كەنجى باتۇر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكە، توق ئىكەن، بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي بولغانىكەن، بوۋاينىڭ ئۈچ ئوغلى بارىكەن. ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، بوۋاي قېرىپتۇ، ئىشلەپ ھېرىپتۇ.
بىر كۈنى بوۋاي يالغۇز ئولتۇرۇپ، كۆڭلىنى خىيالغا تولدۇۇرپ: >مېنىڭ بېشىم ئاقاردى، چىشىم سارغايدى، بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى. ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ، بالىلىرىم مەندىن ئايرىلىپ قالسا، كىشى قولىغا قاراپ قالمىسۇن، ئۆز ئەمگىكى بىلەن كۈن كەچۈرسۇن< دېگەن ئويغا كەپتۇ - دە، بالىلىرىنى ھۈنەرگە بېرىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ.
بوۋاينىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر مەھەللىدە بىر باي بار ئىكەن. ئۇنىڭ چوڭ بىر بېغى بولۇپ، باغدا ئۈزۈم، ئالما، ئۆرۈك، ئانار ۋە باشقا ھەر خىل مېۋىلەر يازدىن تارتىپ كۈزگىچە پىشىپ، ساپىقىدىن ئايرىلىپ يەرگە چۈشۈپ تۇرىدىكەن. باي ئەتىيازدا ئۈزۈم تاللىرى يوپۇرماق چىقارغاندىن باشلاپ تاكى كۈزگىچە باراڭدا سايىداپ، سېمىزلىكتىن ھاسىراپ ياتىدىكەن. باي يالغاندىن >مەن موزدۇز< دەپ ھەر يىلى بىر نەچچە شاگىرت ئالىدىكەن - دە، بىر ئاماللاپ ئۆلتۈرۈپ، ئىز - دېرىكىنى بىلدۈرمەي، ئۈزۈم تال تۈۋىگە كۆمىدىكەن.
ھېلىقى بىچارە بوۋاي بىر كۈنى چوڭ ئوغلىنى باينىڭ ئالدىغا يېتىلەپ بېرىپ:
- ۋاي ئۇستام، مۇشۇ بالامنى بىر ھۈنەرلىك قىلىپ قويسىلا، - دەپ تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.
بوۋاينىڭ ئوغلى بۇ ھويلىدا موزدۇزلۇقنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمەي، باينىڭ سۈيىنى ئەكىرىپ، ئوتۇنىنى يېرىپ، ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ، بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۈزۈپتۇ.
بىر كۈنى باي بالىنى چاقىرىپ:
- مەن بازارغا بېرىپ كەلگۈچە قۇمدىن يىپ ئېشىپ، لايدىن چەم كېسىپ، غەلۋىردە سۇ ئەكىرىپ قوي، - دەپتۇ.
كەچكىچە بالىنىڭ بېشى قېتىپ، بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى تاپالماي تازا قىينىلىپتۇ. ئاخشىمى باي كېلىپ سوراپتىكەن، بالا يەرگە قاراپ، تىرناقلىرىنى تاتىلاپ تۇرۇپتۇ.
- قىلالمىغان بولساڭ، شۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن ئاۋۇ يەردىن بىر ئورا كولا، - دەپ ئۈزۈمتالنىڭ تۈۋىنى كۆرسىتىپتۇ باي.
جىق ئىش كۆرمىگەن ساددا بالا يوغان كەتمەننى ئاپتۇ - دە، بېرىپ ئورىنى كولاپتۇ. ئورا ئۆزىنىڭ بويى بىلەن تەڭ بولغاندا، باي كەينىدىن كېلىپ كەتمەننىڭ چۇلدىسى بىلەن بالىنى بىرنى قويۇپتۇ - دە جېنىدىن جۇدا قىلىپ، ئورىغا كۆمۈۋېتىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ بوۋاي ئوغلىنى سېغىنىپ كۆرگىلى بارسا، قانخور باي:
- بالىڭىزغا ھۈنەر ئۆگىتىپ، دۇئا - تەكبىر قىلىپ يولغا سالدىم. ئۆيگە بارمىغان بولسا، بەلكىم شەھەر كۆرۈپ، پۇل تېپىپ باراي دەپ يۈرىدىغاندۇ، - دەپتۇ.
بوۋاي قايتىپ كېتىپ، ئوتتۇرانچى ئوغلىنى ئاپىرىپ بەرگەنىكەن. باي ئۇنىمۇ ھېلىقى ئۇسۇل بىلەن ئۇجۇقتۇرۇۋېتىپتۇ. بوۋاي ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، تەقدىرگە تەن بېرىپ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈۋېرىپتۇ.
بوۋاينىڭ كەنجى ئوغلى ئاكىلىرىغا قارىغاندا قاۋۇل، زېرەك، باتۇر بالىكەن، تەڭ - دېمەتلىكلىرى ئارىسىدا >كەنجى باتۇر< دەپ نام چىقارغانىكەن. شۇنىڭدەك ئۇ ناخشا - سازغا، ھېكايە - چۆچەككە ناھايىتى ئۇستا ئىكەن. بىر كۈنى بوۋاي بۇ بالىسىنىمۇ >ھۈنەر< ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بېرىپتۇ. ھېلىقى ئادەم قېنى بىلەن سەمرىگەن باينىڭ تولۇن ئايدەك ھۆسنىگە تولغان، ئۆزى ئەقىللىق، مىجەزى يېقىملىق بىر قىزى بارىكەن. بوۋاينىڭ كەنجى ئوغلىغا بۇ قىزنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ، يىگىتمۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئازراقلا پۇرسەت بولسا، ئىككىسى ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىكەن، ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدىكەن، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىز يىگىتكە زالىم ئاتىسىنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمتالنىڭ تۈۋىگە كۆمگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەقىل كۆرسىتىپتۇ. يىگىت ئىنتىقام ئېلىش قاراىغا كەپتۇ.
بىر كۈنى ھىيلىگەر باي يەنە ھېلىقى ئاكىلىرىغا بۇيرىغان ئىشلارنى تاپىلاپ قويۇپ، بازارغا كېتىپتۇ. قىز بىلەن يىگىت قانداق قىلىش توغرىسىدا پۈتۈشۈۋالغاندىن كېيىن، كەچكىچە باغ سەيلىسى قىلىپتۇ. ئاخشىمى باي كېلىپ، >شاگىرت< نى چاقىرىپ:
- قېنى يىپ، قېنى چەم، قېنى سۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىتمۇ ھودۇقماي تۇرۇپ:
- ئۇستام، ئاۋۋال سىزنى مېھمان قىلىپ، ئاندىن بۇيرۇغان ئىشىڭىزنى ئالدىڭىزغا قويسام قانداق؟ - دەپتۇ. قورسىقى ئېچىپ، ماغدۇرى كېتىپ، نەپسى تاقىلداپ، ئۇسسۇزلۇقتىن چاكىلداپ كەتكەن باي:
- ماقۇل، - دەپتۇ.
- مانا قېتىق، يۈزىنى بۇزماي ئىچىسىز؛ مانا نان، پارچىلىماي يەيسىز، - دەپ ئالدىغا قويۇپتۇ يىگىت.
باي ھىڭگاڭ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ، چېقىر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:
- ناننى ئۇشتىماستىن، يېگىلى، قېتىقنى يۈزىنى بۇزماستىن ئىچكىلى بولامدىكەن!؟ - دەپتىكەن. يىگىتمۇ:
- ئۇنداق بولسا، قانداق قىلىپ لايدا چەم كەسكىلى، قۇمدا يىپ ئەشكىلى، غەلۋىردە سۇ ئەكىرگىلى بولسۇن؟! - دەپتۇ.
سۆز تاپالماي زۇۋانى تۇتۇلغان باي قاپاقتەك ئىششىپ، ئۆلگەن ئېشەكنىڭ ئۆپكىسىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ، >بۇ مېنىڭ بېشىمغا چىقىدىغان ئوخشايدۇ، بىر ئامال قىلىپ بۇنىمۇ ئۇجۇقتۇرمىسام بولمىدى،< دەپ ئويلاپتۇ.
ئەتىسى يىگىتنى ئالدىغا چاقىرىپ:
- سەن بۈگۈن جاڭگالدىن بىر ئېشەك ئوتۇن ئەكەلگىن، - دەپتۇ. يىگىتمۇ چاندۇرماستىن:
- خوپ، بولىدۇ، - دەپ ئۆيگە ئارغامچىغا كىرىپ كېتىپتۇ. شۇ ھامان باي ئېغىلغا كىرىپلا ئېشەك سۈرىتىگە كىرىۋاپتۇ. باينىڭ قىزى بۇ ئەھۋالنىمۇ يىگىتكە مەلۇم قىلىپ:
- دادام سىزنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. مۇشۇ تۇرقىدا ئېشەك سۈرىتىگە كىرىۋالدى، نوختا ئۇنىڭ جان ھالقىسى. بېشىدىن نوختىنى ھەرگىز ئاجراتماڭ، شۇ چاغدىلا ئۇ شۇم غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. سەزگۈر بولۇڭ، - دەپ ئەقىل ئۆگىتىپتۇ.
يىگىت قىزنىڭ دېگەنلىرىنى قىلىپ، يوغان كالتەكنى كۆتۈرۈپ ئېغىلغا كىرىپتۇ. >ئېشەك< تېپىشكە تەمشەلگەنىكەن، باش - كۆزىگە راسا قويۇپتۇ، نوختىنى ساپتۇ، مىخلىق توقۇمنى توقۇپتۇ، جاڭگالغا بارغۇچە ئۈستىدىن چۈشمەپتۇ. كەچكىچە سۇمۇ ئىچكۈزمەي، ئوت - چۆپمۇ چىشلەتمەي، قۇرۇق ياغاچقا قاڭتۇرۇپ قويۇپتۇ. كەچقۇرۇن ئوتۇننى راسا جىق ئارتىپ، تۆشىنى چىڭ تارتىپ، يەنە ئۈستىگە مىنىۋاپتۇ. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئوتۇننى چۈشۈرۈپ، ئېغىلغا بوشىنالمىغۇدەك قىلىپ تازا چىڭ باغلاپ قويۇپتۇ - دە، ئۆزى دادىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ ۋە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى دادىسىغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. بېشىنى نوختىدىن چىقىرىۋېلىشقا ئامالسىز قالغان بەتنىيەت باي كالتەك - تاياق، ئاچلىق دەستىدىن قۇرۇق ئوقۇرنىڭ تۈۋىدىلا ئۆلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەقىللىق قىز بىلەن باتۇر يىگىت ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ، خۇشال - خۇراملىققا تولۇپ، مۇراد - مەقسەتلىرىگە يېتىشىپتۇ.