېسە، >ئالتە يۈز تىللادىن ھەرگىز كەم ساتمايمەن< دەڭ. شۇ چاغدا مېنىڭ قانداق ھۈنەر ئۆگىنىپ كەلگەنلىكىمنى بىلىسىز، - دەپتۇ تاز.
ئەتىسى تاز دىگەندەك بىر دومىلاپ بىر ئېسىل چىلانتۇرۇققا ئايلىنىپتۇ. ئانا ئاتنى بازارغا ئەكىرىپتۇ. لېكىن ئاتنى ئالالايدىغان ئادەم چىقماپتۇ. پادىشاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئاتنى ئالتە يۈز تىللاغا ئالدۇرۇپ كەپتۇ. ئاتنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولۇپ:
- ئەتە سىلەر پۈتۈن خەلقى ئالەمنى يىغىپ جاكا قىلىڭلار. مەن بەيگە ئۇيۇشتۇرىمەن، پۈتۈن ياخشى ئاتلار بەيگىگە قاتناشسۇن، - دەپتۇ.
ئەتىسى ئات بەيگىسى باشلىنىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئېتى ھەممىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاتنىڭ سۈرئىتى ئوقتەك تېز بولغانلىقى ئۈچۈن پادىشاھ كۆزىنى ئاچالماي قاپتۇ. قالغانلارنىڭ ئاتلىرى يېرىم كۈنلۈك يولدا قاپتۇ. ئات يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپلا غايىپ بولۇپتۇ. پادىشاھ بىر قىزغا مىنىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ھاڭ - تاڭ بولۇپ ئالدىغا قارىسا بىر تۆشۈك تۇرغۇدەك. پادىشاھ >ئېتىم مۇشۇ تۆشۈكتىن يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپ تۆشۈككە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئارقىدىن يېتىپ كەلگەنلەر:
- ۋاي پادىشاھى ئالەم، ئات قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ تۆشۈكنى كۆرسىتىپ:
- مۇشۇ تۆشۈككە كىرىپ كەتتى، - دەپتۇ.
باشقىلار پادىشاھنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشۈپتۇ. تاز كېيىن ئەھۋالنى پادىشاھقا ئۇقتۇرۇپتۇ. پادىشاھ ھېلىقى رەڭدار ئاتنىڭ ئەسلىدە قىزغا ئەلچى ئەۋەتكەن تاز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قىزنى كاتتا توي قىلىپ تازغا بېرىپتۇ. تاز مۇرات - مەقسىدىگە يېتىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ئۈچ ئۆستەڭ ئارا مەھەللىدىن قاسىم ئابلا