UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقشاھزادە تۇغلۇق

شاھزادە تۇغلۇق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا شەمسى دېگەن بىر پادىشاھنىڭ تۇغلۇق ئىسىملىك بىر ئوغلى بولغان ئىكەن. پادىشاھ ئۇنىڭ ساغلام ئۆسۈپ، كۆپ تەرەپلىمە كامالەت تېپىشى ئۈچۈن، ئوردىغا مەخسۇس مۇددەرس تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى 7 يېشىدىن باشلاپلا ئوقۇتۇشقا باشلاپتۇ. 15 يېشىدىلا ھەرقايسى پەنلەردىن خېلىلا يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە ئۇستا قىلىچۋاز، ماھىر مەرگەن ۋە چەبداس چەۋەنداز بولۇپ يېتىلىپتۇ. پادىشاھ ئۆز ئوغلىنىڭ نامىدا چوڭ بىر چارىباغ ياسىتىپ، ئۇنى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ھەرخىل ھايۋاناتلار بىلەن تولدۇرۇشنى پىلانلاپتۇ. باغ ياسىلىپ كۆپ ئۆتمەي كەم ئۇچرايدىغان ھايۋاناتلارنى توپلاش ئۈچۈن تاغ ۋە چۆللەرگە نۇرغۇنلىغان چاپارمەنلەر ئارلاندۇرۇلۇپتۇ. بىراق خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچىمۇ پادىشاھنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغۇدەك بىرەر غەيرى ھايۋانات كەلتۈرۈلمەپتۇ. ئاخىرى ئۆز ۋەزىرىنى يولغا ساپتۇ. ۋەزىر بىر قانچە نەۋكەرلىرى بىلەن ماڭا - ماڭا يېرىم كېچە بىلەن تاغ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ - دە، كەڭ جىلغىدىكى يېيىلىپ ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ بويىدا تۈنىمەكچى بوپتۇ. شۇ ئەسنادا ۋەزىر ئىككى نۆۋكىرىنى ئەگەشتۈرۈپ دەريا بويىنى ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ئۇشتۇمتۇتلا ئالدىدىكى ئارالدىن يورۇقلۇق كۆتۈرۈلۈپ، ھەسەن - ھۈسەن رەڭگىدىكى ھەرخىل نۇرلار ئەتراپتا جۇلالىنىشقا باشلاپتۇ. ۋەزىر بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، نۇر چېچىلىۋاتقان ئارالغا يېقىنلىشىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئارالدا بىر ھەيۋەت يىلان ئۇخلاۋاتقۇدەك، نۇر ئەنە شۇنىڭدىن چېچىلۋاتقان ئىكەن. ۋەزىر كەم ئۇچرايدىغان ھايۋانلار ئىچىدىمۇ كەم ئۇچرايدىغان بۇ مەخلۇقنى كۆرۈشى بىلەن ئىنتايىن خۇش بولۇپ كېتىپتۇ - دە، بارلىق نۆۋكەرلەرنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنى پەم بىلەن تاغارغا سولىتىپتۇ ۋە پادىشاھنى تېزرەك خۇش قىلىش ئۈچۈن دەممۇ ئالماي دەرھال شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. ۋەزىر ئېلىپ كەلگەن ئاجايىپ مەخلۇق پادىشاھنى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن خۇش قىلىۋېتىپتۇ. ئۇ دەرھال دەرىزىسىز بىر ئۆي ياسىتىپ، نۇر چاچىدىغان يىلاننى قەپەزگە سولاپ، شۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ - دە، ئۆزى ئالاقىلىشىدىغان باشقا شەھەر پادىشاھلىرىغا خەت يېزىپ، بۇ ئاجايىپ مەخلۇقنى تاماشا قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئەنە شۇ كۈنلەردە شاھزادە تۇغلۇق، ئوق - ياسىنى قولىغا ئېلىپ، باغنى تاماشا قىلىشقا كىرىپ كەپتۇ. دەرىزىسىز ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھاۋا ئالمىشىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان تۈڭلۈكنىڭ ياغىچىغا چىرايلىق بىر تورغاينىڭ قونۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ياسىغا ئالتۇن ئوقنى قويۇپ، ئۇنى چەنلەپ ئېتىپتۇ. تۇرغاي شۇئان كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. شاھزادە ھەيران بولۇپ، دەرىزىسىز ئۆيگە يانداش دەرەخ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ. ئۆگزىدە نە ئوق، نە تورغايدىن نىشان بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈڭلۈككە ئېڭىشكەن ئىكەن، ئۆي ئىچىدىن قانداقتۇر بىركىشىنىڭ ناخشىدەك ساپ ۋە يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. - يىگىت، ئوقىڭىز ئۆي ئىچىدە، ئەگەر ئۇنى ئالماقچى بولسىڭىز، ئۇيقۇدا ياتقان دادىڭىزنىڭ يانچۇقىدىن ئاچقۇچنى ئېلىڭ، قاراۋۇلمۇ ئۇيقۇدا، بىمالال ئىشىكنى ئېچىپ كىرسىڭىز بولىۋېرىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ شاھزادە ھەيران بوپتۇ - دە، دادىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ بېرىپتۇ. دادىسى تازا ھۇزۇرلىنىپ ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. شاھزادە ئۇنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىپ ئاچقۇچىنى ئاپتۇ - دە، دەرىزىسىز ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەپتۇ. ئىشىك ئالدىدىكى قاراۋۇلمۇ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىكەن. شاھزادە ئۇنىڭ ئالدىدىن ئاۋايلاپ ئۆتۈپ، ئىشىككە سېلىنغان قۇلۇپنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپتۇ - دە، قولىدا ئۆزى ئاتقان ئالتۇن ئوقنى تۇتۇپ تۇرغان 20 ياشلار چامىسىدىكى چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر يىگىتنى كۆرۈپتۇ. - مانا ئوقىڭىز، - دەپتۇ ئۇ يىگىت شاھزادىگە سالام بېجا كەلتۈرۈپ، - ئېلىۋېلىڭ. - سىز نېمە ئادەم بولىسىز؟ - دەپتۇ ھەيران بولغان شاھزادە ئوقىنى ئېلى تۇرۇپ، - بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭىز؟ - مەن پەرىلەر ئەۋلادىدىن ئىدىم، - دەپتۇ يىگىت سەمىمىيلىك بىلەن، - ئالدىنقى ھەپتە تاغ ئارىسىنى سەيلە قىلىۋېتىپ، يىلان شەكىلگە كىرىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدىم، دادىڭىزنىڭ ئادەملىرى مېنى تۇتۇپ ئېلىپ مۇشۇ ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شاھزادىنىڭ يىگىتكە ئىچى ئاغرىپتۇ - دە: - ئۇنداق بولسا، مەن سىزنى ئازات قىلدىم، خالىغان يېرىڭىزگە قايتىپ كېتىڭ، - دەپتۇ. - بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۇنۇتمايمەن، مۇبادا بېشىڭىزغا كۈن چۈشسە «دوستۇم» دېسىڭىزلا، مەن سىزگە ئۆز ياردىمىمنى دەرھال يەتكۈزىمەن، خەير - خوش، - دەپتۇ - دە، شاھزادە بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن تۆت - بەش كۈن ئۆتۈپ، دادىسى «ئاجايىپ مەخلۇق» نى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان پادىشاھلار كېلىشكە باشلاپتۇ. شەمسى شاھ ئۇلارنى كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، خۇشال - خۇرام كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، «ئاجايىپ مەخلۇق» نى زىيارەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن دەرىزىسىز ئۆينىڭ ئالدىغا باشلاپ كەپتۇ - دە، ئىشىكنى ئېچىپتۇ ۋە ھاڭ - تاڭ بولغانلىقىدىن ئارقىسىغا ئۇچۇپ كېتىشكە تاس قاپتۇ. - قېنى بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇر چاچار يىلان؟ - دەپ توۋلاپتۇ ئۇ قاراۋۇلغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ، - مەن سېنىڭ تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن. - مەن .... مەن ..... بىلمەيمەن، - دەپتۇ قورقۇپ كەتكەن قاراۋۇل دۇدۇقلاپ، - ئاچقۇچ ئۆز ... ئۆزلىرىدە. بۇ سۆزلەردىن نۇر چاچار يىلاننىڭ غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن شاھلار شەمسى شاھنىڭ ئاچچىقىغا ھاي بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ، بۇ پەۋقۇلئاددە ئىشتىن ئۆزلىرىنىڭ رەنجىمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. لېكىن شەمسى شاھ ئاچچىقىدىن يانماي، قاراۋۇلنى دارغا ئاسىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بارلىق شاھلارنى ئۇنىڭ دار ئاستىدىكى جان تالىشىپ تىپىرلاشلىرىنى تاماشا قىلىشقا چاقىرىپتۇ. ھەش - پەش دېگۈچە دار تەييارلىنىپ، قاراۋۇل دار ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىپتۇ. لېكىن قاراۋۇل بوينىغا ئارغامچا سېلىنغانغا قەدەر «نۇر چاچار يىلان» نى قاچۇرمىغانلىقىنى تەكرارلاپ، شاھتىن ئادالەتلىك تىلەپتۇ. شاھ بىلەن جاللاتلارغا ئارغامچىنى تارتىشنى بۇيرۇپتۇ، ئەنە شۇ چاغدا توپ ئىچىدىن «توختاڭلار» دېگەن قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋاز جاراڭلاپ، شاھزادە تۇغلۇق ھاسىراپ - ھۆمىدىگەن ھالدا مەيدانغا كىرىپ كەپتۇ ۋە دادىسىغا قاراپ: - قاراۋۇلدا گۇناھ يوق، ئۇنى قويۇۋېتىڭ، يىلاننى قاچۇرغان مەن، مەن جازالىنىشىم كېرەك - دەپتۇ. شۇئان توپ ئىچىدە غۇلغۇلا كۆتۈرۈلۈپتۇ، شەمسى شاھنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ئاغزىغا گەپمۇ كەلمەي قاپتۇ. - بالام، ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟ - دەپتۇ ئۇ تەسلىكتە بالىسىنى جىمىلەپ، - سەن قانداقچە ئۇنى قاچۇرالايسەن بۇنىڭغا مەن ئىشەنمەيمەن. - ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاڭلىسىڭىز ئىشىنىسىز، ئەھۋال مانا مۇنداق دەپتۇ شاھزادە ۋە بولغان ئىشنى بايان قىلىپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھنىڭ بېشىغا تاغ يىقىلغاندەك بولۇپ، تەختىدىن دومىلاپ چۈشۈشكە تاس قاپتۇ. لېكىن ئۆزىگە سىناش نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرغان نۇرغۇنلىغان شاھلار ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇشقا تىرىشىپتۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ گۇناھسىز كىشىنى دارغا ئېسىشقا ھۆكۈم قىلغان شاھ، گۇناھكارنى جازالىيالامدۇ - يوق؟ شەمسى شاھ بىر ھازا تىڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ - دە، ئاندىن سىناش نەزىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرغان شاھلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، ئۆز ھۆكۈمىنى ئېلان قىپتۇ: - قاراۋۇل ئازات قىلىنسۇن! ئوغلۇم دارغا ئېسىلسۇن! شاھزادە دادىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن تەڭ دارغا كەپتۇ، ئارغامچا قاراۋۇلنىڭ بوينىدىن ئېلىنىپ، شاھزادىنىڭ بوينىغا سېلىنىپتۇ. شەمسى شاھ ئارغامچىنى تارتىشقا پەرمان چۈشۈرۈشكە ئەمدى تەمشىلىشىگە كۆپچىلىك ئچىدىن شاھزادىنىڭ ئۇستازى ھۆكۈرەپ يىغلىغىنىچە، شاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپتۇ: - شاھىم، بالا ياش، ياش بالىلار سەۋەنلىكتىن خالى بولالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن بېرىلىدىغان جازامۇ لايىقىدا بولسا. ئۇستازنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى شەمسى شاھنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشقا شاھلارنىڭ ئالدىدا يۈزىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز ھۆكۈمىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپتۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن ئۇستاز باشقا شاھلارنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپتۇ: - ھۆرمەتلىك تەقسىرلىرىم، ھەممىڭلار ئالتۇن تەخت ئستىدە يۇرت سوراپ كېلىۋاتىسىلەر، ياش بىر بالىغا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، شاھىمىزنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىشىگە ئۆز مەسلىھەتىڭلارنى ئايىماڭلار. ئۇستازنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى باشقا شاھلارغا تەسىر قىپتۇ. ھەممە شەمسى شاھنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇيان ئويلىشىپ، بۇيان ئويلىشىپ، ئاخىرى بالىنى دارغا ئاسماي، چۆل ئىچىگە ئاپىرىپ، تىنىتىۋېتىپ كېلىش جازاسىنى بېرىشكە كېلىشىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شەمسى شاھنىڭ ۋەزىرىنىڭ شاھزادە بىلەن تەڭتۇش ئوغلى ھەيدەر «بۇ ۋەزىپىنى ماڭا بېرىڭلار» دەپ مەيدانغا چىقىپتۇ. ھەيدەر شاھزادە بىلەن بىللە ئوقۇپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ھەممە جەھەتتىن شاھزادىگە يېتەلمەيدىغانلىقىدىن كۆڭلى قارىلىق قىلىپ، ئىچىدە ھەسەت ساقلاپ كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى بىلگەن ئۇستاز ئۇنى بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرماسلىققا ھەر قانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئامال بولماپتۇ، ئاخىرى ئۇ شاھزادىنى ئات ئالدىغا ئېلىپ چۆل ئىچىگە قاراپ جۇنەپ كېتىپتۇ. شاھزادە يول ئاۋۇغانسېرى، ھەيدەرنىڭ ھۆكۈم بويىچە ئۆزىنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشى بىلەنلا قانائەت تاپماي، كۆڭلى قارىلىق قىلىپ جىسمانىي جەھەتتىنمۇ زەئىپلەشتۈرۈپ قويۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆزدە ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى كۈزىتىپ مېڭىپتۇ. مۇبادا ئۇنىڭدا شۇنداق ئۆزگىرىش كۆرۈنگىدەك بولسا، قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدىمۇ ئويلىنىپ قويۇپتۇ. بىراق ھەيدەردە ھېچقانداق ئۆزگىرىش كۆرۈنمەپتۇ، ئەكسىچە شاھزادىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ئارام ئېلىشىغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ مېڭىپتۇ. شاھزادە بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، «سېنىڭ ۋەزىپەڭ مېنى تېنىتىۋېتىش تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ يۈرىسەن، تېزرەك ئېتىڭغا مىنىپ كەتسەڭ بولمامدۇ» دېگەندە، ھەيدەر: «تېخى ۋاقتى يەتمىدى» دەپلا قويىدىكەن، شاھزادىنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق ئىچى پۇشۇپ: «ئەڭ بولمىغاندا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى مەن قىلاي، سەن ئارام ئال» دېگەندە ھەيدەر يەنىلا «تېخى ۋاقتى ئەمەس» دەپ قويىدىكەن، شاھزادە ھەيدەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە خىياللار بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەي، ئۇنىڭ باشلىشى بىلەن چۆل ئىچىگە ئىچكىرىلەپ مېڭىۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر قانچە كۈنمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئېلىۋالغان سۇ، ئوزۇقلىرى تۈگەپ، تەشنالىق ۋە ئاچلىق دەردى ئۇلارنى ئازابلاشقا باشلاپتۇ. ئۇلار شۇ ھالدا ماڭە - ماڭە بىر توغراق ئورمانلىقى ئارىسىغا كىرىپ، بىر قۇدۇققا دۇچ كېلىپ قاپتۇ. ئۇلار چېلەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قۇدۇققا نۆۋەت بىلەن چۈشۈپ سۇ ئىچىپ چىقىشقا توغرا كەپتۇ. ئۇلار ئاتنىڭ ئاغامچىلىرىنى ئۇلاشتۇرۇپتۇ - دە، ئالدى بىلەن ھەيدەر، ئاندىن شاھزادە چۈشۈپ ئۇسسىلىقىنى قاندۇرۇپ چىقىشقا كېلىشىپتۇ. كېلىشكىنى بويىچە شاھزادە ھەيدەرنى سىرىلدۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ - دە، سۇ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، تارتىپ چىقىرىپتۇ. ئاندىن ھەيدەرنىڭ سىرىلدۇرۇشى بىلەن شاھزادە قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈپ، راسا قېنىپ سۇ ئىچىۋالغاندىن كېيىن خۇشاللىق بىلەن ھەيدەرگە توۋلاپتۇ: - قېنى ئاغىنە، ئەمدى تارتىۋال! ئارغامچىنى تارتىشنىڭ ئورنىغا ھەيدەرنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ: - ئاغىنە، رەنجىمە، مېنىڭ ۋەزىپەم مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى، خەير - خوش. ھا. ھا. ھا. ھا..... شاھزادىنىڭ پۈتۈن بەدىنى شۈركىنىپ پىشانىسىدىن قارا تەر چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق دەھشەت ئىچىدە ئۆلۈشىنى ئويلاپمۇ باقمىغاچقا ھەيدەرگە يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. - ئاغىنە، مېنىڭ تەقدىرىم ساڭا تاپشۇرۇلغانلىقى راست، لېكىن مېنى بۇنداق ئۆلۈشكە مەجبۇر قىلما. مېنى ئوچۇقچىلىققا چىقىرىپ قويۇپ، ئېتىڭنى مىنىپ كىتىۋەر، مەن ەڭ بولمىغاندا ئاچ بۆرىلەر بىلەن ئېلىشىپ ئۆلەي، ياكى ئۇسسۇزلۇقتىن توغراق ياغاچلىرىدەك قاغجىراپ ئۆلەي، پەقەتلا مېنىڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇپ ئۆلۈشۈمگە ئىمكانىيەت بەر. - ئۇنداق بولسا، بىر شەرت بار، - دەپتۇ ھەيدەر قۇدۇق ئىچىگە ئىڭىشىپ تۇرۇپ، - ھازىردىن باشلاپ ئورنىمىز ئالمىشىدۇ، مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا شاھزادە بولىمەن، سەن مېنىڭ ئورنۇمدا ئۆمۈر بويى سادىقلىق بىلەن خىزمىتىمنى قىلىسەن، مۇشۇ شەرتكە كۆنىسەن، مەن سېنى چىقىرىپ ئالىمەن. - دېگىنىڭچە بولۇشقا قەسەم ئىچىمەن. - ئەمىسە قەسەم ئىچ. شاھزادە قەسەم ئىچىپتۇ. ھەيدەر ئۇنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىپتۇ - دە، ئۇنىڭ شاھزادىلىك كىيىملىرىنى سېلىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. شاھزادە كىيىملىرىنى سېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئادتتىكى كىيمىنى كىيىپتۇ، شۇنىڭدىن بۇيان شاھزادە ئۇنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ساداقەتلىك بىلەن ئاققۇزۇپ مېڭىپتۇ. ئۇلار شۇ ھالدا ماڭە - ماڭە بىر ئورمانلىققا بېرىپ، چېدىر قۇرۇپ، چۈشكەن قىپتۇ. ھەيدەر چېدىرغا كىرىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، شاھزادە ئۇنى قوغداپ قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپتۇ. شۇ ئەسنادا يېقىندىلا يەردىن قىي - چۇ كۆتۈرۈلۈپ، ئورمانلىق ئىچىدىن بىر كىيىكنىڭ چېپىپ كېتىۋاتقىنى كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە دەرھال ياسنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى چەنلەپ تۇرۇپ ئېتىپتۇ. شۇنىڭ كەينىدىنلا شاھلىق تونىنى كىيگەن بىرسى ئات چاپتۇرۇپ، كىيىكنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە، ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن شاھزادىگە كۆزى چۈشۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ يېنىغا ئات چاپتۇرۇپ كەپتۇ - دە: - مەن شىكاردا ناھايىتى كۆپ يۈرگەن، لېكىن سەندەك مەرگەننى ھازىرغىچە كۆرمەپتىمەن، نام - ئەمىلىڭنى ئېيت، تونۇشۇپ قالايلى، مەن مۇشۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ھەسەنمەن، - دەپتۇ. - مەن ئادەتتىكى كىشىمەن، سىلى بىلەن تونۇشۇشقا لايىق ئەمەسمەن، تونۇشۇش توغرا كەلسە، بۇ چېدىردىكى شاھزادىمىز بىلەن تونۇشۇپ قېلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، - دەپتۇ شاھزادە مۇلايىملىق بىلەن چېدىرنى كۆرسىتىپ، شۇ ئەسنادا ھەسەن شاھنىڭ باشقا خىزمەتكارلىرىمۇ يېتىپ كەپتۇ. شاھزادە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا توختىتىپ قويۇپ، چېدىرغا كىرىپ ھەيدەرنى ئويغىتىپ، ئەھۋالنى بايان قىپتۇ، ھەيدەر شاھزادىلىك كىيمى بىلەن چىقىپ، ھەسەن شاھقا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىگە تازىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىكاردا ئېزىقىپ قېلىپ، بۇ تەرەپكە كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بايان قىپتۇ. ھەسەن شاھ ئۇنى ئنتايىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز مەملىكىتىدە بىر مەھەل مېھمان بولۇپ كېتىشىگە تەكلىپ قىپتۇ. بۇ تەكلىپ ھەيدەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغاچقا، قايتا - قايتا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تەكلىپىنى قوبۇل قىپتۇ. ھەيدەر ھەسەن شاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپلا، تۇغلۇقنى شاھقا خىزمەتچىلىرى قاتارىدا ئىشلەشكە تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە: - بۇ توغرا نىيەتلىك ئادەم ئەمەس، مېنى نۇرغۇن قېتىم ئۆلتۈرۈشكە قەستلىگەن، لېكىن مەن ئۆزەمنىڭ چىچەنلىگىدىنلا ساقلىنىپ قالدىم، ھەر - ھالدا ھىزى بولارلا، - دەپتۇ. شاھ، ھەيدەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇغلۇقنىڭ مەرگەنلىكىگە قايىل بولغاچقا، ھەيدەرگە ئۇقتۇرماي ئۇنى بىرقانچە نۆۋەت شىكارغا ئېلىپ چقىپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ يالغۇز مەرگەن بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن پەننى بىلىملەرنى ئىگەللىگەن ئۇقۇمۇشلۇق، زېرەك، ئەدەب - ئەخلاقلىق بالا ئىكەنلىكىنى بايقاپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ ئاجايىپ مەنىلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇنى پات - پات ئۆز ھوزۇرىغا تەكلىپ قىلپ، پاراڭلىشىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇنى سېزىپ قالغان ھەيدەر ئۆز سرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەسەن شاھقا: - مېنىڭ بۇ قۇلۇم سىزگە يېقىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.بۇ ئۇنىڭ كىشىنىڭ تېرىسىگە كىرىۋالغان شەيتاندىنمۇ ھەييار ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئەمدى مەن بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن، ئۇنى كۆز ئالدىلىرىدىن يوقىتىۋېتىشلرىنى تەلەپ قىلىمەن - دەپتۇ. - قايسى ئۇسۇلدا يوقىتىۋېتىشنى دەيسىز؟ - دەپتۇ ھەسەن شاھ ئۇنىڭغا سوئال قويۇپ. - ئۇنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىش كېرەك، بولمىسا كۆپ ئۆتمەي بالا تېرىيدۇ، - دەپتۇ ھەيدەر. پادىشاھ تۇغلۇقنى يوقىتىۋېتىشكە كۆزى قىيماي، خىزمەتچىلىرىگە ئۇنى كۆزىتىپ بېقىشنى تاپشۇرۇپ چارىباغدا ئىشلەيدىغان قۇللارنى قوشۇپ قويۇپتۇ. تۇغلۇق چارىباغدا ئىشلەپ يۈرۈپ، كۆپ ئۆتمەي بارچە قۇللارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپلا قالماي، ئۇنى كۆزىتىپ يۈرگەن خىزمەتچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىۋاپتۇ. بۇ ئىشقا ئاقىۋەت پادىشاھنىڭ قىزىمۇ گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ. شۇ كۈنى بۇ قىز قىرىق كېنىزىكى بىلەن باغنى سەيلە قىلىشقا كىرگەن ئىكەن، ئۇ يىراقتىنلا بۇ يىگىتنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ھۆسنى - جامالىغا ئاشى بولۇپ، ئىشقىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. ئەسلىدە بۇ قىز بۇ يىگىت توغۇرلۇق دادىسىنىڭ ئانىسىغا قىلىپ بەرگەن تەرىپلىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان ئىكەن ھەم ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپلا كۆڭلىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن قانداقتۇ بىر ھېسداشلىقنىڭ سىرلىق تەسىراتلىرىنى يوشۇرغان ئىكەن. قىز ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا بىر كۈچلۈك يالقۇن قىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى چىرمىۋاپتۇ - دە، ھۇشىنى يوقىتىپ، يەرگە يىقىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئىچكى ئازابلىنىشىنى بىلمىگەن كېنىزەكلەر، ئۇنى قانداقتۇ بىر ئاغرىققا مۇپتىلا بولدىمىكىن، دەپ قورقۇشۇپ، ئوڭلاش - چولاش كۆتۈرۈشۈپ باغدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بىراق چىچەن شاھزادە بىر قاراش بىلەنلا قىزنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ يېتىپ، كۆڭلىدە قاتتىق ئازابلىنىپتۇ. ئەنە شۇ كۈنلەردە شاھ ھۇزۇرىدا پۈتۈن كۈنىنى مېھماندارچىلىق بىلەن يەپ - ئىچىپ ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەيدەرنىڭ كۆڭلىدىمۇ شاھ قىزىغا نىسبەتەن ئاچكۆزلەرچە ھاۋايى - ھەۋەس بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالىنى ئەنە شۇ قىزلا چۇلغىۋاپتۇ. ئۇ ئويلىنا - ئويلىنا ئاخىرى شاھقا شاھزادە تۇغلۇقنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشى قىلىپ سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە: - سىلى ماڭا ئاخىرىغىچە پاناھ بولۇپ قالسىلا، مەن سىلىنىڭ ئوغۇللىرى بولاي، - دەپتۇ. بۇ شاھ، شەمسى شاھنى ياخشى بىلىدىكەن، ھەم ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن قارايدىكەن. شۇڭا ئۇ شەمسى شاھنىڭ شاھزادىسىگە غەمخۇرلۇق قىلىشنى ئىككى ئەل مۇناسىۋىتىنىڭ تۈگۈنى دەپ ھېسابلاپ، ھەيدەرنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆز قىزىنى بېرىش قارارىغا كەپتۇ. بۇ خەۋەر شاھ قىزىنى ئىنتايىن بىئاراملىققا ساپتۇ. ئۇ ئاغچى ئانىسى ئارقىلىق تۇغلۇققا كۆڭلى بارلىقىنى ئېيتىپ، دادىسىنىڭ ھەيدەرگە زورلىماسلىقىنى ئۆتۈنۈپتۇ. ھەسەن شاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قىزىنىڭ «باش - باشتاقلىقى» دىن رەنجىپ، قىزىنى «ئايلاندۇرغان تۇغلۇقنى ھەيدەرنىڭ تەلىپى بويىچە بۇرۇنلا ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋەتمىگىنىگە پۇشايمان قىلىپتۇ. بىراق ھېلى بولسىمۇ ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا قولى بارماپتۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە تۇغلۇق يەنىلا ھەيدەرگە قارىغاندا ئۇلۇغ سۈپەت، چىچەن، ئۇقۇمۇشلۇق بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. پەقەت ئۇنىڭ شاھ ئەۋلادىدىن بولمىغانلىقىلا» && شاھنىڭ دىتىغا ياقماپتۇ. ئۇ ئاخىرى ئۇيان ئويلىنىپ - بۇيان ئويلىنىپ، تۇغلۇقنى قىزىنىڭ كۆزىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى باشقا بىر شەھەرگە شاھلىق قىلىۋاتقان ئىنىسى ھۈسەننىڭ ئىلكىگە يوللاپ بەرمەكچى بوپتۇ - دە، بۇ بالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە قولۇم بارماي ئىلكىڭگە ئەۋەتتىم، بارغان ھامان كاللىسىنى ئېلىۋەت» دېگەن خەتنى يېزىپ، تۇغلۇقنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، يېرىم كېچە بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. تۇغلۇق كېچە - كۈندۈز مېڭىپ، ئىككى ھەپتە دېگەندە خەتنى ئېلىپ ھۈسەن شاھنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ كەپتۇ. ھۈسەن شاھ ئاكىسىدىن خەت ئېلىپ كەلگەن، كۆزگە يېقىشلىق، گەپ - سۆزلىرىدىن ئەدەب ۋە چىچەنلىك چىقىپ تۇرغان بۇ كېلىشكەن يىگىتنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ - دە، خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. تۇغلۇق ھۈسەن شاھنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشتىن ھەيران بوپتۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ شاھلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا مۇناسىپ كىشى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ، گەپ - سۆز قىلماپتۇ. ھۈسەن شاھ بۇ چاغدا: «شۇنچە مۇلايىم يىگىتنىڭ نېمە گۇناھى باردۇ؟ ئاكامنىڭ ئۇنى قەتلى قىلىشقا قولى بارمىغانلىقى ئۇنىڭ شۇ مۇلايىم، چىچەنلىكى ئالدىدا ۋۇجۇدى تىترىگەنلىكىدىندۇ؟ ئاكامنىڭ قولى بارمىغان يەردە، مېنىڭ قولۇم قانداق بارسۇن؟ مەنمۇ باشقىچە يول تۇتۇشۇم كېرەك» دېگەن خىياللارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ ۋە تۇغلۇققا قاراپ: - ئاكام سېنى مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىشقا ئەۋەتىپتۇ، مەن ساڭا ئۈچ يۈز يىلقىنى بېقىپ كېلىشكە تاپشۇرىمەن، كەچتە ساناپ ئۆتكۈزۈۋالىمەن، ئەگەر بىرەرسى كەم بولسا، كاللاڭنى ئالىمەن، ئۇقتۇڭمۇ؟ - دەپتۇ. تۇغلۇق شاھنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ۋەھشىيلىك قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي ھەيران بوپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىلكىدە «ماقۇل» دېيىشتىن ئۆزگە چارە بولمىغاچقا، شاھنىڭ خىزمىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چىقىپ كېتىپتۇ. تاڭ ئېتىپتۇ، تۇغلۇق ئون نەچچە كۈن يول مېڭىپ قاتتىق ھېرىپ كەتكەنلىكىگگ قارىماي، سەھەر تۇرۇپتۇ - دە، شاھنىڭ خىزمەتكارلىرى تەييارلاپ قويغان ئۈچ يۈز يىلقىنى ھەيدەپ تاغقا قاراپ مېڭىپتۇ. بۇ يىلقىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاساۋ بولغاچقا تاغقا كېلە - كەلمەي تەرەپ - تەرەپكە تارقاپ كېتىپتۇ. تۇغلۇق نېمە قىلارىنى بىلمەي «ئەمدى بەرىبىر ئۆلدۈم» دېگەن خىيال بىلەن بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولغانلىقتىن قانچىلىك يول ماڭغانلىقىنى بىلمەي قاپتۇ، بىر چاغدا قارىسا ئېگىز تام بىلەن قورشالغان ھەيۋەت چوڭ بىر باغنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ، ئۇ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا بىر سۇڭگۇچ ئارقىلىق باغقا كىرىپتۇ،قارىغۇدەك بولسا، بۇ شۇنداق كېلىشكەن باغ ئىكەنلىكى، رەڭمۇ - رەڭ گۈللەر خۇددى زىلچىدەك چاقناپ تۇرغۇدەك، تۇغلۇق دەمەنگىنىچە بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، ئەتراپىنى مېۋىلىك دەرەخلەر قورشاپ تۇرغان چىرايلىق بىر كۆلنىڭ يېنىغا بېرىپ قاپتۇ ۋە كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ، ئۇچۇملاپ تۇرۇپ سۇ ئىچىشكە باشلاپتۇ، ئەنە شۇ چاغدا يېقىنلا يەردىن بىر قانچە قىزنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسى ئاڭلىنىپتۇ، تۇغلۇق كۈلكە كەلگەن تەرەپكە قاراپ، يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئۈچ قىزنىڭ قارىسىنى كۆرۈپتۇ - دە، «نىمىشقا بىسوراق باغقا كىردىڭ» دەپ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، ئۆزىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن دەرەخقە چىقىۋاپتۇ. ئۈچ قىز - قىز بولغاندىمۇ نۇردىن يارىتىلىپ، ئاسماندىن يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلگەندەك بىر - بىرىدىن ئۇز، بىر - بىرىدىن نازلىق قىزلار ئىكەن. ئۈچ قىز شوخلۇق بىلەن بىر - بىرىنى قوغلاشقىنىچە كۆل بويىغا كېلىپ توختاپتۇ - دە، سۇغا چۈمۈلۈش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سېلىشقا تەمشىلىپتۇ. تۇغلۇق ئۆز ئۆمرىدە پەقەت تۇنجى قېتىملا كۆرۈشكە نىسىپ بولغان بۇ نازىنىنلارنىڭ گۈزەللىكى ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇشقا تاسلا قاپتۇ. شۇ ئارىدا كۆينىكىنىڭ تۈگمىلىرىگە قوللىرىنى ئەمدىلا ئېلىپ بارغان بىر قىز ئۇشتۇمتۇتلا: - توختاڭلار! - دەپ ۋارقىراپتۇ - دە، ئەتراپقا قاراشقا باشلاپتۇ، - ئادەم ئىسى كېلىۋاتىدۇ. - راست، - دەپتۇ قالغان ئىككىسىمۇ سەگەكلىشىپ، - ئاختۇرايلى. قىزلار ئەتراپنى ئاختۇرۇشۇپتۇ، لېكىن ئادەم تېپىلماپتۇ، ئۇلار يەنە كۆل بويىغا يىغىلىشىپتۇ، خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولۇشۇپ، بىر - بىرىگە سۆزمۇ قىلماي تىزلىرىنى قۇچاقلىغىنىچە كۆلگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. تىنىق كۆل سۈيى زۇمرەتتەك چاقنار ئىكەن، ئەكسىدە كۆپ - كۆك ئاسمان، گۈل ۋە مېۋىلىك دەرەخلەر جىلۋە قىلار ئىكەن. ئەنە شۇ جىلۋە ئىچىگە دەرەخ ئۈستىدىكى تۇغلۇقنىڭ كېلىشكەن سىماسىمۇ قوشۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. بۇ سىما گەرچە ھېچقانداق تېۋىش چىقارماسلىققا تىرىشىپ، دەرەخكە مەھكەم يېپىشىپ تۇرغان بولسىمۇ، كۆل بېتىگە تىكىلگەن قىزلارنىڭ خىيالچان كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالماپتۇ. - ئەنە! تۇغلۇقنىڭ سۇدىكى ئەكسىنى كۆرگەن قىزلارنىڭ كۆزلىرى دەرەخ ئۈستىگە تىكىلىپتۇ، تۇغلۇق ئۇيالغىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي، قىزارغىنىچە بېشىنى تۆۋەن ساپتۇ. قىزلار: - چۈش، - دەپ توۋلاپتۇ. تۇغلۇق چۈشمەيمۇ قۇتۇلۇشقا بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، پەسكە سىرىلىپ چۈشۈپتۇ - دە، قىزلارغا ئەدەب بىلەن تازىم قىپتۇ. خېلىلا غەزەپلىك كۆرۈنگەن قىزلار تۇغلۇقنىڭ مۇلايىم قىياپىتى ۋەكېلىشكەن قەددى - قامىتىگە قاراپ، بىردىنلا مۇلايىملىشىپ كېتىپتۇ ۋە ئۇنىڭ تازىمنى ئىلىك ئېلىپ، بۇ يەرگە قانداق كىرىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. تۇغلۇق شاھ تاپشۇرغان ئۈچ يۈز ئاساۋ ئاتقا باغلىنىشلىق بولغان قىسقا كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. قىزلار شاھنىڭ ئورۇنسىز تەلىپىدىن غەزەپلىنىپ، مۇلايىم يىگىتنىڭ دەردىگە دەرمان بولماقچى بولۇشۇپ: يىگىتنى پەقەت ئاكىمىزلا قۇتۇلدۇرالايدۇ، بىز ئۇنىڭغا يالۋۇرايلى، - دېيىشىپتۇ - دە، يىگىتنى ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. يىگىت ئۆيگە كىرىپتۇ. قىزلار ئىنتايىن مېھماندوست ئىكەن. ھەش - پەش دېگۈچە ھەرخىل تاماق، ھەرخىل شىرىنلىكلەر بىلەن داستىخاننى تولدۇرۇپ تۇغلۇقنى قىزغىن مېھمان قىپتۇ. تۇغلۇق نازىنىن قىزلارنىڭ ئەنە شۇنداق قىزغىن ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن قايغۇ - ئەلەملىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا يەپ - ئىچىپ، ئۇلار بىلەن چاقچاقلىشىپ، خۇشال - خۇرام ئولتۇرغاندا بىردىن يەر تەۋرىگەندەك بولۇپ، شىددەتلىك بوراننىڭ ئاۋازىدەك غەيرى بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، قىزلار بىردىنلا ئالاقزادە بولۇشۇپ يىگىتكە: - ئاكام كېلىپ قالدى، ئۇنى ئۆز سۆزىمىزگە كۆندۈرگىچە، ئۇنىڭ كۆزىدىن يىراق بولمىسىڭىز، ئۇ سىزنى ھالاك قىلىپ تاشلايدۇ، شۇڭا ۋاقتىنچە بىزگە بويسۇنۇپ تۇرۇڭ، - دەپتۇ - دە، تۇغلۇقنى دەرھال ئالمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۈستەلگە تىزىپ قويۇپتۇ. قىزلارنىڭ ئاكىسى ھەيۋەتلىك سۇمرۇغ قياپىتىدە كۈچلۈك قاناتلىرىدىن دەھشەتلىك ئاۋاز چىقىرىپ ئاسماندىن يەرگە پەرۋاز قىلىپ چۈشۈپتۇ - دە، كېلىشكەن يىگىت قىياپىتىدە ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ ۋە بوسۇغىدىن ئاتلا - ئاتلىمايلا چىرايى سۈرلۈك تۈس ئاپتۇ: - ھە، - دەپتۇ ئۇ دەھشەتلىك توۋلاپ، - ئۆيدىن ئادەم ئىسى كېلىدىغۇ؟ سىڭىللىرى يېپىلىپ كېلىپ ئاكىسىنىڭ تىزىنى قۇچاقلاپتۇ. - بىزنى بىر نۆۋەت كەچۈر ھەم ئۇ بىچارىنىڭ خۇنىدىن كەچ. - ئەھۋالنىڭ توغرىسىنى ئېيتىڭلار. - ئاۋۋال ئۇنىڭغا چېقىلماسلىققا ۋەدە قىل، ئاندىن بىز ئۇنىڭ ئۆزىنىلا سەن بىلەن ئۇچراشتۇرىمىز. - قېنى، دېگىنىڭلارچە بولسۇن. قىزلار تۇغلۇقنى ئەسلىگگ كەلتۈرۈپتۇ، ئاكىسى ئۇنىڭغا شۇنداق بىر تىكىلىپتۇ - دە، غۇلىچىنى كەرگىنىچە ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى قاتتىق قۇچاقلاپتۇ: - دوستۇم! يىگىتمۇ قىزلارنىڭ ئاكىسىنى قاتتىق قۇچاقلاپتۇ. قىزلار بۇ ئىككىسىگە تىكىلگىنىچە ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قاپتۇ. - دوستۇم، - دەپتۇ قىزلارنىڭ ئاكىسى، - سېنى بۇ يەرگە قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى؟ - بىر ئېغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈش تەس، - دەپتۇ تۇغلۇق دوستىغا خۇشاللىق بىلەن تىكىلىپ، - ئەلۋەتتە تەقدىر شامىلى بولسا كېرەك. قىزلارنىڭ ئاكىسى خۇشاللىق بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ، دوستىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ ۋە سىڭىللىرىغا قاراپ: - مانا بۇ يىگىت، - دەپتۇ ئۇ دوستىنى سىڭىللىرىغا تونۇشتۇرۇپ، - شاھزادە تۇغلۇق! - ئاھ، - دەپتۇ قىزلار خۇشاللىق بىلەن چاۋاك چېلىپ، - سىزنى دەرىزىسىز ئۆيدىن ئازات قىلۋەتكەن شاھزادە شۇ ئىكەن - دە! قىزلار دەرھال شاھزادىگە تىزلىنىپتۇ: - ئاكىمىزنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت! شاھزادىنىڭ ئالدىغا يەنە خىلمۇ - خىل تاماقلار تىزىلىپتۇ. قىزلارنىڭ ئاكىسى ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇپ، كەچۈرمىشلىرىدىن ھېكايە قىلىپ بېرىشنى سوراپتۇ. شاھزادە دەرىزىسىز ئۆيدىكى «نۇر چاچار يىلان» نى قويۇۋەتكەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. قىشلار ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىقى ئېشىپ، كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ. قىزلارنىڭ ئاكىسىمۇ قاتتىق ئىچ ئاغرىقى قىلىپ، - يامان بوپتۇ، بىراق شۇنچە ئىشلار بولۇپ كەتكىچىمۇ، مېنىڭدىن ياردەم تىلىمىگىنىڭگە ئۆكۈنىمەن، - دەپتۇ. - مەن سېنى نەدىن تاپاتتىم، - دەپتۇ شاھزادە ھەيران بولۇپ. - مەن سەن بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا، بېشىڭغا كۈن چۈشسە، «دوستۇم» دېگەن سۆزنى ئېغىزىڭغا ئالساڭلا، مەن ساڭا دەرھال ئۆز ياردىمىنى يەتكۈزىمەن، دېگەن ئىدىمغۇ! - مۇنداق دېگىن، - دەپتۇ شاھزادە قاقاقلاپ كۈلۈپ، - ئۇ مېنىڭ تامامەن ئېسىمگە كەلمەپتۇ. - دوستلارنى ئۇنتۇش يامان كىشىلەرنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كېتىشكە يول ئاچىدۇ، - دەپتۇ قىزلارنىڭ ئاكىسى شاھزادىگە چۈشەندۈرۈپ، - بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتما. پاراڭ بىلەن بولۇپ، كۈن كەچ كىرىپتۇ. شاھزادە شاھنىڭ ئۈچ يۈز ئاساۋ يىلقىسىنى ئېسىگە ئېلىپ، دوستىغا كېتىشكە ئىجازەت سوراپتۇ. دوستى يېنىدىن ئاتنىڭ بىر تال مويىنى چىقىرىپ شاھزادىگە سۇنۇپتۇ: - مانا بۇ موينى كۆيدۈرسەڭ ساڭا زۆرۈر بولغان ياراقلار تەقلەنگەن بىر ئات پەيدا بولىدۇ، ئۇ سېنىڭ خالىغان ئىشىڭنى ئورۇنلاپ بېرىشكە قادىر. سەن ئىشىڭنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ مويىدىن بىر تالنى يۇلۇۋېلىپ، ئۇنى قويۇۋەت، زۆرۈر تېپىلغاندا مويىنى كۆيدۈرسەڭ ئۇ يەنە خىزمىتىڭگە تەييار بولىدۇ، مويىنى يوقىتىپ قويمىساڭلا، ئۇ ساڭا ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلىپ بېرىدۇ، - دەپتۇ. شاھزادە موينى ئېلىپ جونىمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، دوستى سىڭىللىرىغا قاراپ: - دوستۇمغا تۇتىدىغان يوللۇقىڭلار يوقمۇ؟ - دەپتۇ. بۇ گەپ بىلەن تەڭ قىزلارنىڭ چوڭى بىر دانە تۇخۇم، ئوتتۇرانچىسى بىر تال چوكا، كەنجىسى بىر دانە ئەينەك ئېلىپ كېلىپ شاھزادىگە سۇنۇپتۇ. بۇ نەرسىلەر كۆرۈنۈشتە ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىرىگە ئاجايىپ خاسىيەتلەر پۈتۈلگەن ئىكەن. تۇخۇم تەلەپ قىلغۇچىغا خالىغان تاماقنى ھازىر قىلىپ بېرىدىكەن، چوكا تىكلىنىشى بىلەن نەغمە - ناۋا قىلىپ بېرىدىكەن، ئەينەك قارىغۇچىغا خالىغان جاي ۋە كىشىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. شاھزادە تۇغلۇق دوستى ۋە ئۇنىڭ سىڭىللىرى تۇتقان سوۋغىلارنى ئېلىپ باغنىڭ سىرتىغا چىقىپتۇ - دە، موينى كۆيدۈرۈپتۇ. شۇئان ئاجايىپ كېلىشكەن، ئىگەر - توقۇملۇق بىر قارا تۇلپار، ئۇزۇن سويلىنى سۆرىتىپ، كىشنىگەن پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. شاھزادە ئۆز دوستىنى كۆرگەندەك خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ يايلىسىنى سىلاپ، ئۈستىگە مىنپتۇ - دە، سويلىنى قاتتىق بىر شىلتىپتۇ، شۇئان ئات ئېغىزدۇرغىنى چايناپ، ئالدى ئاياقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قاتتىق بىر كىشنىگەن ئىكەن، تاغدا ئوتلاپ يۈرگەن بىرەر مىڭدىن ئارتۇق ئاساۋ ئاتلارنىڭ ھەممىسىلا دۇكۇرۇشۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەپتۇ. شاھزادە ئۇلارغا قاراپ سويلىنى شۇنداقلا بىر كۆتۈرۈپ قويغان ئىكەن، بىرەرسىمۇ ئۇيان - بۇيان بولماي، ئالدىغا چۈشۈپ، توپ - توغرا شاھنىڭ ئاتخانىسىغا كىرىپ بېرىپتۇ. شاھزادە ئېتىنىڭ بىر تال مويىنى يۇلۇۋېلىپ، ئۇنى قويۇۋېتىپتۇ - دە، شاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۈچ يۈز ئاتقا قوشۇپ شاھقا تەۋە يەنە بىر مۇنچە ياۋايىلىشىپ كەتكەن ئاتلارنىمۇ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. شاھ ئەسلى بۇ يىگىتنى ۋەزىپىسىنى بېجىرەلمەي قېچىپ كېتىدۇ، ياكى بۆرىلەرگە يەم بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئورۇنلىشى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان دەرىجىدىكى شۇنداق مۈشكۈل ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى شاھنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرۇپتۇ. شاھ ئۇيان ئويلىنىپ، بۇيان ئويلىنىپ، ئاخىرى ئۇنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى كۈزىتىپ بېقىش نيىتىدە ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، ئوردىنىڭ پارچە - پۇرات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئەركىن - ئازادە يۈرۈشىگە رۇخسەت قىپتۇ. ھەپتىلەر، ئايلار ئۆتۈپتۇ، بالىنىڭ ھەرىكىتىدە ئۆزگىچە ئەھۋاللار كۆرۈلمەپتۇ، تاپشۇرۇۋالغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ، پۇختا ۋە تولۇق بېجىرىدىكەن. ئۇ، شۇ ھالدا ئاكىسىنىڭ بۇ يىگىتنى نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي، يىگىتنىڭ ئۆزىدىن سوراي دېسە، ئۇنى ئۈركۈتۈپ قويارمەنمىكىن دەپ ئەندىشىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەي، باش قېتىمچىلىق ئىچىدە تۇرغىنىدا ئاكىسىدىن يەنە بىر پارچە خەت كېلىپ قاپتۇ. شاھ خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ تۇرغىنىدا يىگىت كىرىپ كەپتۇ. - خەتتە، - دەپتۇ شاھ تۇغلۇققا تىكىلىپ، ئاكام ئۆز قىزىنى شەمسى شاھنىڭ شاھزادىسىگە بەرمەكچى بولۇپ، بىزنى تويغا تەكلىپ قىپتۇ، بۇ ئىشتىن سېنىڭ خەۋىرىڭ بارمىدى؟ - خەۋىرىم يوقتى، بىراق شۇنداق بولۇشىنى بىلەتتىم، - دەپتۇ تۇغلۇق جاۋاب بېرىپ. - ھەيرانمەن، - دەپتۇ شاھ تۇغلۇققا قاراپ، - سەن بۇ ئىشنى قانداق بىلىسەن؟ - مەن ئەنە شۇ شەمسى شاھنىڭ شاھزادىسىنىڭ نۆۋكىرى ئىدىم. - ئۇنداق بولسا، سەن ئۇ شاھزادىدىن قانداق قىلىپ ئايرىلىپ قالدىڭ؟ - بو توغۇرلۇق مەن بىر نېمە دىيەلمەيمەن، بۇ سىزنىڭ ئاكىڭىز بىلەن شاھزادىگە تەئەللۇق ئىش بولسا كېرەك. - بايا سەن ئاكامنىڭ قىزى بىلەن شاھزادىنىڭ تويى بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدىغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ، دېمەك سەن شاھزادە بىلەن سىرداش، شۇنداقمۇ؟ - شاھزادە مەندىن سىر ساقلايدۇ، بىراق بۇ ئىشلار مېنىڭ چۈشۈمدە ئايان بولغان، مېنىڭ چۈشلىرىم كۆپىنچە توغرا چىقىدۇ. شاھ تۇغلۇقنىڭ سۆزلىرىگە قىزىقىپ قاپتۇ: - پاھ، بۇمۇ قىزىق ئىشكەن، بۇ توغۇرلۇق چۈشۈڭدە يەنە قانداق ئىشلار ئايان بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ - خىرە - شىرە ئېسىمدە قېلىشىچە، ئاكىڭىزنىڭ قىزىغا مۇڭغۇللار پادىشاھىمۇ ئەلچى كىرگۈزگەن، ئاكىڭىز شەمسى شاھنىڭ شاھزادىسىگە ۋەدە قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، مۇڭغۇللار پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇۋەتكەن، مۇڭغۇللار پادىشاھى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاكىڭىزغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر توپلاۋاتقۇدەك، بەلكى بۇ ئۇرۇش ئاكىڭىزنىڭ قىزى بىلەن شاھزادىنىڭ توي مەرىكىسىگە توغرا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. - ھە، سەن ئەۋلىيامۇ، قانداق؟ تۇغلۇقنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان شاھ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئاكىسىدىن كەلگەن خەتتە ئەنە شۇ سۆزلەر ئېنىق يېزىلىپ ئىنىسىدىن بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى تەييارلاپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. تۇغلۇق شاھنىڭ ھەيران قالغانلىقىغا قاراپ، ئىچىدە قاتتىق كۈلۈپتۇ، چۈنكى ئۇ بايان قىلغانلىرىنى چۈشىدە ئەمەس دوستىنىڭ سىڭىللىرى ھەدىيە قىلغان ئەينەكتىن كۆرگەن ئىكەن. تۇغلۇق ئەنە شۇ ئەينەككە ئېرىشكەن كۈندىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا قاراپ مەلكە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارغا سەپسېلىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ مەلىكىنىڭ بىر قېتىممۇ كۈلگىنىنى كۆرمەپتۇ، ھەيدەر بولسا، ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك پىرقىراپلا يۈرىدىكەن، مەلىكە بولسا، ئۆزىنى خالى قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، كۆزلىرىدىن ئۈزلۈكسىز ياش تۆكۈپ كېسەل بولۇپ يېتىۋالىدىكەن. ئەنە شۇ جەرياندا ھەسەن شاھ شەمسى شاھقا نامە ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ قىزىنى چېتىپ، 4 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. شاھزادىسىدىن ئايرىلىپ، جۇدالىق ھەسرىتىدىن ئىككى پۈكۈلۈپ قالغان شەمسى شاھ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇش بولۇپ كېتىپ، مەخپىي ھالدا 40 تۆگىدە تويلۇق يوللاپ، ئۆز رەھمىتىنى ئىزھار قىلغان ئىكەن. مانا مۇشۇ 40 تۆگىدىكى تويلۇق مال ھەيدەرنىڭ مەلىكىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان بۇيۇملىرىغا ئايلانغان بولسىمۇ، قىز يەنىلا ھەيدەردىن بىزار ئىكەن. ئۇنىڭ كۆڭلىدە كىم بارلىقى تۇغلۇققا ناھايىتى ئېنىق ئىكەن، تۇغلۇق ئۆزىگە شۇنچىلىك ئىشتىياق باغلىغان بۇ مەلىكىنىڭ ۋەسلىگە ئېرىشىشنى ھەرقانچە ئويلىسىمۇ، ھەيدەرگە بەرگەن قەسىمى يادىغا كېلىۋېلىپ، يەنىلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى بېسىپ چۈشكەندە، شاھزادىنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا مەجبۇر قىلىدىكەن. بىراق يېقىنقى كۈنلەردە ئەلچىلىرى قايتۇرۇلغان مۇڭغۇللار شاھىنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئۇرۇش تەييارلىقى تۇغلۇقنى قاتتىق بىئارام قىپتۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، مەلىكىنى تارتىپ كېتىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇغلۇق جەزمەن ئۇرۇشقا چۈشۈشى كېرەك.. تۇغلۇقنىڭ ھۈسەن شاھنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن ئەينەكتە كۆرگەنلىرىنى ئايانماي سۆزلىشى ئەنە شۇ قارارغا كەلگەنلىكىدىن بولغان ئىكەن. - سەن ھەقىقەتەن ئەۋلىيا ئىكەنسەن، - دەپتۇ ھۈسەن شاھ تۇغلۇقنىڭ ئۆز چۈشىدە كۆرگەنلىرىگە بەرگەن تەبىرىدىن ھەيران بولۇپ، - قېنى، ئېيتە، مەن ئەسكەرلىرىمنى ئېلىپ بارايمۇ - قانداق؟ - چۈشۈمدە بۇ توغۇرلۇق بىرەر نەرسە ئايان بولمىدى، لېكىن مۇڭغۇللار يېڭىلىدۇ. - يېڭىلىدۇ؟ مەيلى، بۇنى كېيىن كۆرەرمىز، لېكىن مەن سېنى ئېلىپ بارىمەن. تەييارلىق قىل. ھۈسەن شاھ تۇغلۇقنى ھارۋىكەش قىياپىتىدە ياساپ ئىككى ھەپتىلىك قاتتىق يول ئازابىدىن كېيىن ئاكىسىنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. ھۈسەن شاھ ئاكىسىنىڭ ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن تۇغلۇقنى ئاكىسىنىڭ نەزىرىدىن قاچۇرۇپ، ئارقا ھويلىدىكى خالى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ - دە: - سەن بۇ ئۆيدىن قوزغالما، زۆرۈر بولغاندا مەن ئۆزەم كېلىپ سەن بىلەن سۆزلىشىمەن - دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. توي باشلىنىپ كېتىپتۇ. تۇغلۇق قورسىقى ئاچسا خاسىيەتلىك تۇخۇم ئارقىلىق خالىغان تاماقنى ھازىرلاپ يەپ، ئىچى پۇشسا، خاسىيەتلىك چوكىدىن ئىسىل نەغمە - ناۋالارنى ئاڭلاپ، خاسىيەتلىك ئەينەك ئارقىلىق توي ئەھۋالىنى كۆرۈپ يېتىپتۇ. ھۈسەن شاھنىڭ مەخسۇس كىشىلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ بەرگەن توينىڭ نازۇ - نېمەتلىرى شۇ بويىچە دۆۋىلىنىپ تۇرۇۋېرىپتۇ. توي باشلىنىپ ئۈچىنچى كۈنى تۇغلۇقنىڭ ئەينىكىدە مۇڭغۇل لەشكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئايان بوپتۇ. ئۇ بۇ ئەھۋالنى ئۆزىنى ئىزلەپ كىرگەن ھۈسەن شاھقا مەلۇم قىلىپ، دەرھال ئۇلارغا قارشى لەشكەر ئەۋەتىشنى ئۇقتۇرۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا ھەسەن شاھنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى قاراۋۇللىرىمۇ ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، بۇ ئەھۋالنى شاھقا مەلۇم قىپتۇ. ئوردىدا پاتىپاراقچىلىق كۆتۈرۈلۈپ، لەشكەرلەر دۈشمەنگە قارشى ئاتلىنىپتۇ. توي بەزمىلىرى توختاپ، ھەممە ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ، كۈيئوغۇل بولغۇچى ھەيدەرمۇ ۋەھىمە ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلمەي توينىڭ نازۇ - نېمەتلىرىنى بىر خالتىغا قاچىلاپ، «مەنمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىمەن» دېگەن باھانىدا، مۇبادا ھەسەن شاھ يېڭىلىپ قالسا، قېچىپ كېتىشنى كۆزلەپ ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى پايانسىز چۆلدە ئىككى ياقتىن كەلگەن كەلكۈندەك شىددەت بىلەن ئۇچرىشىپ دەھشەتلىك جەڭنى باشلىۋېتىپتۇ. ھەش - پەش دېگۈچە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلۈكلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ، قەڭ ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى يەر - ئاسماننى لەرزىگە كەلتۈرۈۋېتىپتۇ. جەڭ ئەنە شۇ ھالدا بىر قانچە سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن مۇڭغۇللر تەرەپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ھەسەن شاھنىڭ ئەسكەرلىرىنى شەھەر سېپىلىگە قاراپ قىستاشقا باشلاپتۇ، سېپىل ئۈستىدە تۇرۇپ، جەڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىپ تۇرغان شەھەر ئەھلى قاتتىق قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ قاپتۇ. دەل شۇ چاغدا قارا تۇلپار مىنگەن بىر ئەزىمەت سېپى ئىچىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپتۇ - دە، دۈشمەن ئىچىگە شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كىرىپتۇ. دۈشمەن لەشكەرلىرى ئۆزلىرىگە ئەجەل يوللاۋاتقان بۇ تەڭداشسىز باتۇر ئالدىدا ئېغىر ساراسىمىگە چۈشۈپ پاتىپاراق بولۇپ قېچىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ھەسەن شاھنىڭ لەشكەرلىرى ئاجايىپ روھلىنىپ كېتىپتۇ - دە، قاچقان دۈشمەنلەرنى سۈرۈپ -توقاي قىلىپ كەچ كىرگىچە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى قىرىپ تۈگىتىپتۇ. ھەسەن شاھ تەرەپ، گەرچە غەلىبە تەنتەنىسى بىلەن چەكسىز خۇشاللىققا چۆمۈلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇڭغۇل پادىشاھسىنىڭ ئەتىلا باستۇرۇپ كېلىدىغان تېخىمۇ زور قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئىشلەشكە باشلاپتۇ. بۇ جەرياندا ھەممە ھېلىقى قارا تۇلپارلىق چەۋەندازنى ماختىشىپتۇ. بىراق ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشمەپتۇ، بەزىلەر ئۇنى «ھەسەن زاھنىڭ كۈيئوغلى ئىكەن» دېگەن سۆزلەرنىمۇ قىلىشىپتۇ. قارا تۇلپارلىق چەۋەنداز ئارىدا بولمىغاچقا، ئەتىدىن - كەچكىچە ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ مۈكۈپ ياتقان ھەيدەرمۇ: «بۇ، مەن ئىدىم، ئەتە يەنە جەڭگە قاتنىشىشقا تەييارمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇپ، شۇنداق قەيسەر كۈيئوغۇلنى تاللىغان ھەسەن شاھقىمۇ قىزغىن ھەدىيە ئوقۇپتۇ. بىراق بۇ قارا تۇلپارلىق چەۋەندازنىڭ ھەيدەر ئەمەس، بالكى شاھزادە تۇغلۇق ئىكەنلىكى ھېكايە ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشىنىشلىك بولسا كېرەك. ئۇ خاسىيەتلىك ئەينەكنىڭ ئايان قىلىشى بىلەن ھەسەن شاھ تەرەپنىڭ يېڭىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دوستى تەقدىم قىلغان قارا تۇلپارنىڭ مويىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ئىگىرىگە ساۋۇت، دوبۇلغا، قىلىچ - قالقانلارنى ئېسىلغان تۇلپار كىشنەپ يېتىپ كەپتۇ، ئۇ ئەنە شۇ ساۋۇت، دۇبۇلغىنى كىيىپ، قىلىچ - قالقانلارنى قولىغا ئېلىپ، قارا تۇلپارغا مىنىش بىلەن كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان دەرىجىدىكى ئەنە شۇ قەھرىمانلىقنى نامايەن قىپتۇ. جەڭ ئاياقلاشقاندىن كېيىن، قارا تۇلپارنىڭ بىر تال مويىنى يۇلۇپ ئېلىپ، ئۇنى قويۇۋېتىپيۇ - دە، قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئۆز ھۇجۇرىسىغا كىرىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. تاڭ ئېتىپتۇ، شاھزادە ئويغىنىپ، دەرھال ئەينەككە قاراپتۇ، ئەينەكتە مۇڭغۇل تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ لەشكەر باشلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئايان بوپتۇ. ھەسەن شاھقا كۆرگەن «چۈشى» گە ئاساسەن بۈگۈن تېخىمۇ قاتتىق جەڭگە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. دېگەندەك مۇڭغۇل تەرەپ ناھايىتى كۆپ لەشكەر ئېلىپ كەپتۇ. جەڭ يەنە باشلىنىپتۇ، ھەسەن شاھ تەرەپ يەنە يېڭىلىشكە يۈزلەنگەن ھامان شاھزادە تۇغلۇق يەنە تۇلپارنىڭ مويىنى كۆيدۈرۈپتۇ. تۇلپار ئالدىنقى كۈندىكى قىياپەت بىلەن يېتىپ كەپتۇ. شاھزادە دۇبۇلغا، ساۋۇتىنى كىيىپ، يەنە جەڭگە پەرۋاز قىپتۇ. بۈگۈنكى جەڭدە مۇڭغۇللار، بۇ قارا تۇلپارلىققا خېلى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زۇلپىقارى ئالدىدا باشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۈزۈلۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، يەنە چېكىنىشكە مەجبۇر بوپتۇ. كەچ كىرىپتۇ، جەڭمۇ توختاپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى مۇڭغۇل ئەسكەرلىرى يەنە كەپتۇ. بىراق ھەسەن شاھنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئۇرۇشمايلا چېكىنىپ تېرە - پېرەك بولۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى مۇڭغۇل تەرەپتە قولغا كۆندۈرگەن چوڭ بىر ئەجدىھا بولۇپ، لەشكىرىي كۈچى بىلەن تەڭ كېلەلمىگەن مۇڭغۇللار ئەنە شۇ ئەجدىھانى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، ئەجدىھا ئاغزىدىن ئوت - يالقۇن چېچىپ توغرا كەلگەن كىشىنى يالماپ - يۇتۇپ، ياكى چايناپ - پۈركۈپ ئالغا ئىلگىرىلەۋېرىپتۇ. بۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىگەن ھەسەن شاھنىڭ لەشكەرلىرى توغرا كەلگەن تەرەپكە قېچىپ، ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشىپتۇ، مۇڭغۇللار ئەنە شۇ ھالدا ئوردىغا بېسىپ كىرىپتۇ - دە، تويى بولىۋاتقان مەلىكىنى ئېلىپ، يولىغا راۋان بۇ غەلبىسىنى كۆرگەن شاھزادە تۇغلۇق يەنە قارا تۇلپارىنى مىنىپ، مۇڭغۇللارنى قوغلاپ يېتىپتۇ - دە، ئەجدىھاغا تىغ ئۇرۇپتۇ، لېكىن ئەجدىھامۇ چاققانلىق بىلەن شاھزادىنىڭ بىلىكىگە ئېغىز سېلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ، شاھزادە دەرھال بىھۇشلىشىپتۇ دە، ئىختىيارسىز «دوستۇم» دەپ پىچىرلاپ تاشلاپتۇ. شۇئان ئەجدىھانىڭ تىغ تەككەن يېرىدىن كۆكۈش ئىس كۆتۈرۈلۈپ، يېشىل يالقۇنغا ئايلىنىپتۇ - دە، ھەش - پەش دېگۈچە ئەجدىھا كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن مۇڭغۇللار قورققىنىدىن مەلىكىنى تاشلاپ قېچىپتۇ، مەلىكە پەيتۇندىن سەكرەپ چۈشۈپ، بېشىدىن ياغلىقىنى ئېلىپ يىگىتنىڭ ئەجدىھا چىش سالغان بىلىكىنى تېڭىپتۇ. يىگىت ھۇشىغا كەپتۇ. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىدىن دۇبۇلغىسىنى ئالغاندا ئاكا - ئۇكا شاھلار ئۇنى تونۇپ، ھاڭ - تاڭ بولغنىچە بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. مەلىكە بولسا، ئۆزىنى تۇتالماي يىگىتنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. يىگىت بولسا قىزنى مۇلايىملىق بىلەن ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ھەسەن شاھقا قاراپ: - بۈگۈنكى چۈشۈمنىڭ بىشارەت بېرىشىچە مۇڭغۇللار ئەمدى بۇ يۇرتقا قەدەم بېسىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، - دەپتۇ. ھەسەن شاھ يىگىتكە ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپتۇ - دە، كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ: - بۇ سېنىڭ شەرىپىڭ، سەن پۈتكۈل خەلقنىڭ شەرىپى، - دەپتۇ. شۇ ئەسنادا ئارقىدىكى كىشىلەر تەۋرىنىپ قاپتۇ، ھەممە ھەيران بولغان ھالدا ئارقىسىغا قارىغۇدەك بولسا، شەمسى شاھ بىلەن ئۇنىڭ ۋەزىرى نەچچە مىڭلىغان لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ھەسەن شاھنىڭ مۇڭغۇللارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە يېتىپ كەلگەن ئىكەن، تۇغلۇق قوشۇن ئالدىدىكى دادىسىنى كۆرۈپ، «دادا» دەپ توۋلىغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپتۇ، شەمسى شاھمۇ «بالام» دېگىنىچە ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، تۇغلۇقنى باغرىغا بېسىپتۇ.ئاكا - ئۇكا شاھلار شاھزادىنىڭ قۇلى دەپ تونۇپ، ھەتتا «شاھزادە» نىڭ ئوت - قۇيرۇقلۇق قىلىشى بىلەن ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا تاس قالغان بۇ يىگىتنىڭ ئەمدىلىكتە شەمسى شاھنىڭ ئوغلى بولۇپ چىققانلىقىغا ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. بۇنى چۈشەنگەن شەمسى شاھنىڭ ۋەزىرى ئوغلى ھەيدەرنى قولىدىن يېتىلىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ھەيدەر ئەسلىدە قېچىپ كېتىۋېتىپ ئۇلارغا دوقۇرۇشۇپ قالغان ئىكەن. - ھەممىنى قىلغان مانا مۇشۇ، - دەپتۇ ۋەزىر ئوغلىنى سىلكىشلىگىنىچە غەزەپلىنىپ، - مانا مۇشۇنداق قارا نىيەتكە ئاتا بولغانىمغا خىجىلمەن، شۇڭا بۇنىڭ كاساپىتىدە پەيدا بولغان بارلىق ئۇقۇشماسلىقلارنى مۇشۇنىڭ قېنى ئارقىلىق يۇيۇپ تاشلاش ئۈچۈن بۇنى سىلەرنىڭ قىلىچىڭلارنىڭ ئاستىغا تاشلايمەن. ۋەزىر شۇ سۆزلەردىن كېيىن ئوغلىنى ئاكا - ئۇكا شاھلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپتۇ. شاھزادە تۇغلۇق دادىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئاجراپ، ھەيدەرنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، شاھزادىلىك كىيمىدىكى توپا - چاڭلارنى قېقىپ تۇرۇپ: - مەن ئۆز مەردانىلىقىم بىلەن ساڭا قىلغان قەسىمىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتىم، لېكىن سەن نامەرتلىكىڭدىن بەرگەن كىيىمنىمۇ ئوڭلاپ كىيەلمىدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سېنىڭ مېنى بىر نۆۋەت ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن، شۇڭا مەنمۇ سېنى بۇ نۆۋەت ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالماقچىمەن. ئەمىسە سەن ئازات، مەلىكە بىلەن مۇرات - مەقسىدىڭگە يەت مەلىكە بۇ گەپنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپتۇ: - مەن ھەقىقىي شاھزادىگە تېگىشىم كېرەك، ئاتا، مېنى ئۇنىڭغا زورلىماڭ. ھەيدەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئىگەرلىك ئاتلارنىڭ بىرىگە مىنىپتۇ - دە، ئوقتەك چاپقىنىچە كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ئات چېپىپ كەتكەن كىشىلەر ئۇنىڭ دەريا سۈيى چەتكە ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن جەسىتىگە يولۇقۇپتۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىممۇ ئىچ ئاغرىتىپ قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەسەن شاھنىڭ ئوردىسىدا يەنە قىرىق كېچە - كۈندۈزلۈك توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، شاھزادە تۇغلۇق بىلەن مەلىكىنىڭ نىكاھى ئوقۇلۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق