پەم - پاراسەتلىك قىز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھ بولغان ئىكەن. ئۇ ئۇزۇن يىللار دۆلەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كۆپ چارچاپتۇ _ دە، ئوڭ قول ۋەزىرىنى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ھەمرالىققا سول قول ۋەزىرىنى ۋە بىجاندىل ئىشلەيدىغان مۇلازىمدىن بىرنى ئېلىپ، جاھان سەيلىسى ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
پادىشاھ سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن بىر دانە گۆھەر ئېلىۋالغان ئىكەن. گۆھەر ئېلىۋالغانلىقىنى ھەمراھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئېيتماپتىكەن. خۇپىيانە ساقلاپ يۈرگەن بۇ گۆھەر توساتتىن يۈتۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئۇ ياقنى ئىزلەپتۇ، بۇ ياقنى ئاختۇرۇپتۇ. گۆھەرنى ئاقتىنمۇ، كۆكتىنمۇ تاپالماپتۇ. پادىشاھ ئىچ - ئىچىدىن تىت - تىت بوپتۇ. ئۇلار ئاۋات شەھەرگە كېلىپ بىر ھەشەمەتلىك سارايغا چۈشۈپتۇ.
ئەتىسى پادىشاھ باشقىلارنى ئەگەشتۈرمەي ئۆزى يالغۇز كوچىغا چىقىپتۇ. بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ شەھەر پادىشاھسىنىڭ ئوردىسىغا بېرىپتۇ. پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلەت ئىشلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرى بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر دانە گۆھىرى يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇنى ئىزلەپ تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ساھىپخان پادىشاھمۇ ئىچ ئاغرىتىپ ھېسداشلىق قىپتۇ.
ساياھەتچى پادىشاھ:
_ بۇ گۆھەر مۇشۇ ئۈچەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈتتى، «سەن ئالدىڭ» دەپ تۇتۇشقا مېنىڭ قۇلۇمدا ئاساسىم يوق. شۇڭلاشقا ئۈچىمىزنى بىر يەرگە دەرقەمدە قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا سۈرۈشتە قىلىپ تېپىپ بېرىشلرىنى ئۆتۈنىمەن، _ دەپتۇ.
_ ۋاي ھەزرەتلىرى، شۇنداق قىلمامدىغان، بۇنىڭغا چوقۇم كۈچ چىقىرىمەن، _ دەپ ۋەدە قىپتۇ ساھىپخان پادىشاھ. ئۇ ساياھەتچى پادىشاھنى ئۇزىتىپ قويۇپ: «بۇ گۆھەرنىڭ بىنىڭ شەھىرىمىز تەۋەسىدە يۈتكىنى تولىمۇ سەتچىلىك بوپتۇ. بۇ بىزنىڭ شان - شۆھرىتىمىز، ئابرۇي - ئىناۋىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىش»، دەپ ئويلاپتۇ. ئۇيان ئويلاپتۇ، بۇيان ئويلاپتۇ، ئۈچەيلەننى دەرقەمدە قىلماسلىق شەرتى بىلەن گۆھەرنى تېپىشنىڭ ھېچ ئىلاجىنى قىلالماپتۇ. تولا ئويلاپ ئورۇقلاپ كېتىپتۇ. بارا - بارا تاماقمۇ يېيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ.
ساھىبخان پادىشاھنىڭ شەھەربانۇ دېگەن پەم - پاراسەتلىك بىر كىنىزىكى بار ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ كەيپىياتىنىڭ كۈنسېرى ئوساللاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، بىر كۈنى شاھ قەسىرىگە كىرىپ:
_ ئى ھۆرمەتتە تەڭدىشى يوق پادىشاھى ئالەم، يېقىندىن بۇيان تاۋىڭىز يوق، چىرايىڭىز سۇلغۇن، كۆڭلىڭىز يېرىم، خىيالچان بولۇپ كەتتىڭىز. نېمە ئىش كۆڭلىڭىزنى مالال ئەتتى؟ نېمىگە شۇنچە باش قاتۇرىسىز؟ _ دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن كۆيۈنگەن بۇ شەپقەتلىك كېنىزەككە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنىڭ جەريانىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.
_ مۇشۇنچىلىك ئىشقا شۇنچە غەم يەپ ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىپسىز. بۇنى ھەل قىلىش ئاسان ئىدى. مەن، بۇ ئۈچەيلەننى بىر يەرگە دەرقەمدە قىلماي تۇرۇپ ھەل قىلىمەن. ئالدى بىلەن سىز ماڭا بۇ مېھمانلار بىلەن تونۇشۇشۇمنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىڭ، _ دەپتۇ شەھەربانۇ.
پادىشاھ كاتتا زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ مېھمانلارنى چاقىرىپتۇ. زىياپەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن شەھەربانۇ ئۈچ مېھماندىن ھېكايە ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ ئۈچەيلەن «قېنى ئۆزلىرىدىن كەلسۇن» دەپ قىزنى قىستاپ تۇرۇۋاپتۇ. قىز ھېكايە باشلاپتۇ:
بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر چار بېغى بار ئىكەن بۇ باغنى شاھنىڭ بىر سادىق باغۋىنى مۇھاپىزەت قىلىدىكەن، باش ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىچىك قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ باغقا سەيلىگە كەپتۇ. قىش گۈللۈككە كىرىپ ھۈپپىدە ئېچىلغان بىر تال چىرايلىق گۈلنى كۆرۈپتۇ. گۈل ئۆزىنىڭ چىرايلىقلىقى ۋە خۇشبۇي پۇرىقى بىلەن قىزنىڭ مەيلىنى تارتىۋاپتۇ. قىز باغۋەننىڭ ئوغلىغا قاراپ،
_ ئاۋۇ گۈلنى ماڭا ئۈزۈپ بېرىڭا، _ دەپتۇ. باغۋاننىڭ ئوغلى شاھنىڭ قىزىغا چاقچاق بىلەن:
_ سىزنىڭ مەيلىڭىز گۈلگە قانچىلىك چۈشكەن بولسا، مېنىڭ مەيلىممۇ سىزگە شۇنچىلىك چۈشۈۋاتىدۇ، بۇنى قانداق قىلىمىز؟ _ دەپ مۇھەببەت ئىزھار قىپتۇ ۋە گۈلنى ئۈزۈپ قىزغا بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش گۈلزارلىقتا كەلگۈسىدە بىرگە ئۆتمەكچى بولۇپ ۋەدىلىشىپتۇ.
ھايت - ھۇيت دېگىچە تۆت - بەش يىل ئۆتۈپتۇ، پادىشاھ قىزىنى ئۆزىگە ئوخشاش قۇدرەتلىك بىر پادىشاھنىڭ شاھزادىسىگە ياتلىق قىلماقچى بوپتۇ. داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى كۈن داۋام قىپتۇ. قىز - يىگىتلەر تويى بولغان قىزنى ھۇجرىغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ قويۇپ كېتىشىپتۇ. قىز شاھزادىگە:
_ ئالدى بىلەن مەن سىزدىن بىر سوئال سوراي، _ دەپتۇ، _ مەن بۇندىن تۆت - بەش يىل بۇرۇن بىر باغۋەننىڭ بالىسى بىلەن ئۆمۈرلۈك بىرگە بولۇشنى ۋەدىلەشكەن ئىدىم. ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەنمۇ - قىلمايمەنمۇ؟
شاھزادە بۇ گۈزەل مەلىكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قاتتىق ئويلاپتۇ، بىر پەستىن كېيىن ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ:
ۋەدىگە ۋاپا قىلىش كېرەك، ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئادەم ۋىجدانلىق ئادەم ھېسابلانمايدۇ، _ دەپتۇ.
_ ئەمىسە بۇ ئىشنى قانداق قىلىمەن؟
_ بېرىڭ، سىزگە ئىجازەت بەردىم، ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ، _ دەپتۇ شاھزادە.
قىز ئىشىكتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ، شۇ كېچىدىلا باغۋەن يىگىت تەرەپكە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتسا، بىر توپ قاراقچى قىزنى تۇتۇۋېلىپ، باشلىقىنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ. قاراقچىلارنىڭ باشلىقى شاپ بۇرۇتلىرىنى تولغاپ، ياۋۇز كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ئىككى مۇشتۇمىنى بىقىنىغا تىرەپ تۇرۇپ:
_ بۇ تەرەپلەردە نېمە كويدا يۈرگەن قىز سەن؟ _ دەپ سوراق قىپتۇ.
قىز كەچمىش - كەچۈرمىشلىرىنى بىر قۇر بايان ئەيلەپتۇ. قاراقچىلار باشلىقى ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتۈن زېھنىنى قويۇپ ئاڭلاپتۇ_ دە، ئاندىن قىزغا:
_ ھىم، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ ياخشى ئىش قىپسەن. مەنمۇ ساڭا تىلەكداش، تېزدىن ۋەدە قىلغان يىگىتىڭنىڭ يېنىغا بار، _ دەپ قىزنى قويۇپ بېرىپتۇ.
قىز يەنە يول يۈرۈپتۇ. يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ئاخىرى گۈلزارلىق باغقا يېتىپ كەپتۇ. باغۋەن ئوغۇلنىڭ ئىشىكىنى قېقىپتۇ. يىگىت ئۆيدىن چىقىپ قىزنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ.
_ ھوي، _ دەپتۇ يىگىت، _ سىزنى دادىڭىز بىر شاھزادىگە ياتلىق قىلغان ئىدىغۇ؟ بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسىز؟
_ شاھزادە مېنىڭ ۋەدەمگە ۋاپا قىلىپ، سىزنىڭ بولۇشۇمغا ئىجازەت بەردى، _ دەپتۇ قىز .... شەھەربانۇ ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ:
_ ئەمدى سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ: قىز كىمگە تەئەللۇق بولۇشى لازىم؟ _ دەپتۇ ۋە سىنچى كۆزلىرى بىلەن ئالدىدىكى ئۈچەيلەنگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ ئۈچەيلەن بىر - بىرىگە قارىشىپ «سەن دەپ باق»، «سىلى دەپ باقسىلا» دېيىشىپتۇ. ئاقىۋەت پادىشاھ سۆز ئېلىپ:
_ مەنچە بولغاندا بۇ قىز شاھزادىگە تەئەللۇق، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى نۇرغۇن پۇل، دۇنيا خەجلەپ، كاتتا تەييارلىقلار بىلەن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ قىزنى ئوغلىغا ئېلىپ بەردى، _ دەپتۇ.
ۋەزىر ئۈندىمەي خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ، قولىنى قوشتۇرۇپ، بېشىنى يەرگە سېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. مۇلازىم سۆز ئېلىپ:
_ بۇلار پادىشاھنىڭ قىزى، پادىشاھنىڭ ئوغلىكەن، ئۇلار ئەلۋەتتە شۇنداق كەڭ قورساق بولۇشلىرى كېرەك. يولدىكى قاراقچى يامان ئادەم بولسىمۇ، يەنە كەڭچىلىك قىلىپ «بار، ۋەدەڭگە ۋاپا قىل» دەپ قويۇۋەتكەندىن كېيىن، قاراقچى يارايدىكەن، _ دەپتۇ.
شەھەربانۇ لام - جىم دېمەي ئولتۇرغان ۋەزىرنى خىيال قۇچىقىدىن تارتىپ چىقىپ:
_ تەخسىر، ئۆزلىرىچە كىمگە خاستۇ؟ _ دەپتۇ.
_ مېنىڭچە ...، _ دەپتۇ ۋەزىر دۇدۇقلاپ، _ ئۇ پادىشاھنىڭ قىزىكەن، قانداقمۇ قاراقچىغا خاس بولسۇن؟! بۇ نەسەبكە توغرا كەلمەيدۇ. قىزنىڭمۇ باغۋەن يىگىتكە ئوتتەك مەيلى بار ئىكەن قىز باغۋەن يىگىتنىڭ بولۇشى كېرەك.
ۋەزىرنىڭ ئەندىشىلىك قىياپىتى شەھەربانۇدا چوڭ بىر گۇماننى پەيدا قىپتۇ. شۇڭلاشقا پادىشاھ بىلەن مۇلازىمنى سارايغا چىقىرىۋېتىپ، ۋەزىرنى تەكلىپ بىلەن ئېلىپ قاپتۇ. ئەمما ئاچكۆز ۋەزىر ئىچىدە: «بۇ شەھلا كۆزلۈك، زىلۋا بويلۇق مەلىكىنىڭ كۆڭلى ماڭا چۈشۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ بولمىسا نىمىشقا ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىپ مېنى يالغۇز ئېلىپ قالىدۇ؟ ....» دەپ ئويلاپ خۇشال ۋە مەغرۇر ئولتۇرۇپتۇ، شىرىن خىياللارغا چۆمۈپتۇ.
شۇ ئارىلىقتا شەھەربانۇ كېنىزەكلەرنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئۇسۇلچىلار، سازەندىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئۇلارغا مۇنداق دەپ تاپىلاپتۇ:
_ ئويۇن باشلانغاندا سازنى شوخ ئۇسۇل پەدىسىگە چالىسىلەر ئۆزەم ئۇسۇلغا چۈشۈمەن. ئويناپ بېشىم قايغاندا بىر سىڭلارنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىمەن. سىلەر «ۋاي خېنىكەم، ۋاي خېنىكەم» دەپ يىغلاپ بىسەرەمجان بولىسىلەر. شۇ سەكپارىچىلىقتا بىرسىڭلار «مەلىكىگە گۆھەرنى چايقاپ سۈيىنى ئىچكۈزسەك ساقىيىپ كېتەتتى، گۆھەر ئەكىلىڭلار» دەپ چۇقان سالىسىلەر، شۇنداق قىلىپ مېھماننىڭ كۆڭلىنى ئاچىمىز.
شۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نەغمە قىزىپ كېتىپتۇ. شەھەربانۇ راسا جۇلانە ئۇسۇل ئويناپتۇ. ساز ئەۋجىگە چىقىپتۇ. شەھەربانۇ پىر - پىر پىقىراپ كېلىپ، بىر كىنىزەكنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىپتۇ. كېنىزەكلەر «ۋاي خېنىكەم ھۇشىدىن كەتتى» دەپ ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپتۇ. يىغا - زارە قىلىپ ئۆينى بېشىغا كېيىشىپتۇ.
شەھەربانۇنىڭ جۇلانە ئۇسۇلىغا، كېلىشكەن قەددى - قامىتىگە، قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ، قاش تاشلاپ ئويناشلىرىغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ھالدا بېرىلىپ كەتكەن ۋەزىر يۈگۈرۈپ كېلىپ:
_ مەلىكىگە نېمە بولدى؟ _ دەپ سوراپتۇ.
_ بولمىدى، گۆھەرنى چايقاپ سۈيىنى ئىچكۈزۈۋەتسەك ساقىيىپ كېتەتتى، _ دەپتۇ بىر كېنىزەك.
_ غەزىنىگە بېرىپ گۆھەر ئېلىپ كەلگۈچە مەلكىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدۇق، ۋاي ئىسىت، چىرايلىق مەلىكەم، - دەپ چاچلىرىنى تۇتۇپ راسا قاملاشتۇرۇپ يىغلاپتۇ يەنە بىر كېنىزەك.
ھودۇقۇپ كەتكەن ۋەزىر قوينىدىكى يانچۇقىدىن گۆھەرنى چىقىرىپ:
_ ۋاي مانا گۆھەر، مەلىكىنى دەرھال قۇتۇلدۇرۇڭلار! _ دەپ كېنىزەكلەرگە سۇنۇپتۇ....
شەھەربانۇ گۆھەرنى ئۆز پادىشاھىغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. ساياھەتچى پادىشاھ يوقالغان گۆھەرنى قولىغا ئېلىپ خۇشال بولۇپ:
_ بۇ قىز ھەقىقەتەن پەم - پاراسەتلىك ئىكەن، _ دەپ مەمنۇن بوپتۇ.