UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھېكمەتلىك ساندۇق

ھېكمەتلىك ساندۇق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر كىشى ياشىغانىكەن. ئۇنىڭ چۇتۇچى قاقۋاش بىر خوتۇنى بار ئىكەن. بۇ ئادەم بۇرۇندىن تارتىپ ئوتۇنچىلىق قىلىدىكەن. ئوتۇنچىنىڭ دۇنيالىقتا ئىككى قىزى بولۇپ، بىرى خوتۇنىغا ئۆگەي ئىكەن. ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى ئۆز قىزىنى ئالقىنىدا كۆتۈرۈپ پەپىلەپ باقىدىكەن، ئەمما ئۆگەي قىزىنى كۈندە نەچچە ۋاق تىللاپ، ئۇرۇپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ ئازار بېرىدىكەن. ئۆز قىزى بىلەن بېشىنى بىر يەرگە قىلىۋېلىپ، خەقلەرنىڭ غەيۋەت - شىكايىتىنى قىلىپلا ئولتۇرۇشىدىكەن. ئۆگەي قىزى ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق، ئەمگەكچان قىز بولۇپ، ئۆينىڭ پۈتۈن ئېغىر - يېنىك ئىشلىرىنى دائىم ئاشۇ قىز قىلىدىكەن. ئۆگەي ئانىسى ناننىڭ كۆيۈكىنى، ئاشنىڭ سۇيۇقىنى بەرسىمۇ - بەرمىسىمۇ پەقەت گەپ قىلمايدىكەن. بۇ قىز ئەنە شۇنداق ياۋاش، ساددا ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ ئۆگەي ئانا ھەر كۈنى ئېرى كەچتە ئوتۇن سېتىپ، ھېرىپ - ئېچىپ ئۆيگە كەلسە، بىكاردىن - بىكار: - قىزىڭ ماڭا يوغانچىلىق قىلدى، مېنىڭ قىزىمنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بەرمىدى، مەن بىلەن تاكاللاشتى. يا بۇ ئۆيدە قىزىڭ بىلەن قال، مەن كېتىمەن، يا بولمىسا قىزىڭنى بىر يەرگە يوقات، ئاندىن مەن تۇرىمەن... بولمىسا گېپىنىڭ ئېيت! - دەپ ياقىسىغا ئېسىلىدىكەن. ئاخىر ئېرى بۇ جېدەل - غەۋغادىن تويۇپ، خوتۇنىدىن سوراپتۇ: - ئەمىسە سېنىڭچە بۇ قىزنى قانداق قىلىش كېرەك؟ - قانداق قىلاتتىڭ، قىزىڭنى جاڭگالغا ئېلىپ بېرىپ تاشلىۋېتىپ كېلىسەن، - دەپتۇ خوتۇنى. بىچارە ئوتۇنچى >خەير، بوپتۇ، ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار دەپتىكەن، قىزىم جاڭگالدا ياۋا ئالما تېرىپ كۈنىنى ئۆتكۈزەر< دەپتۇ ئىچىدە. شۇنىڭ بىلەن قىزىنى يېتىلەپ جاڭگالغا قاراپ مېڭىپتۇ. قويۇق جاڭگاللىقنىڭ ئارىسىغا يېتىپمۇ كەپتۇ. بۇ يەردە ياۋا ئالما دەرەخلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. - جېنىم قىزىم، سەن مۇشۇ يەردە ئالما تېرىپ تۇرغىن، مەن ئاۋۇ يەردىن ئوتۇن كېسىپ كېلەي، - دەپ قىزىنى ئورمانلىقتا قويۇپ ئۆزى كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ كېتىپتۇ. قىز بۇ يەردە نۇرغۇن ياۋا ئالما، ئۆرۈكلەرنى تېرىپتۇ، يەنە بىكار ئولتۇرۇشنى خالىماي ئىككى - ئۈچ يەرگە ئوتۇن - چاۋا دۆۋىلەپتۇ، لېكىن دادىسى كەلمەپتۇ. كۈن ئولتۇراي دەپ قاپتۇ. قىز قۇلاق سالسا ئۇيان - بۇياندىن يىغىلىپ كېچىلىرى مۇشۇ ئورماندا تۈنەيدىغان جان - جانىۋارلاردىن بۇلبۇل، كاككۇك، شاتۇتى، قارا قۇشقاچ، تۇرۇلغا... ئوخشاش ئۇچار قۇشلارنىڭ كەچكى بەزمىسى باشلىنىپتۇ. قىز بۇ تاماشىغا قىزىقىپ ئۆز جايىدا ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. ئاڭغۇچە كەنمۇ كۈچ بولۇپتۇ، دادىسى يەنىلا كۆرۈنمەپتۇ. بىراق يولنى بىلمىگەچكە ئۇ قاياققا قاراپ مېڭىشنى بىلەلمەپتۇ. تۆت ئەتراپىغا قارىسا، يىراقتىن پىل - پىل قىلىپ بىر چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپتۇ، قىز يورۇق كۆرۈنگەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. بارسا ئالدىدا بىر كونا ئۆي تۇرغۇدك، قىز ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ئوچاق ئالدىدا بىر موماي داڭقانغا ئوت قالاپ ئولتۇرغانىكەن. قىز: - ئەسسالام موما، - دەپتۇ. موماي: - كەل قىزىم، - دەپ ئوچۇق چىرايى قارشى ئاپتۇ ھەم قانداق قىلىپ بۇ يەرلەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. قىز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. موماي: - بوپتۇ قىزىم. خاپا بولما. مەنمۇ يالغۇز، سەن ماڭا بالا بول، - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، قىز موماينىڭ يېنىدا قاپتۇ. قىز ھەر كۈنى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ئۆيلەرنى سۈپۈرىدىكەن، سۇ ئەكىرىدىكەن، چاي قاينىتىدىكەن، ئارىلاپ موماينىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى موماي بۇ قىزنى ئۆگزىدىن ئوتۇن ئېلىپ چۈشۈشكە بۇيرۇپتۇ. قىز ئۆگزىگە چىقىپ ئەتراپنى كۆڭلى خېلى ئېچىلىپ قاپتۇ. كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپتىكەن، ئۆز ئۆيى كۆرۈنۈپتۇ. قىز ئۆيىنى كۆرۈپ، دادىسىنى ئەسلەپتۇ - دە، كۆزلىرىگە ياش كەپتۇ. قىز ئوتۇننى ئېلىپ قايتىپ چۈشكەندە موماي قىزنىڭ كۆزىدىكى ياش يوقىنى كۆرۈپ: - نېمە بولدۇڭ قىزىم. يىغلىغان ئوخشىمامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز: - ئۆيۈمنى كۆرۈپ، دادامنى سېغىنىپ يىغلىدىم، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ موماي، - ئۆگزىدە بىر قىزىل ساندۇق بار، شۇنى ئېلىپ چۈش. قىز ساندۇقنى پەسكە ئېلىپ چۈشۈپتۇ. - مانا مۇنۇ ئاچقۇچنى مەھكەم تۇت. ساندۇقنى يولدا ھەرگىز ئاچما. ئۆيۈڭگە بارغاندا ئاچ! - دەپتۇ ۋە قىزنى ئوبدان ياساپ - جابدۇپ، بىر ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيىگە ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. قىزمۇ خۇش بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ، دادىسى قىزىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئاتىلىق باغرىغا بېسىپ، ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ، لېكىن خوتۇنى يەنە ئاۋۋالقىدەكلا >چىك - چىك< كېسىلىگە قاپتۇ. بۇ چاغدا قىز ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېلىقى قىزىل ساندۇقنى ئاچقانىكەن، ساندۇق ئىچىدىن چىنە - چىنىدە ھەسەل مۇراببا، سۈت - قايماق، شىرنە - شەربەت... داستىخان - داستىخاندا كاكچا، تومنان، ساڭزا - سامبۇسا چىقىپتۇ. ئارقىدىن توپ - توپى بىلەن شايى - ئەتلەس، تاۋار - دۇردۇن، دۇخاۋا - مەخمەل؛ ئۇنىڭ كەينىدىن قوشلاپ زىلچە - گىلەم، تەڭلىمات، نوقۇت، چۇچىلىق كېگىزلەر؛ ئاخىرىدا يەنە چۆگۈن - چەينەك، چىنە - چۆچەك، تارغاق - سۈزگە، تاش ئەينەك قاتارلىق ئېسىل ماللار چىقىپ ئۆينى تولدۇرۇۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئۆگەي ئانا ئولتۇرالماي قاپتۇ. ئاخىرىدا ئېرىگە ئۆز قىزىنمۇ جاڭگالغا ئاپىرىپ تېنىتىپ قويۇپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ. ئەتىسى دادىسى بۇ قىزنى يېتىلەپ خۇددى شۇ ئورمانغا ئاپىرىپ تېنىتىپ قويۇپ ئۆزى قايتىپ كەپتۇ. كەچ بولۇپتۇ. بۇ قىزنىمۇ قورقۇنچ بېسىپتۇ. ئەتراپىغا قارىسا، يىراقتا بىر چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قىزمۇ ھېلىقى موماي ئولتۇرغان ئۆيگە كەپتۇ. موماي بۇ قىزنىمۇ ئوچۇق چىراي قارشى ئاپتۇ. ئەمما بۇ قىز مومايغا سالاممۇ قىلماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ موماي ئۇ قىزنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قاپتۇ. ئەمما بۇ قىز دائىم بۇتناپ، يىغلاپلا ئولتۇرىدىكەن. موماينىڭ ئۆيىنىمۇ سۈپۈرمەيدىكەن، ئېشىنىمۇ ئېتىپ بەرمەيدىكەن، چېچىنىمۇ تاراپ قويمايدىكەن، موماي ئىشقا بۇيرۇسا: - مەن خەقنىڭ دېدىكى ئەمەس، ئۆزلىرى ئېلىپ چۈشسىلە، - دەپ ئولتۇرۇۋالىدىكەن. بىر كۈنى موماي قىزنى ئۆگزىدىن ئوتۇن ئېلىپ چۈشۈشكە بۇيرۇپتۇ. قىز مىڭ تەسلىكتە غۇدۇڭشىپ يۈرۈپ ئۆگزىگە چىقىپتۇ. ئۇمۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى كۆرۈپتۇ - دە، ئوتۇنمۇ ئالماي قايتىپ چۈشۈپ: - ئۆيۈمنى سېغىندىم، كېتىمەن، - دەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. موماي: - ئۇنداق بولسا، ئۆگزىدە بىر ئاق ساندۇق بار، شۇنى ئېلىپ چۈش، - دەپتۇ. قىز ئېلىپ چۈشۈپتۇ، موماي ئۇنىڭغىمۇ بىر ئاچقۇچنى تۇتقۇزۇپ، ئۆيدە ئېچىشنى تاپىلاپ، ساندۇقنى ئۆزىگە كۆتۈرتۈپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. قىز ئۆيىگە ناھايىتى خۇش بولۇپ قايتىپ كەپتۇ. قىزنىڭ يوغان بىر ئاق ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئانىسىنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە پاتماي قاپتۇ. ئاندىن قىزىغا مۇنداق دەپتۇ: - ۋاي قىزىم، چىڭ تۇتۇ، بۇ ساندۇقىنى داداڭ، ئۆگەي ئاچاڭ بار يەردە ئاچمايلى، نېمىكى دۇنيا چىقسا ئۆزىمىزنىڭ بولسۇن، ئۇلارغا كۆرسەتمەيلى، ھېچنېمە بەرمەيلى، - دەپ يەتتە قات قازناققا يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئاخشىمى ھەممەيلەن ئۇخلىشىپ قاپتۇ. تازا يېرىم كېچە بولغاندا ئانا بىلەن قىزئاستا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قازناققا كىرىشىپ، ھېلىقى ئاق ساندۇقنى شۇنداق ئاچقانىكەن، يەتتە باشلىق بىر ئەجدىھا چاچراپ چىقىپ، قىز بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنى بىرلا دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئوتۇنچى قىزى بىلەن بەخت - دۆلەتكە ئىگە بولۇپ، قىزىنى ئۆزىگە ئوخشاش ساددا بىر ئىشلەمچى يىگىتكە توي قىلىپ بېرىپ، خاتىرجەم ۋە خۇشال - خورام كۈن كەچۈرۈشكەنىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ھېكمەتلىك ساندۇق | UyghurWiki | UyghurWiki