UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقشاھ كوزا

شاھ كوزا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا بىر ئەر - خوتۇن ئۆتكەن ئىكەن. ئېرى ئەتىدىن كەچكىچە ئىشلەپ ھارمايدىكەن، خوتۇنى بىكار يېتىپ يوقسۇزلۇقتىن زارلايدىكەن. بىر كۈنى ئېرى بىر كاللەك پاختا ئېپكېلىپ خوتۇنىنىڭ ئالدىغا تاشلاپتۇ. _ خوتۇن، بۇ پاختىنى ئىگىرىپ يىپ قىل، يىپنى ماتا قىلدۇرايلى، ھېيت يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆزۈڭگە ھېيتلىق كىيىم قىلىۋال، - دەپتۇ، ئەتىسى قارىسا پاختا ئۆز جايىدا تۇرغۇدەك. _ نېمىشقا ئېگىرمىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ ئېرى. _ جۈمە كۈندە يىپ ئېگىرگەن يامان دىيىشىدۇ، ئەتە ئىگىرەي دېدىم، - دەپتۇ خوتۇن. جۈمە ئۆتۈپ شەنبە كەپتۇ. پاختا چاق قېشىغا يىقىن يولۇماپتۇ. ئېرىنىڭ گەپ قىلماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خوتۇن دەرھال: _ مېنى ئېگىرمىدى دەپ ئويلاپ قالمىسىلا، بۈگۈن شەنبە بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋىممۇ يوق. تايىنلىق خۇدا سالامەت قىلسا دۈشەنبىدىن تارتىپ ئېگىرمەيمەنمۇ؟ - دەپ ئېرىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپتۇ. خوتۇنىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەي يەنە بىر ھەپتە ئۆتۈپتۇ. پاختا ئىگىرىلمەپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەر ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ «ئۆزەڭگە قىلىدىڭ» دەپتۇ - دە، ئىشىغا كېتىۋېرىپتۇ. ھەپتىلەر، ئايلار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ئەتىگەندە يېزا مەسچىتنىڭ ئېگىز ئۆگزىسىدىن ناغرا ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. خولۇم - خوشنىلار ھېيىتلىق كىيىملىرىنى كىيشىپ ، ئۆز ئارا بىر - بىرىنى ھېيتلاشقا باشلاپتۇ. ئەر نامازدىن كەلسە خوتۇنى پەرىشان ھالدا ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرغۇدەك. _ خوتۇن، - دەپتۇ ئەر، - ئادەملەر بىر - بىرىنى ھېيىتلاۋاتىدۇ. سەنمۇ چىقىپ ئاتا - ئاناڭنى، خولۇم - خوشنىلارنى ھېيتلاپ كەلگەن بولساڭ ياخشى بولاتتى! _ ۋاي بەرىكە تاپمىغۇر! - دەپتۇ خوتۇن ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، - قىلغان گېپىڭدىن ئايلىناي. مېنىڭ مۇشۇ ئولۇغ ھېيت - ئايەم كۈنلىرىدە ئاپتاپقا غېرىپسىنىپ ئولتۇرۇشۇم. سەن راۋاج تاپماسنىڭ كاساپىتىدىن بولدى. ئۆزەڭ ئويلاپ باق، مۇشۇ جۇل - جۇل كىيىملەر بىلەن قانداقمۇ ئاتا - ئانا، خۇلۇم - خوشنىلارغا كۆرۈنەلەيمەن؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆلگۈنۈم ياخشى. ئىست! شورلۇق پېشانەم، سەندەك نەس باسقان ئەرگە مېنى نېمىشقىمۇ نېسىپ قىلغان بولغىيدى؟ خوتۇن يىغلاپ تۇرۇپ ئېرىنى ئۇياتلىق سۆزلەر بىلەن بولۇشىچە قاغاپتۇ. ئەر گەپ - سۆز قىلماي ھويلىدىن ئۆيگە كىرىپتۇ. قارىسا ھېيتلىق مەززە تەييارلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆيمۇ سۈپۈرۈلمەپتۇ. ئۇن - ئۇن پېتىچە، ياغ - ياغ پېتىچە، ئۆي ئىچى چۆل، كۇلۇڭدا كۈل تۇرغۇدەك. ئۇنىڭ كۆزى ئۇزاقتىن بېرى ئىگىرىلمەي تۇرغان پاختىغا چۈشكەندە غەزىپى مىڭ گەز ئۆرلەپتۇ. ئۇ ئىچىدە: «خەپ، ھورۇنلۇقۇڭنى ئەل ئالدىدا شەرمەندە قىلمىسام!» دەپ ئويلاپتۇ ۋە بىردىنلا بۇلۇڭدا تۇرغان تېگى تۈشۈك كوزىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. ئۇلار بۇ كوزىنى مۇشۇ يېزىنىڭ ئادىتى بويىچە شاھ كوزا دەپ ئاتىشىدىكەن. ئەر شاھ كوزىنى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا يۆتكەپ قويۇپ، ئىشكىنى يېپىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئەر ھويلىدىن چىققاندىن كېيىن قېيىنئاتا ، قېيىنئانا ۋە مەھەللە جامائىتىنى ئۆز ئۆيىگە ھېيتلاپ كېلىشكە تەكلىپ قىپتۇ. مېھمانلار توپلىشىپ ھويلا ئالدىغا كەپتۇ. ئەر بولسا دەرۋازىنى قېقىپ توۋلاپتۇ: _ ھوي خوتۇن، دەرۋازاڭنى ئاچ! مېھمان كەلدى، چاپسان بول! بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، دەرۋازا ئېچىلماپتۇ، ئەر تامدىن سەكرەپ چۈشۈپ دەرۋازىنى ئېچىپتۇ ۋە مېھمانلارنى ئۆيگە باشلاپتۇ. مېھمانلار ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن ھېيىتلىق نان - نىشان يوق. ئەر بولسا، خاتىرجەم ھالدا مېھمانلارنىڭ ئالدىغا داستىخان ساپتۇ ۋە شاھ كوزىنى قۇچاقلاپ كۆتىرىپ داستىخانغا قويۇپتۇ. ھەممەيلەن ھەيران بولۇشۇپتۇ. _ قېنى مۆھتىرەم مېھمانلار، ئاز بولسىمۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ ھېيتلىقى، ئەيىپ ئەتمەي بېقىشسىلا، - دەپتۇ ئەر. مېھمانلار بىر - بىرىگە قارىشىپ، بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق بېقىشنى بىلەلمەي قاپتۇ. _ بۇنچىۋالا شاراپ تەييارلاپ نېمە ئاۋارە بولاتتىڭىز، ھەممىمىزنى مەست قىلىپ بىر يولى يېقىتاي دېدىڭىزمۇ؟ بىزگە پەقەت بىر لىكەن نان ۋە چاي بولسىلا كۇپايە قىلاتتى، - دەپتۇ مېھمانلاردىن بىرى. - يوقسۇ، شاراب ئەمەس، ھۇرۇن خوتۇننى ھېيتلىقى، - دەپتۇ ئەر. مېھمانلار تېخىمۇ ھەيران بولۇشۇپتۇ. ئەدەپ - قائىدىنى ساقلاش ئۈچۈن ھېچكىم كوزىغا قارىيالماپتۇ. _ بەلكى قىمىز ياكى قېتىقتۇ؟ بۇنى بۇنداق چوڭ كوزىدىن بۆلۈپ ئىچىشمۇ قىيىن، قېنى، ئۆزىڭىز چىنە - قاچىلارنى ئېپكىلىپ بۆلۈپ بېرىڭ، - دەپتۇ قېيناتىسى. _ بولىدۇ، ئۆزەم بۆلۈپ بېرەي، - دەپتۇ ئەر ۋە: ئازنە، دېدىڭ ياتتىڭ، شەنبە، - دېدىڭ ياتتىڭ. بارچە ئەل ھېيت ئوينىسا _ كوزىغا كىرىپ ياتتىڭ. ئەلگە ئىبرەت بولسۇن دەپ، شاھ كوزىنى چاقتىم - دەپ، كوزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە بىر ئۇرغان ئىكەن، كوزا پارە - پارە بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىن يالىڭاچ بىر ئايال چىقىپتۇ. ھەممەيلەن ھاڭ - تاڭ قاپتۇ. ئەر بولسا بولغان ئەھۋالنى باشتىن ئاياغ سۆزلەپ بېرىپتۇ. ھورۇن خوتۇن مېھمانلار كېلىپ دەرۋازا قېقىلغاندا كىيىملىرىدىن نومۇس قىلىپ موككىلى يەر ئىزلەپتۇ ۋە ئېرى مەقسەتلىك قويۇپ قويغان شاھ كوزىغا كىرىۋالماقچى بولۇپتۇ ۋە كىيىم بىلەن پاتمىغانلىقتىن يالىڭاچ بولۇپ كىرگەن ئىكەن. كۆپچىلىك بولغان ئەھۋالنى ئاڭلاپ ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگۈدەك كۈلۈشۈپتۇ. ھورۇن ئايال ھورۇنلۇق قىلىغىنى ئۈچۈن، ئاتا - ئانىسى بولسا قىزىنى ھورۇن قىلىپ ئۆستۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىزادىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپتۇ. مېھمانلار ئايالغا ۋە ئاتا - ئانىسىغا نەسىھەت قىپتۇ، ئايالغا كىيىم كىيگۈزۈپ بىللە ھېيتلىشىپتۇ. شۇندىن تارتىپ ھورۇن خوتۇن ھورۇنلۇق قىلمايدىغان بولۇپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى بىللە ئىشلەپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق