UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپاقا شاھزادە

پاقا شاھزادە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى # بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇ قىز ھەر كۈنى توپ ئوينايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ توپ ئويناۋاتسا، توپى غىلدىرلاپ بېرىپ قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ قۇدۇق بېشىدا يىغلاپ ئولتۇرسا: - ھەي مەلىكە، نىمىشقا يىغلايسىز؟ - دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. مەلىكە بۇ ئاۋازنىڭ قۇدۇق ئىچىدىن چىققانلىقىنى سېزىپ قۇدۇققا قارىغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر چار پاقا تۇرغۇدەك، مەلىكە: - مېنىڭ توپۇم قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى. شۇڭا يىغلاۋاتىمەن! - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پاقا: - مەن ئېلىپ بېرەي، بىراق، مەن توپنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن، سىز مېنى ئوردىغا ئېلىپ كېتىڭ! - دەپتۇ. مەلىكە ماقۇل دەپ قويۇپ، توپنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، پاقىنى تاشلاپ يۈگۈرگىنىچە ئوردىغا كىرىپ كېتىپتۇ. قىز تاماق يەپ ئولتۇرسا بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. مەلىكە ئۇيان قاراپتۇ. بۇيان قاراپتۇ. ئىشىككە چىقىپ قارىسا، ھېلىقى چار پاقا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرغۇدەك. مەلىكە پاقىنى كۆرۈپ قورقۇپ، ۋارقىراپ كېتىپتۇ. ئاتىسى: - قىزىم نىمە بولدۇڭ؟ - نىمىدىن شۇنچە قورقۇپ كەتتىڭ؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، قىزى بولغان ئىشنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەلىكىگە ئاچچىقلىنىپ: - سەن بىر شاھنىڭ قىزى تۇرۇقلۇق، گېپىڭدە تۇرمىساڭ بولامدۇ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ. مەلىكە دادىسىنىڭ دىگىنى بويىچە پاقىنى ئوردىغا ئەكىرىپتۇ - دە، ئۆز ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويۇپتۇ. بىر چاغدا پاقا زۇۋانغا كېلىپ مەلىكىگە: - جېنىم مەلىكە، مەن سىز بىلەن بىرگە ياتاي، - دەپتۇ. مەلىكىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كېتىپتۇ ۋە پاقىنى يەردىن ئېلىپ بىر ئاتقان ئىكەن، پاقا بېرىپ تامغا تېگىپتۇ - دە، شۇئان بىر كېلىشكەن شاھزادىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. مەلىكە ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇپ: - بۇ نىمە ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ. - مەن بىر شاھزادە ئىدىم، - دەپتۇ ئۇ، - ئانام مېنى پاقىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى، مانا بۈگۈن ئۆز ئەكسىمگە كەلدىم، - دەپتۇ. مەلىكە بۇ شاھزادىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. شاھزادىمۇ مەلىكىگە ئاشىق بولۇپتۇ. ئاخىرى ئۇلار توي قىلىپ، مۇرات - مەقسەتلىرىگە يېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك ياشاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى ئوسمان ئىبراھىم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
پاقا شاھزادە | UyghurWiki | UyghurWiki