UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخاسىيەتلىك دورا

خاسىيەتلىك دورا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا شاھى مەردان ئىسىملىك بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بولۇپ، ئوغلىنىڭ ئېتى ئابدۇل ئىكەن. پادىشاھ ئابدۇلنى تۇغۇلىشى بىلەنلا ئۆز ھامىلىقىدىكى شەھەرنىڭ پادىشاھلىقىغا نىشانلاپ، مەخسۇس قەسىر ياسىتىپ، ئىنىگئانا، قىرىق كېنىزەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارزۇ - ئارمانلاپ، ئەتىۋارلاپ بېقىپ چوڭ قىپتۇ. بىراق ئابدۇل كۆزىگە قارىغانسېرى لايغەزەل، ھاڭۋاقتى بولۇپ چىقىپتۇ. شاھ غەمگە پېتىپ، ئاتاقلىق دانىشمەن ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، ئون مىڭ تىللا خەجلەپ دەرس بەردۈرۈپتۇ، ئابدۇل ئوڭلانماپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ، سەپىرايى مىڭ گەز ئۆرلەپتۇ. _ ئەي ئوردا گۈلى، - دەپتۇ شاھ ئوڭ قول ۋەزىرىگە، - بىر كېچە - كۈندۈز مۇھلەت بېرىمەن. ئابدۇلنى زېرەكلەرنىڭ زېرىكى، چېچەنلەرنىڭ چېچىنى، چاققانلارنىڭ چاققىنى قىلغۇدەك دورا تېپىپ كەل! مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە تېپىپ كېلەلىسەڭ ئەجرىڭ ئۈچۈن مىڭ تىللا ئالىسەن، تاپالمىساڭ كاللاڭ مېنىڭ. ۋەزىر «خوپ ، تەقسىر!» دەپ ئارقىسىچە مېڭىپ، پادىشاھ قەسىرىدىن ئايرىلىپتۇ. ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي ئۇدۇل تېۋىپ - ھەكىملەرنىڭ يېنىغا چېپىپتۇ. ۋەزىر «بۇ قانچىلىك گەپ ئىدى! ئۇنداق دورىنى بېرىپلا تاپىمەن، مىڭ تىللانى تاق سالىمەن» دەپ ئويلاپتۇ، ئەمما تىۋىپلار: _ خۇدا ھەققى ، ئۆمرىمىزدە ئۇنداق كېسەلگە دورا ياساپ باققان ئەمەسمىز، بەلكىم شەرىئەتتە باردۇر، ئاللا ئىگەمگە سېغىنىڭلار، - دىيىشىپ دۇكانلىرىنى تاقاشقا باشلاپتۇ. ۋەزىر تىت - تىت بولۇپ، دورا - دەرمەك بازىرىغا بېرىپتۇ.بۇ يەردىكى دورا پۇرۇشلارمۇ تىۋىپلاردەك جاۋاب بېرىپتۇ. دانىشمەنلەرنىڭمۇ جاۋابى شۇنداق بوپتۇ. ۋەزىر بىر تاختاي ياسىتىپ، ئۇنىڭغا شاھزادە ئابدۇلنىڭ كېسىلىنى پۈتۈپ، ئابدۇلنى داۋالاپ زېرەكلەرنىڭ زېرىكى، چېچەنلەرنىڭ چېچىنى، چاققانلارنىڭ چاققىنى قىلىپ ساقايتقۇچىلارغا مىڭ تىللا بېرىدىغانلىقىنى جاكالاپ، چىقىمىغان دۆڭ، چۈشمىگەن ئۆي، بارمىغان يەر قالماپتۇ. ئۇچرىغانلىكى ئادەم بېشىنى چايقاپ كېتىپ قاپتۇ. ۋاقىت توشۇپتۇ. ۋەزىر بېشى قېتىپ غەمگە چۈكۈپ ئۆيىگە كەپتۇ. ۋەزىر ئوردىدىكى چاغدا ئۆيىگە ئايلاپ كېلەلمەيدىكەن. خوتۇن، بالا - چاقىلىرى ئۇنى كۆرۈپ ئەكىلەپ ئالدىغا چىقىپتۇ. ۋەزىر ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ، بېشىغا چۈشكەن كۈننى بايان قىلىپ، رازى - رىزالىق بېرىپت. ئۆيدە يىغا - زارە كۆتۈرلۈپتۇ. شۇ ئەسنادا بىرسى ئىشكىنى قېقىپتۇ، ۋەزىر ئىشىكىنى ئېچىپ، كارۋانچە كىيىنگەن، يۈزلىرى قورۇق، پۇتلىرىدا چورۇق، ساقىلى كىندىكىدىن ئاشىدىغان، مۈرىسىدە كەتمىنى، قولتۇغىدا سېۋىتى بار بىر دىھقاننى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئۆيدىكى داد - پەرياتنى ئاڭلاپ، يولدىن توختىغانىكەن. _ بالام، بېشىڭغا نېمە كۈن چۈشتى؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي ۋەزىردىن. ۋەزىر بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ كېلىپ، مۇنداق مۇناجات ئوقۇتۇپتۇ: پىرقىرايدۇ بېشىمدا بىر تۈگمەن تېشى، ئاقۇر دەريا بولۇپ ئۇرۇق - تۇققان يېشى، سايىۋەن بوپ بۇ بېشىمغا جېنىم بوۋا، بەرسەڭ ئىدىڭ ئابدۇل ئۈچۈن ئېسىل دورا. بوۋاينىڭ كەچۈرمىشلىرى جېق بولغاچقا، بىلىدىغانلىرىمۇ مول ئىكەن. ئۇ ۋەزىرنىڭ ھالىغا يېتىپ، كۆڭۈل ساندۇقىنى ئېچىپتۇ: _ يىغلىما بالام. شاھزادىگە دورا تاپماق بەكمۇ ئاسان، پۇلىمۇ بەك ئەرزان، ئۇ دورا خاسىيەتلىك ھەم شىپاھلىق، قويماس تەندە زەرىچە ئىللەت يىگەن ھامان. بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ ۋەزىرنىڭ دىلى سۈيۈنۈپ، تېنى يايراپ كېتىپتۇ. _ ئەي شەپقەتلىك بوۋا، - دەپتۇ ۋەزىر تىزلىنىپ، - شۇ دورىنىڭ نامىنى دەپ بەرسەڭ. _ قۇلاق سال بالام: ئۇل دورىنى ئاتايدۇ مۇساپىرچىلىق شارابى، شاھزادە ئۇنىڭدىن ئىچسە قانغۇچە، ھاسىل بولۇر مەقسەت مۇرادى، ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن خاسىيەتلىك دورا يوق. ناۋادا پادىشاھ سوراپ قالسا، دېھقان راخمان بۇيرۇدى، دېگىن، خەير، بالام، مەن كەتتىم، - دەپتۇ بوۋاي. ۋەزىر بوۋاينىڭ تۇرار جايىنى سورىۋېلىپ ئوردىغا قايتىپتۇ. بېرىلگەن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەچكە، تۆت جاللات ئوردا ئالدىدا قېلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ ۋەزرىنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن. ئۇلار ۋەزىرنى دارقىرىتىپ سۆرەپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. _ داد پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ جاللاتلار، - ۋەزىر قۇرۇق قول كەپتۇ. كاللىسىنى ئوردىدا ئالامدۇق ياكى شەھەر جازا مەيدانىدىمۇ؟ ئەمىرلىرىگە قاراپ قالدۇق! _ ئالدىراشما! - دەپتۇ پادىشاھ جاللاتلارنى توساپ ۋە ۋەزىردىن سوراپتۇ، - ھەي نامەرد، قېنى، ئېيت نەگە باردىڭ، نەدە تۇردۇڭ؟ ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئايىغىغا تاشلىنىپ يەرنى سۈيۈپتۇ. كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ، دېھقان راخمان بۇيرۇغان دورىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ شاھى مەردان خوش بولۇپ، جاللاتلارغا ئەمىر قىپتۇ: _ جاپاكەش ۋەزىرىمنى دەرھال يۈلەپ تۇرغۇزۇڭلار، پۇتىدىكى ئىشكەلنى بوشىتىڭلار! جاللاتلار «خوپ» دىيىشىپ، قىلىچلىرىنى قېنىغا ساپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئەمىرىنى بىجا كەلتۈرۈپتۇ. غەزىنىچى مىڭ تىللانى ۋەزىرنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. پادىشاھ دېھقاننى ئالدىغا چاقىرىتىپ، ئۇنىڭغىمۇ مىڭ تىللا ئىنئام قىپتۇ. قىرىق تۆگە مال ۋە قىرىق قول جابدۇتۇپ شاھزادە ئابدۇلنى كارۋانلارغا قوشۇپ قويۇپتۇ. كارۋانلار پادىشاھنىڭ ھۆرمىتى ۋەجىدىن، ئابدۇلنى كارۋان بېشى قىلىپ تەيىنلەپ يولغا راۋان بوپتۇ. كارۋانلار شەھەردىن ئايرىلىپتۇ. دەشتۇ - باياۋان، قۇملۇق چۆللەرنى ئارىلاپ مېڭىپتۇ. ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپتۇ. پىژ - پىژ ئاپتاپتا ئابدۇلنىڭ پېشانىسى كۆيۈپتۇ، كۆزلىرى تورلىشىپ، لەۋلىرى قۇرۇپ، ئۇھ دېگۈچىلىك مادارى قالماپتۇ. بەللىرى مۈكچىيىپ، كاسسىسى تۆگىنىڭ چومىقىغا چاپلىشىپ كېتىپتۇ. ئابدۇل بولالماي تۆگىدىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكىلى ئازلا قاپتۇ. قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ئەسلەپ، پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قاپتۇ.ئۇلار شۇ تېرىقىدە بىر ئاي سەپەر قىلىپ، ئەتراپى بوستانلىق بىر بۇلاق بېشىغا يېتىپ كەپتۇ. سۇنى كۆرۈپ تېنى يايراپ، يۈرەكلىرى ئويناپ كەتكەن ئابدۇل بىر كېچە قونۇپ، پۇت -قولىنى سۇنۇپ، ھاۋالىنىپ ھاردۇقىنى چىقارماق بوپتۇ. باشقا كارۋانلار ئۇنى توساپتۇ: _ بۇلاق بېشىدا يېتىش خەتەر، بۇ يەردىن كەتمىسەك يولىمىز ئىت - ئېشەكتىنمۇ بەتتەر. چۈنكى، دۆڭ ئارقىسىدا باردۇر ماراقچى، كۆزىمىز ئۇيقۇغا كەتكەندە يېتىپ كېلۇر قاراقچى، بۇلاپ كېتەر مالنى، ئالۇر ھەم ئېزىز جاننى. _ نامە - ئەمالۇمدۇر شاھزادە، شاھ ئەۋلادىغا چېقىلىدىغان قاراقچىنىڭ جېنى ئونمىكەن؟ - دەپتۇ ئابدۇل ۋە قۇللىرىغا تۆگىلەردىكى ماللارنى چۈشۈرۈشكە بۇيرۇپ، ئۆزى بۇلاقتا يۇيۇنغىلى تۇرۇپتۇ، كارۋانلار پادىشاھنىڭ ھاۋالىسىنى ئەسلىتىپ، يالۋۇرۇپ، دولىسىغا قاقسىمۇ، قورقىتىپ زورلاپ باقسىمۇ قوزغالغىلى ئۇنىماپتۇ. كارۋانلار تۆگلىرىنى سۇغۇرۇپ، تۇلۇملىرىنى سۇغا تولدۇرۇپ، نائىلاج مېڭىپ كېتىپتۇ. ئابدۇل يۈك - تاقلىرىنى بۇلاق بېشىدىكى سەيناغا دوۋىلىتىپ، ئۈستىدە ئېغىناپ يېتىپتۇ. قۇللار تۆگىلەرنى يايلاۋغا قويۇۋېتىپ، يۈكلەرنى چۆرىدەپ، ئۇرۇن ئاپتۇ. ئۇلار بىر پەستىن كېيىن ھارغىنلىق ئىچىدە ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. خورەك ئاۋازى قاراقچىلارنىڭ قولىقىغا يېتىپتۇ يېتىپتۇ. قاراقچىلار ھەش - پەش دېگۈچىلا يېتىپ كەپتۇ - دە، قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ، ماللارنى بۇلاپ - تالاپتۇ. ئابدۇل تاراق - تۇرۇق، گۈلدۈر - گۇلاپتىن ئويغىنىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ تولغىنىپ، ئەتراپقا قاراپ، بېشىغا ئەجەل قۇشى قونغانلىقىنى پەملەپ، ئاتا - ئانىسى ۋە غايىۋانە رازىلىشىپتۇ. كېيىن كاللىسىغا بىر ئەقىل كېلىپ، چوملارنىڭ ئاستى بىلەن ئۆمىلەپ بېرىپ، ئۆلۈكلەر قاتارىغا كىرىپ يېتىۋاپتۇ. قاراقچىلار قانغا مىنىلىپ ياتقان ئۆلۈكلەرنى سۆرەپ ئاپىرىپ گوداڭغا تاشلاپتۇ- دە، مال - مۈلۈكنى تۆگىلەرگە ئارتىپ، تۈن قاراڭغۇسىدا غايىب بوپتۇ. ئابدۇل جەسەتلەر ئارىسىدا قان يۇتۇپ، قاراقچىلارنىڭ كېتىشىنى كۈتۈپ، نىم جان ھالدا يېتىپتۇ. ئەتراپ تىنچلانغاندىن كېيىن، تىرناقلىرى تىتىلىپ، ئالقانلىرى قاپارغىچە ھەپىلىشىپ گوداڭدىن چىقىپتۇ. ئارقىسىغا قايتاي دېسە يول يېراق، ئاتىسىنىڭ تاپا - تەنىسى ئۇنىڭدىن جىقراق، ئاخىرى كارۋان ئىزىغا چۈشۈپ مېڭىپتۇ. ماڭا - ماڭا بۇلاق بېشىدىن يىراقلىشىپتۇ. تاڭ يۇرۇپتۇ. ئابدۇل شۇنداق سەپ سېلىپ قارىسا، تۇرغان يېرى بىر يەر، بىر ئاسمان، كىيىملىرى غەرق قان. ئۇ، ئۈستىۋېشى، پۇت - قوللىرىدا ئۇيۇپ قالغان قانلارنى ئۇگۇلىۋېتىپ، يېشى قۇرۇغىچە يىغلاپتۇ. يىغلا - يىغلا دەشت - باياۋاندا يەتمىش كۈن كۈندەك يول يۈرۈپ، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغاندا بىر شەھەرگە ئۇلىشىۋاپتۇ. شەھەر دەرۋازىسىنىڭ قېشىدا بىر ناۋايخانا بولۇپ، ئېلىم - سېتىمنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. ئابدۇل كىشىلەر قاتارىغا قارىغان ئىكەن. كۆزى پەشخوندىكى گىردە - شىرمانلارغا چۈشۈپتۇ. شۇئان قوۋزى مىتىلداپ، ئاغزىغا سېرىق سۇ يۈگۈرۈپتۇ؛ ئۈچەيلىرى تارتىشىپ، مادارى ئۈزۈلۈپتۇ. سېتىۋالاي دېسە بىر ياماقمۇ پۇلى يوق ئىكەن. ئىلاجىسىز لېۋىنى شوراپ، ئاغزىنى مىتىلدىتىپ، قۇرسىقىنى قولى بىلەن مۇجۇپ، كۆزىنى ناندىن ئۈزەلمەي تەلمۈرۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن ناۋايخانا خۇجايىنى سوراپتۇ: _ ئەي يىگىت، دىۋانىمۇ سەن، ياكى ئوغرى؟ سوئالىمغا جاۋاب بەر توغرىدىن - توغرى! _ مۇساپىر مەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئابدۇل تازىم قىلىپ، - ئاش - نانسىز يۈرگىلى يەتمىش كۈندىن ئاشتى، نانلىرىنى كۆرۈپ سەۋرى - تاقىتىم قاچتى. ئاچلىقتىن ئاز قالدى بۇ تەندە جان، دۇئا قىلاي، سەدىقە قىلسىلا بىرنان. خۇجايىننىڭ كۆڭلى تىنىپ، دىلى ئېرىپتۇ. ئابدۇلنى دۇكانغا باشلاپ كىرىپ، ھۇرى پۇرقىراپ تۇرىدىغان بىر تەۋەڭ شەرۋەت نان، بىر چۆگۈن دەملەنگەن چاي كەلتۈرۈپ، دەپتۇ: _ نەۋ يىگىت، قانچە يىيەلىسەڭ، شۇنچە يىگىن، سېنىڭدىن قىلمايمەن ھىچنەرسە تەلەپ. قېنى ئال، باق، ئولتۇرما قاراپ. ئابدۇل رەھمەن ئېيتىپ، ئىشتىھا بىلەن نان - چايغا تۇتۇش قىپتۇ. يىگەن نان، ئىچكەن چېيى ھايالسىزلا چىرايىغا چىقىپتۇ. خۇجايىننىڭ مەستلىكى كېلىپ، بالا قىلىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۇنى تۇرۇپ قېلىشقا ئۈندەپتۇ، ئابدۇل ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ. خۇجايىن ئۇنى دەسلەپ تۇنۇرغا ئوت قالىغىلى ساپتۇ. ئابدۇل قولىنى كۆسەي قىلىپ، ئىسقا تۇيۇپ، كۈلگە بۈلۈنۈپ ئالتە ئاي تۇنۇر قىزىتىپتۇ. كۈنىگە ئون تۇنۇرنىڭ ھۆددىسىدىن بىر يالغۇز ئۆزى چىقىپتۇ. خوجايىن ئۇنى تۇنجى قېتىم سىناقتىن ئۆتتى، دەپ قاراپ، ناۋايلارغا بىر يىل شاگىرتلىققا بېرىپتۇ.ئابدۇل تاغار - تاغار ئۇننى خېمىر قىلىشتىن تارتىپ تۇنۇرغا نان باغلاشقا قەدەر ھەممىسىنى قېتىقىنىپ ئۆگىنىپ بوپتۇ. خوجايىننىڭ ئۇن بەش تاش تۈگىمىنى، ئېشەكلىك يىگىرمە تۈگمەنچىسى بار ئىكەن. بىر كۈنى تۈگمەنچىدىن بىرى دۇكان ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئابدۇل ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇلۇپتۇ. ئابدۇل بۇ ئىشنىمۇ باشتا خۇشال - خۇرام قوبۇل قىپتۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى جاپالىق، زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، خوجايىندىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ خوجايىن ئېشەك ھەيدىگىلى بەرگەن تاياقنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. _ ھەي چاكار يىگىت، مېنىڭ تايىغىمنى نېمە قىلدىڭ؟! - دەپ سوراپتۇ خوجايىن كايىپ. ئابدۇل رەنجىپ قاپاقلىرىنى تۈرۈپتۇ ۋە: _ خوجاكا، تاياقلىرى تۈگمەننىڭ كويلىسىغا چۈشۈپ كەتتى، بىر تال تاياق دېگەن نېمىتى! ئۇنداق پىستان كۆزلۈك قىلمىسىلا، - دەپتىكەن. خوجايىن چىچاڭشىپ: _ مېنى خوجايىن قىلغان ئاشۇ بىر تال تاياق، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام قالىمەن ياياق. شۇ تاياقنى ھوزۇدوس كۆزۈمگە كۆرسەتمىسەڭ ئولگىچە يەيسەن شاپىلاق. ماڭ، چىق! - دەپتۇ. ئابدۇل كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ، كېچىلەپ تۈگمەنگە قاراپ يول ئېلىپ كېتىپتۇ. يول بويى: « بۇ دۇنياغا تۈرەلمىسەم بوپتىكەن، ئون يەتتىگە كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈمىمنى كۆردۈم. ئەمدى بۇ بېخىل باينىڭ دەردى، ئاھ قانداق قىلاي بۇ جاننى!» دەپ زار قاقشاپتۇ. قاقشا - قاشا ئۈچ كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، تۈگمەنگە يېتىپ كەپتۇ. تۈگمەننىڭ كويلىسىغا چۈشۈپ كەتكەن تاياقنى ئىزلەپتۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇق سودا تىمسىقلاپ يۈرگەن پوستەكچى سوراپتۇ: _ ھەي تۈگمەنچى يىگىت، بىلىق تۇتۇۋاتامسەن؟ _ ياق تاغا، خوجايىننىڭ تايىقىنى ئىزلەۋاتىمەن، ئۇنى تاپمىسام خوجايىن بەرگەن نېنىنى بۇرنۇمدىن تامغۇزۇۋالىدىغان ئوخشايدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئابدۇل ۋە بۇندىن ھەپتە ئىلگىرى تاياقنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، تۈگمەننىڭ كويلىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى، خوجايىننىڭ تاياق توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى سۆزلەپ كۆز يېشى قىپتۇ. پوستەكچى كۈلۈپ كېتىپ: _ ئەي جاپاكەش ئىنىم، تاياقتىن غەم يېمە، ئاغزىڭغا كەلگەننى دېمە. باش ئۇرۇپ خوجايىنغا گۇنايىڭنى تىلە، - دەپتۇ - دە، تۈگمەندىن قىيماللىشىپ سىلغىيىپ كەتكەن بىر دانە قويغان تايىغىڭ، بۇنى چىڭ تۇتساڭ، چىقىدۇ خوجايىندەك ئاتىغىڭ. ئابدۇل خوشلۇقتا پوستەكچىگە توققۇز تەزىم قىپتۇ ۋە تاياقنى يۈزىگە سۈرتۈپ: _ تاغا، كىچىككىنە بۇ تاياقنىڭ نېمە قىممىتى بار؟ - دەپ سوراپتۇ. پوستەكچى: _ ئىنىم سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا، بىر مىسمىنى مەندىن، بىر قىسىمىنى خوجايىندىن ئاڭلىساڭ بولار، - دەپتۇ - دە، بىلگەنلىرىنى مۇنداق ھېكايە قىلىپ بېرىپتۇ: "ناۋايلىق خوجايىننىڭ ئاتا مىراس كەسپى. ئۇ خۇددى سېنىڭدەك بالا ۋاقتىدا گالۋاڭراق ئىكەن. دۇكاندا ئولتۇرۇپ نان سات دېسە، پەشخوندىكى ناننىڭ يېرىمىنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويىدىكەن. ئاتىسى كاللا دېسە، ئۇ پاقالچەك دەيدىكەن. ئاتىسى ئۇيان ئويلاپ، بۇ يان ئويلاپ، ئۇنى رەۋەندىگە ئېشەك ھەيدىگىلى چاكار قىلىپ بېرىپتۇ. ئۇ، ئېشەك ھەيدەپ يۈرۈپ، بىر كۈنى رەۋەندە بەرگەن تاياقنى يۈتتۈرۈپ قويغانىكەن، رەۋەندە ئالدىغا سېلىپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە : _ تايغىنىمنى تېپىپ بەرمىسە، بالاڭنىڭ جېنىنى ئالىمەن، - دەپ ھەيۋە قىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئاتىس يالۋۇرۇپ بالىسىنىڭ گۇناھىنى تىلەپتۇ. رەۋەندە كەچۈرمەپتۇ. دۇكاننىڭ يېرىمىنى بېرەي، دەپتۇ، ئۇنىماپتۇ، ئاخىرى تاپقان - تەگىنىنى دوكانغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرەي دىسىمۇ، رەۋەندە تايىغىمنى تېپىپ بەرسۇن، دەپ تۇرىۋاپتۇ. خوجايىننىڭ ئاتىسى جىلى بولۇپ: _ ھەي جازانىخور، نېمە بەرسەم رازى بولىسەن؟ - دەپ سوراپتىكەن، رەۋەندە: _ ئۆز تايىغىمنى تېپىپ بەرسە رازى بولىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋە بۇنى سەۋەبىنى چۈشۈندۈرۈپتۇ: - تەقسىر، تايىغىمنى ساتسام يېرىم تىيىنغا ئالمايدۇ.ئەمما، ئوغۇللىرى بۈگۈن تاياقنى يوقاتسا، ئەتە بۇغداينى، ئۆگۈنلۈككە ئېشەكنى يوقىتىدۇ، ئاخىرىدا سىلىنىمۇ، مېنىمۇ بىر نان، بىر پۇلسىز قىلىپ قويىدۇم، ئۆزىمۇ كوچىداقالىدۇ. بۇنى كىچىكىدىن پۇشۇراي، ئەقلىنى ئاشۇراي، دېدىم. خوجايىننىڭ ئاتىسى گەپنىڭ تەمىنى تېتىپ، تەكتىگە يېتىپ، رەۋەندىگە قايىل بوپتۇ. ئوغلىنى رەۋەندىنىڭ تايىغىنى تېپىپ بېرىشكە بۇيرۇپتۇ. خوجايىن بىرى كەم ئوتتۇز كۈن ماڭغاندىن كېيىن يولنى ئايلىنىپ، تاياقنى بىر پادىچىنىڭ قولىدىن تېپىپ كەپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ شەھەرمۇ - شەھەرلەرگە بېرىپتۇ. كۆرمىگەننى كۆرۈپ، بىلمىگەننى بىلىپتۇ. ئەمما، تايىغىنى ئىككىنچىلەپ يۈتتۈرۈپ قويماپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاتىسى"ئوغلۇم پىشىپتۇ، يېشىمۇ ئوتتۇزدىن ئېشىپتۇ" دەپ ئويلاپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ ناۋايلىق دۇكىنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىكەن. شۇندىن كېيىن خوجايىن چاكار چېغىدا تۇتقان مۇشۇ تاياقنى ياتسا بېشىدىن، قوپسا يېنىدىن ئايرىماي كەپتۇ. ئۇ بۇنى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە بېرىدۇ. ھەرگىز كۆڭلۈڭگە ئالما ئىنىم. تاياقنىڭ قىسمىتى مانا شۇ. ئابدۇل پوستەكچىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ خىجىل بوپتۇ. قايتىپ بېرىپ خوجايىندىن ئەپۇ سوراپتۇ. خوجايىن: _ ياخشى قىپسەن بالام، جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق، يانچۇغۇڭ توم بولمىسا ئۆتەلمەيسەن توق. ئەمدى سەن رەۋەندىچىلىك قىلغىن، دەسمىيىڭ مەندىن دەپتۇ. ئابدۇل رازىلىق بىلدۈرۈپ، خوجايىندىن ئەللىك تىللا ئاپتۇ. تايىغىنى بىلىگە ئۆتكۈزۈپ، تۇمىقىنى قىرلاپ شەمۇ - شە رەۋەندىچىلىك قىپتۇ. دەسلەپ كۆزى قورقۇپ، قۇلى تىترەپ، سودا سېتىقنى يۈرۈشتۈرەلمەي دەسمىيىسىنىڭ يېرىمىنى خورىتىپ بولۇپتۇ، كېيىن كۆپنى كۆرۈپ، كۆز - قولىقى پىشىپ، باي رەۋەندىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ. ئۇنىڭ بازىرى تازا يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە خوجايىن چاقىرتىپ، مۇنداق دەپتۇ: _ بالام، سىرتتىكى خىزمىتىڭ يەتتى، ئەتە زاھىر شاھ شەھەرنى سەيلە قىلغۇدەك. سەن كېچىچە ساڭدىكى مارجاننىڭ گۆشىنى چەيلەپ، سۆڭىكىنى سەيلەپ، قەنتنى تېتىغۇدەك سېلىپ، سۇنى تاپىنىڭ ئاستىدىن ئېلىپ بىر تۇنۇر نان پىشۇرغىن. ئوتۇننى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشىسەن، ناننى تېنى تومۇر، ياپرىغى كۆمۈش، مېۋىسى ئالتۇن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى سۈرتۈپ قىزارتىسەن، نېنىڭ پادىشاھقا يارىغۇدەك بولسۇن! ئابدۇل خوجايىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر ھازا تېڭىرقاپ قاپتۇ. كېيىن، ساڭدىن بىر تاغار بوغداي ئېلىپ تۈگمەندە ئۇن قىلىپ كەپتۇ. ئۇننى تاسقاپ، كىپىكىنى ئايرىپتۇ، دۇكاننىڭ ئارقىسىدىكى قۇدۇقتىن سۇ توشۇپ، تۇزىنى تەڭشەپ خېمىر يۇغۇرۇپتۇ. ئۆگزىدىن ئوتۇن چۈشۈرۈپ، تۇنۇرنى قىزىتىپتۇ. ھويلىدىكى جىگدىنى قېقىپ، سوغا چىلاپ شەربىتىنى چىقىرىپ، كاكچىغا سېپىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تاڭ ئېتىشىغا بىر پەشخون نان چىقىرىپتۇ. خوجايىن ناننى كۆرۈپ، ئابدۇلنىڭ ئەقلىگە ئاپرىن ئوتۇپتۇ ۋە بىر قۇر كىيندۈرۈپ، پەشخونغا ئىگە قىپتۇ. ئابدۇل پەشخون بېشىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، پەشخوننى نانغا تولدۇرۇپ، سودىنى ئەمدى باشلاپ تۇرغان ئىكەن، پادىشاھ زاھىر ۋەزىرلىرىنى ئىككى يېنىغا ئېلىپ، شاھزادە، مەلىكە، كېنىزەكلىرىنى ئارقىسىغا سېلىپ يولدىن ئۆتۈپتۇ. ناۋايخانا يول ئۈستىدە ئىكەن، شەربەت ناننىڭ مىزىلىك ھىدىدىن زوقلانغان پادىشاھ پەشخون ئالدىغا كېلىپ، ناننىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرۈپتۇ. ناننى ماختاپ خوجايىنغا ھەركۈنى مۇشۇنداق كاكچىدىن بىر تونۇر ياقتۇرۇپ، ئوردىغا ئەۋەتىپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ. كىنىزەكلەرنىڭ ئارىسىدا ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قىزى نۇرئىمانمۇ بار ئىكەن. قىز پەرەنجىسىنى قايرىپ، پەشخوندىكى نانلارغا زوقمەنلىك بىلەن قاراۋاتقاندا، ئابدۇلنىڭ كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. نۇرىمان ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار، ھۆر پەرىلەردەك كېلىشكەن، بىر يۇتۇم سۇ بىلەن يۇتۇۋەتكۈدەك نازۇك قىز ئىكەن. ئابدۇل ئۇنى كۆرۈپلا «ۋاي يۈرەك» دېگىنىچە ھوشىدىن كېتىپتۇ. شەھەردە زاھىر شاھ بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرالايدىغان بىر قازى بولۇپ، ئۇنىڭ تېۋىپلىقتىنمۇ داڭقى بار ئىكەن. ئۇ ھەرقانداق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتالايدىكەن. خوجايىن ئابدۇلنى قازىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپتۇ. قازى ياش يىگىتنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ، تاماقلىرىغا قاراپ، تىرناق بېسىپ كۆرۈپ، كېسەل تاپالماپتۇ. ئابدۇل بولسا، كۆكسىنى مۇجۇپ، «ۋاي يۈرەك! . . . » دەپ تولغىنىپ يىغلاۋېرىپتۇ. قازى ھەيران بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئۆيىدە ئېلىپ قاپتۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئابدۇلنىڭ پەرىشانلىقى ئېشىپ بېرىپتۇ. پات - پات ھۇشىنى يۇقىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. گەپ سورىسا جاۋاب بەرمەيدىكەن. قازى تىت - تىت بولۇپ، موپتىنىڭ مەسلىھىتىنى ئالغان ئىكەن، موپتى: _ يىگىتكەمەي ئىچۈرۈپ، ئاغزىنى ئاچقۇلۇق، - دەپتۇ. قازى خوش بولۇپ، موپتىنى مەي سېتىۋېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. موپتى سەللىسىنى قوينىغا تىقىپ، خومۇرنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ دۇكانغا بېرىپ، ئېلىپ كەپتۇ. داستىخان تارتىلىپ، بەتتە - پولۇ قاتارىدا مەيمۇ كەلتۈرۈلۈپتۇ. ئابدۇل زوق - شوق بىلەن راسا ئىچىپتۇ. ئىچىپ - ئىچىپ خۇدىنى بىلمەي بىر سۆزلىگىلى تۇرغانىكەن، قازى - موپتىلار ھاڭ - تاڭ بولۇپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ جامدەك ئېچىلىپتۇ، قازى موپتىسىغا: _ يىگىت شەھرىمىزنىڭ پادىشاھسىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى قۇردۇشنىڭ قىزى نۇرىماننىڭ ئوتىدا كۆيۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ ئوغلى ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ھالىغا يېتەي، ۋەزىرنىڭ ئەدىۋىنىمۇ بېرەي - دەپتۇ. قۇردۇش ئوڭ ۋەزىر بولغاندىمۇ ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇدىغان، قازىنىڭ ئەمىرى، شەرىئەت يولىغا مۇخالىپ ئىشلىرىغا كۆز - قۇلاق بولىدىغان ۋەزىرلەردىن ئىكەن. ئۇنى پۇتلىيالماي خەپلەپ يۈرگەن قازى ئابدۇلنىڭ نۇرىمانغا ئاشىق بىقارار بولۇپ قالغانلىقىدىن خوشلۇققا چۈمۈپ، ۋەزىرنىڭ ئەدىۋىنى بېرىشكە كىرىشىپتۇ. شۇ ئەتراپتا ئۈچ شەھەر بولۇپ، ھەزرىتى ئوسمانىيا پادىشاھى مەردان، پادىشاھ زاھىرلارنىڭ ئۈستىدىكى كاتتا شاھىنشاھ ئىكەن. قازى موپتىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىلغان يارلىقلارنى تاپشۇرۇپ كەپتۇ ۋە ھەزرىتى ئوسمانىيانىڭ يارلىق تامغىسىغا ئوخشىتىپ تامغا ئويدۇرۇپتۇ. ئاندىن مۇنداق يارلىق پۈتۈپتۇ: «مەنكى شاھىنشاھ ھەزرىتى ئوسمانىيادۇرمەنكى، ئوغلۇم شاھزادە ئابدۇل زاھىر شاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى قۇردۇشنىڭ قىزى نۇرىماننى چۈشىدە كۆرۈپ، ئاشىقى - بىقارار بوپتۇ. پىقىر دۆلەت ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغانلىقىمدىن شاھزادىنى يولغا سالدىم. شەھەر قازىسى مېنىڭ ئورنۇمدا ئاتا بولسۇن، زاھىر شاھ غەزىنىسىدىن پۇل چىقارسۇن، چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ، ئىككىسىنىڭ بېشىنى قېتىپ قويۇڭلار. ئەگەر توي كېچىكتۈرۈلىدىكەن، ھەممىڭلارنىڭ كاللاڭلارنى ئېلىپ، مال - مۈلكۈڭلارنى بۇلاڭ - تالاڭغا بۇيرۇيمەن؛ شەھرىڭلارنى تۈزلەپ، قوغۇن - قاپاق تېرىيمەن.» قازى يارلىققا تامغىسىنى بېسىپ، ئابدۇلغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئابدۇلنى ھاممامغا ئەۋەتىپ يۇيۇندۇرۇپتۇ. چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، بۇرۇتلىرنى ياسىتىپتۇ. ھەزرىتى ئوسمانىيانىڭ ئوغلىغا مۇناسىپ كىيىندۈرۈپتۇ. ئاندىن تاج سوقتۇرۇپ تاقاپ قويۇپتۇ. ياقۇت كۆزلۈك كەمىرىگە قوش قېلىچ ئاستۇرۇپتۇ. ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئالاھىدە بېقىپ كەلگەن ئېتىغامىندۈرۈپ، كېچىلەپ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تاپىلاپ بولۇپ مۇنداق دەپتۇ: _ شاھزادەم، سەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆيۈمگە ئۈچ كىشى كېلىدۇ. ئوتتۇرىدىكى پادىشاھ زاھىر، ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى ئوڭ قول ۋەزىر، سول تەرىپىدە تۇرغىنى سول قول ۋەزىر بولىدۇ. قولۇڭدىكى يارلىقنى پادىشاھقا تۇتۇپ بەرگىن، شۇئاندىلا مۇرات - مەقسىتىڭگە يېتىسەن. ئەمما ئېسىڭدە بولسۇنكى، ھازىردىن باشلاپ سەن ھەزرىتى ئوسمانىيا شاھنىڭ ئوغلى بولىسەن. بۇ سىرنى ساقلىمساڭ ئاشىغىڭ قولۇڭدىن كېتىدۇ. جېنىڭ ئەزرائىلنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. خەير، يولۇڭ بولسۇن، تېز ماڭ! ئابدۇل رەھمەت ئېيتىپ، سىر ساقلاشقا ۋەدە بېرىپ، شەھەر سىرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. تاڭ ئېتىپتۇ. ئۇ قازىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئارغىماقنى قامچىلاپ، بىر تال تۈكىدىن مىڭ تال تەر ئاقتۇرۇپ، شەھەرگە دەبدەبە بىلەن كىرىپ كەپتۇ. ئوردا ئالدىدىن ئۆتۈپ، كوچا قويماي ئارىلاپتۇ. ئۇچرىغانلىكى كىشىدىن «شەھەر قازىسىنىڭ ئۆيى نەدە؟» دەپ سوراپتۇ. بامدات نامىزىدىن يانغان جامائەت ئابدۇلغا قول باغلاپ، يول بېرىپ قازىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەپتۇ. ئابدۇل دەرۋازىنى ئۆزەڭگە بىلەن تېپىپ: _ ھەي قازى، ئىشىگىڭنى ئاچ! - دەپ ۋارقىراپتۇ. قازى دەرۋازىنى ئېچىپ، ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ. ئابدۇل ئىلىك ئېلىش ئورنىغا يارلىقنى تەڭلەپتۇ. قازى قەغەزگە يالغاندىن كۆز يۈگۈرتۈپ يالغاندىن: _ ھەزرىتى شاھزادە ئالىيلىرى، كەمىنىلىرىنى ياد ئېتىپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت، - دەپتۇ - دە، پايپاسلاپ بېرىپ ئۆزەڭگىگە سۆيۈپتۇ. بىر قولىدا ئاتنىڭ باشۋېغىنى تۇتۇپ ئېڭىشىپتۇ. ئابدۇل قازىنىڭ دۈمبىسىگە دەسسەپ ئاتتىن چۈشۈپتۇ. جامائەت «يا ھەزرەت! پادىشاھتىن ئۇلۇغ زاتكەن بۇ!!» دېيىشىپ، ئابدۇلغا يېڭىۋاشتىن باش ئۇرۇپتۇ. قازى پادىشاھ زاھىرغا ئەلچى ئەۋەتكەنىكەن، ئۇلارمۇ دەل جايىدا يېتىپ كەپتۇ. ئابدۇل قازى ياساپ چىققان يارلىقنى پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ ئىككى قوللاپ ئېلىپ، پېشانىسىگە سۈرۈپتۇ ۋە قازىدىن ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. قازى قەستەنگە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، تەلەپپۇزىنى بوزماي ئوقۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھ توققۇز تازىم قىلىپ: _ شەھرىمىزنىڭ بىر قىزىغا شاھىنشاھنىڭ نەزىرى چۈشكەن بولسا، بېشىمىزغا ئامەت قۇشى قونۇپتۇ. قىز ئايلانسۇن! - دەپتۇ. _ قىزىم شاھزادىگە ئەرزىسە خىزمىتىدە بولسۇن، - دەپتۇ ۋەزىر قۇردۇشمۇ. شاھزادە ئابدۇل رەھمەت ئېيتىپ ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئاپتۇ. بېشىنى ئېگىپ تازىم قىپتۇ. پادىشاھ زاھىر غەزنىدىن يۈز مىڭ تىللا چىقىرىپ توي تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. ۋەزىر پۈتۈن شەھەرنى تويغا چىللاپ باغاق تارقىتىپتۇ. قازى شاھزادىگە ئاتابوپتۇ. ناۋايخانا خوجايىنى ئابدۇلنىڭ شاھزادە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ھەم پەخىرلىنىپتۇ، ھەم خىجىل بوپتۇ، تويغا كېتەرلىك ناننى يەتكۈزۈپ بېرىشنى زىممىسىگە ئاپتۇ. توي قىرىق كېچە - كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. نۇرىمان شاھزادە ئابدۇلدەك كېلىشكەن، چىرايلىقلىقتا ئاي بىلەن بەسلەشكەن، نامۇ ئاتىقى چىققان پادىشاھ ئوغلىنى كۈتۈپ، ياتلىق بولماي كەلگەنىكەن. ئابدۇلنىڭ ئەمىرىگە ئۆتۈپلا ئەپلىشىپ قاپتۇ. ۋەزىر قۇدىسىدىن ماقتىنىپ، كۈيئوغلىدىن پەخىرلىنىپ ئالەمنى بىر ئاپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قازى شاھزادە ئابدۇلنى خۇپىيانە چاقىرتىپتۇ. ئالدىغا ئاشقىچە شاراب، نازۇ - نېممەت كەلتۈرۈپ، راسا مېھمان قىلىپ، قوندۇرۇپ قاپتۇ. سەھەرلىكى قۇسۇقلارنى تازلىۋەتكىن، دەپ ھاممامغا ئەۋەتىپتۇ. قازى ئابدۇلنىڭ سەپەر ئۈستىدە كىيگەن، قانغا مىلەنگەن كىيىملىرىنى ناۋايخانا خوجايىنىنىڭكىدىن ئەكەلدۈرۈپ ساقلاپ يۈرگەن ئىكەن. ئابدۇل شاھزادە كىيىملىرىنى دالانغا سېلىپ قويۇپ، ھاممامغا كىرىپ كەتكەن ھامان، قازى كېلىپ كېيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ ئېلىپ كېتىپتۇ. ئابدۇل ھاممامدىن چىقىپ قارىسا، شاھزادە كىيىملىرى يوق. ئۇ، نائىلاج يىغلاپ - قاقشاپ، كونا كىيىملىرى بىلەن كوچىغا چىقىپتۇ. ناماز بامداتتىن يانغانلار ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، خالتا كوچا بىلەن مېڭىپتۇ. شۇنداق كېتىۋاتسا، ئارقىسىدىن بىرى «ۋاي ئوغرى! ئوغرىنى تۇتۇڭلار!» دەپ توۋلىغان ئىكەن، ئابدۇل خۇددى شامالدەك قېيناتىسىنىڭ ئويىگە بېرىپتۇ. دەرۋازىۋەن«ۋەزىرنىڭ سېنىڭدەك ئوغلى يوق » دەپ ئۇرۇپ، تىللاپ قوغلىۋېتىپتۇ. ئابدۇل داد- پەرياد ئەيلەپ شەھەردىن ئايرىلىپتۇ. قازى شاھزادە ئابدۇلنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتنى بىرنى ئون، ئوننى يۈز قىلىپ، ئېچىتما سېلىپ سېسىتىپ پۈتۈن شەھەرگە يېيىۋېتىپتۇ. بۇ خەۋەر ئوردىغا يېتپتۇ. پادىشاھ خاپا بولۇپ، ھاممامچى بىلەن دەرۋازىۋەننى زىندانغا تاشلاپتۇ. ۋەزىر قۇردۇش نومۇس تۈپەيلىدىن ئۆيدىن چىقالماپتۇ. درت - ئەلەمدىن كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. قازى«ھېلىھەم جايىدىن چىقتى ، ۋەزىردىن ئۇچۇم چىقتى» دەپ پەخىرلىنىپ، ھالىغا باقماي، يولىغا پۈتمەي يۈرگەن كۈنلەردە نۇرئىمان ئىشنىڭ تەكتىگە يىتىپ، پەرەڭ ياغلىقىنى بېشىغا تېڭىپ، يولغا چۈشۈپتۇ - دە، كىيىكتەك ئويناقلاپ، چېكىپ دەسسەپ قازىنىڭ ئالدىدا مېڭىپتۇ. قازى ئۇنىڭ ئەگرى تېقىمدا بوستاندەك تەۋرىنىپ تۇرغان قۇندۇزدەك تال - تال چېچى، ئەۋرىشىم بېلى، كېلىشكەن بوي - تۇرقى يارىشىملىق كىيىمىگە زوقلىنىپ، نەپسى تاقىلداپ قەدىمىنى تىز يۆتكەپتۇ. قازى يېتىشىۋالاي دېگەندە ، نۇرىمان يول بوشاتقان بولۇپ، شاققىدە يانغا ئۆتۈپتۇ - دە، پەرەنجىسىنى قايرىپ لاپپىدە كۆز تاشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئايدەك جامالىنى كۆرۈپ ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالغان قازى: _ ئاھ خېنىم، ئۆزلىرى كىم بولىلا جېنىم؟! - دەپ سوراپتۇ. نۇرىمان مېيىقىدا كۈلۈپ: _ جانابلىرىنىڭكىگە ياغ تۇشۇيدىغان جۇۋازچىنىڭ قىزىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قازى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: _ جۇۋازچى قىزىمنىڭ بويى پاكار، تۆت ئەزاسى ناكا، ئەرزىمەيدۇ كىشىگە، خەجلىگەن پۇلى بىكار، دەۋاتمامتى؟ _ يوقسۇ قازى ئاخۇنۇم، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، مېنىڭ ئالدى - ئارقامدا يا ئوغۇل، ياقىزدىن يەنە بىرسى يوق. دادام مېنى كېچە - كۈندۈز جۇۋازدىن چىقارماي ياغ ھەيدىگىلى سالىدۇ. ئۇنىڭ مېنى «ناكا» دەپ يامان ئاتلىق قىلىشى ئۆزىنىڭ يالغۇز قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى. ئەمدى بىلدىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ نۇرىمان ئۇلۇغ كېچىك تىنىپ. قازى ئەلچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قاپتۇ. قازى شۇ ماڭغانچە ئۇدۇل ئۆيىگە كەپتۇ. مۇپتىسىنىڭ خوتۇننىڭ قېشىغا كىرىپ كۆرگەنلىرىنى دەپتۇ ۋە ئۇنىڭغايۈز تىللا تاپان ھەققى بېرىپ، بوخچىسىنى تېڭىپ، يولغا چىقاي دەۋاتقاندا جۇۋازچى ئىككى چاۋا ياغنى يۈدۈپ ھويلىغا پەيدا بوپتۇ. جۇۋازچىسى قازىنىڭ چۆپقىتى بولۇپ، بۇرۇن ھەر كەلگىنىدە ھويلىدىنلا يانىدىكەن. بۇ قېتىم ئۇنداق بولماپتۇ: قازى ئۇنى كۆرۈپ، قول باغلاپ سالام بېرىپتۇ ۋە پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان مېھمانخانىسىغا باشلاپتۇ. تېگىگە تۆت قات مامۇق كۆرپە راسلاپتۇ. جۇۋازچى ھەيران قېلىپ، كۆرپىسىنىڭ بىر بۇرجىكىگە تارتىنىپ ئولتۇرغان ئىكەن، قازى گەپ ئېچىپ، قىزىنى نىكايىغا بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. _ خوش بۇلاي قازى ئاخۇنۇم، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ جۇۋازچى كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش ئاققۇزۇپ، - خۇدا ھەققى، راستقا ئىشەنسىلە بارى - يوقى بىرلا قىزىم بار. ئۇنىڭ بېشى كەيمە تاز، ئوڭ قولى يوق، سول پۇتۇ كەلمەيدۇ كېرەككە قىشى - ياز، بىر كۆزى كور، ئۇلۇغلارغا بولالمايدۇ جور. قازى «جۇۋازچى يالغان ئېيتىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپ ئۆز تەلىۋىدە مىختەك تۇرۇپتۇ. توي جابدۇقى ئۈچۈن جۇۋازچىنىڭ ئالدىدا بىر لىگەن تىللا قويۇپتۇ. جۇۋازچى گويا بىر چۈش كۆرىۋاتقاندەك، خارامۇش ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ. خوتۇنى ئەھۋالنى ئۇقۇپ، يۈزىنى كاچاتلاپ: « ۋاي خۇدايىم، ئەمدى مەن قانداق قىلاي، قازى ئاخۇنۇمنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن چىقاي» دەپ يىغلاپتۇ. ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدىكەن، شۇڭا جۇۋازچى خوتۇنىنى ئالدىرىتىپتۇ: _ ھوي جالداق، تىز بولمىساڭ ئىشىڭ چاتاق، ماڭ، ئاۋۇ بىر نېمەڭنى ئەيۋەشكە كەلتۈر! قىزنىڭ ئانىسى تامنىڭ تۈشۈكلىرىگە تىقىپ قويغان چاچلارنى يىغىپ، چاچ ئىشىپ قىزنىڭ دوپپىسىغا تىكىپتۇ. ئۆزىنىڭ ياشلىغىدا كىيگەن كىيىملىرىنى قىزىغا كىيگۈزۈپ، ياساپ - جابدۇپتۇ. ئوسما قويۇپ قاشلىق ئېتىپتۇ. شۇ ئەسناد، قازىنىڭ مۇپتى - رەئىسلىرى تويلۇق، ئاش سۇنى ھارۋا - مەپىلەرگە بېسىپ، ئالەمنى مالەم قىلىپ يېتىپ كەپتۇ. توي ئىشلىرى باشلىنىپ، نەغمە - ناۋا قىزىپتۇ. توي ئۈچ - كېچە كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. نىكاھ خۇتبىسى ئوقۇلۇپ، قىز يۆتكەپ كېلىنىپتۇ. كەچ كىرىپ، ياتار ۋاقتى بوپتۇ. قازى سەللىسىنى قوزۇققا ئىلىپ، ساقىلىنى ياغلىق بىلەن چېگىپ تەييارلىنىپتۇ. ئەمما ئورۇن سېلىنماپتۇ. قازى يۇيلۇق مەيدىسىنى ئېچىپ مۇناجات قىپتۇ. _ ئاھ خېنىم، ئاپپاق خېنىم، شىرىن سۆزلۈك، شەھلا كۆزلۈك خېنىم، ئورۇن راسلىماملا، كۆيگەن كۆڭلۈمنى ئالماملا؟! _ نېمە دەيدۇ ما ئادەم. ئۇيقۇسى قىسىتىغان بولسا يېتىۋەرسۇن خەق، ئورۇن - تۆشەك تۇرۇپتۇ ئەنە تەق، - دەپتۇ قىز چالۋاقاپ ۋە ئوچاقنىڭ تاقىسىغا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. قازى قىزنىڭ گېپىنى ئېغىر ئالماپتۇ.«مىڭ قىلمىسا قىز بالا ئەمەسمۇ، ئۇياتقان چېغى» دېگەنلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئورۇننى ئۆزى ساپتۇ - دە، قىزنى ئورۇنغا تارتىپتۇ. قىز «ۋاي جان!» دەپ تولغىنىپتىكەن، دوپپىسى يەرگە چۈشۈپ دومىلاپ كېۋاتقۇدەك. دوپپا ئەتراپىغا تىكىلگەن چاچلار ئىلاندەك يۆگىشىپ، مۈشۈك قۇيرۇقىدەك يەر سۈپۈرۈپ يۈرگۈدەك؛ قىزنىڭ بېشى تۇزلۇق قاپاقتەك ئاپپاق يالتىراپ تۇرغۇدەك؛ چاپىنىنىڭ ئوڭ يىڭى پۇلاڭلاپ، تامبىلىنىڭ سول پاقالچىقى ئىغاڭلاپ كۇلۇڭدىكى كۈلنى چېچىۋاتقاندەك: يۈزى قورۇق، بىر كۆزى كور، بىركۆزى يورۇق بىلىنگۈدەك. قازى ئاللا - كاللا سېلىپ ۋاقىراپتۇ: _ ھوي، جىنمۇ سەن ياكى ئالۋاستى؟ كۆتەر كەشىڭنى پاسىق نەس باستى! قىزمۇ ئاللا - توۋا سېلىپ يىغلاپتۇ. جەڭگە - جىدەلنى ئاڭلىغان قازىنىڭ چوڭ خوتۇنى، مۇپتى - رەئىسىلەر ئۇلاش - چولاش كىرىپ ئاجرىتىپتۇ. _ ئوبداق بولدى! تۆپەمگە قىز خوتۇن ئالغانغا تويدۇڭمۇ نائەھلى؟! - دەپتۇ قازىنىڭ قەدىناس خوتۇنى زەردە قىلىپ، - ھەرئىككىڭ چىقىش ئۆيدىن، بېرىپ ئۆي تۇت دەڭدىن! مۇپتى، خولۇم - خوشنىلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ مۇرەسسە قىپتۇ. قازى چوڭ خوتۇنىنىڭ پېشىگە يۈزىنى سۈرتۈپ يالۋۇرۇپتۇ. جۇۋازچىنىڭ قىزىنى ھەق - مىھرى ئۈچۈن يۈز يامبۇ بېرىپ، ئاجرىشىش خېتىنى بوينىغا ئېسىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپتۇ. بۇ ئىش سۈبھى يۇرۇماستىن پۈتۈن شەھەرگە تارقىلىپ كېتىپتۇ. قازى نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ ئۆيدىن چىقالماپتۇ، دەرت - ئەلەمدىن سىل كېسىلى بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئەمدى ھېكايىنىڭ داۋامىنى شاھزادە ئابدۇلدىن ئاڭلايمىز. ئابدۇل شەھەردىن ئايرىلىپ، يەتتە كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپتۇ، ئەمما دەشت - باياۋاندىن چىقالماپتۇ. مەنزىل بولسا يىراق ئىكەن. ئۇ بېشىدا ئەجەل قۇشى چۆگىلەپ، ئۆرە تۇرالمىسا ئۆمىلەپ كېتىۋاتقاندا، ئالدىدىن قۇيۇق تۇمان ئىچىدىن بىر توپ ئاتلىق ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتماي، يولغا ھەم پايماي چىقىپ كېلىۋاتقاندەك. ئابدۇل قورققىنىدىن «قاراقچى!» دەپ ۋارقىراپ تاشلاپتۇ ۋە ئۆزىنى ياقىغا ئالماقچى بوپتۇ. شۇ ئارىدا ئاتلىقلار كېلىپ قاپتۇ. ئابدۇل بېشىنى ئېگىپ سالام بېرىپتۇ. ئاتلىقلارنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭ قانغا مىلەنگەن كىيىملىرىدىن گۇمانلىنىپ: _ ھەي يىگىت، تۇرقۇڭدىن بۇلاڭچىدەك قىلىسەن، ئېيتقىن ماڭا، قاياقتىن كەلدىڭ، قاياققا بارىسەن؟ _ دەپ سوراپتۇ. ئابدۇل تىزلىنىپ، كۆز يېشىنى تۆكۈپتۇ. كۆرگەن كۈنلىرىنى بىرمۇ - بىر بايان قىپتۇ. سەركەردە ئاتتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: _ شاھزادەم، كۆڭلۈڭنى بۇزما، مەن شاھىنشاھ ھەزرىتى ئوسمانىيا بولىمەن. ئاتاڭ شاھى مەردان مېنىڭ قولداش دوستۇم. پادىشاھ زاھىرمۇ قولۇمدىكى ئادەم. قازى نامىمنى ساتقان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭ جېنىنى ئەزرائىلغا گۆرەگە قويىمەن؛ سېنى ئىككى پۇلغا ئەرزان، تۆت پۇلغا قىممەت قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنى بىر پۇلغا ئەرزان، ئىككى پۇلغا قىممەت قىلىمەن. شاھزادە ئابدۇل يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. ۋەزىرلەر ئابدۇلنى شاھزادىگە خاس كىيىندۈرۈپ، ئېسىل ئارغىماققا مىندۈرۈپ، بىللە ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئۇلار يەتتە كېچە - كۈندۈزلۈك مۇساپىنى ئۈچ كۈندە بېسىپ، شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. پادىشاھ زاھىر ئۇلارنى ئۆز قەسىرىگە جايلاشتۇرۇپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ قازىغا نەپرەت بىلدۈرۈپتۇ، ھاممامچى بىلەن دەرۋازىۋەننى زىنداندىن بوشىتىپتۇ. ۋەزىر قۇردۇش خوشلۇقتا كېسىلىدىن ساقىيىپ سەللىمازا بوپتۇ. نۇرئىمان قازىنى يولدا ئېزىقتۇرغاندىن كېيىن، ئابدۇلنىڭ ئىشقى ئوتىدا كۈيۈپ، ئاتىسىنىڭ غېمىدا يۈرۈپ، سەۋدايى بولۇپ قالغىلى تاس قالغان ئىكەن. مەشۇغىنى كۆرۈپ: _ ئاھ جېنىم! كېتىپ ئۆزلىرى ئاشقانتى مەندە دەردۇ - غەم، خۇدا يەتكۈزدىمۇ سىلىنى، ئوتلىرىدا قالمىسۇن، دەپ مېنى! - دەپتۇ - دە، ئۆزىنى ئېتىپتۇ. قازىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئابدۇل سۆيۈنۈپ، مەشۇغىنى باغرىغا بېسىپتۇ. پادىشاھلار تاق كۈننى ئېزىز كۆرىدىكەن. بىر جۈمە كۈنى ھەزرىتى ئوسمانىيا يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان بارچە پۇقرالارغا دار ئالدىغا يىغىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. پۇقرالار يىغىلىپتۇ. قازىمۇ ھاسىسىنى تايىنىپ كەپتۇۋە سەللىسىنى يوغان ئوراپ، زاھىر شاھنى دوراپ، ھەزرىتى ئوسمانىيانىڭ يېنىدىن ئورۇن ئاپتۇ. ھەزرىتى ئوسمانىيا قازىدىن سوراپتۇ: _ قازى ئاخۇنۇم، مۇبادا، بىراۋ مېنىڭ نامىمدا يارلىق ياساپ چىقىپ، تامغا ئويدۇرۇپ، قول ئاستىمدىكى پادىشا ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى ئەخمەق ئەتسە، خەلقى - ئالەم ئارا شۆھرىتىنى تۆكسە؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ، مۇساپىر كوچىسىغا تاشلىسا؛ بۇنى ئاز دەپ بىر كەمبەغەلنىڭ ناكا قىزىنى كىچىك خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بىر كېچە بولىسمۇ پەرزنى ئادا قىلماي، ئۇنى خورلىسا، قانداق قىلغۇلۇق؟ _ خوش تەقسىر، بۇنداق ئىشنى خۇدا راۋا كۆرمەيدۇ. ئۇنداق باغرى پۈتۈننى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگۈلۈك! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قازى. پۇقرالار «ھەق راست!» دىيىشىپتۇ. _ ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ ھەزرىتى ئوسمانىيا جاللاتلارغا، - قازىنى پۇتىنى ئاسمانغا ، بېشىنى يەرگە قىلىپ دارغا ئېسىڭلار ، ئۆلۈكى داردا ئۈچ كۈن تۇرسۇن! _ خوپ! - دەپ ئىككى جاللات تىك تۇرۇپتۇ ۋە قازىنى داقىرىتىپ سۆرەپ دا ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. قازى دات - پەرياد ئەيلەپ، تىپچەكلەپتۇ. شۇ ئەسنادا، شاھزادە ئابدۇل ئوتتۇرىغا چۈشۈپ سالا قىپتۇ. _ ئەي، ئۇلۇغ شاھىنشاھ ھەزرىتى ئوسمانىيا پىرىم، - دەپتۇ ئۇ قول باغلاپ، - قازى جۇۋازچىنىڭ قىزىنى يېڭىۋاشتىن ئەمىرىگە ئېلىپ ئويىنى تۇتسا، ئۇنىڭ بارلىق گۇنايىنى گەدىنىدىن سادىر قىلساق بوپتىكەن. ھەزرىتى ئوسمانىيا ئابدۇلنىڭ ھۆرمىتىگە قازىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپتۇ. قازى باشقىدىن توي قىلىپ، جۇۋازچىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئاپتۇ. ھەزرىتى ئوسمانىيا قازىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئۆز قولى، ئۆزپۇلى بىلەن قىرىق كۈنگىچە كۈندۈزى ئوغلاق سېلىپ، كېچىسى مەشرەپ قىلىپ، شاھزادە ئابدۇل بىلەن تويىنى مۇبارەكلەپتۇ. شاھزادە ئابدۇلنى ئاتىسى شاھى مەرداننىڭ ھامىلىقىدىكى شەھەرگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەپ يولغا ساپتۇ. شاھى مەردان ئوغلىنىڭ قولىدىكى يارلىقنى، قېشىدىكى مەلىكە نۇرىماننى كۆرۈپ تەبرىكلەپتۇ، ناۋايخانا خۇجايىنىنى ھەزرىتى ئوسمانيا شاھقا رەھمەت ئېيتىپ خەت يېزىپتۇ؛ دېھقان راخماننى ئوردىدا مەسلىھەتچىلىككە ئېلىپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق