UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقنۇرلۇق گىياھ

نۇرلۇق گىياھ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر يېزىدا قەمبەر ئىسىملىك ئاتاقلىق بىر رەسسام بوپتىكەن. ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى يېزىدىكى چوڭ - كىچىك كىشىلەر ماختىشىپ كۆرىشىدىكەن. قەمبەرنىڭ كۆپلىگەن شاگىرتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەلقەم ئىسىملىك زېرەك، قاۋۇل بىر بالا بار ئىكەن. ئۇ ئۇستازى قەمبەرنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن ۋە ئۇنىڭدىن بېرىلىپ ئۆگىنىدىكەن. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قەمبەرنىڭ كۆزى ئاجىزلىشىپ، بارا - بارا كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ. ئەلقەم ئۇستازىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ: >ئۇ ئەمدى رەسىم سىزالمىسا، يېزىدىكىلەر ئۇنىڭ يېڭى رەسىملىرىنى كۆرەلمىسە، ئۇ بىزگە ئۆگىتىشكە ئامالسىز قالسا، بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن بەك چوڭ بىر بەختسىزلىك ئەمەسمۇ؟< دەپ ھەسرەت چېكىپتۇ. يېزىدىكى كىشلەريىراق - يىراقلاردىن تىۋىپلارنى چاقىرىپ، قەمبەرنىڭ كۆزىنى كۆرسىتىپتۇ. لېكىن ھېچقايسىسى ئامال قىلالماپتۇ. پەقەت قېرى بىر تىۋىپ كۆزگە غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان ناھايىتى يىراقتىكى بىر تاغنى كۆرسىتىپ: - بوۋامنىڭ ئېيتىشىچە، ئاشۇ تاغدا بىر گىياھ بار ئىكەن، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك نۇر چېچىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئۇنى >نۇرلۇق گىياھ< دەپ ئاتايدىكەن. ئۇنىڭ نۇرىغا تۇتۇلغان ھەر قانداق ئەمانىڭ كۆزى ئېچىلىپ كېتىدىكەن. تالاي ئادەملەر ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن بېرىپتۇ. ئەمما بىرەرسىمۇ قايتىپ كەلمەپتۇ. ئەگەر سىلەردىمۇ تەلەي سىناپ باققۇچىلار بولسا تەۋەككۇل قىلىپ باقسۇن، - دەپتۇ. يېزىدىكىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ جىم بولۇشۇپ قاپتۇ، بىرلا ئەلقەم ئۇ يەرگە بېرىش نىيىتىگە كەپتۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى: -بالام، سەن كىچىك، يول يىراق، تاغقا بارغۇچە ئورمانلىقلاردىن، قۇملۇقلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇ يەرلەردە يىرتقۇچ ھايۋانلار بار، قۇملۇقتا سۇ يوق، نىيىتىڭدىن يانغىن، - دەپتۇ. ئۇنىڭ ئۇستازى قەمبەرمۇ: - ئەلقەم، ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت، مېنىڭ كۆزۈمنى دەپ جاندىن ئايرىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بارمىغىن، - دەپتۇ. لېكىن ئەلقەم نىيىتىدىن زادىلا يانماپتۇ. ئۇ قىلىچ، ئوقيا، ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ ئات بىلەن سەپەرگە چىقىپتۇ. ئەلقەم بىر نەچچە ھەپتە يول يۈرۈپ بىر ئورمانلىققا كەپتۇ. ئورمانلىق بەك چىرايلىق، سۇلىرى سۈزۈك، مول ئىكەن. ئۇ ئېتىنى ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، ئازراق نان يېۋىلىش ئۈچۈن ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپتۇ. ھايال ئۆتمەي ئېتىنىڭ كىشنىشى ئاڭلىنىپتۇ، يۈگۈرۈپ كېلىپ قارىغۇدەك بولسا، ئېتىنى ئىككى يولۋاس بېسىۋېلىپ، گۆشىنى خام تاراج قىلىۋاتقۇدەك، ئۇ ئوقياسىنى بەتلەپ، يولۋاسقا قارىتىپ ئېتىپتۇ، يولۋاسنىڭ بىرى يىقىلىپتۇ. يەنە بىرى غەزەپكە كېلىپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. ئەلقەم قىلىچىنى سۇغۇرۇپ يولۋاس بىلەن ئېلىشىپتۇ ۋە ئاخىرى ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپتۇ. لېكىن ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەپتۇ. كېچىدە ئۇنىڭغا ئاۋۋال بۆرىلەر، كېيىن ئېيىقلار ھۇجۇم قىپتۇ. ئۇ ئوقلىىرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بوپتۇ. بىراق يىرتقۇچلار تۈگىمەپتۇ. ئۇ ئېگىز بىر دەرەخكە چىقىۋاپتىكەن، يىرتقۇچلار ئەلقەمنىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈپ دەرەى تۈۋىدە يېتىپتۇ. ئەلقەم دەرەخ ئۈستىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. تاڭ ئاتقاندا قورسىقى ئاچقان يىرتقۇچلار باشقا تەرەپلەرگە ئوزۇق ئىزدەپ كېتىپ قاپتۇ. ئەلقەم بىرەر نەرسە تېپىپ يېمەكچى بولۇپ دەرەختىن چۈ شۈپتۇ. بىراق ئۇنىڭغا تۈزۈكرەك بىر نەرسە ئۇچرىماپتۇ. ئۇ ئايلىنىپ يۈرۈپ پاكار بىر دەرەخنىڭ شاخلىرىدىكى غورىغا ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپتۇ. يەپ باقسا تەمى تازا ياخشى ئەمەس، لېكىن مايلىق ئىكەن. ئەلقەم ئۇنىڭدىن تويغۇچە يەپتۇ. بۇ چاغدا بىردىنلا دادىسىنىڭ: >ياۋايى ھايۋانلار ئوتتىن قورقىدۇ< دېگەن سۆزى ئىسىگە كەپتۇ. ئۇ دەرھال يەكتىكىنى سېلىپ، مايلىق مېۋىنى يانجىپ، ئۇنىڭ مېيىنى يەكتىكىگە سىڭدۈرۈپتۇ. يەكتەك مايغا چىلىغانداكلا بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ يەكتىكىدىن ئىككى مەشئەل ياساپتۇ، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا ئوت تۇتاشتۇرۇپ يۈگۈرۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھايۋانلار قورققىنىدىن ئالاقزادە بولۇپ، تەرەپ - تەرەپلەرگە قېچىپتۇ. ئەلقەم مەشئەلنىڭ بىرى كۆيۈپ بولۇشىغا ئىككىنچىسىگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئىككىنچى مەشئەل كۆيۈپ بولغۇچە، ئەلقەم ئورمانلىقتىن چىقىپ بىر قۇملۇققا كەپتۇ. ئاڭغىچە تاڭ ئېتىپتۇ. تاغ ئەلقەمنىڭ كۆزىگە گويا يېقىندا تۇرغاندەك كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي، دەممۇ ئالماستىن قۇملۇقنى كېسىپ مېڭىپتۇ. پىژ - پىژ ئاپتابتا كۆيۈپ - پىشىپ ئىككى كۈن ماڭغاندىن كېيىن، بىردىنلا دەھشەتلىك بوران كۆتۈرۈلۈپتۇ. قۇملار ئاسماننى قاپلاپ، ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچقۇزماپتۇ، مېڭىشى تېخىمۇ قىيىنلىشىپتۇ. لېكىن ئۇ:>بىر قەدەم بولسىمۇ ماڭغىنىم ئەلا< دەپ ئىلگىرىلەۋېرىپتۇ. ئەمما بوران بارغانسېرى كۈچىيىپ، گويا زېمىننى يۇلۇپ ئېلىپ كېتىدىغاندەك دەھشەتلىك ھۆركىرەپتۇ. ئەلقەم ماڭالماي قاپتۇ. بۇران بۇنى پۇرسەت بىلگەندەك ئۇنى يېقىتىپتۇ - دە، قۇم بىلەن كۆمۈشكە باشلاپتۇ. ئەلقەم ئۈستىگە قۇم يىغىلغان ھامان، ئۇنى سىلكىنىپ چۈشۈرۈشكە باشلاپتۇ.... ئاخىرى بورانمۇ پەسىيىپتۇ، ھالسىزلانغان ئەلقەم يېتىپ قاپتۇ. لېكىن ئۇ بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك چاچراپ ئۇرنىدىن تۇرۇپتۇ - دە:>مېڭىشىم كېرەك. بالدۇرراق بېرىپ، نۇرلۇق گىياھنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇستازىمنىڭ كۆزىنى ئېچىشىم كېرەك< دەپتۇ. ئۇسىغىنىدىن كالپۇكلىرى يېرىلىپ كەتكەن ئەلقەم تاغ باغرىغا يېقىنلاشقاندا، بولالماي يقىلىپتۇ. كەچ كىرىپتۇ. بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن سۇ قۇيۇلغاندەك يامغۇر يېغىپتۇ. ئەلقەم ھوشىغا كېلىپ قارىسا، ئەتراپ يوپيورۇق تۇرغۇدەك، ئۇنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىپتۇ:>بۇ چوقۇم نۇرلۇق گىياھنىڭ كارامىتى< دەپ ئويلاپتۇ - دە، يامغۇر سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپ، نۇر چېچىلىپ تۇرغان تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئەلقەم يامىشىپ يۈرۈپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە تاغ چوققىسىغا چىقىپتۇ. بۇلۇتلار سۈرۈلۈپ، يامغۇر توختاپ، ئاسماندا يۇلتۇزلار كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ چوققىدىكى رەڭگارەڭ گۈل - چېچەكلەر ئارىسىدا نۇر چېچىپ تۇرغان كىچىككىنە بىر گىياھنى يۇلۇۋېلىپ، خۇشال ھالدا قايتىپتۇ. يېزىدىكىلەر ئۇنىڭ كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزگەنىكەن، ئۇنىڭ تويۇقسىزلا يەر - جاھاننى يورۇتۇپ تۇرغان نۇرلۇق گىياھنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىنى كۆرگەن كىشىلەر تولىمۇ خۇشال بولۇشۇپتۇ. ئەلقەم نۇرلۇق گىياھنى ئۇستازىنىڭ كۆزىگە تۇتقانىكەن، ئۇستازىنىڭ كۆزى شۇ ھامان ئېچىلىپتۇ. ئۇستازى ئەلقەمگە رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە كۆپچىلىككە تېخىمۇ گۈزەل رەسىملەرنى سىزىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ ماھىر رەسساملارنى يېتىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن لايقا يېزىسىدىن ئابلا مەتتوختى.
← بارلىق تېمىلار چوچاق