ئالتۇن بېلىق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر سودىگەر ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئاجايىپ چىرايلىق، ساھىپجامال قىزى بارئىكەن. سودىگەر قىزىنى تالا - تۈزگە زادى چىقارماي. يۈزىنى ئەرلەرگە كۆرسەتمەي چوڭ قىلىپتۇ. بىر كۈنى سودىگەر يولدا كېتىپ بارسا ئالدىغا بىر قۇرۇق كاللا ئۇچراپتۇ. سودىگەر ئۇنى ئېلىپ >لازىم بولۇپ قالار< دەپ سوقۇپ، بىر قەغەزگە ئوراپ قىزى تۇرىدىغان ئۆينىڭ تورۇسىغا قاراپتىكەن، ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ. سودىگەر قىزىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ خوتۇنىدىن:
- ئۆيگە بىرەر ئەر كىشى كىردىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. خوتۇنى قورقۇپ، قەسەم قىلىپ تۇرۇپ:
- كىرمىدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. سودىگەر ئاشۇ قۇرۇق كاللىدىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. قۇرۇق كاللا سودىگەرگە >تىرىگىم مىڭغا، ئۆلۈگۈم مىڭغا تېتىيدۇ< دەپتۇ - دە، سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. ئەسلى ئۇ ئالتۇن بېلىق ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر بېلىقچى بېلىق تۇتۇۋېتىپ، بۇ ئالتۇن بېلىقنى تۇتۇۋاپتۇ. بېلىقچى >بۇنى پادىشاھقا بەرسەم جېقراق پۇل بېرەرمىكىن< دىگەن نىيەت بىلەن پادىشاھقا سوۋغا قىلىپتۇ. پادىشاھ چىرايلىق كۆل ياسىتىپ ئالتۇن بېلىقنى كۆلگە قويۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىرىق خوتۇنى بار ئىكەن. ئۇلار كۈندە كۆل بويىغا چىقىپ ئالتۇن بېلىقنى تاماشا قىلىدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ قىرىق بىرىنچى خوتۇنى كۆل بويىدا بېلىققا قاراپ تۇرغۇچىلارغا:
- بىز ئاياللار بېلىققا قارىساق نامەھرەم بولىدۇ، - دەپ يۈزىنى يېپىۋاپتىكەن، ئالتۇن بېلىق شۇ زامان ئۆلۈپ قاپتۇ.
سودىگەرنىڭ قىزى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى غايىپ قارى قويۇپتۇ. غايىپ قارى كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چوڭ موللام بوپتۇ. پادىشاھ غايىب قارىنىڭ ناھايىتى ئۇستا موللام ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئالتۇن بېلىقنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى سورىماقچى بولۇپ، چاقىرتىپتۇ. غايىپ قارى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. پادىشاھ:
- مېنىڭ ئالتۇن بېلىقىم نىمە ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. غايىب قارى دەپتۇكى:
- ئەي پادىشاھى ئالەم، مەن ئاشۇ ئالتۇن بېلىقنىڭ ئوغلى بولىمەن. مېنىڭ چوڭ دادام ئۇنى دەرياغا تاشلىۋەتكەندىن كېيىن بىر بېلىقچى ئۇنى تۇتۇۋېلىپ سىلىگە بەرگەن. سىلىنىڭ قىرىق بىر خوتۇنلىرىنىڭ قىرىق بىر ئوينىشى بولۇپ، ئۇلار سىلىنىڭ يەر ئاستى ئۆيلىرىدە داۋاملىق ئەيشى - ئىشرەت قىلىشىدۇ، ئۇلار ئاشۇنداق پەسكەشلىكنى قىلسا نامەھرەم بنولماي، ئاشۇ ئالتۇن بېلىققا قارىسا نامەھرەم بولامدىكەن؟ شۇڭا ئالتۇن بېلىق ھاقارەتكە چىدىماي ئۆلۈپ قالغان. ئاشۇ قىرىق بىر خوتۇننى قىرىق بىر ئەرنى كۆزىن يوقاتسىلا بېلىق ساقىيىدۇ، دۆلەتلىرى قۇدرەت تاپىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپتۇ - دە، قىرىق بىر ئايال ۋە قىرىق بىر ئەرنى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئالتۇن بېلىقمۇ تىرىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ دۆلىتى كۈندىن - كۈنگە قۇدرەت تېپىپ خەلقى ئىناق ۋە پاراۋان ياشاپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ياقا گۇڭشېدىن توختى قارى