UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقلوقماننىڭ ئوغلىغا نەسىھىتى

لوقماننىڭ ئوغلىغا نەسىھىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىر كۈنى لوقمان كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، «سېخىلىق بىلەن بېخىللىق» دىگەن ماۋزۇغا كۆزى چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭدا، «بىر كىشى قەرز سورىسا قەرز بەرگۈچىگە ئون سەككىز ساۋاپ، قەرز قايتۇرغۇچىغا ئون ساۋاپ بولىدۇ» دىيىلگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن لوقمان ھەقانداق ھاجەتمەن كەلسە، خالىغانچە قەرز بېرىدىغان بوپتۇ. بۇ خەۋەر ئاز كۈندىلا باشقا شەھەرلەرگە تارقىلىپتۇ. شۇ شەھەرلەردىنمۇ ھاجەتمەنلەر كېلىپ قەرز ئېلىپ كېتىدىغان بوپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مەلۇم شەھەردىكى بىر ھىلىگەر سودىگەر: «مەنمۇ بېرىپ لوقماندىن قەرز ئالسام ئۇ مەندىن ھۆججەت تەلەپ قىلمايدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، كېيىن مەندىن پۇل ئالالمايدۇ» دەپ ئويلاپ يولغا راۋان بوپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، لوقماننىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇپ: - ئى، جانابى لوقمان! مەن ئۆز يۇرتۇمدا ناھايىتى كاتتا سودىگەر ئىدىم، شەھىرىڭىزگە كۆپ مال ۋە تىللا بىلەن كېلىۋاتسام يولدا قاراقچىلار بۇلاپ، قولۇمنى قۇرۇق قىلىپ قويدى. كىچىگىمدىن سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىم ئۈچۈن قولۇمدىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ. شۇڭا بىر ئاز پۇل قەرز بېرىپ تۇرسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن ھەركەت قىلسام، ئىنشائاللا قەرزنى قايتۇرغايمەن، - دەپ، ھىلىگەرلىك بىلەن كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان لوقمان سودىگەرگە نۇرغۇن پۇل قەرز بېرىپتۇ. سودىگەر خوشال بولۇپ، پۇلنى ئېلىپ ئۆز شەھىرىگە قايتىپتۇ. ئارىدىن ئايلار ۋە يىللار ئۆتۈپتۇ، سودىگەر لوقمانغا قەرز قايتۇرماپتۇ. بىر كۈنى لوقمان ئوغلىنى چاقىرىپ، شۇ پۇلنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. لوقماننىڭ ئوغلى يول ھازىرلىغىنى قىلىپ بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. لوقمان ئوغلىغا قاراپ: - ساڭا تۆت ۋەسىيىتىم بار. قۇلىغىڭدا چىڭ تۇتقىن. بىرىنچى، شەھەردىن چىققىنىڭدا بىر بوۋاي ئۇچرايدۇ. ئۇ كىشى بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاندا، ئۇنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالغىن. ئىككىنچى، يالغۇز دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇخلىمىغىن. ئۈچىنچى، سودىگەرنىڭ شەھىرىگە بارغاندا بوۋاينىڭ پىكرى بويىچە ئىش كۆر. تۆتىنچى، سودىگەرگە تەكەببۇرلۇق قىلمىغىن، - دەپتۇ ۋە ئوغلىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ يولغا ساپتۇ. بالا شەھەردىن چىقىپ، ئازراق يول يۈرىشىگە بىر بوۋاي يېتىپ كېلىپ، بالا بىلەن سالاملىشىپ، ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. بۇلار خېلى يول يۈرگەن بولسىمۇ بىرەر سايە جاي ئۇچراتماپتۇ. ھاۋا ناھايىتى ئىسىپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ناھايىتى يوغان بىر دەرەخ كۆرۈنۈپتۇ. بوۋاي: - ئوغلۇم، بۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە بىرئاز ئارام ئېلىپ، ھاۋا سالقىندىغاندا ماڭايلى، - دەپتۇ. يىگىت ئاتىسىنىڭ قىلغان نەسىھىتىنى ئەسلەپ، بوۋايغا: - ئاتام، يالغۇز دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇخلىمىغىن، دېگەن ئىدى، - دەپتۇ. بوۋاي بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ: - ئوغلۇم سەن يولغا چىقىش ئالدىدا، ئاتاڭ بوۋاينىڭ ھارقانداق پىكىرىگە قۇلاق سال، دېگەن ئىدى، سەن بۇنى ئۇنتۇپ قاپسەن، - دەپتۇ. بالا ئەسلەپ كۆرسە، راست شۇنداق، بالا بىرئاز خىجىل بولۇپ: - كەچۈرۈڭ بوۋا، سىز نېمە دىسىڭىز شۇ، - دەپتۇ. ھېلىقى كۆرۈنگىنى بىر تۈپ تېرەك بولۇپ، تۈۋىدىن ئۈنچىدەك سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىكەن. بوۋاي بىلەن يىگىت سۇدىن قانغىچە ئىچىپتۇ، بىردەمدىن كېيىن بالا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، بوۋاي ئۇخلىماي قاراپ ياتقان ئىكەن، بىر ۋاقىتىدا دەرەختىن كاتتا بىر يىلان چۈشۈپ، بالىغا خىرىس قىپتۇ. بوۋاي قولىدىكى ھاسا بىلەن بىرنى ئۇرغان ئىكەن، يىلان شۇ جايدىلا ئۆلۈپتۇ يىگىت ئويغانغاندا، بوۋاي بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىپ: «سەن بۇ يىلاننىڭ بېشىنى كېسىپ، خالتاڭغا سال، كېيىن كېرەك بولىدۇ» دەپتۇ. بالا بۇ ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار بىر نەچچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن سودىگەرنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. سودىگەر لوقماننىڭ ئوغلىنى تۇنۇپ ئىززەت - ئىكرام، ھۆرمەت بىلەن قارشى ئاپتۇ. بۇ ھېلىگەر سودىگەرنىڭ ناھايىتى چىرايلىق، ئاي دىسە ئاغزى بار، كۈن دىسە كۆزى بار بىر يالغۇز سىڭلىسى بار ئىكەن. بۇ شەھەرگە كەلگەن ھەرقانداق كىشى بۇ قىزنى بىر كۆرۈش بىلەنلا ئاشىق بولىدىكەن. داغدۇغا بىلەن توي قىلىپ بۇ قىزغا ئۆيلىنىدىكەن، ئەمما بىرىنچى ئاخشىمىلا قىزنىڭ قۇچىغىدا جان بېرىدىكەن. ئۇنىڭ پۇل - ماللىرى ئەنە شۇ سودىگەرگە قالىدىكەن. سودىگەرنىڭ سىڭلىسى لوقماننىڭ ئوغلىنى كۆرۈپلا ئاشىق بوپتۇ. ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتمەيلا قىز لوقماننىڭ ئوغلىغا كىشى قويۇپتۇ. بۇ ئارىلىقتا يىگىتمۇ قىزغا كۆڭۈل ئالدۇرۇپ قويغان ئىكەن. يىگىت ئەھۋالنى بوۋايغا ئېيتىپتۇ. بوۋاي: - ئوغلۇم، سەن غەم قىلماي، قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ نېمە سۆزى بار ئاڭلاپ كەلگىن، - دەپتۇ. يىگىت قىزنىڭ ئالدىغا بېرىشىغا: - ئەي دانا يىگىت، - دەپتۇ قىز ناز بىلەن، - بۇ شەھەردە مېنىڭدىن باشقا چىرايلىقراق قىز يوق، دەپى - دۇنيا دىسە بىزدە ھەددى - ھېساپسىز. مەن خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن ساڭا ئاشىق بولدۇم. ئەگەر خالىساڭ پۇل - ماللىرىمنى ساڭا تەقدىم ئېتەي. يىگىت ئاتىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئەسلەپ، قايتىپ بېرىپ ئەھۋالنى بوۋايغا ئېيتىپتۇ. بوۋاي: - ئۇنداق بولسا، قىز بىر چوڭ داسنى تاپسۇن، ئوت قالاپ داسنى قىزىتسۇن، ئۆزى ئىگىزرەك جايغا چىقىپ، داسنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرسۇن. سەن يانچۇغۇڭدىكى يىلاننىڭ بېشىنى داسقا تاشلا. قىز بۇ شەرتكە كۆنسە، ئىككىڭلار مەخسەتكە يېتەلەيسىلەر. ئەگەر قىز بۇ شەرتكە كۆنمىسە قايتىپ كەل، - دەپتۇ. يىگىت «خوپ» دەپ قىزنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ بۇ شەرتنى قويۇپتۇ. قىز: - بۇ شەرت ھېچگەپ ئەمەس. بۇنىڭدىن ئېغىر شەرت بولسىمۇ قوبۇل قىلىمەن، - دەپتۇ. قىز دەرھال ئوت قالاپ، قىزىغان داسنىڭ ئۇدۇلىدا ئىگىزگە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ. يىگىت يېنىدىكى يىلاننىڭ بېشىنى داسقا تاشلىغان ئىكەن. ھايال قىلماي، قىزنىڭ ئىچىدىن يوغان بىر يىلان چىقىپ داسقا چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ. بۇنى كۆرۈپ قىز ناھايىتى خوشال بولۇپ، ئۆزىنى يىگىتنىڭ ئايىغىغا تاشلاپ: - ئەي ياخشى يىگىت! مەن سېنىڭ كارامىتىڭ بىلەن بۇ يىلاندىن قۇتۇلدۇم. ئۆزەمنى ساڭا قوبۇل قىلدىم. پۇل - ماللىرىم، جېنىم ساڭا پىدا بولسۇن، يەنە بىر گەپ، ئەتە ئاكام سېنى مېھمان قىلىش بانىسى بىلەن كۈنچىقىش تەرەپتىكى ئۆيگە باشلايدۇ. بۇ ئۆينىڭ تەكتىدە ناھايىتى چوڭقۇر قۇدۇق بار. ھەرقانداق كىشى كىرىشى بىلەنلا قۇدۇققا چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ. سېنى ئۆيگە باشلىغاندا، ھەرگىز ئاكامنىڭ ئالدىدا ماڭماي، كەينىدە ماڭ. ئاكام بوسۇغىدىن ئاتلىشى بىلەنلا ئالدىغا ئىتتىرىۋەتسەڭ، قۇدۇققا ئۆزى چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ. شۇ چاغدىلا سەم ئامان قالىسەن، - دەپتۇ. ئەتىسى سودىگەر يىگىتنى مېھانخانىغا باشلىغان ئىكەن يىگىت قىز دىگەندەك قىپتۇ. سودىگەر ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ پۈتۈن شەھەر خەلقى خوشال بوپتۇ. خەلقلەرنىڭ گۇۋالىقى بىلەن قىز پۈتۈن مال - مۈلكىنى يىگىتكە ھەدىيە قىلىپ بېرىپتۇ، ئىككىسى بوۋاينىڭ ئالدىغا كېلىپ تازىم قىپتۇ. شۇ چاغدا بوۋاي: - ھەي يىگىت، مەن ساڭا كۆپ ياخشىلىق قىلدىم، بىرىنچى، يول ئۈستىدىكى يىلاندىن، ئىككىنچى، قىزنىڭ ئىچىدىكى يىلاندىن، ئۈچىنچى، سودىگەرنىڭ ھىلىسىدىن قۇتۇلدۇردۇم، ئەمدى ماڭا نېمە بېرىسەن؟ - دەپتۇ. يىگىت: - بوۋا! مەن سىزنىڭ قۇلىڭىز، بۇ قىز سىزنىڭ خىزمەتكارىڭىز بولسۇن! پۇل - ماللىرىم سىزگە سەدىقە بولسۇن، - دەپتۇ. بوۋاي كۈلۈپ كېتىپ: - ماڭا دۇنيا كېرەك ئەمەس، يۇتۇڭغا بارساڭ ئاتاڭغا سالام دە، - دەپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. («مۇزات دولقۇنلىرى» نىڭ 1981 - يىل 4 - سانىدىن ئېلىندى) توپلىغۇچى: ھەسەن ئوسمان.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
لوقماننىڭ ئوغلىغا نەسىھىتى | UyghurWiki | UyghurWiki