UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىچى

پادىچى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر باي سودىگەر بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئەقىللىق بىر ئوغلى ھەم ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ سودىگەر بىر كۈنى ھەرەمگە بارماقچى بولۇپ ئوغلىنى ئۆزىگە ھەمرا قىپتۇ. قىزىنى ئوقۇتۇۋاتقان داموللىسىغا ئامانەت قىپتۇ. بۇلار ھەرەمگە كېتىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، موللامنىڭ خوتۇن، بالا - چاقىلىرىنى پادىشاھنىڭ خوتۇنى چايغا چىللاپتۇ. ئۇلار بىلەن قىزمۇ تەييارلىنىپتۇ. بۇنى ئۇققان داموللا قىزغا: - سىز كىشىنىڭ ئامانىتى، تويغا بېرىشىڭىزنى ماقۇل كۆرمەيمەن، - دەپتۇ. قىز نائىلاج موللامنىڭ ئۆيىنى بېقىپ قاپتۇ. چۈشكە يېقىن موللام قىزنى چاقىرىپ: - ئۆدىكىلەر كەلمىدى سىز ماڭا تەرەتكە سۇ تەييارلاپ بېرىڭ، - دەپتۇ. قىز ئاپتاۋىدا سۇ ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، موللام ئاپتاۋىنى ئالماي قىزنىڭ بېلىگىدىن تۇتۇپ: - مېنى قېينىماڭ... - دەپتۇ. قىز قولىدىكى ئاپتاۋىسى بىلەن داموللامنىڭ پىشانىسىگە ئۇرغان ئىكەن. پىشانىسى يېرىلىپ، ئوقتەك قان كېتىپتۇ. داموللا قان بىلەن ئاۋارە بولۇپ قاپتۇ. قىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، داموللىنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىپ، ھۇجىرىسىغا كىرىۋاپتۇ. شۇ كۈنى داموللا قىزنىڭ دادىسىغا: «قىزىڭىز بۇزۇلۇپ كەتتى، ھازىر گېپىمگە كىرمەيدىغا بولۇپ قالدى، ئەمدى ئۆز قولىڭىزغا ئېلىڭ..» دەپ خەت يېزىپتۇ. خەتنى تاپشۇرۇۋالغان سودىگەر ئوغلىنى «بېرىپ سىڭلىڭنى ئۆلتۈرۈپ بىر قوشۇق قېنىنى ئېلىپ كەل!...» دەپ بۇيرۇپتۇ. بالا كېلىپ سىڭلىسىنى چۆلگە ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈرۈشكە كۆزى قىيماي: - ئۇكام، سەن جېنىڭنى ياقىغا ئال! كۈنۈڭنى كۆر، مەن سېنىڭ ئورنىڭغا بىرەر كۈچۈكنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپ ئېلپ باراي، - دەپ قويۇپ بېرىپتۇ. قىز چۆل كېزىپ كېتىپتۇ. ئەمدى سۆزنى باشقا يەردىن ئاڭلايلى: شۇ يەرگە يىقىن بىر شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ ۋەزىرنىڭ ئوغلى بىلەن ئوۋغا چىقىپ قۇشنى سالسا، قۇش ئۇچۇپ كېلىپ بىر بۇلاق بېشىدىكى چىنارغا قونۇپتۇ. شاھزادە بۇلاق بېشىغا بېرىپ قارىسا، بىر ساھىپجامال قىز يوشۇرنۇپ تۇرغىدەك. شاھزادە قىزنىڭ قېشىغا كېلىپ: - سىز پەرىزاتمۇ ياكى ئادىمىزاتمۇ؟ بۇ يەرگە نەدىن كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى دەپ بېرىپتۇ. - ئانداق بولسا، - دەپتۇ شاھزادە، - مەن سىزگە قىيامەتلىك يولداش بولاي. قىز ماقۇل بوپتۇ. شاھزادە قىزنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ 40 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ نىكاھىغا ئاپتۇ. ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپتۇ. بۇلار ئىككى بالا كۆرۈپتۇ. بىر كۈنى قىز ئۆگزىگە چىقىپ قارىسا، بىر توپ كارىۋانلار كېتىپ بارغان ئىكەن. بۇنىڭغا كۆزى چۈشكەن ھامان دادىسىنى ئەسلەپ يىغلاپتۇ. تالادىن كىرگەن شاھزادە: - نېمىگە يىغلايسىز؟ - دەپتۇ. - مېنى تىكاھىڭىزغا ئالغىنىڭىزغا بەش يىل بوپتۇ. بىر قېتىممۇ دادامنى ئەسلىمىدىڭىز، دادامنى كۆرگۈم كېلىپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - ئانداق بولسا تەييارلىق قىلىڭ، مەن ۋەزىرنىڭ ئوغلىنى قوشۇپ قوياي، - دەپتۇ شاھزادە، ئۈچ كۈندىن كېيىن شاھزادە ۋەزىرنىڭ ئوغلى بىلەن مەلىكىنى نۇرغۇن لەشكەرلەرنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن دادىسىنىڭ يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. يولدا ۋەزىرنىڭ ئوغلى مەلىكىنىڭ ھۆسنىگە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. شۇ ھامان ئۇنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، كۈننى مىڭ تەسلىكتە كەچ قىپتۇ. ئاخشىمى قونالغۇغا بارغاندا، مەلىكىگە كىشى كىرگۈزۈپتۇ. مەلىكە: - ئىككى بالام بار، ئۇلارنىڭ يۈزىگە دەسسەپ نۇمۇسۇمنى بۇلغىمايمەن، - دەپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئوغلى بۇ كېچىنى غەم بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئىككىنچى قونالغۇغا بارغاندا كېچىسى مەلىكىنىڭ قېشىغا ئۆزى كىرىپتۇ. مەلىكە ئىككى ئوغلىنىڭ ئىككى يېنىغا ئېلىپ ياتقان ئىكەن. ئۇ ۋەزىرنىڭ ئوغلىنىڭ تەلىۋىگە كۆنمەپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئوغلى مەلىكىنىڭ چوڭ ئوغلىنى بۇغۇزلاپتۇ، يەنە قىستاپ كۆرۈپ سۆزگە كىرگۈزۈلمەي، كىچىك ئوغلىنى بۇغۇزلاپتۇ، مەلىكە ھەسرەت ئوتىدا يېنىپ، ئاخىرى مۇنداق دەپ سۆز بېرىپتۇ: - بۈگۈن كېچىنى ئىككى ئوغلۇمنىڭ ماتىمى بىلەن ئۆتكۈزەي. ئەتىگە مەن سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا. ۋەزىرنىڭ ئوغلى چارىسىزلىقتىن «ماقۇل» دەپ قايتىپ چىقىپ ئۇخلاپتۇ، مەلىكە ئىككى ئوغلىنى چېدىرنىڭ ئىچىگە كومۈپ، ئۆزى ئەرەنچە ياسىنىپ قېچىپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئويغىنىپ چېدىرغا كىشى كىرگۈزسە، مەلىكە يوق. شۇنىدىن كېيىن كىشىلىرىنى ئېلىپ مەلىكىنى ھېچيەردىن ئىزلەپ تاپالماپتۇ - دە، شاھزادىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: - مەلىكىڭىز بىر كېچىدەد بىزنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئىككى ئوغلى بىلەن يوقاپ كەتتى، بىز ئىزلەپ تاپالمىدۇق، - دەپتۇ. شاھزادە بۇ گەپكە ئىشەنمەي، قىزنى ئىزلەشكە تەرەددۇق قىلىپ مېڭىپتۇ. ئۇنىڭغا يەنە ۋەزىرنىڭ ئوغلى ھەمرا بولۇپ قوشۇلۇپتۇ. شاھزادە قىزنىڭ دادىسى بار شەھەرنىڭ ئىسمىنى يادىغا كەلتۈرۈپ، ئىزلەپ - سوراپ تېپىپ كەلگىچە ئارىدىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۇپتۇ. ئاخىرى قىزنىڭ دادىسى بار شەھەرنى تېپىپ، بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇلار بىردەم كۆز يېشى قىلىپ زىياپەتكە ئولتۇرۇپتۇ. قىزمۇ قېچىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ پادىچىسىغا ئۇچراپتۇ. ئات بىلەن ئەرەنچە كىيىملىرىنى پادىچىغا يېشىپ بېرىپ، پادىچىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، پادىچىنى ئازات قىپتۇ. قىز دادىسىغا ئۇقتۇرماي پادا بېقىپ يۈگەن ئىكەن، شۇ كۈنكى زىياچەتكە قوي ئەكىلىش پادىچىغا تاپشۇرۇلۇپتۇ. قىزنىڭ دادىسى شۇ كۈنىكى زىياپەتكە پادىشاھنى، داموللىنى چاقىرىپتۇ. بەزمە راسا قىزىغاندا، ئولتۇرغانلار چۆچەك تەلەپ قىلىشىپتۇ. زىياپەتتە يۈگۈر - يېتىمغا ياراپ قالغنا پادىچى سۈرىتىدىكى قىز بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: - شاھىمىز ماقۇل كۆرسە، مەن بىر چۆچەك ئېيتىپ بەرسەم، - دەپتۇ. - ھە، ئېيتىساڭ ئېيت، ئاڭلاپ باقايلى، - دەپتۇ شاھ. - ئاڭلىغاننى ئېيتايمۇ، ياكى كۆرگەننىمۇ؟ - دەپتۇ مەلىكە. كۆرگىنىڭنى ئېيت. مەلىكە بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ. سۆز سودىگەرگە كەلگەندە، قىزنىڭ دادىسى ئۆز كۆڭلىدە «ماڭا ئوخشاش يەنە بىر ئادەم شۇنداق قىلغان چېغى» دەپ ئويلاپتۇ. دامۇللىمۇ، ۋەزىرنىڭ ئوغلىمۇ، شاھزادىمۇ شۇنداق ئويلىشىپتۇ. ئاخىرىدا قىز ئۆزىنى ئاشكارا قىلغان ئىكەن. پادىشاھ ۋەزىرنىڭ ئوغلى بىلەن داموللىنى دارغا ئېسىشقا بويرۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
پادىچى | UyghurWiki | UyghurWiki