UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئىككى >موللا<

ئىككى >موللا<

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، يىراق - خىلۋەت بىر يېزىدا يامانلىقىدىن ھاۋادا ئۇچىدىغان، ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان ئىككى ئوغرى بار ئىكەن. ئۇلار تولا ئوغرىلىق قىلىپ، تولا تۇتۇلۇپ، يۇرت ئىچىدە بەكمۇ سېسىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر نېمىسى يوقالسا، ئۇدۇل كېلىپ شۇ ئىككى ئوغرىنى تۇتىدىغان بوپتۇ. ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى پەملىگەن چوڭ ئوغرى بىر كۈنى كىچىكىگە: - بۇرادەر، بۇ يۇرتتا تۇرغۇچىلىكىمىزمۇ قالمىدى. ئەمدى ئورۇن يەڭگۈشلىمىسەك بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ياقا يۇرتلارغا كەتسەك قانداق دەيسىلەر؟ - دەپتۇ. - مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇراتتىم، - دەپتۇ كىچىك ئوغرى خۇشال بولۇپ، - زادى كەتمەي بولمايدۇ، لېكىن ياقا يۇرتلاردا تېنەپ - تەمتىرەپ قالماي جان باقالارمۇ؟ - بۇنىڭدىن غەم قىلماڭلار بۇرادەر، ئامال قىلغىلى بولىدۇ. ياقا يۇرتتىكىلەر بىزنى تونىمايدۇ، ھە دېگەندىلا ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھۆرمەت - ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇۋالساقلا ئىشمىز يۈرۈشۈپ كېتىۋېرىدۇ دەڭلا! - ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھۆرمەت - ئىشەنچىسىگە قانداق قىلىپ ئىگە بولالايمىز، ئاداش؟ قېنى، ئويلىغىنىڭلارنى دەپ بېقىڭلار، مەسلىھەتلىشەيلى! - دەپتۇ كىچىك ئوغرى. - بۇنىڭ يولى ئاسان، - دەپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ چوڭ ئوغرى، - ئالەمدىكى ئىشلارنىڭ تولىسى ساختا بولىدۇ. بىرىنى بىرى ئالدىمىسا جان باققىلى بولمايدۇ، ئاداش. ياقا يۇرتقا بارغاندىن كېيىن >موللا< دېگەن سالاپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىمىز، ھەر كۈنى بەشۋاخ نامازدىن قالماي، مەسچىتكە بېرىپ ئولتۇرۇۋالىمىز، قولىمىزدىن تەسۋىي چۈشمەيدۇ، بىر نەچچە سۈرە يادلىۋالساقلا بولىدۇ. ئارىلاپ خەتمە قۇرئان قىلىپ بېرىمىز، جامائەت يىغىلغان سورۇنلاردا بىر - بىرىمىزنى >قالتىس يېزىنىڭ ئادەملىرى ناھايىتى گول بولىدۇ، ئۇزۇنغا بارمايلا >موللا< دېگەن نام - ئاتىقىمىز چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوغرىلىقلار ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى قىلساقمۇ چانمايدۇ. - بەللى - بەللى، ئەقلىڭلارغا بارىكاللا، ئاداش! - دەپ خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ كىچىك ئوغرى، - ئۇنداق بولسا، دەرھال بىر نەچچە سۈرە يادلاشقا كىرىشەيلى - دە، تېزرەك يولنىڭ تەرەددۇتىنى قىلايلى. شۇنداق قىلپ بۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ناھايىتى چەت بىر يېزىغا يېتىپ كەپتۇ ۋە بىر مەسچىتنىڭ يېنىدىكى بىر ئېغىز ئۆيگە جايلىشىپتۇ. دېگەندەك بۇلارنىڭ قولىدىن تەسۋىي چۈشمەيدىكەن. مەسچىتكە ھەممە ئادەمدىن بۇرۇن كېلىپ، ھەممىدىن كېيىن قايتىدىكەن. بىتارەت يەر دەسسىمەيدىكەن. يول ماڭسىمۇ بىر مۈرىسىنى قىسايتىۋېلىپ، نېمىلەرنىدۇ ئوقۇپ ماڭىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغا قالماي بۇ ئىككى ئوغرى پۈتۈن يېزىغا >موللا< دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپتۇ. كىشىلەر توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراقلاردا بۇ ئىككىيلەننى ھۆرمەتلەپ، تۆرىدىن ئورۇن بېرىدىغان بوپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ. بۇلار:>ئەمدى ئەسلى كەسپىمىزنى قىلىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى< دېيىشىپتۇ - دە، كونا كېسىلى قوزغىلىپ، يەنە ئوغرىلىققا كىرىشىپتۇ. يېزىدا ئۇنىڭ - بۇنىڭ بىر نەرسىلىرى يوقىلىشقا باشلاپتۇ. بىراق كىشلەر بۇ ئىككى >موللا< دىن ھەرگىز گۇمان قىلمايدىكەن. بىر كۈنى ئۇلار قوشنىسىنىڭ بورداۋاتقان بىر قويىنى ئوغرىلاپتۇ - دە، كېچىلەپ يېگىنىنى يەپتۇ، يەپ بولالمىغىنىنى جىمىقتۇرۇپتۇ. ئالدىراشچىلىقتا ئۆپكە ۋە ئۈچەيباغرىنى مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى كۆلگە تاشلىۋېتىپتۇ. ئازغىنا ئۇخلىۋېلىپ، قاراڭغۇدا مەسىچتكە كىرىپ ئايەت ئوقۇپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. بۈگۈن ئۇلار جامائەتكە بىر نەچچە سۈرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ، تەپسىر قىلىپ بەرمەكچى بولغانىكەن، شۇڭا جامائەتمۇ تاڭ سۈزۈلە - سۈزۈلمەيلا مەسچىتكە كېلىشكە باشلاپتۇ. بامدات نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن چوڭ ئوغرى قىرائەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ، بۇ چاغدا رەسمىي تاڭ ئېتىپ يورۇق چۈشۈپ قالغانىكەن، كۆلگە تاشلىۋەتكەن ھېلىقى ئۆپكە - ئۈچەيلەر كىچىك ئوغرىنىڭ ئېسىگە چۈشۈپتۇ - دە، >بىر قاراپ كىرەيچۇ، ئالىمادىس لەيلەپ قالغان بولسا، ھېلى جامائەت مەسچىتتىن يانغاندا كۆرۈپ قالمىسۇن< دەپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا مېڭىپتۇ. كۆلگە قارىسا، دېگەندەك ئۆپكە - ئۈچەيلەر سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئوغرى نېمە قىلىشىنى بىلمەي بىر پەس تۇرۇپ قاپتۇ. ئاندىن قانداق قىلىشى توغرۇلۇق چوڭ ئوغرىدىن مەسلىھەت سورىماقچى بولۇپ، ئالدىراپ مەسچىتكە قايتىپ كىرىپتۇ. گەپ قىلاي دېسە چوڭ ئوغرى قىرائەتتىن زادىلا توختىماپتۇ. ئاخىرى بولالماي، چوڭ ئوغرىغا لوقما سالغان بولۇپ ۆز مەقسىتىنى ئوقتۇرماقچى بوپتۇ - دە: - تەقسىر، جىندەك توختىسىلا! بىر ئېغىز لوقما سالاي، سىلى ئوقۇۋاتقان مۇشۇ بىر كەلىمە سۈرە، مەن كۆرگەن يەنە بىر كىتابتا مۇنداق يېزىلغاندەك قىلىۋىدى، ئوقۇپ باقاي ئاڭلاپ باقسىلا! - دەپتۇ. - خوش، ئوقۇپ باقسىلا، - دەپتۇ چوڭ ئوغرى بىر نەرسىنى پەملەپ، كىچىك ئوغرى تىللىرىنى قارىشتۇرۇپ ھەجىلەپ مۇنداق قىرائەت قىلىشقا باشلاپتۇ: موللامىئى - موللامىزى، شۇتاپتىزى - كۆلدە ئىزى. ئۆپكىشكام لەيلە ئىزى، نەچارىزى قىلسا قىزى بولاھا... چوڭ ئوغرى بۇ گەپتىن >موللام، كۆلدە ئۆپكە لەيلەپ قاپتۇ. قانداق قىلساق بولار؟<دېگەننى چۈشىنىپتۇ ۋە چاندۇرماي: - تەقسىر، بۇ سۈرە سىلى دېگەندەكمۇ ئوقۇلىدۇ. لېكىن توغرىسى مۇنداق، - دەپ قىرائەت قىلىپ مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: موللامىئى - موللامىزى، ئۆپكىشكام لەيلە ئىزى، دەھاللەزى چىقەللەزى، زىغەللەزى، تىقەللەزى، پاتۇرىزى تۇراھا.... كىچىك ئوغرى بۇ گەپتىن >موللام، ئۆپكە لەيلەپ قالغان بولسا، دەرھال چىقىپ زىخ بىلەن تىقىپ لايغا تىقىپ پاتۇرۋەتسىلە بولىدۇ< دېگەن مەنىنى چۈشىنىپتۇ. لېكىن چاندۇرماسلىق ئۈچۈن جامائەتكە قاراپ: - ۋاھ، موللا ئاكامنىڭ ئوقۇمىغان كىتابى يوق. نەدىن سۆز ئېچىلسا دەل شۇ يەردىن جاۋاب بېرەلەيدۇ، ھەقىقەتەن ئىلىملىك كىشى جۇمۇ! - دەپتۇ. - شۇنداق، شۇنداق، ھەر ئىككىلىرى ئىلىمىدە كامالەتكە يەتكەن، سىلەرنى بىزگە خۇدا يەتكۈزگەن! - دېيىشىپتۇ ساددا جامائەت ئۇلارنى ماختىشىپ. چوڭ ئوغرى يەنە قىرائەتنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، كىچىك ئوغرى ئاستا سىرتقا چىقىپ، بىر تال يۇلغۇن باغچىدا زىخ ياساپتۇ - دە، ئۆپكە - ئۈچەيلەرنى سۇنىڭ تېگىگە پاتۇرۇۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشمۇ چانماي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. لېكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار ئاخىرى چاندۇرۇپتۇ. بىر قېتىم ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندا جامائەت تۇتۇۋاپتۇ. كىشىلەر بۇ ئىككى ھېيلىگەر ئوغرىنى >موللا< دەپ ئېتىقاد قىلىپ يۈرگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىشىپتۇ. ئىككى ئوغرى ئاخىرى بۇ يەردىنمۇ قوغلىنىپتۇ. بىر رىۋايەتتە >موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما< دېگەن ماقال مۇشۇ يۇرتتىن تارالغان ئىكەن. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچار خانىقتاملىق بىلال. رەتلىگۈچى: ئەخەت ھاشىم
← بارلىق تېمىلار چوچاق