UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدىيانەتسىز ئۇستاز

دىيانەتسىز ئۇستاز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا قۇتلۇقشاھ دېگەن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ پەقەت پەرزەنتى يوق ئىكەن. ئۇ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بىرەر پەرزەنتى يوقلۇقىنى ئويلانغاندا يۈرىكى ئۆرتىنىدىكەن. دائىم خىۇدادىن پەرزەنت تىلەيدىكەن. تەلەپ - ئارزۇسىغا يارىشا خوتۇنى ھامىلدار بولۇپتۇ. ۋاقتى - سائىتى كېلىپ بىر ئوغۇل تۇغۇلۇپتۇ. خۇشاللىقتىن پادىشاھنىڭ يۈرىكى يېرىلىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ. بىراق >خۇشلۇقىنىڭ خاپىلىقى بار< دېگەندەك، پادىشاھ خۇشلۇقتا تۇرغىنىدا، تۇغۇلغان بوۋاق تۇيۇقسىزدىنلا غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ. قۇتلۇقشاھ يىغلاپ - قاقشاپ قاپتۇ. ھەممە يەرنى ئىزلەپتۇ. ھېچ يەردىن بالىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالماپتۇ. ئەمدى گەپنى بوۋاقتىن باشلايلى. ئۇنىشەھىرى ئەلقانىڭ پەرىلىرى ئېلىپ قاچقان ئىكەن. پەرىلەر ماكانى - شەھىرى ئەلقانىڭ پادىشاھى مارۇتنىڭ خوتۇنى ساھىپجامال بىر قىز تۇغۇپتۇ. پادىشاھى مارۇت دىۋە - پەرىلەرگە: >مېنىڭ قىزىم بىلەن بىر كۈن، بىر سائەتتە تۇغۇلغان ئوغۇل بالا بولسا ئېلىپ كېلىڭلار< دەپ بۇيرۇپتۇ. دىۋە - پەرىلەر تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ ھەممە يەرنى ئىزلەپتۇ. قۇتلۇقشاھنىڭ ئوغلى پادىشاھى مارۇتنىڭ قىزى بىلەن بىر كۈن، بىر سائەتتە تۇغۇلغانلىقىنى بىلگەن پەرىلەر بوۋاقنى زاكىسى بىلەن كۆتۈرۈپلا ئېلىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ مارۇت ناھايىتى ساھىپجامال بۇ ئوغۇلنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. قىزغا ماھان، ئوغۇلغا تابان دەپ ئات قويۇپتۇ. ماھان بىلەن تاباننى ئىنىكئانىغا تاپشۇرۇپتۇ. ئىنىكئانا بۇلارنى ئاۋايلاپ، ئارزۇلاپ بېقىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپتۇ. پادىشاھ مارۇت پەرىلەرگە تاباننى ئاتا - ئانىسىغا كۆرسىتىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. ئىككى پەرى تاباننى بىر كېچىدە قۇتلۇقشاھنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ ئانىسىنىڭ يېنىدائاستاغىنا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. بالىسىنىڭ پىراقى بىلەن دەرت - ئەلەم ئىچىدە قالغان ئاتا - ئانا بالىنى كۆرۈپ چۆچۈپ ھەيرانۇ - ھەس بولۇپتۇ. >ئوڭۇممۇ - چۈشۈممۇ< دېيىشىپتۇ. بالىنى درھال قۇچىقىغا ئېلىپ، سۆيۈپ، خۇشلۇقتا ئۆزىنى باسالماي قاپتۇ. بالا ئاپئاق، سېمىز قاۋۇل، چىرايلىق چوڭ بولغان ئىكەن. ئەمما ئۇلار بالىنى كىمنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەنە قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. بالىنى يەنە ئوغرىلاپ كەتمىسۇن دەپ، سىرتقا ئېلىپ چىقماپتۇ. كىشىلەر نۆۋەت بىلەن بالىغا ھەمرا بولۇپتۇ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپتۇ. بالا يەنە بىر كېچىدىلا غايىپ بولۇپتۇ. قۇتلۇقشاھ تەرەپ - تەرەپلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئىزلەپتۇ. ھېچيەردىن تاپالماپتۇ. قۇتلۇقشاھ بىلەن خوتۇنى بالىسىنىڭ دەردىدە يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ. ئەمدى گەپنى يەنە شەھىرى ئەلقادىن باشلايلى. پادىشاھى مارۇت بىر ئايدىن كېيىن پەرىزاتلارنى بۇيرۇپ، تاباننى قايتۇرۇپ كەپتۇ. تاباننى يەنە ماھانغا قوشۇپ تەربىيىچىگە تاپشۇرۇپتۇ. بالىلارنى ياخشى تەربىيلەشكە باشلاپتۇ. ماھان بىلەن تابان توققۇز ياشقا كىرىپتۇ. بۇ ئىككىسى بىر - بىرىگە ئىجىل ئىكەن. بىر - بىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايدىكەن. پادىشاھ بالىلارنى مەكتەپكە بېرىپتۇ. بالىلار مەكتەپكە بىللە بېرىپ، بىللە كېلىپ ناھايىتى ياخشى ئوقۇپتۇ. يىللار ئۆتۈپتۇ، بۇلار ھەممە بىلىملەردىن خەۋەردار بوپتۇ. بولۇپمۇ ماھان كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگىدەك ئىنتايىن چىرايلىق، ئەقىل - پاراسەتلىك چوڭ بوپتۇ. ئۇنىڭغا موللىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپتۇ. موللىنىڭ قورسىقىغا جىن كىرىپتۇ. ماھان بىلەن تاباننى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن، ھەر - خىل ئامال - چارىلەرنى ئىشقا ساپتۇ، بىراق، ئۇلارنى بىر بىرىدىن زادىلا يىراقلاشتۇرالماپتۇ. موللا تاباننى ماھاندىن مەڭگۈلۈك ئايرىش ئۈچۈن، ئۇنى يوقىتىش نىيىتىگە كەپتۇ ۋە بىر كۈنى تاباننى يېنىغا چاقىرىپ: - ئوغلۇم، سەن ياخشى ئوقۇدۇڭ. ئۇستازىڭنىڭ ھۆرمىتىنىمۇ ياخشى قىلىۋاتىسەن. ئۇستازىڭنىڭ مۇھىم بىر خىزمىتى چىقىپ قالدى، سېنى بىر ئىشقا بۇيرۇيمەن، شۇ ئىشنى بىجىرىپ كېلەلەمسەن؟ - دەپتۇ. ساددا، ئاقكۆڭۈل تابان: - مەن ئوستازىمنىڭ خىزمىتىگە تەييار. ئوتقا كىر دېسە، ئوتقا كىرىمەن، سۇغا كىر دېسە، سۇغا كىرىمەن، قانداق قىيىن خىزمەت بولسىمۇ بۇيرۇسىلا، جان - دىلىم بىلەن بېجىرىپ كېلەي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. موللا: - ئوغلۇم، سېنىڭ غەيرەت - ھىممىتىڭگە رەھمەت. تارىخنامىلەرگە قارىغاندا، كۈنپېتىش تەرەپتىكى بىر جەزىرىدە ھەزرىتى سۇلايماندىن قالغان بىر خاسىيەتلىك داشقازام بارىش. بۇ قازاندا تۈرلۈك خاسىيەتلەر بارمىش. ئېسى - يادىم شۇ قازان بىلەن بولۇپ قالدى. شۇ قازاننى تېپىپ كېلىش قولۇڭدىن كېلەمدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. تابان: - ئۇستازىم، دۇئا قىلسىلا بۇنىڭدىنمۇ مۈشكۈل ئىش بولسا بېجىرىپ كېلەلەيمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - موللىسى دۇئا قىلىپتۇ. تابان موللىسى يېنىدىن چىقىپ، ماھاننىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇستازىنىڭ بۇيرۇغان خىزمىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ شۇ خىزمەتنى ئورۇنلاشقا ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ماھان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ ۋە: - قانداق بولۇپ مۇنداق مۈشكۈل خىزمەتنى سىزگە تاپشۇرغاندۇ؟ خەير، بوپتۇ، ئۇستاز خىزمىتىنى ئورۇنلاڭ. ئالدى بىلەن دادامنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇستازنىڭ بۇيرۇغان خىزمىتىنى ئېيتىڭ. دادام سىزگە تۆت دىۋە قوشۇپ بەرسۇن، يالغۇز ماڭسىڭىز مەن ئەنسىرەيمەن. سىز قازاننى يالغۇز ئېلىپ كېلەلمەيسىز. تارىخنامىلەرگە قارىغاندا، بۇ قازاننى قىرىق ئادەم نۆۋەتلىشىپ ساقلايمىش. كېچىلىكى ئېلىپ قاچمىسا، كۈندۈزى ئېلىپ كېلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسمىش، - دەپتۇ. تابان پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئەھۋالنى پادىشاھقا ئېيتىپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، تابانغا ياراملىق دىۋىدىن تۆتنى قوشۇپ بېرىپتۇ. ئۇلار بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپ، ھېرىپ - چارچاپ مىڭ بىر جاپادا جەزىرىگە كەپتۇ. ئۇلار يوشۇرۇنچە ئىزلەپ، ئاخىر ھېلىقى قازان بار يەرنى بىلىۋاپتۇ. كېچىسى قازاننى ساقلايدىغانلار ئۇخلاپ قالغاندا، بېرىپ قازاننى ئېلىپ كەپتۇ. تابان ئۇستازىنىڭ خىزمىتىنى ئورۇنلاپ، خاسىيەتلىك قازاننى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە خۇش بولۇپ، >ئۇستازىمنىڭ دۇئاسىنى ئالىدىغان بولدۇم< دەپ، زور ئۈمىت بىلەن ئۇستازىنىڭ ئالدىغا كىرىپ سالام بېرىپ: - ئۇستازىم، بۇيرۇغان خىزمەتلەرنى ئورۇنلاپ، خاسىيەتلىك قازاننى ئېلىپ كەلدىم، - دەپتۇ. موللا تاباننىڭ ئۆلمەي سالامەت كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئاچچىقى كېلىپ، تابانغا سوغاققىنا قاراپتۇ ۋە ئاغزىنىڭ ئۇچىدا تابانغا: >ھە، ياخشى بوپتۇ< دەپ قويۇپتۇ. تابان مەيۈس ھالدا ماھاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ماھانغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. ماھان تابانغا چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەسەللى بېرىپتۇ. بىر - ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ماھان تابان بىلەن بىرلىكتە مەكتەپكە بېرىپتۇ. موللا ئۆز قورسىقىدىكى مەككارلىقنى يوشۇرۇپ: - ۋاي بالىلىرىم، كېلىڭلار، - دەپ ھاردۇق سوراپ، كۆرۈنۈشكە ياخشى مۇئامىلە قىلىپتۇ. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن موللا يەنە تاباننى يېنىغا چاقىرىپ: - ئوغلۇم، ئۆتكەندە بۇيرۇغان خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاپ كەلدىڭ. مەن كۆپ خۇرسەن بولۇپ ھەققىڭگە دۇئا قىلدىم. يەنە بىر خىزمەت چىقىپ قالدى. تارىخنامىلەردە يېزىلىشىچە، كۈن يورۇش تەرەپتىكى بىر جاڭگالغا ھەزرىتى سۇلايماندىن قالغان بىر دۇلدۇل بار ئىمىش. ئۇ بىر ئايلىق يولنى بىر كۈندە باسارمىش. شۇ دۇلدۇلنى قولۇمغا كەلتۈرسەم دەپ كېچە - كۈندۈز ئوي - خىيالدا قالدىم، ئاشۇ دۇلدۇلنى تۇتۇپ كېلىش سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدۇ. شۇ دۇلدۇلنى تۇتۇپ كەلسەڭ، ساڭا كۆپ دۇئا قىلسام، - دەپتۇ. تابان ماقۇل بولۇپ قايتىپ چىقىپ، ماھاننىڭ قېشىغا كەپتۇ. ماھانغا موللىسىنىڭ تاپشۇرغان ھېلىقى خىزمىتىنى ئېيتىپتۇ. ماھان بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئىچىدە موللىسىدىن ئاغرىنىپ، >بۇنى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق مۈشكۈل ئىشلارنى ئورۇنلاشقا ئەۋەتىدىغاندۇ< دەپ خاپا بوپتۇ. ئەمما چاندۇرماستىن تابانغا: - بۇ ئەھۋالنى دادامغا ئېيتىڭ. دادامنىڭ بىر خاسىيەتلىك كەمىرى بار. ئۇنى تەلەپ قىلىڭ، كۈچلۈك دىۋىدىن ئالتىنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىپ بىرگە ئېلىپ مېڭىڭ. تارىخنامىلەردە يېزىلىشىچە، ئۇ دۇلدۇلنى ھېچقانداق كىشى قولغا چۈشۈرەلمىگەن. ئېيتىلىشىچە، ئاشۇ دۇلدۇل ياشايدىغان جاڭگالدىكى ئورمانلىقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭقۇر كۆل بار ئىمىش. دۇلدۇل ھەر كۈنى چۈش بولغاندا، شۇ كۆلگە سۇ ئىچكىلى كېلەرمىش. سىز بارغاندا ئاشۇ كۆلنىڭ بويىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، دۇلدۇل كېلىپ سۇ ئىچكىلى تۇرغاندا چەبدەسلىك بىلەن كەمەرنى ئۇنىڭ بوينىغا تاشلاڭ. كەمەر ئۇنىڭ بوينىغا چۈشكەن ھامان، كۈچەپ تارتسىڭىز، كەمەر ئاتنىڭ بوينىنى سىقىدۇ. ئات قاچالمايدۇ. ئاندىن ئاتقا قاراپ: >يا ھەزرىتى سۇلايمان< دەپ چاقىرسىڭىز ئات بېشىنى تۆۋەن سېلىپ شۈك تۇرىدۇ، ئاندىن ئاتقا مىنگەيسىز، ئات سىزنى ئېلىپ كېلىدۇ، - دەپ يول كۆرسىتىپتۇ. تابان پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ كۈچلۈك دىۋىدىن ئالتىنى تاللاپ تابانغا قوشۇپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. بۇلار بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپ ھېرىپ - چارچاپ جاڭگالغا كەپتۇ. جاڭگالدىكى ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ ماڭا - ماڭا بىر يەرگە كەلگەندە كۆل كۆرۈنۈپتۇ. بۇلار كۆلنىڭ قېشىغا كېلىپ دەرەخنىڭ ئارىسىغا مۆكۈنۈپ كۆرۈنۈپتۇ. بۇلار كۆلنىڭ قېشىغا كېلىپ دەرەخنىڭ ئارىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپتۇ. دەل چۈش ۋاقتى بولغاندا، كېلىشكەن، چىرايلىق، قاۋۇل دۇلدۇل قىبلە تەەپتىن چىقىپ كېلىپ كۆلنىڭ بويىدا توختاپتۇ. دۇلدۇل سۇ ئىچكىلى تۇرۇپتىكەن، تابان دەرھال ئورنىدىن توختاپتۇ. دۇلدۇل سۇ ئىچكىلى تۇرۇپتىكەن، تابان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، چەبدەسلىك بىلەن كەمەرنى تاشلىغان ئىكەن، كەمەر دۇلدۇلنىڭ بوينىغا چۈشۈپتۇ. تابان كەمەرنىڭ بىر ئۇچىنى راسا كۈچەپ تارتقان ئىكەن، دۇلدۇلنىڭ بوينىنى چىڭ سىقىپتۇ. تابان شۇ ھامانلا ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي >يا ھەزرىتى سۇلايمان< دەپ چاقىرغان ئىكەن، دۇلدۇل بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جىم تۇرۇپتۇ. تابان بىر سەكرەپلا دۇلدۇلغا مىنىپتۇ. دۇلدۇل تاباننى ئۈستىگە ئېلىپ نىشان قىلغان تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپتۇ. تابان دۇلدۇلنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئوستازىنىڭ خىزمىتىنى ئورۇنلىغىنىغا خۇش بولۇپ، دۇلدۇلنى ئۇستازىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ ۋە: - سالام ئۇستازىم، تاپشۇرغان خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاپ دۇلدۇلنى ئېلىپ كەلدىم، - دەپتۇ. تاباننىڭ بۇ قېتىممۇ يەنە ئۆلمەي قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، موللىنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىپتۇ. ئاغزىنىڭ ئۇچىدا: - خىزمەتنى ئوبدان ئورۇنلاپسەن. ئاتخانىغا ئەكىرىپ قوي، - دەپتۇ. تابان قايتىپ كەپتۇ. موللا تاباننى يوقاتماي تۇرۇپ قىزنى قولغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ياۋۇز نىيىتىدىن يانماپتۇ. ئىككى - ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە تاباننى يېنىغا چاقىرىپ: - ھەقىقەتەن غەيرەتلىك، باتۇر يىگىت ئىكەنسەن، ھەر قانداق خىزمەتنى ئورۇنلاش سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدىكەن، يەنە بىر خىزمەت بار، ئەمدى شۇ خىزمەتنىمۇ ئورۇنلاپ كەلسەڭ. ساڭا دۇئا قىلسام. تارىخىي كىتابلاردا يېزىلىشىچە ھەزرىتى سۇلايمان زامانىسىدىن تارتىپ تاھازىرغىچىلىك ياشاپ كەلگەن بىر كىيىك بارمىش، ئۇ كىيىك >ئابى ھايات< سۈيى ئىچكەنمىش. ھەزرىتى سۇلايمان ئۆز قولى بىلەن >ئىسىم ئەزەم< نى يېزىپ، تۇمار قىلىپ كىيىكنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغانمىش، ئۇ تۇماردا قىرىق نەچچە تۈرلۈك خاسىيەت بار ئىمىش. مەن سەندىن كۆپ خۇرسەن بولسام، ھەققىڭگە دۇئا قىلسام، شۇ كىيىكنىڭ بوينىدىكى خاسىيەتلىك تۇمارنى ئەكىلىپ بەرسەڭ، - دەپتۇ. تابان موللىسىنىڭ يېنىدىن چىقىپ ماھاننىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئەھۋالنى ماھانغا ئېيتىپتۇ. ماھاننىڭ تابانغا ئىچى ئاغرىپتۇ. موللىسىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن مۈشكۈل خىزمەتنى تاپشۇرۇپ، خەتەرگە بۇيرۇۋەرگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، >بۇنىڭ تېگىدە بىر سىر بار ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپتۇ. ئىچىدە موللىسىغا نەپرەتلىنىپتۇ. ئەمما بۇ ئاق نىيەتلىك قىز تابانغا بىلىندۈرمەپتۇ ۋە تابانغا: - خەير، بوپتۇ. ئۇستازنىڭ خىزمىتىگە مېڭىڭ. ئەمما بۇداقى خىزمەت تېخىمۇ مۈشكۈل ئىكەن. ئۆزىڭىزگە ئون دىۋىنى ھەمراھ قىلىۋېلىڭ. تارىخنامىلەردە يېزىلىشىچە، ئۇ كىيىك ھەزرىتى سۇلايمان زامانىسىدا >ئابى ھايات سۈيى< نى ئىچكەنلىكتىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ھازىرغىچىلىك ياشاپ كەلگەنمىش. ھەزرىتى سۇلايمان ئۇ كىيىكنىڭ بوينىغا >ئىسىم ئەزەم< نى پۈتۈپ تۇمار قىلىپ ئېسىپ قويغانمىش. ئۇ كىيىك كۈنچىقىش تەرەپتىكى بىر خەتەرلىك تاغ ئۈستىدە ياشىغانمىش، ھەزرىتى سۇلايمان شۇ يەرگە بەنت قىلىۋەتكەن ئىمىش، ئۇ كىيىك تۇرغان يەرگە ئادىمىزاتنىڭ قەدىمى يەتكەن ئەمەسمىش. كىمىكى شۇ خەتەرلىك تاغنىڭ ئۈستىگە چىقسالىسا، ھەزرىتى سۇلايماننى شىپى كەلتۈرۈپ >ئىسىم ئەزەم< نى ئون مەررە ئوقۇسا، كىيىك شۇ يەرگە ھازىر بولارمىش، - دەپ يول كۆرسىتىپتۇ. تابان كۈچتۈڭگۈر پەھلىۋان دىۋىدىن ئوننى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ مېڭىپتۇ. ئون بەش كۈن يول يۈرۈپ ئاخىر خەتەرلىك تاغقا يېتىپ بېرىپتۇ. ھەر خىل چارىلەر بىلەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تاغ ئۈستىگە چىقىپتۇ. ماھاننىڭ ئېيتقىنى بويىچە ھەزرىتى سۇلايماننى شىپى كەلتۈرۈپ >ئىسىم ئەزەم< نى ئون مەررە ئوقۇپتۇ. قارىسا كۆز ئالدىدىكى بىر چوققىنىڭ ئۈستىدە بوينىغا تۇمار ئېسىلغان چىرايلىق، ھەيۋەتلىك بىر كىيىك تۇرغىدەك. تابان كىيىكنىڭ ئالدىغا بېرىشىغا، ئاپئاق ساقال بىر بوۋاي پەيدا بولۇپتۇ. تابان دەرھال بوۋايغا سالام بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن - ئاخىرىغىچىلىك ئېيتىپ بېرىپتۇ. بوۋاي ئوغۇلدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قوشۇمىسىنى بىر تۈرۈپ، ئۇلۇق - كىچىك تىنىۋېلىپ، تابانغا: - سەن تۇمارنى ئىزلەپ كەلدىڭمۇ؟ ئادىمىزاتنىڭ بۇ يەرگە قەدىمى يەتكەن ئەمەس، سەن ئۇستازغا ئەقىدە قىلىپ، ئۇستازنىڭ خىزمىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بۇ خەتەرلىك جايغا كەپسەن. سېنىڭ ئەقىدەڭگە، ئاق نىيەتلىكىڭگە، غەيرىتىڭگەرەھمەت، - دەپتۇ ۋە بىر پەس جىم تۇرۇپ كېتىپ سۆزنى داۋام قىلىپتۇ، - سېنىڭ ئۇستازىڭ يامان نىيەت بىلەن ساڭا سۇيقەست قىلىپ، سېنى خەتەرلىك يوللاردا ئۆلسۇن دەپ، ئادىمىزاتنىڭ قەدىمى يەتمەيدىغان بۇنداق جايغا ئەۋەتىپتۇ. كىشىگە ئورا كولىغان كىشى، ئاۋۋال ئۆزى ئورىغا چۈشۈپ تۇرۇپ كولايدۇ، خەير، سۈيقەست ئۆزىگە يانسۇن. >تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار< دېگەن گەپ بار. بوپتۇ، سەن ئىزلەپ كەلگەن تۇمارنى بېرەي. ئىچىنى ئېچىپ كۆرمە. ئاپىرىپ ئوستازىڭنىڭ ئۆز قولىغا بەرگىن، ئۇستازىڭ ئۆزى ئاچسۇن. بوۋاي تۇمارنى كىيىكنىڭ بوينىدىن ئېلىپ، بىر قۇتىغا سېلىپ تابانغا بېرىپتۇ. تابان بوۋايغا رەھمەت ئېيتىپ قايتىپتۇ. بوۋاينىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاچماستىن شۇ پېتىچە ئەكىلىپ موللىسىغا بېرىپتۇ. موللىسى قۇتىنى قولىغا ئېلىپ قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشىغىلا قۇتىدىن >گۈر< قىلىپ بىر ئوت چىقىپلا موللىنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ. بۇ ئەھۋال پادىشاھى مارۇتقا ئاڭلىنىپتۇ. پادىشاھ موللىغا لەنەت ۋە نەپرەت ئوقۇپتۇ. تاباننىڭ باتۇرلۇقىغا، سادىق - ئاق كۆڭۈللۈكىگە، ئەقىدە - ئىخلاسىغا ئاپىرىن ئوقۇپتۇ ھەمدە تاباننىڭ ئۆتمۈشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، تاباننى ئۆز دادىسىغا كۆرسىتىش قارارىغا كەپتۇ. پادىشاھى مارۇت بىر كۈنى ئۆز يېنىغا چاقىرىپ: - ئوغلۇم، سەن ئەسلىدە قۇتلۇقشاھ دېگەن پادىشاھنىڭ ئوغلى ئىدىڭ. مەن قىزىمغا ھەمراھ بولۇپ بىرگە چوڭ بولسۇن دېگەن خىيالدا، قىزىم بىلەن بىر كۈن، بىر سائەتتە تۇغۇلغان ئوغۇل بالا بولسا ئېلىپ كېلىڭلار دەپ پەرىلەرنى بۇيرۇدۇم، پەرىلەر جاھاننى ئاقتۇرۇپ سېنى ئېلىپ كەپتۇ. سەن قىزىم بىلەن بىر كۈن، بىر سائەتتە تۇغۇلغان ئىكەنسەن. سېنى ئاسراپ - ئاۋايلاپ تەربىيلىدۇق. چوڭ بولدۇڭ. ئوقۇپ ھەر خىل بىلىملەردىن خەۋەردار بولدۇڭ. ئەپسۇسكى، دىيانەتسىز قارا كۆڭۈل ئۇستازنىڭ سۈيقەستىگىمۇ دۇچار بولدۇڭ. بەختىمىزگە يارىشا ئۆزەڭنىڭ باتۇرلۇقى، ھۇشيارلىقىڭ بىلەن يەنە ھايات قالدىڭ، ئەمدى سېنى ئۆز ئاتا - ئاناڭنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش قارارىغا كەلدىم. ئۆز ئاتا - ئاناڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگىن، - دەپتۇ. تابان: - دادا، ئۇنداق گەپنى قىلماڭ. سىزدىن باشقا يەنە دادام يوق، - دەپ تەسىرلىنىپ يىغلاپتۇ. پادىشاھى مارۇت: - بۇ ۋاقىتقا قەدەر بۇ سىرنى سەندىن ۋە باشقىلاردىن يۇشۇرۇن تۇتۇپ كەلدىم. ئەمدى چوڭ بولدۇڭ، يېشىڭ يىگىرمىدىن ئاشتى. بېرىپ ئۆز داداڭ، ئۆز ئاناڭنى كۆرۈپ كەلگىن، - دەپتۇ. سەپەرگە مېڭىش ۋاقتىدا ماھان بىلەن تاباننىڭ بىر - بىرىدىن ئايرىلىشقا رايى بارماپتۇ. ماھان >مەنمۇ تابان بىلەن بىللە بارسام< دەپتۇ. تابانمۇ ماھاننىڭ بىرگە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. بۇلارنىڭ تەلىپى مارۇتقا يەتكۈزۈلۈپتۇ. پادىشاھ بۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپتۇ، بۇلارغا نۇرغۇن پەرىزاتلارنى قوشۇپ داغدۇغا، ھەشەمەت بىلەن يولغا ساپتۇ. پادىشاھى مارۇت قۇتۇقشاھقا ئۆتكەن ئەھۋاللارنى تەپسىلىي بايان قىلىپ مەكتۇبنامە يېزىپتۇ ھەم ئەپۇ سوراپ ئۆزرە بايان قىلىپتۇ. تاباننى ئېلىپ كەلگەن پەرىلەر يول باشلاپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ئاخىر قۇتلۇقشاھنىڭ شەھىرىگە كەپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇتلۇقشاھنىڭ خۇشلۇقى ئىچىگە سىغماي قاپتۇ ۋە يۇرت - كاتتىلىرىنى باشلاپ ئوغلىنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئاتا - بالا قۇچاقلىشىپ، يىغلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ھەممە تەسىرلىنىپ يىغا - زارە قىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ماھان بىلەن تابان بۇ شەھەردە بىر ئاي تۇرۇپتۇ. قۇتلۇقشاھ ماھان بىلەن تاماننى بىر - بىرىگە قوشۇپ قويۇش ۋە توي قىلىش ھەققىدە پادىشاھى مارۇتقا مەكتۇپ يوللاپتۇ. پادىشاھى مارۇت بۇنىڭغا جاۋابەن >مېنىڭ نىيتىممۇ ماھان بىلەن تاباننى بىر - بىرىگە قوشۇپ قويۇش ئىدى. ئۆزلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى تامامەن ماقۇل كۆرىمەن< دېگەن مەزمۇندا مەكتۇبنامە قايتۇرۇپتۇ. قۇتلۇقشاھ نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن تابان ۋە ماھاننى بىرگە ئېلىپ پادىشاھى مارۇتنىڭ ھوزۇرىغا يېتىپ كەپتۇ. قۇتلۇقشاھ كۆپ ئىززەت - ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپتۇ. مارۇت قۇتلۇقشاھتىن تەكرار ئەپۇ سوراپتۇ. پادىشاھى مارۇت شەھەر خەلقىگە ناھايىتى كاتتا داغدۇغىلىق توي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. ماھاننى تابانغا نىكاھلاپ بېرىپتۇ. توينى تۈگىتىپ ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە قۇتلۇقشاھ تابان بىلەن ماھاننى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. يۇرت ئەھلىگە كاتتا توي ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. تابان بىلەن ماھاننى ھەممە قۇتلۇقلاپتۇ. شۇندىن كېيىن تابان بىلەن ماھان پادىشاھى مارۇتنىڭ قېشىدىمۇ، قۇتلۇقشاھنىڭ قېشىدىمۇ تۇرۇپتۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئىككى - ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ. بەختىگە قارشى قۇتلۇقشاھ ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ. يۇرت ئەھلى مەسلىھەتلىشىپ تاباننى دادىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھلىققا سايلاپتۇ. تابان ئەلنى ئادالەت بىلەن سوراپتۇ. خەلق ئاسايىشلىققا ئۆتۈپتۇ. يۇرت ئەھلى بۇنىڭدىن رازى بولۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق