باتۇر قىز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمقى زاماندا بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئالتە ئوغلى، بىر قىزى بولغان ئىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى كەنجى ئوغلى سەپەرگە چىقىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، قايتىپ كەلمەپتۇ. ئاتىسى ئۇنىڭ دەردىدە كۆيۈپ - پىشىپ يىغلاپ، ئاخىرى ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قاپتۇ.
بوۋاينىڭ كۆزىنى داۋالىغىلى كەلگەن تىۋىپ:
- بالىلىرىم، كىم ماڭا مېھرىبان بولسا، رۇم شەھىرىدىن كۆز دورىسى ئېلىپ كېلىدۇ. قېنى ئېيتىڭلار، يول راسخودى ئۈچۈن نېمە تەلەپ قىلىسىلەر؟ - دەپتۇ.
- ھەي دادا، پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا، پۇللا بولسا، كۆزىڭىزنى ئاچىمىز، - دېيىشىپتۇ ئوغۇللار.
- بوۋاي ئۇلارغا يېتىپ - ئاشقىدەك ئالتۇن - كۈمۈچ بېرىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.
بەش ئوغۇل رۇم شەھىرىگە قاراپ كېتىشىپتۇ. ئۇلار شۇ ماڭغانچە داپ داراڭلىغان، ئىشەك ھاڭرىغان يەرلەردە يۈرۈپ، پۇل - پىچەكلىرىنى بۇزۇپ - چېچىشىپتۇ. ئاخىرى سالپىيىپ ئۆيگە ئاران قايتىشىپتۇ.
ئاكىلىرىنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن قىز دادىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- جېنىم دادا، رۇم شەھىرىگە ئۆزەم باراي، ئاقيول تىلەپ دۇئا قىلىڭ! - دەپتۇ.
بوۋاي قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- قىزىم، شۇ دورىنى ئەكىلىپ، كۆزۈمنى ئاچساڭ، سەندىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولاتتىم! - دەپتۇ.
قىز قىرىق خېچىرغا ئوزۇق - تۈلۈكلەرنى ئارتىپ، ئۆزى يورغا ئاتقا مېنىپ، رۇم شەھىرىگە قاراپ راۋان بوتپۇ. دادىسى قىزغا ئون كىنىزەك قوشۇپ بېرىپتۇ.
ئۇلار كۈنبويى يول يۈرۈپ، دەم ئېلىش ئۈچۈن بىر مەنزىلدە توختاپتۇ. قىز كېنىزەكلىرىگە:
- دوستلىرىم، سىلەرنى دادام قوشۇپ بەرگەن بولسىمۇ، مەن ھەممىڭلارنى ئازات قىلدىم، ئاتا - ئاناڭلارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپ، ئەركىن ئويناپ - كۈلۈڭلار...- دەپتۇ.
قىز ھەمراھلىرىغا نۇرغۇن مال - مۈلكىنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپتۇ - دە، ئۆزى يالغۇز كېتىۋېرىپتۇ. ئۇ يول يۈرۈپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. بىر چاغدا ئۇنىڭ ئالدىدىن ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر ئەجدىھا چىقىپ قاپتۇ - دە، قىزنىڭ ھەممە خېچىرلىرىنى بىر - بىرلەپ دەم تارتىپتۇ. لېكىن، قىز بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي كېتىۋېرىپتۇ. ئەجدىھا ھەيران بولۇپ قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ سوراپتۇ:
- ھەي ئادىمىزات، ھەممە مېلىڭنى يىدىم، قاراپمۇ قويمىدىڭ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
- سەن ئاچ ئىكەنسەن، رەھىم قىلدىم، - دەپتۇ قىز، - ئۇنداق بولمىغاندا سەن بىلەن ئېلىشاتتىم. بۇ بىر؛ ئىككىنچىدىن دادام قارغۇ بولۇپ قالغان، رۇم پادىشاھىنىڭ غەزىنىسىدە بىر دورا بار ئىكەن، شۇنى ئېلىپ كېلىپ دادامنىڭ كۆزىنى ئاچماقچمەن.
- ھەي ياخشى دادىنىڭ ياخشى بالىسى، ئۇنداق بولسا ئۈستۈمگە مىن! - دەپتۇ ئەجدىھا، - ياخشى نىيەت بىلەن يولغا چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، رۇم شەھىرىگە ئۈزەم ئاپىرىپ قويىمەن.
قىز ئەجدىھانىڭ ئۈستىگە مىنپتۇ ۋە بىردەمدىلا رۇم شەھىرىگە يېتىپ بېرىپتۇ.
- ھازىر قاراۋۇللار ئۇخلاۋاتىدۇ. دورىخانىغا قورقماستىن كىرىۋەرگىن، دورىخانىدا شىشىدىمۇ، قەغەز قۇتىدىمۇ دورا بار، قۇتىدىكى دورىنى ئالساڭ، شىشىدىكى دورىغا قول تەككۈزمە، شىشىدىكى دورىنى ئالساڭ، قۇتىغا قول تەككۈزمە! - دەپتۇ.
قىز ئەجدىھانىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئاڭلاپ بۇلۇپ غەزنىگە كىرىپتۇ. غەزنىدىن دورىخانىغا ئۆتۈپتۇ. شىشىدىكى ۋە قۇتىدىكى دورىلار بىر - بىرىدىن خۇشپۇراق ئىكەن. قىز قايسىسىنى ئېلىشىنى جەزىم قىلالماي ئۇزاق ئويلىنىپتۇ، شىشىدىكىنى ئالاي دېسە، قۇتىدىكى ئېسىل دورىدەك، قۇتىدىكىنى ئالاي دېسە، شىشىدىكىسى خۇشپۇراقلىق، شىپالىقتەك بىلىنىپ، ئاخىرى تەۋەككۈل دەپ ئىككىلا دورىنى تەڭ ئاپتۇ.
بىردىنلا ئاجايىپ - غارايىپ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ، قىز بەنت بولۇپ قاپتۇ. قاراۋۇللار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ شاھ ھوزۇرىغا ئېلىپ كىرىپتۇ.
- غەزنەمگە نېمىشكە ئوغرىلىققا چۈشتۈڭ؟ - دەپ سوراپتۇ شاھ.
- دادام كۆرمەس بولۇپ قېلىۋىدى، دورىغا كەلگەن ئىدىم، ئىجارىڭىزنى ئالمايلا كىرىپ قاپتىمەن، كەچۈرۈڭ! - دەپتۇ قىز.
- مۇغەمبىرلىك قىلىۋاتىسەن مەيلى ساڭا ئىشىنەي، لېكىن ماڭا ئەنەدىرخاننىڭ قىزىنى ئەپكىلىپ بەرسەڭ، دورىنى بېرىمەن ۋەسېنىمۇ ئازاد قىلىمەن، بولمىسا بېشىڭنى توڭ سويمىدەك ئۈزىمەن!
- ئوبدان، - دەپتۇ قىز تازىم قىلىپ، - قىرىق كۈنلۈك مۆھلەت بېرىڭ!
قىز قىرىق كۈنلۈك مۆھلەت ئېلىپ ئەجدىھانىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ.
- ئەي ئادىمىزات، نېمە قىلىپ قويدۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ ئەجدىھا.
- ھەر ئىككىلا دورىنى ئالىمەن دەپ قولغا چۈشتۈم، تىلسىم قىلىنغان ئىكەن، - دەپتۇ قىز.
- بۇلغۇلۇق بوپتۇ، يۈر، كەتتۇق، - دەپتۇ ئەجدىھا ۋە قىزنى ئۈستىگە مىندۈرۈپ ھەش - پەش دىگىچە ئەنەدىرخاننىڭ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپتۇ.
ئەجدىھا قىزغا:
- خان قىزى بىر ئۇخلىغاندا قىرىق كۈن ئۇخلايدۇ، ئۇ ئوتتۇز توققۇز كۈندىن بۇيان ئۇيقۇدا، ئەتە تاڭ ئاتسا ئويغىنىدۇ. قىزنىڭ ئالدىغا كىرگىنىڭدە ئۆزىگە تەگسەڭ، رومىلىغا تەگمە، رومىلىغا تەڭسەڭ، ئۆزىگە تەگمە. قىزنىڭ ھوجرىسىغا كىرىشتە ئىككى ئۆي بار، ئۆيلەرگە لىقمۇ - لىق پاختا بېسىلغان، قويۇن ۋە يانچۇقلىرىڭغا پاختىنى تولدۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەلىكە ياتقان ئۆيگە كىرگىن. ھەر بىر پەلەمپەينىڭ ئىككى يېنىغا قوڭغۇراقلار ئېسىلغان، قوڭغۇراقلارنىڭ ئىچىگە پاختا تقىۋەت، جاراڭلىمايدۇ. شۇ چاغدا بىمالال كىرەلەيسەن ۋە مۇرادىڭغا يېتىسەن، - دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ.
قىز يانچۇقلىرىغا پاختىلارنى تولدۇرۇپ، قۇڭغۇراقلارنىڭ ئىچىگە پاختا تىقىپتۇ - دە، مەلىكە ياتقان ئۆيگە كىرىپتۇ. مەلىكە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. قىرىق كېنىزەك ئۇنىڭ يېنىدا پايلاقچىلىق قىلىپ ياتقان ئىكەن. ئۇلارمۇ غەرق ئۇيقۇدا بولغاچقا قىزغا ئىش ئوڭ كەپتۇ. مەلىكىنىڭ بېشىدا جۇلالىنىپ تۇرغان يوغان بىر رەڭدار رومال بار ئىكەن، قىز قارىسا، رومال مەلىكىدىن چىرايلىق تورغىدەك.
قىز مەلىكىنىمۇ، رومالنىمۇ تەڭلا كۆتىرىپتۇ.
بىردىنلا ھەيۋەتلىك گۈلدۈرلەش كۆتىرىلىپ، ئەتراپ تەۋرەپ كېتىپتۇ. ئىشىكلەر يېپىلىپ قىز بەنت بولۇپ قاپتۇ. كېنىزەكلەر ئويغىنىپ قىزنى تۇتۇۋاپتۇ. بۇ يەرمۇ تىلسىم قىلىنغان ئىكەن. قوللىرى قايرىپ باغلانغان قىز خان ھوزۇرىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. غەزەبلەنگەن خان:
- نېمە سەۋەبتىن قىزىمنى ئوغرىلىماقچى بولدۇڭ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- دادام كۆرمەس بولۇپ قالغان، دورا ئىزلەپ روم شەھىرىگە كەلگەن ئىدىم، قولغا چۈشۈپ قالدىم. رۇم پادىشاھى:>ئەنەدىرخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ كەلسەڭ، دورا بېرىمەن، بولمىسا بېشىڭنى سويمىدەك ئۆزىمەن< دېدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم، - دەپتۇ قىز.
- سۆزۈڭگە قارىسام، راستچىل كۆرۈنىسەن، كۈنپېتىش تەرەپتە كوچىقاپ دېگەن جاي بار، - دەپتۇ خان، - ئۇ يەردە بىر جادىگەر ياشايدۇ. ئۇنىڭ بىر قارا تۇلپار ئېتى بار، شۇنى ئېلىپ كەلسەڭ قىزىمنى بېرىمەن، بولمىسا تېرەڭنى شىلىمەن!
- ياخشى، بولىدۇ، - دەپتۇ قىز، - قىرىق كۈنلۈك مۆھمەلت بېرىڭ!
- مەيلى بار، تۆت كۈن مۆھلەت بەردى، - دەپتۇ خان.
قىز ئەجدىھانىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە بولغان ۋەقەنى بىرمۇ - بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ.
ئەجدىھا قىزنى ئۈستىگە مىندۈرۈپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار بىر كېچە - كۈندۈزدە كوھىقاپتقا يېتىپ بېرىپتۇ. جادىگەرنىڭ ئاتخانىسى كوھىقاپ ئېغىزىنىڭ يېنىدا ئىكەن.
- جادىگەر ئۇخلىماقچى، - دەپتۇ ئەجدىھا، - مۇشۇ يەردىن لەخمە كولاپ، ئوقۇر تېگىدىن بېشىڭنى چىقار، ئات سىنى كۆرۈپ كىشنىۋېتىدۇ. جادىگەر >ئادەم پۇرىقى كېلىۋاتىدۇ - غۇ< دەپ تۆت تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، تاپالماي كېلىپ جايىدا ياتقاندا، يەنە بېشىڭنى چىقار، تۇلپار تېخىمۇ قاتتىق كىشنەيدۇ، جادىگەر يەنە سېنى ئىزلەيدۇ، تاپالمىغاندىن كېيىن >ھەي نائىنساپ ئالدامچى، مېنى ئىككى قېتىم تەشۋىشكە سالدىڭ، يەنە شۇنداق قىلساڭ سېنى يەيمەن< دەيدۇ- دە، ياتقىلى چىقىپ كېتىدۇ، سەن شۇ چاغدا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئوقۇردىن چىقىپ:>ئەي، زاتى ئۇلۇغ تۇلپار، سۇ ئورنىغا سۈت، يەم ئورنىغا كىشمىش بېرىپ باقىمەن، بۇ زالىم قولىدا ئازاب چېكىپ ياتقۇچە مەن بىلەن كەت< دەيسەن، ئات بېشىنى ئېگىپ جىم تۇرىدۇ. ئوقۇرنىڭ يېنىدا ئالتۇندىن ئىشلەنگەن ئىگەر - جابدۇقى بار. دەرھال ئىگەرلەپ، تۇلپارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەل...
قىز ئەجدىھانىڭ ئېيتقانلىرىنى تولۇق بېجىرىپ، ئاخىرى تۇلپارنى ئەجدىھانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئەجدىھا قىز بىلەن تۇلپارنى كۆتىرىپ ئۇچۇپ، ئەنەدىرخاننىڭ شەھىرىگە ئېلپ كەپتۇ ۋە قىزغا:
- ئەي قىز، بۇ تۇلپارنى ئۆزەڭ ئال، مەن دومىلاپلا مۇشۇنداق تۇلپارغا ئايلىنىمەن، سەن مېنى خانغا بەر، خان قىزىنى ساڭا بېرىدۇ، سەن مەلىكىنى ئېلىپ كېتىۋەرگىن، مەن ئارقاڭدىن بارىمەن، - دەپتۇ.
قىز ماقۇل بولۇپتۇ. ئەجدىھا بىر دومىلاپلا تۇلپارغا ئايلىنىپتۇ. قىز ئۇنى خانغا تەقدىم قىلىپتۇ.
خان قىزىنى بېرىپتۇ، قىز بىلەن مەلىكە تۇلپارغا مىنىپ، رۇم شەھىرىگە راۋان بولۇپتۇ.
ئەندىرخان تۇلپارنى ئىگەرلەپ، ئالتۇن ئۈزەڭگىگە سول ئايىغىنى قويۇپ، ئوڭ ئايىغىنى يەردىن ئەمدىلا كۆتىرىپتىكەن، تۇلپار چىۋىنگە ئايلىنىپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. خان دات - پەريات كۆتىرىپ، ساقىلىنى يۇلۇپ قاپتۇ...
ئەجدىھا ھايال ئۆتمەي قىزلارغا بېتىشىۋاپتۇ. ئۇلار رۇم شەھىرىگە يېتىپ بېرىپتۇ. ئەجدىھا يەنە بىر يۇمۇلىغان ئىكەن، ئەنەدىرخاننىڭ مەلىكىسىدىنمۇ چىرايلىق بىر قىزغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
- مېنى شاھقا تەقدىم قىلىپ، دورىلارنى ئېلىپ كېتىۋېرىڭلار! - دەپتۇ ئەجدىھا.
قىز ئۇنى رۇم شاھىغا بېرىپ، دورىنى ئېلىپ، ئۆز يۇرتىغا راۋان بولۇپتۇ.
ئەمدى رۇم شاھىغا كەلسەك، شاھ ئەلگە چوڭ توي بېرىپتۇ، توي راسا قىزىپ ئەۋجىگە چىققاندا قىز بىر دومىلاپ كۇمۇتىغا ئايلىنىپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. توي ھازىغا ئايلىنىپتۇ....
ئەجدىھا بىردەمدىلا قىزلارغا يېتىشىۋاپتۇ ۋە ئىككى قىزنى، تۇلپارنى ئۈستىگە مىندۈرۈپ، قىزنىڭ يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ. قىز دادىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ، دادىسىنىڭ كۆزىگە دورىنى سۈركىگەن ئىكەن، دادىسىنىڭ كۆزى روشەن ئېچىلىپ، يورۇق دۇنيانى يېڭىۋاشتىن كۆرۈپتۇ.
- جېنىم قىزىم، كۆزۈمنىڭ نۇرى! - دەپ قىزىنىڭ پىشانىسىدىن سۆيۈپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئەجدىھا بىر سىلكىنگەن ئىكەن، ئۈستىدىكى قاسراق - تېرىلەر سېرىلىپ چۈشۈپتۇ - دە، چىرايلىق، قاۋۇل بىر يىگىت پەيدا بولۇپ قاپتۇ. دادا - بالا ھەيران بولۇپ قارىسا، بۇ يىگىت قىزنىڭ ئاكىسى، بوۋاينىڭ كەنجى ئوغلى ئىكەن. بوۋاي:
- ئاھ، ئوغلۇم! كۆز نۇرۇم! - دەپ ئۇنى باغرىغا بېسىپتۇ.
ھەممەيلەن خوشال كۆرۈشۈپتۇ. بوۋاي بالىلىرىنىڭ ساق - سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكى. كۆزىنىڭ ئېچىلغانلىقى شەرىپىگە ئەلگە چوڭ چاي بېرىپتۇ. چايدا ئوغلىدىن:
- قېنى ئوغلۇم، باشتىن ئۆتكەن قىسمەتلىرىڭنى سۆزلەپ بەر! - دەپ سوراپتۇ.
- مەن ئۆيدىن ئايرىلىپ، بوراندا قېلىپ يولدىن ئاداشتىم ۋە ئەنەدىرخاننىڭ شەھىرىگە بېرىپ قالدىم. ئۇ مېنى كوھىقاپقا ئەۋەتتى. جادىگەرنىڭ تۇلپارىنى ئېلىپ كېلىمەن دەپ، جادىگەرنىڭ قولىغا چۈشتۈم. ئۇ مېنى ئەجدىھاغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئاتا - ئانىسىغا مېھرى - مۇھەببىتى چەكسىز بولغان، ئۇلار دەپ جېنىنى ئايىمىغان ئوغۇل ياكى قىزنىڭ جاسارىتى مېنى بۇ سېھىردىن خالاس قىلالايتتى. جېنىم دادا، مەن ئۇزۇن كۈتتۈم، پەقەت سىڭلىملا باتۇر چىقتى، ئۇ سىزنى دەپ كۆپ جاپالارنى چەكتى، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ سىزگە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى، بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلدى، ۋەدىسىنى ئورۇنلىدى. ئۇنىڭ جاسارىتى مېنى جادىگەرنىڭ سېھرىدىن قۇتقۇزدى، - دەپتۇ ئوغلى.
پۈتۈن جامائەت بوۋاينىڭ قىزىغا ۋە كەنجى ئوغلىغا ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. كەنجى يىگىت ئەنەدىرخاننىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپتۇ. ھەممەيلەن بەختلىك ياشاپتۇ.