تەۋەككۈل ئوغرى بىلەن شاھزادە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
خان تەڭرىگە قار چۈشمىگەن زامانلاردا، چېكى يوق يايلاق ۋە چىرايلىق قىشلاقلاردا، خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ يۇرتنى ئادىل سورىغان سەلتەنەتلىك بىر شاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ شاھ ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلەشكە ۋاقىت چىقىرالمىغانىكەن. شاھزادە ھورۇن ۋە ئويۇن قېپى بولۇپ، دادىسىنىڭ مال - دۇنياسىنى بەدخەجلىك بىلەن بۇزۇپ - چاچقاننى ئاز دەپ، ھەدېسىلا خەزىنىنى زىيارەت قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى ئوغرىلاپ ئېلىپ چىقىپ خەجلايدىغان بولۇۋاپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھ ئوۋ ئۈستىدە قازا تېپىپ، شاھزادە تەختكە چىقىپتۇ. ئۇ ئۆزىنى يامان ئىشلاردىن توسىغان ۋەزىر - ئۆلىمالارنى زىندانغا تاشلاپ، ھېيلىگەر، كاززاپلارنى ئەتراپىغا توپلاپتۇ. يۇرتنىڭ بېشى بۇزۇلغاچ، ئەلدىن بەرىكەت قېچىپ، ئوغرى - يالغانمۇ كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. بىر كۈنى قەلئە ئەتراپىدىكى بىر نەچچە باي ئەرز ئېيتىپ، شاھزادىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى:
- تەقسىر، شاھىم، تاغدا كېچە تۆت يۈز تۇياق ساغلىقىمنى ئوغرى ئېلىپ كەتتى. - دەپتۇ. يەنە بىرى:
- تەقسىر، شاھىم، كېچىدىن باشلاپ قەلئە ئەتراپىدىكى بارلىق پۇقرا - قەلەندەرنىڭ ئۆيىدىكى قازاندا گۆش قاينىدى، - دەپتۇ. يەنە بىرى بولسا:
- تەقسىر، شاھىم، يۇرتىمىزدا تەۋەككۈل ئاتلىق بىر ئوغرى پەيدابوپتۇ. ئۇ مالدارنىڭ مېلىنى ئوغرىلاپ، يوقسۇللارغا بۆلۈپ بېرىمىش، - دەپتۇ.
شاھزادە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئالاقزادە بولۇپ، ۋەزىر، ئۆلىمالىرىنى چاقىرىپ، مەسلىھەت سوراپتۇ.
- تەقسىر، جانابىي ئالىيلىرى ئۆمۈر بويى ئىشلەتمىگەن ھېلىقى ئاق نار تۆگىنى ئەمدى ئىشقا سالساق، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ بىر ۋەزىر، قالغانلارمۇ ئۇنى قوللاپ قوللاپ، تەۋەككۈل ئوغرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاق نار تۆگە قويۇپ بېرىلىپتۇ ۋە قارىسىنى يوقاتماي كۆزىتىپ مېڭىشقا ياساۋۇل بەلگىلەپتۇ.
شاھ ئوردىسىدا بېقىلغان بۇ تۆگە ئاجايىپ خاسىيەتلىك بولۇپ، ئۇ ئوغرىنىڭ قولى تەگكەن مالنى بىر پۇراپلا ئوغرىنى نەدىن بولسۇن ئىزدەپ تاپالايدىكەن.
تەۋەككۈل ئەسلىدە نامرات يىللىقچى بولۇپ، ئەل - يۇرتتىكى نامراتچىلىققا چىدىماي، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ قولىدىكى مال - دۇنيانى تەڭشەش ئۈچۈن بەل باغلاپ چىققانىكەن. ئۇ ھەردائىم ئوغرىلىغان مال دۇنياسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، نامرات، كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىدىكەن. شۇڭا خەلق ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. تەۋەككۈل تاغ - ئېدىرلارنى بىرەر قۇر تەڭشىگەندىن كېيىن، قەلئە ئىچىنىمۇ تەڭشەپ قويۇش ئۈچۈن شەھەرگە قاراپ ئاتلىنىپتۇ. ئۇ بىرىنچى كېچىدىلا تۆت يۈز تۇياق ساغلىقنى ھەيدەپ كېلىپ، ئەتراپتىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىۋېتىپ، شۇ شەھەرنىڭ يېنىدىكى بىر مەھەللىگە چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ يالغۇز بىر قېرى ئانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاش - تامىقىدىن خەۋەر ئالىدىكەن. تەۋەككۈل ھويلىدا ئوتۇن يېرىۋاتقاندا، سېغىزخاننىڭ سايرىشىنى ئاڭلاپ، دەرەخكە چىقىپ، يولغا قاراپ، يىراقتىن بىر ئاق نار تۆگىنىڭ ئۇدۇل بۇ ياققا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. تەۋەككۈل ئانىسىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ، ئىشىك ئىچىدە پالتىنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. تۆگە ھويلا ئىشىكىدىن بېشىنى تىقىشى بىلەن تەڭ ئۇ بوينىغا پالتا ئۇرۇپ تۆگىنى ئۆلتۈرۈپتۇ - دە، دەرھال بۇلۇڭدىكى ئوت - چۆپ دۆۋىسىگە كۆمۈپ قويۇپ، ئۆزى چىرايلىق بىر قىزنىڭ سىياقىدا ياسىنىپ، ئانىسىغا:
- ئەگەر ياساۋۇللار كېلىپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىمەن دېسە، مېنىڭدىن رۇخسەتسىز كىرگۈزمىسىلە، - دەپ تاپىلاپ قويۇپ، ئۆزى ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۈچ نەپەر قوراللىق ياساۋۇل ھويلىغا كىرىپتۇ ۋە مومايدىن تۆگە كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكىنى سوراپتۇ. موماي بىر ئاق نار تۆگىنىڭ ئالدى ئىشىكتىن كىرىپ، ئارقا ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، تۆگىنىڭ تۇياق ئىزىنىمۇ كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئىچكىرىكى ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن نازاكەتلىك بىر گۈزەل قىزنىڭ نازبىلەن بېقىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ياساۋۇللارنىڭ بۇ يەردىن كەتكىسى كەلمەپتۇ ۋە مومايدىن ئۇسسۇزلۇق سوراپتۇ. ئۇلار ئىچكىرىكى ئۆيدە دۇتار بىلەن ئولتۇرغان گۈزەل قىزنى كۆرۈپ، ئاشىق - بىقارار بولۇشۇپتۇ. موماي ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويۇپ چايغا تۇتۇش قىلىپتۇ. چايدىن كېيىن ياساۋۇللار قىزنىڭ ھۆسىن جامالىنى زىيارەت قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. موماي بولسا:
- قىزىم ئەركەك يۈزى كۆرمىگەن، يۈزى تۆۋەن، سىلەرنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتمىسۇن، بىردىن - بىردىن كىرىڭلار، - دەپتۇ.
ئىچكىرىكى ئۆيگە تۇنجى قېتىم كىرگەن ياساۋۇل ئىشىكنى چىڭ يېپىپ قويۇپ، ئالدىغا ئۈچ قەدەم ماڭغانىكەن، ئايىغى ئاستىدىكى تاختاي تويۇقسىز «گۈپ» قىلىپ پەسكە قايرىلىپ چۈشۈپتۇ - دە، ياساۋۇل قۇدۇق ئىچىگە دومىلاپ ھالاك بوپتۇ. تەۋەككۈل كېيىنكىلىرىنىمۇ خۇددى شۇنداق يوقاتقاندىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچىگە كولىغان قۇدۇقنى كۆمۈپ تاشلاپ، تۆگىنىڭ گۆشىنى قۇرۇتۇپ مېيىنى كۆيدۈرۈۋاپتۇ.
نار تۆگە ۋە ئۈچ ياساۋۇلدىن ئايرىلغان شاھزادە كېچىچە ئۇخلىماي، تەسلىكتە تاڭنى ئاتقۇزۇپتۇ. ئەتىگەندە شەھەردىكى چوڭ سەرراپ داد - پەرياد ئۇرۇپ يېتىپ كەپتۇ ۋە كېچىدە پۈتۈن ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئالاقزادە بولغان ۋەزىر - ئۆلىمالار دەرھال شاھ ئوردىسىغا ھازىر بولۇپ، يىغىلىش قىپتۇ. شاھزادە جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىگە يېتىپ كېلىۋاتقان خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپتۇ.
شۇ كېچىسى تەۋەككۈل پادىشاھ ئوردىسىدىكى خەزىنىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، ھەربىر ئامباردىن ساناپ ئون تىللا، ئون يامبۇدىن ئېلىپ، شاھقا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپتۇ.
شاھزادە سەھەردىلا پۈتۈن ۋەزىر - ئۆلىمالارنى يىغىپ، تەۋەككۈلنى تۇتىدىغان ياخشى چارە تېپىشمىسا ھەممىسىنىڭ كاللىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئۇلار باش قاتۇرۇپ ئوبدان بىر چارىنى تېپىپتۇ.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ. ھەر كۈنى دېگۈدەك تالاي پاراكەندىچىلىكەر يۈز بېرىپ تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى چۈشتە تەۋەككۈل كوچا - كوچىلارغا چاپلىۋەتكەن شاھنىڭ پەرمانىنى ئوقۇپتۇ. پەرماندا: «ئوردا ئارقىسىدا مەخسۇس ساراي سالدۇردۇم، يەتتە قەۋەت ساراينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھۇجرىدا مەلىكە تۇرىدۇ. كىم مەلىكىنىڭ بارمىقىدىكى گۆھەر كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈكنى تۇيدۇرماي ئوغرىلىۋالسا، مەلىكىگە قوشۇپ پادىشاھلىقىمنى بېرىمەن» دېيىلگەنىكەن. تەۋەككۈل تامدىكى پەرماننى سويۇۋېلىپ، قاتلاپ يانچۇقىغا ساپتۇ - دە، دەرھال ئوردىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپتۇ. ئۇ يەردە بىر نەچچە مىڭ مەدىكار ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتقانىكەن. تەۋەككۈل مەدىكارلارغا نان ئېلىپ كېتىۋاتقان سېۋەتنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگەن بولۇپ، جېسەكچىدىن ئۆتۈپ، ئىچىگە كىرىۋاپتۇ. ئۇ قۇرۇلۇشنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا كېلىپ، بىر ئىشلەمچىدىن:
- ئاغىنە، سىلەرنىڭ كولاۋاتقىنىڭلار قايسى ئۆينىڭ ئۇلىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەلىكە خېنىمنىڭ ئۆيى، كەڭلىكىنى كۆرمىدىڭلىمۇ؟ - دەپتۇ ئىشلەمچى ئىككى غۇلاچ كەڭلىكتىكى ئۇلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
دەل شۇ پەيتتە بىر جېسەكچى كېلىپ تەۋەككۈلدىن:
- سەن نېمە ئادەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ناسۋال ساتقىلى كەلدىم، - دەپتۇ تەۋەككۈل تەمتىرىمەي.
- يوقال ماڭ! جېنىڭدىن تويدۇڭمۇ؟ - دەپ ھېلىقى جېسەكچى ئۇنى قوغلاپتۇ، تەۋەككۈل ھۇجرا تېمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھېسابلاپ قەدەملەپ، ئىچىدە ساناپ مېڭىپ كېتىپتۇ. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە تاغ باغرىدىكى بۈك دەرەخزارلىق ھاڭغا كەلگەندە قەدىمىنى توختىتىپتۇ. ئۇ شۇ يەردىن باشلاپ ساراي ھۇجرىسىغا قاراپ لەخمە كولاشقا باشلاپتۇ.
ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە شاھنىڭ مۆھلىتىدە ساراي پۈتۈپتۇ. تەۋەككۈلنىڭ لەخمىسىمۇ دەل شۇ كۈنى مەلىكىنىڭ ھۇجرا تېمىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن پۈتۈپ چىقىپتۇ. پەقەت تامنىڭ بىر قەۋەت سۇۋىقىلا قاپتۇ. تەۋەككۈل ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىپتۇ.
ئۇ كۈنى كېچە بولغاندا لەخمە ئارقىلىق ھۇجرا تېمىغا كەپتۇ. قولىدىكى بېگىزدە تامدىن كىچىككىنە تۆشۈك ئېچىپ ئۆي ئىچىنى كۆزىتىپتۇ. ئۇ، مامۇق تۆشۈكىدە ناز ئۇيقىدا ياتقان گۈزەل مەلىكىنى، ئۇنىڭ ئاپئاق بىلەكلىرىدىكى ئالتۇن بىلەيزۈك ۋە بارمىقىدىكى گۆھەر كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈكنى كۆرۈپتۇ. ئوتتۇرىدىكى ھۇجرىنىڭ ئەتراپىدىكى سارايلارغا بولسا، يەتتە قەۋەت لەشكەر، ياساۋۇللار قۇيۇلغانلىقىنى بايقاپتۇ.
تەۋەككۈل يېرىم كېچىدە تامنىڭ سۇۋاقلىرىنى ئاستاغىنا سويۇپ ئېلىۋېتىپ، قۇڭغۇراق يىپىنى كېسىۋېتىپ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ، قاتتىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان مەلىكىنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. باياتىدىن بېرى يالغاندىن ئۇخلىۋالغان بولۇپ بولۇپ ياتقان مەلىكە كۆزىنى ئاچماستىن جىم يېتىپ، «ئەگەر ۋارقىرىسام ياكى سىرتتىكىلەرگە خەۋەر بەرسەم، ئۇ دەرھال قېچىپ كېتىشكە ئۈلگۈرۈشى مۇمكىن. تامنىڭ ئىچىدىن ئالاھىدە ئىشىك ياسىۋالالىغان ئوغرى چوقۇم تۇتۇق بەرمەيدۇ. شۇڭا مەن ساختا ناز ۋە ھېيلىلەر بىلەن ئۇنى ئۆزۈمگە مەھلىيا قىلىپ مەسخۇش بولغاندا چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ۋارقىرىمايمەنمۇ» دەپ ئويلاپتۇ ۋە تەۋەككۈلنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ:
- ھەي قورقماس يىگىت، مەن سېنىڭ يۈرەكلىكىڭگە قول قويدۇم، كەلگىن، بىز تونۇشايلى، - دەپتۇ.
تەۋەككۈل مەلىكىنىڭ ھېيلىسىنى پەملەپ چاندۇرماستىن ئۇنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئاپتۇ ۋە ئۇلار شېرىن سۆزلەر بىلەن مۇڭدىشىپتۇ. تەۋەككۈل مەلىكىنىڭ بىپەرۋالىق ھالىتىدىن پايدىلىنىپ، چاققانلىق بىلەن شاھنىڭ نامى پۈتۈلگەن ئالتۇن ئۈزۈكنى ئۇنىڭ بارمىقىدىن سۇغۇرۇۋاپتۇ. بۇنى سەزگەن مەلىكە ئۇنىڭغا:
- سەن بۇ يەردىن قېچىپ كېتەلمەيسەن، ئەگەر سالامەت قۇتۇلۇپ كېتەلىسەڭ مەن سېنىڭ باتۇرلۇقىڭغا ھەقىقىي قول قويىمەن ۋە ئۆزۈمنى ساڭا بېغىشلايمەن، - دەپتۇ ۋە ناز بىلەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋاپتۇ.
- مەن كېتەي، تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئەتە كېلەي، - دەپتۇ تەۋەككۈل. لېكىن مەلىكە زادىلا ئۇنىماي «سەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايمەن» دەپ ئۇنى چىڭ تۇتۇۋاپتۇ.
- تالادىن بىرى قارىغاندەك قىلىدۇ. مەن دېرىزەمدىن قاراپ باقاي، - دەپتۇ تەۋەككۈل ئورنىدىن تۇرۇپ.
- ياق، مېنى ئالداپ قېچىپ كېتىسەن، - مەلىكە ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇۋاپتۇ. تەۋەككۈل:
- بولمىسا بىر قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇڭ، مەن دېرىزەمدىن قاراپ بېقىپ ئاندىن ئولتۇرىمەن، - دەپتۇ - دە، قاراڭغۇدا جادۇگەرنىڭ بىر قولىنى مەلىكىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. مەلىكە قولنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. بىر ئاز ۋقىتتىن كېيىن ئۇنىڭدا ھارارەت يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، قولنى تارتىپتۇ. ئۇ دەھشەتلىك چىرقىراپ ۋارقىرىغىنىچە، جەينەكتىن كېسىلگەن قولنى پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىپتۇ. ئىچىدىن چىڭ ئېتىۋېتىلگەن ئىشىكتىن لەشكەرلەر دەرھال كىرەلمەپتۇ. مەلىكە ئېسىگە كېلىپ ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىنلا جېسەكچىلەر ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۇلار مەلىكىنىڭ قولىدىكى ئۈزۈكنىڭ يوقلۇقىنى، تامدىكى ئىشىكتەك يوغان تۆشۈكنى ۋە يەردە تۇرغان جادۇگەرنىڭ قولىنى كۆرۈپ ئايلىنىپ كېتىپتۇ.
تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئەمدىگىنە كۆزى يۇمۇلغان شاھزادە قىقاس - سۈرەننى ئاڭلاپ، ئويغىنىپ كېتىپتۇ ۋە دېرىزىدىن سىرتقا قاراپتۇ. ئوردا ئالدىدىكى مەيداندا ۋەزىر - ئۆلۈمالار، لەشكەر، ياساۋۇللار، ئوردا بەگلىرى ۋە ئاۋام خەلق سەپراس بولۇپ تۇرۇشقان، ۋەزىرلەر ئوتتۇرىدىكى شاھ تونى كىيگەن يوچۇن بىر كىشىگە خۇشامەت قىلىپ تۇرغان؛ ئۇنىڭ پەرمانىنى تۇتۇپ تۇرغان بۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتۇن ئۈزۈك پارقىراپ تۇرغان. شاھزادە ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ ۋە دەرھال كىيىنىپتۇ.
ئەسلىدە تەۋەككۈل كېچىدە جىددىي تەييارلىق كۆرۈپ تاڭ ئاتقاندا، شاھتىن باشقا بارلىق ئوردا ئەمەلدارلىرىنى، لەشكەر باشلىقلىرىنى ۋە ئاۋام خەلقنى ئاتاقلىق سودىگەر نامىدا چوڭ بىر سارايغا چايغا چاقىرىپتۇ. بۇ سودىگەرنىڭ ئىلتىپاتىدىن قۇرۇق قالماسلىقنى ئويلىغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ھەممىسى كېلىشىپتۇ. زىياپەت مول بوپتۇ. ھەممە مۇسەللەس ئىچىپ مەست بولغاندا تەۋەككۈل قوينىدىن شاھنىڭ پەرمانىنى چىقىرىپ ئوقۇپتۇ. ۋەزىرلەر ئۇنىڭ قولىدىكى ئۈزۈكنى كۆرۈپتۇ. ئاۋامنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ۋە تەنتەنىسى ئۇلارنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپتۇ. يېڭى شاھنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشنى خالىمىغان بەگزادە - بايۋەچچىلەر، ۋەزىر - ئۆلىمالار ئارقا - ئارقىدىن ئۇنى قوللاپ سۆزلىشىپتۇ ۋە بىردىنلا «تەقسىر شاھ ئالىيلىرى» دەپ خۇشامەت قىلىشقا باشلاپتۇ. تەۋەككۈل ۋاقىتنى غانىيمەت بىلىپ، ھەممىنى ئوردىغا باشلاپ كەپتۇ.
ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن شاھزادە جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شاھلىق تاجىنى تەۋەككۈلگە تاپشۇرۇپ، تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەپتۇ، تەۋەككۈل ئۇنىڭغا قاراپ:
- ئىنسابسىزلىقىڭدىن ھارامنى كۆپ يېگەنسەن، خەير، ھالالنىڭمۇ تەمىنى تېتىپ كۆر. بۇنىڭغا ئازراق دەسمايە بىلەن بىر ئات، ھارۋا بېرىڭلار، چوڭ خوتۇنى بىلەن تۆۋەن مەھەللىدىكى كەپىدە ئۆي تۇتۇپ، كاندىن كۆمۈر توشۇپ سېتىپ جان باقسۇن، - دەپتۇ.
تەۋەككۈل پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئادىللىقىدىن خەلق سۆيۈنۈپتۇ.
تەۋەككۇل كېچىسى كوچا كەزمىسە بېشى ئاغرىيدىغان بولغاچقا كۈندۈزى شاھلىق تاجىنى كىيىپ، تەختىدە ئولتۇرۇپ يۇرت سورىسا، كېچىسى ئەسكى چاپىنىنى كىيىپ، مەھەللىمۇ مەھەللە كېزىپ يۈرۈپ، ئەل - جامائەتنىڭ ئەرز، دادىنى ئاڭلىغاچ، ئەھۋاللارنى تىڭ - تىڭلايدىكەن.
تەۋەككۈل ئۆزىگە قول قويغان مەلىكىگە ئەلچى كىرگۈزۈپ، ئەلگە كاتتا توي قىلىپ بېرىپتۇ. قېيىن ئاتىسىنى ئوردىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. شۇندىن باشلاپ بۇ چەكسىز يايلاق - قىشلاقلاردا ئوغرى - يالغان قالمىغانىكەن