UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققەھرىماننىڭ ھىكايىسى

قەھرىماننىڭ ھىكايىسى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا رۇم مەملىكىتىدە جەبرە كەبىر ئىسىملىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرسىنىڭ ئىسمى قەدرات. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى قەھرىمان ئىكەن. قەدرات ئون ئىككى ياش، قەھرىمان سەككىز ياش ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھ كېسەل بولۇپ قېلىپ، داۋا كار قىلماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئىككى ئوغۇل يىتىم قاپتۇ. بىر كۈنى قەدرات بىلەن قەھرىمان ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ بېرىپتۇ. ئۇلار دۇئا - تەكبىرنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا، دۇنيانى سايەت قىلىپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان زەمزەم باشلىق بىر توپ دىۋە كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئۇلارغا ئېتىلىپتۇ. دىۋىلەر قەدراتنى تۇتالماپتۇ. قەھرىماننى تۇتۇۋېلىپ ئۆز ماكانى كويقاپقا ئېلىپ بېرىپتۇ. دىۋىلەر ئۇنىڭغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەي ئوبدان بېقىپتۇ. قەھرىمان ھەر كۈنى بىر قولى بىلەن ئون مىڭ پاتمان ئېغىرلىقتىكى تاشلارنى ئاسمانغا ئېتىپ، بىر قولى بىلەن تۇتۇشنى مەشىق قىلىپتۇ. ئاخىر بۇ ھۈنەرنى كامالىغا يەتكۈزۈپتۇ. قەھرىماننىڭ بۇ ئاجايىپ ھۈنىرىنى كۆرگەن دىۋىلەر ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، >ئون ئىككى ياشلىق بالا ھازىر مۇشۇنداق كارامەت ئىشلارنى قىلىۋاتسا ئون بەش - ئون ئالتە ياشلارغا كىرگەندە پۈتۈن كويقاپنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن< دىگەن خىيالغا كەپتۇ. دىۋىلەرنىڭ تەشۋىشى كۈچەيگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەھرىمان دىۋىلەرگە: - مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، قېنى ئېيتىڭلارچۇ، مېنىڭ ئانام كىم؟ ئاتا كىم؟ - دەپ سوئال قويۇپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان دىۋىلەر: - سېنىڭ ئاناڭ دىۋە پەرىزات، ئاتاڭ بولسا ئادىمىزات، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. - ئۇنداق بولسا ئاتا - ئانام ھازىر نەدە؟ - دەپ سوراپتۇ قەھرىمان. - ئاتاڭ ئۆلۈپ كەتكەن، ئاناڭ ھازىر ئادىمىزات بار يەردە، - دەپتۇ دىۋىلەر. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ قەھرىمان، - مەن ئانامنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىمەن! قەھرىماننىڭ بۇ جىددىي تەلىپىنى ئاڭلاپ دىۋىلەرنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار قەھرىماننى قانداق قىلىپ كويقاپنى تاپالماس قىلىۋېتىشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ. ئاخىرى ئۇلار قەھرىماننىڭ كۆزىنى تېڭىپ، بىر چۆلگە ئېلىپ بېرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. ئەمدى گەپنى قەھرىماننىڭ يۇرتىدىن ئاڭلايلى. جەبرە كەبىر ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق تاجىنى ئۇنىڭ ئىنىسى ھۇشات كىيگەن ئىكەن. ھۇشات پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن پادىشاھلىقنى ئادىل ۋە دادىل قىلىپتۇ. پۈتۈن خەلقى ئۇنىڭدىن رازى ئىكەن، ئۇنى ھۆرمەتلەيدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دەھىندى دىگەن جايدىن بىر قانچە مىڭ پۇقرا پادىشاھ ھۇشاتنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بىزنىڭ پادىشاھىمىز ئەلنى ئادىل سورىمىدى، خەلققە ئالۋاڭ - ياساق، باج - سېلىقلارنى كۆپ سالدى، نۇرغۇن بىگۇنا ئادەمنى زىندانغا تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئۆز ماكانىنى تاشلاپ چەت - جايلارغا سەرسان - سەرگەردان بولۇپ چىقىشقا باشلىدى. بىزمۇ جېنىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق، - دەپتۇ. پادىشاھ ھۇشات بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەھىندى خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش قارارىغا كەپتۇ. ئۇ جاھانغا تونۇلغان داڭلىق پالۋانلاردىن ئوتتۇزنى تاللاپ ئۇنىڭغا گەردان دىگەن بىر سەركەردىنى باشلىق قىلىپ، ئۈچ يۈز مىڭ قوشۇن بىلەن دەھىندىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار ساق ىر ئاي يول يۈرۈپ، سەپىرىنىڭ يېرىم يولغا كەلگەندە بىر يىگىت بىلەن بىر قىزنىڭ تىلسىم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. باش سەركەردە گەردان سەركەردىلىرىگە: - بىز بۇلارنى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرمىگۈچە سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماسلىقىمىز لازىم، - دەپتۇ. بۇ ئىككى ياشنىڭ بېلىنىڭ تۆۋەن تەرىپى قۇرام تاشقا پېتىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ شۇ تەرىقىدە تۇرغىنىغا يىگىرمە تۆت يىل بولغان ئىكەن. پادىشاھ ھۇشات باش سەركەردە گەردانغا: - بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ. گەردان: - بۇ يەردىن بىر يىللىق يىراق جايدا زاغزاق ئاتلىق بىر دىۋە بار. بۇنىڭ سىرىنى شۇ بىلىدۇ. مەن زاغزاق بىلەن بىللە ئۆسكەن، مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى دەي، - دەەپتۇ ۋە پادىشاھدىن رۇخسەت ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئەسلىدە سېھىرگەرلىك ھۈنىرىنى پۇختا بىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر كۆتىرىلىپ كۆك كەپتەرگە ئايلىنىپ ئۇچۇپتۇ. ئۈچ كېچە - كۈندۈز توختىماي ئۇچۇپ، ئاخىرى زاغزاق دىگەن دىۋىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. زاغزاق ئۇنى ناھايىتى ئوبدان كۈتىۋاپتۇ. ئۇنىڭغا زىياپەت بېرىپتۇ. گەردان ئۆزىنىڭ مۇدداسىنى ئېيتىشقا ئالدىرىماپتۇ. پەقەت: - مەن زېرىكىپ قېلىپ، سېنىڭ يېنىڭغا بىرەر يىل تاماشا قىلاي دەپ كەلدىم، - دەپتۇ. ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن زاغزاق ئۇنىڭغا: - سن بۇ يەرگە بىرەر مۇددىئا بىلەن كەلدىڭ. زادى قانداق ئىش دىگىن، - دەپ كوچىلاپ سوراپتۇ. گەردان ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان زاغزاق گەرداننىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپتۇ ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزلەپتۇ. ئاخىرى زاغزاق: - بۇ يەردىن بىر كۈن ماڭسا بارغىلى بولىدىغان جايدا بىر دىۋە بار. بۇ دىۋىنىڭ چىنار ئۈستىدە ئالتۇن تەختى بار، ئۇ ھازىر شۇ يەردە ئۇخلاپ ياتىدۇ. ئۇ بىر ئۇخلىسا قىرىق كېچە - كۈندۈز ئۇخلايدۇ. ئۇنىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن بىر شامال دەرياسى، بىر ئوت دەرياسى ۋە بىر مۇز دەرياسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كدلىدۇ. مەن بىر ئوچۇم توپىغا ئەپسۇن ئوقۇپ قەغەزگە يۆگەپ ساڭا بېرەي. بۇ توپىدىن دەرياغا چاچساڭ يول ئېچىلىدۇ. دىۋىنىڭ قېشىغا بارغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئەپسۇن ئوقۇلغان توپىدىن ئۇخلاپ ياتقان دىۋىنىڭ بېشىغا چاچساڭ ئۇ ھىچنەرسىنى تۇيمايدۇ. سەن ئۇنىڭ پۇت - قوللىرىنى باغلاپ مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەل، - دەپ يول كۆرسىتىپتۇ. گەردان شۇ بويىچە ئىش قىلىپتۇ. ئاخىرى دىۋىنىڭ پۇت - قولىنى باغلاپ زاغزاقنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاشلاپتۇ. زاغزاق: - بۇ مەلئۇننى ھېلىقى تىلسىم قىلىنغان ئىككى ياشنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ مىڭ پاتمانلىق زەنجىر بىلەن يوغان بىر تۈپ دەرەخكە باغلاپ يۈزىگە ئەپسۇن ئوقۇلغان توپىدىن چاچساڭ ئۇ ئويغىنىپ تىلسىمنى يېشىدۇ، - دەپتۇ گەردانغا چۈشەندۈرۈپ، - سىلەر دىۋە ئويغانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تىلسىم قىلىنغان ئىككى ياشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئېيتىڭلار. ئۇ بىر بولسا تەلىپىڭلارغا قوشۇلىدۇ، بىر بولسا قوشۇلماي قارشىلىق قىلىدۇ، زەنجىرنى ئۈزۈپ قېچىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق قىسا ئۇمۇت بىلەن بىرنى ئۇرساڭلار ئۇ دەرھال ھالاك بولىدۇ. ئىككى قېتىم ئۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن ئاققان قاننى ئىككى تىلسىمنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا سۈرتسەڭلار ئۇلار ئەسلىگە كېلىدۇ. زاغزاق گەردانغا ئىككى دىۋىنى قوشۇپ ھېلىقى دىۋىنى كۆتۈرگۈزۈپ يولغا ساپتۇ. ئۇلار تىلسىم بار يەرگە كېلىپ دىۋىنى يوغان دەرەخكە باغلاپ ئەپسۇن ئوقۇلغان توپىدىن دىۋىنىڭ يۈزىگە چاچقان ئىكەن، دىۋە شۇ ھامان ئويغىنىپ قارشىلىق كۆرسىتىپتۇ. ئەسكەرلەر ئۇنى ئۇمۇت بىلەن بىرنى ئۇرغان ئىكەن، دىۋە ئۆلۈپتۇ. ئۇنىڭدىن ئاققان قاننى ھېلىقى ئىككى ياشقا سۈرگەن ئىكەن، ئۇلار ئەسلىگە كېلىپ، تاشاتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپتۇ. ئۇلار پادىشاھ ھۇشاتنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، كۆپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئەسلىدە يىگىت ئادىمىزاتنىڭ بالىسى، قىز پەرىزاتنىڭ قىزى بولۇپ، بولار ئاشىق - مەشۇقلاردىن ئىكەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قىزنىڭ دادىسى >مەن قىزىمنى ئادىمىزاتنىڭ بالىسىغا بەرمەيمەن< دەپ توسقۇنلۇق قىلىپتۇ. لېكىن، قىزمۇ ئۆز مۇھەببىتىدىن ۋاز كەچمەپتۇ. قىزنىڭ دادىسى بۇنىڭدىن غەزەبلىنىپ بۇ بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقنى تىلسىم قىلىۋەتكەن ئىكەن. بۇلار ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن پادىشاھ ھۇشات لەشكەرلىرىنى باشلاپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار كۆپ يول بېسىپ، چۆل باياۋانلارنى كېزىپ، ئىگىز تاغلاردىن ئېشىپ مېڭىپتۇ. ئەمدى گەپنى قەھرىماندىن ئاڭلايلى: قەھرىمان دىۋىلەر تاشلىۋەتكەن جەزىرىدە بىر بۇلاق بويىنى ماكان تۇتۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەپ كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاڭگالدا ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەن قەھرىمان پادىشاھ ھۇشاتنىڭ ئەسكەرلىرىگە يولۇقۇپ قاپتۇ. ئەسكەرلەر قەھرىماننى مەسخىرە ۋە مازاق قىلىپتۇ. قەھرىمان بوش كەلمەي ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سۆز ياندۇرۇپ ئۇلارنى ئېغىز ئاچالماس قىلىپ قويۇپتۇ. ئاخىرىدا ئۇلار تۇتۇشۇپ قاپتۇ. لەشكەرلەر قەھرىمانغا تەڭ كېلەلمەي تەرەپ - تەرەپكە قېچىپتۇ. بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغاچقا قەھرىمان ئېلىشىشتىن توختاپ ئۆز ماكانىغا قايتىپتۇ. لەشكەرلەرمۇ ئۆز چېدىرلىرغا قايتىپتۇ. لەشكەرلەر چېدىرلىرىغا توپلانغاندىن كېيىن، سەركەردىلەر بۇلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بىر قانچە ئون مىڭ لەشكەرنىڭ بۈگۈنكى جەڭدە ھالاك بولغانلىقىنى بايقاپ، جان ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپتۇ. - ئى پادىشاھى ئالەم، بۈگۈن بىز ئۈچۈن بەخىتسىز، قايغۇلۇق كۈن بولدى. بىز كۆپ چىقىم تارتتۇق. ئەگەر بەختىمىزگە يارىشا كۈن كەچ بولۇپ قالمىغان بولسا ھېلىقى پالۋان سىز بىلەن مېنىمۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدۇرغان بولاتتى، - دەپتۇ گەردان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ غەزەبلىنىپ ۋارقىراپتۇ: - ھۇ ھارام تاماقلار شۇنچە ئادەم يالغۇز بىر كىشىگە تەڭ كېلەلمەي قېچىپ كېلىشتىڭمۇ؟ كېچىچە جەڭ ھازىرلىغىنى ئوبدان قىلىپ ئەتە ئۇنى تۇتۇپ كەلمەيدىغان بولساڭ، سەن گەرداننىڭ جېنىنى ئالىمەن! پادىشاھ ئاچچىقى بىر ئاز پەسكۇيغا چۈشكەندىن كېيىن گەرداننى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. - مەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلاي، - دەپتۇ گەردان. - ئۇنداق بولسا ھازىرقى سائەتتىن باشلاپ ھەركەت قىل، - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ پادىشاھ. گەردان ئوتتۇز نامدار پالۋاننى تاللاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدراتمۇ بار ئىكەن. بۇ ئوتتۇز پالۋان ئەتىسى گەردان باشلىقىدا قەھرىماننى ئىزلەپ چۆللەككە قاراپ مېڭىپتۇ. قەھرىمان ئۆ ماكانىدا بۇلاق بويىدا گۈلخان يېقىپ كاۋاپ پىشۇرۇپ يەپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ ئاتنىڭ دۈپۈرلىگەن تۇياق ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. قەھرىمان >تۈنۈگۈن مەغلۇپ بولۇپ قاچقان دۈشمەنلەر بۈگۈن مېنى تۇتقىلى كەلگەن ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپتۇ - دە، دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۈپ جەڭگە تەييارلىنىپتۇ. ئۇ تەييارلىق قىلىۋاتقاندا لەشكەرلەر يېقىنلاپ قاپتۇ. گەردان ئات ئۈستىدە تۇرۇپ: - ئى يىگىت ئىسمىڭ نىمە؟ زاتىك كىم؟ نەدىن كەلدىڭ؟ سەن ئادىمىزاتمۇ؟ ياكى دىۋە؟ - دەپ سوراپتۇ. قەھرىمان: - مەن رۇم مەملىكىتىدىكى جەبرە كەبىر دىگەن پادىاھنىڭ ئوغلىدۇرمەن. ئاتام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېڭيىن مېنى دىۋىلەر تۇتۇۋېلىپ ئۆز ماكانىغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى. مېنىڭ بىر تۇققان ئاكام بار ئىدى. دىۋىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى مۇشۇ باياۋانغا ئەكىلىپ تاشلىۋەتتى. شۇندىن بۇيان مۇشۇ بۇلاق بويىنى ماكان تۇتۇپ ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ ياشاپ كەلدىم. مېنىڭ ئېتىم قەھرىمان، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قەھرىماننىڭ گېپى تۈگۈمەيلا نېرىدا تۇرغان سەركەردىلەر ئارىسىدىن قەدرات ئېتىلىپ چىقىپ ۋارقىراپتۇ: - ۋاي سەن مېنىڭ ئىنىم قەھرىمانمۇ؟! قەھرىمان يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاكىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئۇلار يىغا - زادە قىلىشىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باشقا پالۋانلارمۇ قوراللىرىنى تاشلاپ، ئاتلىرىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قەھرىمان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. گەردان قەۋەتلا خوش بولۇپ كېتىپتۇ. قەھرىمان بۇلارنى ئۆز كەسىپىگە باشلاپ كىرىپ مېھمان قىلىپتۇ. بۇ خەۋەردىن پادىشاھمۇ بەك خوشال بولۇپتۇ. گەردان باشچىلىقىدىكى پالۋانلار بىر كېچىنى قەھرىمان بىلەن بىللە ئۇنىڭ كەپىسىدە ئۆتكۈزۈپتۇ. قەھرىمانغا پادىشاھنىڭ فامىدىن >بىرىنچى پالۋان< دىگەن نام بېرىلىپتۇ. ئەتىسى تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن پالۋانلار قەھرىماننى ئېلىپ خوشال ھالدا پادىشاھ ھوزۇرىغا بېرىپتۇ. ئۇلار دەھىندىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپتۇ. ئۇلار بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپ بىر دەريا بويىغا كەپتۇ. ئۇلار بۇ دەريادىن قانداق ئۆتۈشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، دەريانىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن سەككىز ئاياقلىق، ئىككى باشلىق، تۆت مۈڭگۈزلۈك بىر مەخلۇق چىقىپ لەشكەرلەرنى سۈر - توقاي قىلىۋېتىپتۇ. لەشكەرلەر ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ مەخلۇققا تەڭ كېلەلمەپتۇ. شۇ چاغدا قەھرىمان يۈرەكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ مىڭ بىر جاپادا بۇ مەخلۇقنى تۇتۇپتۇ. لېكىن بۇ مەخلۇق قارشىلىق بىلدۈرۈپ، سەت چىقىراپ قەھرىماننى دەرياغا سۆرەپتۇ. قەھرىمانمۇ بوش كەلمەپتۇ. قەھرىمان ئاخىرى ئۇنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇرنىغا چىلىك ئۆتكۈزۈپ، يۈگەن سېلىپ، دۈمبىسىگە ئىگەر توقۇپ، ئۆزى جەڭدە مىنىدىغان ئات قىلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن دەريادىن سالامەت ئۆتۈپ يولىنى داۋام قىلىپتۇ. دەھىندىگە بەش كۈنلۈك مۇساپە قالغاندا، دەھىندىنىڭ پادىشاھى بۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پايتەخىتنى باشقا يەرگە يۆتكەپ، پۈتۈن لەشكەرلىرىنى توپلاپ جەڭگە تەييارلىق قىلىپتۇ. ھۇشاتنىڭ لەشكەرلىرى دەھىندىگە يېتىپ بېرىپتۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى ئىككى سەپ بولۇپ تۇرۇشۇپتۇ. ھەر ئىككى تەرەپتىن بىردىن پالۋان ئوتتۇرىغا چۈشۈپتۇ. دەھىندى پادىشاھىنىڭ سەرۋۇق دەمان دىگەن بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ قىزنى ئالىمەن دىگەن ئادم قىز بىلەن ئېلىشىدىكەن. ئېلىشقان ئادەم قىزىنىڭ دۈمبىسىنى يەرگە تەككۈزەلىسە قىزنى ئالىدىكەن، تەككۈزەلمىسە قىز ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالىدىكەن. دەھىندى تەرەپتۇن شۇ قىز ئەرەنچە ياسىنىپ بىرىنچى مەرتەم مەيدانغا چۈشۈپتۇ. ھەر ئىككى تەرەپتىن چۈشكەن پالۋان ئاتلىق بولۇپ، قوللىرىدا قىلىچ بار ئىكەن. قىز ھۇشاتنىڭ يىگىرمە پالۋىنىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ زادىلا چىداپ تۇرالمىغان قەھرىمان پادىشاھ ئالدىغا كېلىپ تازىم بىلەن: - ئەمدى مەيدانغا مەن چۈشەي، جانابى پادىشاھى ئالەم، رۇخسەت قىلسىڭىز، - دەپ تەلەپ قىلىپتۇ. بىراق پادىشاھ قەھرىماننىڭ تەلىپىگە قوشۇلماپتۇ. ھۇشاتنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك قىرىلىپتۇ. شۇندىلا ھۇشات قەھرىمانغا رۇخسەت قىلىپتۇ. قەھرىمان ھېلىقى سەككىز ئاياقلىق، ئىككى باشلىق، تۆت مۈڭگۈزلۈك مەخلۇققا مىنىپ، قولىغا ئۆتكۈر قىلىچ ئېلىپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك نەرە تارتىپ مەيدانغا چۈشۈپتۇ. ئىككى پالۋان مەيدانغا شۇنداق قاتتىق ئېلىشىپتۇكى، ھەممە گۇمپىلىرىنى ئىشقا سېلىپمۇ بىر - بىرىنى يېڭەلمەپتۇ. ئۇلار مەيداندىن چەتنەپ، جاڭگال، تاغ،جىلغا، ئىدىرلاردا ئېلىشىپ بىر تاغنىڭ باغرىغا كەلگەندىن كېيىن ھېلىقى پالۋان قىز: - ھەي پالۋان يىگىت، مەن سەندەك داڭدار پالۋاننى ئۆز ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئەگەر سەن راستىنلا مەرت يىگىت بولساڭ بىر سائەت دەم ئېلىۋالايلى! - دەپتۇ. قەھرىمان قىزنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپتۇ. ھەر ئىككىلىسى ئاتلىرىدىن چۈشۈپتۇ - دە. ئاتنى چولۋۇرۇدىن تۇتۇپ بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن تەرلەپ كەتكەن قىز بېشىغا ئورىۋالغان نەرسىلەرنى يەشكەن ئىكەن، ئۇنىڭ قارا ئۇزۇن چاچلىرى يەلكىسىگە يېيىلىپتۇ. ئۆزى بىلەن يەتتە كېچە - كۈندۈز ئېلىشقان پالۋاننىڭ قىز ئىكەنلىكىنى كۆرگەن قەھرىمان ھەيران بولۇپ قاپتۇ. قىزنىڭ ئايدەك جامالىغا قاراپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر خىل ئىسسىق ئېقىم تاراپتۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئوتى يالقۇنجاشقا باشلاپتۇ. ئۇ >مەن بىرئەر تۇرۇپ يەتتە كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپمۇ بىر قىزنى يېڭەلمىدىم. بۇ بىر نومۇس ئەمەسمۇ< دەپ ئويلاپتۇ. قەھرىمان شۇ ئان غەيرەتلىنىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىپتۇ ۋە قىزغا قاراپ: - ھەي پالۋان، قوپ ئورنىڭدىن! - دەپ ۋارقىراپ ئۇنى ئېلىشىشقا چاقىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى پالۋان يەنە ئاتلىرىغا مىنىپ، قىلىچ ئوينىتىپ ئېلىشىشقا باشلاپتۇ. قەھرىمان ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈپ، نىشانلاپ تۇرۇپ قىزغا بىر قىلىچ ئۇرغان ئىكەن، قىز ئۆزىنى چاققانلىق بىلەن قاچۇرۇۋاپتۇ. ئەمما قىز قەھرىماننىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ قاپتۇ ۋە ھۇجۇمغا ئۆتەلمەپتۇ. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن قەھرىمان ئاجايىپ مەخلۇقنى دېۋىتىپ كېلىپ، ئۆزىنى قىزغا ئېتىپتۇ. ئۇ قىزنىڭ بېلىدىن چىڭ تۇتۇۋېلىپ، قىزنى ئاتتىن يەرگە چۈشۈرۈپتۇ. بۇلار پومداقلىشىپ كېتىپتۇ. قىز بارا - بارا ھالسىزلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قەھرىمان قىزنى بېسىۋاپتۇ. قىز قەھرىمانغا قول قويۇپ ئۆزىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىپتۇ. قەھرىمان قىزنى ئاتقا مىندۈرۈپ، ئۇرۇش مەيدانىغا ئېلىپ كەپتۇ. دەھىندى پادىشاھى تەسلىم بولۇپتۇ. دەھىندى پادىشاھى ھۇشاتنى ئوردىغا ئېلىپ بېرىپ چوڭ زىياپەت بېرىپتۇ. ئۇ ئۆز شەھىرىدىكى بىگۇناھ قامالغان ئادەملەرنى زىنداندىن قويۇپ بېرىپتۇ. دەھىندى پادىشاھى ھۇشاتقا ئەل بولۇپتۇ. ھۇشات دەھىندى پادىشاھىغا ئۆز دۆلىتىنى ئۆزى سوراشنى، بىراق پۇقرالارنى خارلىماسلىقنى بۇيرۇپتۇ. دەھىندى پادىشاھى خوشال بولۇپ، بۇ ئىشلارنى قىلماسلىققا تىلخەت بېرىپتۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ قىزىنى قەھرىمانغا نىكاھلاپ قويۇپتۇ. پادىشاھ ھۇشات ئۆز شەھىرىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىپ تۇرغاندا كويقاپتىن يەتتە دىۋە كېلىپ ئىككى پادىشاھقا: - كويقاپتىكى ئەتتاد نۇرغۇن دىۋىلەرنى زىندانغا تاشلىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۈچ يۈز يىل، كەينىگە يۈز ئەللىك يىل بولدى، ئۇلار ناھايىتى كۆپ جاپا چەكتى. بۇ زىنداننىڭ ئىشىكىگە >بۇلارنى قەھرىمان ئۆزى كېلىپ ئازات قىلغاي< دىگەن چوڭ خەت يېزىلغان. بىز شۇڭا قەھرىماننى ئىزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلدۇق، - دەپتۇ. قەھرىمان بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ. ھۇشات ئۆز شەھىرىگە يول ئاپتۇ. قەھرىمان گەردان بىلەن بىللە دىۋىلەرگە مىنىپ كويقاپقا قاراپ يول ئاپتۇ. سەككىز كېچە - كۈندۈز يول يۈرگەندىن كېيىن كويقاپقا يېتىپ كەپتۇ. قەھرىمان بىر يەرگە كېلىپ: - مۇشۇ يەرگە چۈشەي ۋە ئىشنى باشلاي، - دەپتۇ. دىۋىلەر ئۇنىماي: - بۇ يەر ناھايىتى خەتەرلىك. چۈشۈشكە بولمايدۇ، - دەپتۇ. قەھرىمان ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. ئاخىرى دىۋىلەرنى قايىل قىلىپ، ئۆزى دىگەن يەرگە چۈشۈپتۇ. دىۋىلەر ھېرىپ قالغاچقا قايىدا يېتىپلا ئۇيقۇغا غەرق بولۇپتۇ. گەردان دىۋىلەرنى ساقلاپ شۇ يەردە قاپتۇ. قەھرىمان زىنداندىكى دىۋىلەرنى ئىزلەپ مېڭىپتۇ. ئۇ بىر جايغا بارسا بىر قىلىچ دەرەخكە ئېسىقلىق تۇرىدىكەن. قىلىچنىڭ دەستىگە >بۇ قىلچنى قەھرىماندىن باشقا ھەر قانداق بىر كىشى تۇتمىغايلار< دەپ خەت پۈتۈلگەن ئىكەن. قىلىچى ئىككى ئەجدىھار ساقلاپ ياتىدىكەن. ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ، غاردەك ئاغزىدىن ئوت پۈۋلەپ تۇرىدىكەن. قەھرىمان بۇ ئىككى ئەجدىھارنى ئۆلتۈرۈپ قىلىچنى قولىغا ئاپتۇ. ئاندىن ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ. بىر جايغا كەلسە بىر غاز تۇرغۇدەك. غارنىڭ ئاغزىنىڭ بېرىپ قىلىچنى شۇنداق تۇتقان ئىكەن ئۇنىڭ نۇرىدا غارنىڭ تېگى كۆرۈنۈپتۇ. قەھرىمان غارنىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا، غارنىڭ بىر تەرىپىدە ئىشىك بار ئىكەن. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپتۇ. بۇ يەر ئەسلىدە يەر ئاستى دىۋىلەر ماكانى ئىكەن. قەھرىمان يۈرىگىنى توختىتىپ، سىنچىلاپ قارىسا، بىر چوڭ دىۋە ئۇخلاپ ياتقۇدەك. بۇ دىۋىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، توغرسى ئوتتۇز بەش گەز ئىكەن. قەھرىمان >بۇ دىۋىنى ئويغىتىپ ئۆلتۈرەيمۇ ياكى ئۇخلاپ ياتقان چېغىدا ئۆلتۈرەيمۇ< دىگەنلەرنى خىيالىدىن كەچۈرۈپ تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا غارنىڭ بىر يېرىدىن >ئى قەھرىمان يىگىت، دىۋىنى ئويغاتماي ئۆلتۈرۋەت< دىگەن زىل ئاۋاز كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، غارنىڭ بىر بۇلۇڭدا قەھرىماننىڭ ئايالى سەرۋۇق بىلەن قېيىنى ئاكىسى بىر تۆمۈر قەپەزدە سولاقلىق تۇرغۇدەك، بۇلارنى ئاشۇ دىۋە ئوغرىلاپ كېلىپ مۇشۇ غارغا سولاپ قويغان ئىكەن. قەھرىماننىڭ ئايالى: - ئى قەھرىمان، بۇ دىۋىنىڭ ئازابلىرىنى بىزلا تارتايلى. سىز بۇ يەدىن تېز قايتىپ كېتىڭ، - دەپتۇ. قەھرىمان: - مەن سىلەرنى ھەرگىزمۇ بۇ مەلئۇن دىۋىنىڭ قولىغا قالدۇرۇپ كەتمەيمەن. ياكى دىۋىنىڭ قولىدا ھالاك بولىمەن، ياكى بولمىسا سىلەرنى بۇ يەردىن قۇتۇلدۇرۇپ كېتىمەن، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ قەھرىماننىڭ ئايالى، - ئۇنى ئويغاتماي تۇرۇپ قىلىچ ئۇرۇڭ! - مەن نامەرتلەردىن ئەمەس. ئۆلگەن ئۆلۈكنىڭ بېشىغا قىلىچ ئۇرمايمەن، - دەپتۇ قەھرىمان. ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، ئۆتكۈر قىلىچ بىلەن دىۋىنىڭ پۇتىغا سانجىپ ۋارقىراپتۇ: - ئەي ياۋۇز مەخلۇق، تۇر ئورنىڭدىن! دىۋە ئويغىنىپ بېشىنى كۆتىرىپ قارىغۇدەك بولسا ئالدىدا تولىمۇ كىچىك بىر بالا تۇرغۇدەك. دىۋە دەھشەتلىك ۋارقىراپ، يوغان بىر تاشنى قەھرىمانغا ئېتىپتۇ. قەھرىمان چاققنالىق بىلەن ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ ۋە قىلىچى بىلەن تاشنى ئىككى پارچە قىلىپ تاشلاپتۇ. دىۋە غەزەب بىلەن ئىككى قېتىم قىلىچ ئۇرغان ئىكەن، قەھرىمان قىلىچنى ئۆزىگە تەككۈزمەپتۇ. ئۈچىنچى قېتىم ئۇرغان ئىكەن، قىلىچ قەھرىماننىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىنى ئازراق قىرىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. قەھرىماننىڭ بۇرنىدىن شۇئان ئوقتەك قان كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن دىۋىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ: - شۇ شۇمتەك، جېنىڭ شۇنچىلىك ئىكەنغۇ؟ - دەپ خىقىراپتۇ. قەھرىمان: - سەن ماڭا ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كۆردۈڭ. ئەمدى مېنىڭ جېنىمنىڭ بار - يوقلۇقىنى كۆرۈپ قوي - دەپتۇ. - قېنى، كۈچۈڭنى بىر سناپ كۆرەي! - دەپ ۋارقىراپتۇ دىۋە ۋە قەھرىمانغا تاشلىنىپتۇ. قەھرىمان سەكرەپ تۇرۇپ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان دىۋىنىڭ بېشىغا بىر قىلىچ ئۇرغان ئىكەن، دىۋىنىڭ بېشى يەرگە چۈشۈپتۇ. قەھرىمان ئايالى بىلەن قېينى ئاكىسىغا بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپتۇ. ئۇ ئىچكىرىلەپ" كىرىپ ئاغزى پولات تاختا بىلەن قويۇلغان بىر غارنى كۆرۈپتۇ. قەھرىمان غار ئاغزىغا كېلىپ پولات تاختىنى يۇلۇپ تاشلاپتىكەن، غار ئىچىدىن >قەھرىمان كەلگەن ئوخشايدۇ، ئۇ بىزنى قۇتۇلدۇرىدىغان بولدى!< دىگەن ئاۋازلار كەپتۇ. قەھرىمان غارغا كىرىپ قامىلىپ ياتقان دىۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئازات قىلىپتۇ. دىۋىلەر ئىچىدە سەھىمىنى دىگەن بىر دىۋە بار ئىكەن. ئۇ قەھرىمانغا كۆپ رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزى قەھرىمانغا قۇل بولۇشنى ئېيتىپتۇ. قەھرىمان ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ: - مېنىڭ بىلەن بۇ يەرگە بىللە كەلگەن گەردان ئىسىملىك بىر ھەمرىيىم بار ئىدى. ئۇ ھازىر يىراقتا يەتتە دىۋىنى ساقلاپ قالغان. سەن تېزدىن شۇ يەرگە بېرىپ ئۇنىڭغا مېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ قويغىن، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا ماڭا بىر نىشانە بېرىڭ! - دەپ تەلەپ قىلىپتۇ سەھىمىنى. قەھرىمان بىر ئەڭگۈشتەرنى بېرىپتۇ. سەھىمىنى ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ غاردىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ گەرداننىڭ قېشىغا ئازلا قالغاندا شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، بىر تۈپ يالغۇز دەرەخنىڭ شېخىدا خۇددى تۆگىگە ئوخشايدىغان بىر مەخلۇق گەردانغا خىرىس قىلىپ تۇرغۇدەك. سەھىمىنى >مەن ئۇ يەرگە تېز بارسام بولغۇدەك، سەللا كېچىكىسەم گەردان خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرايدۇ< دەپ ئويلاپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى مەخلۇق گەردانغا ئېتىلغان ئىكەن، باتۇر سەركەردە چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، بىر قىلىچ ئۇرۇپتۇ. ھېلىقى مەخلۇقنىڭ كاللىسى يەرگە پوككىدە چۈشۈپتۇ. ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ يېتىپ كەلگەن سەھىمىنى: - ئى گەردان مەن سىزگە قەھرىماندىن خەۋەر قىلىپ كەلدىم، - دەپتۇ. - نىشانىڭ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ گەردان. سەھىمىنى ھېلىقى ئەڭگۈشتەرنى چىقىرىپ كۆرسىتىپتۇ. گەردان ئەڭگۈشتەرنى كۆرۈپ: - قەھرىمان ھازىر نەدە؟ - دەپ سوراپتۇ. دىۋە: - يەر ئاستى دىۋىلەر ماكانىدا قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇلار قەھرىماننىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. قەھرىمان بىلەن گەردان قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، ھال - ئەھۋال سورىشىپتۇ. ئاخىرى قەھرىمان، گەردان، قەھرىماننىڭ ئايالى ۋە قېينى ئاكىسى ھەم سەھىمىنلار، شۇنىڭدەك باشقا دىۋىلەر غاردىن چىقىپتۇ. قەھرىمان دىۋە ئەتتارنى سۈرۈشتە قىلىپتۇ. ئۇلار بۇ دىۋىنىڭ كويقاپقا قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. قەھرىماننىڭ بۇ دىۋىنى تۇتالمىغانلىقىغا ئاچچىقى كېلىپ كويقاپقا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. باشقىلار قەھرىماننىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپتۇ. قالغانلارنى ئۆز شەھىرىگە يولغا ساپتۇ. قەھرىمان دىۋىلەردىن كويقاپقا قانداق بارىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. دىۋىلەر: كويقاپقا بېرىش ناھايىتى خەتەرلىك. يولدا زور ئوت تىلسىمى بار. بۇ تىلسىمدىن ئۆتۈش، كويقاپقا بېرىش سۇمرۇغنىڭ قولىدىنلا كېلىدۇ. سىز شۇ قۇشنى تېپىڭ، - دەپتۇ. - سۇمرۇغنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ قەھرىمان. رەدە دىگەن دىۋە: - مەن بىلىمەن، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، سەن مېنى شۇ جايغا باشلاپ بارغىن، - دەپتۇ قەھرىمان. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى سۇمرۇغنى ئىزلەپ يولغا چىقىپتۇ. بەش كېچە - كۈندۈز ئۇچۇپ سۇمرۇغ بار جايغا بېرىپتۇ. سۇمرۇغ ياتىدىغان جاي ئەسلىدە ئاسمان پەلەك بىر تاغ ئىكەن. تاغنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسىدا بىر تۈپ چوڭ قارىغاي بولۇپ سۇمرۇغنىڭ ئۇۋىسى شۇ قارىغاينىڭ ئۈستىدە ئىكەن. قەھرىمان تەرلەپ - پىشىپ تاغ ئۈستىگە چىقىپتۇ. سۇمرۇغ بالىلىرىغا گۆش تېپىپ كېلىش ئۈچۈن يىراق بىر يەرگە كەتكەن ئىكەن. ئۇ بىر كەتسە ئۈچ كۈنگىچە كەلمەيدىكەن. قەھرىمان چىنار تۈۋىدە يېتىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن تاغ باغرىدىن يوغان بىر ئەجدىھا دەھشەتلىك ئوت چېچىپ تاغ ئۈستىگە چىقىپتۇ. بۇ ئەجدىھا سۇمرۇغنىڭ بالىلىرىنى يىگىلى چىققان ئىكەن. ھەر يىلى سۇمرۇغ بالىلىغاندا مۇشۇ ئەجدىھا يەپ كېتىدىكەن. قەھرىمان سۇمرۇغ بالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق سايراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، يوغان بىر تاشنى ئەجدىھانىڭ ئوڭ كۆزىگە چەنلەپ ئېتىپتۇ. لېكىن ئەجدىھا يىقىلماپتۇ. قەھرىمان ئەجدىھانىڭ سول كۆزىگە يەنە بىر تاش ئاتقان ئىكەن، ئەجدىھار يەنە يىقىلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قەھرىمان غەزەپلىنىپ، قىلىچنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، ئەجدىھار بىلەن ئېلىشىشقا بەل باغلاپ چىنار تۈۋىدىن قوزغىلىپتۇ. ئەجدىھار بىر دەم تارتقان ئىكەن، قەھرىمان ئەجدىھانىڭ قورسىقىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئەمما، قەھرىماننىڭ توغرىسىغا تۇتقان ئۆڭكۈر قىلچى ئەجدىھارنى ئىككى پارچە قىلىپ تاشلاپتۇ. ئەجدىھا ئۆلۈپتۇ. قەھرىمان ئەجدىھانى ئۇششاق پارچىلاپ سۇمرۇغ بالىلىرىغا ئېىپ چىقىپ بېرىپتۇ. سۇمرۇغ ھەر قېتىم بالىلىرىغا يەم تېپىپ ئۇۋىسىغا ئىككى كۈنلۈك يەرگە كەلگەندە، بالىلىرىنىڭ ئاچلىق ئازابىدىن ۋىچىرلاپ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايدىكەن. بۇ قېتىم بالىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماپتۇ. بىر كۈنلۈك يەرگە كەلسىمۇ ئاڭلانماپتۇ. سۇمرۇغ >ئېھتىمال بالىلىرىمنى ئەجدىھا يەپ كەتكەن بولسا كېرەك< دەپ ئويلاپ، ئەنسىرەپ ئۇۋىسىغا يېتىپ كېلىپ قارىسا، بالىلىرى خاتىرجەم ياتقۇدەك. بۇنى كۆرۈپ سۇمرۇغنىڭ يۈرىگى ئورنىغا چۈشۈپتۇ ۋە: - ئى بالىلىرىم، مەن سىلەردىن ناھايىتى ئەنسىرىگەن ئىدىم، خاتىرجەم، زىيان - زەخمەتسىز، بىر ئوبدان تۇرۇپسىلەر. بىرەر ۋەقە يۈز بەرمىدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئى ئانا، سىز ھەر قېتىم يەم تېپىپ كەلگۈچە قورسىقىمىز ئېچىپ كېتىپ سايرىشاتتۇق. بۈگۈن ئەتىگەن بىزنى بىر ئەجدىھا يىيىش ئۈچۈن كەلگەندە بىر ئادىمىزات ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشنى بىزگە بەردى. قورسىقىمىز توق. ئىشەنمىسىڭىز ئاۋۇ يەردە تۇرغان ئەجدىھانى كۆرۈڭ، - دەپ، تاغ باغرىدا ياتقان ئەجدىھانى كۆرسىتىپتۇ سۇمرۇغ بالىلىرى. سۇمرۇغ ياتقان ئەجدىھانى كۆرسىتىپتۇ سۇمرۇغ بالىلىرى، سۇمرۇغ ئۆلۈك ئەجدىھانى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولۇپ، قەھرىمان ياتقان يەرگە بېرىپ ئۇنىڭغا تازىم قىلىپتۇ ۋە: - ئى پالۋان، بۇ خەتەرلىك جايغا نىمە سەۋەب بىلەن كەلدىڭىز؟ بالىلىرىمنى قۇتقۇزۇپ قاپسىز، بىزگە ناھايىتى زور ياردەم قىلىپسىز. مەن سىزنى ئادىمىزات بار جايغا باشلاپ باراي! - دپتۇ. قەھرىمان: - مەن ساڭا كۆپ ياردەم قىلالمىدىم. مەن سېنىڭ ياردىمىڭگە مۇھتاج بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن يول يۈرۈپ كەلدىم. ئەگەر خالىساڭ مېنىڭ ھاجىتىمدىن چىقساڭ! - دەپتۇ. - قانداق تەلىپىك بولسا، مەن جېنىم بىلەن تەييار، - دەپتۇ سۇمرۇغ. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ قەھرىمان، - مېنى ئوت تىلسمىدىن ئۆتكۈزۈپ، كويقاپقا ئاپىرىپ قويغىن. - بۇ بەك خەتەرلىك سەپەر ئىكەن. خەير، سىنى ئاپىرىپ قوياي، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر كۈن ئوبدان تەييارلىق قىلايلى، - دەپتۇ سۇمرۇغ. قەھرىمان ماقۇل بولۇپتۇ. ئۇ ئەجدىھانى پارچىلاپ سۇمرۇغ بالىلىرىغا بېرىپتۇ. ئەتىسى تاڭ سەھەردە سۇمرۇغ قەھرىماننى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇچۇپتۇ. سەككىز كېچە - كۈندۈز ئۇچۇپ ئاخىرى ئوت تىلسىماتتىن سالامەت ئۆتۈپتۇ. ئۇلار شۇ ئۇچقانچە كويقاپقا كەپتۇ. تۈمۈنلىگەن دىۋە تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ قەھرىمان بىلەن سۇمرۇغقا ئېتىلىپتۇ. قەھرىمان قىلىچىنى ئوينىتىپ قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئۇ بىر دىۋىنى ئۆلتۈرسە مىڭ دىۋە پەيدا بولۇپتۇ. قەھرىمان ھىچنەرسىگە قارىماي جەڭ قىلىپتۇ. سۇمرۇغمۇ جىم تۇرماپتۇ. ئۇ قەھرىمانغا ياردەملىشىپتۇ. يەردىن يوغان تاشلارنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ دىۋىلەر ئۈستىگە تاشلاپتۇ. ھەسىمىنىمۇ گەردان قاتارلىقلارنى يۇرتقا ئاپىرىپ قويۇپ قەھرىماننى ئىزلەپ كويقاپقا كەلگەن ئىكەن. ئۇمۇ قەھرىمانغا ياردەملىشىپتۇ. ئۆلگەن دىۋە جەسەتلىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ كېتىپتۇ. قەھرىمان جەڭ قىلىۋېتىپ شۇنداق قارىغۇدەك بولسا يىراقتىن ئاق بوز ئات مىنگەن، يۈزىگە چۈمبەل تارتقان بىر قىز دىۋىلەرنى قىرىپ - چېپىپ قەھرىمان تەرەپكە قۇيۇندەك كېلىۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرۈپ قەھرىمان ھەيران بولۇپتۇ. شۇ چاغدا سەھىمىنى قەھرىمانغا: - قىلىچنى ماڭا بېرىپ سىز بىردەم ئارام ئېلىڭ، - دەپ ۋارقىراپتۇ. قەھرىمان ھارغان ئىكەن، ئۇ قىلىچنى سەھىمىنگە بېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن دىۋىلەر تەرەپ - تەرەپكە قېچىشىپتۇ. شۇ ئەسنادا يۈزىگە چۈمبەل تارتقان ھېلىقى ئاق بوز ئاتلىق قىزمۇ قەھرىماننىڭ يېنىغا يېتىپ كەپتۇ. قەھرىمان بۇ ئايالدىن: - سىز كىم بولىسىز؟ ئايال كىشى تۇرۇپ نىمىشقا ئۇرۇشقا كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىغان ئىكەن. قىز: - مەن بولسام كويقاپنىڭ پادىشاھى ئەتتاد دىۋىنىڭ قىزىدۇرمەن. ئىسمىم مەيمىن ئارا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قەھرىمان: - سىز بىزگە نىمىشقا ياردەم بېرىسىز؟ - دىگەن ئىكەن، بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز: - چۈشۈمدە ئاتام ئۆلۈپ قالغۇدەك، مەنمۇ ئۆلۈپ قالغۇدەكمەن. بىر توپ كىشىلەر ئاتامنى زەنجىر بىلەن باغلاپ دواخقا ئېلىپ ماڭدى. مېنىمۇ دادام بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭدى. مەن يىغلاپ تۇرۇۋالسام كىشىلەر ئىچىدىن بىرى >ئاتاڭنى دوزاخقا تاشلايمىز. سەن قەھرىمانغا ياردەم بەرسەڭ، ئۆزەڭنى سەھىمىنگە مەڭگۈلۈك بېغىشلىساڭ شاپائەت قىلىمىز. بولمىسا سېنىمۇ ئاتاڭ بىلەن قوشۇپ دوزاخقا تاشلايمىز< دىدى. مەن ئۇنىڭغا >ماقۇل، جېنىم بىلەن شۇنداق قىلاي، قەھرىمانغا ياردەم قىلاي ئۆزۈمنى سەھىمىنگە بېغىشلاي. قەھرىمان ھازىر نەدە؟ < دىدىم. ئۇ >قەھرىمان ھازىر كويقاپقا دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ< دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئويغىنىپ قارىسام، بۇ چۈشۈم ئىكەن، شۇڭا بۇ يەرگە كەلدىم، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا ئاتىڭىز ھازىر نەدە؟ - دەپ سوراپتۇ قەھرىمان. - ئاتامنىڭ قەيەردىلىكىنى ھازىر بىلمەيمەن، - دەپتۇ قىز، بۇ گەپنى ئاڭلىغان قەھرىمان تېرىكىپ: - ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز: - مەن بىر ئامال قىلىپ ئاتامنى تاپاي. ئاتامنىڭ جېنىنى ئالماق تەس ئەمەس. ئاتامنىڭ جېنى ئاپىسى شەپشەك جادۇنىڭ قولىدا، - دەپتۇ. قەھرىمان: - شەپشەك جادۇنى نەدىن تاپىمىز؟ - دەپتۇ. - بۇنى ماڭسا قويۇپ بېرىڭ. مەن چوقۇم تاپىمەن، - دەپتۇ قىز. قەھرىمان ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىپتۇ. قىز بىر سەكرەپتىكەن، دەرھال كۆك كەپتەرگە ئايلىنىپتۇ. ئۇ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. شۇ ئۇچقانچە چوڭ ئاپىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ چۈشۈپتۇ. چوڭ ئاپىسىنىڭ بېشى گۈمبەزەك، بوينى ساپاقتەك، كۆزلىرى ئۆڭكۈردەك، چىشلىرى سەندەلدەك ئىكەن. بۇ ئايال نەۋرىسىنى كۆرۈپ نىمە سەۋەبتىن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. قىز تەمتىرىمەستىن: سىزنى كۆرگۈم كېلىپ كەلدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شەپشەك جادۇ قىزنى شاراپ ئىچىشكە زورلاپتۇ. قىز شاراپنى ئىچكەن بولۇپ ئىچمەپتۇ. قېرى جادۇ ناھايىرتى شاراپ ئىچىپتۇ. ئاخىرى مەست بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. قىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۆينى ئاختۇرۇپ دادىسىنىڭ جېنى بار قۇتىنى تېپىپتۇ. دادىسىنىڭ ھازىر بىر ئەجدىھانىڭ ئاغزىدا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىز قۇتىنى ئېلىپ ئۇچۇپ قەھرىماننىڭ قېشىغا قايتىپ كەپتۇ. ئۇ قۇتىنىڭ سىرىنى ئېيتىپ، قۇتىنى قەھرىمانغا بېرىپتۇ. قەھرىمان قۇتىنى قولغا ئېلىپ تۇرۇشىغا ئەتتاد دىۋە پەيدا بولۇپتۇ. قەھرىمان قولىدىكى جان قۇتىسىنى شۇنداق مۇجىغان ئىكەن، ئەتتاد دىۋە بىر چىقىراپلا ئۆلۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن كويقاپتىكى پۈتۈن دىۋە قەھرىمانغا باش قويۇپ ئەل بولۇپتۇ. قەھرىمان نۇسرەت قۇچۇپ ھەمراھلىرى بىلەن ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كەپتۇ. ئالدى بىلەن ھېلىقى قىزنى سەھىمىنگە نىكاھ قىلىپ قويۇپتۇ. سەھىمىننى دىۋىلەر مەركىزىي كويقاپقا ۋە پۈتكۈل دىۋىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەپتۇ. دىۋىلەر ئۆز پادىشاھىنى ھىمايە قىلىپ قىرىق كېچە - كۈندۈز مەرىكە ئۆتكۈزۈشۈپتۇ. قەھرىماننى ئۆز شەھىرىدىكىلەر كاتتا قارشى مەرىكە ئۆتكۈزۈشۈپتۇ. قەھرىماننى ئۆز شەھىرىدىكىلەر كاتتا قارشى مەرىكە ئۆتكۈزۈشۈپتۇ. قەھرىماننى ئۆز شەھىرىدىكىلەر كاتتا قارشى ئاپتۇ. پادىشاھ ھۇشات ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تاجىنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ، تەختكە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. گەردان ۋەزىر بولۇپتۇ. قەھرىمان پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن دۆلەتنى ئادىل سوراپتۇ. خەلققە نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. ۋىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ دەھىندى پادىشاھىنىڭ قىزىدىن باشقا ئايالمۇ يوق ئىكەن. ئۆمرىدە پەقەت شۇ ئايال بىلەن ياشىغان ئىكەن. كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ شۇ ئايالدىن تۇغۇلغان يەتتە ئوغلى دۆلەتنى ئادىل سورىغان ئىكەن. بىر بىرى بىلەن جېدەل - ماجرا قىلمىغان ئىناق ئۆتكەن ئىكەن. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە چىمەن گۇڭشې كادىرى: قەيۇم ئابدۇللا
← بارلىق تېمىلار چوچاق