ئامەتلك بايۋەچچە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن ئاتىسىدن نۇرغۇن مال _ مۈلۈك قالغان بىر بايۋەچچە بولغان ئىكەن. ئۇ كىچىكىدىنلا يەپ _ ئىچىپ، خوشال _ خورام ئوينا _ كۈلۈپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئادەت قىلىۋالغاچقا، ئەيشى _ ئىشرەتتىن باشقىنى ئويلىمايدىكەن. «قويۇڭ مىڭغا يەتكىچە، ئاغىنەڭ مىڭغا يەتسۇن» دەپ، ھەر كۈنى مېھمان چاقىرىپ، شەھەرنىڭ بىكار تەلەپلىرىنىڭ ۋاڭ _ چۇڭلىرى ئىچىدە غەرق مەس بولۇپ، كۈن ئۆتكۈزىدىكەن، پۇل دىگەن سۇدەك ئاقىدىكەن.
«يەپ ياتساڭ تاغمۇ توشۇمايدۇ» دىگەندەك ھىچقانداق ئوقەتنىڭ پېىنى تۇتۇپ باقمىغان بايۋەچچىنىڭ ئەيشى _ ئىشىرىتى ئاتىسىدىن قالغان مال _ دۇنيانى تېزلا خورىتىۋېتىپتۇ. ئاغىنىلىرىمۇ بىر _ بىرلەپ ئازىيىشقا باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ مال _ دۇنياسى تەل _ تۆكۈس تۈگەپتۇ. قالغان ئاغىنىلىرىمۇ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. بايۋەچچىنىڭ ئائىلىسىنى ئېغىر غۇربەتچىلىك بېسىپتۇ.
_ ئاغىنلىرىڭنى ئىزلەپ باقساڭ بوپتىكەن، _ دەپتۇ ئايالى بايۋەچچىگە يالۋۇرۇپ، _ شۇنچە كۆپ تۇز _ تەمىمىزنى تېتىغاندىكىن بىرەر نانغا بولسىمۇ ياراپ قالار.
بايۋەچچە ئاغىنىلىرىنى ئىزلەپ كۆرۈپتۇ، بىراق ھەممە دۇنياسىنى يەپ تۈگەتكەن بۇ ئەخمەق بايۋەچچىنىڭ يەپ قاچار ئاغىنىلىرى ئۇنى قەستەن تونۇماسقا ساپتۇ، بايۋەچچە ئامالسىز ئۇيان _ بۇيان ئايلىنىپ، بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلىمەكچى بولۇپ، مەدىكارلار بازىرىغا بېرىپ تۇرۇپتۇ. مەدىكار ئالغۇچىلار كەلسىلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپتۇ. مەدىكار ئالغۇچىلار ئۇنىڭ سايىدا ئۆسكەن چېچەكتەك نۇرسىز چىرايىغا ۋە پاختىدەك ئاق ھەم يۇمشاق ئالقانلىرىغا قاراپ:
_ سەن بۇ قوللىرىڭ بىلەن دوپپىغا گۈل تىكىشنى ئۆگەنسەڭ بولغۇدەك، - دېيىشىپ، ئۇنى كۈلكىگە قويۇپتۇ.
ماي ئىچىدىكى بورەكتەك ئەركىن يايراپ ئۆسكەن بايۋەچچە ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىق بىلەن قىلغان بەتخەجلىكلىرى تۈپەيلىدىن خورلىنىۋاتقانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈنۈپ، ئىچىدە ئۆزىنى تىللاپتۇ - دە، مەدىكارلار بازىرىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. يولدا ئۇنىڭغا بىر رەمچى ئۇچراپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۇ قېلىن كىتابىنى ئېچىپ قويۇپ، رەم ئاچقۇزغۇچىلارغا خالىغانچە بىر نېمىلەرنى سۆزلەپ قويۇپلا، ئۇلاردىن جىرىڭلاپ تۇرغان تەڭگىلەرنى ئېلىۋاتقۇدەك. بۇ ئىش بايۋەتچىنى قاتتىق قىزىقتۇرۇپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە «بۇ ئىشمۇ بولغۇدەك، قېنى بىر قىلىپ كۆرەي» دەپتۇ - دە، ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ.
بايۋەتچىنىڭ خىيالى خوتۇنىغىمۇ يېقىپ قاپتۇ. بىراق ئۇلاردا كىتاب ئالغۇدەك پۇلمۇ يوق ئىكەن. ئۇيان ئويلىنىپ، بۇيان ئويلىنىپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ كۆزى ئەڭ ئاخىرقى مۈلكى بولغان بىر پارچە ئاق كىگىزگە چۈشۈپتۇ. ئايال ئۇنى سېتىۋېتىشكە قىيمىسىمۇ، ھەر ھالدا دەسمىي سالماي ئىش باشلاشقا بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قاتلاپ ئېلىپ بايۋەتچىگە تۇتقۇزۇپتۇ. بايۋەتچە ئۇنى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋېتىپ بىردىنلا:
- توختا خوتۇن، بۇنى سېتىپ كىتاب ئالىمىز، دەپ ئاۋارە بولغىچە مۇشۇنىڭ ئۆزىنىلا كىتاب قىلىپ كۆرمەيمىزمۇ؟ - دەپتۇ - دە، ئۇنى قايچا بىلەن پارچىلاپ كىتاب قىلىپ تىكىپتۇ، ئاندىن لاخشىگىرنى قىزىتىپ، ئۇنىڭ بەتلىرىگە خەتكە ئوخشايدىغان ئاللىقانداق شەكىللەرنى ئىمىر - چىمىر قىلىپ سىزىپ چىقىپتۇ، شۇنداق قىلىپ كىتابمۇ پۈتۈپتۇ. بىراق بايۋەتچە يەنە ئويلىنىپ قاپتۇ:
- مېنى شەھەر خەلقىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ، - دەپتۇ ئۇ خوتۇنىغا، - مۇشۇ ھالەتتە كوچىغا چىقسام، كىشىلەر مېنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، دېيىشەر.
- ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟
- باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كېتەيلى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆي - جايلىرىنى ئېلىشىغا سېتىۋېتىپ، يىراق بىر شەھەرگە كۆچۈپ بېرىپتۇ - دە، ئۇ ھۈنىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، ئايالىنىڭ بىر پاي ھالقىسىنى ئۆيىنىڭ ئارقىسىغا بەلگە قويۇپ كۆمۈپ قويۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئۆيىگە بىر قانچە ئايال مېھمان يىغىلغان كۈنى بايۋەتچىنىڭ ئايالى ئېرى بىلەن كېلىشىپ قويغىنى بويىچە بىر پاي ھالقىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
- ياخشىراق ئىزلەپ باق، تېپىلىپ قالار، - دەپتۇ بايۋەتچە.
- ئىزلەپ ئاۋارە بولغىچە، كىتابلىرىغا قاراپ باقسىلا بولمامدۇ؟ - دەپتۇ ئايالى. بايۋەتچە:
- ئۇنداق قىلساقمۇ بولىدۇ، بىراق بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزەڭگە پۇختا بول، مېنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىشنى ئىككىنچى قىلما، - دەپتۇ - دە، كىگىز كىتابىنى قولىغا ئاپتۇ. مېھمانلار ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا تىكىلىپتۇ. بايۋەتچە كىگىز كىتابىدىكى ئىمىر - چىمىر سىزىقلارغا سىنچىلاپ قارىغىنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- مانا دىمىدىممۇ، سەن خوتۇن ئۇنى ئەخلەت بىلەن بىللە ئۆينىڭ ئارقىسىغا تۆكۈۋېتىپسەن، دەرھال ئەخلەت دۆۋىسىنى ئاختۇر، - دەپتۇ.
ئايالى ئۆينىڭ ئارقىسىغا يۈگۈرۈپتۇ، باشقا ئاياللارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. ھالقا راست دىگەندەك ئەخلەت دۆۋىسى ئارىسىدىن چىقىپتۇ.
كۆزنى يۇمۇپ _ ئاچقىچىلا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىش، خوتۇنلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق خۇددى شۇنداق تېزلىك بىلەن شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارقاپ كېتىپتۇ. بىرسى:
_ شەھىرىمىزگە يېڭى كۆچۈپ كەلگەن كىشى ئۇستا رەمچىكەن، _ دىسە، يەنە بىرسى:
_ ئۇنىڭدا ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان خاسىيەتلىك كىتاپ بار ئىكەن، _ دەيدىكەن.
ئەنە شۇ چاغلاردا ئىشىڭنى پۈتتۈرۈپ قويۇپ، ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ تاپالماي يۈرگەن بىر كىشى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا دەرھال رەم ئاچۇرۇشقا كەپتۇ. بايۋەچچە كىگىز كىتاۋىنىڭ داغلانغان بەتلىرىگە بىر ھازا تىكىلگەندىن كېڭيىن، ئىشەك يۇتەرگەن كىشىگە قاراپ:
_ سىز سۈرگە دورىسى ئىچسىڭىز بولغۇدەك، _ دەپتۇ.
تۇلۇمدىن توخماق چىققاندەك بۇ گەپ، ئىشەك يۇتتۇرگەن كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىۋېتىپتۇ:
_ سىز ساراڭمۇ، ئوڭمۇ؟ _ دەپتۇ ئۇ كىشى تېرىكىپ، مەن ئىشەك توغرىلىق رەم ئاچقۇزۇۋاتىمەن، سىز بولسىڭىز...
_ كىتاپتىن شۇنداق چىقىپ قالدى، _ دەپتۇ. بايۋەچچە دۇدۇقلاپ، _ مەندە نىمە ئامال.
ئىشەك يۈتتۈرگەن كىشى:
_ سىز ھەقىقەتەنمۇ ئېلىشىپ قالغان كىشى ئىكەنسىز، سىزنى ئىزلىگەن مەنمۇ ئەخمەق دەپتۇ _ دە، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
_ مانا رەسۋاچىلىق، _ دەپتۇ بايۋەچچىنىڭ خوتۇنى تېرىكىپ، _ سىزنىڭ ساراڭلىغىڭىزنى ئەتىلا ئۇ پۈتۈن شەھەرگە يېيىپ بولىدۇ. ئەمدىكى كىشىلەر سىزگە رەم ئاچقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس، بىزنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا كېلىدۇ. ئادەم دىگەن شۇنداقمۇ ئەخمەق بولغان بارمۇ؟
بايۋەچچىنىڭ ئايالى ئەلەمگە چىدىماي يىغىلىۋېتىپتۇ. بايۋەچچە ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئويلىماي گەپ قىلىپ قويغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ: «بۇ يەرنىڭ خەلقى راستىنلا بىزنى قوغلىۋېتەرمۇ؟ » دىگەن دەككە _ دۈككە ئىچىدە تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىيالماپتۇ. تاڭ ئېتىپتۇ، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن يېڭىلا تۇرۇشىغا ئىشىكى قېقىلىپتۇ. بايۋەچچە: «مانا ئەمدى كۆرگۈلۈگىمىزنى كۆرىدىغان بولدۇق» دىگىنىچە ئالاقزادە بولۇپ ئىشىكىنى ئېچىپتۇ _ دە، ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئىشەك يۈتتۈرگەن كىشىنى كۆرۈپ تېخىمۇ تەمتىرەپ كېتىپ، ئىشىكنى يېپىۋاپتۇ.
_ رەمچى ئۇستام، _ دەپتۇ ئىشەك يۈتتۈرگەن كىشى، _ خاپا بولمىسىلا سىلى ھەقىقەتەنمۇ ئەۋلىيا ئكەنلا. مەن سىلىنى ئورۇنسىز رەنجىتكەنلىكىم ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ كەلدىم، ئىشىكنى ئاچسىلا.
_ يالغان ئېيتما، _ دەپتۇ بايۋەچچە ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى قاتتىق تارتىپ تۇرۇپ، _ سەن مېنىڭ تېرەمنى شىلماقچى.
ئىشىكنىڭ سىرتىدىن ئىشەك ساتقۇچىنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.
_ سىلى بەكمۇ قىزىقچى ئىكەنلا، قىزىقچىلىقنى ھەممىلا ئىشقا ئارىلاشتۇرىدكەنلا، ئىشىكىمنىمۇ شۇ يول بىلەن تېپىپ بەردىلە. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ سۈرگە دورىسى ئىچمەي قويغان بولسا ئەسلا تاپالماسكەنمەن. رەھمەت سىلىگە. چاقچاق قىلماي، ئىشىكنى ئاچسىلا.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان بايۋەچچىنىڭ قوللىرى ئىشىك تۇتقۇچىدىن ئىختىيارسىز بوشاپ كېتىپتۇ. ئىشەك يۈتتۈرگەن كىشى ئۆيگە كىرىش بىلەنلا بايۋەچچىگە ئىگىلىپ، تازىم قىلغىنىچە يانچۇقىدىن پارقىراپ تۇرغان كۈمۈش تەڭەلەرنى ئېلىپ، ھاڭ _ تاڭ بولۇپ تۇرغان بايۋەچچىنىڭ ئالقىنىغا تۇتقۇزۇپ، قايتا _ قايتا رەھمەت ئېيتىپ، كەچكە ئۆز ئۆيىگە مېھمانغا چىللاپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. بايۋەچچە ھاڭ _ تاڭ بولغىنىچە تۇرۇپلا قاپتۇ. ئەھۋال ئەسلى مۇنداق بولغان ئىكەن:
ئىشەك يۈتتۈرگەن كىشى بايۋەچچىنىڭ كىتاپقا قاراپ بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ قاتتىق تېرىكىپ كېتىۋاتقىنىدا، يولدا بىر دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، دوستى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ: «سۈرگە دورىسى ئىچ دىگەن بولسا، ئىچىپ باقمامسەن، ئىشىكىڭ تېپىلمىغان تەقدىردىمۇ، ساڭا ئوشۇقچە زىيىنى يوققۇ» دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ، ئىشەك يۈتتۈرگەن كىشى بۇنىڭغا كۆنۈپ، ئۆيىگە بېرىپ سۈرگە دورىسى ئىچىپتۇ _ دە، يەنە ئىشىكىنى ئىزلەشكە مېڭىپتۇ. ئۇ بىر ئەسكى تۆت تامنىڭ يېنىغا كەلگەندە قورسىقى تازا تولغاپ ئاغرىشقا باشلاپتۇ، ئۇ ئالدىراپ _ تېنەپ ئەسكى تۆت تامنىڭ يېنىغا كەلگەندە قورسىقى تازا تولغاپ ئاغرىشقا باشلاپتۇ، ئۇ ئالدىراپ - تېنەپ ئەسكى تۆت تامنىڭ ئىچىگە كىرسە، ئىشىكى شۇ يەردە توپلىشىپ قالغان سۇلاردىن پەيدا بولغان كىچىككىنە لاي ئورىكىگە پېتىپ قېلىپ چىقالماي ياتقان ئىكەن......
ئىشەك يۈتتۈرگەن كىشىنىڭ بايۋەتچىگە: «سىلى قىزىقچىلىقىنى ھەممىلا ئىشقا ئارىلاشتۇرىدىكەنلا» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ ئەنە شۇ ئىكەن.
بايۋەچچە ئۆزىنىڭ ئويلىماي ئېيتقان سۆزىنىڭ ئويلىمىغان نەتىجىگە ئېرىشىپ قالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇش بولۇپ كېتىپتۇ، ئايالىمۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قاپتۇ.
بايۋەچچە شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئىشەك يۈتتۈرگەن كىشىنىڭ قايتا - قايتا تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بېرىپتۇ، بۇ چاغدا يۇرت كاتتىۋاشلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە تولۇق يىغىلىپ، «رەمچى» گە توردىن ئورۇن قالدۇرۇپ، ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقا ئىكەن، بايۋەچچە ئۆيگە كىرىشى بىلەن ھەممە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى تۆرگە تەكلىپ قىپتۇ، بايۋەچچە ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن قانداقتۇر بىر سىناش نەزىرىنى سەزگەندەك بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەنلىكىگە قاتتىق ئۆكۈنۈپتۇ ۋە: «تۆرگە چىقىپ سەتچىلىككە قالغاندىن كۆرە، قېچىپ كېتىشكە ئاسان بولۇش ئۈچۈن، پەگادىلا ئولتۇرمايمەنمۇ» دەپ ئويلاپ:
- رەھمەت، «پاقا سەكرەپ، سەكرەپ ئورىغا چۈشەر» دەپتىكەن، تۆرگە چىققىنىمدىن كۆرە، پەگادا تۇرغىنىم ياخشىدەك قىلىدۇ، - دەپ ساپتۇ. شۇئان ھەممە «ۋاي تاپتى .....» دەپ چۇقان كۆتۈرۈشۈپ «رەمچى» گە قالدۇرۇلغان تۆردىكى كىگىزنى قايرىپ ئاستىدىن يوغان بىر پاقىنى ئېلپ، تالاغا ئەپچىقىپ تاشلىۋېتىپتۇ. ئەسلىدە ئۇلار شەھەرگە كېلەر - كەلمەي داڭ چىقارغان بۇ «ئەۋلىيا رەمچى» نى سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ، ئەتەي شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. «رەمچى» نىڭ ئۇنى دەرھال «تېپىۋېلىشى» ئۇلارنى ھەقىقەتەنمۇ قايىل قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ «رەمچى» نىڭ شۆھرىتى تېخىمۇ ئېشىپ، ئۇنىڭ داڭقى بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىغىمۇ بېرىپ يېتىپتۇ. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈدىغان بىر ئۈزۈكى يوقاپ كەتكەن ئىكەن. بۇ پادىشاھقا نىسبەتەن ئانچە چوڭ يوقىتىش ھېسابلانمىسىمۇ، بىراق پادىشاھ ئوردىدا ئوغرى پەيدا بولۇپ قالدىمىكن، دەپ ئەنسىرەپ، بۇنى قاتتىق سۈرۈشتى قىپتۇ ۋە «تېپىۋالغۇچىلار ياكى ئوغرىلاپ ئالغۇچىلار بولسىمۇ، ئۈچ كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ بەرسە، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، مۇبادا ئۈچ كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ بەرمەي، كېيىن سېزىلىپ قالسا، كاللىسى ئېلىنىدۇ» دەپ ئېلان قىپتۇ. بىراق ئۇنىڭ ئېلانى جاۋابسىز قاپتۇ. شۇڭا ئۇ رەمچى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، خۇش بولۇپ كېتىپ، ئۇ ئارقىلىق ئۈزۈك ئوغرىلىغۇچىنى تېپىپ چىقىپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قاتتىق جازالاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ - دە، چاپارمەنلىرىگە رەمچىنى دەرھال چاقىرىپ كېلىشكە پەرمان بېرىپتۇ. چاپارمەنلەر «رەمچى» نى دەرھال ئېلىپ كەپتۇ. «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك» دېگەندەك بۇ «رەمچى» ئۆزىنى تۇتۇشقا ھەر تىرىشسىمۇ، پۇت - قولى تىترەشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا قاراپ:
- ئۈزۈك ئوردا ئىچىدە يۈتتى، ئەگەر سەن رەمچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچى بولمىساڭلا، دەرھال تاپالايسەن، تاپالمىساڭ، بۇ يەردىن تىرىك چىقىپ كېتىمەن دەپ خىيال قىلما، قانداق، پال سېلىپ كۆرۈپ باقامسەن، - دەپتۇ.
- بېشىم بىلەن، - دەپتۇ بايۋەچچە ئۆزىنى تەسلىكتە بېسىپ، - بىراق بۇ ئىش خېلى چىگىشتەك قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا مېنىڭ كىتاب كۆرۈپ توغرا ھۆكۈم چىقىرىشىم ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈپ بېرىشكە بولامدىكىن؟
بايۋەچچە بۇ سۆزنى ئېيتىشتا، قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەندىن كۆرە غىپلا قىلىپ باشقا شەھەرگە قېچىپ كېتى پۇرسىتىنى يارىتىشنى كۆزدە تۇتقان ئىدى، پادىشاھ خۇددى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالغاندەك:
- بولىدۇ، بىراق ئوردىدىن چىقپ كەتمەيسەن، مەن سېنى مەخسۇس ئۆي، مەخسۇس تاماق بىلەن تەمىنلەيمەن، ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە كۆرۈشىمىز، - دەپ سۆزىنى تۈگىتىپتۇ، ئەمدى بايۋەچچىگە مەخسۇس ئۆيگە سولىنىۋېلىپ، ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشتىن باشقا يول قالماپتۇ. بىر كۈن ئۆتۈپتۇ، ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ، ئەمدى تاڭ ئاتسىلا پادىشاھ ئۇنى ئالدىغا چاقىرتىدۇ، ئۇنىڭ رەمچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچى ئىكەنلىكى سېزىلىدۇ، پادىشاھ ئۇنى كەچۈرمەيدۇ، ياكى كاللىسىنى ئالىدۇ، ياكى دارغا ئاستۇرىدۇ.
بايۋەچچە پادىشاھنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىن كۆرە ئۆزىنى - ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىش قارارىغا كەپتۇ - دە، قاراڭغۇ چۈشۈپ، ئەل ئايىقى بېسىلىشى بىلەن ئىشىك، تۈڭلۈكنى مەھكەم تاقاپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە سىرتماق ساپتۇ، بىراق ئۆزىنى بىراقلا تاشلاشقا جۈرئەت قىلالماي، ئارغامچىنى بوينىغا سېلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قولى بىلەن ئاستا چىڭىتىپتۇ - دە، «چىق جان، چىق جان» دەپ ئىلتىجا قىلىشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئىشىك قېقىلىپ، نالە قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بايۋەچچە قۇلاق سالغۇدەك بولسا، ئىشىك ئالدىدا بىرسى: «مەن سىلىدىن ئۆتۈنەي، ئۇلۇغ ئەۋلىيا غوجام، بىر نۆۋەت ئەپۇ قىلىۋەتسىلە» دەۋاتقۇدەك. بايۋەچچە ھەيران بولۇپ، ئارغامچىلىرىلداپا ئۆزىنى تاشلاپتۇ.
- سىز كىم بولىسىز؟ - دەپتۇڭ بايۋەچچە ئۆچكەن ئۈمىد شامىنىڭ قايتا پىلدىرلاپ يېنىشقا باشلىغانلىقىنى سېزىپ يۈرىكى ئوينىغان ھالدا.
- مەن پادىشاھنىڭ ساراي خىزمەتچىسى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پادىشاھقا سادىق ئىشلەۋاتقان ئىدىم، يېقىندا قايسى شەيتان ئازدۇردىكىن، سارايدا پادىشاھنىڭ ئۈزۈكىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، يوشۇرۇۋالدىم، كېين بېرىۋېتىشنىمۇ ئويلىغان ئىدىم، بىراق پادىشاھ داۋراڭ قىلىپ قالدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى قايتۇرسام، پادىشاھ مېنىڭ سادىقلىقىمدىن گۇمانلىنىدۇ، ھەتتا بۇيرۇشنىمۇ يالتايمايدۇ.
- ئەمدى ئۆزىڭىزنى نېمە ئۈچۈن ئاقلىماقچى بولدىڭىز؟
- مەن سىلىنى ئىككى كۈندىن بۇيان ھەر كۈنى كېچىسى كۆزىتىۋاتىمەن، بىراق سىلىدىن ھېچقانداق شەپە چىقمىدى. مەن كۆڭلۈمدە: «بۇمۇ چاغلىق رەمچى بولسا كېرەك، كىشىلەرنى قاقتى - سوقتى قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان» دەپ ئويلىدىم، بىراق كۆڭلۈم زادىلا ئەمىن تاپمىدى، بۈگۈن يەنە كەلدىم، ئاڭلىغۇدەك بولسام، مېنىڭ ئىسمىمنى ئۈزلۈكسىز تەكرارلاۋاتىدىلا، يەنىلا تىڭشىسام، يەنە شۇ «شەيخىجان ...... شەيخىجان .....» ئاخىرى پۇت - قولۇمدا جان قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پاناھلىرىغا ئۆزەمنى ئېتىپ كىردىم.
بايۋەچچە ئۆز تەقدىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك تېز ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىپتۇ، ئۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشقا سەۋەبچى بولغان بۇ كىشىنىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىنىڭ چارىسنى ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. ئاخىرى چارىمۇ تېپىلىپتۇ. ساراي خادىمى بۇ چارىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىدىن كۆڭلى تىنىپ، ئۆزىگە تېگىشلىك ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا خۇشال - خورام چىقىپ كېتىپتۇ.
تاڭ ئېتىپتۇ، بايۋەچچە مەغرۇر قەدەم بىلەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.
- قۇدرەتلىك شاھىم، - دەپتۇ ئۇ سالام بېجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، - پېقىرلىرى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ ئالدىلىرىغا كەلدى.
- كىتابنىڭ ئىزھار قىلىشىچە ئۈزۈك ئوغرىلانمىغان، ياكى يۈتمىگەن.
- ھە، بۇ، نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپتۇ شاھ قاشلىرىنى يىمىرىپ.
- ئۇنى غازلىرىڭىزدىن بىرى دانغا ئارىلاشتۇرۇپ يەۋالغان.
- مەيلى، شۇنداقمۇ دەيلى، - دەپتۇ پادىشاھ ئىشەنگۈسى كەلمەي، - سىز شۇ غازنى تاپالامسىز؟
- ئەلۋەتتە تاپقىلى بولىدۇ، - دەپتۇ «رەمچى» ئۆزىنى خاتىرجەم تۇتۇپ، - بۇنىڭ ئۈچۈن غازلىرىنى بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
- بولىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ يەنىلا ئىشەنمىگەن قىياپەتتە خۇددى تەنە قىلغاندەك، - قېنى غازلاار رەمچىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن.
غازلار كەلتۈرۈلۈپتۇ، «رەمچى» بىر كىتابقا، بىر غازنىڭ كۆزى ۋە قانات - قۇيرۇقلىرىغا قاراپ، ئالدىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. غازلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆتۈپ بوپتۇ، ئۆزۈكنى «يەۋالغان» غاز تېخىچە كۆرۈنمەپتۇ. پادىشاھنىڭ تاقىتى تاق بولۇشقا باشلاپتۇ، بايۋەچچىمۇ جىددىيلىشىپ قاپتۇ: «ئەگەر بۇ ئىش بېجىرىلمىگەن بولسا ....» بايۋەچچىنىڭ دەر گۇمان بولغان كۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىكى ساراي خادىمىغا تىكىلىپتۇ، ساراي خادىمى ناھايىتى خاتىرجەم كۆرۈنۈپتۇ، دېمەك ئىش بېجىرىلگەن. بايۋەچچە يەنە بىر قانچە غازنى ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۈزۈك «يەۋالغان» غاز كۆرۈنمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆتكۈزە - ئۆتكۈزە ئەڭ ئاخىرقى غازغا كەلگەندە ئۇنىڭ نۇرسىزلىنىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپلا ئۇنىڭ ئۈزۈك «يەۋالغان» غازنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ. دەر ھەقىقەت ساراي خادىمى بىلەن كېلىشكىنى بويىچە ئۇنىڭ قانىتىدىن بىر پەي بەلگە ئۈچۈن سۇندۇرۇلغان. بايۋەچچە ئۇنى پادىشاھقا شەرەت قىلىپ:
- بىز ئىزلىگەن غاز مانا مۇشۇ، - دەپتۇ. پادىشاھ غازنى سويۇشقا بۇيرۇپتۇ، غاز سويۇلۇپتۇ، ئۈزۈك ئۇنىڭ يەملىكىدىن چىقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھنىڭ چىرايى نۇرلىنپ، «رەمچى» نىڭ ئەۋلىيالىقىغا ناھايىتى قايىل بوپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنى ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىپ ئوردىدا ئېلىپ قاپتۇ. ئۇ قاچاندۇر بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ساختا قىياپىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىدىكەن. ھەتتا چۈشىدىمۇ مۆڭدەرەپ تۇرۇپ كېتىدىغان ھالەتكە كېلىپ قاپتۇ. ئەنە شۇ كۈنلەردە پادىشاھ ئۇنى تۇيۇقسىز ئالدىغا چاقىرتىپتۇ. ئەسلىدە بۇرۇندىن تارتىپ، بۇ پادىشاھلىقنى بوزەك قىلىپ كېلىۋاتقان قوشنا پادىشاھلىق يەنىلا بوزەك قىلىش يۈزىسىدىن بۇ پادىشاھلىققا لەشكەر تارتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. شۇڭا پادىشاھ بۇ مەسىلە ئۈستىدە «رەمچى» دىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىكەن. رەمچى «ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ، پاتىپاراقچىلىقتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتمەيمۇ» دېگەن خىيالدا، كىگىز كىتابىنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ پادىشاھقا:
- كىتابىمنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە، غەلىبە بىز تەرەپكە تۇرۇپتۇ، ئەلۋەتتە قارشى جەڭ قىلىشىمىز كېرەك، - دەپتۇ.
- ئەمىسە جەڭگە سىز قوماندانلىق قىلىڭ، - دەپتۇ پادىشاھ «رەمچى» نىڭ سۆزىگە ماقۇل بولۇپ، - بىز ئارقا سەپتە تۇرۇپ، سىزگە ياردەملىشىمىز.
بايۋەچچە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلالماپتۇ. ئۇ دەرھال لەشكەر باشلىقلىرىنى يىغىپ، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەنگە قارشى قايتارما جەڭ قىلغۇچى قوشۇننى تەقمۇ - تەق قىلىپ قويۇپ، ئالدىراپ ئۆيگە كەپتۇ، ئەسلىدە ئۇ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئۆز ئۆمرىنى ئەيشى - ئىشرەت بىلەنلا ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئات مىنىشنىمۇ بىلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇ ئايالىغا بىر قازان يار يىلىم قايناتقۇزۇپ، ئۇنى ئۆزىگە توقۇلغان ئاتنىڭ ئىگىرىگە راسا سۈركەپتۇ - دە، ئۈستىگە چىقىپ مىنىۋاپتۇ، يار يىلىم دەرھاللا قېتىپ، ئۇنى ئىگەر بىلەن مەھكەم بىرلەشتۈرۈۋاپتۇ. ئۇ قوشۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈرۈش باشلاشقا بۇيرۇق بېرىپتۇ. شۇئان ناغرا - كانايلارچېلىنىپ، نەچچە مىڭلىغان ئاتلار شىددەت بىلەن ئالغا ئاتلىنىپتۇ، بايۋەچچە مىنگەن ئات جەڭ ۋە بەيگە كۆرگەن، ئەڭ يۈگۈرۈك ئاتلاردىن بولغاچقا، باشقا ئاتلاردىن يول تالىشىپ، ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپتۇ - دە، ئۆز قوماندانىنىڭ بۇ قەھرىمانلىقى قوشۇننى تېخىمۇ روھلاندۇرۇۋېتىپتۇ. ھەممە قوماندانغا ئەگىشىپ، قىقاس - چوقان بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋېرىپتۇ. ئېتى بىر يانغا ئىگىلىپ ئۆسكەن بىر توغراقنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. بايۋەچچە ئاتتىن ئاجىرىۋېلىش ئۈچۈن تېزلىك بىلەن توغراقنى قۇچاقلاپتۇ، كىم بىلسۇن تېگى پورلىشىپ قاخشال بولۇپ قالغان بۇ توغراق شۇئان قاراسلاپ سۇنۇپ ئىگەرنىڭ ئالدىغا چۈشۈپتۇ، ئات بولسا، يۇلقۇنۇپ توغراقنى سۆرىگەن پېتى دۈشمەن لەشكەرلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ - دە، نەچچە ئونلىغان دۈشمەن لەشكەرلىرى توغراق پۇتاقلىرىغا ئۇرۇلۇپ ھالاك بوپتۇ، قالغانلىرى يوغان بىر تۈپ توغراقنى يۇلۇۋېلىپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن «باتۇر» غا دۇچ كېلىشتىن قورقۇپ ئارقىسىغا يېنىپ قېچىپتۇ. بايۋەچچىنىڭ لەشكەرلىرى قاچقانلارنى قوغلاپ يۈرۈپ قىرىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئەسنادا بايۋەچچىنىڭ ئېتى چوڭ بىر سۇغا دۇچ كېلىپ، ئېقىننى يېرىپ ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىگەرگە يېپىشتۇرۇلغان يار يېلىمىمۇ ئېرىپ، بايۋەچچىمۇ ئىگەردىن ئاجراپتۇ. ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ كىيىملىرىنى يۇيۇپ قۇرۇتۇپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىرمۇ ئادەم چىقىم قىلماي دۈشمەن ئۈستىدىن تولۇق غەلىبە قىلغان قوشۇنى يېتىپ كېلىپ، ئۇنى چۆرىدىگەن ھالدا خۇشال - خۇرام شەھەرگە قايتىپتۇ. بۇنىڭدىن خۇشاللانغان پادىشاھ بايۋەچچىگە ئۆز تەختىنىڭ يېنىدىن ئورۇن بېرىپ، ئۇنىڭ شەرىپىگە 4 كېچە - كۈندۈز زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنى «ئەۋلىيا رەمچى، چاقماق سەركەردە» دەپ ئاتاپتۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئاشۇ نامى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىنى بەكمۇ زىل - زىلىگە سېلىۋەتكەچكە، ئۇنىڭ قايتا كىگىز كىتابىنى قولغا ئېلىشىغا ياكى جەڭ ئېتىغا مىنىپ سەركەردىلىك قىلىشىغا ھېچقانداق ۋەقە چىقمىغانمىش، شۇڭا ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوردا ئىچىدە خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزگەنمىش.