UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقۋاپادار ئەر - خوتۇن

ۋاپادار ئەر - خوتۇن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا ھوشۇر باي دېگەن قاسساپنىڭ بارات ئاخۇن دېگەن بىر خىزمەتچىسى بار ئىكەن. بارات ئاخۇننىڭ يېشى ئون بەشتىن ئاشقان توختىخان دېگەن چىرايلىققىنە بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ قىز راۋابقا ئۇستا، ئەقىللىق، چېچەن ھەم گەپچى ئىكەن. شۇ كۈنلەردە ھوشۇر باي قوي سويغاندا پوكانچىلىق قىلىدىغان، بوشىغاندا كوچىدا كاۋاپچىلىق قىلىدىغان توختى دېگەن ياشقىنا بىر يىگىت ئۇلارغا قوشنا بولۇپ كۆچۈپ كەپتۇ. توختىخان ھەر كۈنى ئىشىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن راۋاب چالىدىكەن. توختى كۈنلەر ئۆتۈپ قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. يىگىت ناخشىنى ياخشى ئوقۇيدىغان، رەڭگى - رويى، بوي - تۇرقى كېلىشكەن بولغاچقا قىزمۇ يىگىتنى پات - پات كۆرمىسە ئىچى پۇشۇدىغان بولۇپ قاپتۇ. توختى قىزنىڭ ئۆيدە بولمىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ راۋاب چېلىشنى ئۆگىنىپتۇ. خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن يىگىتمۇ راۋابنى ئوبدان ئۆگىنىپ قاپتۇ. بىر كۈنى توختى راۋابنى چېلىپ ئولتۇرۇپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بۇ چاغدا قىز راۋابنى تىڭشاپ تۇرغانىكەن. راۋابنىڭ ئاۋازى پەسلەپ توختىغاندىن كېيىن قىز ئاستا ئۆيگە كىرىپ قارىسا، توختى راۋابنى قۇچاقلاپ ياتقان. قىز تۇيدۇرماي يىگىتنىڭ قولىدىن راۋابنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان پەدىسىگە چاپتۇ. يىگىت ئويغىنىپ قارىسا قولىدا راۋاب يوق. قىز راۋاب چېلىپ ئولتۇرغان. راۋابنىڭ ئۈنلۈك، مۇڭلۇق ساداسىغا ئەگىشىپ يىگىتمۇ بۇ قوشاقنى ناخشا قىلىپ ئېيتىپتۇ: مەن كەمبەغەل ئۆيۈمدە، دەرد - ئەلەملىك كۈنۈمدە. سىزنى خۇش قىلاي دېسەم، ھېچ نەرسە يوق قولۇمدا. قاتتىق - قۇرۇق نەرسىنى، سىزگە مەن قويالمايمەن. سىز مېھرىبان قىزچاققا بىر توخۇ سويالمايمەن. بۇ ھويلىغا كەلگىلى بىر يىلچە بولۇپ قالدى. سىز جاناننىڭ دەردىدە يۈرىكىم كاۋاب بولدى. ياد ئېتىپ غەزەل ئوقۇپ، چېلىشىم راۋاب بولدى. غۇنچە بويلۇق جانان قىز ئاي يۈزۈڭگە قاراتتىڭ. راۋابنى قولدىن ئېلىپ شوخ بۇلبۇلدەك سايراتتىڭ. قىزنىڭ يۈزى ئاناردەك قىزىرىپ، راۋابنى قويۇپ، چېچىنى ئويناپ، يەرگە بىر ئاز قاراپ تۇرۇپ، ئاندىن كۆزىنى يىگىتكە تىكىپتۇ. يىگىتنىڭ كۆزى قىزغا تىكىلىپتۇ. ئىككى كۆز بىر - بىرىگە تىكىلىپ سىرداشقاندىن كېيىن، قىز يەرگە قاراپ خىيال سۈرۈپ تۇرۇپتۇ. يىگىت راۋابىنى قولىغا ئېلىپ: بۇ راۋابنى ئالسىڭىز، زەخمەك ئۇرۇپ چالسىڭىز. كۆڭلىڭىزدىكىنى ئېيتىپ، يۈرىكىمگە سالسىڭىز. دېگەن بېيىتنى ئوقۇپ، راۋابنى قىزغا سۇنۇپتۇ. قىز راۋابنى ئېلىپ مۇڭلۇق ناخشا بىلەن ئۆز دەردىنى بايان قىپتۇ: ئېيتالمىدىم زادىلا خىجىلىقتا سۆزۈمنى، باشقىنى ئويلىمايمەن، سىزگە بەردىم كۆڭۈلنى. بۈگۈن ئالدىم راۋابنى، بار دەردىمنى ئېيتىمەن. سىز بىلەن قوشۇلغاندا مەن مۇرادقا يېتىمەن. تاڭ سەھەرنىڭ شامىلى قىزىلگۈلنىڭ ئاشىقى. شامالغا تەزىم قىلۇر مۇھەببەتنىڭ مەشۇقى. ئاق كۆڭۈللۈك ئاي يىگىت سىزنى كۆپ ياد ئېتىمەن. ئىشىكىڭىزگە مىڭ بېرىپ سىر ئېيتالماي كېتىمەن. نەچچە يەردىن مەن ئۈچۈن سوۋغا - سالام كەپتىمىش. «توختىخاننى بەرسۇن» دەپ مېنىڭ ئاتامغا دەپتىمىش. ئاڭلىشىمچە يېقىندا باي ئوغلىغا بەرگۈدەك. توي قىلىمىز دېيىشىپ ئىمام، مەزىن كەلگۈدەك. ئۈچ كۈن بولدى بۇ گەپنى قەمبەرخاندىن ئاڭلىدىم. ئاتامغىمۇ دېمىدىم، تۈزۈك تاماق يېمىدىم. كېچىلىرى ئۇخلىماي قانلار يۇتۇپ يىغلىدىم. بۇ تەلىيىم كاج تەلەي، نە قىلارنى بىلمىدىم. باي ئۆيىدە ئۆمرۈم ئۆتتى، يۇندا تۆكۈپ كۆنۈم كەتتى. يېشىم ئون بەشكە كەلگەندە شۇم خەۋەر ماڭا يەتتى. ئالتە ياشلار چېغىمدا ئانام سەيدەم ئۆلۈپ كەتتى. شۇندىن بېرى ئاشۇنداق يېتىملىك ماڭا يەتتى. مەن ئۆزۈم مىسكىن بالا، يامانلىقنى بىلمەيمەن. تارتقان كۈنۈم بەك ئېغىر، يالغان گەپنى دېمەيمەن. ئۆلسەم مەيلى ئاچلىقتا، باي ئوغلىغا تەگمەيمەن. قانچە زۇلۇم تارتساممۇ بايلارغا خوش دېمەيمەن. مىڭ تۈرلۈك دەرد - ئەلەمدىن بىر - ئىككىنى دەپ قويدۇم. بۇ بېيىتىمنى ئوقۇپ مەن راۋابىمنى چېپ قويدۇم. ھەرۋاقىت بىكار بولساق سۆزلىشىپمۇ تۇرارمىز. ئىككىمىز چىڭ بىرلىشىپ مەقسەتكىمۇ يېتەرمىز. بىر كۈنى كېچىسى قىزنىڭ دادىسى ئويغىنىپ قارىسا قىزى يېنىدا يوقمىش. ئۇ تالاغا چىقسا توختىنىڭ ئۆيىدىن ناھايىتى يېقىملىق راۋاب بىلەن ناخشىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. بارات ئاخۇن «توختى تېخىچە ئۇخلىماپتۇ، قىزىم شۇ يەردە بولۇپ قالمىسۇن يەنە» دەپ يېقىن كېلىشىگە قىزنىڭ ئاۋازى چىقىپتۇ. ئاستىلاپ بېرىپ پەنجىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن تۆشۈكىدىن قارىسا توختى بىلەن توختىخان بىر - بىرىگە قارىشىپ مېھمان كىشىلەردەك يۈكۈنۈپ ئولتۇرغۇدەك. قىز توختىغا قاراپ مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىۋاتقۇدەك: قەغەز دېگەن نېپىز نەرسە چەكمىگۈنچە تېشىلمەس. ئىچىمدىكى مەقسەتنى دېمىگۈنچە يېشىلمەس. بىز باغلىغان مۇھەببەتنى پولات قىلىچ كېسەلمەس. بۇ كېچە قاراڭغۇدا، ئوبدان سۆزلىشىۋالدۇق. راۋابنى خۇش سايرىتىپ تۆت پەدە چېلىۋالدۇق. قىزنىڭ دادىسى «قىزىمنىڭ توختىغا كۆڭلى چۈشكەنىكەن، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مەن باينىڭ ئوغلىغا لايىق كۆرگەن تۇرسام، بۇ قانداق ئىش؟» دەپ تۇرۇشىغا يىگىت سۆز باشلاپتۇ: قەغەز نېپىز كۆرۈنىدۇ تۇتقىچە تېشىلگۈدەك. خېلى سۆزلىشىۋالدۇق كۆڭلىمىز يېشىلگۈدەك. سىزنى كۆرگەندىن بېرى كۆڭلۈم بەكمۇ خۇش مېنىڭ. جاپادىن قوتۇلغاندەك پۇت - قوللىرىم بوش مېنىڭ، ئەگەر بىر كۈن ئاتىڭىز باينىڭ ئوغلىغا بەرسە؛ ئاتىڭىزغا ئەپ بېرەر باي ئوغلى خۇرۇم مەسە. قانداق قىلاي ئۇ ۋاقىتتا يالغۇزلۇق ماڭا كەلسە. پۇلى نۇرغۇن بايلىرىم تويغا قوينى سويىدۇ. ئاتىڭىزنىڭ ئالدىغا تۇماق، توننى قويىدۇ. شۇ كۈنى نىكاھ قىلىپ ئۆيىگە ئەپ ماڭىدۇ. پېقىر توختى شۇ كۈندە يالغۇز ئۆيدە قالىدۇ. دەردىڭىزدە كۆپ يىغلاپ يىراققا يول سالىدۇ. سىزنى ھەر چاغ ياغ ئېتىپ بۇ راۋابنى چالىدۇ. شۇ كۈنلەرنى ئويلىسام يىغا كېلەر كۆزۈمگە. سىزگە تۇرۇپ قارىسام نۇر ياغىدۇ ئۆزۈمگە. مەن ئولتۇرۇپ ئويلىسام غېرىب بولۇپ چۆللەردە؛ بەلگە بەلباغ باغلىسام ئاشۇ دەردلىك كۈنلەردە. سىزنىڭ يوق ئىلاجىڭىز، بېرىۋېتەر ئاتىڭىز. ئۆز سىرىمنى ئېيتىشقا يوق ئىكەن ئۆز ئانىڭىز. قانداق چىداي سىز يالغۇز باي ئۆيىدە قالسىڭىز. يەنە خۇشال بولىمەن مېنى ئىزدەپ كەلسىڭىز. بەك تەس قېچىش، قۇتۇلۇش باي ئۆيىدە بولسىڭىز.... بۇنىڭدىن قىزنىڭ دادىسى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلاشقانلىقىنى سېزىپ «مەن قىزىمنىڭ بەختىنى ئىزدەپ، بايغا بېرەي دېسەم، بۇنىڭ ماڭا ئوخشاش ھېچ نەرسىسى يوق بىر گادايغا كۆڭلى چۈشۈپتۇ، توختىنىڭ ئۆزىگە پايدىسى يەتمىگەن تۇرسا ماڭا قانداق پايدىسى تېگەر» دەپ ئويلاپتۇ. دەل شۇ ۋاقتىدا قىزىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ: مېنىڭ ئاتام رەھىم قىلماي باينىڭ ئوغلىغا بەرسە؛ باي ئوغلىغا مېنى بېرىپ ئۇچىسىغا تون كىيسە؛ باينىڭ ئوغلى بىر كۈنى مېنى ئېلىپ كەتكەندە؛ كېچىمەن مەن بۇ جاندىن باي ئوغلىغا چۈشكەندە. ئاتام شۇندا بىلىپ قالار، باي قېنىمنى ئىچكەندە. «قىزىڭىز شۇ توختىخان، دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپتۇ» ياكى «بوغۇلۇپ ئۆلۈپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئىشىتكەندە. ئاتاممۇ ئارمان قىلار، مەن ئالەمدىن كەتكەندە. ئاتام تويار پولۇغا، باي ئۆيىگە كەتكەندە. ئاتام ئۆيدە ئۇخلايدۇ، مېنىڭ دەردىمنى ئۇقمايدۇ. سىز توختىغا چۈشمەسمەن، مۇرادىمغا يەتسەممەن. راۋاب چېلىپ چۆللەردە، بىرگە مېڭىپ يۈرسەممەن. مۇرادىمغا يەتمەيمەن باي قولىدا ئۆلسەممەن. ئاتام ھازىر بولسىدى. سۆزلىرىمنى ئۇقسىدى. بايغا مېنى بەرگەندە، ئۆلۈشۈمنى بىلسىدى. توختى ئاكا كۆڭلىڭىز، ھەرگىز يېرىم بولمىسۇن. ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى، قاسساپ بېگىم ئۇقمىسۇن. ئۇقۇپ قالسام ئاچچىقلاپ، گېلىمىزنى بۇغمىسۇن. خوتۇنى يامان خوتۇن، كەپكۈر بىلەن ئۇرمىسۇن. باي ئۆيىگە بارساممۇ، ئۆلۈم دەپلا بارىمەن. بويۇن سۇنماي ئۇنىڭغا، ئۆزۈمگە خەنجەر سالىمەن. ھايات قۇتۇلسام ئەگەر، سىزنى ئىزدەپ تاپىمەن. تاپالمىسام بۇ يەردىن، يۇرتتىن يۇرتقا چاپىمەن. چاچلىرىمنى يوشۇرۇپ، ئەركەك ئادەم بولىمەن. قايسى جايدا بولسىڭىز، ھايات بولسام بارىمەن. مەن بايغا خوتۇن ئەمەس، ئاتام زورلاپ بېرەلمەس. مەن سىزنى تاپمىغۇچە، كۆڭلۈم ئېچىلىپ كۈلمەس. مېنى ئۇرۇپ ھەم زورلاپ، مۇرادىغا يېتەلمەس. قوللىرىمنى سۆرەپمۇ، مېنى ئېلىپ كېتەلمەس. ئېلىپ كەتسە تۇرمايمەن، بايغا خوتۇن بولمايمەن. توختى ئاكا مەن سىزنى ئۆلگۈچە ئۇنۇتمايمەن. سىزدىن قېلىپ جاھاندا بىر كۈنمۇ ياشىمايمەن. مانا مېنىڭ سۆزۈم شۇ، سىزگە بەرگەن ۋەدەم شۇ. قىزنىڭ دادىسى قىز بىلەن يىگىتنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاپ: «ئەمدى نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بايغا بەرسەم قىزىمدىن ئايرىلىدىكەنمەن. توختىغا بەرسەم قانداق بولار؟ بۇنىڭدىن ئون تۆت يۇلغۇن زىختىن باشقا ھېچ نەرسە يوققۇ» دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا، ئۆيدىن قىز بىلەن يىگىت چىقىپ ئۇنى كۆرۈپ، خىجىل بولغانلىقتىن تۇرۇپلا قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ دادىسى باشقا گەپ قىلماي قىزىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىپتۇ. قىز يەرگە قاراپ تۇرۇپتۇ. دادىسى: - قىزىم، ئۇ بىر گاداي تۇرسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر بولۇپ يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى تارتقۇچە، ئۆزۈڭنىڭ بەختى ئۈچۈن بىر باي كىشىگە خوتۇن بولساڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ. قىز ناھايىتى خىجىللىق بىلەن: - باينىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاۋار - دۇردۇن كىيىپ كۈندە دەككە يېگەندىن، توختىنىڭ ئۆيىدە ماتا كىيىپ خۇشال يۈرگىنىم ياخشىراق ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ. دادىسى بايغا بېرىمەن دەپ ئويلىغىنىم خام خىيال ئىكەن دەپ ئويلاپ، قىزىغا: - بولىدۇ ئۆزۈڭنىڭ دېگىنىگە بېرىمەن، خاتىرجەم بول، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئاشىق - مەشۇقنىڭ كۆڭلى تىنىپتۇ. شۇ كۈنلەردە توختىخانغا بايلاردىن ئەلچى كېلىشكە باشلاپتۇ. قاسساپ باينىڭ بېشىنى گاڭگىرىتىشقا باشلاپتۇ. چۈنكى بۇ بايلار: «بارات بولسا باينىڭ مالىيى، بايغا دېسەك، گاداينىڭ ئىشىنى توغرىلايدۇ» دەپ ئويلىشىدىكەن. قاسساپ توختىخاننى يۈز ئابرۇيلۇق بايغا سېتىپ، ئۆزىنى ئىناۋەتلىك قىلىشقا تىرىشىدىكەن ھەم پالەچ ئوغلىغا ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپ يۈرىدىكەن. ئۇ كۆڭلىدە: «ئەگەر قىز ئوغلۇمغا بوي بەرسە ئېلىپ بېرىمەن، بولمىسا مەن ئۆلۈپ كەتسەم بۇ پالەچكە ئەل بولماي رەسۋا قىلىدۇ» دەپ ئويلىغانىكەن. بىر كۈنى باينىڭ ئوغلى قىزغا قاراپ: «سىزنىڭ قولىڭىز ئاپئاق كۈمۈشكە ئوخشايدىكەن» دەپ قىزنى گەپكە تۇتۇپ سۆيۈۋاپتۇ. قىز پالەچنىڭ كاچىتىغا كېلىشتۈرۈپ ئىككى تەستەك ساپتۇ. پالەچ: - مەن سېنى ئالغاندا ئەدىبىڭنى بېرىمەن، - دەپتۇ. قىز: سەندەك پالەچكە تەگمەيمەن، سېنىڭ پۇلۇڭ قۇرىسۇن، مەن سېنىڭ قولۇڭغا چۈشكۈچە ئۆلۈۋالىمەن، - دەپتۇ. باي بۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرغانلىقتىن، قىزنى تىرىك قولغا چۈشۈرگىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ. ئۇ باقىچە پىلان تۈزۈپتۇ. ئوتتۇزدەك خېرىدار ئىچىدىن ياقۇپ پىخسىقنىڭ پۇلى كۆپ دەپ، توختىخاننى شۇنىڭ ئوغلى سەمەت گاچىغا بېرىشنى قارار قىپتۇ. توي كۈنى يېقىنلىشىپ قاپتۇ. باي بىر كۈنى باراتنى چاقىرتىپ توي توغرىسىدا سۆز ئېچىپتۇ: - سېنىڭ قىزىڭنىڭ تەلىيى بار ئىكەن. ياقۇپباينىڭ سەمەت بايۋەچچى دېگەن بىر ئوغلى بار. شۇنىڭغا بەرسەك قانداق دەيسەن؟ ساڭا يۇقىرى مەھەللىدىكى ياخشى يەردىن ئون مو يەر، باغچا بىلەن بىر قورۇ جاي، بىر قوش كالا ئېلىپ بېرىمەن دەپتۇ. بۇ سۆز بىلەن بارات ئۆزىنىڭ ئالدىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ: - مەن يالغۇز، قىزىمنى ئەرگە بەرمەيمەن، قىزىمنىڭ بويى ئۆسكىلەڭ بولغان بىلەن يېشى كىچىك. ئەگەر ئەرگە بەرسەم قىزىمنىڭ تەڭتۇشى، ماڭا قولۇمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولىدىغان بالىغا بېرىمەن، - دەپتۇ. مېنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ مېنىڭ تۇزۇمنى يېدىڭ، ئىككى ئېغىزلىق ئۆيۈمنى بەردىم، سەن مېنىڭ قېشىمدا بولغىنىڭ ئۈچۈن ھال - ئوقىتىڭ ئوبدان بولۇپ قالدى. بارات باينىڭ سۆزىگە كۆنمەپتۇ. باي ئاغزىغا كەلگەننى تىللاپ، ئۇرۇپ، باراتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ باراتنىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان بىر قازان، بىر قۇم چۆگۈننى تارتىپ ئېلىپ، كونا يوتقان، بورا، يىرتىق كىگىزلىرىنى تاشقىرىغا تاشلاپ، «كۆچ دېسە كۆچ» دەپ قوغلاپتۇ. بارات بىلەن توختىخان ئەسكى - تۈسكى يوتقان - كۆرپىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كوچىغا چىقىپتۇ. قانداق قىلىشىنى بىلمەي كۆزىدىن ياش تامچىلىرى ئېقىشقا باشلاپتۇ. شۇ چاغدا قىز: - دادا، رەنجىمەڭ، خاپا بولماڭ، جېنىم دادا، يىغلىماڭ، قايغۇرماڭ، بىز ئۆيمۇ تاپارمىز، ياكى گۈمبەزدە ياتارمىز، دەپ دادىسىنى باشلاپ مېڭىپتۇ. قىزنىڭ خىيالى، ھېسسىياتى توختىدا ئىكەن. بۇلار كوچا ئارىلاپ مېڭىپتۇ. توختى كاۋاپچىلىق قىلىۋتقان يەرگە كەلگەندە، توختى قىزنى كۆرۈپ، دەرھال كاۋاپنى تاشلاپ قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قىز كۆتۈرگەن يۈكنى كۆتۈرمەكچى بوپتۇ. قىز لېۋنى چىشلەپ «قايتىپ كەت» دېگەن ئىشارەتنى قىپتۇ. ئۇلار كوچىدا ئۇيان يۈرۈپتۇ، بۇيان يۈرۈپتۇ. ئاخىرى ئېلاخۇنباي دېگەن كىشىنىڭ ھويلىسىغا ئورۇنلىشىپتۇ. قىز ئېلاخۇنباينىڭ قورۇسىغا ئورۇنلاشقانلىقىدىن توختىغا خەۋەر بېرىپتۇ. توختى بۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆچۈرۈلگەنلىكىنى دەرھال ئېسىگە ئاپتۇ - دە، ئالدىراپ - تېنەپ كاۋاپنى تۈگىتىپ، ھوشۇر باينىڭ ھويلىسىغا بېرىپ: - باي ئاكا، مەن كۆچۈپ كېتىمەن، - دەپتۇ. ھوشۇر باي: - نېمە ئۈچۈن كۆچۈپ كېتىسەن؟ سېنىڭمۇ چورۇقۇڭ قۇرۇي دېدىمۇ؟ - دەپ تەنە قىلىپتۇ. توختى: مېنىڭ ئولتۇرغان ئۆيۈم زەي ئىكەن. بۇ ئۆي مېنى بېسىپ ئۆلتۈردىغاندەك تۇرىدۇ، شۇنىڭدىن قورقتۇم، كۆچۈپ كېتىمەن، - دەپتۇ. ھوشۇرباي: - سەن ئاتاڭنى مېنىڭ كۈچۈم بىلەن ئۇزاتتىڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن سەن خېلىلا ئىشلىسەڭمۇ قۇتۇلالايسەن، بەك كۆچۈپ كەتكۈڭ بولسا مېنىڭ ئىككى يېرىم مىسقال ئالتۇنۇمنى بەر، - دەپتۇ. توختى ئاتىسىدىن مىراس قالغان نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشلەپ تاپقانلىرىنى قوشۇپ ئۆيلەنسەم لازىم بولار دەپ ئون مىسقالغا يېقىن ئالتۇن قىلغانىكەن. ئۇ بۇنىڭدىن ئىككى مىسقالنى باينىڭ ئالدىغا تاشلاپتۇ. باي: «بۇ خېلى جىق پۇل، بۇنى ئۆلسىمۇ تۆلىيەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى كۆچۈرمەيمەن» دەپ ئويلىغانىكەن. توختىنىڭ قولىدا قالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تارتىۋېلىپ ئۇرۇپ قوغلاپ چىقىرىپتۇ. ئۇ ئېلاخۇنباينىڭ ئىشىكىگە بېرىپتۇ. ئېلاخۇنباي توختىنى كۆرۈپ ھاقارەتلەپ ھەيدەپتۇ. ئاڭغىچە بارات چىقىپ: - بۇ مېنىڭ ئىنىمنىڭ بالىسى، سىز بۇنى كىرگۈزمىسىڭىز بىزمۇ كېتىمىز، - دەپ پەش قىلىپ ئاران دېگەندە ئۇنى ئېلىپ قاپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئېلاخۇنباي قىزغا چاقچاق قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئېغىلدا قىزنى تۇتۇۋېلىپ، سۆيۈۋاپتۇ. بۇ ئەھۋال تەكرارلىنىشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان قىز ئۇيالسىمۇ دادىسىغا، توختىغا بولۇۋاتقان ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. دادىسى كۆپ ئويلاپ تۇرماستىنلا، بىر مەزىن بىلەن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە باققال بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ قىزنى توختىغا نىكاھ قىلىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىز يىگىت مۇرادىغا يېتىپتۇ. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي بارات كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. بۇ ئىككى دەردمەننى باي ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. ئۇلار شەھەرنىڭ ئەڭ يىراق يېرىگە جايلاشقان قەبرىستاندىكى گۈمبەزگە بېرىپ جايلىشىپتۇ. توختى كۈندۈزى شەھەرگە كىرىپ كاۋاپچىلىق قىلىدىكەن، توختىخان بالىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئوتۇن تېرىدىكەن. بىر كۈنى توختى شەھەرگە كىرىپ كېتىپتۇ. توختىخان ئوتۇن تېرىشكە جاڭگالغا بېرىپتۇ. شۇ كۈنى باشقا بىر يۇرتنىڭ ھاكىمى شىكارغا چىقىپ، بىر كىيىكنى قوغلاپ كېلىپ توختىغانغا يولۇقۇپ قاپتۇ. توختىخان بۇنىڭ كۆزىگە چۆل پەرىسىدەك كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ توختىخاندىن ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. توختىخان كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ھاكىم: - سەن كاۋاپچى ئېرىڭنى تاشلا، مەن سېنى نىكاھلاپ ئالاي، - دەپتۇ. توختىخان: - مەن ئۇنىڭدىن كەچمەيمەن، - دەپتۇ. قانخور ھاكىم كىيىك ئورنىغا توختىخاننىڭ بالىسىنى ئېتىپ، توختىخاننى ئېلىپ كېتىپتۇ. كېچىسى ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ نومۇسىغا تېگىشكە ئۇرۇنۇپتۇ. توختىخان ھاكىمغا قارشىلىق قىلىپتۇ. ھاكىم ئىلاج قىلالماي، توختىخاننى شەھەر ئايلاندۇرۇپ، سازايى قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. ئاندىن زىندانغا ساپتۇ. توختى كاۋاپچىلىقىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە چىقسا ھېچ كىشى يوق. ئۇ ئىزدەپ جاڭگالغا كەلسە بالىسىنىڭ ئۆلۈكى ياتقان، يىغلاپ قاخشاپتۇ. كاۋاپچىلىقىنى يىغىشتۇرۇپ، خوتۇنىنىڭ راۋابىنى ئېلىپ، ئۆگەنگەن پەدىلىرىگە چېلىپ ئاتنىڭ ئىزى بىلەن خوتۇنىنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ. ئاخىرى خوتۇنى بار شەھەرگە كەپتۇ. شەھەردە بىر ناۋاي بىلەن تونۇشۇپ، شۇنىڭغا ئىشلەپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ھاكىمنىڭ خوتۇنى ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ھاكىمنىڭ ئانىسى: - ئوغلىڭىزنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، دۆلىتىڭىزنىڭ زىيادە بولۇشى ئۈچۈن زىنداندىكى كىشىلەرنى ئازاد قىلساق، - دەپتۇ. ھاكىم ماقۇل كۆرۈپ، زىنداندىكىلەرنى ئازاد قىلىپتۇ. توختىخان زىنداندىن چىقىپتۇ. ئەر - خوتۇن بىر - بىرىنى كۆرۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ. شەھەردىن يىراق جايغا بېرىپ، دەريادىن سۇ چىقىرىپ، چۆل - باياۋاننى گۈللەندۈرۈپ خۇشال - خۇرام ياشاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق