UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقلەئەلشاھ بىلەن ئىپارگۈل

لەئەلشاھ بىلەن ئىپارگۈل

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ئەل - يۇرتى ئاۋات، مال - مۈلكى كۆپ، بىر نەچچە كىچىك شاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان چوڭ بىر پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلىتى شۇنچە زىيادە بولسىمۇ بىرەر پەرزەنتى بولمىغىنى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولۇپ كېچە - كۈندۈز ھەسرەت چېكىدىكەن ۋە پات - پاتلا خانىشىغا: >بىز ئالەمدىن ئۆتسەك تاجى - تەختىمىزگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك بىرەر پەرزەنتىمىز بولمىغىنى ئۈچۈن چىرىغىمىز ئۆچۈپ، تۇتقان جاھانىمىز قاراڭغۇچىلىق ئىچىدە غايىپ بولىدىغان بولدى< دەپ قايغۇسىنى ئىزھار قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆي خىزمىتىنى قىلىدىغان ئىدراكلىق بىر دېدىكى بار بولۇپ، ئۇ خوجايىننىڭ بۇ ئەھۋالىدىن بىئارام بولىدىكەن، بىر كۈنى ئۇ خوجايىنىدىن: - قەدىرلىك خانىش، شۇنچە ئالىي دۆلەتمەن بەختلىك ياشاپ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئاھ ئۇرىسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىشىمگە بولارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - تۇرمۇشتىن خاتىرجەم ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئېيتقاندەك بەختلىك ئەمەسمەن، - دەپتۇ خانىش. - نېمە ئۈچۈن؟ - دەپ سوراپتۇ دېدەك. - پەرزەنت كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن - دەپتۇ خانىش ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ، - ئاخىرى بۇ غەم بىلەن خاراب بولىدىغان بولدۇم. - ئەگەر مىرادىڭىزغا يەتسىڭىز ماڭا نېمە ئىنئام قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ دېدەك. - سېنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلاتتىم، ئۆزۈممۇ غەمدىن خالاس بولاتتىم، - دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىپتۇ خانىش. شۇندىن بېرى خانىش پەرزەنت ئۈچۈن، دېدەك بولسا ئازادلىق ئۈچۈن تىلەك تىلەپ كۆز يېشى قىلىشىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېدەك باغدىكى كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ يىغلىغانىكەن، ئۇنىڭ كۆزىدىن تامغان بىر تامچە ياش سۇغا تېمىپ چۈشۈپتۇ ۋە بىردەمدىن كېيىن غەلىتە بىر قۇرتقا ئايلىنىپتۇ. دېدەك بۇنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ - دە، چېلەكنى سۇغا چۆكۈرۈپ قۇرتنى سۈزۈۋېلىپ، ئۇنى خانىش ئالدىغا ئېلىپ كىرىپتۇ ۋە بولغان ۋەقەنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. خانىش چېلەكتىكى سۇغا قارىغانىكەن، قۇرت ئاپئاق تاۋلىنىپ نۇر چېچىپ تۇرغۇدك. ئۇنىڭغا قارىغانسېرى خانىشنىڭ مېھرى چۈشۈپ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپتۇ. غەم - قايغۇسى يېشىلىپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئەتىۋارلاپ، يوغان بىر ئالتۇن جام ئىچىدە بېقىپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر پەيشەنبە كۈنى كېچىسى خانىش ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئۇنىڭ ھەرمئاغىسىنىڭ تۆرىدە ئاپئاق ساقال بىر بوۋاي ئۆرە تۇرغۇدەك. ئۇ قولىدىكى تەسۋىسىنىڭ بىر تال ئۇرۇقىنى ئايرىپ خانىشقا شىلتىپ تۇرۇپ: >بالام، ئەمدى كۆپ قايغۇرماي، لەئەل قۇرتنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈپ ئۇنىڭ سۈيىنى يېڭىلاپ تۇر، يەتتە قىرىق كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مانا شۇ خىسلەتلىك لەئەل قۇرت پېشانىسىدىن نۇر چېچىپ تۇرىدىغان بىر ئوغۇل بوۋاققا ئايلىنىدۇ...< دەپ غايىپ بوپتۇ. خانىش سەھەر ئويغىنىپ ئالتۇن جامغا قارىسا ھېلىقى قۇرت سۇ ئۈستىگە چىقىپ پىلتىڭلاپ ئويناقشىپ يۈرگۈدەك، خانىش ئۇنىڭغا تويماي قاراپتۇ ۋە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم جامنىڭ سۈيىنى يەڭگۈشلەپ قويۇپتۇ. مانا شۇ تەرىقىدە يەتتە قىرىق كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر جۈمە كۈنى تاڭ سەھەردە خانىش شېرىن ئۇيقۇدا ياتقانىكەن، بوۋاقنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپتۇ. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا يۈرىكى ئويناپ، ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئالتۇن جامغا قاراپ، سۇ ئىچىدە پۇت - قولى تىپىرلاپ تۇرغان بىر بوۋاقنى كۆرۈپتۇ. ئۇ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بوۋاقنى قولىغا ئاپتۇ. شۇ كۈنىلا >خانىشنىڭ ئىلكىدە پېشانىسىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بۇدرۇق بىر بوۋاي پەيدا بولۇپتۇ< دېگەن خەۋەر تارقىلىپتۇ. بۇ سىرلىق ھادىسىنى ئاڭلىغان جامائەت ئوردىغا كېلىپ، پادىشاھ ۋە خانىشنى تەبرىكلىشىپ، نۇرغۇن سوۋغاتلار كەلتۈرۈشۈپتۇ. پادىشاھ يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي - مەرىكە ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇ شاھ ئادىللىق بىلەن يۇرت سورايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت مۈلكىنى باشقا ئىنساپسىز شاھلاردەك يۈزلەپ خوتۇن ئېلىپ كەيپى - ساپا ئۈچۈن بۇزۇپ - چاچماي، مۇشۇ بىر خانىش بىلەنلا ئۆمۈر ئۆتكۈزمەكتىكەن. ئەمما خانىش بىرەر پەرزەنت تۇغمىغىنى ئۈچۈن ئۇ يەنە بىر ئايال ئېلىپ بىر پەرزەنت كۆرۈشنى نىيەت قىلغانىكەن، ئەمدى بولسا پەرزەنتكە يېتىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ نىيىتىدىنمۇ كېچىپ ناھايىتى خۇشاللىنىپ خاتىرجەم بولۇپتۇ. خانىشمۇ كۈندەشلىك ئازابىدا ئاھ ئۇرۇشتىن ئازاد بولۇپتۇ. بوۋاق لەئەل ناملىق قۇرتتىن پەيدا بولغىنى ئۈچۈن ئادىل شاھ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى >لەئەل< دەپ قويۇپ يەنە قىرىق كۈن تەنتەنىلىك توي ئۆتكۈزۈپ غېرىپ - غۇرۋالارغا نۇرغۇن خەيرىخاھلىقلارنى قىلىپتۇ. لەئەل شاھ يەتتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ ئۇنى مەكتەپكە بېرىپتۇ. ئۇ ئون يەتتە ياشقىچە تۈرلۈك - تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، قامىتى كېلىشكەن تەڭداشسىز چىرايلىق بىر يىگىت بولۇپتۇ. ئۇنىڭ داڭقى نۇرغۇن شەھەرلەرگە پۇر كېتىپتۇ. ئاتىسى ئۇنى ئۆيلەش ئۈچۈن بىلىملىك ھەم گۈزەل بىر قىز ئىزدەشكە تۇتۇنۇپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ شەھىرىدىن لايىق تاپالماي نۇرغۇن شەھەرلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپتۇ. ئاخىرى مۇشۇ شاھلىققا بېقىنىدىغان بۇ يەردىن قىرىق كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر شاھلىقتا لەئەل شاھقا لايىق بولغۇدەك گۈزەل، ئىپارگۈل ئىسىملىك بىر مەلىكىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولۇپتۇ. ئىپارگۈل گۈلىستان دەپ نام چىقارغان شەھەردە دۇنياغا كەلگەنىكەن. بۇ شەھەرنىڭ شاھىمۇ تۇرمۇش قۇرۇپ يىگىرمە يىل پەرزەنت كۆرۈش غېمىدە ھەسرەت چېكىپ، ئاخىرى ئەڭ سۆيۈملۈك رەپىقىسى گۈلبانۇ ئۈستىگە خوتۇن ئېلىپ بالا كۆرۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن، گۈلبانۇ كۈندەشلىك قايغۇسىدا ھەسرەت چېكىپ گۈلدەك چىرايى غازاڭدەك سارغىيىپ دەرمانسىز يېتىپ قالغانىكەن. گۈلبانۇ گۈلنى ياخشى كۆرەركەن، شۇنىڭ ئۈچۈن گۈل ئۆستۈرۈشتە داڭقى چىقىپ گۈلىستان دېگەن شەھەر نامىنى بەرپا قىلغان بىر گۈلچى موماينى ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك بېغىغا كەلتۈرۈپ، گۈلچى قىلىۋالغانىكەن، گۈلچى موماي بۇ باغدا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل گۈللەرنى تاللاپ يېتىشتۈرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن گۈلبانۇ گۈلچى موماينى ئۆزىنىڭ ئانىسىدىنمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. مومايمۇ خانىشنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ پەرزەنت داغىدا سارغىيىپ خازان بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنىدىكەن. ھەر كۈنى گۈلچى موماي گۈلبانۇغا ھەر خىل گۈللەردىن گۈل دەستە تىزىپ بېرىپ يوقلاپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ روھىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىپ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرىدىكەن. لېكىن گۈلبانۇنىڭ گۈلدەك چىرايى سۇلۇپ بارىدىكەن. بۇنى كۆرگەنسېرى بىچارە موماينىڭ مىسكىن كۆڭلى تېخىمۇ بىئارام بولۇپ تاقىتى قالمايدىكەن. گۈلچى موماي گۈلبانۇنىڭ گۈلدەك يۈزىنىڭ خازان بولۇشىغا چىدىمايدىكەن، بۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەھەر تۇرۇپ، گۈلزارلىق ئىچىدە خۇش پۇراقلارنى كۆكسى توشقىچە سۈمۈرۈپ بۇلبۇللارنىڭ خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان ئاۋازىنى خۇش كەيىپ بولغىچە ئاڭلاپ >گۈل دېگەن - گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى، ھاياتلىقنىڭ گۆھىرىم، نۇر چېچىپ كۆڭۈللەرنى يۇرۇتقۇچى، بۇلبۇللارنى سايراتقۇچى، سەن ئېچىلساڭ ئۇرۇقلار چېچىلىپ يەنە يېڭى - يېڭى مايسىلار ئۈنۈپ يەنە گۈل ئېچىلىدۇ. ھەي، قېنى ئەمدى بىر گۈل بولسا ئىدى. گۈلبانۇنىڭ غەمكىن كۆڭلىگە، دەردلىك يۈرىكىگە داۋا بولۇپ ياشناتسا ئىدى< دېگەن شېرىن خىياللار بىلەن گۈل دەستە تىزىپ يۈرگىنىدە گۈللەر ئارىسىدا بىر غېرىچ ئۆسكەن بىر ھال رەڭ گۈلگە كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ گۈل ئەتراپىغا نۇر ھەم ئىپار ھىد چېچىپ تۇرىدىكەن. موماي ئۇنى دەررۇ ئۈزۈپتۇ - دە، گۈلى دەستە ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. گۈلچى موماي گۈل دەستىنى ھالسىز ياتقان گۈلبانۇنىڭ تۆشىكى يېنىغا ئېلىپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ دىمىقىغا ھېچقاچان پۇرىمىغان بىر خۇش پۇراق گۈل ھىدى كىرىپ، يۈرىكى ئويناپ كېتىپ، ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ گۈل دەستىنى قولىغا ئاپتۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دانە ھال رەڭ گۈل كۆتۈرۈلۈپ تۇرغۇدەك. گۈلبانۇ گۈلنى كۆرسىتىپ سوراپتۇ: - بۇ قانداق گۈل، جېنىم ئانا؟ - ئىپارگۈل، بالام! - مەن مۇنداق پۇراقلىق گۈلنى ئۆمرۈمدە كۆرمىگەنىدىم. كۆڭلۈمنى ئەجەپ جانلاندۇرۇپ ئۆتتى، بۇنى نېمە قىلسام بولار ئانا! - باغرىڭىزغا تېڭىڭ، بالام! دەردىڭىزگە شىپا بولسۇن، - دەپتۇ موماي. گۈلبانۇ ئىپارگۈلنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ مەيدىسىگە تاقاپتۇ ۋە گۈل ھىدىنى پۇرىغىنىچە ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. گۈلبانۇ چۈشىدە لەئەل شاھنىڭ ئانىسى كۆرگەن ئاق ساقال بوۋاينى كۆرۈپتۇ. بوۋاي قولىنى ئىپارگۈلگە سوزۇپ: - قىزىم ئەمدى كۆپ قايغۇرما. گۈل - يېڭى ھاياتنىڭ بەلگىسى. قولۇڭغا چۈشكەن بۇ ئىپارگۈلنى بىر جامغا سېلىپ، سۇ قويۇپ قوي. ھەر بىر ھەپتىدە بىر قېتىم سۈيىنى يەڭگۈشلەپ تۇرساڭ، يەتتە قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇ گۈلدەك گۈزەل قىزغا ئايلىنىپ مىرادىڭ ھاسىل بولغۇسى، - دەپتۇ. گۈلبانۇ ئويغانغاندىن كېيىن، چۈشىدىكى بىشارەت بويىچە گۈلنى بىر جامغا سېلىپ سۇغا چىلاپ قويۇپتۇ. ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىم سۈزۈك سۇ قۇيۇپ تۇرغانىكەن، قىرىق قېتىم يەتتە كۈن شۇ تەرىقە ئۆتكەندىن كېيىن ئىپارگۈل گۈزەل بىر قىز بوۋاققا ئايلىنىپتۇ. ئىپارگۈلمۇ لەئەل شاھ دۇنياغا كەلگەن كۈندە دۇنياغا كەپتۇ. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى ئۆزى ئېچىلغان جەننەتتەك ئازادە بىر باغقا مەكتەپ سېلىپ، ئالىي بىلىملىك، ياخشى پەزىلەتلىك بىر موللامدا ئوقۇتۇپتۇ. ئۇ پەرى سۈپەت گۈزەل ۋە ئىدراكلىق، دانىشمەن بىر مەلىكە بولۇپ يېتىشىپتۇ. ئىپار مەلىكە جاھانغا داڭ چىقارغاندىن كېيىن، لەئەل شاھنىڭ ئاتىسى ئوڭ قول ۋەزىرىنى نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن ئۇنىڭ يۇرتىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، ئىپارگۈلنى لەئەل شاھقا قوشۇپ كاتتا توي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتىسىنى ماقۇل قىلىشقا كۆندۈرۈشكە نامە يوللاپتۇ. ئىپار مەلىكىنىڭ ئاتىسى لەئەل شاھنىڭ ئاجايىپ ياخشى تەرىپىنى ئاڭلىغىنى ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ ئاتىسىغا بېقىندى شاھلىق بولغىنى ئۈچۈن لەئەل شاھقا قىزىنى بېرىشكە خۇشاللىق بىلەن رازى بولۇپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرمۇ ئىپار مەلىكىنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قاپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ نائەھلى ۋەزىرنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇشقا باشلاپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ لەئەل شاھتىن بەش ياش چامىسىدا چوڭ، ئۆزىگە ئوخشاش قارا نىيەت، كەيىپ - ساپاغا بېرىلگەن بەدبەشىر ۋە مۇتتەھەم ئولجار دېگەن ئوغلى بار ئىكەن. مانا شۇ مۇتتەھەمنى بۇ يەرگە لەئەل شاھ دەپ كەلتۈرۈپ، ئىپار مەلىكىدەك گۈزەل بىر قىزنى كېلىن قىلىۋېلىش خىيالى بىلەن ۋەزىر ئۈچ ئايدىن كېيىن مەخپىي ھالدا بىر كېچىسى ئۆز ئۆيىگە كېلىپ چۈشۈپتۇ. ۋەزىر ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا ھېچ ئىشقا قارىماي خوتۇنىغا ئىپار مەلىكىنىڭ تەرىپىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان گۈلدەك يۈزىنى، نۇر يېغىپ تۇرىدىغان چىرايىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپتۇ. ئۇنى قانداقلا بولمىسۇن ئۆز ئوغلىغا ئېلىپ بېرىپ، تەڭداشسىز ئاجايىپ ئولجخغا ئىگە بولۇشنى ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ شەيتانغىمۇ دەرس بېرەلەيدىغان ھازازۇل خوتۇنىغا بۇ ئىش بەك ياراپ كېتىپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى مەسلىھەت قىلىشىپ، شۇ كېچىدىلا شاھنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىق تامغىسىنى قولغا چۈشۈرۈش، ۋەزىر شاھلىق ئېلان قىلىش، شۇندىن كېيىن لەئەل شاھنى كۆزدىن يوقىتىپ، ئوغلىنى لەئەل شاھتەك ياساندۇرۇپ، ئىپار مەلىكىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىش قارارىغا كېلىشىپتۇ. ۋەزىرنىڭ خوتۇنى ناھايىتى تېزلىك بىلەن بەتتە پولو تەييار قىلغۇزۇپتۇ. ۋەزىر: >ئۇلۇغ شاھىم، جانابى ئالىيلىرىنىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ماقۇللۇق خۇش خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدىم. ئەھۋالنى جانابلىرىغا دەررۇ بايان قىلىشقا ھۇزۇرى ئالىيلىرىغا بارالمىدىم. چۈنكى يول ئازابىدا كېسەل بولغىنىم ئۈچۈن بىر - ئىككى كۈن ئارام ئېلىش توغرا كەلگەن بولسا كېرەك< دېگەن نامەنى خىزمەتچىسىدىن ئوردىغا ئەۋەتىپتۇ. شاھ نامەنى ئېلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن چەكسىز خۇشال بولۇپ ۋەزىرنىڭ ئاغزىدىن خۇش خەۋەر ئاڭلاشقا ئالدىراپ ئۆزى يالغۇز ۋەزىرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەپتۇ. ۋەزىر شاھقا ئىپار مەلىكىنى لەئەل شاھقا مەمنۇنىيەت بىلەن قوشۇپ بېرىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈزۈپ، قۇدىلارنىڭ نۇرغۇن سوۋغا - سالاملىرىنى ۋە يازغان ماقۇللۇق نامەلىرىنى ئوردىغا ئاپىرىپ تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شاھ خۇشال ۋە سەمىمىيەت بىلەن ۋەزىرنى يۆلەپ قۇچاقلاپتۇ. ۋەزىرنىڭ خوتۇنى شاھنىڭ قولىغا ئالتۇن چىلاپچىدا سۇ بېرىپ تاماققا تەكلىپ قىلىپتۇ، شاھ ساھىبخاننىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ پولودىن خېلى يەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا پولوغا سېلىنغان زەھەر ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپتۇ. شاھ قان قۇسۇپ جان ئۈزۈپتۇ. ۋەزىر بىلەن خوتۇنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئورىغا شاھنىڭ جەسىتىنى كۆمۈپتۇ. ۋەزىر شاھنى جىمىقتۇرۇپ، ئەمدى لەئەل شاھنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۆز يولغا راۋان بولغانىكەن. ۋەزىر ئەتىسى ناغرا - كاناي چالدۇرۇپ، چوڭ تەنتەنە بىلەن ئۆزىنى شاھ دەپ ئېلان قىلىپتۇ ۋە لەئەل شاھنى قولغا چۈشۈرمەكچى بولۇپتۇ. لەئەل شاھنىڭ ئىككى ئانىسى - بىر ئانىسى خانىش بولسا، يەنە بىرى خانىشنىڭ بۇرۇنقى ئەڭ يېقىن دېدىكى ئىدى. ئۇ لەئەل شاھ دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن خانىشنىڭ ۋەدىسى بويىچە دېدەكلىكتىن ئازاد بولۇپ لەئەل شاھنى تەربىيىلىگۈچى ئىنىكئانا بولۇپ، لەئەل شاھنى ساغلام ئۆسۈرگەنىدى. ئۇ پاراسەتلىك ئانا بولۇپ، شاھ ۋەزىرنىڭ ئۆيىگە كەتكەن كېچىسى ۋەزىرنىڭ مۇشۇ كېچىلا شاھنى ئۆيىگە كەلتۈرۈشىدە گۇمانلىق ئىشنىڭ بارلىقىنى پەملەپ كېچىدە بېرىپ ۋەزىرنىڭ مېھمانخانا دەھلىزىسى سىرتىدا شاھقا كۆز قۇلاق بولۇپ، يوشۇرۇن ماراپ يۈرگەنىدى. ئۇ شاھنىڭ زەھەرلىنىپ يىقىلغانلىقىنى سەزگەن ھامان ئوردىغا كېلىپ خانىش بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، دەررۇ قېچىشقا كېلىشىپ، ئۈچ ئات تەييارلاپ، يەتكۈدەك ئالتۇن - كۈمۈش ئېلىپ، شەھەردىن يېرىم كېچىدىلا چىقىپ كەتكەنىدى، ئۇلار شۇ ماڭغانلىرىچە ھېچ جايدا ماكانلاشماي قىرىق كۈن يول يۈرۈپ، باغۇ بوستانلىق بىر شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىر مەھەللىگە چۈشۈپتۇ. ئۇلار بۇ مەھەللىدە ئۆزلىرىنى >سودىگەر< دەپ تونۇشتۇرۇپتۇ. ئۇلار بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ ئەھۋالىدىن خېلى مەلۇماتلىق بولۇپ قاپتۇ. شەھەرنىڭ نامى گۈلىستان بولۇپ، خەلقى باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. شەھەر ئىسمى - جىسمىغا لايىق، ئىمارەتلىرى ياپيېشىل دەرەخلەرگە چۈمكەلگەن بولۇپ، ھەممە جايلىرى گۈلزارلىق ۋە بوستانلىق ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شەھەر >گۈلىستان< دەپ ئاتالغانىكەن. لەئەل شاھ بىر كۈنى شەھەر ئەتراپىنى ساياھەت قىلىپ يۈرۈپ، ناھايىتى كېلىشكەن چوڭ بىر باغنى ئۇچرىتىپتۇ، ئۇنىڭ ئەتراپى بەش ئادەم بويى كەلگۈدەك ئېگىز، قېلىن سوقما تام بىلەن ئورالغان بولۇپ، چوڭ تۆمۈر دەرۋازا ئالدىغا قاراۋۇل قويۇلغانىكەن. باغنىڭ ئىچىدىن تارىلىۋاتقان خۇش پۇراق ۋە بۇلبۇللارنىڭ ئادەمنىڭ زوقىنى قوزغاتقۇچى يېقىملىق ئاۋازلىرى لەئەل شاھنىڭ خەستە كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ، بۇ باغدا نېمىلەر بارلىقىنى بىر كۆرۈپ بېقىش ھەۋىسىنى قوزغاپتۇ. ئۇ تامنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قاراپ بېقىش ئۈچۈن ئەپلىك جاي ئىزدەپ تام ياقىلاپ خېلى يۈرۈپتۇ. ئاخىرى باغ ئىچى تەرەپتە تامغا يېقىن ئۆسكەن يوغان بىر تۈپ چىنارنىڭ شاخلىرى تامدىن ئارتىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ توختاپ: >خوش مانا مۇشۇ چىنار شېخىغا سالما تاشلاپ شۇ ئارقىلىق باغقا چۈشۈشكە بولىدىكەن< دېگەن خىيالغا كەپتۇڭ. ئۇ ھەربىي مەشىقتە سېپىلغا چىقىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى ئۆگەنگەنىدى، مانا بۈگۈن شۇنىڭ ئاددىي بىر تۈرىنى ئىشلەتمەك بولۇپ بازارغا قاراپ يول ئاپتۇ. لەئەل شاھ بىر ئارغامچا سېتىۋېلىپ، ئەپچىللىك بىلەن تام تۆپىسىگە چىقىپ، چىنارنىڭ شاخ ئارىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ باغ ئىچىنى تاماشا قىلىپتۇ. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆل بولۇپ، ئەتراپىدا مەجنۇن تاللار سايە تاشلاپ تۇرىدىكەن. كۆلنىڭ شىمالىي تەرىپى شىپاڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى رەڭمۇ رەڭ گۈلزارلىق ئىكەن. دۇنيادىكى ھەممە گۈللەرنىڭ سەرخىللىرى بۇ جايدا ئېچىلىپ، تاۋلىنىپ پۇراق چېچىپ تۇرىدىكەن. بۇلبۇللار بولسا بەس - بەستە سايراپ باغنى جانلاندۇرىدىكەن. لەئەل شاھ باغنىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرىسىنى قانغىچە تاماشا قىلىپ تۇرغان چاغدا كۆلنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى يەتتە قەۋەتلىك يېشىل بىنا ئىچىدىن نۇرغۇن قىزلار چۇرقىرىشىپ چىقىپ كەپتۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈزى گۈلزاردىكى ئەڭ چىرايلىق گۈللەردىنمۇ رەڭلىڭ نۇرلىنىپ تۇرغان، پەرى سۈپەت بىر قىز بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزىدىن چىققان ئۇچقۇن لەئەل شاھنىڭ ئويناپ كەتكەن يۈرىكىگە كېلىپ تىگىپتۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى سىماپتەك تىترەپ كېتىپتۇ. - ئەزىز ئوغلۇم سەن ناھايىتى خەۋپلىك ئىشقا قەدەم بېسىپسەن، - دەپتۇ خانىش لەئەل شاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئالاقزادە بولۇپ، بىز بۇ يەرگە مۇساپىر، ئۆز ئەھۋالىمىزغا لايىق ئىش قىلماي يۈرسەڭ چوڭ بىر بالايىئاپەتكە قالمامسەن. سېنىڭ كۆرگىنىڭ ئالاھىدە مۇھاپىزەت ئورنىدىكى شاھنىڭ قەسىرى بولسا كېرەك، سەن كۆرگەن قىز شاھنىڭ قىزى بولۇپ ئەتراپىدىكى كېنىزەكلەر بولساكېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋرى - تاقەت قىلىپ جىم يۈرسەڭ بولارمىكىن! - قەدىرلىك ئانا! مېنىڭ ۋۇجۇدۇم ئۇنىڭ ئىشىق ئوتىدا كۈل بولۇپ كېتىۋاتسا مەن بۇنىڭغا قانداق تاقەت قىلىپ تۇرالايمەن! قانداق كۈچ بىلەن سەۋر قىلىمەن! مېنى شۇ جانان بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇشنىڭ ئىلاجىنى قىلساڭلار، ئەمدى ماڭا ھاياتلىقنىڭ لازىمى قالمايدۇ، پەقەت مېنى بۇ ئېغىر ئەھۋالدىن ئۆلۈملا قۇتقۇزىدۇ. - يارەببىم، ئوغلۇم! ئۆلۈمدىن سۆز ئاچما! قېنى بولمىسا سېنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇرۇشنىڭ بىرەر ئىلاجىنى قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كۆرەيلى، - دەپتۇ خانىش. ئۇلار لەئەل شاھ كۆرگەن باغنى ھەر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئۆز قىزى ئۈچۈن سالدۇرۇپ بەرگەن باغ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەشەمەتلىك قەسىر بولۇپ، شاھ قىزى قىرىق كېنىزىكى بىلەن تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر ئالىي مەدرىسنىڭ بارلىقى، قىزلار ئۈچۈن بىر پەزىلەتلىك، شاھقا سادىق مۇددەررىس تەيىنلەنگەلىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئەر جىنسى ئۇ جايغا كىرىپ - چىقالمايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. لەئەل شاھ كۆپ ئويلاپ باغقا كىرىشنىڭ چارىسىنى تاپالماي، ئاخىرى ئۆزى باغنى تاماشا قىلغان چىنار شېخى ئاستىدىن كېچىسى ئانىسىنى باغقا چۈشۈرمەكچى بولۇپتۇ. مەسلىھەت بويىچە لەئەل شاھ بىر ھەميانغا يۈز تىللانى سېلىپ بىر ئايدىڭ كېچىدە ئانىسى بىلەن چىنار ئارقىلىق باغقا چۈشۈپتۇ. لەئەل شاھ ھېلىقى كۈنى قىزلار كىرىپ - چىقىپ يۈرگەن بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئانا مۇشۇ مۇدەررىس دەرس ئېيتىدىغان خانا بولسا كېرەك، سىز موللام تۇرىدىغان ھۇجرىغا كرىپ، ئۇنىڭ بىلەن خاس بىر سۆزلەشسىڭىز، مەن ھېلىقى چىنار ئۈستىگە چىقىپ مۆكۈپ تۇرسام، ئەگەر موللام قوبۇل قىلسا مېنى چاقىرىپ كىرسىڭىز، - دەپتۇ. خانىش دەرىسخانىغا كىرىپ ئوڭ تەرەپتىكى ھۇجرىنىڭ زىننەتلىك پەنجىرىسىدىن چىراغ نۇرى چۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ نەقىشدار ئىشىكىنى چېكىپتۇ. ئۆي ئىچىدىن: - خوش ئۆزلىرى كىم؟ - دېگەن مۇلايىم ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. - پېقىر بىر مۇساپىر، داموللام ھەزرەتنىڭ ھۇجرىسى شۇمىكىن، - دەتپۇ خانىش. - خوش شۇنداق، تارتىنماي كىرىۋېرىڭ! خانىش كىرىپ داموللام بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، داموللا ئۇنىڭغا ھەيران بولغان قىياپەتتە قاراپ: - ئۆزلىرى كىم بولىدىلا؟ بۇ جايغا نېمە ئۈچۈچۈن ۋە قانداق كىردىلە؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھۆرمەتلىك ئۇستاز، جانابلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن بىزنىڭ سەرگۈزەشتىمىزنى سۆزلەپ بەرسەم. - خوش، قېنى بايان قىلغايسىز! خانىش گەپنى لەئەل شاھنىڭ تارىخىدىن باشلاپ، ۋەزىرنىڭ قىلغان جىنايەتچىلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە قېچىپ كېلىپ ھاياتلىق ئىزدىگەنلىكلىرى توغرىسىدا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىپ، لەئەل شاھنىڭ مۇشۇ مەدرىسىدە ئوقۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇستازنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىپ بۇ يەرگە يوشۇرۇن ھالدا كىرگەنلىكىنى، لەئەل شاھنىڭ بۇ ئىشتىكى ماھارىتى، ئۇنىڭ چىنار ئۈستىدە ئىجازەت كۈتۈپ تۇرغانلىقلىرىنى ئېيتىپتۇ. قوينىدىكى ھەمياننى چىقىرىپ ئۇستازغا سوۋغا تەرىقىسىدە سۇنۇپ تەزىم قىلىپتۇ. ئۇستاز ئالتۇننى ئالغاندىن كېيىن: - خۇش، ئوغلىڭىز ھەقىقەتەن ئاقىل ۋە پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشىپتۇ. بىزنىڭ شاگىرتىمىز ئىپارگۈلمۇ خۇددى شۇنداق بولۇپ يېتىشتى، بۇلارنىڭ بىر - بىرىگە قوشۇلۇشى ئەڭ ئادىل ئىكەن. ئەمما مۇناپىق ۋەزىرنىڭ ۋەھشىيلىكى بۇلبۇلنىڭ بوستانغا كېلىپ مۇرادىغا يېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانىكەن، خوش، مۇندىن كېيىن بۇ ئەبلەخ ۋەزىر ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىگە يېتىش ئۈچۈن يەنە قانداق يامانلىقلارنى قىلىدىغانلىقلىرىدىن ھوشيار بولۇش ئۈچۈن شاھىمىزنى بىئارام قىلماي ئۆزىمىز يوشۇرۇن ھالدا لەئەل شاھ بىلەن ئىپارگۈلنى قوشۇپ، مەخپىي ھۇجرىدا بىرگە دەرس بېرىپ تۇرايلى، ئۆزلىرى لەئەل شاھنى بۇ كېچە بۇ يەردە قالدۇرۇپ كېتىپ تاكى بىز خەۋەر يەتكۈزگۈچە بۇ قايغا كەلمەي تۇرسىلا، - دېگەن مەسلىھەتنى بېرىپ يولغا ساپتۇ. مانا شۇندىن باشلاپ ئىككى ئاشىق - مەشۇق بىر مەخپىي ھۇجرىدا تۇرۇپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ زامانلاردا شاھلىق تامغا كىمنىڭ قولىدا بولسا شۇ ھۆكۈمران بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىر لەئەل شاھلار قاچقان كۈننىڭ ئەتىسى ئۆزىنىڭ پادىشاھ تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىپتۇ. ئوردىدىكى شاھنىڭ يېقىنلىرىنى يوقىتىپ، ئۆزىگە تەرەپدار توپلاپتۇ، ئادالەت ئاياغ - ئاستى قىلىنىپ، يۇرت ئىچىدىكى ئادالەت تەلەپ قىلغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن جاھالەت ۋە زۇلۇم ئەۋج ئېلىپ، خەلق خانىۋەيران بولۇپ، يېڭى شاھلىق بۇزۇقچىلىق، ئىسراپخورلۇق، خىيانەتكە يول ئېچىپ بېرىپتۇ. خۇشامەتچىلەر، مەككارلار ياخشى ئورۇندا، ياخشى كىشىلەر يامان كۈندە قاپتۇ. زالىم شاھ ئۇنىڭ زورلۇقنى كەسىپ قىلغان، پېشانىسىدە مەرىزى بار ئوغلىنى لەئەل شاھ سۈپىتىدە ياساپ ئىككى مىڭ ئەسكەرنى قوشۇپ، ئىپارگۈلنى توي قىلىپ ئوغلىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن دەبدەبە بىلەن گۈلىستان شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار شۇ تەرىقىدە قىرىق كۈن يول يۈرۈپ، گۈلىستان شەھىرىنىڭ سىرتىغا چۈشۈپ بارگاھ ياساپ تۇرۇشۇپتۇ، ۋەزىر لەئەل شاھنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئانىسى ئۆزىگە ۋەكىل قىلىپ ۋەزىرنى توي ئۆتكۈزۈشكە بۇ يەرگە ئەۋەتكەنلىكى، توينى قاچان باشلاشقا ئىجازەت بېرىش توغرىسىدا نامە يېزىپ، گۈلىستان شاھقا ئەلچىلەر كىرگۈزۈپتۇ. گۈلىستان شاھى ئەلچىلەرنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن قارشى ئېلىپ ماقۇللۇق جاۋابنامە تاپشۇرۇپتۇ. توي باشلاشتىن ئاۋۋال، ئۇلۇغ جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن يانغاندا يىگىت بىلەن قىزنى ئۇچراشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتىپتۇ. ھەر ئىككى تەرەپ شۇ كۈنگە ھازىرلىق قىلىشىپتۇ. شاھ قەسىرى ئىچىدىكى چوڭ ساراي زىننەتلىنىپ، قىز بىلەن يىگىت ئۈچۈن ئالاھىدە ئىككى تەخت تەييار قىلىنىپتۇ. تەخت ئالدىغا ئەڭ ئېسىل پەردىلەر تارتىلىپتۇ. بۇ خەۋەر ئۆز ۋاقتىدا لەئەل شاھ بىلەن ئىپارگۈلگە يېتىپ بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلار قانداق ھەرىكەت قىلىشنىڭ تەدبىرىنى مەسلىھەتلىشىپ، ئىپارگۈل ئوجارنى كۆرگەندە ئۇنىڭ لەئەل شاھ ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بىر ۋاقىتقىچە بۇ يىگىت بىلەن ھەربىي ماھارەت ۋە قائىدە - يوسۇن، پەلسەپە ۋە مەنتىقە بىلىملىرى جەھەتتىن بەسلىشىش بولغاندىن كېيىن ئاندىن توي قىلىشنى ئېيتىدىغان بولۇپتۇ. ئەگەر قارا نىيەت ۋەزىر ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى پاش بولۇشتىن ئۈركۈپ گۈلىستان شاھقا ھەربىي تەھدىت سېلىپ توينى باشلىسا بۇ ئىككى ئاشىق - مەشۇق بۇ جايدىن مەخپىي ھالدا يىراق بىر جايغا بېرىپ ماكانلىشىش ئۈچۈن ۋەدە بېرىشىپتۇ. جۈمە كۈنىمۇ يېتىپ كەپتۇ. مېھمانخانىنىڭ تۆر تەرىپىدە بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى ياسالغان كۆشۈكىنىڭ تاۋار پەردىلىرى ئېچىلىپ قىز بىلەن يىگىت بىر - بىرىگە قاراپ تۇرۇشۇپتۇ. بارلىق ساراي ئەھلى ئۇلارغا قارىشىپ تۇرۇشۇپتۇ. ئىپار گۈلنىڭ ئىنكئانىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، لەئەل شاھ دەپ تونۇشتۇرۇلغان يىگىتكەقاراپ: - خاسىيەتلىك ئۇزۇن سەپەردىن گۈلستانىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان لەئەل شاھ مەلىكە ئىپار گۈلنى مەنزۇر كۆردىمىكىن؟ - دەپتۇ. - گۈلىستاننىڭ گۈلى ئىكەنلىكى راست ئىكەن، قىزىڭىز كۆڭلۈمگە ياقتى، بىزگە مەلىكە بولۇشقا لايىق كۆردۇق، - دەپتۇ ئۇچار ھىجىيىپ. - قىزىمىز نېمە دەيدىكىن، - دەپتۇ ئىنىكئانا. - لەئەل شاھنىڭ پېشانىسىدە بىر خالى بار، - دەپتۇ ئىپارگۈل، - ئۇنىڭدىن نۇر چىقىپ تۇرىدۇ، دەپ پۈتۈن جاھانغا پۇر بولغان، ئەجىبا لەئەل شاھ دەپ ئاتالغان بۇ يىگىتنىڭ پېشانىسىدە ئۇنداق خىسلەت كۆرۈنمەيدۇ. ئەكىس ھالدا كۆڭلۈمگە قاراڭغۇلۇق بېغىشلايدىغان، خۇنۇكلۈك زاھىر بولۇپ تۇرۇپتۇ. ھازىرچە مېنىڭ كۆڭلۈم پەرىشان، بۇنداق ھالدا بىزنىڭ قوۋمى - قېرىنداشلىرىمىز توي باشلاشنى ئويلىنىپ كۆرۈشى لازىم. ئۇچرىشىش مۇراسىمى ئاياغلىشىپتۇ. ئوردا ئەھلى ئىچىدە كەلتۈرۈلگەن يىگىتنىڭ ھەقىقىي لەئەل شاھ ئىكەنلىكىگە گۇمان تۇغۇلۇپتۇ. ھىيلىگەر ۋەزىر ئالدامچىلىقنى قايرىپ قويۇپ، توي باشلاشقا زورلۇق قىلىش يولىنى تۇتۇپتۇ. ئەگەر توينى قىلىپ، ئىپارگۈلنى ئوغلىغا بەرمىسە ئۈستى - ئۈستىلەپ ئەسكەر كەلتۈرۈپ، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ، بۇ شاھلىقنى گۇمران قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. گۈلىستان شاھى تەختىدىن ئايرىلىشتىن قورقۇپ، قىزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمايلا توينى باشلاپتۇ. بۇ خەۋەر لەئەل شاھ بىلەن ئىپارگۈلگە يەتكەندىن كېيىن ئۇستازىغا مۇراجىئەت قىلىپ بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشنى ئېيتىپتۇ. ئۇستازمۇ بۇ ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ لەئەل شاھ بىلەن ئىپارگۈلنى ھازىرچە يىراق جايلارغا كېتىپ ھايات كەچۈرۈپ تۇرۇشقا ياردم قىلماقچى بولۇپتۇ. لەئەل شاھ چىنار ئارقىلىق باغدىن چىقىپ ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. ئۇنىڭغا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى تولۇق سۆزلەپ، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئانىسىمۇ ماقۇل بولۇپتۇ. لەئەل شاھ ئىپارگۈل بىلەن ئۇستازىدىن دۇئا ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار شۇ ماڭغانچە قىرىق نەچچە كۈن يول يۈرۈپ ناھايىتى كاتتا بىر شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئېتىز قىرىدا ئۆسكەن باراقسان بىر قارىياغاچ سايىسىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. ئىككىسى خۇرجۇندى بىر توقاچنى چىقىرىپ تەڭ بۆلۈپ، ئېرىقتىكى سۇغا چىلاپ يېيىشىپتۇ، بىر ئاز دەم ئېلىپ قەددىنى رۇسلىغاندىن كېيىن: - جېنىمنىڭ جانابى، يۈرىكىمنىڭ سەك پارىسى ئىپار گۈلۈم! سىز مەن ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتىڭىز، - دەپتۇ لەئەل شاھ يارىنىڭ بېشىنى سىيلاپ، - بەس ئەمدى، يول ئازابى مۇشۇ يەردە تۈگىسۇن، ئۇشبۇ شەھەردە تۇرۇپ قېلىشنىڭ بىر ئىلاجىنى قىلايلى. ئەنە قاراڭ، بۇ شەھەر ناھايىتى كاتتا كۆرۈنىدۇ. بىزگىمۇ بىرەر ئىش قىلىپ كۈن كەچۈرۈشنىڭ ئىلاجى بولۇپ قالار. مەن شەھەرگە كىرىپ بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ چىقاي، سىز يول بويىدىن نېرىراق ئورمانلىققا بېرىپ ئاتلارنى باققاچ ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ. - ئىككىمىز بىللە بېرىپ، بىرەر سارايغا چۈشۈپ ئەھۋال ئۇقساق بولماسمۇ؟ - دەپتۇ ئىپارگۈل. - مۇنداق كاتتا شەھەردە مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغان ئىنساپسىز كىشىلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن، مەن ئاۋۋال كىرىپ ئۆزۈمنىڭ ئۆگەنگەن سىنچىلىق بىلىمىم بىلەن كىشىلەرنى بىر قۇر سناپ چىقاي، بۇ شەھەر كىشىلىرىنىڭ پەزىلىتىنى بىر قېتىم دەڭسەپ باقاي، - دەپتۇ لەئەل شاھ ئىپارگۈلگە تويماي قاراپ، ئىپارگۈلمۇ ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قاراپ: - سىز مېنىڭ ھۆسنۈمدىن ئەنسىرەيسىز، مەن سىزنىڭ ھۆسنىڭىزدىن بەلگە بېرىپ تۇرىدىغان پېشانىڭىزدىكى نۇر بىر قارا نىيەتلىك ئادەمنىڭ قەست نىشانى بولۇپ قېلىشىدىن كۆپ ئەنسىرەيمەن، شەھەرگە كىرگەندە سىزگە غەلىتە نەزەر سالغان كىشىلەردىن ئېھتىيات قىلغايسىز، مېنى كۆپ كۈتكۈزمەي قايتىپ كېلەرسىز، - دەپتۇ قىز يالۋۇرۇپ. مەسلىھەتتىن كېيىن لەئەل شاھ پىشىم ۋاقتى بىلەن شەھەرگە كىرىپ، ساراي ۋە رەستىلەرنى ئارىلاپ چىققاندىن كېيىن ئىپارگۈلگە يەل - يېمىشلەرنى ئاپتۇ. ئۇنىڭغا كاۋاپ قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر پارچە گۆش ئېلىپ كېتىش نىيىتىدە خالى جايدىكى بىر ساقاللىق قاسساپنىڭ گۆش دۇكىنى ئالدىغا كېلىپ گۆش نەرقىنى سوراپتۇ. قاسساپ ئۇزۇن قويۇق قېشى ئاستىدىكى يوغان كۆزى بىلەن لەئەل شاھقا لاپ قىلىپ بىر قاراپتۇ - دە، ئۇنىڭ يۈرىكى جىغ قىلىپ تىنى شۈركىنىپتۇ. ئۇ گۆشمۇ ئالماي ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپتۇ. قاسساپ: - ئوغلۇم ئاجايىپ بىر يىگىت ئىكەنسىز، - دەپ بىر پارچە گۆشنى كېسىپلا، بىر نەرسىلەرنى ئوقۇپ، >ماڭا بىر قاراڭ< دەپتۇ - دە، گۆش بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا يېنىك ئۇرۇپ >قوچقار بولۇڭ< دەپتۇ. لەئەل شاھ مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا ئايلىنىپ قاپتۇ. بۇ ئەسلى قاسساپ قىياپىتىگە كىرىۋالغان جادۇگەر بولۇپ بۇ شەھەرگە يېقىندا كەلگەن، ئۇ ئەبلەخ گۈزەل ياش ئوغۇل - قىزلارنى قويغا ئالايدۇرۇپ شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ قىممەت باھادا ساتىدىغان قۇل سودىگىرى ئىكەن. >پالاكەت باسسا ئەسكى تامدا ئۆلۈك ئۇچقۇشىدۇ< دېگەندەك، بىچارە مۇساپىر لەئەل شاھ بىرىنچى بولۇپ بۇ جادۇگەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ، قاسساپ قوشقارنى باغلاپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئىپارگۈل لەئەل شاھنى كۈن پاتقۇچە ساقلاپتۇ. ئۇ شەھەرىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن ئەندىشە ئىچىدە ناھايىتى بىئارام بولۇپتۇ. ئۇ بىر كېچىنى دەرەخلىق ئارىسىدا، دەككە - دۈككىدە ئۇخلىماي شەھەر تەرەپكە تىكىلگىنىچە تولىمۇ پەرىشانلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتۇ. تاڭ يورۇپ ئاش ۋاقتى بولغان چاغدا ئىپارگۈل لەئەل شاھنىڭ خۇرجۇنىدىكى كىيىملىرىنى كىيىپ ئەر كىشى قىياپىتىدە ياسىنىپتۇ - دە، بىر ئاتنى مىنىپ، بىر ئاتنى يېتىلەپ شەھەرگە كىرىپتۇ. ئۇ چۈشكىچە ئات يېتىلىگەن ھالدا پۈتۈن مەھەللىلەرگە سەپسېلىپ قاراپ يۈرۈپ لەئەل شاھتىن ھېچبىر دېرەك ئالالماپتۇ. قورسىقى ئاچقاندا بىر ئاشخانا ئالدىدىكى موما ياغاچقا ئاتلارنى باغلاپ قويۇپ تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىچكىرى كىرىپتۇ. بۇ >يىگىت< نى چىراچىلىدىن بېرى پايلاپ يۈرگەن بىر قاراقچى ئۇنىڭ ئاشخانىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاتلارنى ئېلىپ قېچىپتۇ. ئىپارگۈل پالاكەت ئۈستىگە پالاكەت باسقاندىن كېيىن ئۇستازنىڭ >ئىنساننى ئەمىد نىشانىغا يەتكۈزىدۇ< دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئاپتۇ - دە، پىيادە يۈرۈپ لەئەل شاھنى ئىزدەپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالماپتۇ. ئاخىرى ئەل ياتقۇ مەزگىلىدە ھېرىپ بىر دوقمۇشقا كېلىپ ئولتۇرۇپ >ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟ قەيەردە يېتىش كېرەك< دېگەن ئوي بىلەن ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراپتۇ، يېقىن بىر يەردە پاكار دۇكاندىن چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپتۇ. ئىپارگۈل ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، دۇكاننىڭ يېپىق ئىشىكىنى قېقىپتۇ. دۇكاندىن بىر موماي چىقىپ: - بالام كىمنى ئىزدەيسەن؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. - مەن بىر مۇساپىر، تېنەپ قېلىپ كەچكە قالدىم. رەھىم قىلسىڭىز، مۇشۇ يەردە قونۇپ قالسام، - دەپتۇ ئىپارگۈل. - ئىسمىڭ نېمە؟ - لەئەل شاھ. - پاھ، ئىسمىڭ ئۇلۇغ ئىكەن، مەيلى كىملا بولساڭ بول، مۇساپىر ئىكەنسەن، دۇكانغا كىر، - دەپتۇ موماي. >لەئەل شاھ< دۇكانغا كىرىپتۇ. موماي ئۇنىڭغا نان ۋە ھالۋا بىلەن چاي بېرىپ مېھمان قىپتۇ. ئۇلار يېرىم كېچىگىچە ئەھۋاللىشىپتۇ. >لەئەل شاھ< بۇ شەھەرگە نەچچە ئايلىق يولدىن كېلىپ بىر ئاكىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، يېتىم ۋە مۇساپىر بولۇپ قېلىپ، مۇندىن كېيىن بۇ شەھەردە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغانلىقىنى سۆزلەپتۇ. موماي ئۆزىنىڭ بوۋىيى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاۋاتقانلىقىنى، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھەر كۈنى يېرىم قازان ھالۋا ياساپ سېتىپ، شۇنىڭدىن ئالغان بىر نەچچە تەڭگە پايدىنى راسخوت قىلىپ دۇكاننىڭ ئىچىدىكى بىر ئېغىزلىق قازناق ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ھەر ئىككىسى ئوبدان ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن موماينىڭ رەھىمى كېلىپ: - سېنىڭمۇ ھېچنېمەڭ يوق ئىكەن بالام، سەن ماڭا ئوغۇل بول، سەن ئاكاڭنى تاپقىچە ئىككىمىز بىرلىكتە تىرىكچىلىك قىلايلى، بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ - دەپتۇ. - سىزلا خالىسىڭىز، مەن خالايمەن، - دەپتۇ ئىپارگۈل. شۇندىن كېيىن >لەئەل شاھ< دۇكاننى رەتكە سېلىپ، كېچىسى موماينىڭ كۆرسىتىشى بىلەن پەشمەت ۋە ھالۋىلارنى سېلىپ ئەتىسى كەچكىچە ھالۋا ساتىدىغان، موماي قازناقتا ئارام ئالىدىغان بولۇپتۇ. ئۆتكەن - كەچكەن شەھەر خەلقى >لەئەل شاھ< نىڭ جامالىنى كۆرۈپ، ھالۋا يېگەن بولۇپ ئۇنىڭ ھۆسنىنى تويماي تاماشا قىلىدىغان بولۇپتۇ، بۇرۇن يېرىم قازان ھالۋا سېتىلىپ بولمايدىغان بۇ دۇكاندا ئەمدى تولۇق بىر قازان ھالۋا يەتمەيدىغان بولۇپتۇ. خېرىدار كۆپەيگەنسېرى ھالۋىنىڭ باھاسى ئېشىپ، ئىككى، ئۈچ ئاي ئىچىدە ھالۋاپۇرۇش موماي خېلى بېيىپ قاپتۇ. دۇكان ئاۋاتلاشقانسېرى >لەئەل شاھ< نىڭ تەرىپى پۈتۈن شەھەردە پۇر كېتىپ، ئۇنى كۆرگىلى كىشىلەر ئۈزۈلمەي كېلىدىغان بوپتۇ، مۇنداق گەپلەر ھەممە ئۆيلەردە بولۇپ ئاخىرى شەھەرنىڭ شاھ ئوردىسىغىمۇ يېتىپتۇ، پادىشاھنىڭ رەمزىگۈل ئىسىملىك بىر گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك قىزى بولۇپ ئۇمۇ لەئەل شاھنىڭ تەرىپىنى تولا ئاڭلاپ، ئاخىر بىر كۈنى ئۇنىڭغا غايىبانە ئاشىق بولۇپتۇ. ئۇنى بىر كۆرۈشنى ئارزۇلاپتۇ. بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئەڭ يېقىن سىردىشى بولغان ئىنىكئانىسىغا ئېيتىپتۇ. ئىنكئانا ناھايىتى پەملىك بولغىنى ئۈچۈن >قىزىم سېنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن ئاشكارا ئۇچراشمىقىڭ ناھايىتى مۈشكۈل. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ياتاق ھۇجراڭدىن ھالۋىچى موماينىڭ دۇكىنى ئاستىغىچە يەر ئاستى يول قېزىپ يىگىتنى ھۇجراڭغا كەلتۈرىمىز، شۇ چاغدا سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئەركىن سۆزلىشەلەيسەن< دېگەن مەسلىھەتنى بېرىپتۇ. رەمزىگۈل شۇندىن كېيىن ئالتۇن جابدۇق ۋە گۆھەر كۆزلۈك زىننەت بۇيۇملىرىنى گۆھەر پۇرۇچقا سېتىپ، مەخپىي ھالدا ھەر كېچىسى ھۇجرىسىنىڭ ئاستىدىن ھالۋا پۇرۇچ موماينىڭ دۇكىنى ئاستىغىچە يەر ئاستى يولى قېزىشقا مەدىكار ياللاپ ئىش باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئاي ئۆتۈپ قېزىلغان يول پۈتۈپتۇ. بىر كۈنى يېرىم كېچىدە >لەئەل شاھ< ھالۋا تەييارلاۋاتقاندا دۇكان ئوتتۇرىسىدىكى بىر پارچە يەر گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپتۇ، >لەئەل شاھ< قورقۇپ، ھەيران بولۇپ، بىر كونا تۇۋاق بىلەن ھېلىقى يەرنى يېپىپ قويۇپتۇ، >بۇ يەر كونا ئورا بولۇپ زەيلىشىپ گۈمۈرۈلگەن بولسا كېرەك< دەپ ئويلاپ ئۆز ئىشىنى داۋام قىپتۇ. ئەتىسى كېچىسىدە شۇ ۋاقىت بىلەن ھېلىقى تۇۋاق كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاستىدىن بىر ئايال بىلەن پانۇس كۆتۈرگەن بىر قىز چىقىپ كەپتۇ. >لەئەل شاھ< >سۇبھانئاللا< دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرگىنىچە قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. - ھاي - ھاي... قورقماڭ ئەزىز يىگىت! بىز شاھ ئوردىسىدىن بولىمىز. شاھىمىزنىڭ ئەڭ قەدىرلىك بىرلا نازىنىن قىزى رەمزىگۈلنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز. مەن ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، رەمزىگۈل سىزنى بىر كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ، بىر نەچچە ئاي يەر ئاستىغا يول قېزىپ سىزنى ئېلىپ كېتىشكە دالالەت قىلىش ئۈچۈن بىزنى ھۇزۇرىڭىزغا ئەۋەتتى، بىز بىلەن بىللە بېرىپ بىر دىدار كۆرۈشۈپ كەلگەيسىز! - دەپتۇ ئىنكئانا. - مەن مۇساپىرمەن، بۇنداق قۇرقۇنچلۇق ئىشقا قەدەم قويۇشۇم مۇمكىن ئەمەس! - دەپتۇ >لەئەل شاھ<. بۇلار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن تالاش - تارتىش بولۇپتۇ. مومايمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپتۇ. ئىنكئانىنىڭ بىرەر سائەتتە ساق - سالامەت مۇشۇ جايغا يەتكۈزۈپ قويۇشقا بەرگەن قەسىمى بىلەن موماينىڭ >ئوغلۇم، رەمزىگۈلنىڭ رەھىمدىل، راستچىل، خۇش پېئىل قىز دېگەن نامى بار< دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى بىلەن ئاخىرى >لەئەل شاھ< ئىنكئانائارقىسىدىن رەمزىگۈلنىڭ خانىسىغا يۈرۈپ كېتىپتۇ. رەمزىگۈل >لەھەل شاھ< نى كۆرۈپلا ھاياجانلىنىپ، يۈرىكى ئويناپ كېتىپتۇ - دە، تىلى سۆزگە كەلمەي تىترەشكە باشلاپتۇ. - ئۆزۈڭنى تۇتۇپ ئال قىزىم، مانا ئارزۇ قىلغان يىگىتىڭنى كۆردۈڭ، بىر - ئىككى ئېغىز گەپ قىل دەپتۇ، - ئىنىكئانا رەمزىگۈلنىڭ تەر باسقان پېشانىسىنى سىيلاپ. - مەرھەمەت، - دەپ قولىنى سوزۇپ >لەھەل شاھ< قا ئورۇن كۆرسىتىپتۇ رەمزىگۈل، - سىز مەن ئاڭلىغاندىن يۈز ھەسسە ئېسىل بىر مېھرىگىيا ئىكەنسىز، يىگىت! ئەگەر سىز ماڭا نۇرىڭىزنى چاچسىڭىز بېشىڭىزدا پەرۋانە بولۇپ، ئايلىنىپ يۈرۈشكە تەييارمەن! - مەن بىر مۇساپىر قۇل، سىز بولسىڭىز شاھانە باغدىكى بىر گۈل، ئارىمىزدا قانداق تەڭداشلىق بولىدۇ؟ - دەپتۇ >لەئەل شاھ<. مەلىكە رەمزىگۈل نازۇ - نېمەتلەر كەلتۈرۈپ، شېرىن سۆھبەتلەر ياغدۇرۇپ، ئەتە يەنە مۇشۇ ۋاقتتا كېلىپ دىدار كۆرسىتىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپ >لەئەل شاھ< نى ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. بۇ شەھەر شاھنىڭ ئادىللىقىنى ئالغا سۈرگۈچى، ئىنسابسىزلارنى تۇتۇپ جازاسىنى بەرمەكچى بولغان بىر ۋەزىرى ئەزەم بار ئىكەن. ئۇ كىشى ئاددىي پۇقراچە ياسىنىپ، كېچىلىرى شەھەر ئايلىنىپ يۈرۈشنى ئادەت قىلغانىكەن، كىشىلەرنى بوزەك قىلغان مۇتتەھەملەرنى تۇتۇۋېلىپ ئەتىسى جاجىسىنى بېرىدىكەن. بىر كۈنى ئادىل ۋەزىر يېرىم كېچىگىچە شەھەر ئايلىنىپ كېلىپ ھالۋىچى موماينىڭ دۇكىنىدىن چىراغ يورۇقى چۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ دۇكانغا كىرىپتۇ ۋە >لەئەل شاھ< بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. >لەھەل شاھ< ئۇنىڭ ئالدىغا ھالۋا قويۇپ مېھمان قىپتۇ. ۋەزىر ئەمدى كېتەي دەپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ تۇرغىنىدا دۇكان ئوتتۇرىسىدىكى تۇۋاق تاراق - تۇرۇق قىلىپ قىلىپ كۆتۈرۈلۈپتۇ - دە، ئىككى قىز پانۇس كۆتەرگەن ھالدا يەر ئاستىدىن چىقىپتۇ، ۋەزىر قورقۇپ كېتىپ، قولىنى كۆتۈرگىنىچە تۇرۇپ قاپتۇ. قىزلار: - ئەي ئەزىز يىگىت، سىز ئۆتكەن كېچە مۇشۇ ۋاقىتتا مەلىكە رەمزىگۈل بىلەن بېرىپ كۆرۈشمەككە ۋەدە بەرگەندىڭىز، لېكىن بارمىدىڭىز، مەلىكە بىتاقەت بولۇپ يولىڭىزغا قاراپ تۇرماقتا، - دېيىشىپتۇ. - ھازىر مېنىڭ قېشىمدا مانا بۇ مېھمان بار، مەن بۇ كىشىنى تاشلاپ كېتىىشم مۇمكىن ئەمەس، - دەپتۇ >لەئەل شاھ<. - ئەگەر سىز ۋەدە بەرگەن چاغدا مەلىكىمىزگە كۆرۈنمىسىڭىز رەمزىگۈلىمىز سارغىيىپ توزۇپ كېتىدۇ. ۋەزىر بۇلارنىڭ شاھ قىزىنىڭ كېنىزەكلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ ھەيرەتتە قاپتۇ ۋە مەلىكە رەمزىگۈلنىڭ ھالۋىچى موماينىڭ ئوغلىغا ئاشىقى - بىقارار بولۇپ، يەر ئاستى يولى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىنى پەملەپ: - ئەي بەختىيار ئوغلۇم، شاھ قىزىنى مۇنچە ئىنتىزار قىلىپ ئۇنى بىمار قىلىش ياخشى ئەمەس، ۋەدە قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن سىز قەرزدار، بۇنى تۆلىمەك كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چىقىپ كېتەي. سىز ۋەدىگە ۋاپا قىلىپ مەلىكە رەمزىگۈلنىڭ ھۇزۇرىغا بارغايسىز، - دەپتۇ ۋە دۇكاندىن چىقىپ كېتىپتۇ، >لەئەل شاھ< قىزر بىلەن رەمزىگۈل ھۇزۇرىغا بېرىپتۇ. رەمزىگۈل >لەئەل شاھ< نى كۆرۈپ گۈلدەك ئېچىلىپ بۇلبۇلدەك سايراپ كېتىپتۇ. ئۇنى تۈرلۈك نازۇ - نېمەتلەر ۋە ئېسىل شارابلار بىلەن مېھمان قىلىپتۇ، سازەندە قىزلىرىغا نەغمە قىلدۇرۇپ، ئۇسسۇل ئوينىتىپ، كۆڭلىنى كۆتۈرۈپتۇ. كېيىن ئۇلارنى ئۆز ھۇجرىلىرىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىپ >لەئەل شاھ< نىڭ قوللىرىنى كۆزىگە سۈركەپ لەۋلىرىگە سۆيۈپتۇ. يېنىدا قونۇپ قېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. >لەئەل شاھ< بۇ يەردە يالغۇز قېلىش نالايىق ئىكەنلىكىنى، تاڭ ئېتىش ۋاقتى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆز ماكانىغا شۇ سائەتتە كەتمىسە زادى مۇمكىن بولماسلىقىنى ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئەتە يەنە يېرىم كېچىدە كۆرۈشكىلى ۋەدە بېرىپ قايتىپتۇ. ئەتىسى شاھ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن ۋەزىر ئۇنىڭ خانىسىغا كىرىپ: - جانابىي شاھىم، مەن ئۆتكەن كېچە ئاجايىپ بىر ۋەقەنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، - دەپتۇ. - قېنى قانداق ئىشكەن بايان قىلغايسەن، - دەپتۇ شاھ. - بۇ كارامەت بىر ئىش! بۇ ۋەقەنى تاكى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگۈچە ئىشەنمەيسىز، - دەپتۇ ۋەزىر. - قېنى مەيلى، ئۇنى كۆرۈشنىڭ يولىنى كۆرسەت! - جانابىڭىزغا بۇ ۋەقەنى كۆرسىتىشتىن ئاۋۋال مېنىڭ بىر شەرتىم بار، ئەگەر شۇنىڭغا كۆنسىڭىز، ئۇندىن كېيىن كۆرسەتكەيمەن. - قېنى شەرتىڭنى ئېيت! - دەپتۇ شاھ. - شەرتىم شۇكى، سىز بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ھەم ئۇنىڭدىن پېقىر خۇلاسە چىقارغىچە شاھلىق ئورنىنى ماڭا بېرىپ تامغىنى تاپشۇرىسىز. شۇندىن كېيىن بۇ ئاجايىپ كارامەتنى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولىسز. - قېنى سۆزلە، شەرتىڭنى ئورۇندايمەن. - يوقسۇ تەقسىر، ئاۋۋال تامغىنى تاپشۇرغايسىز، - دەپتۇ ۋەزىر، شاھ بۇ كارامەت ۋەقەنى بىلىشكە ناھايىتى قىزىققانلىقى ئۈچۈن ۋەزىرنى ۋەقەدىن كېيىن تامغىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قەسەمياد قىلغۇزۇپ تامغىنى تاپشۇرۇپتۇ. - خوش ئەمىسە، بۈگۈن كېچە تۈن يېرىم مەزگىلىدە ئۆزلىرى پۇقراچە كىيىنىپ يولۇچى سۈپىتىدە رەستىنىڭ نېرىقى چېتىدىكى ھالۋىچى موماينىڭ دۇكىنىغا كىرىپ ئولتۇرسىلا، مەن ئېيتماقچى بولغان ۋەقەنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ بىلىلا، شۇندىن كېيىن ئوردىغا قايتىپ كېلىپ كۆرگەنلىرىنى ماڭا بايان قىلىلا، ئاندىن كېيىن مەن ۋەقەنىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىمەن. سىلە بۇنىڭغا قايىل بولغاندىن كېيىن تامغىنى تاپشۇرۇپ تەختتىن چۈشىمەن، - دەپ ۋەزىر تامغىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپتۇ. شاھ يېرىم كېچە بىلەن ۋەزىرنىڭ دېگەنلىرى بويىچە ھالۋىچى موماينىڭ دۇكىنىغا كىرىپ كەپتۇ، >لەئەل شاھ< بۇ يولۇچى مۇساپىرنىڭ ئالدىغا ھالۋا قويۇپتۇ. پادىشاھ >لەئەل شاھ< بىلەن ئەھۋاللىشىپ ھاۋا يەپ ئولتۇرغاندا، دۇكاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاختاي كۆتۈرۈلۈپ، پانۇس كۆتۈرگەن ئىككى قىز چىقىپتۇ. شاھ قورقۇپ كېتىپ >سۈبھانئاللا< دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. قىزلار يەنە: - ھاي - ھاي ئەي ئەزىز يىگىت، سىز يەنە نېمە ئۈچۈن ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلمايسىز، مەلىكە رەمزىگۈل يولىڭىزغا ئىنتىزار بولۇپ زار - زار يىغلىماقتا، دەررۇ بارمىسىڭىز ھالىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ، قېنى، مەرھەمەت قىلىپ يۈرۈڭ بىز بىلەن شاھ سارىيىغا، - دەپ يەر ئاستى يولغا چۈشۈپتۇ. شاھ قىزنىڭ كېنىزەكلىرىنى تونۇپتۇ. بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى كۆرۈپ قىزنىڭ كارامىتىنى چۈشىنىپتۇ. ئەمما غەزىپى كېلىپ يېرىلغۇدەك ئەھۋالغا كەلسىمۇ ۋەزىرنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە ۋەقەنىڭ خۇلاسىسىنى ئەتىسى چىقارماقچى بولغىنىنى ئېسىگە ئېلىپ، دۇكاندىن چىقىپ ئوردىغا قايتىپتۇ. >لەئەل شاھ< كېنىزەكلەر بىلەن بىللە يەر ئاستى يولى بىلەن شاھ قىزىنىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئەتىسى پادىشاھ تەختكە چىقىپ، جاللات باشلىقىنى چاقىرىپ: - ئەي سەردار جاللات، نۆكەرلىرىڭنى تەييارلاپ بېرىپ، رەستە دوقمۇشىدىكى ھالۋىچى موماينىڭ ئوغلىنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلغايسەن، - دەپ ئەمىر قىپتۇ. جاللات باشلىقى قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، مۈرىسىگە ساپتۇ - دە، لەئەل شانى چاپقىلى مېڭىپتۇ. - جاللات توختا، توختا! - دەپتۇ ۋەزىر ۋارقىراپ شاھنىڭ تامغىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ، - بۈگۈنكى يېڭى ئەھۋالنى بىلدىڭمۇ؟ تەختتىكى شاھ ئەمەس، ماۋۇ شاھلىق تامغىسىنى كۆردۈڭمۇ؟ شاھلىق قىلىش ئەمدى كىمنىڭ قولىدا ئىكەن! مانا مەن شاھ بولدۇم. مېنىڭ ئەمىر قىلىشىمنى ئاڭلاپ تۇرغايسەن. جاللات قىلىچىنى سېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ۋەزىر شاھ ئالدىغا كېلىپ: - ئەي قەدىرلىك شاھىم، مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق غەزەپكە كېلىشىڭىزنى پەملەپ شاھلىق ھوقۇقىنى ۋاقىتلىق قولغا ئېلىپ تۇرغانىدىم. سىز بۇ ئىشتا ھەر قانچە خاپا بولسىڭىزمۇ مەن شۇنى ئېيتىپ قويايكى، نۇرغۇن پادىشاھلار رەھىم - شەپقەتنى دوست تۇتمايدۇ. ئۆزىنىڭ جاھىللىقى بىلەن شەخسىي خاھىشىغا بېرىلىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇ ئەھۋالدا ئالىيجانابلىق قىلالمايدۇ. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، قىزىڭىز رەمزىگۈل بۇ غېرىپ موماينىڭ مۇساپىر ئوغلىغا كۆپۈي قاپتۇ، بۇ ئوغۇلنىڭ ئايدەك جامالى يۇرتىمىزنىڭ قاراڭغۇ كېچىسىنى يۇرۇتۇۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇش پۇراق گۈلدەك بىر يىگىتكە قىزىڭىز رەمزىگۈلنى قوشۇپ ئۇنى مۇراد - مەقسىتىگە يەتكۈزسىڭىز ئالىيجانابلىق بولمامدۇ؟! ئەكسى ھالدا شۇنداق يىگىتنى ئۆلتۈرۈپ ئۇۋال قىلسىڭىز، قىزىڭىزنىمۇ زار - زار قاقشىتىپ نابۇت قىلسىڭىز، قارا كۆڭۈللۈك بولۇپ جاھالەت يولىنى تۇتقان بولۇپ قالمامسىز؟ ئەمدى مېنىڭ شاھلىق ئورنىدا تۇرۇپ ئېيتىدىغان سۆزۈم تۈگىدى. ئەھۋالنى جانابىڭىزغا ئېيتىپ قويدۇم، ماقۇل كۆرگىنىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسىز! - دەپتۇ ۋەزىر. شاھ ئاقىل ۋەزىرنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ: - قەدىردان دوستۇم، ئاقىلدار ۋەزىرىم. سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقىيقەت. مەن ئالىيجانابلىق يولىنى تاللىدىم، قىزىم رەمزىگۈلنى ھالۋىچى موماينىڭ ئوغلىغا قوشۇپ ئۇنى كۈيئوغۇل قىلغايمەن. سەن بۇنى پۈتۈن خالايىققا جاكارلىغايسەن، - دەپ خۇشاللىق بىلەن ۋەزىرنى قۇچاقلايدۇ. شۇندىن كېيىن ئاقىل ۋەزىر يۇرتقا ئاش تارتىپ، بىر - قانچە كۈن توي - تاماشا قىلىپ بېرىپ، ھالۋىچى موماينىڭ >ئوغلى< غا شاھنىڭ قىزىنى نىكاھلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇ خۇشاللىق بىلەن تەڭ ۋەزىر تامغىنى ئېگىسىگە تاپشۇرۇپتۇ. بىراق رەمزىگۈل مۇرادىغا يېتىپمۇ كۈلمەپتۇ. >لەھەل شاھ< كىيىملىرىنمۇ سالماستىن ئۇيقۇغا چۆمۈپتۇ. رەمزىگۈل بولسا تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ دىدارىغا قاراپ ئۇخلىماي چىقىپتۇ. ئەھۋال بىر نەچچە ئاي شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەرگەندىن كېيىن رەمزىگۈل: >لەئەل شاھ ماڭا كۆڭۈلسىز بولسا كېرەك< دەپ قاتتىق ئۇيقۇغا چۆمۈپتۇ. ئۇنىڭ چىرايلىرى سارغىيىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن ئانىسى: - ئەي ئەزىز قىزىم! سېنى ئۆزۈڭ كۆيگەن ئاشىقىڭغا قوشۇپ مۇراد - مەقسىتىڭگە يەتكۈزگەنىدۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇنچە غەمكىن بولۇپ، گۈلدەك چىرايىڭ سولىشىپ كەتتى؟ ئەمدى يەنە نېمە دەردىڭ بار - دەپ سوراپتۇ. رەمزىگۈل ئانىسىغا يىغلاپ تۇرۇپ لەئەل شاھنىڭ ئۆزىگە قارىماي يۈرگەنلىكىنى بىرمۇ بىر بايان قىپتۇ. ئانا قىزىغا ئىچ ئاغرىتىپ: - سەن ئۇنىڭدىن >ماڭا يېقىنچىلىق قىلمايسىز، ھېچ كۆڭۈل بەرمەيسىز، بۇنىڭدا نېمە سەۋەب بار< دەپ سورا، - دېگەن مەسلىھەتنى بېرىپتۇ. رەمزىگۈل بۇ مەسلىھەتكە ماقۇل بولۇپ >لەئەل شاھ< قا شۇ سوئالنى قويۇپتۇ. - ئەي مېنىڭ ئۈچۈن جان پىدا بولغان ئەزىز مەلىكەم، سىز بۇ سۇئالنى ناھايىتى ياخشى قويدىڭىز، - دەپتۇ >لەئەلشاھ< - ئەگەر بۇ سىرنى بىلىشنى خالىسىڭىز ئاتىڭىزغا دەپ، ماڭا يەتتە كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن شاھلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ بەرسىڭىز. شۇ ھەپتە ئىچىدە مەن بۇ سىرنى سىزگە ئاشكارىلاپ قېلىشىم مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاجىم يوق. رەمزىگۈل خۇشال ھالدا: - خوپ ئەزىزىم، ئاتام مېنى ئۆز جېنىدىن يۇقىرى كۆرىدۇ. مەن ئۇنى سىزنىڭ يەتتە كۈنلۈك شاھلىق ئەمرى يۈرگۈزۈشىڭىزگە جەزمەن كۆندۈرىمەن. سىز خاتىرجەم بولۇپ تۇرۇڭ، - دەپ ئانىسىنىڭ ئارامگاھىغا يۈرۈپ كېتىپتۇ. رەمزىگۈل ئانىسى بىلەن شاھ ئالدىغا كىرىپ كۈيئوغلىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر سىرى بارلىقىنى، بۇنى شاھلىق ھوقۇقى ئورنىدا بولمىغۇچە ئېچىپ تاشلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن شاھ كۈيئوغلىغا شاھلىق ھوقۇقىنى يەتتە كۈنلۈك يۈرگۈزۈشكە بېرىشنى سوراپتۇ. بولمىسا قىز بەختسىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. شاھ ماقۇل بولۇپتۇ. >لەئەلشاھ< تەختكە چىققاندىن كېيىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتىدىغان كوچىغا سەھنە تۈزەتكۈزۈپ بارلىق شەھەر خەلقى شۇ سەھنە ئالدىدىن بىرمۇبىر ئۆتۈش ئۈچۈن بۇيرۇپ چۈشۈرۈپتۇ. >لەئەلشاھ< ئوردا ئەھلى بىلەن يۇرت قازىسىنى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى سەھنىگە چىقىرىپ تۇرغۇزۇپ، ئۆتكەن ھەر بىر ئادەمگە قاراپ تۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. ئۆزى بولسا ناھايىتى دىققەت بىلەن ھەر بىر ئادەمگە سىنچىلاپ قاراپ تۇرۇپتۇ. خەلق بىر - بىرىدىن سەھنە ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. يەتتە كۈن ئىچىدە بارلىق شەھەر خەلقى ئۆتۈپ بولۇپتۇ. ۋاقىتلىق شاھ ھەقىقىي لەئەل شاھتىن ھېچقانداق دېرەك ئالالماي ناھايىتى غەمكىن ھالدا ئوردىغا قايتىپتۇ. ئۇ مەلىكە رەمزىگۈلگە: - سىز بېرىپ ئاتىڭىزغا مۇراجىئەت قىلسىڭىز، مېنىڭ سىزگە كۆرسىتىدىغان سىرىم تېخى ئېچىلمىدى. ئەگەر مۇمكىن بولسا يەنە يەتتە كۈن شاھلىق ھوقۇقىنى بەرسە، - دەپ ئىلتىماس قىلىپتۇ. شاھ يەنە ماقۇل بولۇپتۇ. بۇ قېتىم >لەھەل شاھ< يۇرت ئەھلىگە: - بارلىق شەھەر خەلقى يەتتە كۈنگىچە بارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى مېنىڭ ئالدىمدىن بىرمۇ بىر ئېلىپ ئۆتسۇن، - دەپ پەرمان چىقىرىپتۇ. شەھەر خەلقى ئىچىدە >پادىشاھنى كۈيئوغلى ئاينىپ قالغانىكەن، ئەگەر ساق يىگىت بولسا ئۆزى يۇرت ئارىلاپ ئادەم ۋە ھايۋانلارنى كۆرۈپ سەيلە قىلسا بولمامدۇ، ئۇلارنى بىردىن ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ كۆرۈش بۇ قانداق ئەخمەقلىق!< دېگەندەك سۆز - چۆچەكلەر تارقىلىپتۇ. يەتتە كۈن ئىچىدە >لەئەل شاھ< شەھەر خەلقى يېتىلەپ ئۆتكەن ئات - ئېشەك، قوي - كالا، مۈشۈك - توخۇلارغىچە سەپسېلىپ شۇنچە سىنچىلاپ دىققەت قىلسىمۇ لەئەل شاھتىن قىلچە دېرەك ئالالماپتۇ. يەتتىنچى كۈنى كەچ بولۇپ، >لەئەل شاھ< ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە خىيالغا پېتىۋاتقاندا، بىر قاسساپنىڭ بىر قوشقارنى يەر ئاستىدىكى گەمىگە سولاپ بېقىپ يۈرگەنلىك خەۋىرى يېتىپ كەپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ شوخ بالىلىرى شۇ كۈنى تۇتاش كەتكەن كوچا تاملىرىنىڭ ئۆگزىسىدە يۈگۈرۈشۈپ ئويناۋېتىپ قاسساپنىڭ گەمىسى ئىچىدە بىر قوچقارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. بۇ سىرنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ يۈرگەن قاسساپ بالىلاردىن بىرنى تۇتۇۋېلىپ ئىككى تەستەك ئۇرۇپتۇ. قالغان بالىلار قېچىپ بېرىپ بۇ ئەھۋالنى ۋاقىتلىق شاھقا ئەرز قىپتۇ. شاھنىڭ ئەمرى بىلەن قاسساپ >قوچقار< بىلەن ئېلىپ كېلىنىپتۇ. قوچقار سەھنە ئالدىغا كەلگەندە ۋاقىتلىق شاھقا قاراپ تەلمۈرۈپ كۆزىدىن مۇنچاقتەك ياش تۆكۈلۈپتۇ. شاھنىڭ يۈرىكى >جىغ< قىلىپ پۈتۈن تېنى تىترەپ كېتىپتۇ. شاھ قاسساپنىڭ ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ ئۇنىڭ جادۇگەر ئىكەنلىكىنى، لەئەل شاھنى قوچقارغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلىپتۇ - دە: - ئەي قاسساپ، بۇ يىگىتنى دەرھال ئەكسىگە كەلتۈر! - دەپتۇ. - ئۇ ئەسلىدىن ئۈزۈمنىڭ قوچقىرى، تەقسىر شاھىم! - دەپتۇ قاسساپ. - يالغان بۇ ئەسلىدە بىر يىگىت، سەن بۇنى سېھىرلىگەن! - يوقسۇ تەقسىر، بۇ ئۆزۈمنىڭ ساغلىقى تۇغقان قوچقار. - يالغان! ياخشىلىقچە ئەسلىگە كەلتۈرسەڭ گۇناھىڭدىن ئۆتىمەن. بولمىسا ئەڭ دەھشەتلىك يول بىلەن ئۆتۈرۈلىسەن! - ئەزبىرايى خۇدا، ئۆزۈمنىڭ قولىدا چوڭ بولغان قوچقار. شاھ دەرغەزەپ بىلەن: - بۇ قاسساپنىڭ تېرىسىگە كىرىپ ئالغان جادۇگەر، بۇنى جادۇغا بېسىپ كاللىسىنى ئېلىش كېرەك! - دەپ جاكارلاپتۇ. پۈتۈن خالايىق ھەيران قاپتۇ. جاللاتلار قاسساپنى جادۇ تىغى ئاستىغا باسقاندا، قاسساپ >ۋاي شاھىم، مەن راستىنى ئېيتاي< دەپ يالۋۇرۇپتۇ. چاپارمەنلەر >قاسساپ< نى يۆلەپ تۇرغۇزۇپتۇ، ھىيلىگەر >قاسساپ<پۈتۈن خەلققە قاراپ: - خالايىق، ماڭا ئۇۋال بولدى، بۇنداق ناھەق ئىش بىلەن پېقىر ئۆلۈمگە كەتسە ئادالەتلىك ئىش بولامدۇ؟ مېنى بۇ ئازابتىن قۇتقۇزغايسىلە! - دەپ مۇراجىئەت قىپتۇ. قاسساپنىڭ ھالىغا ئېچىنغان خالايىق >بۇ قانداق ئەھۋال< دەپ تەرەپ - تەرەپتىن ۋارقىرىشىپتۇ. ۋاقىتلىق شاھ: - ئەي خالايىق! بۇ جادۇگەر سىلەرنى ئالداۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ بۈگۈن مېنىڭ دېگىنىمگە كۆنمىسە چاناپ ئۆلتۈرگەيمەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭ سىرىنى ئېچىشقا چارە تاپىمەن، ئاندىن ھەممە ۋەقەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن ھەر بىرىڭلار خەۋەردار بولىسىلەر، - دەپتۇ - دە: >جاللات، جادۇ بىلەن كاللىسىنى كەس< دەپ ئەمىر قىپتۇ. جاللاتلار قاساپپنى جادۇغا بېسىشقا تەييارلانغاندا قاسساپ يەنە >ۋاي ئىقرار قىلاي< دەپ ۋارقىراپتۇ. - ھە، قېنى كاللاڭ جادۇ ئاستىدا تۇرغاندا ئەپسۇنىڭنى قايتۇرساڭ قۇتۇلىسەن، - دەپ ۋارقىراپتۇ شاھ. جادۇگەر قاسساپ قايتۇرۇش ئەپسۇنى ئوقۇپ قوچقارغا >سۈپ< دېگەنىكەن، لەئەل شاھ بىر سىلكىنىپ ئەسلىگە كېلىپ >ئەجەپ ئۇخلاپتىمەن< دەپ ئىپارگۈل ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپتۇ. خالايىق ۋە پۈتۈن ئوردا ئەھلى >ھۇبھاناللا، بۇ ئاجايىپ خىسلەتقۇ< دەپ ھەيرانلىقتا قاراپ قېلىشىپتۇ. جادۇگەر ئۆز قىلمىشىنى خالايىق ئالدىدا بىرمۇبىر بايان قىپتۇ. ئاشىق - مەشۇق قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ۋاقىتلىق شاھ ئىپارگۈل ئەرەنچە كىيىمىنى سېلىپ ئۆزىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بايان قىپتۇ، خالايىق ئىپارگۈلگە ئاپىرىن ئوقۇپ ئۇنىڭ دانىشمەنلىكىنى ماختاپ، ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ قايتا ئۇچراشقانلىقىنى تەبرىكلىشىپتۇ ۋە جادۇگەر قاسساپنى شۇ ھامان دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلىشىپتۇ. خەلقنىڭ تەلىپى ئورۇنلانغاندىن كېيىن، ئىپارگۈل: - ئەي خالايىق، ئەمدى مېنىڭ بىر تەلىپىم بار، شۇنى كۆپچىلىك ۋە ئاتىمىز شاھى ئەزەم قوبۇل قىلسا بايان قىلسام، - دەپ كۆپچىلىككە مۇراجىئەت قىپتۇ. - سۆزلەڭ، سۆزلەڭ دانىشمەن مەلىكەم، - دەپ چۇرقىرىشىپتۇ خالايىق. - مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، - دەپتۇ ئىپارگۈل قولىنى كۆكسىگە قويۇپ شاھقا تەزىم قىلغاندىن كېيىن، - رەھىمدىل شاھ ئاتىمىزنىڭ شەپقىتى بىلەن بىز ھەقىقىي ئاشىق - مەشۇقلار مۇراد - مەقسىتىمىزگە بەتتۇق، مەن مەلىكە رەمزىگۈل ئاشىق بولۇپ قالغان لەئەل شاھ بولماي، لەئەل شاھنىڭ مەشۇقى ئىپارگۈلدۇرمەن. سېھىرلىنىپ قايتا ئەسلىگە كەلگەن مانا بۇ يىگىت شاھزادە لەئەل شاھتۇر. بۇ يىگىت بولسا مەندىن نەچچە ھەسسە گۈزەل ۋە بىلىم مەرىپەتتە تەڭداشسىز، ئەگەر بۇنى مەلىكە رەمزىگۈل خالىسا، ھەقىقىي لەئەل شاھ بىلەن قوشۇلسا، مەن بۇلارنىڭ خىزمىتىدە جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ بۇ ئىلتىماسىمغا شەپقەتلىك ئەزىز ئاتىمىز، شاھىمىز ۋە مېھرىبان مەلىكىمىز رەمزىگۈلنىڭ ماقۇل بولۇشىنى تىلەيمەن. - ئالىيجانابلىق، مەردلىك، - دەپ ۋارقىرىشىپتۇ خالايىق. پادىشاھ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ، رەمزىگۈل ھەقىقىي لەئەل شاھنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاراپ ئىپارگۈلگە ئاشىق بولغان ئوت - پىراقىغا يەنە بىر ئوت قوشۇلغاچقا قېن - قېنىغا پاتماستىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىپارگۈلنى قۇچاقلاپ پىشانىسىغا سۆيۈپتۇ. پۈتۈن خالايىق تەنتەنە قىلىپ چوقان كۆتۈرۈپتۇ. پادىشاھ ھاياجانلىنىپ، پۈتۈن خەلققە قاراپ مۇنداق دەپتۇ: - ھەي خالايىق ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، بۈگۈن ئاجايىپ بىر سىر ئاشكارا بولدى. شۇنىڭ بىلەن چەكسىز خۇشاللىق ۋە بەختلىك ئۇچرىشىشلار بولۇپ ئۆتتى، مەن مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر كۈندە شۇنى جاكارلايمەنكى: مەن شاھلىق ئورنۇمنى ھەقىقىي لەئەل شاھقا ئۆتۈنۈپ بېرىمەن. لەئەل شاھ پادىشاھ بولۇپ تەختكە چىقىدۇ، پېقىر ئىستىقامەت قىلىمەن. مەلىكە ئىپارگۈل ئوڭ قول ۋەزىر ھەم چوڭ خانىش بولىدۇ. مەلىكە رەمزىگۈل سول قول ۋەزىر ھەم كىچىك خانىش بولىدۇ. بۇ ئۇلۇغ تەنتەنە ئۈچۈن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلغايسىلەر! شۇنىڭ بىلەن لەئەل شاھ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپتۇ. ئىككى گۈل مەلىكە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ مۇراد - مەقسەتلىرىگە يېتىپتۇ. ھەقىقىي لەئەل شاھ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئەقىلدار ۋەزىرنى بىر - ئۇستاز تۇتۇپ، يۇرت ئىچىنى ئامان، خەلقنى پاراۋان تۇرۇشقا يەتكۈزۈپتۇ. قۇدرەتلىك ئەسكەر تەييارلاپ، ھىيلىگەر ۋەزىر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئەزىز ماكانىدىكى ئانا ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كويىغا چۈشۈپتۇ ۋە بۇ مەقسىتىنى قېيىن ئاتىسىغا بايان قىلىپ ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەسكەر باشلاپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئىككى گۈل مەلىكە ۋە ئالاقىدار ۋەزىر بىلەن بار مەسلىھەت ئىككى ئاي يول يۈرگەندىن كېيىن كۆزلىگەن شەھەرنىڭ بىر دەرياسى بويىدىكى ئورمانزارلىق ئىچىگە بارىگاھ قۇرۇپ ئورۇنلىشىپتۇ. لەئەل شاھ بۇ يەردە ئۈچ كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن ئىككى پاسىبانى بىلەن ئىككى نەۋكەرنى شەھەر ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار شەھەر كوچىلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ تۈرلۈك ھۈنەرۋەنلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ كۆرۈپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ نۇرغۇن ھالاكەتلىك ھادىسىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى، لەئەل شاھ دەپ كەلتۈرگەن ئۇجارنىڭ، ئىپارگۈلنىڭ ئاتىسى، لەئەل شاھنىڭ ئىككى ئانىسى ۋە ئۇستازىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلىپتۇ. لەھەل شاھ بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ، ئىنتىقام ئېلىشقا ئاتلىنىپتۇ. ئاقىل ۋەزىر بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، تۈن نىسپى بولغاندا شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇجارنى تۇتۇپ كېلىپ، تاڭ سەھەردە دارغا ئېسىپتۇ. پۈتۈن يۇرت ئەھلىنى ئۇجارنىڭ زۇلىمىدىن ئازاد قىپتۇ. لەئەل شاھ ئاقىل ۋەزىرنى مۇشۇ شەھەرگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەپتۇ. بۇ دانىشمەن، رەھىمدىل شاھ خەلقنى شاد - خۇرام تۇرۇشقا يېتىشتۈرۈپتۇ. لەئەل شاھ ئۆز ئوردىسىغا قايتىپ، ئىككى مەلىكىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ھالۋىچى موماينى شاھ ئوردىسىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە ئانا قىپتۇ يۇرتنى ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق