موماينىڭ ئەجرى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئوردىسىغا ھەشەمەتلىك تەخت ياساتماقچى بولۇپ، پەرمان چۈشۈپتۇ.
- شۇنداق بىر تۇت)ئۈژمە( دەرىخىنىڭ باغىچىنى تېپىپ كېلىڭلاركى، - دەپتۇ ئۇ لەشكەرلىرىگە، - ئۇنىڭ ئىگىزلىكى يۈز غۇلاچ، ئەگىر ئەمەس تۈز بولسۇن، يوغانلىقى ئون غۇلاچ، پۇتاق ئەمەس ئۇز بولسۇن. مەن ياغاچنىڭ ئىگىسىگە رازى بولغۇدەك ئالتۇن - كۈمۈش بېرىمەن.
لەشكەرلەر تەرەپ - تەرەپكە چېپىپ، بۇنداق تۇت دەرىخىنى ئىزلەپ ھېچيەردىن تاپالماپتۇ.
شۇ شەھەرنىڭ چەت بىر يېرىدە بىر موماي يالغۇز ياشايدىكەن. موماي ناھايىتى كەمبەغەل بولۇپ، چاق ئىگىرىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر تۈپ تۇت دەرىخى بار ئىكەن. مۇماي تۇت دەرىخىنى تىككەن كۈندىن باشلاپ، ھارام شاخلىرىنى پۇتاپ، پات - پات سۇغۇرۇپ، كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ پەرۋىش قىلغان ئىكەن. كۆچەتنى قىڭغىر ئۆسۈپ قالمىسۇن، دەپ ئۈژمىسىنى ھەرگىز ئېغىتمايدىكەن، ئايلار ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ تۇت دەرىخى شۇنداق ئۆسۈپتۇكى، دەرەخنىڭ تۈز ۋەق ئىگىزلىكىگە كىشىلەر ھەيران قاپتۇ. ئۇ شۇنداق يۇغىناپتۇكى، ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەپتۇ. موماي دەرەخنىڭ مۇنداق تۈز، پۇتاقسىز ئۆسكىنىگە بەكمۇ خوشال ئىكەن.
لەشكەر ئىزلەپ يۈرۈپ بۇ يەرگە كېلىپ قاپتۇ. ئۇلار بۇ دەرەخنى كۆرۈپ، دەرھال پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ ئۆز ۋەدىسى بويىچە مومايغا نۇرغۇن ئالتۇن بېرىپ، دەرەخنى كەستۈرۈپ ئوردىغا ئەكەلدۈرۈپتۇ. بۇ دەرەخنىڭ ئۆزىنى شۇنچىۋالا ئالتۇنغا ئىگە قىلغانلىقىدىن خوشال بولغان موماي مۇنداق نەزمە توقۇپتۇ:
- ئى تۇتىم، تۈپ - تۈزلۈگۈڭ قىلدى مېنى دۆلەتكە يار،
ئەگرى بولساڭ سەن ئوتۇن، بولغاي ئىدىم مەن خارۇ - زا.