ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلار
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر نامرات بوۋاي ياشىغان ئىكەن. ئۇ يىل بويى ئىشلىسىمۇ، ئاخىرىدا ئارا - گۈرجەكنى قولتۇقلاپ قالىدىكەن. يەردىن چىققان ھەممە ھوسۇلى يەر ئىجارىسى ۋە پادىشاھلىق ئالۋاڭ - ياساقلار بىلەن تۈگەيدىكەن. بىجارە دېھقان پۈتۈن دەرت - ئەلىمىنى «ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلار» دېگەن بىر جۈملە سۆزگە مۇجەسسەملەپ، كېلەر يىللىق دىھقانچىلىق پەسلىگىچە مەھەللە ئارىلاپ تىلەمچىلىك قىلىدىكەن.
بوۋاي كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىلەمچىلىك قىلىپ بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. بۇ شەھەر ناھايىتى چوڭ، ئادىمى كۆپ، بازىرى بەكمۇ ئاۋات ئىكەن. دېھقان شەھەرنى ئارىلاپ ئىشىك - ئىشىككە كېلىپ: «ھەق ئامىن!» دەپ توۋلاپتۇ، بەرگەن سەدىقىنى ئېلىپ «ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلار، ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر!» دېگىنىچە كېتىۋېرىپتۇ. سەدىقە بەرگۈچىلەر بوۋاينىڭ بۇ سۆزىگە ھايران بولۇشۇپ ئارقىسىدىن قاراپ قېلىۋېرىپتۇ.
بىر كۈنى بوۋاي شەھەرنىڭ تېخىمۇ ئاۋات بىر كوچىسىغا كەپتۇ. ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بىر چوڭ ئىمارەتكە كۆزى چۈشۈپتۇ، ئۇنىڭغا قارىغىنىچە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچىدىن سوراپتۇ:
- تەقسىر، بۇ كىمنىڭ سارىيى؟
- پادىشاھ ئوردىسى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يولۇچى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان بوۋاينىڭ كۈن ئالغىلى قويمىغان بايلار ئۈستىدىن پادىشاھقا ئەرز قىلغۇسى كەپتۇ - دە، ئۇدۇللا ئوردا دەرۋازىسىغا كەپتۇ. ئەمما نۆۋكەرلەر ئۇنى ئىچىكىرىگە كىرگۈزمەپتۇ. بوۋاي:
- مەرھەممەت قىلىپ خان ئالىلىرىغا مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى خەۋەر قىلىپ قويساڭلار، مېنىڭ ئەرزىم بارئىدى، - دەپتۇ. نۆۋكەرلەر ئۇنىماپتۇ. بوۋايمۇ ئۆز تەلىۋىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ، ئاخىرى، بوۋايدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن نۆۋكەرلەر ئوردىغا كىرىپ مەلۇم قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ ۋە قايتىپ چىقىپ:
- خان ئالىلىرى كىرسۇن، دېدى، - دەپتۇ.
بوۋاي خۇرجۇنىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، ئوردىغا كىرىپتۇ. ئوردىدىكى ھەشەمەتلىك جاھازىلارغا، ئالتۇن تەخىتتە ئولتۇرغان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەرخىل تون - سەرپالارغا ئورۇنۇپ ئولتۇرغان ساراي ئەمەلدارلىرىغا، ساۋۇت كىيىپ، قېلىچ، ئايپالتىلار بىلەن قوراللانغان لەشكەرلەرگە قاراپ ھەيرانلىقتا گاڭگىراپ، پادىشاغا تازىم قىلىپ تىز چۆكۈشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ:
- كىم سەن؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ. بوۋاي:
مەن خەيرىچى... - دىيىشىگىلا، پادىشاھ خىزمەتكارغا:
- ماڭ، ئەپچىق! - دەپ بۇيرۇپتۇ. خىزمەتكار كىرىپ كېتىپ، بىر پەتنۇستا نان ۋە پارچە - پۇرات پۇللارنى ئەپ چىقىپ بېرىپتۇ. بوۋاي ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتىرىپ:
- ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلار، ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر! - دەپتۇ - دە، سەدىقىنى خۇرجۇنغا ساپتۇ. نۆۋكەرلەر ئۇنى سۆرەشتۈرۈپ ئوردىدىن چىقىرىۋېتىپتۇ.
بوۋاي ئەتىسى يەنە ئوردا ئالدىغا كەپتۇ، لېكىن ئوردىغا كىرىشنى تەلەپ قىلماي پەقەت ئادىتى بويىچە: «ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلار، ھەق ئامىن» دەپتۇ. ئىشىكتىكى چاكار كىرىپ پادىشاھنىڭ سەدىقىسىنى ئەپچىقىپ بېرىپتۇ. بوۋاي ئۆگۈنى يەنە كەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان شاھنىڭ غەزىۋى كېلىپ خىزمەتكارىغا:
دىۋانىغا سەدىقە بەرمەي ھەيدەش ئوردىنىڭ شەنىگە سەت ئىش. بۈگۈن ئاز - تولا نەرسە بېرىپ يولغا سېلىۋەت، ئاندىن ناۋايغا تاپىلاپ قوي، بۇ قەلەندەرگە ئاتاپ ئوغا سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ بىر توقاچ يېقىپ قويسۇن، يەنە كەلسە شۇنىلا بېرىڭلار، ئۆلۈپلا تۈگەشسۇن، - دەپتۇ.
بۇيرۇق بىجا كەلتۈرۈلۈپتۇ.
ئەتىسى بوۋاي يەنە كېلىپ ئادىتىنى تەكرارلاپتۇ. خىزمەتكار كىرىپ كېتىپ، قىزىرىپ چىرايلىق پىشقان بىر توقاچنى ئەپچىقىپ بېرىپتۇ.
بوۋاي ئۆز يولىغا كېتىۋېرىپتۇ. ئەمدى گەپنى باشقا ياقتىن ئاڭلايلى:
پادىشاھنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئوۋ قىلىشقا بەكمۇ ھەۋەسكار ئىكەن. بۇ قېتىم شاھزادە ئوۋدا ئۇزۇن يۈرۈپ قالغاچقا ئوزۇقى تۈگەپ قاپتۇ. شەھەرگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقىنىدا، شاھزادە چاپارمىنىگە: «يىگۈدەك بىر نەرسە تېپىپ كەل!» دەپ بۇيرۇپتۇ. چاپارمەن ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، ھېلىقى بوۋايغا ئۇچراپتۇ - دە:
ھەي بوۋاي، سېنىڭ ئۆيۈڭ نەدىرەك؟ بىزگە ئازراق يەيدىغان نەرسە لازىم ئىدى، شاھسادىمىزنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتتى، - دەپتۇ.
- بوۋاي دەررۇلا:
- تەقسىر، مېنىڭدە بىر ئاز نان بار، نەزەرلىرىگە مەنزۇر بولسا بېرەي، - دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان چاپارمەن بوۋاينىڭ خۇرجۇنىنى ئاختۇرۇپ ھېلىقى پۈتۈن توقاچنى، قاپىغىدىكى سۇنى ئېلىپ شاھزادىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. قوسىغى ئېچىپ كەتكەن شاھزادىنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كېتىپتۇ - دە، توغاچتەك قىزىرىپ پىشقان توقاچنى تۈگىتىپ يەپ بولمايلا شاھزادىنىڭ چىرايى كۆكىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ تولغىنىپ ۋاي - ۋايلاشقا باشلاپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن نۆكەرلەر ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي شاھزادىنى ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ. تىۋىپلار تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ، شاھزادىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، شاھزادە ئۆلۈپتۇ. دۇنيالىقتىكى بىردىن - بىر يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان پادىشاھ دەرھال نۆۋكەرلەرنى چاقىرىپ، ئوغلىنىڭ نېمە يىگەنلىكىنى سوراپتۇ، نۆۋكەرلەر ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ، پادىشاھ دەررۇ بېرىپ شۇ بوۋاينى تېپىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ، نۆۋكەرلەر كۆپ ئۆتمەي ھېلىقى بوۋاينى تېپىپ كەپتۇ.
- ئېت قېرى! مېنىڭ ئوغلۇمغا نېمە باردىڭ! - دەپ غەزەپ بىلەن ۋارقىراپتۇ پادىشاھ.
- ئىنشائاللا پادىشاھىم، تۈنۈگۈن ئالىلىرى ھەدىيە قىلغان توقاچنى تېخى يىمىگەن ئىدىم. بۈگۈن يولدا كېتىۋاتسام بىر نۆۋكەر شاھزادىنىڭ ئوزۇغى تۈگەپ قوسىغى ئېچىپ كەتتى، دەپ خۇرجۇنۇمنى ئاختۇرۇپ ئاشۇ پۈتۈن توقاچنى ئېلىۋالغان ئىدى، - دەپتۇ بوۋاي.
پادىشاھ «ئاھ» دەپ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، ئۆزىنى تۇتالماي ھۆكىرەپ يىغلاپتۇ.
- «ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلار» دېگەن گېپىڭ توغرا چىقتى. ساڭا مەن قەست قىلىۋىدىم. ئۆزەمگە ياندى، ئاھ ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟!
(«شىنجاڭ ئەدەبىياتى» نىڭ 1980 - يىل 7 - سانىدىن ئېلىندى)
رەتلىگۈچى: ھۆرنىساتۇردى