تۈلكە بىلەن پوستەكچى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمكى زاماندا، ئامىتەك ئىسىملىك بىر پوستەكچى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر تۈپلا ئامۇتى بولۇپ، ھەريىلى مېۋىلىرى پىشىپ ۋايىغا يەتكەندە، بىر كېچىدىلا يوقاپ كېتىدىكەن، پوستەكچى دەسلىۋىدە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالماي «ماڭا نىسىپ بولمىغان چېغى» دەپ يۈرۈۋېرىپتۇ. يىللار ئۆتۈپ، پوستەكچىنىڭ قولى قىسقىراپ، ئامۇتتىن باشقا تىرىكچىلىك يولى قالماپتۇ.
بىر يىلى كۈز كەپتۇ. ئاجايىپ ئوخشىغان ئامۇت شاخ - شېخىنى كۆتىرەلمەي قاپتۇ. پوستەكچى ئامۇتنى ساقلاپ. ئۈچ كېچىنى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. ھېچ شەپە بولماپتۇ. تۆتىنچى كۈنى «سەگەكرەك ياتسام بولار»دەپ ئويلاپتۇ - يۇ، تېكىرنى ئېگىز قويۇپ ئوخلاپ قاپتۇ. تۈن تەڭدىن ئاشقاندا، ئامۇت شاخلىرى شىلدىرلىغاندەك بوپتۇ. پوستەكچى ئويغۇنۇپ قارىسا، قاپتەك بىر قېرى تۈلكە ئامۇتنىڭ ئاچىسىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، قوۋزىنى راسا تولدۇرۇپ، ئىشتىھا بىلەن ئامۇت يەۋاتقۇدەك. غەزىۋى قوزغالغان پوستەكچى پالتىنى قولىغا ئېلىپ ئامۇتقا يېقىنلىشاي دېگەندە، تۈلكە ئامۇتتىن «دىك» كىدە سەكرەپ چۈشۈپ «پارت »تىدا قېچىپتۇ. پوستەكچى قوغلاپتۇ. تۈلكە كۆز يېتىم يەردە توختاپ:
_ تۇتالمىدى ۋەي، تۇتالمىدى ۋەي! . . . ، - دەپ چاۋاك چاپتۇ.
پوستەكچى جان ئاچچىقىدا بىر قارىداپ - بىر كۆكىرىپ، قولىغا تۈكۈرۈپ، پالتىنى تۈلكىگە قارىتىپ ئېتىپتۇ. بىراق پالتا نىشانغا تەگمەپتۇ. تۈلكە بېشىنى سۇزۇپ:
_ سوقالمىدى ۋەي ، سوقالمدى ۋەي! . . . - دېگىنىچە قېچىپ كېتىپتۇ. پوستەكچى:
_ خەپ، تۇتمىغىنىمنى كۆر! - دەپ ئارقىسىغا يېنىپتۇ.
ئامىتەك پوستەكچى ئۇيان ئويلىنىپ، بۇيان ئويلىنىپ بىر چارە تېپىپتۇ؛ بىر قازان يار يىلىم قاينىتىپ ئامۇتنىڭ ئاچىسىغا تۈكۈپتۇ. ئۆزى ئۆگزىدە ماراپ يېتىپتۇ. كەچ بوپتۇ. تۈلكە غىمىسسىدا كېلىپ، ئامۇتقا يامىشىپ، ئاچىدا ئولتۇرغانىكەن، قوڭى «شاپ» پىدە چاپلىشىپ قاپتۇ. « ۋاي، ئەمدى مەن قانداق قىلاي، بولمىدى، جاننى ياقىغا ئالاي» دەپ تىپچەكلەپتۇ. ئەمما قۇتۇلۇشقا ئامال قىلالماپتۇ. پوستەكچى بىردەم تاماشا كۆرگەندىن كېيىن كۈلۈپ:
_ ھە، تۈلكە ھارامزادە، ھالىڭ نىچۈك؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ئۆزەمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن ئاكا، بىر قۇشۇق قېنىمنى تىلەي، قۇيۇۋەتسىلە كېتەي، - دەپ يېلىنىپتۇ تۈلكە.
_ ياق، - دەپتۇ ئامىتەك پوستەكچى پالتىنى تەڭلەپ، - تېرەڭنى تەتۈر سويۇپ ئامۇتقا ئاسماي قويمايمەن.
_ مېنى ئۆلتۈرسىلە پادىشاھلىقتىن قورۇق قالىلا،- دەپتۇ تۈلكە.
_ ھەي مەككار، ئەقلىڭدىن ئېزىۋاتامسەن؟
_ ياق ئاكا . . .
_ ئېيتە! مەن قانداق پادىشاھ بولالايمەن؟!
_ مېنى قويۇپ بەرسىلە ئۈچ كۈندە سىلىنى پادىشاھلىق تەختىگە چىقىرىمەن.
ئاخىرقى گەپنى ئاڭلاپ ئامىتەك پوستەكچىنىڭ بېلى بوشاپتۇ. ۋەدە ئېلىپ قويۇپ بېرىپتۇ. تۈلكىمۇ پوستەكچىدىن پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە يامانلىق قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. مەلۇم بىر شەھەرنىڭ پادىشاھ تاج، ئوغرىلاپ كېلىپ ئامىتەك پوستەكچىگە كىيگۈزۈپتۇ. ئارقىسىغا سېلىپ مېڭىپتۇ. ماڭا - ماڭا بىر شەھەرگە يېقىنلاپ بېرىپتۇ. پوستەكچىنى قەلئە كۆرۈنە - كۆرۈنمەس يەردە قالدۇرۇپ، ئۆزى شەھەرگە كىرىپتۇ. پادىشاھ ئالدىغا بېرىپ:
_ ئەي مەرت شاھىم، تاققا - تۇققا شەھىرىنىڭ پادىشاھسى بىر تۈمەن لەشكەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، يۈز ئات - خېچىردا ھەزرەتلىرىگە سوۋغا - سالام ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. يولدا قاراقچىلار ئالدىنى توساپ ھەممىنى بۇلاپ كەتتى. لەشكەرلىرى ئۆلۈپ تۈگەشتى. شاھىم يېرىم يولدا پىيادە قېلىپ، مېنى ھۇزۇرلىرىغ ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. ئۈچ مىڭ لەشكەر ياردەمگە بەرسۇن، - دەيدۇ - دەپتۇ.
پادىشاھ ئىشىنىپ، خىل لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى، پادىشاھ ئېتىدىن بىرنى تاللاپ تۈلكىنىڭ ئالدىغا سېلىپ بېرىپتۇ.
_ دوستۇمنىڭ، - دەپتۇ پادىشاھ، - لەشكەرلىرىمنى سوۋغا قىلىمەن، ئازنى كۆپكە تاۋاپ قىلىپ، قالىغانچە جەڭگە سالسۇن.
تۈلكە ئەپلەشتۈرەلىگىنىگە خوش بولۇپ، پادىشاھ ئۆزىگە ئىنئام قىلغان ئاتنى قامچىلاپ شەھەردىن ئايرىلىپتۇ. لەشكەرلەرنى ئامىتەك پوستەكچىگە تاپشۇرۇپ، «ئارقامدىن مېڭىڭلار!» دەپ قويۇپ، يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئېتىنىڭ قۇيرۇقىغا بىر باغلام شوخا سۆرىتىلگەنىكەن، نەگە بارسا شۇ يەر چاڭ - توزان ئىچىدە قالىدىكەن. تۈلكە جاڭگالنى بويلاپ، ئاللا نېمىلەرنى ئويلاپ كېتىۋاتسا، ئالدىغا لەكمىڭ - لەڭمىڭ قوي ئۇچراپتۇ. پادىچىلار پادىچىلار - چوڭ توزاننى كۆرۈپ:
_ ۋاي تۈلكە ئاداش، ئاۋۇ نېمە؟ - دەپ سورىشىپتۇ.
_تاققا - تۇققا شەھرىنىڭ پادىشاھسى غازات قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. قوي «كىمنىڭ» دەپ سورىغىدەك بولسا، «ئامىتەك پادىشاھنىڭ»دەڭلار بولمىسا كاللاڭلارنى ئالىدۇ، - دەپتۇ تۈلكە.
ئامىتەك«پادىشاھ» لەشكەرلىرىنى باشلاپ يېتىپ كەپتۇ. پادىچىلار قول باغلاپ:
_ ھەممىسى ئۆزلىرنىڭ، بىز باققاندا ئۈچ مىڭ ئىدى، ئەمدى بولدى ئۈچ يۈزمىڭ، سانىۋالسىلا، - دېيىشپتۇ. ئامىتەك پوستەكچى بۇنىڭ تۈلكىنىڭ ھىيلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ. چاندۇرماي:
_ بىر پادا ئايرىپ بېرىڭلار، ئالغاچ كېتەيلى، - دەپتۇ.
پادىچىلار «پادىشاھ» نىڭ ئەمىرىنى بىجا كەلتۈرۈپتۇ، لەشكەرلەر «ھەرنېمە بولسا، پىخسىق پادىشاھتىن قۇتۇلۇپ، باي پادىشاھقا يولۇقۇپتۇق، خۇدايا شۈكرى، ئەمدى گۆشكە تويىدىغان بولدۇق» دېيىشىپ، قوينى ھەيدەپ مېڭىپتۇ.
بۇ ياقتىكى جاڭگالدا قوي، ئۇ ياقتىكى جاڭگالدا ئات بېقىلىدىكەن. ئاتنىڭ ھەددى - ھېسابىنى ئالغىلى بولمايدىكەن. تۈلكە ئات باققۇچىلارغىمۇ ھېلىقىدەك گەپنى تاپىلاپ قويۇپتۇ. شۇڭا ئۇلار ئامىتەك «پادىشاھ» نىڭ ئالدىغا چىقىپ:
_ ئۇلۇغ شاھىم، ئامەتلىرىنى بەردى خۇدايىم. ئۇچەت - بۇ چەت ھەممىسى ھەزرەتلىرىگە تەۋە، ئاتنىڭ تولىسى جەدە، بېرەيلىمۇ تاللاپ، قاپتۇ لەشكەرلەر پىيادە، - دەپتىكەن، «پادىشاھ» لەشكەرلىرىگە:
_ بىردىن مېنىڭلار، مېنىڭ دۆلىتىمدە، - دەپتۇ.
لەشكەرلەر خوشلۇقتا ئالدىغا كەلگەننى تۇتۇپ مىنىپتۇ. يولغا پاتماي مېڭىپتۇ.
ئەمدى گەپنى تۈلكىدىن ئاڭلايمىز. تۈلكە جاڭگالدىن ئايرىلىپ، بىر يەرەگە بارسا، كاتتا بىر قورغان تۇرغىدەك. بۇ، يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ شەھىرى ئىكەن. تۈلكە يالماۋۇزنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ تۇرۇپ ۋارقىراپتۇ:
_ كەلدى، كەلدى، ئەنە كەلدى!
_ نېمە كەلدى؟!
_ يېغى كەلدى!
_ قانداق قىلاي ئەمدى؟
_ داشقا كىرىۋال.
يالماۋۇز «ماقۇل» دەپ داش قازانغا كىرىۋاپتۇ. تۈلكە تۇۋاقنى «گۈپ » پىدە يېپىپ يالماۋۇزنى دۈملەپتۇ - دە، ئاستىغا ئوت قالاپ ئۆرتەپ جېنىنى ئاپتۇ. بۇ خەۋەر ئوردا مۈشۈكىگە يېتىپتۇ.
مۈشۈك يالماۋۇز خۇجايىندىن بىزار ئىكەن. ئۇ قەسىر ئىشىكىنىڭ يوچۇقىدىن كىرىپ، تۆت يۈز ئاچقۇچنى ئېلىپ، تۈلكىنى ئارقىسىغا سېلىپ، زىندان ئىشىكىگە بېرىپتۇ. «مەن ئۇرۇق، سەن سېمىز، مەن ئورۇق، سەن سېمىز» دېگەن دە- تالاش زىنداننى بىر ئالغانىكەن. ئەسلىدە زىنداندىكىلەر يالماۋۇزنىڭ ئوزۇق - تۈلۈگى ئۈچۈن تۇتۇپ كېلىنگەنلەر ئىكەن. تۈلكە ئۇلارنى مۈشۈكنىڭ ياردىمى بىلەن ئازات قىپتۇ. ئامىتەك پوستەكچى بۇ شەھەرگە پادىشاھ بوپتۇ. لەشكەرلەر زىنداندىن چىققان قىزلارغا ئۆيلىنىپ، بالا - چاقىلىق بولۇشۇپتۇ.
ئامتەك پادىشاھنىڭ دۆلىتى زىيادە بولغانسېرى ئۆزىنى تەخىتكە چىقارغان تۈلكىنى ئانچە يادلىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن قورسىقى كۆپكەن تۈلكە بىركۈنى پادىشاھتىن:
_ مەن ئۆلسەم ئىچىلىرى ئاغرىمدۇ شاھىم؟ - دەپ سوراپتۇ. ئامىتەك پادىشاھ :
_ ۋاي ئىچىم ئاغىرىمامدىغان، سېنىڭدىن ئايرىلسام مەنمۇ ئۆلىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
تۈلكە سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ، ئون كۈنگىچە ئوردىغا دەسسىمەپتۇ. ئۇنىڭ تېرىسىنى كۆزلەپ يۈرگەن ئامىتەك پادىشاھ، تۈلكە يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ۋەزىر، مۇلازىملىرىنى ئىزلەشكە چىقىرىپتۇ.
_ داد، پادىشاھ ئالەم، - ئوڭ قول ۋەزىر، - بىچارە تۈلكە چارىباغنىڭ ئارقىسىدىكى ئېرىقتا ياتىدۇ.
_ پۇتىدىن سۆرەپ ئېلىپ كىرىڭلار! - دەپتۇ ئامىتەك پادىشاھ.
ۋەزىرلەر «خوپ» دىيىشىپ، تۈلكىنى ئالمان - تالمان تۇتۇپ ئېلىپ كىرىپتۇ. ئامىتەك پادىشاھ خۇش بولۇپ.
_ بۇرۇنراق ئۆلەرمىكىن دېسەم، ئەمدى جېنىڭ چىقىپتۇ. خەير، بۇنىڭغىمۇ شۈكرى، تېرەڭدە كېلىشتۈرۈپ بىرجۇۋا كېيەي، پەجمىدە قىلماي سويۇڭلار، - دەپتۇ.
جاللاتلار پىچاقلىرىنى بىلەپ، يەڭلىرىنى تۈرۈپ كەپتۇ. شۇ ئاندا تۈلكە ئورنىدىن چۇراپ قوپۇپ:
_ پادىشاھ قىلىپ قويسام سېنى، ئۆلتۈرەمسەن ئەمدى مېنى؟ئېيتقىن ئەي پوستەكچى، يالغانمىدى قېنى؟ - دەپتۇ.
ئوردا ئەھلى ھەيران بولۇپ «پوستەكچى» دېيىشىپتۇ. ئامىتەك پادىشاھ نۇمۇستىن تۇرالماي، پادىشاھلىق كىيىمىنى تاشلاپ يۇرتىغا كېتىپتۇ. يول بويى «ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دەپ مېڭىپتۇ