UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئېيىق بەگ

ئېيىق بەگ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، مەنزىرىسى گۈزەل، خەلقى ئاق كۆڭۈل بىر يېزا بار ئىكەن. يېزا كىشىلىرى راستچىل، ئىناق بولغاچقا تۇرمۇشى باياشاتچىلىقتا ئۆتىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەقى - تۇرقى سەت، دوقا باش بىر سودىگەر بۇ يېزىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ بەكمۇ مەككار ئادەم بولۇپ، باشقىلارنىڭ قولىدىن كىچىككىنە نەرسە بولسىمۇ يۇلۇۋېلىشنىڭلا كويىدا يۈرۈيدىكەن. يالغانچىلىقتا ئۇچىغا چىققانىكەن. ئۇ بۇ يېزىدا دۇكان ئاچقاندىن كېيىن يېزا خەلقى زىيان ئۈستىگە زىيان تارتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار قانداق قىلىپ بۇ مەككار سودىگەردىن قۇتۇلۇش كويىدا ئامال ئىزدىشىپتۇ. بۇ يېزىدا ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرىدىغان بىر ئادەم بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ بىر نەچچە يىگىتنىڭ ياردىمى بىلەن باغدىن بىر ئېيىقنى تۇتۇپ كەپتۇ - دە، ئۇنى ئۆرە ماڭالايدىغان، >يارايدۇ< دېگەن سۆزنى ئېيتالايدىغان قىلىپ كۆندۈرۈپتۇ. بىر بازار كۈنى، ئۇ ئېيىققا ئېسىل كىيىم - كېچەكلەرنى كىيدۈرۈپ، ئۆزى يوغان بىر خۇرجۇننى ئارتىپ، سودىگەرنىڭ دۇكىنىغا يېتىپ كەپتۇ. سودىگەر ئېيىقنىڭ بەستىنى ۋە ئۈستىبېشىنى كۆرۈپ، نەچچە ئېگىلىپ تەزىم قىپتۇ. ھايۋان كۆندۈرگۈچى ئادەم سودىگەرگە: - بۇ كىشى مېنىڭ خوجايىنىم ئېيىقبەگ بولىدۇ. بۇ كىشى يارىغان مالنى ئېلىۋېرىدىغان، سودىدا نەرق تالاشمايدىغان ئادەم، قېنى ماللىرىنى كۆرسەتسىلە، - دەپتۇ ۋە ئېيىققا قاراپ: - كۆرۈپ باقاملا؟ - دەپ سوراپتۇ. ئېيىقبەگ: - يارايدۇ! - دەپتۇ. >راستىنلا چوڭ باي ئوخايدۇ. بۇنىمۇ بىر قىسماققا دەسسىتىپ، تازا بىر باپلاي< دەپ ئويلاپتۇ سودىگەر ۋە ئۇزۇندىن بېرى خېرىدارسىز قالغان بىر توپ رەختىنى ئېلىپ راسا ماختاپتۇ. - يارايدۇ! - دەپتۇ ئېيىقبەگ. >رەختنى تۇتۇپ كۆرمەي يارايدۇ، دەۋاتمامدۇ ماۋۇ ئەخمەق! پۈتۈن مېلىمنى كۆرسىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ سېتىۋالاي< دەپ ئويلاپتۇ سودىگەر ئىچ - ئىچىدىن خۇش بولۇپ. - بۇ رەختنىڭ باھاسى ئەللىك تەڭگە، - دەپتۇ ئۇ بىر توپ رەختنى قولىغا ئېلىپ. - يارايدۇ! - دەپتۇ ئېيىقبەگ. سودىگەر ماللىرىنى كەينى - كەينىدىن كۆرسىتىپتۇ. ئېيىقبەگمۇ قورسىقىنى سىلىغىنىچە >يارايدۇ!< دەۋېرىپتۇ. دۇكاندا مال تۈگەي دېگەندە، ھايۋان كۆندۈگۈچى ئادەم ئېيىقبەگكە قاراپ: - ماۋۇلارنى كىرا قىلغان ھارۋىغا باسقاچ تۇرايلىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - يارايدۇ، - دەپتۇ ئېيىق بەگ. ھايۋان كۆندۈرگۈچى ئادەم ماللارنى ماڭغۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، دۇكانغا كىرىپ: - ھارۋىكەش مالنى چۈشۈرۈپ قويمىسۇن. مەن ماڭغاچ تۇراي، سىلە ھېسابلىشىپ قايتارلا، - دەپتۇ ئېيىقبەگكە. - يارايدۇ، - دەپتۇ ئېيىق بەگ. ھايۋان كۆندۈرگۈچى ئادەم دۇكاندىن چىقىپ كېتىپتۇ. سودىگەر ئۇزاق ھېسابلىمايلا: - پۈتۈن مالنىڭ باھاسى ئۈچ مىڭ بەش يۈز تەڭگە بوپتۇ، - دەپتۇ. - يارايدۇ! - دەپتۇ ئېيىقبەگ. - يارىشىدا گەپ يوق، ئەمىسە پۇلىنى تۆلىۋەتمەملا؟ - يارايدۇ! سودىگەر غەزەپلىنىپ: - >يارايدۇ< نى خەجلىگىلى بولمايدۇ، پۇلنى چىقارمامسەن؟ - يارايدۇ! - دەپتۇ ئېيىقبەگ. سودىگەر ئاچچىقىدا ئېيىقبەگنى ئىشىك تاقايدىغان دەم بىلەن بىرنى ئورغانىكەن، ئېيىقبەگ: >يارايدۇ!< دەپ توۋلاپ سودىگەرنىڭ كاللىسىغا بىر مۇشت ئۇرۇپ مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چۇۋۇۋېتىپتۇ - دە، تاغقا قاراپ يول ئاپتۇ. سودىگەر ئۆلۈپتۇ، يېزا خەلقى يەنە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ئېيىق بەگ | UyghurWiki | UyghurWiki