تۇردىقارى بىلەن پادىشاھ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم بوپتىكەن. بۇ ئادەمنىڭ بالىلىرى ئۆلۈپ زادى توختىمايدىكەن؛ قىلمىغان ئىرىمى قالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، يەتتىنچى ئوغلى تۇرۇپ قاپتۇ؛ ئۇنىڭ ئېتىنى تۇردىقارى قويۇپتۇ.
تۇردىقارى دادىسىدىن بەك كىچىك يېتىم قاپتۇ. ئۇ دادىسى ئۆلۈپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەتتە ياشقا كىرىپتۇ. بىر كۈنى بالىسى:
- بالام، ئاتاڭ ئۆلەر ئالدىدا: >بالام كىچىك قالدى، مەن پانىدىن باقىغا رەھلەت قىلىدىغان ئوخشايمەن، ناۋادا ئۆلۈپ - تارتىپ قالسام، بۇ دۇنيادا مېنىڭدىن ساڭا قالىدىغان ئامانىتىم مۇشۇ بالا، ياخشى بېقىپ، كۆزۈڭنىڭ قارچۇغىدەك ساقلارسەن، ئاتاڭنىڭ ۋەسىيىتى دەپ ئوقۇتارسەن< دېگەنىدى، يېشىڭ يەتتىگە يەتتى، ئاتاڭنىڭ ۋەسىىتى بويىچە، يۈر سىنى موللىغا ئاپىرىپ تاپشۇراي، - دەپتۇ ۋە جۈمە كېچىسى بالىسىنى يۇيۇپ، پاكىز كىيىندۈرۈپ، بىر تاۋاق ئاش قىلىپ، موللىغا ئاپىرىپتۇ.
يىللار ئۆتۈپتۇ، تۇردىقارى موللىدا ئوقۇپ يۈرۈپ بەك ئەخلاقلىق، مېھرى - شەپقەتلىك بالا بولۇپتۇ؛ ئۇ زادىلا ھارامزادىلىكنى بىلمەيدىكەن، ئىلاجى بولسا، كىشىلەرگە ياخشىلىق ئىزلەيدىكەن. خولۇم - خوشنا، يېتىم - يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىكەن، ھەتتا جان - جانۋارلارنىڭ جېنىغا ئازار بەرمەي، ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇردىقارى مەكتەپكە كەچ قاپتۇ. چايمۇ ئىچمەي بىر توقاچنى قوينىغا تىقىپ، جىلتىسىنى كۆتۈرۈپ، يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، بىر پاقىنى دەسسىۋاپتۇ. پاقا >غۇق< قىلىشى بىلەن تۇردىقارى توختاپ قاپتۇ - دە، ئانچە ئويلانمايلا، پاقىنى قوينىغا سېلىپ، مەكتەپكە كەپتۇ. موللىسىنىڭ كىتاب ساندۇقىنىڭ بىر يېرىقىدىن پاقىنى سېلىۋېتىپ، ئۆزى ئوقۇشقا ئولتۇرۇپتۇ.
تۇردىقارى ھەر كۈنى دەم ئېلىشتا ۋە دەرستىن قايتىش ۋاقىتلىرىدا ئاپارغان نېنىنى چايناپ بېرىپ پاقىنى بېقىپتۇ. بارا - بارا ئۇ ئۆيىدىن بىر توقاچ ئورنىغا ئىككى توقاچ ئالىدىغان بولۇپتۇ، كېيىن ئۈچ توقاچ ... شۇنداق قىلىپ، كېيىنكى كۈنلەردە تۆت توقاچ ئالىدىغان بولۇپتۇ. تۇردىقارى ئۇنى ناھايىتى ئېزىزلاپ بېقىپتۇ، سۇ بېرىپتۇ، ئارىلاپ - ئارىلاپ ئۇنى ئەكىلىتىپ قويىدىغان بولۇپتۇ. بىر كۈنى موللىسى:
- بالىلار، ئەمدى ياز كېلىپ قالدى، باغقا چىقىپ ئىككى ئاي تۇرىمىز، شۇ يەردە ئوقۇيمىز؛ كەم - كۈتلىرىڭلارنى جايلاپ كېلىڭلار، ئەتە ماڭىمىز، - دەپ ئۇقتۇرۇپتۇ. بالىلارنىڭ ھەممىسى يۈگۈرۈشۈپ ئۆيلىرىگە كېتىپتۇ. تۇردىقارىمۇ ئۆيىگە كېلىپ كۆپ ئويلاپتۇ. بارماي دېسە، موللىسى بىلەن ئانىسىدىن قورقۇپتۇ؛ باراي دېسە، بېقىۋاتقان پاقىسىنى ئويلاپتۇ. ئىلاجىسىز قېلىپ، ئاخىرى بارىدىغان بولۇپتۇ، ھەممە ئىشنى ئانىسىغا ئېيتىپتۇ. ئانىسى تەييارلىقىنى قىلىپ بالىسىنى ئۇزىتىپتۇ.
تۇردىقارى يېتىپ كەلگىچە موللىسى بالىلارنى يېغىپ، جابدۇق، كىيىم - كېچەكلەرنى ھارۋىلارغا بېسىپ، ئاندىن كىتاب ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىپتۇ - دە، كىتاب ئالماقچى بولۇپتۇ؛ بالىلار >ۋاي موللام!< دەپ چىقىرىشىپ، قوللىرىدىكى كىتابلارنى تاشلاپ قېچىشىپتۇ. موللام قارىسا ساندۇقتا ئادەم ھەيران قالغىدەك، چاقتەك يوغان پاقا تۇرغان.
- بۇ نېمە ئىش، كم ئەكىردى بۇنى؟! دەپ ۋارقىراپتۇ، - موللا. ھېچكىم ئۈندىمەپتۇ. موللا:
- ئېيتىش، قايسىڭنىڭ قىلغان ئىشى بۇ؟ قايسىڭ ئەكىرگەن بولساڭ ئېلىش، كىم ئەكىرگەن - ھە! - دەپ ۋارقىرىغاندا، تۇردىقارى:
- مەن، - دەپتۇ.
- نېمە ئۈچۈن پاقىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ يۈرۈيسەن؟ - دەپتۇ موللا.
- موللام، - دەپتۇ ئۇ، - سىلى چىۋىن، چۈمۈلىگىمۇ ۋابال قىلماڭلار، دېگەن ئىدىلە. بىر كۈنى مەكتەپكە كەچ قېلىپ يۈگۈرۈپ كېلىۋېتىپ، بۇ پاقىنى كۆرمەي دەسسەپ قويۇۋېدىم، ئۇ ناھايىتى قىينىلىپ كەتتى، مەن ئۇنىڭغا گۇناھكار بولۇپ قالدىم؛ شۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ سۆزلىرى ئېسىمگە كەلدى - دە، ئۇنى ئالغاچ كېلىپ، مۇشۇ يەرگە سېلىپ قويغان ئىدىم، كۈنىگە ئىككى - ئۈچتىن توقاچ بېرىپ بېقىۋاتقىنىمغا توغرا ئۈچ يىل بولدى.
- ھوي ھارامزادە، يوقات بۇنى ھازىر، - دەپ ۋارقىراپتۇ. موللىسى. بالىلار قورققىنىدىن قېچىپ تۇرۇشۇپتۇ. تۇردىقارى ئاستا كېلىپ، پاقىنى چاپىنىغا يۆگەپ، ئاران دېگەندە، يەردىن كۆتىرىۋاپتۇ؛ كۆتۈرگەن پېتى ئىجىقلاپ تۇرۇپ كۆلنىڭ تۈۋىگە ئاپىرىپتۇ. ئۇ پاقىنى يەرگە قويۇپ بىر توقاچنى بەرگەن ئىكەن، >ھاپلا< قىلىپ يۇتۇۋېتىپتۇ، تۇردىقارى ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپتۇ:
- خەير پاقام! سېنى دەسسەپ تېنىڭگە ئازار بەردىم، گۇناھىم ئۈچۈن ئۈچ يىل سېنى باقتىم؛ يەنە گۇناھىم بولسا، كەچۈرەرسەن - دەپتۇ. پاقا قولىدىن چىقىپ، سەكرەپلا كۆلگە چۈشۈپ چۆكۈپ كېتىپتۇ. تۇردىقارى كۆزىگە >موللىدە< ياش ئېلىپ، ئارقىسىغا شۇنداق قاراپ مېڭىشىغا كۆلدىن بىر ئاۋاز چىقىپتۇ. قارىسا ھېلىقى پاقا سۆزلەۋاتقىدەك:
- ھەي قارى، سەن مېنى باقتىڭ، ياخشىلىق قىلدىڭ، ۋاقتىدا تائام، ۋاقتىدا ئۇسسۇزلۇق بېرىپ كۈتتۈڭ. مېنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئاۋارىچىلىق تارتتىڭ، ئاھانەت ئىشتتىڭ. مەن بولسام مانا ھازىر ئاتا - ئانام ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، قوۋمى - قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشتۈم، سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭغا رەھمەت. مېنى بىر پەس كۈتۈپ تۇر.
پاقا شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ سۇغا كىرىپ كېتىپتۇ.
ھايال قىلماي پاقا يەنە چىقىپ، ئاغزىدىن بىر ئەڭگۈشتەرنى چىقىرىپ بېرىپتۇ. تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ:
- بۇنى نېمە قىلىمەن، - دەپ سوراپتۇ.
- ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن بەردىم، - دەپتۇ پاقا، - بۇ ئەڭگۈشتەر بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ، ئۇنىڭ بىرىنچى خىسلىتى، ئۆلگەننى تىرىلدۈرىدۇ؛ ئىككىنچىسى، باغۇ - بوستان، ئىمارەت پەيدا قىلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، نازۇ - نېمەت تەييار قىلىدۇ. بۇنى يوقاتما، جېنىڭدىن كۆرۈپ ساقلىغايسەن؛ خۇش ئەمىسە، قىيامەتتە كۆرۈشەرمىز.
تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى قوينىغا سېلىپ، مەكتەپكە قايتىپ كەلسە، موللىسى بالىلارنى ئېلىپ، ئاللىقاچان كېتىپ قاپتۇ. تۇردىقارى ئويلا - ئويلا >ماڭا بىلىم دېگەن ھەر زامان كېرەك< دەپتۇ - دە، موللىسىنىڭ ئارقىسىدىن يولغا راۋان بولۇپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ... بىر يەرلەرگە كەلگەندە ئاخىر پىشىن بولۇپتۇ. تۇردىقارى مۇشۇ يەردە كىچىككىنە دەم ئېلىۋالاي دېگەن ئوي بىلەن بېدىلىكنىڭ يېنىدىكى بىر قارىياغاچنڭ سايىسىگە كەپتۇ، چاپىنىنى بېشىغا قويۇپ، >ئۇھ< دەپ يېتىشىغا يېنىدىن بىر ئۆلۈك يىلان پەيدا بولۇپتۇ. تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ: >ئەگەر ئەڭگۈشتەر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان بولسا، مۇشۇ يىلاننى تىرىلدۈرىدۇ< دېگەن ئوي بىلەن شۇنداقلا سۈركىگەن ئىكەن، ھېلىقى يىلانغا جان كىرىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ تازىم قىلىپتۇ:
- ھەي ئادىمىزاتنىڭ ياخشىسى، سەن مېنى تىرىلدۈردۈڭ، ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭ، مەن بالىلىرىمغا ئوزۇق تېپىپ كېلەي دەپ، يولدا كېتىۋاتسام قارا باش نېمىلەر يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ، مېنى تاياق - توقماق بىلەن بىگۇنا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، مۇشۇ يەرگە تاشلىۋەتكىنىگە بۈگۈن ئۈچ كۈن بولغان ئىدى، سەن ماڭىلا ئەمەس، ئىككى بالا بىلەن بىز بىر ئۆيلۈكنى ئۆلۈمدىن قۇتقازدىڭ، ساڭا رەھمەت، قاچان بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە، مېنى ئەسلىسەڭ، مەن تەييار بولىمەن، - دەپتۇ. - دە، يەر بېغىرلاپ كېتىپ قاپتۇ.
تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنىڭ خاسىيىتىگە شۇندىن كېيىن ئىشىنىپتۇ. ئۇ شۇ يەردە بىر ئاز دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە يولغا چۈشۈپتۇ. بىر يەرلەرگە كەلگەندە بىر ئۆلۈك گۈل ھەرىسىگە ئۇچراپتۇ. تۇردىقارى >بۇنى تىرىلدۈرەلەمدىكىن< دېگەن ئوي بىلەن ئەڭگۈشتەرنى ئۇنىڭغا سۈركىگەن ئىكەن، ئۇمۇ تىرىلىپ غىڭىلداپتۇ - دە:
- قاچان بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە مەن تەييار! - دەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
ئۇ يەنە يولىنى داۋام قىلىپتۇ، بىر ھازا يول يۈرگەندىن كېيىن، بىر بۇلاق تۈۋىگە كېلىپ پوتىسىدىن بىر توقاچنى ئېلىپ ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ، يېرىىنى بۇلاق سۈيىگە چىلاپ يەپ، دەم ئېلىپ ئولتۇرسا، يىراقتا بىر نەرسە كۆزگە چېلىقىپتۇ. بېرىپ قارىسا، بىر مۈشۈك ۋە بىر نەچچە چاشقانلار تۇرغان. مۈشۈكمۇ ئۆلۈك، چاشقانلارمۇ ئۆلۈك، تۇردىقارى: >مۈشۈك دېگەننىڭ يامانلىقى يوق، بۇنى كىم ئۆلتۈرگەندۇ؟ بۇنىڭغا بىر ياخشىلىق قىلىپ قوياي< دەپ ئەڭگۈشتەرنى ئۇنىڭ بوينىغا شۇنداقلا سۈركىگەن ئىكەن، ئۇ تىرىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى بىر سىلكىپ، ئالدى ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتەرگەن ھالدا سالام قىلىپتۇ.
- ھەي ئادىمىزات، دەپتۇ مۈشۈك، - مېنى تىرىلدۈرۈڭ، ئېتىزدىكى ئاشلىقلار تازا پىشقان چاغدا، ئاشلىقنى چاشقان بېسىپ، زىيان كەلتۈرۈشكە باشلىدى. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى چاشقانغا قارشى قوزغالدى. بىزنىڭ ئائىلىمۇ ئېتىزغا كۆچۈپ چىقىپ، چاشقانلارنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى. مەنمۇ تىنچ ياتمىدىم؛ كېچە - كۈندۈز چاشقانلارنى قىرىۋالسام، پادىشاھنىڭ ئوغلى ئوۋدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، مېنى بىگۇناھ ھالدا ئاتقا دەسسىتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. قانچە نالە قىلساممۇ، يالۋۇرساممۇ كارى بولمىدى... مانا مەن بۈگۈن يورۇق دۇنياغا قايتىپ كەلدىم، سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭنى ئۆلسەممۇ ئۇنتۇمايمەن.
كەچ كىرىپ قالغاچقا تۇردىقارى شۇ يەردە بىر ئەسكى كەپىگە كىرىپ يېتىپ قاپتۇ. مۈشۈكمۇ ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ يېتىپتۇ. ئۇلار كېچىنى شۇ كەپىدە ئۆتكۈزۈپتۇ - دە، تاڭ ئاتقاندا، بىر - بىرلىرى بىلەن خوشلىشىپ، ئىككىسى ئىككى ياققا قاراپ راۋان بولۇپتۇ. ئۇلار ئايرىلىش ئالدىدا مۈشۈك:
- قاچان بېشىڭغا كۈن چۈشسە، مېنى ئەسلە، شۇ ۋاقىتتا ئالدىڭدا ھازىر بولىمەن، - دەپتۇ.
تۇردىقارى كەچكىچە يول يۈرۈپتۇ. شام ئارىلىقىدا بىر شەھەرگە كىرىپتۇ. موللىسى بالىلارنى ئېلىپ كەلگەن شەھەر مۇشۇ ئىكەن.
تۇردىقارى >خۇدايا شۈكرى، ئەمدى يېتىپ كەلدىم، بالىلارنى تېپىۋالسام بولغىنى< دېگەن ئوي بىلەن كەچ بولسىمۇ ئۇلارنى ئىزلەپ، شەھەر چېتىدىكى بىر باغنىڭ تۈۋىگە كەلسە، بىر ئادەم خارتىلداپ قانغا بويىلىپ يېتىپتۇ. >ھەي بىچارە< دەپ ئىچى ئاغرىغان تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى سۈركىگەن ئىكەن، ھېلىقى ئادەم ساپ - ساق بولۇپلا تۇرغان زامان ئېسىلىپتۇ:
- ھە، ... مېنى ئۇرۇپ يىقىتقان سەن ئەمەسمۇ، ئەمدى قولۇمغا چۈشتۈڭمۇ؟ ھەي خالايىق!... ... قاتىلنى تۇتتۇم! - دەپ ۋارقىراپتۇ. خۇپتەن نامىزىدىن چىققان جامائەت يىغىلىپتۇ. تەرەپ - تەرەپتىن يولۇچىلار توپلىنىپتۇ، قورو - قورولاردىن ئادەملەر يۈگۈرۈشۈپ چىقىشىپتۇ. بىرلىرى >ئالدىنقى كۈنى ئۆلگەن ئادەمنى مۇشۇ ئۆلتۈرگەن ئىكەن< دېسە، بەزىلەر >ئاخشام كوچىغا تۆكۈلگەن ئادەمنىڭ قېنىنىمۇ مۇشۇ بىر نېمە تۆككەن بولسا كېرەك< دېيىشىپتۇ. يەنە بەزىلەر بولسا بۇنى: >ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش كېرەك< دەپ دىۋەيلەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، >ئۇر، تارت!< بىلەن تۇردىقارىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا سۆرەپ مېڭىپتۇ.
- دات، پادىشاھى ئالەم، دات! - دەپ ھېلىقى ساقايغان ئادەم.
- نېمە دەردىڭ بار، دەردىڭ بولسا ئېيىت، - دەپتۇ پادىشاھ.
- ئادەم ئۆلتۈرگەن قانخورنى تۇتتۇق، - دېيىشىپتۇ كۆپچىلىك.
بىر كىشى پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
- پادىشاھى ئالەم، بۇرناكۇنى ئۆلگەن ئادەمنى ئۆلتۈرگەن مۇشۇ، تۈنۈگۈنكى كوچىدا تۆكۈلگەن قانمۇ مۇشۇ شۇمنىڭ ئىشى، بۈگۈن بولسا مۇنۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە ئاز قالغان ئىكەن، تۇتۇۋالدۇق، - دەپتۇ.
پادىشاھ تۇرىقارىدىن سۆزمۇ سورىماي:
- ئاپار بۇ بەدبەخنى زىندانغا! - دەپ ئەمىر قىلىپتۇ.
پادىشاھنىڭ جاللىتى ئۇنى يەتتە قات زىنداننىڭ ئاستىغا سولاپ قويۇپتۇ. نانمۇ بەرمەپتۇ، سۇمۇ بەرمەپتۇ، تۇردىقارى ئاچ - زېرىن داق يەرگە كۆكسىنى بېسىپ يەتتە كۈن يېتىپتۇ.
ئۇ بېشىغا شۇنداق قاتتىق كۈن چۈشكەندە، ئۆزى يولدا تىرىلدۈرگەن يىلان، مۈشۈك ۋە ھەرىنى ئەسلەپ، كۆزىگە ياش ئاپتۇ. ئۇنىڭ ئاھ - زارى ئۇلارغا يېتىپ، شۇ زامان مۈشۈك تۇڭلۈكتىن، ھەرە دېرىزىدىن، يىلان يەر ئاستىدىن كىرىپ كەپتۇ، ئۇلار بۇنىڭ خىزمىتىگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، چىقىپ كېتىپتۇ.
مۇشۇك نان، يىلان گۆش، ھەرە ھەسەل بىلەن سۇ توشۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەتتە يىل تۇردىقارىنى بېقىپتۇ. تۇردىقارىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقاندا، ھەرە دورا گىياھلىرىنى ئەكىلىپ ئۇنى ساقايتىپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ ئاغرىپ قاپتۇ. ئاغرىقى سوزۇلۇپ يەتتە يىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپتۇ. ئۇنىڭغا يەتتە ئىقلىمدىن چاقىرمىغان تىۋىپ، قىلمىغان دورا قالماپتۇ. ھېچ داۋا بولماپتۇ، ئۇ پادىشاھنىڭ ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، نۇر جاماللىق، بويىغا يەتكەن بىرلا قىزى بار ئىكەن، بىر كۈنى پادىشاھ يېقىن ۋەزىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا:
- ھەي ۋەزىرىم! مەن ھېچ ياخشى بولالمىدىم، خەلقى - ئالەمگە جاكار قىلىڭ، ئەگەر كىمكى مېنى ساقايتسا، پادىشاھلىقىمنى ھەم قىزىمنى بېرىمەن! - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ، دۇنيادا داڭقى چىققان ھارۇللا دېگەن ئاتمىش ياشلىق موللا پادىشاھىغا خەۋەر بىلدۈرۈپتۇ، پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ئالدۇرۇپتۇ. ھارۇللا يەتتە كېچە - كۈندۈز ئوقۇپ، ھېچ ساقايتالمايدۇ. شۇ ئارىدا قىزغا نەپسى تاقىلداپ، ئۆزىمۇ ئاشىقلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ، كېسەل پېتى قايتىپ كېتىپتۇ. ئاڭغىچە تۇردىقارىمۇ تېنچ ياتماپتۇ. يىلان، مۈشۈك، ھەرىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يەر ئاستىدىن يول ئېچىپ، پادىشاھ ياتقان ئۆينىڭ ئاستىغا يېتىپ كەپتۇ.
پادىشاھ ئۆلەر ھالغا كەپتۇ. جۈمە ئاخشىمى ئۇ سەكراتقا چۈشۈپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئۇرۇق - تۇغقان، خولۇم - خوشنا، قوۋمى - قېرىنداش، ۋەزىرلىرى بېشىدا قادىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. خوتۇنى بىلەن قىزى يىغا - زارە قىلىپ تۇرغاندا، يەر ئاستىدىن:
- ئۆلگەننى تىرىلدۈرىمەن، ئاغرىقنى ساقايتىمەن! - دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ.
ھەممەيلەن جىم بولۇشۇپ قاپتۇ. يەر ئاستىدىن يەنە ئاۋاز كەپتۇ:
- ئۆلگەننى تىرىلدۈرىمەن... ئاغرىقنى ساقايتىمەن! ئەگەر پادىشاھ پادىشاھلىقى بىلەن قىزىنى بەرسە، دېگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلسا، پادىشاھنى ساقايتىمەن!...
- ۋاي، بولىدۇ! ... ۋاي بولىدۇ!... دەپ ۋارقىراپتۇ باش ۋەزىر.
- راستمۇ، راستمۇ؟ - دەپ تەكرارلاپتۇ تۇردىقارى.
- ۋاي بولىدۇ، ۋاي راست! - دەپ ۋارقىراپتۇ باش ۋەزىر.
- ئۇنداق بولسا، مېنىڭ ئىسمىم تۇردىقارى... يەتتە قات زىنداندىن مېنى بوشىتىڭلار...، - دېگەندە بۇلار ھەيران قېلىشىپتۇ.
ۋەزىر بىلەن پادىشاھنىڭ قىزى يۈگۈرۈپ چىقىپ، زىندان بېگىگە بۇيرۇق بېرىپتۇ. زىندان بېگى تېزدىن زىنداننى ئېچىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى يۈگۈرۈپ كىرسە، يالىڭاياق، يالاڭتۆش، ئۇچىسىدا ئەسكى بىر ماتا ئىشتاندىن باشقا نەرسە قالمىغان، تېنىنى توپا باسقان، چېچى ئۆسۈپ يۈزىنى ياپقان، كۆزى بىلەن چىشلىرى پارقىراپ قالغان بىر بالا ئولتۇرغان.
بۇنى كۆرۈپ پادىشاھنىڭ قىزى ھەم ۋەزىرلەر ھەيران بولۇشۇپتۇ. باش ۋەزىر:
- پادىشاھنى ساقايتىدىغان سەنمۇ؟ - دەپتۇ.
- ھە، مەن، - دەپتۇ تۇردىقارى.
- ئۇنداق بولسا چىق بۇياققا!
تۇردىقارىنى پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا ئېلىپ كەپتۇ.
توپلانغان ۋەزىر - ۋۇزىرا، ئۆلىمالار... بالىغا ئىشەنمەپتۇ. شۇ چاغدا ۋەزىر:
- ساقايتالامسەن؟ - دەپتۇ.
- ساقايتىمەن! - دەپتۇ تۇردىقارى.
- ھەي گۇناھكار! ئەگەر پادىشاھنى ساقايتالمىساڭ، كاللاڭ ئېلىنىدۇ، رازىمۇسەن؟ - دەپ سوراپتۇ يەنە ۋەزىر.
- خوپ، ئەگەر ساقايتسام، پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ بولغايمۇ> - دەپتۇ تۇردىقارى.
- بولىدۇ، - دېيىشىپتۇ ئۇلار. تۇردىقارى:
- پۈتۈم يېزىپ، مۆھۈر بېسىڭلار! - دېگەندە، ۋەزىر پۈتۈم يېزىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپتۇ.
تۇردىقارى ئىشتان قىرغىقىدىكى ئەڭگۈشتەرنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ بۇرنىغا شۇنداقلا تەككۈزۈپ، گەجگىسىگە سۈركىگەن ئىكەن، پادىشاھ دەررۇ كۆزىنى ئېچىپ، ياتقان ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. قاراپ تۇرغان بارلىق خالايىق ھەيران بولۇشۇپتۇ. بەزىلىرى ئىقرار بولۇپتۇ، بەزىلىرى ئىچى تارلىق قىلىپتۇ. پادىشاھ ھۇشىغا كېلىپ:
- ھەي قۇل، سەن قاچاندىن بېرى سولاقتا بولدۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- سىلى ئاغرىغاندىن باشلاپ، بۇ يىل توپ - توغرا يەتتە يىل بولدى، - دەپتۇ تۇردىقارى.
- قانداق سولانغان ئىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
تۇردىقارى چالا ئۆلۈك ياتقان ئادەمگە ياخشىلىق قىلىمەن دەپ، بىگۇناھ سولاققا چۈشۈپ كەتكىنىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ >مېنى بىگۇناھ سولىدىڭ< دېگەن سۆزگە ئاچچىقلىنىپ ھەم >ئۆزۈم سولىغان ئادەمگە ئۆزۈم قىزىمنى بەرسەم، خەلقى - ئالەم ئالدىدا نومۇس ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئەپتى - بەشرىسىنى قارا< دەپ ئويلاپ، دەرھال جاللاتلىرىنى چاقىرىپ بۇيرۇپتۇ:
- ھازىر بۇنىڭ كاللىسىنى ئال!
جاللاتلار ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا، ۋەزىرى:
- ھەي، پادىشاھى ئالەم، بۇنى ئۆلتۈرۈش نامەرتلىك، بۇنىڭ قىلغىنىنى بارلىق خەلق ئاڭلاپ كەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆرە بۇنىڭغا بىر ئېغىز ۋەزىپە تاپشۇرايلى، شۇنى ئورۇنلىسۇن، ناۋادا ئورۇنلىيالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ كاللىسىنى ئالايلى، - دەپتۇ. بۇنىڭغا پادىشاھ رازى بولۇپتۇ:
- ھەي قۇل، سەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىساڭ، ئۇزۇنلۇقى سەكسەن غۇلاچ، كەڭلىكى يىگىرمە غۇلاچ، ئوتتۇرىسىدا ئىككى يول ئۆيلىرى يەتتە قەۋەت، گۈل چېكىلگەن، تاملىرى مەر - مەردىن ئىشلەنگەن، يوللىرىغا تاش يېيىتىلغان، ئەتراپىغا گۈل تىكىلگەن، ئوڭ تەرىپى باغ - ۋاران، يەتمىش ئىككى تۈرلۈك مېۋە پىشقان، ئېرىقلىرىدا زۇمرەت سۇ ۋە شەرۋەت ئېقىپ تۇرغان، تۈرلۈك جانۇ - جانۋار سايرىشىپ تۇرغان ساراي تەييار قىلىسەن، ئەگەر مۇشۇنى ياساپ چىقساڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ، قىزىمنى ئالىسەن، - دەپتۇ.
- خوپ، تەقسىر، - دەپتۇ تۇردىقارى.
- ئۇنداق بولسا، ئىشلىتىش ئۈچۈن بەش مىڭ ئادەم، قورال - جابدۇق، يەتكىچە ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ، ئۈچ ئايدا تەييار قىل! - دەپتۇ پادىشاھ.
تۇردىقارى كۈلكىسىنى زورىغا بېسىپ پادىشاھىغا قاراپ:
- پادىشاھى ئالەم، ئۇنچە ئاۋارە بولماڭ، سىزنىڭ ھېچ نەرسىڭىزنىڭ كېرىكى يوق، ئەتە سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ غىزالانغىچە، مەن بارلىقىنى تەييارلاپ قوياي،م - دەپتۇ.
- سەن، ساراڭمۇ، ئوڭمۇ؟! - دەپ ۋارقىراپتۇ پادىشاھ. بەزىلەر كۈلۈشۈپتۇ.
- پادىشاھى ئالەم، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەن يەردە ساراي سېلىش دېگەن نېمىتى، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلماي، ماڭا ساراي سالىدىغان مەيداننى كۆرسەتسىلە، - دەپتۇ تۇردىقارى.
پادىشاھ ئۇنىڭغا زادىلا ئىشەنمەپتۇ، ئىچىدە: >بۇ مېنى ئالداپ قېچىپ كەتمەكچى< دەپ ئويلاپتۇ. ۋەزىر:
- پادىشاھى ئالەم، بوپتۇ دېمەمدىلا، كەينىگە قاراۋۇل قويايلى، يەرنى كۆرسىتەيلى، ئەگەر قىلالمىسا، كاللىسىنى ئالايلى، - دەپتۇ.
ۋەزىر ئۇنى ئېلىپ چىقىپ ئوردا سالىدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپتۇ. تۇردىقارى مەيدانغا كېلىپ، ئوتتۇرىسىغا بېرىپ، ئۇياققا مېڭىپتۇ، بۇياققا مېڭىپتۇ، ئاخىرى بىر يەردە ئولتۇرۇپ، چاپىنىنى بېشىغا قويۇپ بىغەم ئۇخلاپتۇ. قاراۋۇللار بۇنى كۆرۈپ: >ۋاي، بۇ، بەربىر ئەتە ئۆلىدۇ< دېيىشىپ، كېچىسى تۈن يېرىمىغىچە ئۇنى ساقلاپ، ئۇلارمۇ تۇرغان يېرىدە ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بارلىقىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، تۇردىقارى ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا ئېگىز تاشلاپ، >ئىھ ئاللا، مېنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن!< دەپتىكەن، ئەڭگۈشتەر يەرگە چۈشۈشى بىلەن تەڭ تۈتۈن كۆتۈرۈلۈپ، تۇمان بېسىپتۇ. كېيىن تۇمان ئاستا - ئاستا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، ھېلىقى مەيداندا پادىشاھنىڭ بۇيرۇغىنىدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق بىر ئوردا پەيدا بولۇپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى ئۈچۈن ئالايىتەن چارىباغ پەيدا قىلىپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى قاراۋۇللار ئويغىنىشىپ قارىسا، باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغان!
- ھوي، بۇ شەھەرگە بىزنى كىم ئەپكىلىپ قويدى؟! ئوڭىمىزمۇ - چۈشىمىزمۇ؟! - دېيىشىپ ھاڭ - تاڭ قاپتۇ.
تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى ئىشتان قىرغىقىغا قىستۇرۇپ، ئەتىسى شەھەر پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا كېلىپ، دەرۋازىنى ئۇرۇپتۇ. ۋەزىر چىقىپ، تۇردىقارىنى پادىشاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. تۇردىقارى پادىشاھنىڭ يېڭى ئوردىغا چىقىشىنى تەكلىپ قىلىپتۇ. ھېچكىم ئىشەنمەپتۇ. پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋەزىر - ۋۇزىرالىرى، ئالىم - ئۆلىمالىرى بىلەن چىقسا، راست. ئۆزىنىڭ دېگىنىدىنمۇ ئارتۇق بىر بىنا بارلىققا كەلگەن. بىنانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان پەلەك ئېگىزلىكتە ئالتۇندىن ياسالغان تەخت ۋالىلداپ تۇرغان. پادىشاھ ھەيران قاپتۇ.
پادىشاھ ئەمىر قىلىپ ئوردىنى كۆچۈرۈپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ تۇردىقارىغا قىزىنى بېرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ.