UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئوۋچى ۋە ئۇنىڭ بالىسى

ئوۋچى ۋە ئۇنىڭ بالىسى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا، بىر چاڭگالدا بىر ئوۋچى ياشايدىكەن ئۇ ئۇستا مەرگەن بولۇپ، ئاتقان ئوقى تەگمەي قالمايدىكەن. ئوۋچى ھەر قېتىم ئوۋغا چىققىنىدا يالغۇچ ئوغلى ئەخمەتنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋالىدىكەن. بوش ۋاقىت تاپسىلا ئۇنىڭغا ئوۋچىلىق ماھارىتىنى ئۈگىتىدىكەن، ئەمما ئەخمەت ئۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلمايدىكەن. دائىم جان - جانىۋارلارنىڭ سايراشلىرىنى، ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ ئاۋازىنى دورايدىكەن. يىللار ئۆتۈپ بوۋايمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئاتىسىنىڭ تاپقان - تەرگىنىنى ئەخمەت بىر يىلغا قالماي يېتىپ يەپ بوپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەخمەت ئىشىك ئالدىدا بويۇن قىسىپ تۇرغان ئىكەن، ئۇنىڭ بىر خوشنىسى ئۇنىڭغا: - ئۇكام، بويۇن قىسىپ تۇرۇپ قاپسەنغۇ؟ - دەپتۇ. - مەن رەمەتلىك دادامنىڭ ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋالمىغان ئىكەنمەن. ئەمدى نېمە بولسا داداڭنىڭ مىلتىقىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىپ باققىن،«ھەركەتتە بەركەت» دېگەن گەپ بار، - دەپتۇ خوشنىسى. كۈز كېتىپ قىش كەپتۇ. ئەخمەت ئوۋ مىلتىقىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىپتۇ، جاڭگالنى كەچكىچە ئايلانغان بولسىمۇ ھىچنەرسە ئۇچرىتالماپتۇ، ئاخىر ئۇ: «بىرەر بۇغا - مارالنى دورىسام ئۇلاردىن بىرەرسى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.» دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئۆزىنىڭ بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇغىنى دوراپتۇ. لېكىن بۇغا چىقماپتۇ. بۇ ئاۋازنى بۆرە ئاڭلاپ «ئەمدى مەن راسا تويۇنىدىغانبولدۇم» دەپتۇ - دە، يۈگۈرگەن پېتى ئەخمەتنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئەخمەت قورقۇپ، ھودۇقۇپ كەتكەنلىكتىن مېلتىقنى قانداق ئېتىشنى بىلمەي قاپتۇ. ئاخىر بۆرىنى قاچۇرماقچى بولۇپ، يولۋاسنى دوراپتۇ. ئەپسۇسكى يولۋاس چىقىپ ئەخمەتنى يەپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق