ئادىل پادىشاھ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنلارنىڭ بۇرۇنىسىدا، ئېشەككە قۇلاق، قوشقارغا مۈڭگۈز چىقىمىغان زاماندا، دەقىيانۇس شەھىرىدىن يىراق بىر سەھرايى قىيامەتتە شاكىر ئىسىملىك بىر بالا يالغۇز ئانىسى بىلەن كۈندىلىك يېمىكىنى كۈندە تېپىپ يەپ، سېرىقتال كۈن كەچۈرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانىسى قاتتىق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا قارا خورىزى بار ئىكەن. شاكىر شۇ خورازنى سېتىپ پۇلىغا ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن دەقىيانۇس شەھىرىگە قاراپ تاڭ قاراڭغۇسىدا يولغا چىقىپتۇ. بىر كېچە - كۈندۈز توختىماي مېڭىپ، ئەتىسى چاي ۋاقتىدا دەقىيانۇس شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ - دە. ھېرىپ - ئېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر دوقمۇشتا خورازنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. خوراز ئۇنىڭ قولىدىن بوشىنىپ كېتىپ، شۇ كوچىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر باينىڭ قورۇسىدىكى توخۇلارغا ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. بۇبابنىڭ قورۇسىنىڭ ئالدىدىكى كىچىككىنە بوش يەرنى بىر سودىگەر ئىجارىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە باينىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قېلىپ، بۇ يەردىن قوغلىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ پەيتىنى تاپسىلا بايغا خۇشاماەت قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ شۇ كۈنى شاكىرنىڭ خورىزىنىڭ باينىڭ توخولىرىغا قېتىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باينىڭ >ياخشىلىقى<غا مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكچى بوپتۇ.
شاكىر بىر ھازادىن كېيىن چۆچۈپ ئويغانسا، خورىزى يوق. ئۇيان ئىزدەپ، بۇيان ئىزدەپ، ئاخىرى ھېلىقى باينىڭ قورۇسىغا كىرىپتۇ - دە، خورىزىنى تونۇپ تۇتۇۋالماقچى بوپتۇ. سودىگەر يۈگۈرۈپ كىرىپ شاكىرنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ ۋە:
- ۋاي تەقسىر.... توخۇغا بۇلاڭچى كەلدى! دەپ چوقان كۆتۈرۈپتۇ، بايمۇ بۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭنى ئاڭلاپ، ئۆيدىن چىقىپتۇ. سودىگەر باينى كۆرۈپ تېخىمۇ ئەدەپ:
- قارىسىلا تەقسىر، بۇ قارا خوراز ئۆزلىرىنىڭ ئەمەسمۇ؟ ئاتامەي، تونىمىغاندەكلا قارايلىغۇ؟ سېلىنىڭ قارنىلىرى توق بولغاچقا توخۇلىرىنىڭ رەڭگى روھى ھەم سانىغا دېگەندەك سەپسېلىپ كەتمىدىلە، پېقىرسىلىنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىدا دۆلەتلىرىنىڭ سايىسىدا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى. خۇدا ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن، مەن بۇ قارا خورازنى بەكمۇ ئوبدان تونۇيمەن، - دەپتۇ ۋە شاكىرغا قاراپ ۋارقىراپتۇ، - ھەي يالاڭتۆش گاداي، تەقسىرىمنىڭ شۇنچىۋالا مال - دۇنياسى تۇرۇقلۇق سېنىڭ بۇ ئورۇق خورىزىڭنى ئېلىۋالامتى؟!
باينىڭ چاكار - دېدەكلىرىنىڭ ناھاقچىلىقنى، ھەقنى سۆزلەشكە قۇربى يەتمەپتۇ.
بايمۇ بۇ كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ ئۇ خۇشامەتچىنىڭ تەرىپىنى ئاپتۇ. شاكىر ئۆزىنى تۇتالماي، ئۇ خۇشامەتچىنىڭ ئىپلاس ئاغزىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى ساپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جېدەل يوغىناپ ئىش پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىش دەرىجىسىگە يېتىپتۇ.
شەھەرنىڭ پادىشاھى ئادىللىقتا داڭ چىقارغان بولۇپ، خەلق ئۇنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن. پادىشاھ ئۇلاردىن بىر - بىرلەپ ئەھۋالنى سوراپتۇ. نۆۋەت بايغا كەلگەندە، ھېلىقى سودىگەر پادىشاھقا يەتتە پۈكلىنىپ تازىم قىلىپ، شاكىرنىڭ ئۈستىدىن تېخىمۇ يوغان توقىناق بالالارنى توقۇپ چىقىپتۇ. ئادىل پادىشاھ ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى پەملەپتۇ - دە، شاكىردىن:
- ئوغلۇم، سەن خورىزىڭغا بۈگۈن ئەتىگەن قانداق دان بەرگەنىدىڭ؟- دەپ سوراپتۇ.
- ئاق قوناق - دەپتۇ شاكىر. ئاندىن پادىشاھ بايدىن سوراپتۇ.
مېنىڭ توخۇلىرىم ھەر قاچان چار بۇغداي بىلەن بېقىلىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ باي كۆرەڭلەپ. شۇنىڭ بىلەن ئادىل پادىشاھ شۇ مەيداندىلا باينىڭ توخولىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، شاكىرنىڭ خورىزى بىلە بىللە بوغۇزلىتىپتۇ ۋە ھەممىسىنىڭ پوكىنىنى يارغۇزۇپتۇ. دېگەندەك، شاكىرنىڭ خورىزىنىڭ پوكىنىدىن ئاق قوناق، باينىڭ توخۇلىرىڭكىدىن چار بوغداي چىقىپ، ئىش ھەممىگە ئايان بوپتۇ. ئادىل پادىشاھ دەرھال باينىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇنىڭ يوتا - كاسسىسىغا ھەسەل سۈرتۈشنى، ھېلىقى سودىگەرگە ھەسەلنى پاك - پاكىز يالاپ تۈگىتىشنى بۇيرۇپتۇ.
باي خالايىق ئالدىدا ئىززەت - ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ۋايىم يەپ، پادىشاھتىن گۇناھىنى تىلەپتۇ، ھەتتا نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش ۋەدە قىپتۇ. ھېلىقى سودىگەر ئاسمان، يەر - زېمىننى گۇۋاھ قىلىپ مۇنداق ئىشنى قايتا قىلماسلىققا قەسەم ئىچىپتۇ. پادىشاھ ھۆكۈمدىن يانماپتۇ. چاپارمەنلەر دەرھال باينى يالىڭاچلاپ، ئۇنىڭ يوتا، كاسسىسىغا ھەسەلنى تازا سۈرتۈپتۇ. خۇشامەتچى سودىگەر ھەسەلنى پاك - پاكىز يالاشقا مەجبۇر بوپتۇ، ئارىلىقتا توختاپ قالسا دەررە يەپ، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ پاكىز يالاپتۇ، خالايىق ئادىل ھۆكۈمگە تەنتەنە قىلىپ قاقاھلاپ كۈلۈشۈپتۇ. پادىشاھ شاكىرغا يېتەرلىك پۇل بېرىپ، يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. >يالاقچى< دېگەن سۆز ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
ئېيىتپ بەرگۈچى خوتەن ناھىيە توساللا يېزىسىدىن مەمتىمىن ئەبەيدۇللا.