دىدەك قىز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. ئۈچ ئوغۇل چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا ئۇلارنىڭ ئالتە كۆزى يەنە بىر پادىشاھنىڭ قىزىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئوغۇللارنىڭ ئاتىسى ئامال قىلالماي ئۈچ ئوغلىغا ئۈچ تال ئوقيانى بېرىپ:
- سىلەر بۇ ئوقيانى ئۈچ تەرەپكە ئېتىڭلار. ئوقلار كىمنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشسە شۇنىڭ قىزىنى ئېلىڭلار، - دپتۇ.
ئوغۇللار ماقۇل بولۇپ، چوڭ يولغا چىقىپ ئوقيادىن ئۈچ تەرەپكە قارىتىپ ئوق ئۈزۈپتۇ. چوڭ ئوغۇلنىڭ ئوقى ھېلىقى قىزى بار پادىشاھنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپتۇ. ئوتتۇرانچى ئوغۇلنىڭ ئوقى بىر چوڭ سودىگەرنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپتۇ. كەنجى ئوغۇلنىڭ ئوقۇ يوقاپ كېتىپتۇ. كەنجى شاھزادە ئوقنى ئىزلەپ بارسا بىر تاغ ئۈستىدە بىر دىدەك قىز ئوقنى چىشلەپ، شاھزادىگە قاراپ تۇرغۇدەك. شاھزادە ئوقنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. ئىككى ئاكىسى كەلگۈسى رەپىقىلىرى توغرىسىدا دادىسىغا ماختىنىپتۇ. كەنجى شاھزادە بىر ئاز مەيۈسلىنىپ، ئوقنىڭ دىدەك قىزنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان دادىسى:
- قانداق قىلىسەن ئوغلۇم، ئالامسەن؟ - دەپتۇ.
- پېشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇ ئىكەن، - دەپتۇ كەنجى شاھزادە. ئاندىن پادىشاھ ئۈچ ئوغلىغا ئۈچ تاغار پاختا بېرىپ:
- بۇنى سىلەر مەھبۇبەڭلەرگە ئېلىپ بېرىڭلار. تويلۇق ئۈچۈن ئەتلەس توقۇسۇن، - دەپتۇ. كەنجى شاھزادە تاغارنى يۈدۈپ تاغ باغرىغا بېرىپتۇ. دىدەك قىز يۈگۈرۈپ كېلىپ:
- بۇ پاختىنى نىمىشقا ئېلىپ كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. كەنجى شاھزادە:
- >مەھبۇبەڭلەر تويلۇق ئۈچۈن ئەتلەس توقۇسۇن< دەپ ئاتام بەردى، - دەپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، سىز ئاۋۇ ئىگىز تاغنىڭ يېنىغا بېرىپ >كېنىزەك - كېنىزەك يوغان كالىنى ئەكىلىڭ< دەپ قويۇپلا دەرھال قايتىپ كېلىڭ، - دەپتۇ دىدەك قىز. كەنجى شاھزادە دىدەك قىز دىگەندەك توۋلاپ قويۇپ قايتىپ كەپتۇ. ئۇلار بىر ئۆيگە كىرىپتۇ. شۇ ئەسنادا بىر يوغان كالا پەيدا بولۇپتۇ. قىز تاغاردىكى پاختىنى گىلەم سېلىنغان ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆكۈپ كالىنى تاياق بىلەن ئۇرۇپتۇ. كالا پاختىنى يەپتۇ. كەينىدىن ئەتلەس توقۇپ چىقىرىپتۇ. ئەسلىدە كەنجى شاھزادىنىڭ ئىككى ئاكىسىنىڭ مەھبۇبىلىرى ئەتلەس توقۇيالمىغان ئىكەن. شۇڭا ئىككى شاھزادە ئىنىسىنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ ئۆينىڭ يوچۇقىدىن مارىلاپ تۇرغان ئىكەن. چۈنكى ئۇلار >دىدەك قىز ئەتلەس توقۇيالمايدۇ. كەنجى شاھزادە نومۇسقاقالىدۇ< دەپ ئويلىغان ئىكەن. ئۇلار مارىلاپ قارىغۇدەك بولسا ئەھۋال ھېلىقىدەك. ئۇلارمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەھۋالنى مەھبۇبلىرىغا بايان قىلىپتۇ. چوڭ شاھزادە ئۇكىسىنى دوراپ، بىر چوڭ كالىنى گىلەم بىلەن زىننەتلەنگەن ئۆيگە ئەكىرىپ، پاختىنى ئالدىغا تۆكۈپ تاياق بىلەن راسا ئۇرۇپتۇ. كالا تاياق ئازابىدىن شاخىنا قويۇۋېتىپ ئۆينىڭ ئىچىنى بۇلغاپتۇ. ئىككىنچى شاھزادىنىڭ ئۆيىدىمۇ شۇنداق ئىش بولۇپتۇ. پادىشاھ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ:
- قانداق، توقۇپ بولالىدىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، كەنجى شاھزادە:
- توقۇپ بولدۇق، - دپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، بۇ ئۈچ تاغار ئۇننى ئاپىرىپ تويدا ئىشلىتىش ئۈچۈن نان تەييارلاڭلار، - دەپتۇ پادىشاھ كەنجى شاھزادە ئۇننى ئېلىپ تاغ باغرىغا كەپتۇ. دىدەك قىز:
- بۇنى نىمە قىلغىلى ئەكەلدىڭىز؟ - دەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ تاغارنى ئۆزى كۆتىرىپتۇ.
- دادام >بۇ ئۇندا مەھبۇبەڭلەر نان ياقسۇن< دەيدۇ، - دەپتۇ شاھزادە.
- ئۇنداق بولسا سىز ھېلىقى تاغنىڭ باغرىغا بېرىپ >كېنزەك - كېنزەك، يوغان تەڭلىنى ئېلىپ تېز كەل< دەپ قايتىپ كېلىڭ، - دەپتۇ دىدەك قىز. كەنجى ئوغۇل شۇنداق قىلىپتۇ. بىردەمدىلا بىر تەڭلە پەيدا بولۇپتۇ، دىدەك قىز ئۆيگە كىرىپ، ئۇننى يوغان تەڭلىگە قۇيۇپ، ياغ ئارىلاشتۇرۇپتۇ. تونۇرنى راسا قىزىتىپ ئۇننى تەڭلە بىلەنلا تونۇرغا تۆكۈپتۇ. تونۇرنىڭ ئاغزىنى مەھكەم دۈملەپ قويۇپتۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ چىرايلىق قىزىرىپ پىشقان ناننى ئېلىۋېرىپتۇ. بۇنى كەنجى شاھزادىنىڭ ئاكىلىرى مارىلاپ كۆرۈپ تۇرغان ئىكەن. ئۇلار >بىزمۇ شۇنداق قىلايلى< دەپ مەھبۇبىلىرى بىلەن بىللە شۇنداق قىلىپتۇ. لېكىن ئۇننى تونۇرغا قويغان ھامان كۈلگە ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇن تونۇردا دۈملىنىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن پارتلاپتۇ. تونۇر بۇزۇلۇپتۇ. پادىشاھ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ:
- نان تەييار بولدىمۇ؟ - دەپتۇ. كەنجى شاھزادە،
- تەييار بولدى، - دەپتۇ.
- ئۇنداق بولسا تەييارلىغان نەرسەڭلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار، توينى باشلايمىز، دەپتۇ. كەنجى شاھزادە بېرىپ ئەھۋالنى قىزغا ئېيتىپتۇ.
- ئۇنداق بولسا سىز ھېلىقى جايغا بېرىپ >كېنىزەك - كېنىزەك ئالتۇن مەپىگە قارا خېچىرنى قوشۇپ تېز كەل< دەپلا قايتىپ كېلىڭ، - دەپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئىشىك ئالدىدا قارا ئىت قوشۇلغان ھەممە يېرى ئالتۇندىن ياسالغان بىر مەپە پەيدا بولۇپتۇ. ئۇلار مەپىگە ئولتۇرۇپ ئوردىغا قاراپ يۈرۈپتۇ. ئەتىسى توي باشلىنىپتۇ. توينىڭ يەتتىنچى كۈنى كىشىلەر ئۈچ مەلىكىنى ئۇسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. چوڭ مەلىكە >ئالدى بىلەن كىچىك مەلىكە ئويناپ بەرسۇن< دەپتۇ. كىچىك مەلىكە >ئالدى بىلەن چوڭلاردىن كەلسۇن< دەپتۇ. ئۇلار تاماق يىگەندە، كىچىك مەلىكە بىر ئوچۇم پولۇنى ئاغزىغا سالسا، يەنە بىر ئوچۇم پولۇنى قوينىغا ساپتۇ. چوڭ مەلىكىلەر بۇنى كۆرۈپ كىچىك مەلىكىنى زاڭلىق قىلىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇسۇل باشلىنىپتۇ. كىچىك مەلىكە ئۇسۇلنى شۇنداق كېلىشتۈرۈپ ئويناپتىكى، كىشىلەر ھەيران قاپتۇ. كىچىك مەلىكە ئۇسۇل ئويناپ، سازەندىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ يەڭگىل سىلكىنىپتۇ. شۇ زامان مەلىكىنىڭ قوينىدىن ئۈنچە - مەرۋايىت تۆكۈلۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن چوڭ مەلىكىلەر >بىزمۇ پولۇنى قوينىمىزغا سېلىۋېلىپ ئۇسۇل ئويناپ ئۈنچە - مەرۋايىت تۆكۈپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرايلى< دەپ ئويلاپ ئاشخانىغا كىرىپ قوينىغا پولۇ تولدۇرۇپتۇ. ئۇلار ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ. ئۇسۇل ئويناپ سازچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزلىرىنى سىلكىگەن ئىكەن قوينىدىن پولۇ تۆكۈلۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن خالايىق قاقاقلاپ كۈلۈپ مازاق قىلىپتۇ. ئۇلار ئۆلگۈدەك بولۇپتۇ. ۋە شۇئان ئۆز يىگىتلىرى بىلەن بۇ شەھەرنى تاشلاپ يىراق ئەللەرگە راۋان بوپتۇ. دىدەك قىز بىلەن كەنجى ئوغۇل ئاتىسىغا ۋارىس بولۇپ ئۆز دۆلىتىنى ئادىل سوراپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ئۈچ ئۆستەڭ ئارا مەلىدىن: قاسىم ئابلا