ئۈچ ئالتۇن قوچقار
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ قول ئاستىدىكى خانلارنىڭ ئەلىنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ، تۈرى، رەڭگى، سالمىغى ئوخشاش ئۈچ ئالتۇن قوچاق ياسىتىپتۇ. ئاندىن ئۇ قوچاقلارنى بىر خانغا ئەۋەتىپ: «بۇ ئۈچ قوچاقنىڭ باھاسى ئۈچ خىل، بىرىنچىسى ئەرزان، ئىككىنچىسى قىممەترەك، ئۈچچىنچىسى قىممەت. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە ئىكەنلىكىنى تاپسۇن» دەپتۇ.
خان ھېلىقى قورچاقلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇيان ئۆرۈپ، بۇيان ئۆرۈپ قارىغان بىلەنمۇ نېمىشقا باھاسىدا پەرق بارلىقىغا ئەقلى يەتمەپتۇ. خاننىڭ بېشى قېتىپ، ساراي ئەھلىنى چاقىرىپتۇ ۋە قورچاقلارنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى تېپىڭلار، دەپ ئەمرى قىپتۇ. لېكىن ئۇلارمۇ بىرنېمە يىلەلمەپتۇ. بۇ خەۋەر ھەممە تەرەپكە تاراپتۇ. ئەرزىمەس ئەيىپ بىلەن زىندانغا تاشلانغان بىر كەمبەغەل يىگىت قورچاقلار توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، خانغا:
- رۇخسەت بولسا قورچاقلارنىڭ پەرقىنى مەن تېپىپ باقسام، ئەگەر تاپالىسام بۇنىڭ بەدىلىگە مېنى زىنداندىن ئازات قىلغان بولسىلا،... - دەپ ئىلتىجا قىپتۇ. خان «مەن تېگىگە يېتەلمىگەن ئىشنى ئۇ قانداق بىلىسۇن...» دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ئامالىنىڭ يوقلۇقىدىن يىگىتنى سارايغا چاقىرىپتۇ. قورچاقلارنى يىگىتنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ. يىگىت دىققەت بىلەن قاراپ چىقىپ، قورچاقلارنىڭ قۇلاقلىرى تۆشۈك ئىكەنلىگىنى بايقاپتۇ. ئۇ بىر ئىنچىكە شوپۇڭ تېپىپ قورچاقلارنىڭ بىرىنىڭ قۇلىغىدىن ئۆتكۈزگەن ئىكەن، شوپۇڭنىڭ ئۇچ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىپتۇ. شو پۇڭنى ئىككىنچى قورچاقنىڭ قۇلىغىدىن ئۆتكۈزگەن ئىكەن. يەنە بىر قۇلىغىدىن چىقىپتۇ ئۈچىنچى قوچاقنىڭ قۇلىغىدىن ئۆتكۈزگەندە شوپۇڭنىڭ ئۇچى قوچاقنىڭ ھېچقانداق يېرىدىن چىقماپتۇ. شۇ چاغدا يىگىت مۇنداق دەپتۇ.
- ئى خان، بۇ قوچاقلار ئادەمگە ئوخشايدىكەن، بىرىنچى قوچاق بىر سۆز ئېيىتسا ئۇنى ئىككىنچى بىرىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ، ئۇنداق ئادەملەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭ باھاسى ئەرزان. ئىككىنچى قورچاق - قىلغان سۆزى ئۇقۇلاقتىن كىرىپ بۇقۇلاقتىن چىقىپ كېتىدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. مۇنداق ئادەملەر بىپەرۋا كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەيدۇ، قىلغان نەسىھەتنى ئالمايدۇ. ئۈچىنچى قوچاق ھەرقانداق سۆزنى، ھەرقانداق سىرنى ئىچىدە ساقلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئىشەنچىنى ئاقلىيالايدىغان، ئەقىللىق، تۇتاملىق كېلىدۇ، ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر. - دەپتۇ.
يىگىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغان ساراي ئەھلى ھەيران قېلىشىپتۇ. خان خوشال بوپتۇ. يىگىتنى ساراي ئەھلىگە ماختاپتۇ. شۇ ھامان ئۇنى زىنداندىن ئازات قىلىۋېتىپتۇ - دە، ھەربىر قوچاققا ئۆز باھاسىنى يازدۇرۇپ پادىشاھقا قايتۇرۇپتۇ. ..
(«يېڭى قاشتېشى» نىڭ 1981 - يىل 2 - سانىدىن ئېلىندى)
رەتلىگۈچى: مەمتىلى سايىت