UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىشاھ بىلەن پادىچى

پادىشاھ بىلەن پادىچى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا موللا بىلال دېگەن بىر ئادەمنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى كامال، ئوتتۇرانچى ئوغلىنىڭ ئىسمى جامال، كەنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ۋىسال ئىكەن. موللا بىلال كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۈچ ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ: - بالىلىرىم، كېسىلىم كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. بۇ كېسەلدىن ساقىيالمايدىغان ئوخشايمەن. مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مىراس تالىشىپ ئاراڭلاردا ئىتتىپاقسىزلىق بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن، كۆزۈمنىڭ ئوچۇق چېغىدا مال - مۈلۈك، ئۆي - سەرەمجانلارنى سىلەرگە ئايرىپ بېرەي دەيمەن. قايسىڭلار مال - مۈلۈككە، قايسىڭلار دۇئاغا تۇرىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ. خېلى ھازاغىچە بۇلاردىن سادا چىقماپتۇ. ئاخىر كەنجى ئوغلى ۋىسال ئورنىدىن تۇرۇپ: - دادا، مەن دۇئاغا تۇراي. ماڭا دۇئا قىلىڭ، - دەپ دادىسىدىن دۇئا تەلەپ قىلىپتۇ. تۇنجى ئوغلى بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغلى >بىز دۇنياغا تۇرىمىز< دەپتۇ. موللا بىلال مال - مۈلۈك، ئۆي - سەرەمجانلارنى ئىككىگە ئايرىپ، مىراسنامە يېزىپ، چوڭ ئىككى ئوغلىغا بېرىپتۇ، كەنجى ئوغلى ۋىسالنى يېنىغا چاقىرىپ، باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ: - جېنىم بالام! ئاتاڭدىن ساڭا ھېچنەرسە مىراس قالمىدى. پەقەتلا دۇئا قالدى. >ئاتىسىدىن دۇئا ئالغان خار بولماس، نامەرتلەرنىڭ ئالدىدا زار بولماس<، >دۇئا بىلەن ئەر كۆكىرەر، سۇ بىلەن يەر< بالام، دۇنيادا ھەرگىز خار بولماي، گۈل - گىياھلاردەك كۆكلەپ - گۈللەپ كەتكەيسەن! - دەپ ئوغلىغا دۇئا قىلىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، موللا بىلال ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئوغۇللار دادىسىنى يەرلىككە قويۇپتۇ. چوڭ ئىككى ئوغۇل يولدىن چىققان ئادەملەر بىلەن ئىلپەت بولۇپ، كەيپ - ساپاغا بېرىلىپ كېتىپتۇ. كەنجى ئوغۇل دادىسىنىڭ قەبرىستانلىقىدا ئۆي قىلىپ، دادىسى ھەققىدە دۇئا - تەكبىر قىلىپ يۈرۈپتۇ. ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپتۇ. ۋىسال ئاكىلىرىنى سېغىنىپ يوقلاپ كەپتۇ. قارىسا ئاكىلىرى كەيپ - ساپا، ئەيشى - ئىشرەت كوچىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇلار ئۇكىسى ۋىسالنى كۆرۈپ، يات ئادەمدەك سوغاق مۇئامىلە قىلىپتۇ. ۋىسال ئاكىلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان بۇنداق سوغاق مۇئامىلىسىدىن رەنجىپ قايتىپ كېتىپتۇ. يەنە بىر يىل ئۆتۈپتۇ. گەرچە ئاكىلىرى ۋاپاسىزلىق قىلغان بولسىمۇ، ئۆز قېرىندىشى بولغاچ، ۋىسال يەنى ئۇلارنى سېغىنىپتۇ. بىر كۈنىسى ۋىسال >ئاكىلىرىمنى يوقلاپ كېلەي< دەپ، ئاكىلىرىنىڭ ئۆيىگە كەلسە، ئاكىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ۋەيرانە تۇرىمىش. ۋىسال >بۇ نېمە ئەھۋالدۇ؟< دەپ، ئۇيان ئىزلەپ، بۇيان ئىزلەپ ئاكىلىرىنى تاپالماپتۇ. خۇلۇم - قوشنىلىرىدىن سورىسا ئۇلار: >ئاكىلىرىڭىز ئىش - ئوقەت قىلماي، كېچە - كۈندۈز كەيىپ - ساپا بىلەن بولۇپ، مىراس قالغان مال - مۈلۈك، ئۆي - سەرەمجانلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ، بۇزۇپ - چېچىپ تۈگىتىپ، يەي دېسە يوق، ئىچەي دېسە يوق بولۇپ كوچىدا قالدى، چوڭ ئاكىڭىز كامال ھاممامنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاپ كۈنىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئىككىنچى ئاكىڭىز جامال زاسۈيپەزخانىنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاپ كۈنىنى ئېلىۋاتىدۇ< دەپتۇ. ۋىسال ئاكىلىرىنىڭ يامان ئەھۋالدا قالغانلىقىدىن پەرىشان بولۇپ ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئۇلارنى خۇلۇم - قوشنىلىرى ئېيتىپ بەرگەن يەرلەردىن تېپىپتۇ. قارىغىدەك بولسا، ئىككى ئاكىسىنىڭ يۈز - كۆزلىرى، پۇت - قوللىرىنى قاپ - قارا قاسماق بېسىپ كەتكەن، ئۈستىدە ئۆڭۈپ كەتكەن جۇل - جۇل كىيىم - كېچەك بولۇپ، توپا - توزان تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ئۆزلىرى جۈدەپ كەتكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. ۋىسال بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئاكىلىرىغا ئىچى ئاغرىپتۇ ۋە ئاكىلىرىغا: - ئاكىلار! مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قاپسىلەر، بۇ شەھەر ئەمدى بىزگە ھارام بوپتۇ. دادىمىز تەقۋادار ياخشى كىشى ئىدى. دادىمىزنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەيلى. >ياخشى ئىت ئىگىسىگە ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ< دەپتىكەن. بۇ يەرنى تاشلاپ باشقا بىر شەھەرگە چىقىپ كېتەيلى، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. ئىككى ئاكىسى ۋىسالنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىپتۇ. بۇلار شەھەردىن چىقىپتۇ. ناھايىتى ئۇزۇن مەنزىللەرنى بېسىپ، باشقا بىر شەھەر تەۋەسىگە ئۆتۈپتۇ. ماڭا - ماڭا كەچ كىرگەندە بىر ئاۋات مەھەللىگە كېلىپ قاپتۇ. قارىغىدەك بولسا، بىر كاتتا كەتكەن ئىمارەت كۆرۈنۈپتۇ. بۇلار ھويلىغا كىرىپتۇ. بۈگۈن بىر كېچە مۇشۇ يەردە قونۇپ كېتىشنى ئۆي ئىگىسىگە ئىلتىماس قىلىپتۇ. ئۆي ئىگىسى بۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، نېمە ئادەملەر ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ سوراپتۇ. بۇلار: - بىز دادىمىز ئۆلۈپ كېتىپ، يېتىم بولۇپ قالغان ئۈچ ئاكا - ئۇكا بولىمىز. باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئىش - ئوقەت قىلايلى دەپ چىقىۋىدۇق، بۇ يەرگە كەلگەندە كەچ بولۇپ قالدى. مۇشۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ كەتسەك دەپ كېلىشىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - ئۇنداق بولسا، مېنىڭ ئۈچ - تۆت يۈزدەك قويلىرىم بار. سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، قويلىرىمنى بېقىپ بەرسەڭلار، سىلەر رازى بولغىدەك ھەق بەرسەم قانداق؟ - دەپتۇ ئۆي ئىگىسى. بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكا ماقۇل بولۇپتۇ. كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ. ئۆي ئىگىسى ھەر كۈنى باشقا بىر ئاتنى يەڭگۈشلەپ مىنىپ سەھەردىلا شەھەرگە كىرىپ كېتىپ، كەچ بولغاندا قايتىپ چىقىدىكەن. شەھەردە بولغان ۋەقەلەرنى ئاغزى تالغىچە كىشىلەرگە سۆزلەپ كېتىدىكەن. بۇلارمۇ ھەر كۈنى كەچ قويلىرىنى قوتانغا سولاپ قويۇپ، باينىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىكەن. باي بىر كۈنى شەھەردىن قايتىپ چىقىپلا: >ۋاي، بۈگۈن سۆلەتلىك بىر شاھزادە ئارغىماقنى چاپتۇرۇغانچە كېلىپ، راۋاقنىڭ سەككىزىنچى پەلەمپىيىگىچە چىقىپ ئىلگىرىلىيەلمەي قايتىپ كەتتى. پادىشاھ مەلىكىسىنى ئاشۇ شاھزادىگە بەرمىگىيتى< دەپ ئاھ ئۇرۇپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ نامىنى >يېڭى ئاۋات< دەپ ئاتايدىكەن، شەھەر پادىشاھنىڭ مەلىكە دىلشات دېگەن ئارزۇلۇق بىرلا قىزى بار ئىكەن. ھۆسىن جامالدا يىگانە ئىكەن. بۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ئاسماندىكى ئايمۇ خىجىل بولىدىكەن. بۇ قىزنىڭ داڭقى دۇنياغا كېتىپتۇ. بۇ قىزغا تەرەپ - تەرەپتىن كۆپلىگەن شاھزادىلەر، بەگزادىلەر لايىق بولۇپ ئەلچى قويۇپتۇ. پادىشاھ بۇلارنىڭ قايسى بىرىگە ماقۇل بولۇشنى بىلەلمەي، بۇ ھەقتە ۋەزىرلىرىگە مەسلىھەت ساپتۇ. بۇلار پادىشاھىغا مۇنداق بىر مەسلىھەت بېرىپتۇ. - مەلىكەم شاھانە راۋاقتا ئولتۇرسا، كىمىكى راۋاقنىڭ قىرىق پەلەمپىيىدىن ئاتنى چاپتۇرۇپ راۋاققا چىقىپ، مەلىكەمنىڭ قولىدىكى ئەڭگۈشتەر ئۈزۈككە ئېرىشەلىسە، پۈتۈن توي چىقىملىرىنى پادىشاھلىقتىن قىلىپ، شۇنىڭغا بەرسەك. بۇ مەسلىھەت پادىشاھقا ناھايىتى ماقۇل كەپتۇ ۋە بۇ ھەقتە شەمۇ - شەھەرگە پەرمان چىقىرىپتۇ. بۇ خەۋەر ئاڭلانغاندىن كېيىن، تەرەپ - تەرەپلەردىن نى - نى شاھزادىلەر، بەگزادىلەر خىل ئارغىماقلىرىنى ئېلىپ مەلىكىگە لايىق بولۇپ كېلىپ نۆۋەت بىلەن ماھارەت كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ۋىسالنىڭ ئىككى ئاكىسى شەھەردە بولۇۋاتقان تاماشىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولۇپ، ۋىسالنى قويدىن خەۋەر ئالغىلى قويۇپ، شەھەرگە كېتىپتۇ. بۇلار تاماشا كۆرۈپ كەچ قايتىپ كەپتۇ. شەھەردە كۆرگەنلىرىنى ۋىسالغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئەتىسى ئىككىسى يەنە شەھەرگە كېتىپتۇ. ۋىسال قوي بېقىپ قاپتۇ. كەچ بولغاندا بۇلار قايتىپ كېلىپ: - ۋاي، بۈگۈن، ناھايىتى سالاپەتلىك بىر شاھزادە ئېتىنى چاپتۇرۇپ كېلىپ 20 -پەلەمپىيىگىچە چىقتى. ئەتە يەنە بىرەرسى 30 - پەلەمپەيگە چىقسا، يەنە بىرسى 40 - پەلەمپەيگە چىقسا، مەلىكە بىلەن توي قىلىپ كېتىدۇ. بىر نەچچە كۈن بولسىمۇ مەلىكىنىڭ جامالىنى تاماشا قىلىۋالساق بولاتتى، - دەپ ھەسرەت چېكىشىپتۇ. ئەتىسى ئاكىلىرى شەھەرگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ۋىسال قويلارنى بېقىپ بىر دۆڭنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپتۇ. قويلار ئوتلاپ تويۇپ ۋىسالنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ يېتىشىپتۇ. ۋىسال غېرىپچىلىقتا دادىسىنى يادلاپ يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. چۈشىدە دادىسى كېلىپ ۋىسالنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۈستىگە ناھايىتى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ بىر ئارغىماق ئاتقا مىندۈرۈپ قويۇپتۇ. شۇئاندا >بالام، قوپ ئورنىڭدىن< دېگەن بىر سادا ئاڭلىنىپتۇ. ۋىسال چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، ئالدىدا ئاپئاق ساقال بىر بوۋاي تۇرغىدەك. ۋىسال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، بوۋايغا سالام بېرىپتۇ. بوۋاي: - بالام! ئاكىلىرىڭ قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئاكىلىرىم شەھەرگە كىرىپ كەتتى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋىسال. - نېمىشقا كەتتى؟ - شەھەردە پادىشاھنىڭ قىزىغا لايىق بولۇپ، تەرەپ - تەرەپلەردىن شاھزادە، بەگزادىلەر كېلىپ كاتتا مەرىكە بىلەن بولغان ئىكەن، تاماشا كۆرۈپ كېلىمىز دەپ كەتتى. - سەنمۇ شەھەرگە بېرىپ تاماشا كۆرۈپ كەلسەڭ بولمامدۇ؟ - ياق، بارمايمەن، مەندەك بىر غېرىپقا تاماشىنىڭ نېمە ئىشى؟ - سەنمۇ بار، مەن ساڭا ئۈچ دانە قىل بېرەي. برىنچى كۈنى قارا قىلنى كۆيدۈرسەڭ، ئالدىڭغا بىر دانە قارا ئارغىماق كېلىدۇ. ئات ئىگىرىنىڭ قۇش بېشىغا بىر دانە بوخچا ئېسىقلىق، بوخچىدا كىيىم بار. سەن كىيىملەرنى كىيىپ ئاتقا مىنگىن، ئات سېنى ئېلىپ شەھەرگە بارىدۇ. ئات 20 - پەلەمپىيىگىچە چىقىپ، يەنە ئارقىغا يانىدۇ. قايتىپ كېلىپ كىيىمنى بوخچىغا چېگىپ ئىگەرنىڭ قۇش بېشىغا ئېلىپ قوي. ئات ئۆز يولىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى قىزىل قىلنى كۆيدۈرسەڭ قىزىل رەڭلىك ئات كېلىدۇ. بۇ ئات 30 - پەلەمپەيگىچە چىقىپ قايتىپ كېلىدۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئاق قىلنى كۆيدۈرسەڭ ئاق ئات كېلىدۇ. بۇ ئات بىراقلا 40 - پەلەمپەيگىچە چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇرادىڭغا يېتىسەن، - دەپتۇ بوۋاي ۋە ۋىسالغا ئۈچ دانە ئاتنىڭ قىلىنى بېرىپلا غايىپ بولۇپتۇ. ئەتىسى ئاكىلىرى شەھەرگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ۋىسال قارا قىلنى كۆيدۈرۈپتۇ. بىر قارا ئارغىماق قۇيۇندەك چېپىپ، ۋىسالنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. ۋىسال بوۋاينىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئىگەرنىڭ قۇش بېشىغا ئىلغىلىق بوخچىنى ئېچىپ، كىيىملەرنى كىيىپ، ئاتقا مىنىپ شەھەرگە كەپتۇ. ئات چاپقانچە 20 - پەلەمپەيگە چىقىپتۇ. پۈتۈن مەيداننى ۋاڭ - چۇڭ قاپلاپتۇ. كىشىلەر توپى بارىكاللا ئېيتىشىپتۇ. ۋىسال قايتىپ كېلىپ، كىيىملەرنى سېلىپ بوخچىغا چېگىپ ئىگەرنىڭ قۇش بېشىغا ئىلىپ قويۇپ، ئاتنى يولغا ساپتۇ. كەچقۇرۇن ئاكىلىرى شەھەردىن قايتىپ كېلىپ: - بۈگۈن ناھايىتى ئازادە كىيىنگەن بىر شاھزادە، ئالامەت كىلىشكەن بىر زور ئارغىماق ئاتنى مىنىپ كېلىپ، چاپقانچە 20 - پەلەمپەيگە چىقتى، - دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىپتۇ. ۋىسال ئۈن - تىن چىقارماي تىڭشاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەتىسى ئاكىلىرى يەنە شەھەرگە كېتىپتۇ. ۋىسال قويلىرىنى ئوتلاشقا قويۇپ بېرىپ، قىزىل قىلنى كۆيدۈرۈپتۇ. بىر قىزىل ئارغىماق قۇيۇندەپ چېپىپ، ۋىسالنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. ۋىسال كىيىملەرنى كىيىپ، ئاتقا مىنىپ شەھەرگە كەپتۇ. ئات چاپقانچە 30 - پەلەمپەيگە چىقىپتۇ. پۈتۈن مەيداننى ۋاڭ - چۇڭ قاپلاپتۇ. كەچقۇرۇن ئاكىلىرى قايتىپ كېلىپ: - بۈگۈن بىرشاھزادە كەپتۇ. كىيگەن كىيىملىرى ئوتقاشتەك، تۈنۈگۈنكىدىنمۇ قالتىس ئىكەن. بىر قىزىل ئارغىماقنى مىنىپ كەپتۇ. ئەجەپ كېلىشكەن ئات ئىكەن، ئۇدۇللا كېلىپ 30 - پەلەمپەيگە چىقىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەمدى مەلىكىنى ئېلىپ كېتىدىغان بولدى. ۋاي ئىسىت، - دېيىشىپ ھەسرەت چېكىشىپتۇ. ۋىسال ئۈن - تىن چىقارماي تىڭشاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەتىسى ئاكىلىرى يەنە شەھەرگە كېتىپتۇ. ۋىسال ئاق قىلنى كۆيدۈرۈپتۇ. شۇئان بىر ئاق ئارغىماق قۇيۇندەك چېپىپ ۋىسالنىڭ ئالدىغا توختاپتۇ. ۋىسال ئاتقا مىنىپ شەھەرگە كەپتۇ. ئات چاپقىنىچە توختىماستىن 40 - پەلەمپەيگە چىقىپتۇ. ۋىسال ئاتتىن چۈشۈپ مەلىكىگە سالام بېرىپتۇ. مەلىكە ئورنىدىن تۇرۇپ ۋىسالغا تەبەسسۇم قىلىپ قولىدىكى ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ: - ئەتە ئوردىغا كېلىڭ، -دەپتۇ. ۋىسال مەلىكە تەقدىم قىلغان ئۈزۈكنى ئېلىپ قايتىپتۇ. مەيداننى ئاللا ـ چۇقان قاپلاپتۇ. ھەممە ۋىسالغا تەھسىن - ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. مەلىكە دىلشاتقا ئاشىق ۋە لايىق بولۇپ، تەرەپ - تەرەپلەردىن كەلگەن شاھزادە، بەگزادىلەر نادامەتتە قاپتۇ. شۇ كۈنى پادىشاھلىقتىن: >ئات چاپتۇرۇپ، ماھارەت كۆرسىتىپ شاھانە راۋاقنىڭ 40 - پەلەمپىيىگىچە چىقىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرنى ئورۇنلاپ، مەلىكىنىڭ ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكىگە ئېرىشكۈچى ئەتە ئۈزۈكنى ئېلىپ شاھ ئوردىسىغا كېلىپ كۈيئوغۇللۇقنى قوبۇل قىلسۇن. رەسمىي نىكاھ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ 40 كۈنلۈك توي بولىدۇ< دەپ ئېلان چىقىرىپتۇ. شۇ كۈنى ۋىسال قويلارنى ھەيدەپ كېلىپ قوتانغا سولاپ تۇرۇشىغا، ئاكىلىرى غەمكىن، پەرىشان ھالدا شەھەردىن قايتىپ كەپتۇ. ۋىسال ئاكىلىرىدىن ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. ئاكىلىرى: - بۈگۈن ئاق ئارغىماق مىنگەن، ئۆزى ناھايىتى كېلىشكەنبىر شاھزادە ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، 40 پەلەمپەيدىن بىراقلا بېسىپ، سەلتەنەتلىك شاھانە راۋاققا چىقتى. مەلىكە ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلدى، مەلىكە ئەمدى شۇنىڭ بولۇپ كەتتى. بىز مۇندىن كېيىن مەلىكىنىڭ جامالىنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇق، ۋاي ئىسىت! - دەپ ھەسرەت چېكىپتۇ، ۋىسالنىڭ بۇلارغا ئىچى ئاغرىپ، چوڭ ئاكىسى كامالغا: - ئەگەر ئەڭگۈشتەر ئۈزۈك سېنىڭ قولۇڭغا چۈشكەن بولسا، ئوردىغا بېرىپ پادىشاھقا كۈيئوغۇل بولارمىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. - قوي، بۇنداق قۇرۇق گېپىڭنى. ئەڭگۈشتەر ئۈزۈك قانداقمۇ بىزدەك پادىچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسۇن؟ - دەپتۇ كامال. - ئەڭگۈشتەر ئۈزۈك مانا. سەن بۇنى ئېلىپ ئوردىغا بارغىن. بەلكى مۇرادىڭغا يېتەرسەن، - دەپ ئۈزۈكنى كامالغا تەڭلەپتۇ. ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكنى كۆرۈپلا، كامالنىڭ كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ كېتىپتۇ. - سەن بۇ ئۈزۈكنى قەيەردىن تېپىۋالدىڭ؟ - سەن بۇنىڭ نېرى - بېرسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرماي، ئوردىغا ئېلىپ بېرىۋەر، - دەپتۇ ۋىسال. - مەن مۇشۇ جولدىقى جونداق تۇرقۇم بىلەن بۇ ئۈزۈكنى كۆتۈرۈپ بارسام، قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ >قەيەردىن ئوغرىلىۋالدىڭ< دەپ تۇتۇۋالسا بالاغا قالمامدىمەن؟ - كىم ئۈزۈككە ئېرىشسە، مەلىكىنى شۇنىڭغا بېرىمەن دېگەندىن كېيىن، پادىشاھ لەۋزىدە تۇرىدۇ. ئەندىشە قىلما. ئەتىسى كامال ئۈزۈكنى ئېلىپ ئوردىغا كەپتۇ. دەرۋازىۋەنلەر پادىشاھقا خەۋەر قىلىپتۇ. پادىشاھ كىرىشكە ئىجازەت قىلىپتۇ. ئۈزۈكنى پادىشاھقا كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ كامالنىڭ ئۈستىدىكى كىيىم - كېچەكلىرىگە، ئۇنىڭ تەققى - تۇرقىغا قاراپ، ھەيران بولۇپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىپتۇ ۋە مەلىكىگە كۆرسىتىپتۇ، مەلىكە: - ئۈزۈكنى قولۇمدىن ئالغان يىگىت بۇ ئەمەس، - دەپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، جاللاتنى چاقىرىپ: - بۇ ئوغرىنى دارغا ئېسىڭلار! - دەپ بۇيرۇپتۇ. شۇ ئاندا كامال راستىنى ئېيتىپ: - مېنىڭ بىر ئۇكام بار. شۇ بەرگەن. قالغان ئىشنى بىلمەيمەن، - دەپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ كامالنىڭ ئۇكىسىنى ئېلىپ، كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. جاللاتلار بېرىپ ۋىسالنى ئايىقىنى يەرگە تەككۈزمەي دەرھال ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ قارىغىدەك بولسا، بىر پادىچى بالا. پادىشاھ ۋىسالنى سوراق قىلىپتۇ. ۋىسال ئەينەن ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. مەلىكىگە كۆرسەتكەن ئىكەن، مەلىكە كۆرۈپلا تونۇپتۇ ۋە: - ئاق كىيىم بىلەن، ئاق ئارغىماق بىلەن ،40 پەلەمپەي ئېشىپ راۋاققا چىققان يىگىت مۇشۇ، مەن ئۈزۈكنى مۇشۇنىڭغا بەرگەن، - دەپتۇ. ۋىسالنى دەرھال مۇنچىغا ئەۋەتىپ يۇيۇندۇرۇپ، شاھانە كىيىملەرنى كىيىدۈرۈپتۇ. پادىشاھ ۋەدىسىگە بىنائەن، 40 كۈن توي - تاماشا قىلىپ، مەلىكە دىلشاتنى ۋىسالغا بېرىپتۇ. ۋىسال پادىشاھقا كۈيئوغۇل بولۇپتۇ. ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى بىلەن كۈندىن - كۈنگە نامى چىقىپتۇ. ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە بوپتۇ. دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ ئىشلىرى توغرىسىدىكى مەسلىھەتكە قاتنىشىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. پادىشاھ ۋاپات بولۇپتۇ. پۈتۈن خەلق ۋىسالنى پادىشاھلىققا سايلاپتۇ. ۋىسال ئەلنى ئادالەت بىلەن سوراپتۇ. ئەل ئاۋات، خەلق پاراۋان ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق