قىز كىمگە تەئەللۇق؟
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىم زاماندا، بىر پادىشاھنىڭ ناھايىتى ساھىپجامال بىرلا قىزى بار ئىكەن. شۇڭا پادىشاھ ئۇنى بەكمۇ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلىپتۇ. قىز بالاغەتكە يەتكەندە «قىزىمنى ئوبدانراق بىرسىگە ياتلىق قىلىپ، ئاتىلىق قەرزىمنى ئادا قىلسام» دەپ ئويلىنىدىغان بوپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، شاھنىڭ ھوزۇرىغا بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ يەردىن ئەلچى كەپتۇ ۋە تەڭ باراۋەر شاھ ھوزۇرىغا كىرىپ، داستىخان ئېچىپ، قىزى توغرىلىق ئېغىز ئېچىشىپتۇ.
ئەلچىلەرنىڭ ئۈچىلىسى ناھايىتى چوڭ ئەلنىڭ شاھزادىلىرى ئۈچۈن ئەلچى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. شۇڭا شاھ ناھايىتى خىجالەتتە قېلىپ، قانداق جاۋاب بېرىشىنى بىلمەي قاپتۇ. ۋەزىرلىرى بىلەن بىر ئاز مەسلىھەتلىشىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپتۇ. ئەقىللىق ۋەزىر: «شاھىم بۇ ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل ئىش، لېكىن چارىسىمۇ ئاسان، بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ قولىغا مىڭ تىلادىن پۇل تۇتقۇزۇپ سودىغا بۇيرۇيلى. ھەر بىرى بىر - بىرىنڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە خاسىيەتلىك سوغات تېپىپ كەلسۇن. بۇلار تېپىپ كەلگەندە قايسىسىنىڭ مۆتىۋەرەك بولسا شۇنىڭغا بۇيرۇيلى. بۇنڭغا ئۇلارمۇ رازى بولۇشىدۇ. بىزمۇ تەڭلىكتىن قۇتۇلىمىز» دەپتۇ. بۇ مەسلىھەت شاھ باشلىق ھەممەيلەنگە ناھايىتى خۇش كەپتۇ.
ئەسلىدە شاھزادىلەر ئۆزلىرى ئەلچى بولۇپ كېلشكەن ئىكەن. ئۇلار شاھنىڭ تەلىۋىگە رازى بولۇشۇپ بىرلىكتە سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. كۆپ شەھەرلەرنى ئارىلاپ چوڭ بىر شەھەرگە كەپتۇ. بازار كۈنى ئىكەن. شاھزادىلەر «ھەممىمىز توپلىشىپ يۈرسەك ئوڭۇشلۇق سودا قىلالمايمىز. شۇڭا بۆلۈنۈپ سودا قىلايلى، ئۇچرىشىدىغان جايىمىز يەنە مۇشۇ ساراي بولسۇن، قايتىشىمىزدا بىللە قايتايلى» دەپ ۋەدە قىلىشىپ ئايرىلىشىپتۇ.
بىرىنچى شاھزادە ئۆزى ماڭغان تەرەپلەردىكى كوچا - رەستىلەرنى ئۇزاق ئارىلاپتۇ ۋە ئۆزىگە ياققۇدەك ھېچبىر خىسلەتلىك مال ئۇچرىتالماپتۇ. ئاخىرىدا بىر فارفۇر قاچا، ئەينەك بازىرىغا كەلگەندە، بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا نۇرغۇن ئادەمنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. يىگىت يېقىن بېرىپ قارىسا، دۇكاندار ئاجايىپ چىرايلىق، نەقىشلەنگەن بىر ئەينەكنى ماختاۋاتقان ئىكەن:
- بۇ ئەينەك - خاسىيەتلىك ئەينەك! بۇ ئەينەك يىراق - يىراقلارنى كۆرسىتەلەيدۇ. ھەر قانداق كىشى يىراق بىر جاينى كۆرمەكچى، ئۇ يەردىكى ئەھۋالنى بىلمەكچى بولسا، بۇ ئەينەكنى شۇ ياققا توغرىلاپ تىلىگىنى ئېيىتسا، ئەينەك ھەممىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەينەكنىڭ باھاسى مىڭ تىللا، بىر تىللا كەم ياكى ئارتۇق ساتمايمەن.
شاھزادە: «بۇ ئەينەك مەن ئىزلەپ يۈرگەن سوغاتلىقنىڭ دەل ئۆزى ئىكەن» دەپ خوشاللىنىپ، دەرھاللا مىڭ تىللانى ساناپ بېرىپ ئەينەكنى سېتىۋاپتۇ. «قالغان ھەمرالىرىم مېنىڭكىدەك سوغاتنى قانچە ئىزلىسىمۇ تاپالمايدۇ. قىز ئەلۋەتتە مېنىڭ بولىدىغان بولدى» دىگەن ئوي بىلەن سارايغا قايتىپتۇ.
ئىككىنچى شاھزادىمۇ كوچىلارنى ئايلىنىپ، ئۆزىگە مۇناسىپ مال ئىزلەپ گىلەم سودىسى بولىدىغان بازارغا كېلىپ قاپتۇ. قارىسا، بىرمۇنچە كىشىلەر بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا ئولىشىپ، بىر نەرسىنى تالىشىۋاتقۇدەك. دۇكاندار ناھايىتى چوڭ، كېلىشكەن بىر گىلەمنى ماختاۋېتىپتۇ:
- بۇ ئاجايىپ خاسىيەتلىك گىلەم، سېتىپ ئالغۇچى ئۈستىگە چىقىپ، قەيەرگە بېرىشنى بۇيرۇسا شۇ يەرگە ئاپىرىپ قويىدۇ. باھاسى مىڭ تىللا، بىر تىللا كەم ياكى ئارتۇق ساتمايمەن.
«ماڭا لايىق مالنىڭ ئۆزىكەن» دەپ ئويلاپتۇ شاھزادە ۋە مىڭ تىللانى نەق بېرىپ گىلەمنى سېتىۋاپتۇ. «قىز مېنىڭ بولىدىغان بولدى» دېگىنىچە سارايغا قايتىپتۇ.
ئۈچىنچى شاھزادىمۇ بازارنى ناھايىتى ئۇزاق كېزىپ، يارىغۇدەك مال تاپالماپتۇ. ئانغىچە كەچ كىرەيمۇ دەپتۇ. شاھزادە ئۈمىد بىلەن كېتىپ بارسا، بىرمۇنچە كىشىلەر بىر باققالنىڭ دۇكىنى ئالدىغا ئولىشىپ، بىر نەرسىنى تالىشىۋاتقۇدەك. شاھزادە قارىسا، باققا بىر ئالمىنى ماختاۋاتقۇدەك:
- بۇ ئالمىنىڭ ئاجايىپ خاسىيىتى بار. بۇ ئالمىنى ھەرقانداق ئېغىر كېسەلگە پۇراتسا كېسەل ئادەم دەرھال ساقىيىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەن ئادەممۇ بۇ ئالمىنى بىرلا قېتىم پۇرىسا چۈشكۈرۈپ تىرىلىپ قوپىدۇ.
«مانا، - دەپ ئويلاپتۇ شاھزادە خۇشاللىغىنى باسالماستىن، - مەن ئىزلىگەن سوغات دەل مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ قالغانلار ئاسمانغا ياكى يەر قەھرىگە ۋە ياكى كۈيىقاپقا بېرىپ ئىزلىسىمۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق سوغاتنى ھەرگىز تاپالمايدۇ. دىمەك، قىز مېنىڭ دىگەن سۆز». شاھزادە ئەنە شۇنداق ئويلار بىلەن دەرھال مىڭ تىللانى بېرىپ ئالمىنى سېتىۋاپتۇ - دە، سارايغا قايتىپ كەپتۇ.
ئاخىرى ئۈچ يىگىت جەم بولۇپتۇ، ئالغان ماللىرىنى بىر - بىرىگە كۆرسىتىپ، ھەيران قېلىشىپتۇ. ئۈچەيلەننىڭ ئالغان سوغاتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن بىر - بىرىنىڭكىدىن قالغۇچىلىكى يوق ئىكەن.
- ئاغىنىلەر، - دەپتۇ ئارىدىن بىرى، - نېمە بولسا بولدى، تەلەي - پىشانىمىز شۇ ئىكەن، قېنى، ماللىرىمىزنىڭ خاسىيىتىنى بىر سىناپ كۆرمەيمىزمۇ؟ ئەينىكىڭگە بىر قارىغىنا، مەلىكە نېمە ئىش قىلىۋاتىدىكىن.
ئەينەك ئالغان شاھزادە مەقسىدىنى ئىزھار قىلىپ ئەينەكنى توغرىلاپ قارىغان ئىكەن، مەلىكە ئۆلگەن، شۇ تۇرقىدا كۆممەكچى بولۇپ تۇرغان ئىكەن. يىگىتلەر ھودۇققىنىچە بىر - بىرىگە قارىشىپتۇ.
- قېنى، گىلەمنى سىناپ باقايلىقچۇ، - دەپتۇ يىگىتلەر پەرىشانلىق بىلەن.
ئۈچ يىگىت گىلەمگە چۈشۈپتۇ، بارىدىغان يېرىنى كۆرسىتىپتۇ، بىردىنلا يېنىككىنە بىر شامال پەيدا بولۇپ گىلەم كۆك قەھرىگ كۆتىرىلىپ ئۈچۈپتۇ - دە، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچە ھېلىقى قىزنىڭ شەھىرىگە - ئوردىغا كەپتۇ. پادىشاھ باشلىق ئوردا ئەھلى پۈتۈنلەي قارا كىيىپ، يىغا - زارە بىلەن قارشى ئاپتۇ.
- قېنى بۇرادەر، - دەپتۇ ئەينەك ئالغان شاھزادە ئالما ئالغان شاھزادىگە، - باياتىن بىرى بىز ئالغان سوغاتلىرىمىزنىڭ خاسىيىتىنى كۆرسەتتۇق، نۆۋەت ئەمدى ساڭا كەلدى، قېنى ئالماڭنىڭ خاسىيىتىنى كۆرسەتسەڭچۇ؟
- نېرى تۇرۇڭلار، - دەپتۇ ئالما ئالغان شاھزادە ئالمىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇ زەر تاۋۇت ئىچىدە ياتقان قىزغا پۇراتقان ئىكەن، قىز «ھەپچۈششۈ» دەپ چۈشكۈرۈپ ئويغىنىپتۇ، ئۇزۇن ئۇخلاپ قالغان كىشىدەك كېرىلىپ ئەسنەپ، ئەتراپتىكىلەرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپتۇ. قىز شۇنداق گۈزەلكەنكى، شاھزادىلەرنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتىشىپ ھېچقايسىنىڭ قىزنى باشقىسىغا بارگۈسى كەلمەپتۇ.
- قىز مېنىڭ دەپتۇ، - ئەينەك ئالغان شاھزادە، - ئەگەر مەن قىزنىڭ ۋاپاتىنى ئەينىگىم ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا كۆرمىگەن بولسام، بىخارامان يۈرەتتۇق - تە، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ قىز تىرىلمەيىتتى.
- ياق، قىز ماڭا مۇناسىپ، چۈنكى گىلىمىمىنىڭ خاسىيىتى ئارقىلىق تېز ۋاقىتتا ئۇچۇپ كەلمىگەن بولساق قىز تىرىلمەيتتى.
- ئىنساپ قىلىڭلار، - دەپتۇ ئالما ئالغان شاھزادىمۇ سۆز ئېلىپ، - ھەر ئىككىڭلارنىڭ سۆزىمۇ دۇرۇس، لېكىن، مۇھىمى ھايات مەسىلىسى. ئەگەر مېنىڭ ئۆلۈككە جان بەرگۈچى ئالمام بولمىغان بولسا، ئەينەك ۋە گىلىمىڭلارنىڭ خاسىيىتى بىكار بولاتتى. قىزغا ھايات - جان ئاتا قىلغان مېنىڭ ئالمام ئەمەسمۇ شۇڭا قىز ئەلۋەتتە مېنىڭ بولۇشى كېرەك.
شاھ ۋە ۋەزىر - ئەمرالار ئويلىمىغان يەردىن چىققان بۇ ئىشقا ھەيران، خىجالەت بولۇشۇپتۇ، ھۆكۈم چىقىرىلماي تۇرۇشۇپ قاپتۇ.
قېنى جامائەت، ئېيتىڭلارچۇ؟ قىز زادى كىمگە تەئەللۇق؟ ...
(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نىڭ 1981 - يىل 3 - سانىدىن ئېلىندى)
ئېيتىپ بەگۈچى: خەلچەم تۇردى.