سىرلىق چىراق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا، مەلۇم بىر شەھەردە ھەسەن ئىسىملىك بىر كەمبەغەل تىكمىچى بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئالاھىددىن ئاتلىق بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. ئالاھىددىن ئون ياشقا كىرگەندە، دادىسى >بالاممۇ ماڭا ئوخشاش تىكمىچى بولسۇن< دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئالاھىدىدىنغا كىيىم تىكىشنى ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ. لېكىن ئالاھىددىننىڭ بۇ ھۈنەرنى ئۆگەنگۈسى كەلمەپتۇ. دادىسى دۇكاندىن چىقىشى بىلەنلا ئالاھىددىن كوچىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ بالىلار بىلەن ئوينايدىكەن، دادىسى ئالاھىددىنغا نەسىھەت قىلىپمۇ كۆرۈپتۇ، تىللاپمۇ، جازالاپمۇ بېقىپۇ. لېكىن ئالاھىددىن ئويۇنچىلىقىدىن قالماپتۇ. ئاز ۋاقىت ئۆتمەيلا ھەسەن تىكمىچى دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئايالى يىپ ئىگىرىپ سېتىپ بالىسى بىلەن ئىككىسى كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. شۇ ئەھۋالدا ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپتۇ. ئالاھىددىن ئون بەش ياشقا كىرىپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالاھىددىن كوچىدا بالىلار بىلەن ئويناپ يۈرگەن ۋاقىتتا، بۇلارنىڭ يېنىغا ئۈستىگە يىپەكتىن چاپان كيىگەن، بېشىغا سۈتتەك ئاق سەللە ئورىغان بىر ئادەم كەپتۇ. ئۇ ئادەم ئالاھىددىنغا كۆزىنىڭ قىرىنى سېلىپ>مېنىڭ ئىزلەپ يۈرگىنىم دەل مۇشۇ بالا ئىكەن. ئاخىرى تېپىۋالدىم< دەپتۇ ئىچىدە.
بۇ مەغرىپتە تۇرىدىغان كىشى ئىكەن، ئۇ ئالاھىددىندىننىڭ قېشىغا كېلىپ:
- سەن تىكمىچى ھەسەننىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ھەئە مەن، لېكىن دادام ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى، - دەپتۇ ئالاھىددىن.
مەغرىپتىن كەلگەن ئادەم بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا ئالاھىدىننى قۇچاقلاپ ھۆكۈرەپ يىغلاپتۇ.
- مەن سېنىڭ داداڭنىڭ ئىنىسى بولىمەن، - دەپتۇ ئۇ، - مەن نۇرغۇن يىللاردىن بېرى چەتئەللەردە بولۇپ ھەسەن ئاكامنى كۆرگىنىم يوق. سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئاكاممنى كۆرگىلى كەلگەن ئىدىم. بىراق، ئۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. سېنى بىر كۆرۈپلا تونوپ قالدىم. چۈنكى، سەن داداڭغا قويۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدىكەنسەن.
شۇ گەپتىن كېيىن مەغرىپتىن كەلگەن ئادەم ئالاھىددىننىڭ قولىغا ئىككى ئالتۇن تەڭگە تۇتقۇزۇپتۇ - دە:
- مۇنۇ پۇلنى ئاناڭغا بەر. >دادامنىڭ ئىنىسى كەپتۇ، ئۇتە كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە مېھمان بولغىلى كېلىدۇ< دېگىن، - دەپتۇ.
ئالاھىددىن يۈگۈرگىنىچە ئۆيگە كېلىپ ئانىسىغا ئاڭلىغان - بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- سەن نېمانداق مېنى گالۋاڭ قىلىسەن؟ - دەپتۇ ئانىسى، - داداڭنىڭ ھېچقانداق ئىنىسى يوق ئىدىغۇ؟ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ساڭا ئۇنداق تاغا نەدىن پەيدا بولۇپ قاپتۇ؟
- سەن ماڭا >تاغاڭ يوق< دەۋاتامسەن؟ - دەپتۇ ئالاھىددىن ۋاقىراپ، - مانا، ئۇ ماڭا ئىككى ئالتۇن تەڭگە بەردى، ئەتە كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە مېھمان بولغىلى كېلىدۇ!
ئالاھىددىننىڭ ئانىسى ئەتىسى ياخشى تاماق تەييارلاپتۇ. ئالاھىددىن بولسا ئەتىگەندىن - كەچكىچە ئۆيدىن چىقماي تاغىسىنى كۈتۈپتۇ. كەچقۇرۇنلۇقى بىرسى كېلىپ ئىشىكنى قېقىپتۇ، ئالاھىددىن يۈگۈرۈپ بېرىپ دەرۋازىنى ئېچىپتۇ. ئالدىدا مەغرىپتىن كەلگەن كىشى، ئۇنىڭ كەينىدە ھەر تۈرلۈك تاتلىق، تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆتىرىۋالغان مالىيى تۇرغۇدەك.
مەغرىپتىن كەلگەن كىشى ئۆيگە كىرىپ، ئالاھىددىننىڭ ئانىسى بىلەن تېنچلىق سورىشىپتۇ. ئاندىن:
- ئاكامنىڭ تاماق يەيدىغان ۋاقتىدا ئولتۇرىدىغان جايىنى كۆرسىتىپ بېرىشلىرىنى سورايمەن، - دەپتۇ.
- مانا، مۇشۇ يەر ئىدى، - دەپتۇ ئالاھىددىننىڭ ئاپىسى. مەغرىپلىق كىشى ھۆكۈرەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. لېكىن بىر ئازدىن كېيىن توختاپ، ئالاھىددىننىڭ ئانىسىغا:
- سەن ئىلگىرى كۆرمىگەن ئادەمغۇ بۇ، دەپ ئەجەبلەنمىگىن، مەن بۇ يەردىن بۇندىن قىرىق يىل ئىلگىرى چىقىپ كەتكەن ئىدىم. ھىندىستاندا، ئەرەب ئەللىرىدە بولدۇم. ئاخىرىدا تۇغۇلغان يېرىمگە قايتىپ كېلىپ ئۆز - ئۆزەمگە:>سېنىڭمۇ ئاڭاڭ بار، بەلكىم كەمبەغەلدۇر. سەن شۇ كۈنگىچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىدىڭ، ئۇنداق قىلما، ئاكاڭنىڭ قېشىغا بار، ئۇنىڭ ھال - ئوقىتى قانداقراقكىن، ھالىدىن خەۋەر ئالغىن، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگىن< دېدىم. شۇنداق قىلىپ مەن كېچە - كۈندۈزلەپ ئۇزاق يول مېڭىپ، ئاخىرى سىلەرنى تاپتىم. ئاكام ئۆلگىنى بىلەن ئىزىنى باسىدىغان چوپ - چوڭ ئوغلىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن، - دەپتۇ.
- ئۇنداق بولسا خويمۇ ياخشى بوپتىغۇ، - دەپتۇ ئالاھىددىننىڭ ئانىسى، - بۇ ئەخمەق بالىدەك ئىش ياقماس ھورۇننى مەن ئۆمرۈمدە كۆرمىگەن. سەن ھېچبولمىسا بالىنى ئانىغا يار - يۆلەك بولغۇشقا كۆندۈرۈپ بەرسەڭ بولاتتى.
- غەم قىلماڭ، - دەپتۇ مەغرىپتىن كەلگەن كىشى، - ئەتە بىز ئالاھىددىن بىلەن ئىككىمىز بازارغا بارىمىز. ئۇنىڭغا مەن چىرايلىق چاپان ئېلىپ بېرىمەن، دە، بىرەر سودىگەرگە شاگىرتلىققا بېرىمەن. سودا ئىشىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا دۇكان ئېچىپ بېرىمەن. ئۇ بېيىت كېتىدۇ. ئالاھىددىن، سودىگەر بولغۇڭ كېلەمدۇ؟
ئالاھىددىن قىن - قىنىغا پاتماي سەكرەپتۇ. يۈزلىرى خوشاللىققا چۆمۈپتۇ، >ماقۇل< ئىشاتىسىنى بىلدۈرۈپ، بېشى لىڭشىتىپ قويۇپتۇ.
مەغرىپتىن كەلگەن كىشى قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئالاھىددىن تاڭنىڭ چاپسانراق يورۇشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. تاڭ سۈزۈلگەندە، ئۇ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ تاغىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈرۈپتۇ. مەغرىپتىن كەلگەن كىشىمۇ ھايال قىلماي يېتىپ كەپتۇ. ئاۋال ئۇ ئالاھىددىننى مونچىغا ئاپىرىپ ئوبدان يۇيۇندۇرۇپ چېچىنى ئالدۇرۇپتۇ. ئاندىن قەن سالغان يىمىش سۈيىنى ئىچكۈزۈپ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپتۇ.
مەغرىپتىن كەلگەن كىشى ئالاھىددىننى ئەگەشتۈرۈپ بىر دۇكانغا كىرىپتۇ. ئۇ يەردىن ئالاھىددىنغا ئەڭ چىرايلىق، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى - سېرىق، يېشىل يوللۇق بەقەسەم چاپان، قىزىل دوپپا ۋە پاشىنىلىق ئۆتۈك تاللاپ ئېلىپ بېرىپتۇ. مەغرىپتىن كەلگەن كىشى ئالاھىددىننى ئەگەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى قېلىن جاڭگالغا قاراپ مېڭىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا چۈش مەزگىلى بولۇپ قالغان ئىكەن. ئالاھىددىننىڭ قورسىقى ئېچىپ، ماغدۇرى ئۈزۈلۈپ قاپتۇ. لېكىن ئۇ بۇنى ئېيتىشقا ئىزا تارتىپ ھېچ نېمە دېمەستىن مېڭىۋېرىپتۇ، ئاخىرى چىدىيالماي:
- تاغا، بىز قاچان تاماق يەيمىز؟ - دەپ سوراپتۇ. تاغىسىدىن، - بۇ ئەتراپتا ھېچبىر دۇكان يوق. سەنمۇ شەھەردىن ھېچنەرسە ئېلىپ چىقماپسەن، قولۇڭدا قۇرۇق قاپتىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدىغۇ؟
- سەن ئالدىمىزدىكى ئاۋۇ ئېگىز تاغنى كۆرۈۋاتامسەن؟ - دەپتۇ مەغرىپتىن كەلگەن كىشى، - مېنىڭ شۇ تاغنىڭ ئېتىكىگە بارغاندا دەم ئېلىپ، تاماق يىگۈم كېلىۋىدى. لېكىن سېنىڭ قورسۇغۇڭ بەك ئاچقان بولسا، مۇشۇ يەردە يەۋالساقمۇ بولىدۇ.
ئالاھىددىن بۇ سۆزگە ئەجەبلىنىپ:
- سەن ئۇ تاماقنى نەدىن ئالىسەن؟ - دەپتۇ.
- بۇنى ھازىرلا كۆرىسەن، - دەپتۇ مەغرىپتىن كەلگەن كىشى.
بۇلار بۈك - باراقسان ئىگىز بىر دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مەغرىپتىن كەلگەن كىشى ئالاھىددىنغا:
- ھازىر سېنىڭ قانداق تاماق يىگۈڭ كېلىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئالاھىددىننىڭ ئانىسى ھەر كۈنى چۈشتە كەندىر يېغى بىلەن پۇرچاق پىشۇرۇپ بېرىدىكەن. قورسىقى تازا ئاچقان ئالاھىددىن ئويلاپ تۇرماستىنلا:
- ماڭا ياغدا پىشۇرغان پۇرچاق بەرگىن، - دەپتۇ.
- خوش! سېنىڭ قورغان چۆجە گۆشى يىگۈڭ كەلمەمدۇ؟ - دەپتۇ مەغرىپلىق.
- يېگۈم كېلىدۇ، - دەپتۇ ئالاھىددىن تاقەتسىزلىنىپ.
- پولو يىگۈڭ كەلمەمدۇ؟ - دەپتۇ مەغرىپتىن كەلگەن كىشى.
- پاھ! كەلمەمدىغان، قانداق؟ - دەپتۇ ئالاھىددىن ۋاقىراپ، - بارلىقىنى يىگۈم كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەدىن ئالىسەن تاغا؟
- دەل مۇشۇ قاپنىڭ ئچىدىن، - دەپتۇ مەغرىپلىق كىشى قاپنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ. ئالاھىددىن ھەيران بولۇپ قاپنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قاراپتۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچنەرسە كۆرمەپتۇ.
- ھېلىقى قورۇغان چۆجە گۆشى نەدە؟ - دەپتۇ.
- مانا، - دەپتۇ مەغرىپلىق كىشى قاپنىڭ ئىچىگە قولىنى سېلىپ، بىر تاۋاق چۆجە گۆشىنىڭ قوردىغىنى ئاپتۇ. مۇنۇ پولو، پۇرچاق، مانا ماۋۇ ئانار، مانا ئالما...
مەغرىپلىق كىشى قاپتىن خىلمۇ - خىل تائاملارنى چىقىرىپتۇ. ئالاھىددىننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، سېھىرلىك قاپقا تىكىلىپ قاراپلا قاپتۇ.
- يە، - دەپتۇ مەغرىپتىن كەلگەن كىشى ئالاھىددىنغا، - بۇ قاپتا ھەممە تائاملار بار، ئۇنىڭغا قولۇڭنى تەككۈزۈپ، نېمىنى خالىساڭ شۇنى يىگۈم بار دېسەڭ، شۇ تەييار بولىدۇ.
- بۇ نېمە دېگەن كارامەت، - دەپتۇ ئالاھىددىن، - مېنىڭ ئانامدىمۇ مۇشۇنداق قاپ بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى!
- ئەگەر مېنىڭ ئېيتقىنىمنى قىلىدىغان بولساڭ، - دەپتۇ مەغرىپلىق كىشى، - ساڭا بىر قانچە تۈرلۈك قىممەتلىك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىمەن. ھازىر بۇ ئانار سۈيىنى ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقۇڭنى قاندۇرۇۋال. ئاندىن ئالدىمىزغا قاراپ ماڭايلى.
- نەگە بارىمىز؟ - دەپ سوراپتۇ ئالاھىددىن، - ھېرىپ قالدىم، كەچمۇ كىرىپ قالدى، ئۆيگە قايتساق.
- ياق ، - دەپتۇ مەغرىپلىق كىشى، - بىز بۈگۈن ئاۋۇ كۆرۈنگەن تاققا بارىمىز. يېتىپ بېرىپلا مەن ساڭا بۇ خاسىيەتلىك قاپنى سوۋغا قىلىمەن.
ئالاھىددىننىڭ ماڭغۇسى كەلمەپتۇ. لېكىن مەغرىپلىك كىشى چىڭ تۇرۇۋالغانىقتىن، ئىلاجىسىز تاققا قاراپ قەدەم تاشلاپتۇ.
كۈن ئولتۇرۇپ گۇگۇم چۈشكەندە ئۇلار تاغ باغرىغا يېتىپ كەپتۇ. ئالاھىددىندا ماغدۇر دېگەن نەرسە قالماپتۇ.
- چاۋار تېرىپ كەلگىن، - دەپتۇ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك مەغرىپلىك كىشى، - ئوت يېقىپ ساڭا بىر كارامەت كۆرسىتىمەن.
ئالاھىددىن كارامەتنى كۆرۈشكە ئالدىراپتۇ. ئۇ ھارغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ چاۋار تېرىشكە باشلاپتۇ. مەغرىپلىق كىشى ئوت ياققاندىن كېيىن قوينىدىن بىر قۇتا ياپىلاق ياغاچ ئاپتۇ.
- ھوي ئالاھىددىن، - دەپتۇ ئۇ، - مەن سېنى بايلىققا كۆمۈۋېتىمەن، شۇڭا مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلا.
ئۇ، ئۇۋاق بىر نېمىنى قۇتىدىن ئېلىپ ئوتقا ساپتۇ. يالقۇن ئاسمانغا كۆتىرىلىپتۇ. ئاندىن:
- ئالاھىددىن تىڭشاپ تۇرغىن، مەن ئوتقا قاراپ دەم سالىمەن. دەمنى تۈگىتىشىم بىلەنلا يەر يېرىلىدۇ، شۇ چاغدا مىس قۇلاقلىق بىر تاش كۆرۈنىدۇ. سەن قۇلىقىدىن تۇتۇۋېلىپ، تاشنى كۆتىرىسەن. تاش ئاستىدىن پەلەمپەي كۆرۈنىدۇ. شۇ پەلەمپەي بىلەن تۆۋەنگە چۈش، بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، بىر ئىشىك كۆرۈنىدۇ، ئىشىكنى ئېچىپ مېڭىۋەرسەڭ قورقۇنچلۇق ياۋايى ھايۋانلارغا ئۇچرايسەن، ئۇلاردىن قورقماي، قولۇڭنىڭ ئۇچىنى تەككۈزۈپ قويساڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئۈچ ئۆيدىن ئۆتىسەن، تۆتىنچى ئۆيگە كىرگەندە بىر مايمۇن بار. ئۇ ساڭا سىلىق سۆز قىلىپ سېنى قۇچاقلىماقچى بولىدۇ. ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۆزەڭگە يېقىن يولاتما، ئەگەر سەن ئۇنىڭغا سۇۋۇشۇپلا كەتسەڭ، قارا تاشقا ئايلىنىپ قالىسەن. تۆتىنچى ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر چوڭ باغنى كۆرىسەن، باغدىن ئۆتكەندە بىر يوغان ئىشىك كۆرۈنىدۇ. ئىشىكنى ئېچىپ ئۆي ئىچىگە كىرسەڭ ئېسىل، قىممەتلىك تاشلار كۆزۈڭنى چاقىدۇ. ئۇنىڭدىن خالىغانچە ئېلىپ، ماڭا ئۆينىڭ سول بولۇڭىدىكى تامغا ئېسىقلىق تۇرغان مىس چىراقنى ئالغاچ چىق. چىققاندىن كېيىن مەن ساڭا بۇ خاسىيەتلىك قاپنى بېرىمەن. مۇنۇ ئۈزۈكنى چىمچىلىقىڭغا سېلىۋال، ئۇ سېنى ھەر بالادىن ساقلايدۇ، - دەپ ئالاھىددىننىڭ قولىغا كىچىككىنە بىر تال ئۈزۈكنى سېلىپ قويۇپتۇ.
- ھەي تاغا، - دەپتۇ ئالاھىددىن، - ئۇ يەرگە نېمىشقا ئۆزەڭ چۈشمەيسەن؟
- يەر ئاستىدىكى ئۇ دۇنيالار، - دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ مەغرىپلىق كىشى، - پەقەت ھەسەن سەيپۇڭنىڭ ئالاھىددىن ئاتلىق ئوغلىغىلا مەنسۇب بولۇپ پەيدا بولغان. شۇڭا ھېچكىم ئۇنىڭغا قول تەككۈزۈشكە ھەقلىق ئەمەس. كىمدە - كىم ئۇنىڭغا قول تەككۈزىدىكەن، ئۇنىڭغا ياخشى ئاقىۋەت يوق.
ئالاھىددىن ماقۇل بوپتۇ. مەغرىپلىق كىشى ئوتقا دەم ساپتۇ. ئاسمانغا يالقۇنمۇ كۆتىرىلىپتۇ. دېگەندەك يەر يېرىلىپتۇ. ئالاھىددىن كۆرۈنگەن تاشنىڭ مىس قۇلىقىدن تۇتۇپ كۆتۈرگەن ئىكەن، پەلەمپەي كۆرۈنۈپتۇ. ئالاھىددىن بىر قورقۇپ، بىر قورقماي پەلەمپەيدىن تۆۋەنگە قاراپ ئىلگىرىلەپتۇ. ئۇ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ئالدىغا ماڭاي دەپ تۇرسا، ئالدىنى يوغان بىر قارا ئىشىك توساپتۇ. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشى بىلەن بىر يولۋاس ئەركىلەپ كەپتۇ. ئالاھىددىن ئۇنىڭغا قولىنى تەككۈزگەن ئىكەن، يولۋاس شۇ ھامان جان بېرىپتۇ.
ئالاھىددىن قورقۇپ كېتىپتۇ. لېكىن غەيرەت قىلىپ مېڭىۋېرىپتۇ. ئىككىنچى ئىشىكنى ئېچىشى بىلەن يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىشكە تاسلا قاپتۇ. شۇنداق قارىسا، ئالدىدا ئاغزىنى ئېچىپ يوغان بىر قاپلان تۇرغىدەك، ئۇ مەغرىپلىق كىشىنىڭ سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ، قاپلاننى بىر سىلىغان ئىكەن، ئۇمۇ ئۆلۈپتۇ. ئالاھىددىن ئۈچىنچى ئىشىككە بېرىپتۇ، ئىشىكنى ئېچىشى بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاجايىپ يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. شۇنداق قارىسا، ناخشا ئېيتىپ ئىككى ئەجدىھار بالىسى كېلىۋاتقىدەك. ئالاھىددىن ئۇلارنىمۇ سىلاپتىكەن، شۇ يەردىلا جان بېرىپتۇ.
ئالاھىددىن تۆتىنچى ئىشىككە كېلىپ، ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ قارىسا، بېشىغا يېپىنچا ئارتىۋالغان بىر مايمۇن تۇرغىدەك، ئۇ ئالاھىددىننى كۆرۈپلا:
- جېنىم بالام، ئالاھىددىن، ئاخىرى يېتىپ كەپسەن. سېنى مەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان كۈتكەن ئەمەسمۇ! - دەپتۇ. مايمۇن ئالاھىددىننىڭ كۆزىگە ئۆz ئانىسىدەكلا كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ >ئانىسى< نى قۇچاقلىماقچى بولۇپ تۇرۇشىغا غايىپتىن:
>ئۇنى قۇچاقلىساڭ قارا تاشقا ئايلىنىپ قالىسەن< دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئالاھىددىن كەينىگە داجىپتۇ. ئۇ بۇ ئۆيدىن ئۆتۈپ بەشىنچى ئىشىكنى ئېچىپ قاراپتىكەن، چىرايلىق گۈللەر ئۆسكەن باغ كۆزىنىڭ يېغىنى يەپتۇ. باغدىكى قۇشلار مەھلىيا قىپتۇ، ئالاھىددىن زۇقىغا قانغاندىن كېيىن، ئېسىل تاشلارنى تېرىشكە باشلاپتۇ. چۈنكى ئۇ بالىلار بىلەن تاش ئېتىشىپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ يانچۇقىغا لىق تاش تولدۇرۇپ، مىس چىراقنى ئېلىپ كەلگەن يېرى بىلەن مېڭىپ يېرىلغان يەتدىن يەر ئۈستىگە چىقىش ئۈچۈن مەغرىپلىق كىشىنى چاقىرىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا:
- قولۇمنى تارتىۋال، - دەپ مۇراجىئەت قىپتۇ. مەغرىپلىق كىشى ئالدى بىلەن چىراقنى ئېلىپ ئاندىن ئالاھىددىننى قولىدىن تارتىۋالماقچى بوپتۇ. ئۇنىڭ يامان نىيىتىنى سەزگەن ئالاھىددىن چىراقنى بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەغرىپلىق كىشى ئۇنى >يەر يۇتتى< قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئوتقا سېھىرلىك تالقاننى چېچىپ دەم سالغان ئىكەن، يەر جۈپلىشىپ ئالاھىددىن يەر ئاستىدا قاپتۇ.
بۇ مەغرىپلىق كىشى ئالاھىددىننىڭ تاغىسى بولماستىن، بىر ھېيلىگەر جادۇگەر ئىكەن. ئۇ كۆمۈكلۈك غەزىنىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى ئېچىش پەقەت ئالاھىددىن ئىسىملىك بىر بالىنىڭلا قولىدىن كېلىدىغانلىقىنى دەم سېلىپ بىلىۋالغان ئىكەن. غەزىنىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق مىس چىراق بولۇپ، بۇ چىراقنى قولغا چۈشۈرگەن كىشىنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى، بايلىقى تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى جادۇگەر ئوبدان بىلىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ، جادۇگەر چىراقنى قولغا چۈشۈرەي دېگەندە، ئەقىللىق ئالاھىددىنمۇ بوش كەلمەپتۇ. مەغرىپلىق كىشى مۇددىئاسىغا يېتەلمەي، ئالاھىددىننى يەر ئاستىدا قالدۇرۇپ كېتىپتۇ. ئالاھىددىن زار - زار يىغلاپتۇ. ھېچكىم ئۇنىڭ نالە - پەريادىنى ئاڭلىماپتۇ. ئۇ يەر ئاستىدىن چىقىشنىڭ ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن تولا ئويلاپ بېشى ئاغرىپتۇ. ئالاھىددىن ئاغرىقنى بېسىش ئۈچۈن بېشىنى تۇتقان ئىكەن، چىمچىلىقىدىكى ئۈزۈك بېشىغا تېگىشى بىلەن يەر تىترەپ، ئالدىدا بىر جىن پەيدا بولۇپتۇ. ئۇنى بېشى گۈمبەزدەك، قولى سۇۋادان تېرەكتەك، پۇتى تاغدەك، ئاغزى ئۆڭكۈردەك، ئىككى كۆزى دوزاقتەك، ماڭلىيىدا قىرىق گەز قىلىچتەڭ بىر مۆڭگۈزى بار ئىكەن.
- نېمە تەلىۋىڭ بار ئىدى؟ - دەپتۇ جىن ئالاھىددىنغا سۈرلۈك ۋاقىراپ، - نېمە تىلىسەڭ شۇنى تەييار قىلىمەن، جىلارنىڭ كاتتىسى دەمنەش بولىمەن، لېكىن، مەن ئۈزۈكنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىنىڭ قۇلىمەن.
- مېنى يەر ئۈستىگە چىقىرىپ قوي، - دەپتۇ ئالاھىددىن ۋە ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بىر چاغدا ئويغانسا يەر ئۈستىدە تۇرغىدەك، ئۇ خۇشال بولۇپ ئۆيى تەرەپكە يۈگۈرەپتۇ. ئالاھىددىن ئىشىكتىن كىرىپ ئاچلىقتا ھالىدىن كەتكەن ئانىسىنى كۆرۈپ يۈرەك - باغرى ئېزىلىپتۇ. ئانىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئانىسى كۆزىنى ئېچىپلا:
- تاغاڭ قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۇ مېنىڭ تاغام ئەمەسكەن، جادىگەر ئىكەن، - دەپتۇ ئالاھىددىن ۋە ئانىسىغا كۆرگەن كەچمىشىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئالاھىددىن بىرەر نەرسە تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزى سىرتقا مېڭىپتۇ. ئانىسى چىراقنى تازىلاپ، سۈرتۈپ سېتىپ پۇلىغا نان ئېلىش خىيالىدا ئۇنىڭغا مازنى تەككۈزگەن ئىكەن، يەر - جاھان گۈلدۈرلەپ، ئۆيگە سۈرلۈك بىر جىن پەيدا بولۇپتۇ. موماي قورققىنىدىن ھۇشىدىن كېتىپتۇ.
ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى باينىڭ ئېتىزىدىن دان تېرىۋاتقان ئالاھىددىن ئانىسىنىڭ ۋاقىرىغىنىنى ئاڭلاش بىلەن ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرسە، ئانىسى يەردە بىھۇش ياتقان، ئۇنىڭ يېنىدا كۆمتۈرۈلگەن چىراق يېتىپتۇ. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىگىزلىكىدىن بېشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان، ھەتتا كۈننىمۇ توسىۋېلىپ كۆرگىلى قويمايدىغان ناھايىتى يوغان بىر جىن تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئالاھىددىن چىراقنى يەردىن ئېلىشى بىلەن جىن گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازى بىلەن:
- ھەي، چىراق ئىگىسى، مەن ساڭا خىزمەت قىلىشقا تەييارمەن، تەلىپىڭنى ئېيىت، نېمىگە ھاجەت بولساڭ شۇنى بېرىمەن، - دەپتۇ.
ئالاھىددىن >جىن< دېگەن نېمىنى كۆپ كۆرگەنلنىكى ئۈچۈن، ئۇنچىۋالا قورقۇپ كەتمەپتۇ. ئۇ بېشىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، جىن ئاڭلىغىدەك قىلىپ، كۈچىنىڭ بارىچە توۋلاپ:
- ھەي جىن، سەن ئۆزەڭ كىمسەن؟ قولۇڭدىن نېمە ئىش كېلىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن شەمھۇرنىڭ مايمۇنى بولىمەن، مەن چىراقنىڭ ۋە چىراق ئىگىسىنىڭ قۇلىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ جىن، - سەن نېمە خالىساڭ مەندىن شۇنى سورا. بۇ شەھەرنى خانىۋەيران قىلىشنى، يا بولمىسا ئوردا سېلىپ بېرىشىمنى بۇيرۇق قىلساڭمۇ ئەمرىڭنى ئورۇنلايمەن.
جىن سۆزلىگەن ۋاقتىدا ئالاھىددىننىڭ ئانىسى ھۇشىغا كېلىپ قاپتۇ. لېكىن جىننى كۆرۈش بىلەن جان - پېنى چىقىپ ۋاقىراپتۇ. ئالاھىددىن قولىنى ئاغزىغا كانايچە تۇتۇپ تۇرۇپ:
- ماڭا قورۇلغان ئىككى توخو گۆشى بىلەن يەنە باشقا ياخشىراق تائاملاردىن بىر نەچچە قاچا تەييارلاپ بېرىپ بۇ يەردىن چاپسانراق يوقال، بولمىسا ئانامنىڭ قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ، - دەپ توۋلاپتۇ.
جىن كۆزدىن غايىب بوپتۇ - دە، ھايال ئۆتمەي ئۈستىگە چىرايلىق داستىخان يېپىلغان جوزىنى كۆتىرىپ كەپتۇ. جوزا ئۈستىدە ئىككى ئالتۇن تاۋاق، تاۋاقلاردا لىقمۇ - لىق لەززەتلىك تائاملار، ئىككى چۆگۈن سۈت بار ئىكەن. ئالاھىددىن ئانىسى بىلەن تويغىچە تائام يەپتۇ.
- ھەي ئانا، - دەپتۇ ئاھىددىن تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، - مۇنۇ چىراقنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ساقلاش كېرەك. چۈنكى ئۇ بىزنى بەخت - سائادەتكە، دۆلەتكە ئىگە قىلىدۇ.
- نېمە قىلساڭ قىل بالام، ئەمما مەن ئىككىنچى ئاۋۇ تەرى سوغاق جىننى كۆرمەي، - دەپتۇ ئانىسى.
بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. ئالاھىددىن بىلەن ئانىسىنىڭ يەيدىغىنى تۈگەپتۇ. ئالاھىددىن ھېلىقى ئالتۇن تاۋاقتىن بىرنى بازارغا ئاپىرىپ يۈز تىللاغا سېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئېسىل نەرسىلەرنىڭ باھاسىنىمۇ بىلىۋاپتۇ. ھېلىقى يەر تېگىدىكى باغدىن يىغىۋالغان تاشلارنىڭ باھاسى يەر يۈزىدە بار بولغان ھەر قانداق تاشلارنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى ھەم بىلىۋاپتۇ.
بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى ئالاھىددىن بازاردا يۈرسە، سۇلتاننىڭ خەۋەرچىسى مەيدانغا كېلىپ:
- ھەممىڭ دۇكانلىرىڭنى يېپىش! ئۆيلىرىڭگە كىېتىش! دەرىزىدىن ياكى ئىشىكتىن مارىغۇچى بولمىسۇن، سۇلتاننىڭ قىزى بۇدىرە خېنىم ھاممامغا بارىدۇ، - دەپ ۋاقىراپتۇ.
سودىگەرلەر ئالمان - تالمان دۇكانلىرىنى يېپىشقا، قالغانلار بولسا بىر - بىرىنى ئىتتىرىشىپ، بازاردىن تارقىلىشقا باشلاپتۇ.
ئالاھىددىن سۇلتاننىڭ قىزىنى كۆرۈشكە قاتتىق خۇمار بوپتۇ. چۈنكى، شەھەر ئەھلى >پۈتۈن دۇنيادا پادىشاھنىڭ قىزىدەك چىرايلىق قىز يوق< دېيىشىدىكەن. ئالاھىددىن قۇيۇندەك بېرىپ ھاممامنىڭ ئىشىكى ئارقىسىغا مۆكۈنۈۋاپتۇ. ئۇنى ھېچكىم سەزمەپتۇ.
بىر ۋاقىتتا، ئالتۇن ئىگەر توقۇلغان كۆك خېچىرغا مىنگەن بىر توپ قىزلار كۆرۈنۈپتۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىن باشقا قىزلارغا قارىغاندا چىرايلىق ياسانغان بىر ئاي كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ سۇلتاننىڭ قىزى بۇدىرە خېنىم ئىكەن. ئۇ خېچىردىن چۈشۈپ ئالاھىددىننىڭ يېنىدىن ئىككى چامدام كەلگىدەك يەردىن ئۆتۈپ، ھاممامغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئالاھىددىن بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىپتۇ - دە، قايتىپتۇ. قىزنىڭ ھۆسنى - جامالى كۆز ئالدىدىن كەتمەي ئۇنى بەك بىئارام قىپتۇ.
- دۇنيادىكى قىزلارنىڭ پىرىكەن. مەن ئۇنىڭغا ئۆيلەنمىسەم، ئۆلگىنىم ياخشى، - دەپتۇ ئۆز - ئۆزىگە ئالاھىددىن.
ئۆيگە كېلىپ ئالاھىددىن كۆرپە ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپتۇ - دە، يېرىم كۈنچە دۈم يېتىپ ھەسرەتكە غەرق بوپتۇ. ئانىسى ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئالاھىددىن:
- جېنىم ئانا، مەن سۇلتاننىڭ قىزىغا ئاشىق بولۇپ قالدىم. سەن سۇلتاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ قىزغا ئېغىز ئېچىپ باقساڭ، - دەپتۇ.
- ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ، بالام، - دەپتۇ موماي ھەيران بولغان ھالدا، - ماشىنىچىنىڭ ئوغلىغا سۇلتان قىز بېرىپتۇ، دېگەننى ئاڭلىغانمىدىڭ بۇ دۇنيادا! خام خىيالنى قىلماي، قورسىقىڭنى تويغۇزۇپ ئۇخلا.
- تاماق يىگۈم كەلمەيدۇ، قىز بالا دېگەن بىر كۆۋرۈك، ئۇنىڭدىن ئاتلىقمۇ، پىيادىمۇ ئۆتىدۇ، جېنىم ئانا، سۇلتاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆر، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ ئالاھىددىن. ئانا ئىلاجىسىز بېرىشقا كۆنۈپتۇ.
- بارسام بارا، - دەپتۇ موماي، - لېكىن قۇرۇق قول بېرىشقا بولمايدۇ. خوشاللىقىنى يۈرىكىەە سىغدۇرالمىغان ئالاھىددىن ئورنىدىن تۇرۇپ سەكرەپ تۇرۇپ:
- ھېلىقى ئالتۇن تاۋاققا مەن يەر ئاستىدىكى باغدىن ئېلىپ كەلگەن ئېسىل تاشلاردىن تولدۇر. بۇلار سۇلتاننىڭ غەزىنىسىدە يوق، بەلكىم - دەپتۇ.
ئالاھىدىننىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ دېگىنى بويىچە سوۋغاتنى راسلاپ، سۇلتاننىڭ ئوردىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
موماي ئوردىغا بېرىپتۇ ھەمدە بۇلۇڭدا كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا سۇلتان چىقىپ، تەختىگە ئولتۇرۇپ قولىدىكى ياغلىقىنى كۆتىرىپ بىر سىلكىپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ مەنىسى - ئىش تۈگىدى دېگىنى ئىكەن. ئالاھىددىننىڭ ئانىسى سۇلتانغا بىر ئېغىز سۆز قىلالماي ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. ئەتىسى ئوردىغا بېرىپ يەنە شۇنداق قايتىپ كەپتۇ. ئۇ بالىسىنىڭ زورى بىلەن ھەر كۈنى ئوردىغا بېرىپتۇ. بىر كۈنى سۇلتان موماينى كۆرۈپ ۋەزىرگە:
- ئاۋۇ قېرى كىم؟ نېمە ئۈچۈن كۈندە كېلىدۇ؟ سوراپ باق. ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجاۋەت قىلىپ، ساۋاب ئالاي، - دەپتۇ.
ۋەزىر موماينىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- ھەي موماي، تىلىگىڭ بولسا، سۇلتانغا دېگىن، سۇلتان ئىجازەت بەردى، - دەپتۇ.
موماي سۇلتاننىڭ ئالدىغا كېلىپ تازىم قىلىپ مىڭ تەسلىكتە:
- ھۆرمەتلىك سۇلتان، ئوغلۇم سىزگە بۇ سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى. ئۇنىڭ تىلىگى سىزگە كۆيئوغۇل بولۇش، - دەپ سوۋغىنى سۇلتاننىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.
سۇلتان ئېسىل تاشلارنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ موماينىڭ ئېلىپ كەلگەن تاشلىرىنى قولىغا ئېلىپ ھەۋەس بىلەن كۆرۈۋېتىپ ۋەزىرىدىن:
- مۇنداق ئېسىل تاشلىرى بار ئادەم چوقۇم كاتتا باي، ئۇ قىزىمنىڭ خىلى بولۇشقا مۇناسىپ. سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ۋەزىرنىڭ ئىچى ئۆرتىنىپتۇ، چۈنكى، ئۇنىڭمۇ بىر ئوغلى بار بولۇپ، سۇلتانغا قۇدا چۈشۈش تاماسىدا يۈرگەن ئىكەن.
- ئەقىللىق سۇلتان، - دەپتۇ ئۇ سۇلتاننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ، - بۇ تاشلارنى كۆرۈپلا، تونۇمايدىغان بىرسىگە مەلىكىنى بەرسەك بولماس. راست بايمۇ، گادايمۇ سىناپ كۆرسەك، ئۇ قىرىق ئالتۇن تاۋاققا مۇشۇنداق ئېسىل تاشلارنى تولدۇرۇپ، قىرىق كېنىزەككە كۆتەرتىپ، ئۇلارغا قىرىق قۇلنى ياندىتىپ كەلتۈرسۇن، ئاندىن بىر نېمە دېسەك.
سۇلتان ئالاھىددىننىڭ ئانىسىغا ۋەزىر ئېيتقان شەرتلەرنى دەپتۇ. موماي غەمگە چۆككەن پېتى ئۆيگە كەپتۇ. ئانىسىنىڭ قولىدا سوۋغىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرگەن ئالاھىددىن:
- ئانا، مېنىڭ بايقىشىمچە سۇلتان بىلەن سۆزلەشكەن ئوخشايسەن، تېزراق سۆزلىسەڭچۇ! - دەپتۇ.
موماي سۇلتاننىڭ ئېيتقانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئالاھىددىننىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ھېلىقى چىراقنى قولىغا ئېلىپ ئۇۋۇلاپتۇ. ئانىسى جىننى كۆرگۈسى كەلمەي باشقا ئۆيگە چىقىپ كېتىپتۇ. جىنمۇ ھايال بولماي يېتىپ كەپتۇ. ئالاھىددىن ئۇنىڭغا ئىسىل تاشلار بىلەن تولغان قىرىق ئالتۇن تاۋاق، ئۇنى كۆتىرىدىغان قىرىق كېنىزەك، كېنىزەكلەرنى قوغداپ ماڭىدىغان قىرىق قۇل تەييارلاپ بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. جىن غايىب بوپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئالاھىددىننىڭ تەلەپ قىلغىنى تەل بوپتۇ. ئالاھىددىننىڭ ئانىسى بەك خوشال بوپتۇ، شۇ ھامات كېنىزەكلەرنى باشلاپ ئوردىغا مېڭىپتۇ.
بۇ تەنتەنىنى كۆرۈشكە شەھەر ئەھلىنىڭ ھەممىسى يىغىلىپتۇ. كېنىزەكلەر قاتار تىزىلىپ كېلىپ سۇلتاننىڭ ئالدىغا ئالتۇن تاۋاقلارنى قويۇپتۇ.
- ھەي ۋەزىر، - دەپتۇ سۇلتان ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېتىپ قالغاندەك مىدىرلىماي تۇرغان ۋەزىرگە، - يەنە نېمە مەسلىھەتىڭ بار؟
- خۇدا جاناپلىرىنى ياخشى كۈيئوغۇلغا يەتكۈزۈپتۇ. قۇتلۇق بولسۇن، - دەپتۇ ۋەزىر. لېكىن، ئۇنىڭ يۈرىگى لازا قويغاندەك ئېچىشىپتۇ.
- بېرىپ بالاڭغا ئېيت، - دەپتۇ سۇلتان ئالاھىددىننىڭ ئانىسىغا، - قىزىمنى ئوغلۇڭغا بېرىمەن. ئۇ سالامغا كەلسۇن.
موماي ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ ئەھۋالنى ئوغلىغا ئۇقتۇرۇپتۇ، ئالاھىددىن چىراقنى بىر ئۇۋلىغان ئىكەن. جىن ھازىر بوپتۇ. ئالاھىددىن ئۇنىڭغا:
- ماڭا ئايدەك قۇل بىلەن قىرىق سەككىز كېنىزەك يەتكۈز. ئۇلارنىڭ يىگىرمە تۆتى ئالدىمدا، يىگىرمە تۆتى كەينىمدە ماڭسۇن، يەنە مىڭ تىللا، بىر تۇلپار كەلتۈر، - دەپتۇ. جىن ئۇنىڭ دېگىنىنى قىپتۇ. ئالاھىددىن ئاتقا مىنىپ، كېنىزەكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىپ بازارغا كەپتۇ. ئادەم كۆپ توپلانغان بىر جايدا توختاپ توپقا تىللا چېچىپتۇ. خەلقنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ ئوردىغا كەپتۇ. ئۇنىڭ يولدا تىللا چاچقانلىقىنى ئاڭلاپ ۋەزىرنىڭ قورسىقىغا جىن كىرگەن ئىكەن. ئۇ ئالاھىددىننى يەنە بىر سىناپ مات قىلىش مەقسىتىدە سۇلتانغا ئالاھىددىندىن بىر ساراي سالدۇرغاندىن كېيىن توي قىلىش تەلىپىنى قويۇش مەسلىھەتىنى بەرگەن ئىكەن، سۇلتان ئالاھىددىن بىلەن كۆۈشۈپ شۇ تەلەپنى قويۇپتۇ. ئالاھىددىن بۇنىڭغىمۇ ماقۇل بوپتۇ. ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ چىراقنى بىر پۈۋلىگەن ئىكەن، جىن پەيدا بوپتۇ. ئۇ جىنغا:
- ماڭا بىر ساراي سېلىپ بەر، ئۇ شۇنداق ساراي بولسۇنكى، يەر يۈزىدە جۈپى بولمىسۇن، ھەممە كىشى كۆرۈپ ھەيران قالسۇن، - دەپتۇ.
ئالاھىددىن ئەتىسى سەھەردە قارىسا تۈزلەڭدە شۇنداق كاتتا بىر ساراي تۇرغۇدەك. ئۇ ساراينى ئايلىنىپ چىقىپ جىنغا:
ساراينىڭ بىر تۈۋرۈكىنى ئېلىۋەتكىنكى، سۇلتان >ئۇنتۇپ قاپتۇ< دېگەن ھېسىياتقا كېلىپ، ئۇنى ئۆزى قويۇش قارارىغا كەلسۇن، لېكىن قۇيۇش قولىدىن كەلمىسۇن. بۇ ئارقىلىق مېنىڭ سۇلتاندىن كۈچلۈك ۋە باي ئىكەنلىكىم نامايان قىلىنسۇن، - دەپتۇ.
- ماقۇل، - دەپتۇ جىن. ئۇقۇلىنى بىر سىلكىگەن ئىكەن، تۈۋرۈك شۇ زامان غايىپ بوپتۇ ۋە ئىلگىرى بۇ ئارىدا ھېچنەرسە بولمىغاندەك تەپ - تەكشى بولۇپ قاپتۇ.
- ئەمدى مەن بېرىپ سۇلتاننى مۇشۇ يەرگە ئەگەشتۈرۈپ كېلىمەن، - دەپتۇ ئالاھىددىن.
سۇلتان ئەتىگەنلىكى دەرىزىدىن قارىسا، ئۇدۇلىدا يالت - يۇلت قىلىپ بىر ساراي تۇرغىدەك، سۇلتان ۋەزىرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا ساراينى كۆرسىتىپتۇ:
- خوش ۋەزىر، ئەمدى نېمە دەيسەن؟ - دەپتۇ سۇلتان، - بىر كېچىنىڭ ئىچىدە شۇنداق ساراينى سالغان ئادەم ماڭا كۈيئوغۇل بولۇشقا لايىقتۇ؟!
- ۋاي سۇلتانىم، سىز بۇ ئالاھىدىننىڭ جادىگەر ئىكەنلىكىنى بايقىيالمايۋاتىسىز، - دەپ ھېلىگەرلىك قىپتۇ ۋەزىر.
شۇ ۋاقىتتا ئالاھىددىن كىرىپ سۇلتانغا سالام بېرىپ، ئۇنىڭدىن ساراينى كۆرۈپ بېقىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ۋەزىر بىلەن سۇلتان ساراينى تولۇق ئايلىنىپ چىقىپتۇ.
سۇلتان ساراينىڭ گۈزەل مەزىرىسىنى تاماشا قىلىشتىن زېرىكمەپتۇ، مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بىر تۈۋرۈكنىڭ كەملىكىنى ۋەزىر بايقاپ قاپتۇ.
- ۋاي، ساراي تېخى پۈتمەپتۇ، مۇنۇ يەردە بىر تۈۋرۈك كەم ئىكەنغۇ تېخى، - دەپتۇ ۋەزىر.
- ھېچۋەقەسى يۇق، بۇ تۈۋرۈكنى مەن ئۆزەم قويغۇزۇپ بېرىمەن، قۇرۇلۇش باشلىقىنى چاقىر، - دەپتۇ سۇلتان ئەتراپىدىكىلەرگە مەغرۇرلۇق بىلەن قاراپ مەيدىسىنى كېرىپ، - مۇنداق بىر تۈۋرۈكنى سېلىپ چىقىش مېنىڭ قولۇمدىن نېمىشقا كەلمىسۇن؟
سۇلتان شەھەردە >مەن تاشچى< دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى جەم بۇلۇشقا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. بۇلارغا ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئېسىل تاشلىرىنى بېرىپتۇ، ئەمما، ئۇ تاشلار يەتمەپتۇ. سۇلتان بۇنى ئاڭلاپ تېرىكىپتۇ:
... ئۇلۇغ غەزىنىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىڭلار، قول ئاستىڭلاردىكى خەلقنىڭ بارلىق ئېسىل تاشلىرىنى يىغىپ كەلتۈرۈڭلار، مېنىڭ بايلىق دۇنيارىم راستى بىلەن بىر تۈۋرۈكنى ياساشقا يەتمەمدۇ؟ - دەپ چىچاڭشىپتۇ. بىراق، بەرىبىر تۈۋرۈكنى قويالماپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئالاھىددىن سۇلتاننىڭ قېشىغا كېلىپ:
- غەم قىلماڭ سۇلتان، تۈۋرۈك ئورنىغا قويۇلدى. مەن ئېسىل تاشلارنىڭ بارلىقىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەردىم، - دەپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە ئالاھىددىن بىلەن بۇدىرە خېنىمنىڭ توي مەرىكىسى بوپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئالاھىددىن ئايالى بىلەن يېڭى سارايدا ئۆز كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ.
ئەمدى ھېلىقى مەغرىپتىن كەلگەن كىشى - ئۆز يۇرتىغا كېلىپ، قايغۇ - ئەلەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغان جادىگەردىن گەپ ئاڭلايلى:
ئۇ، نۇرغۇن ۋاقىتلىرىنى غەم بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇ:>ئالاھىددىن يەر ئاستىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، چىراقمۇ شۇ يەردە تۇرىدىغاندۇر، بەلكىم ئۇنى مەن ئالاھىددىندىنسىزلا قولغا چۈشۈرۈپ ئالالارمەن< دەپ ئويلايدىكەن. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، بىر كۈنى شۇ چىراقنىڭ يەر ئاستىدا بار - يوقلۇقىنى بىلىپ باققۇسى كەپتۇ. ئۇ، قۇم ئۈستىدە ئولتۇرۇپ رەم ئېچىپ چىراقنىڭ يەر ئاستىدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ - دە، ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ يەنە رەم ئېچىپتۇ ۋە ئالاھىددىننىڭ يەر ئاستىدىن ئامان - ئېسەن قايتىپ چىققىنىنى، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال راۋان بوپتۇ. بىر نەچچە دېڭىزلاردىن، ئېگىز تاغلاردىن، دەشت - باياۋانلاردىن، سەھرا - شەھەرلەردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى ئالاھىددىن تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. مەغرىپلىق ئادەم بازارغا چىقىپ، خەلقنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى تىڭشاشقا باشلاپتۇ. بازاردىكى گەپ - سۆزلەر ئالاھىددىن بىلەن ئۇنىڭ سارىيى توغرىسىدا ئىكەن. مەغرىپتىن كەلگەن ئادەم ئايلىنىپ يۈرۈپ بۇنى ئوقۇپتۇ - دە، سۇچىنىڭ قېشىغا بېرىپ:
- ئالاھىددىن دېگەن كىم؟ - دەپ سوراپتۇ.
- سېنىڭ بۇ يەرلىك ئەمەسلىكىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بولمىسا، ئالاھىدىننىڭ كىملىكىنى بىلەر ئىدىڭ. ئۇ بەكمۇ باي ئادەم. ئۇنىڭ سارىيىنى كۆرسەڭ ھەيران قالىسەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ سۇچى. مەغرىپتىن كەلگەن كىشى سۇچىغا بىر تەڭگە بېرىپ:
- مۇنۇ تەڭگىنى ئال، ماڭا بىر خىزمەت قىل، راست، مەن بۇ شەھەرنىڭ ئادىمى ئەمەس، شۇڭا ئالاھىددىننىڭ سارىيىنى كۆرگۈم بار. مېنى شۇ سارايغا ئاپىرىپ قوي، - دەپتۇ.
سۇچى مەغرىپلىق كىشىنى ساراينىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. مەغرىپلىق كىشى ساراينى ئايلىنىپ چىقىپتۇ. >مۇنداق ساراينى سېلىش چىراقنىڭ قۇلى مايمۇن جىننىڭ قولىدىنلا كېلىدۇ. چىراق مۇشۇ ئۆيدە بولۇشى مۇمكىن< دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ چىراقنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ يولىنى ئويلاپتۇ. مىسكەرنىڭ يېنىغا كېلىپ:
- ماڭا ئون دانە مىس چىراق ياساپ بەر، - دەپتۇ.
كەچقۇرۇن كېلىپ تەييار بولغان مىس چىراقلارنى ئېلىپ كېتىپتۇ.
تاڭ ئېتىشى بىلەن ئۇ شەھەرنى ئايلىنىپ>كونا چىراقنى يېڭى چىراققا تېگىشىپ بېرىمەن< دەپ ۋاقىراپتۇ. كەچتە ساراينىڭ ئالدىغا كېلىپ يەنە شۇنداق دەپ ۋاقىراپتۇ. ئالاھىددىن ئوۋغا چىقىپ كېتىپ، ئۆيدە بۇدىرە خېنىم يالغۇز قالغان ئىكەن. ئۇ مەغرىپلىقنىڭ سۆزىگە قىزىقىپ:
- ئۇ راست ئېيتامدۇ - يالغانمۇ؟ بۇنى بىر سىناق قىلىپ باقساق بولاتتى، ئەمما سارايدا كونا چىراق يوق، - دەپتۇ خىزمەتچىسىگە.
- بار، - دەپتۇ خىزمەتچى ئايال، - ئالاھىددىن باينىڭ ھۇجرىسىدا بىر كونا چىراق كۆرگەنمەن.
خىزمەتچى ئايال بۇدىرە خېنىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھوجرىدىكى كونا مىس چىراقنى ئېلىپ چىقىپتۇ ھەم ئۇنى مەغرىپلىق كىشىگە بېرىپ، يېڭى بىر چىراقنى ئۆيگە ئېلىپ كەپتۇ.
مەغرىپلىق بولسا ناھايىتى خوشال بولۇپ، چىراقنى قوينىغا سلېىپ قارارگاھىغا يول ئاپتۇ. ئۇ شەھەردىن چىقىپ پىنھان يەرگە كېلىپ، چىراقنى ئۇۋىلىغان ئىكەن، مايمۇن جىن يېتىپ كەپتۇ.
مەغرىپلىق كىشى ئۇنىڭغا:
- ئالاھىددىننىڭ سارىيىنى يۇرتۇمغا كۆچۈرۈپ قوي، - دەپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ساراي مەغرىپلىق كىشىنىڭ يۇرتىدا قەد كۆتىرىپتۇ.
مەغرىپلىقنىڭ كەچۈرمىشىنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ، سۇلتانغا كېلەيلى:
سۇلتان ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئوردا دەرىزىسىدىن قارىسا، ساراي كۆرۈنمىگىدەك. سۇلتان ئۆزىنى باسالماي ھۆكىرەپ يىغلاپتۇ. ۋەزىر ئۇنىڭ ھالىنى سورىغان ئىكەن. ئۇ:
- ساراي قېنى؟ قىزىم قېنى؟ - دەپ ئۆزىنى كاچاتلاپتۇ.
ئەرۋاھى ئۇچقان ۋەزىر:
- ئالاھىددىن سېھرىگەر ئادەم، ھەممە ئىشنى قىلغان شۇ، ئۇنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان ئېيتقان ئىدىم، سىز ئىشەنمىگەن، ھېلىمۇ كېچىكمەيسىز، ئەمدى نېمە چارە قوللىنىش كېرەكلىكىنى قارار قىلىڭ، - دەپتۇ.
- ئالاھىددىننى كەلتۈرۈڭلار، كاللىسىنى ئالىمەن، - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ سۇلتان جاللاتلىرىغا.
شۇ چاغدا ئالاھىددىن شىكاردىن قايتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. يولدا جاللاتلارغا ئۇچراپتۇ. جاللاتلار سۇلتاننىڭ بۇيرۇقىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ، پۇت - قولىغا كىشەن - كويزا سېلىپ ئورىدىغا ھەيدەپ مېڭىپتۇ. شەھەر خەلقى ئالاھىددىننى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇلار سۇلتاننىڭ ئالاھىددىننىڭ كاللىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوردىغا سەلدەك ئېقىپتۇ. سۇلتان ئالاھىددىندىن:
- ساراي بىلەن قىزىم قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن نەدىن بىلەي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئالاھىددىن ھەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى قەيت قىپتۇ. لېكىن سۇلتان ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش نىيىتىدىن يانماپتۇ. ئالاھىددىننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان جاللاتلارنى كۆرگەن شەھەر خەلقى يولنى توساپ، ئوردىغا ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئالاھىددىننى قويۇپ بەرمىسە ئوردىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۆككە سورۇيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان سۇلتان قورقۇپ كېتىپتۇ ھەمدە ئالاھىددىننى ئۆلتۈرمەسلىككە ۋەدە قىپتۇ. لېكىن قىزنى تېپىپ بېرىشكە ئون كۈنلۈك مۆھلەت بېرىپ ئالاھىددىننى قويۇپ بېرىپتۇ.
ئالاھىددىن بىر ئېرىق بويىدا نېمە قېلىشىنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ قولىنى ئېرىقتىكى سۇغا تىققان ئىكەن، چىمچىلاق قولىدىكى يادىدىن چىقىپ كەتكەن ئۈزۈك سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۈزۈكنى سۇدىن مىڭ تەسلىكتە تېپىپ چىقىپتۇ- دە، ئۇۋۇلاپتۇ. شۇ ھامان دەھنەش جىن پەيدا بولۇپتۇ. ئالاھىددىن ئۇنىڭغا:
- سارىيىمنى بۇرۇنقى ئورنىغا ئەكىلىپ قوي، - دەپتۇ. ئۈزۈكنىڭ قۇلى جىن:
- بۇ ئىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، باشقا تەلىپىڭ بولسا ئېيىت، - دەپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، مېنى سارىيىم بار جايغا يەتكۈزۈپ قوي، - دەپتۇ ئالاھىددىن.
- ئەمىسە كۆزۈڭنى يۇم، - دە، تېز ئاچ، - دەپتۇ جىن.شۇنداق قىلىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالاھىددىن ساراينىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ ئۆيگە كىرسە، بۇدىرە خېنىم يىغلاپ ئولتۇرغۇدەك. ئۇ ئالاھىددىننى كۆرۈپ، ئۆزىنى ئېرىنىڭ باغرىغا ئېتىپتۇ. كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپتۇ، مەغرىپلىق ئادەمنىڭ ئۆزىنى خوتۇنلۇققا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، لېكىن بۇنى رەت قىلغانلىقىنىمۇ يۇشۇماپتۇ. ئالاھىددىن ئۇنىڭدىن مەغرىپلىق ئادەمنىڭ چىراقنى قەيەرگە تىقىپ قويغانلىقىنى سوراپتۇ.
- ئۇ چىراقنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، - دەپتۇ بۇدىرە خېنىم.
- سۆزۈمگە قۇلاق سال، ئى ۋاپادارىم، - دەپتۇ ئالاھىددىن، - مەغرىپلىق ئادەم كەلگەندە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ بىللە تاماق يىيىشنى ئۆتۈنگىن. ئۇ تاماق يىيىشكە باشلىغاندا مۇنۇ ئۇيقۇ دورىسىنى چاندۇرماي قاچىسىغا سېلىۋەت. ئۇ ئۇيقۇغا چۆككەندە مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
بۇدىرە خېنىم ئالاھىددىننى قازناققا يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. بىر چاغدا مەغرىپلىق كەپتۇ. بۇدىرە خېنىم ئالاھىدىننىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنى جايلاپتۇ. ئۇنىڭ خورەك تارتقىنىنى ئاڭلىغان ئالاھىددىن قازناقتىن چىقىپ، يۈرىكىگە پىچاق ساپتۇ. چىراقنى ئېلىپ بىر ئۇۋلىغان ئىكەن، جىن پەيدا بوپتۇ. ئالاھىددىن ئۇنىڭغا:
- مۇشۇ ساراينى بۇرۇنقى جايىغا كۆچۈر، - دەپ بۇيرۇق قىلغان ئىكەن. جىن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە بىجا كەلتۈرۈپتۇ. قىزىنى ئويلاپ دەرىزە ئالدىدا يىغلاپ ئولتۇرغان سۇلغان ساراينى كۆرۈپ ئۇچقاندەك يېتىپ كەپتۇ. قىزى ۋە كۈيئوغلى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئالاھىددىننىڭ كاللىسىنى ئالىمەن، دېگىنىگە پۇشايمان قىپتۇ ۋە ئالاھىددىن ئەپۇ سوراپتۇ.
ئالاھىددىن بۇدىرە خېنىم بىلەن مۇشۇ سارايدا ئۇزاق يىللار ئۆمۈر كۆرۈپتۇ.