باي بىلەن قويچى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
پىخسىق دەپ نامى چىققان بىر باي بار ئىكەن. ئۇنىڭغا يىگىرىمە يىل ھەقسىز قوي باققان قويچى بۇ بايدىن قۇتۇلۇپ كېتىشنى ئويلاپ:
- باي ئاكا، ئەمدى مەن ئۆز كۈنۈمنى ئۆزەم كۆرسەم، مېنىڭ ھەققىمنى ھېسابلاپ بېرىپ، بېشىمنى بوشاتسىڭىز! - دەپتۇ.
باي ماقۇل بوپتۇ، ئۇ قويچىنىڭ يىگەن تامىقى، كىيگەن ئەسكى كورەك جۇگىلىرىنى كۆپەيتىپ ھېسابلاپ، قويچىنى يەنە ھەقسىز ئىككى يىل ئىشلەشكە قەرزدا قىلىپ چىقىرىپتۇ. قويچى بۇنىڭغا چىدىماي، قازىخانىغا بېرىپ ئەرز قىپتۇ. قازىنىڭ كاتىبېشى قويچىغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇنى قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ:
- سوراق ۋاقتىدا ھەممە سوراقلارغا «مە، مە،..» دەپ قويغا ئوخشاش مەرەپ تۇر، قالغىنىنى ئۆزەم پۈتتۈرىمەن، بايدىن يىگىرمە يىللىق ھەققىڭنى ئېلىپ بېرىمەن،ئەمما ماڭا يېرىمىنى بېرىسەن، - دەپتۇ. قويچى ماقۇل بوپتۇ.
- ئۇنداق بولسا سەن باينىڭ قويىنى باقماي، بىر نەچچە كۈن تاشلاپ بەر، باي ئۆزى دەۋا قىلسۇن، شۇ چاغدا ئىش ئاسان بولىدۇ، - دەپ، كاتىپ ئۇنىڭغا ئەقىل ئۆگىتىپتۇ.
قويچى كاتىپنىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇنلاپتۇ. نەتىجىدە باي قويچىنىڭ ئۈستىدىن قازىخانىغا دەۋا قىپتۇ. سوراق باشلىنىپ، جاۋابكار قويچى بىلەن سەۋاگەر پىخسىق باي قازى ئالدىدا دەرقەمتە بوپتۇ. قازى بايدىن:
- بۇ سىزدە يىگىرمە يىل قوي باقتىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. باي قازىغا:
- شۇنداق تەقسىر، بىراق بۇ ھەققىنى ئېلىپ بولغان، ھازىر ئۇ ماڭا قەرزدار، - دەپتۇ.
- سېنىڭ ئېتىڭ نېمە؟ - دەپ قازى قويچىدىن سوراپتۇ.
- مە - مە - مە، - دەپتۇ قويچى.
- ھوي، بۇ «مە» دىن باشقىنى بىلمەيدىغۇ، مۇنداق ئادەنىڭ ئۇستىدىنمۇ دەۋا قىلامدۇ كىشى. راست پىخسىق باي ئىكەنسەن، - دەپ قازى باينى ئەيىپلەپتۇ.
- قازىكا، بۇ سۆز بىلىدۇ، تادانلىق قىلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ باي.
- ھوي سۆز بىلەمسەن؟ - دەپتۇ قازى قويچىغا.
- مە - مە - مە...
- بۇ نەدىن سۆز بىلسۇن، قازى ئاخۇنۇم، - دەپ كاتىپ سۆزگە ئارىلىشىپتۇ، - ئادەم بالىسىغا ئارىلاشماي، يىگىرمە يىل دالىدا قوي باققا گۆدەك بالا سۆزنى تاغدا كىمدىن ئۆگەنسۇن، بەلكى بىلگەن ئانا تىلىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمامدۇ؟ - دەپ قازىغا مۇراجەت قىپتۇ. قازى: «راست» دەپ، بايدىن قويچىنىڭ يىگىرمە يىللىق ھەققىنى ئېلىپ بېرىشكە ھۆكۈم قىپتۇ ۋە ئېلىپ بېرىپتۇ. سىرتقا چىققاندىن كېيىن:
- قويى باتۇر، مېنىڭ ئەقلىم قانداق؟ دەپتۇ كاتىپ.
- مە - مە - مە... - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قويچى. قازىنىڭ كاتىبېشى:
- ھوي سەن ئەمدى باي بولۇپ قالدىڭ، ۋەدە بويىچە يېرىمىنى بەرمەمسەن؟ - دىسە، قويچى ئۇنىڭ كۆزىگىمۇ خۇددى پىخسىق باينىڭ كۆزىگە قارىغاندەك:
- مە - مە - مە... - دەپ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قاپتۇ.