UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتۆت ھەمراھ

تۆت ھەمراھ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاسىم ئىسىملىك بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. پادىشاھ بۇ ئوغلنى بەكمۇ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ ئاسىم 27 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، دادىسى ئۇنى ئۆيلەپ قويۇش توغرۇلۇق ئېغىز ئاچماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاسىم ئوڭ قول ۋەزىرگە: - دادام مېنى ئۆيلەپ قوياي دېمىدى، قارىسام تەڭتۈشلىرىمنىڭ بىر - ئىككىدىن بالىسى بوپتۇ، سىز دادامغا بۇ مەقسىدىمنى يەتكۈزسىڭىز، دادام ماڭا خوتۇن ئېلىپ بەرسىكەن ... - دەپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر شاھزادە ئاسىمنىڭ تەلىپىنى دادىسىغا يەتكۈزۈپتۇ. - سىز بېرىپ ئوغلۇمغا ئېيتىڭ، - دەپتۇ. پادىشاھ ئوڭ قول ۋەزىرگە، - مەن ئۇنى ئۆيلەپ قويۇشنى ئاللىبۇرۇنلا ئويلىغانىدىم، بىراق ئوغلۇمنىڭ ئۆزى لايىق تاللىسۇن دەپ مۇشۇ كۈنلەرگىچە كۈتتۈم، ئۇ ئۆيلەنمەكچى بولسا، ماڭا ئوخشاش بىر پادىشاھنىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنى بۇ ئىشقا كۆندۈرسۇن، ئاندىن مەن توينى قىلىپ بېرىمەن. ئوڭ قولۋەزىر پادىشاھنىڭ بۇ شەرتىنى ئاسىمغا يەتكۈزۈپتۇ. شاھزادە ئاسىم دادىسىنىڭ بۇ گەپلىرىدىن بەكمۇ مىننەتدار بوپتۇ - دە، بىرەر شەھەر پادىشاھىنىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇشقا بەل باغلاپتۇ. ئۇ دادىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بىر نەچچە كۈن سەپەر تەييارلىقى قىلىپ، يەتتە خېچىرغا ئوزۇق - تۈلۈك، ئالتۇن - كۈمۈش قاتارلىق نەرسىلەرنى يۈكلەپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئۆزى يالغۇز يول يۈرۈپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ، سەككىز كۈن بولغاندا بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. بازاردىكى كىشىلەردىن تىڭ تىڭلاپ كۆرسە، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ بىرمۇ قىزى يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن شاھزادە ئاسىم بۇ شەھەردىن چىقىپ يەنە بىر شەھەرگە قاراپ يولغا راۋان بوپتۇ. بىر يېزىنىڭ تار كوچىسىدا كېتىۋاتسا، يول بويىدىكى چوڭ كۆلنىڭ ئىچىدىن >غالدۇر - غۇلدۇر< قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. شاھزادە خېچىرىنى كۆل تەرەپكە ھەيدەپ، كۆل ئىچىگە قارىغۇدەك بولسا، قورسىقى ئۆيدەك، پۇتلىرى تۈۋرۈكتەك، بىر ئادەم كاللىسىنى ئاستىن، ، پۇتلىرىنى ئاسمانغا قىلىپ، كاللىسى بىلەن مۇز تېيلىۋاتقۇدەك. شاھزادە ئاسىم ئۇ ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى بىردەم تاماشا قىلغاندىن كېيىن: - ھەي قانداق ئادەمسەن؟ ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟ بېشىڭ بىلەن مۇز تېيىلىپ نېمە قىلغىنىڭ ئۇ؟ - دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم شاھزادىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئۇ: - ھەي يىگىت، - دەپتۇ كۆل بويىدىكى ئاسىمغا قاراپ، - >مۇز تېزەكلەر باتۇر< دەپ ئاڭلىغانمىدىڭ؟ مەن شۇ، سەن قەيەردىن كەلدىڭ، نېمە ئىش قىلىسەن؟ - مەن ئۆزۈمگە لايىق ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن، ماڭا ھەمراھ بولساڭچۇ؟ - دەپتۇ ئاسىم ھىلىقى ئادەمگە. - بوپتۇ، سەن شاھزادە بولغىنىڭ ئۈچۈن ھەمراھ بولسام بولاي، - دەپتۇ ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن. ئۇ ئادەم كۆلدىن چىقىپ، خېچىردىن بىرىگە مىنىپتۇ. ئۇلار ئىككىسى ئالاھەزەل ئىككى ئاش پىشىم ماڭغاندىن كېيىن بىر جاڭگالغا كەپتۇ. ئۇلار چوڭ بىر تۈپ سۆگەتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئاجايىپ بىر ئادەمگە كۆزى چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ قورسىقى بەك يوغان بولۇپ، كاللىسىنى سۆگەتنىڭ تۈۋىگە تىرەپ، ھە دەپ ئىنجىقلاۋاتقۇدەك. شاھزادە ئاسىم ئۇنىڭغا قاراپ: - ھەي ئادەم، سەن نېمە ئىش قىلىسەن؟ - دەپتىكەن، ئۇ ئادەم: - مەن بولسام >بورانچى باتۇر< دۇرمەن. بىردەمنىڭ ئىچىدە بوران چىقىرىۋىتەلەيمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - بىزگە ھەمراھ بولساڭچۇ؟ - دەپتۇ شاھزادە ئاسىم. - ماڭا ئاش - نان توشىتىپ بېرەلىسەڭ ھەمراھ بولىمەن، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم. - بولىدۇ، قورسىقىڭنى ئوبدان باقىمەن، - دەپتۇ شاھزادە. شۇنىڭ بىلەن بورانچى باتۇرمۇ خېچىرنىڭ بىرىگە مىنىپتۇ. ئۈچەيلەن ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىت يول يۈرگەندىن كېيىن، بىر مەھەللىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار يولنىڭ بويىغا قارىسا، كەڭ مەيدانغا نۇرغۇن ئادەملەر توپلىشىۋاپتۇ. يېقىن بېرىپ قاراپتىكەن، ئادەملەرنى ئوتتۇرىسىدا پاكار بىر ئادەم مۈشۈكچىلىك چوڭلۇقتىكى ئىتنى ئادەم پاچىقىدەك توملۇقتىكى زەنجىردە باغلاپ، باشقا بىر ئادەمنىڭ يوغان ئىتى بىلەن تالاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن. شاھزادە: - ھەي ئادەم، ئىتىڭ مۈشۈكتەك تۇرسا، ئۇنى شۇنچە توم زەنجىردە باغلىۋاپسەن. بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ - دەپتۇ. - >ئىتۋاز نوچى< دەپ ئاڭلىغانمۇ سەن! - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم شاھزادىگە، - ئەگەر بۇ ئىتىمنى مۇشۇنداق يوغان زەنجىر باغلىمىسام ئىش چاتاق!... شاھزادە، >مۇز تېزەكلەر باتۇر<، >بورانچى باتۇر< لار ھېلىقى كىچىك ئىتنىڭ يوغان بىر ئىتنى تالىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. شاھزادە: - ئىتۋاز نوچى، ماڭا ھەمراھ بولساڭچۇ، شەھەر چۆگىلەپ كېلىمىز، - دەپتۇ. ئىتۋاز تەسلىكتە ماقۇل بوپتۇ ۋە خېچىردىن بىرىگە مىنىپتۇ. تۆتەيلەن يولغا راۋان بولۇپ، بىر كۈندىن كېيىن بىر كىچىك مەھەللىگە كەپتۇ. - ھوي، قاراڭلار! - دەپتۇ ئىتۋاز ھەمراھلارغا نېرىراقتا ئاسمانغا ياچاق نىشانلاپ تۇرغان ئادەمنى كۆرسىتىپ، - ئۇ ئادەم نېمە قىلىپ يۈرۈيدىغاندۇ؟ ئۇ دۇنيادا ئىككى سەت بولسا بىرى ئىكەنكى، ئوڭ كۆزى جىتاق، سوڭ كۆزى قارىغۇ، بىر پۇتى توكۇر، بىر قۇلىقى يوق ئىكەن. - ھەي ئادەم، بىز ساڭا قاراپ تۇرغىلى نېۋاق، ئاسمانغىلا قاراپ تۇرىسەن، بىزگە قاراپمۇ قويمايسىنا، نېمە ئادەمسەن؟ - دەپتۇ شاھزادە. - بىر يېرىم كۈنلۈك يىراقلىقتا بىر توپ ياۋا ئۆردەك ئۇچۇچ كېلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم، - مەن شۇ ئۆردەكلەرنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن نىشانغا ئېلىۋاتىمەن. سىلەر >نىياز ياچاقچى< دەپ ئاڭلىغانمۇ، مەن شۇ نىياز ياچاقچىدۇرمەن. - بىزگە ھەمراھ بولامسەن؟ - دەپتۇ شاھزادە. - نان يېمىگىلى ئىككى كۈن بولدى، يا بۇ يەردىن بىرەر ئۇچار قانات ئۆتمىدى، قورسىقىمنى تويغۇزۇپ قويغىن، ئاندىن ھەمراھ بولاي، - دەپتۇ ياچاقچى. ئۇلار بىر دەريانىڭ بويىغا كېلىپ دەم ئالغاچ، خورجۇندىكى ياغلىق توقاچلاردىن تويغۇچە يېيىشىپتۇ. ئاندىن يولغا راۋان بوپتۇ. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتە - ئۆتمەي، شاھزادە ئېلىپ كەلگەن ئوزۇقلۇقلار تۈگەپتۇ. شۇڭا ئۇلار شەھەرگە كېلىپ بولغۇچە بىر يېرىم كۈن ئاچ قاپتۇ. ئۇلار كەچ قاپتۇ. ئۇلار كەچ كىرگەندە بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ ۋە خېچىرلارغا يۈكلەكلىك ئالتۇن - كۈمۈشلەردىن سېتىپ، بىر ئاشخانىغا كىرىپ قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، سېپىلنىڭ تۈۋىدە ئۇخلاپ كېچىنى تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. ئۇلار ئاش ۋاقتى بولغاندا رەستە ئايلىنىپ بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. - بۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ ئەرگە بەرگۈدەك قىزى بارمىدۇ؟ - دەپتۇ مۇز تېزەكلەر باتۇر تاماق يېگەچ. - باردۇر بەلكىم، - دەپتۇ ئىتۋاز شاھزادە ئاسىمغا قاراپ، - بولماي قالسا سىزدەك كېلىشكەن شاھزادىگە پادىشاھ قىزى تېپىلماي قالامتى؟ .... ئاشخانىدا ئولتۇرغان بىر تۇل خوتۇن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، دەرھال بۇ شەھەر پادىشاھى ئاماننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ: - ئىھ پادىشاھى ئالەم، قايسى بىر شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ كېلىشكەن ئوغلى ئۆزىگە لايىق ئىزدەپ كەلگەنىكەن، مەن ئۇلارغا قىزلىرىنىڭ تەرىپىنى قىلدىم ۋە ئۇلارنى باشلاپ كەلدىم شاھزادە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يولدا كېلىۋاتىدۇ ... ئامان شاھ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خەزىنىچىنى چاقىرتىپ تۇل - خوتۇنغا ئالتۇن مۇكاپات بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئامان شاھ شاھزادە ئاسىمنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرۋازا ئالدىدا يۈز كۆرۈشۈپتۇ. ئامان شاھ شاھزادە ئاسىمنى ھەمدە ھەمراھلىرىنى سارايغا باشلاپ كاتتا مېھمان قىپتۇ ۋە بۇ بەشەيلەننى ئالاھىدە ھوجرىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار بىر ھەپتىگىچە ئارام ئېلىپ شەھەر ئايلىنىپ، كۆڭۈل ئېچىپتۇ. بىر كۈنى ئامان شاھ شاھزادە ئاسىمنى قېشىغا چاقىرتىپ: - سىز مېنىڭ قىزىم زۆھرەگە ئۆيلەنمەكچى بولۇپ كەپسىز، ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن يىگىتلەر قىزىمغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن كەلگەن، لېكىن شەرتلەرنىڭ بىرىنىمۇ ئورۇنلىيالماي كاللىسىدىن ئايرىلدى، سىزنىڭ ئىرادىڭىز چىڭ بولمىسا شۇنچە يىراق شەھەردىن كەلمىگەن بولاتتىڭىز. ئىلگىرى كەلگەن يىگىتلەر ئورۇنلىيالمىغان تۆت شەرتىم بار، سىز شۇ شەرتلىرىمنى ئورۇنلىيالىسىڭىز ئاندىن قىزىمنى سىزگە بېرىمەن، ئۇرۇنلىيالمىسىڭىز كاللىڭىزدىن ئايرىلىسىز، - دەپتۇ. ئامان شاھنىڭ زۆھرە ئىسىملىك قىزى جاھاندا تەڭدىشى يوق چىرايلىق ئىكەن، شاھزادە ئاسىم ئۇ قىزنىڭ تەرىپىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ، قىزنى كۆرمەيلا ئۇنىڭغا كۆيۈپ قاپتۇ. شۇڭا ئاسىم دەرھال: - شاھ دادا، شەرتلىرىنى ئورۇنداشقا تەييارمەن، ئەگەر ئورۇندىيالمىسام زۆھرە ئۈچۈن ئۆلسەم رازىمەن! - دەپتۇ. - ئەمىسە، شەرتنىڭ بىرىنچىسى، - دەپتۇ ئامان شاھ قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، - شەھەرنىڭ سىرتىدا توققۇز مو كېلىدىغان بىر چوڭ خامانغا دۆۋىلەكلىك سامانلارنى يەتتە كۈندە ئون چاقىرىم يىراقلىقتىكى جاڭگالغا يۆتكەيسىز. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شاھزادىنىڭ قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ، سوغۇق تەر بېسىپ كەتكەن ئۇستىخانلىرى تىترەشكە باشلاپتۇ. لېكىن ئۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ: شەرتلىرىنى ئورۇندايمەن، شاھ دادا! - دەپ ئارقىسىغا يانغان پېتى چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئاران تەستە ھۇجرىسىغا كىرىپتۇ - دە، ئۆزىنى گىلەمگە تاشلاپتۇ. ئۇيان ئويلاپ، بۇ يان ئويلاپ، ئاخىرى: >ھەمراھلىرىمنى باشلاپ بېرىپ ئىشقا تۇتۇش قىلاي ....< دەپتۇ ۋە ھەمراھلىرىنى چاقىرىپ، ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتىپتۇ. ئۇلار ئاسىمنىڭ تەكلىپى بويىچە خېچىرلارغا تاغار، ئارى قاتارلىق سايمانلارنى ئارتىپتۇ - دە، شەھەر سىرتىدىكى خامانغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار خامانغا كېلىپ قارىسا، دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھەددى - ھېسابسىز سامان خۇددى تاغدەك تۇرارمىش. شاھزادە ئاسىمنىڭ پۇت - قولى تېخىمۇ تىترەشكە باشلاپتۇ..... ئۇلار ئىشقا كىرىشىپتۇ. تاغارلارغا لىق سامان قاچىلاپ، خېچىرلارغا ئارتىپ توشۇشقا باشلاپتۇ. كۈن پېشىن بولغاندا شاھزادە ئاسىم: - ۋايجان، مەن بولالمىدىم، مۇشۇنداق توشۇساق يەتتە كۈن تۈگۈل يەتتە ئايدىمۇ بۇ خاماندىكى ساماننى يۆتكەپ بولالمىغۇدەكمىز، دوستلىرىم، سىلەر كېتىڭلار، مەن ئۆلسەممۇ ئۆلەي!.... - نېمە دەۋاتىسەن؟! - دەپتۇ بورانچى باتۇر ۋارقىراپ، - مەن سىلەرنىڭ قانچىلىك غەيرىتىڭلار بارلىقىنى كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە ھۈنىرىمنى تېخى ئىشقا سالمىدىم، مەن بىكارغا >بورانچى باتۇر< دەپ نام ئالغان ئەمەس، كارامىتىمنى ئەمدى كۆراڭلار!.... بورانچى باتۇر شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا، پىشانىسىنى چوڭ بىر كۆتەككە تىرەپ بىر ئىنجىقلاپتىكەن، دەھشەتلىك بوران چىقىپ كېتىپتۇ. گۈركىرەپ چىققان بوران بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئىچىدە خاماندىكى سامانلارنى يىگىرمە بىر كۈنلۈك يىراقلىققا ئاپىرىۋېتىپتۇ. بورانچى باتۇرنىڭ كارامىتىنى كۆرگەن ئاسىم قاتارلىقلار خۇشاللىقىدىن ئۆزلىرىنى باسالماي بورانچى باتۇرغا چەكسىز رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئۇلار شەھەرگە قايتىپ ئوردىغا كىرىپتۇ. باشقىلار ھۇجرىلىرىغا كىرىپ كېتىپتۇ، شاھزادە ئاسىم دەرھال ئامان شاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ: - بىرىنچى شەرتلىرىنى ئورۇندىدىم، - دەپتۇ ئاسىم ئامان شاھقا، - ئىككىنچى شەرتلىرى نېمىكىن؟ - ئالدىرىماڭ، - دەپتۇ ئامان شاھ، - ئاۋۋال راست ئورۇندىدىڭىزمۇ - يالغانمۇ، تەكشۈرۈپ كۆرەيلى. ئامان شاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىر قانچە ۋەزىر ھېلىقى خامانغا بېرىپتۇ، ئۇلار قارىسا خاماندا بىر تالمۇ سامان يوقمىش. ئۇلار دەرھال قايتىپ كېلىپ ئەھۋالنى ئامان شاھقا مەلۇم قىپتۇ. ئامان شاھ: - ئىككىنچى شەرتىم، مېنىڭ بىر چوڭ ئىتىم بار. ئۇنى بۇۋاققا قەدەر ھېچقانداق ئىت تالىۋالالمىغان. سىز بىر ئىت تېپىپ كېلىسىز، ئىككى ئىتنى تالاشتۇرىمىز. مېنىڭ ئىتىمنى سىز ئەكەلگەن ئىت تالىۋالالىسا، ئاندىن ئىككىنچى شەرتىمنى ئورۇندىغان بولىسىز، - دەپتۇ. -خوپ، شاھ دادا، - دەپتۇ شاھزادە ئاسىم ۋە قايتىپ بېرىپ، ئەھۋالنى ھەمراھلىرىغا ئېيتىپتۇ. - بۇ شەرتنى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار، - دەپتۇ ئىتۋاز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، - مېنىڭ ئىتمنى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىت تالىيالمىغان. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىتىنى جەزمەن تالىۋالىدۇ. - باشقا بىر چوڭراق ئىت تاپساق بولارمىكىن، سىزنىڭ ئىتىڭىز مۈشۈكتەك تۇرسا، پادىشاھنىڭ ئىتىغا قانداقمۇ تەڭ كېلەلىسۇن؟ - دەپتۇ شاھزادە ئاسىم. - سەن بىلمەيسەن، - دەپتۇ ئىتۋاز، - مېنىڭ ئىتىمنىڭ بىر پېنى باركى، ئۇ ئاشۇ پېنىنى ئىشلىتىپ شىرنىمۇ تالىۋالالايدۇ. ئۇلار ئىتۋازنىڭ گېپىگە كىرىپتۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن شەھەر سىرتىدىكى چوڭ بىر مەيدانغا سان - ساناقسىز ئادەملەر توپلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى:>پادىشاھنىڭ ئىتى بىلەن مۈشۈكچىلىك بىر ئىتنى تالاشتۇرارمىش، پادىشاھنىڭ ئىتى ئۇنداق كۈچۈكنى يەپلا كېتىدۇ< دېسە، يەنە بەزىلەر:>ياق، ئۇنداق دەپ قويغان بىلەن ئىتۋازنىڭ ئىتىمۇ كىچىك ئەمەستۇ...< دېيىشىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن پادىشاھنىڭ ئىتى سورۇنغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. بۇ ئىت سېمىز ھەم يوغان، قۇيرۇقى ئۇزۇن ئىكەن. ئىتنى كۆرگەنلەر>ياپىر، نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق ئىت!...< دېيىشىپتۇ. ئارقىدىنلا ئىتۋاز شاھزادە ئاسىم، مۇز تېزەكلەر، باتۇر، بورانچى باتۇر، نىياز ياچاقلارنى باشلاپ، كىچىككىنە ئىتنى ئادەمنىڭ پاچىقىدەك زەنجىردە باغلىغان پېتى مەيدانغا كەپتۇ. مەيداندىكى ئادەملەر بۇ ئىتنى كۆرۈش بىلەن سۈرەن - چوقان كۆتۈرۈشۈپتۇ. ئامان شاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى: - باشلانسۇن! - دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. بۇ گەپ بىلەن ئىككى ئىت تەڭ قويۇپ بېرىلىپتۇ. مەيداندىكى ئادەملەر بىردىنلا جىمجىت بولۇشۇپتۇ. ئامان شاھنىڭ ئىتى ھەيۋەت بىلەن داپشۇنۇپ كەپتۇ. ئىتۋازنىڭ كىچىك ئىتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئامان شاھنىڭ ئىتىنىڭ يېنىدا كۆرۈنۈپتۇ. >ئېيتماق ئاستا، قىلماق تېز< دېگەندەك، ئىتۋازنىڭ ئىتى ھېلىقى چوڭ ئىتنىڭ ئارقا ئىككى پۇتىىنىڭ ئارىلىقىغا كىرگەندەك قىپتىكەن، ئامان شاھنىڭ ئىتى قىرىغان پېتى قىقىلىپتۇ ۋە نەچچە يۇمۇلىنىپتۇ، ئورنىدىن تۇرالماپتۇ. مەيداندىكى ئادەملەر چۇقان كۆتۈرۈشۈپ، ئىتۋازنىڭ ئىتىنى ماختاپ كېتىپتۇ. ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، ئامان شاھنىڭ ئىتى جىممىدە بولۇپ يېتىپتۇ. ئىتۋاز بېرىپ ئىتنى ئۇنىڭدىن ئاجرىتىۋاپتۇ. مەيداندىكى ئادەملەر قارىغۇدەك بولسا، ئامان شاھنىڭ ئىتى جان ئۈزگەنىكەن. ۋەزىرلەر بۇ ئەھۋالنى دەرھال ئامان شاھقا يەتكۈزۈپتۇ. - ئۈچىنچى شەرتىم، - دەپتۇ ئامان شاھ ئاسىمغا قاراپ، - سىزنى ھەمراھلىرىڭىز بىلەن قوشۇپ كاتتا مېھمان قىلىشتىن ئىبارەت. سىلەرنى بىر مېھمانخانىغا باشلاپ، ئالدىڭلارغا تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى كەلتۈرىمىز. سىلەر ئىككى كېچە - كۈندۈزدە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولالىساڭلار، ئاندىن بۇ شەرتىمنى ئورۇندىغان بولىسىز. - خوپ شاھ دادا، - دەپتۇ شاھزادە ئاسىم ۋە قايتىپ كېتىپ، ئەتىسى ھەمراھلىرىنى باشلاپ كەپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ۋەزىرلەر بۇ بەش كىشىنى يەتتە گەز ئىگىزلىكتىكى تۆمۈر ئۆيگە باشلاپتۇ. ئۇلار تۆمۈر ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىسا، ئۆينىڭ ئىچى تۆگە، ئات، كالا، قوتاز، قوي قاتارلىقلارنىڭ گۆشلىرى ۋە كۆمەچ، قۇيماق، كاكچا، توم نان، قېتىق ۋە يەل - يېمىشلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۇلار ئۆيگە كىرىپ بولۇشى بىلەنلا يايىلار ئىشىكنى تېشىدىن قۇلۇپلىۋاپتۇ. ئۇلار يېمەكلىكلەرنىڭ جىقلىقىدا ئولتۇرغۇدەك يەر تاپالماي، ئۆرە تۇرغان پېتى نەرسىلەرنى يېيشكە باشلاپتۇ. ئۇلار سولانغان تۆمۈر ئۆينىڭ يا دېرىزىسى، يا تۈڭلۈكى يوقكەن. پەقەتلا ئۈستى تەرەپتىن يورۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۈگمىدەك - تۈگمىدەك تۆشۈكچىلەر ئېچىپ قويۇلغان ئىكەن. - ئاھ، خۇدا، - دەپتۇ شاھزادە ئاسىم، - بۇ نېمىدىگەن قاتتىق شەرت؟ بۇ نەرسىلەرنى قانداقمۇ ئىككى كېچە - كۈندۈزدە يەپ تۈگەتكىلى بولسۇن؟ ئەمدى كاللامدىن ئايرىلىدىغان بولدۇم... - ئەمدى، - دەپتۇ نىياز ياچاقچى جىتاق كۆزىنى قىسىپ، - بۇ شاھزادە بىلەن قوشۇپ بىزلەرنىمۇ ئۆلتۈرىۋېتىدىغان بولدى - دە! ئارىدىن بىر كېچە - كۈندۈز ئۆتۈپتۇ، ئۇلار ھەر قانچە يەپمۇ ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئون ھەسسىسىنىڭ بىرىنىمۇ يەپ بولالماپتۇ، ئاخىرى شاھزادە ئاسىم بىلەن نىياز ياچاقچى يىغلاشقا باشلاپتۇ.... - ھوي، سىلەرگە نېمە بولدى؟ - دەپتۇ بورانچى باتۇر بىلەن مۇز تېزەكلەر باتۇر، - ئۈچۈڭلارنى ئاچ قالمىسۇن دەپ بىز ئىككىمىز بىر نەرسە يېمىدۇق. ئەگەر بۇ نەرسىلەرنى بىز يەپ تۈگىتىۋەتسەك يەنە بىر كېچە - كۈندۈزگىچە قورسىقىڭلار ئاچ قالىدۇ.... - ھوي، مۇنداق گەپ بارمۇ تېخى؟ - دەپتۇ ئىتۋاز خۇشال بولۇپ، - بولدى، بىزنىڭ نەچچە كۈنگىچە قورسىقىمىز ئاچمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار بۇ نەرسىلەرنى تۈگىتىشنىڭ ئامالىنى قىلساڭلار، بىز سىلەردىن ئۆلگىچە خۇشال بولاتتۇق. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان مۇز تېزەكلەر باتۇر بىلەن بورانچى باتۇر - بىر - بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپتۇ - دە، گۆش - نان، يەل - يېمىشلەرنى دەم تارتىپ يېگىلى تۇرۇپتۇ... كەچ بوپتۇ، مۇز تېزەكلەر باتۇر، بورانچى باتۇردىن باشقا ئۈچەيلەن يېگەن نەرسىلەرنى سىڭدۈرەلمەي خام كېكىرىپ يېتىپتۇ. تاڭ ئېتىشقا يېقىن ھېلىقى ئىككىيلەن ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ بوپتۇ. چۈش بولغاندا شاھزادە ئاسىم، ئىتۋاز، ياپاقچىلار كۆزلىرىنى ئۇۋلىشىپ ئۇيقۇسىدىن ئويغانسا ئۆيدىكى يەيدىغان نەرسىلەر يوق تۇرغۇدەك. بۇ ئۈچەيلەننىڭ كەچ بولۇپ بولغۇچە قورساقلىرى ئېچىپ، ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كېتىپتۇ، ئۇلار قولىرىغا تۆگە ، كالىلارنىڭ يوغان سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ، يايىلارنىڭ ئىشىكنى ئېچىشىنى كۈتۈپتۇ. كەچ كىرىپتىكەن، مۆھلەت توشۇپتۇ. يايىلار ئىشىكنى شۇنداق ئېچىشىغا ھېلىقى قورسىقى ئېچىپ چىدىيالمىغان ئۈچەيلەن قوللىرىدىكى يوغان سۆڭەكلەر بىلەن يايىلارنى ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ.... ھاي - ھاي.... ئۇنداق قىلماڭلار، بىزنى بېكارغا ئۇرماڭلار، - دەپتۇ يايىلار. - سىلەر بىزنى مېھمان قىلىمىز دەپ بۇ ئۆيگە سولاپ قويۇپ ئاچ قويۇشتۇڭ، بىز ئاچلىقتىن ئۆلگىلى تاس قالدۇق، - دەپتۇ ھېلىقى ئۈچەيلەن تەڭ ۋارقىراپ. بۇ ئەھۋالدىن ئامان شاھ خەۋەر تېپىپ، قۇيقى چېچى تىك تۇرۇپتۇ - دە، ئۆزىنى باسالماي قاپتۇ. - مېنىڭ، - دەپتۇ شاھ ۋەزىرلىرىگە، - قىزىمنى ئۇنداق يىراق شەھەرگە ئەرگە بەرگۈم يوق، ئاسىم دېگەن بالا كەلگەندە ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۋېتەي دېگەنىدىم، ئۇنداق قىلسام دادىسى ئاڭلىسا مەندىن خاپا بولار دەپ ئويلىدىم - دە، شەرتنى تازا ئېغىر قويسام ئورۇنلىيالمايدۇ، ئاندىن ئۆزى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن ئۇلار شۇنچە ئېغىر شەرتلىرىمنى ئورۇنلىدى. ئەمدى مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يۇرتلىرىغا قايتىشتىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىمەن، سىلەر بېرىپ ئۇلارغا: >پادىشاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەرتى قالدى، سىلەر بىر قېتىم تاماق يېگەنچە ھېلىقى يەتتە گەز ئېگىزلىكتىكى تۆمۈر ئۆيدە بىر كېچە - كۈندۈز سىرتقا چىقماي ياتىسىلەر، ئاندىن شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىغان بولىسىسلەر< دەڭلار. ئۇلار تۆمۈر ئۆيگە كىرىپ بولغاندا شەھەر خەلقىنى يەتتە گەز ئېگىزلىكتىكى ئۆينىڭ ئەتىراپىغا ئوتۇن دۆۋىلەيمىز - دە، ئوت قويۇۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام - ۋەسسالام.... ۋەزىرلەر پادىشاھنىڭ دېگىنى بويىچە، شاھزادە ئاسىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ھېلىقى تۆمۈر ئۆيگە يەنە باشلاپتۇ ۋە ئىشىكنى سىرتىدىن مەھكەم قۇلۇپلىۋاپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە شەھەر خەلقى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئات - ئولاقلارنى ئىشقا سېلىپ بىر كۈندە تۆمۈر ئۆينىڭ ئەتراپىغا ھەددى - ھېسابسىز ئوتۇن دۆۋىلەپتۇ، ۋەزىرلەر ئوتۇنغا ئوت قويۇۋتىپتۇ.....ئۆينىڭ ئىچىدىكىلەر>ئىشىكنى مانا ئاچار، ھېلى ئاچار< دېيىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئولتۇرۇپ - ئولتۇرۇپ، ئاخىرى ھەممىسى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بىر چاغدا ئوت ئۇلغىيىپ تۆمۈر ئۆينىڭ ئاستى تەرىپىنى قىزىتىشقا باشلاپتۇ. - ۋايجان - ۋايجان!... - دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ سەكرىگىلى تۇرۇپتۇ شاھزادە ئاسىم، - ئۆي بەك قىزىپ كەتتى، بۇ نېمە ئىش؟ .... شاھزادە ئاسىمنىڭ نالىسىنى ئاڭلىغان باشقىلارمۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مۇز تېزەكلەر باتۇردىن باشقا تۆتەيلەن ئۆينىڭ ئىچىدە ئاللا - توۋا قىچقىرىپ يۈگۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلار قارىسا مۇز تېزەكلەر باتۇر بىر بۇرجەكتە خىيالىي ئولتۇردۇغۇدەك، تۆتەيلەن يۈگۈرۈشۈپ بېرىپ ئۇنىڭ ئىككى دولىسىغا چىقىۋاپتۇ. مۇز تېزەكلەر باتۇر ئورنىدىن بىر تۇرۇپتىكەن، >گۈلدۈر - گۈلۈپ< قىلىپ، ھەممىسى ئوڭتەي - توڭتەي يىقىلىپتۇ... - ئۆلدۈم - ئۆلدۈم... - ئاھ خۇدا، ئاھ ۋايجان... - ۋايجان - ۋاييەي، ۋايجان... - ھەي، نېمە بولۇشتۇڭ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ بىر چەتتە قاراپ تۇرغان مۇز تېزەكلەر باتۇر، - نېمانداق جىم تۇرۇشالمايسەن؟... ئۇنىڭ گېپىنى ھېلىقى تۆتەيلەن ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ جېنى بىلەن قالدىمۇ، ھېچقايسىسى ئۈندىمەپتۇ. مۇز تېزەكلەر باتۇر شۇنداق قارىسا ئۆينىڭ بىر تەرىپى قىزىرىپ قاپتۇ. ھېلىقى تۆتەيلەن قەيەرگە دەسسىسە تۈتۈن چىقارمىش... بۇ ھالنى كۆرگەن مۇز تېزەكلەر باتۇر ئەھۋالنىڭ تېگىنى چۈشىنىۋاپتۇ - دە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، كاللىسىنى بۇلۇڭغا تاقاپتۇ. ئاندىن >يا پىرىم!< دەپ ئىنجىقلاپتىكەن، ئارقا تەرىپىدىن تاۋۇزدەك، كاللىدەك مۇزلار پارتىلاپ چىققىلى تۇرۇپتۇ، بىر دەمدىلا ئۆينىڭ ئىچى مۇز بىلەن توشۇپتۇ. ھېلىقى تۆتەيلەن دەسلەپتۇ خۇشال بولۇشۇپتۇ، كېيىن توڭلىغىنىدىن دىر - دىر تىترىشىپ جىم ئولتۇرالماپتۇ. تۆمۈر ئۆينىڭ سۇ ئۆتكۈدەكمۇ تۆشۈكى - يوچۇقى بولمىغاچقا، بىردەمدىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچىدىكى مۇزلار ئېرىپ، ئۆي سۇغا توشۇپتۇ. ئۇلار سۇدا قاپتۇ. بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتۈپتىكەن، سۇ قىزىپ قاپتۇ. مۇز تېزەكلەر باتۇردىن باشقا تۆتەيلەن يەنە ۋارقىراشقا باشلاپتۇ. مۇز تېزەكلەر باتۇر بايىقىدەك كارامىتىنى يەنە ئىشقا سېلىپ سۇنى سوۋۇتۇپتۇ... كېچە ئۆتۈپ تاڭ ئېتىپتۇ. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى تۆمۈر ئۆيدىكى بەشەيلەننى >كۆيۈپ بولغاندۇ< دېيىشىپ، تۆمۈر ئۆينىڭ ئىشىكىنى شۇنداق ئاچقانىكەن، ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىققان سۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى ئېقىتىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئازگالدىن ئېلىپ كېلىنىپتۇ. زەخىملەنگەن بەدەنلىرىنى ئەمچى ئەملەپتۇ، پادىشاھ بىر ھەپتىگىچە قىمىر قىلماي يېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئوڭ قول ۋەزىرى ۋە مەسلىھەتچىسىنى چاقىرتىپ، قىزى زۆھرەنى شاھزادە ئاسىمغا بېرىش - بەرمەسلىك ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپتۇ. -ئى پادىشاھىم، - دەپتۇ قېرى مەسلىھەتچى، - بىز ئۇرلارغا شۇنچە ئېغىر شەرتلەرنى قويدۇق، مېنىڭچە، قىزلىرى زۆھرە بىلەن شاھزادە ئاسىم خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر بولسا كېرەك، شۇنداق بولغاچقا، بىزنىڭ پىلانلىرىمىزمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. مېنىڭچە... ئامان شاھ مەسلىھەتچىسىنىڭ ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ: - سۆزلەڭ، سۆزلەۋېرىڭ! - دەپتۇ. - مېنىڭچە، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ قېرى مەسلىھەتچى، - شاھزادە ئاسىم بىلەن قىزلىرى زۆھرەنىڭ تويىنى قىلىپ قويساقمىكىن. - مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، - دەپتۇ ئوڭ قول ۋەزىر، - توي قىلىشتىن بۇرۇن بىر شەرت قويايلى، شەرتىمىزنى يەنە ئورۇنلىيالىسا، ئاندىن بۇ بىر جۈپ ياشنى ھەقىقەتەنمۇ خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر ئىكەن دەپ ھۆكۈم قىلايلى، شەرتىمىزنى ئورۇندىيالمىسا، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرسەك بولارمىكىن... پادىشاھ بۇ گەپكە قوشۇلۇپتۇ ۋە شاھزادە ئاسىمنى چاقىرتىپ: - ئوغلۇم، سەن مېنىڭ تۆت شەرتىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇندىدىڭ، مەن قىزىم زۆھرە بىلەن توي قىلىشىڭغا رازى، - دەپتۇ. بۇ چاغدا زۆھرە پادىشاھنىڭ يېنىدا ئىكەن. ئۇ شاھزادە ئاسىمنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا كۆيۈپ قاپتۇ. شاھزادە ئاسىممۇ زۆھرەنى كۆرۈپ ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قاپتۇ. بىردەم جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن ئامان شاھ: - قىزىم زۆھرە، سەن ئاسىم بىلەن توي قىلىشنى خالامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. زۆھرە يەردىن بېشىنى كۆرۈمەي تۇرۇپ، دادىسىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە: - دادا، مېنىڭمۇ بىر شەرتىم بار، ئورۇندىيالىسا رازى بولىمە، - دەپتۇ. قىز ئاسىمغا شەرتنى ئېيتىپتۇ. شەرتنى ئاڭلىغان شاھزادە ئاسىم يۈرىكى پولۇلدىغان پېتى ھوجرىسىغا قايتىپتۇ ۋە ھېلىقى تۆت ھەمراھىنى بىر يەرگە جەم قىپتۇ. - ھەمراھلىرىم، - دەپتۇ شاھزادە، - ئەمدى ئامان شاھ ئىختىيارىنى قىزى زۆھرەگە قويغانىدى. زۆھرە يەنە بىر شەرتنى قويدى، بۇ شەرتنى قانداقمۇ ئورۇندىغىلى بولار؟ .... - قانداق شەرتكەن ئۇ؟ - سوراپتۇ تۆتەيلەن تەڭلا. ئاسىم ناھايىتى پەرىشانلىق ئىچىدە: - زۆھرە يەتتە كەپتەرنى ئاسمانغا تەڭ قويۇپ بېرىدىكەن. ئۇ يەتتە كەپتەرنى بىر قېتىم ياچاق ئېتىش بىلەن يەرگە چۈشۈرەلىسەك، شەرتىنى ئورۇندىغان بولىمىزكەن، - دەپتۇ. تۆتەيلەن بىر - بىرىگە قارىشىپتۇ. نىياز ياچاقچىدىن باشقىلار غۇلغۇلا قىلىشىپ، بۇ شەرتنى ئورۇندىغىلى بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپتۇ. - شۇ شەرتنىمۇ ئورۇندىغىلى بولمامدىكەن؟ - دەپتۇ نياز ياچاقچى دەس تۇرۇپ، - غەم قىلماڭ شاھزادە، مەن سىزگە بىكارغا ھەمراھ بولمىغان. ھېلىغۇ يەتتە كەپتەر ئىكەن، 17 ياۋا غازنىمۇ بىر ياچاق ئاتقانچە يەرگە چۈشۈرگەن ئادەممەن.... ئەتىسى شەھەر سىرتىدىكى مەيدانغا نۇرغۇن ئادەم توپلىشىپتۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە زۆھرە يەتتە كەپتەرنى قويۇپ بېرىپتۇ. كەپتەرلەر قانات قېقىپ ئۆرلەپ ئۇچقانچە يىرقلاپ كېتىپتۇ. مەيداندىكى ئادەملەر بىر چەتتە جىرتاق كۆزىنى قىسىپ تۇغان نىياز ياچاقچىغا قاراپ كۈلۈشكىلى تۇرۇپتۇ. - ئېتىپ چۈشۈرەلمەيدۇ.... - ھەرگىزمۇ ئېتىپ چۈشۈرەلمەيدۇ، قانداق بىر ئوق بىلەن يەتتە كەپتەرنى يەرگە چۈشۈرگىلى بولسۇن. .................. ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي، كەپتەرلەر چۆگىلەپ قايتىپ كەپتۇ. مەيداندىكى ئادەملەر يەنە سۈرەن - چوقان سېلىشىپتۇ. كەپتەرلەر يېقنلاپ كەلگەندە ئادەملەر جىم بولۇشۇپتۇ. بىر پۇرتىنى چوڭ تاشقا ئېلىپ، ياچىقىنىڭ كىرىچىنى راسا تارتىپ تۇرغان نىياز ھەممەيلەننى جەلىپ قىپتۇ. كەپتەرلەر ئۈستىگە كەلگەندە نىياز ياچىقىنىڭ كىرىچىنى قويۇۋەتكەنىكەن، >پالاق - پالاق< قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كەپتەرلەرنىڭ ھەممىسى زۆھرەنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ جان ئۈزۈپتۇ.... بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئامان شاھ ھېلىقى قېرى مەسلىھەتچى ۋە ئوڭ قول ۋەزرىنى چاقىرتىپ، قايتا مەسلىھەتلىشىپتۇ. - دېمەك، - دەپتۇ قېرى مەسلىھەتچى، - زۆھرە بىلەن شاھزادە ئاسىمنىڭ ئەسلىدىن رىسقى چېتىلغان، شۇڭا تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۇلارغا قويۇلغان شەرتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاسانلا ئورۇندالدى. بۇ ئىككى ياشنى مۇردىغا يەتكۈزۈپ قويساق، پادىشاھىم.... پادىشاھ قايىل بوپتۇ. ئۇ شاھزادە ئاسىم ۋە ئۇنىڭ تۆت ھەراھىنى چاقىرىپ، ئۇلارنى قايتىدىن كاتتا مېھمان قىپتۇ. ئارىدىن يەتتە كۈن ئۆتكەندە توي تەييارلىقى پۈتۈپتۇ. ئامان شاھ 40 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، قىزى زۆھرەنى شاھزادە ئاسىمغا بېرىپتۇ. شاھزادە ئاسىم قىيىن ئاتىسى ئامان شاھ بىلەن خوشلىشىپ، ئۈچ كۈن تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ھېلىقى تۆت ھەمراھىنى ئېلىپ شەھىرىگە قايتىپتۇ. ئاسىم قاتارلىق ئالتەيلەن ئالدىدا 40 كېنىزەك، ئارقىسىدا 40 كېنىزەك ماڭغان ھالدا، ئۆز شەھىرىگە داقا - دۇمباق، ناغرا - سۇنايلارنى ياڭراتقان پېتى كىرىپ كەپتۇ. كىشىلەر شاھزادە ئاسىمنىڭ باشقا شەھەر پادىشاھىنىڭ قىزىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇ خۇش خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ ئوغلىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئوغلىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ ۋە ئۆز شەھىرىدە يەنە ئۇلارغا 40 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. تويدىن كېيىن مۇزتېزەكلەر باتۇر، بورانچى باتۇر، ئىتېۋاز، نىياز ياچاقچىلار شاھزادە ئاسىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - خوش، ئۇكا، ئەمدى بىز يۇرتىمىزغا قايتايلى، - دەپ كەتمەكچى بوپتىكەن، شاھزادە ئاسىم دادىسىغا ئېيتىپ بۇ تۆت ھەمراھىنى بىر مۇنچە ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن ئالاھىدە تارتۇقلاپ، ئۇلارغا چەكسىز رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: لوپ ناھىيە يۇرۇڭقاش يېزىسىدىن ئۇبۇلقاسىم ھۆرمەت.
← بارلىق تېمىلار چوچاق