ۋاپادارلىق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنىسىدا بىر تۇل خوتۇن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق بىر ئوغلى بولۇپ، ئىسمى ياسىن ئىكەن. ئانا ھەر كۈنى باينىڭ ئۆيىدە كىر يۇيۇپ، نان يېقىپ، ئاران ئىككى يارماق تاپىدىكەن ۋە ئۇ يارماقلارنى شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئوغلىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدىكەن. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئوغۇل ئانىسى بىلەن بىللە ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىكەن - دە، ئۇ پۇلغا ھەم ئۇن، ھەم ئوتياش - چونەك سېتىۋالىدىكەن، ئاندىن ئۇلارنى پىشۇرۇش ئۈچۈن، لىق بىر سېۋەت چاۋار تېرىيدىكەن، ئانىسى قايتىپ كېلىپ ئەتكەن ئاشنى يەپ، ئانىسىنىڭ تىزىغا بېشىنى قۇيۇپلا ئۇخلاپ قالىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ياسىن پۇلنى سىقىمداپ ئۆيدىن چىقىپ، ئۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن رەۋەندىنىڭ دۇكىنىغا كېتىۋاتسا، بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن بىر تال تاياق بىلەن يەرنى ئۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە، ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاپ بېرىپتۇ. قارىسا، يەردە كىچىككىنە بىر يىلان بالىسى ئۆمىلەپ قېچىپ كېلىۋاتقىدەك، ھېلىقى ئادەم بولسا، ھەدەپ ئۇنى ئۇرۇۋاتقىدەك. ياسىن نېمە قىلىشىنى بىلمەي، ئۇلارغا قارىغىنىچە قېتىپ قاپتۇ. بىر چاغدا، يىلان بالىسى قانداقتۇ بىر كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن بىرلا ئوتچۇپ، ياسىننىڭ پۇتلىرى ئارىسىغا كىرىۋاپتۇ. ھەم كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ، ئادەمگە ئوخشاش زۇۋان بىلەن:
- ھەي ئوبدان بالا، - دەپتۇ ياسىنغا يالۋۇرۇپ، - ئەگەر مېنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇۋالساڭ، ئۆمۈرۋايەت ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن. دۆلىتىڭنى زىيادە قىلىپ، مەڭگۈ خار قىلمايمەن.
يىلاننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ياسىننىڭ يۈرىكى شۇررىدە ئېرىپ، ئۇنىڭغا بەكمۇ رەھمى كەپتۇ. ئۇ، يىلاننى دەرھال پۇتلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇپتۇ - دە، ھېلىقى ئادەمدىن سوراپتۇ:
- ھەي ئاكا، بۇ يىلاننى نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇرىسىز؟ ئۇنىڭدىن سىزگە نېمە يامانلىق كەلدى؟
- بۇ يىلان مېنىڭ بىردىن - بىر ئارزۇلۇق ئوغلۇمنىڭ قولىنى چېقىۋېلىپ ناكا قىلدى، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى، - شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچىمەن.
ئۇ گەپنى ئاڭلىغان ياسىن بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
- ماڭا سېتىپ بەرسىڭىز بولمامدۇ؟ - دەپتۇ ھەم ئانىسى ئوزۇق - تۈلۈك سېتىۋېلىشقا بەرگەن ئىككى يارماقنى كۆرسىتىپتۇ.
ھېلىقى كىشى دەسلەپ پۇلنى ئاز كۆرۈپ، يىلاننى ساتقۇسى كەلمەپتۇ. كېيىن «ئاق قۇشقاچمۇ گۆشقۇ، ئاز بولسىمۇ پۇلنى ئېلىپ يىلاننى ئۇنىڭغا بەرسەم، كىچىك بالا دېگەن بىردەمدە ئۆلتۈرۈپ قويمامدۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ - دە، يارماقلارنى قولىغا ئېلىپ، كەينىگە قارىماي كېتىپ قاپتۇ.
ياسىن يىلاننى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەپتۇ. كەچ كىرگەندە، ھېرىپ - ئاچقان ئانا ئۆيگە كېلىپ، تاماق ئېتەي دېسە، يا بىر چىمدىم ئۇن، يا بىر تۇتام كۆكتات ۋە ياكى بىر قالام ئوتۇن يوق تۇرغىدەك. ئۇ ھەيران بولۇپ، ياسىندىن ۋەقەنى سوراپتۇ. ياسىن ئۆزى ئۇچراتقان ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ بۇ ئەقىلسىزلىكىگە بىر مۇنچە كايىپ نائىلاج ئاچ قورساق يېتىپ قاپتۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە، ئانىسى تۈنۈگۈن ئىشلەپ تاپقان ئىككى يارماقنى يەنە ياسىننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ ھەم ئۇنىڭغا قىلىدىغان سودىلىقىنى قايتا - قايتا تاپىلاپ، بايلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ياسىن پۇلنى سىقىمدىغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ، ئۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن رەۋەندىنىڭ دۇكىنىغا كېتىۋاتسا، بىر ئادەم پۈتۈن ئەزايىنى قوتۇر باسقان ئورۇق ئىتنى يوغان بىر يېرىندا ئوتۇن بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ كېلىۋاتقۇدەك. قېرىلىقتىن ئاران ماڭالايدىغان ھالغا كەلگەن بۇ ئىت ھەر قەدەمدە بىر يىقىلىپ، بىر قوپۇپ، ئېچىنىشلىق غىڭشىپ، كۆز يېشى قىلغىدەك. ياسىن نېمە قىلىشنى بىلمەي، ئۇلارغا قارىغىنىچە قېتىپ قاپتۇ. بىر چاغدا ئىت قانداقتۇ بىر كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن بىرلا ئوقچۇپ ياسىننىڭ كەينىگە ئۆتۈۋاپتۇ ۋە:
- ھەي بالا، - دەپتۇ زۇۋانغا كىرىپ، - ئەگەر مېنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇۋالساڭ، ئۆمۈرۋايەت ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن. ئۆمۈرۋايەت خىزمىتىڭنى قىلىمەن.
ئىتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ياسىننىڭ يۈرىكى شۇررىدە ئېرىپ، ئۇنىڭغا بەكمۇ رەھمى كەپتۇ. ئۇ ئىتنى ئۆز گەۋدىسى بىلەن دالدا قىلىپ تۇرۇپ ھېلىقى ئادەمدىن سوراپتۇ:
- ھەي ئاكا، بۇ ئىتنى نېمىشقا مۇنچىۋالا ئۇرىسىز؟ ئۇنىڭدىن سىزگە نېمە يامانلىق كەلدى؟
- بۇ ئىتقا مەن يىگىرمە يىل تۇز بەرگەن بولساممۇ، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى، - ئۆيۈمنىڭ تېمىنى تېشىپ كىرىپ، ماڭا قەست قىلماقچى بولدى. شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈرمەكچىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ياسىن بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
- ماڭا سېتىپ بەرسىڭىز بولمامدۇئ - دەپتۇ ھەم ئانىسى ئوزۇق - تۈلۈك سېتىۋېلىشقا بەرگەن ئىككى يارماقنى ئۇنىڭغا تەڭلەپتۇ.
ھېلىقى كىشى كۆڭلىدە: ئىتنى ئۇنىڭغا بەرسەم، بىر دەمدە ئۆلتۈرۈپ قويۇشى تۇرغان گەپ. ئاز بولسىمۇ پۇلنى ئالمايمۇ ..... دەپ ئويلاپتۇ - دە، يارماقلارنى قولىغا ئېلىپ، كەينىگە قارىماي كېتىپ قاپتۇ.
ياسىن ئىتنى يېتىلەپ ئۆيگە كەپتۇ، كەچ كىرگەندە، ھېرىپ - ئاچقان ئانا ئۆيگە كېلىپ، تاماق ئېتەي دېسە، ئۆيدە يا بىر چىمدىم ئۇن، يا بىر تۇتام كۆكتات ۋە ياكى بىر قالام ئوتۇن يوق تۇرغىدەك. ئۇ ھەيران بولۇپ، ياسىندىن ۋەقەنى سوراپتۇ. ياسىن ئۆزى ئۇچراتقان ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ ئەقىلسىزلىكىگە بىرمۇنچە كايىپ، نائىلاج ئاچ قورساق يېتىپ قاپتۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە، ئانىسى تۈنۈگۈن ئىشلەپ تاپقان ئىككى يارماقنى يەنە ياسىننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ ھەم ئۇنىڭغا قىلىدىغان سودىلىقىنى قايتا - قايتا تاپىلاپ، بايلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ، ياسىن پۇلنى سىقىمدىغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ، ئۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن رەۋەندىنىڭ دۇكىنىغا كېتىۋاتسا، بىر ئادەم پۈتۈن ئەزايى قانغا مىلەنگەن چىرايلىق بىر مۈشۈكنى ئۇزۇن بىر تال تاياق بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ كېلىۋاتقىدەك. تاياق زەربىدىن ماڭالمىغىدەك ھالغا كەلگەن مۈشۈك ھەر قەدەمدە بىر يېقىلىپ - بىر قوپۇپ، ئېچىنىشلىق مىياڭلاپ، كۆز - يېشى قىلغۇدەك. ياسىن نېمە قىلىشىنى بىلمەي، ئۇلارغا قارىغىنىچە قېتىپ قاپتۇ. بىر چاغدا مۈشۈك قانداقتۇ بىر كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن ئوتچۇپ، ياسىننىڭ كەينىگە ئۆتۈۋاپتۇ - دە:
- ئەي بالا، - دەپتۇ زۇۋانغا كىرىپ، - ئەگەر مېنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇۋالساڭ، ئۆمۈرۋايەت ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن، ئۆمۈرۋايەت خىزمىتىڭنى قىلىمەن.
مۈشۈكنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ياسىننىڭ يۈرىكى شۇررىدە ئېرىپ، ئۇنىڭغا بەكمۇ رەھمى كەپتۇ. ئۇ، مۈشۈكنى دەرھال پۇتلىرى بىلەن دالدا قىلىپ تۇرۇپ، ھېلىقى ئادەمدىن سوراپتۇ.
- ھەي ئاكا، بۇ مۈشۈكنى نېمىشقا مۇنچىۋالا ئۇرىسىز؟ ئۇنىڭدىن سىزگە نېمە يامانلىق كەلدى؟
- بۇ مۈشۈك مېنىڭ يۈز تەڭگىگە ئالغان ياغلىق قاچامنى چېقىپ، ئۇنىڭغا قاچىلانغان يۈز تەڭگىلىك يېغىمنى توپىغا سىڭدۈرۋەتتى، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى، - شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ياسىننىڭ قورسىقىغا جىن كىرىپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ ئۇ، - سىز يوغانلا ئادەم بۇ قوتۇر مۈشۈكنى ئۆلتۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماي ماڭا بېرىۋەتسىڭىز، مەن ئۆلتۈرۈۋەتسەم بولمامدۇ؟
- ياق، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى، - ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرمىسەم، زادى پۇخادىن چىقمايمەن.
- ماڭا سېتىپ بەرسىڭىز بولمامدۇ؟ - دەپتۇ ياسىن.
ھېلىقى كىشى پۇلنىڭ ئېتىنى ئاڭلاپ بىر ئاز يۇمشاپ، ياسىندىن سوراپتۇ.
- نەچچە پۇلغا ئالىسەن؟
ياسىن ئەنىسى ئوزۇق - تۈلۈك سېتىۋېلىشقا بەرگەن ئىككى يارماقنى كۆرسىتىپتۇ.
ھېلقى كىشى كۆڭلىدە: «ئاق قۇشقاچمۇ گۆشقۇ. ساقىلىم بىلەن قوتۇر مۇشۈكنى قوغلاپ يۈرگىچە، بۇبالىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، مۈشۈكنى ئۇنىڭغا بېرىۋەتسەم، كىچىك بالا دېگەن بىردەمدە ئۆلتۈرۈپ قوتمامدۇ.....» دەپ ئويلاپتۇ - دە، يارماقلارنى ئېلىپ كەينىەە قارىماي كېتىپ قاپتۇ.
ياسىن مۈشۈكنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەپتۇ. كەچ كىرگەندە، ھېرىپ - ئاچقان ئانا ئۆيگە كېلىپ، تاماق ئېتەي دېسە، يا بىر چىمدىم ئۇن، يا بىر تۇتام كۆكتات ۋە ياكى بىر قالام ئوتۇن يوق بوسۇغىدا ئت، مەرەپتە مۈشۈك، توردا يىلان بالىسى تۈگۈلۈپ ياتقۇدەك. ئانا ھەيران بولۇپ، ياسىندىن ۋەقەنى سوراپتۇ. ياسىن ئۇچراتقان ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۈچ كۈندىن بۇيان ئېغىر ئەمگەك قىلىپ، ئاغزىغا گىياھ سالمىغان ئانا ياسىننى نەچچە تەستەك ئۇرۇپتۇ. ئىت، مۈشۈك، يىلان بالىسىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ.
ياسىن ئۆز ھەمراھلىرىنى كەينىگە سېلىپ، ئۆينىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈپ، بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئاستىدا يانپاشلاپتۇ. ئۈچ كۈندىن بېرى ھېچ نەرسە يېمىگەچ قورسىقى غۇلدۇرلاپ، كۆزىگە ئۇيقۇ كىرمەپتۇ. تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، بىر بېسپ، ئىككى بېسىپ ئۆينىڭ يېنىغا كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۆينىڭ ئىشىك - دېرىزە، تورۇسلىرى قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتكەن، تۆت بۇلۇڭ، بىر كۇلۇڭلا قاپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن ياسىن ئۆزىنى ئۇرۇپ يىغلاپتۇ. يىغلا - يىغلا ئاخىرى ھۇشىدىن كېتىپ قاپتۇ. ئىت، مۈشۈك، يىلان بالىسى ياسىنغا ئېچىنغىنىدىن كۆزىگە ياش ئاپتۇ.
- ئاغىنىلەر ، - دەپتۇ يىلان بالىسى يىغلاپ تۇرۇپ، - بۇ بىچارە بىزنى دەپ مۇشۇ ئەھۋالغا گىرىپتار بولدى. بىزمۇ ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولمايلىمۇ؟
- توغرا ئېيتتىڭ، - دەپتۇ ئىت كۆز - يېشىنى سۈرتۈۋېتىپ - ئۇنىڭ بىزگە قىلغان شۇنچە ياخشىلىقىنى ھازىر ياندۇرمىساق قاچان ياندۇرىمىز؟
- مەنمۇ شۇنى دېمەكچى ئىدىم، - دەپتۇ مۈشۈك مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ، - بۇ بىچارە قورساقىڭ ئاچلىقىدىن مۇشۇ ھالغا كەلدى. ئۇ ھۇشىغا كەلگىچە، بىز بىر ئىلاج قىلىپ ئۇنىڭغا يەيدىغان بىر نەرسە تەييارلاپ قويايلى.
ئۈچەيلەن مەسلىھەتلىشىپ، يىلان ياسىننى ساقلايدىغان ئىت بىلەن مۈشۈك بازارغا بېرىپ، ياسىنغا ئوزۇقلۇق تېپىپ كەلمەكچى بولۇپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار رەستىگە كەلگەندە، مۈشۈك ئىت بىلەن قىلىشقان مەسلىھىتىگە ئاساسەن،بىرلا سەكرەپ قاتار كەتكەن دۇكانلارىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپتۇ. ئىت بولسا، ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتكەچ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. كېتىۋېتىپ شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، بىر ناۋايخانىنىڭ پەشخۇنىدا يېڭىلا تونۇردىن قۇمۇرۇلغان شىرمان نان، گىردە نان، كۈنجۈت، سىيادان سېپىلگەن توقاچ نانلار دۆۋىلىنىپ تۇرغىدەك. ئىت شۇنداق ئىشارەت قىلغان ئىكەن، مۈشۈك ئۆزىنى ئۆگزىدىن پەشخۇننىڭ ئۈستىگە ئېتىپتۇ. پەشخۇندىكى نانلار ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كېتىپتۇ. ناۋاي چۆچۈپ ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئىت بىلەن مۈشۈك بىردىن ناننى چىشلەپ ئېلىپ قېچىپتۇ. ئۇزۇنغا قالماي، ياسىننىڭ قېشىغا يېتىپتۇ. ناننى كۆرگەن يىلان خۇشاللىقىدا پىلتىڭلاپ كېتىپتۇ. بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن مۇزدەك قۇيرۇقىنى ياسىننىڭ مەڭزىگە ئاستا يېقىپتۇ. ياسىن ئەندىكىپ، بىر مىدىرلاپتۇ - دە، ئاستا كۆزىنى ئېچىپتۇ. يىلان بىلەن ئىت، مۈشۈك دەرھال چۆرىسىگە ئولىشىپتۇ.
ئەي ئىگەم، - دەپتۇ ئۇلار تەڭلا، - بۇ ناننى ئىتتىك يەۋېلىڭ، پۇت - قولىڭىزغا ماغدۇر كىرسۇن.
ياسىن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ، ناندىن بىر ئاز يەپتۇ. شۇ ئاندا پۇت - قولىغا ماغدۇر كەپتۇ. ياسىن ئۆز ھەمراھلىرىغا شۇنداق دەپتۇ:
- سىلەرمۇ ئۆز جېنىڭلارنى جان ئېتىڭلار، مەنمۇ ئانامنى ئىزلەپ باقاي، تاپالىسام، ئۆمرۈم بويى خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنى رازى قىلاي، تاپالمىسام، ئۇنىڭ دەردىدە ئالەمنى كېزىپ تەركى - دۇنيا بولاي.
- ئەي ئىگەم، - دەپتۇ يىلان دەس ئورنىدىن تۇرۇپ ياسىنغا تازىم قىلىپ، - سىز مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭىز ئۈچۈن، مېھرىبان ئانىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز. مەنمۇ ئاتا - ئانامدىن ئايرىلغان يېتىممەن. سىز ئانىڭىزنى تاپماي تۇرۇپ، ئۆلسەممۇ سىزدىن ئايرىلمايمەن.
- ئەي ئىگەم، - دەپتۇ ئىت كۆزىگە ياش ئېلىپ، - سىز مېنى زالىم ئىگەمدىن قۇتقۇزۇۋالىمەن دەپ، مېھرىبان ئانىڭىزدىن، ماكانىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز. مەنمۇ سىز ئانىڭىزنى تاپماي تۇرۇپ، ئۆلسەممۇ سىزدىن ئايرىلمايمەن.
- ئەي ئېگەم، - دەپتۇ مۈشۈك ياسىننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئارقا پۇتلىرى بىلەن ئۆرە بولۇپ، - مېنى ناھەق ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋالىمەن دەپ، مېھرىبان ئانىڭىزدىن، ئۆي - ماكانىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز. مەنمۇ يىلان بىلەن ئىتقا ئوخشاش سىزگە سادىق بولۇپ قالىمەن.
ياسىن ھەمراھلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن چوڭقۇر تەسرلىنىپ، بىر ھازا خىيال سۈرۈپتۇ، ئاندىن مۇنداق دەپتۇ:
- ئەي كۈيۈمچان ھەمراھلىرىم، ماڭا باغلىغان ئەقىدەڭلەرگە رەھمەت! ئۇنداق بولسا، بىز مەڭگۈ بىللە بولايلى.
شۇنداق قىلىپ، تۆتەيلەن ياسىننىڭ ئانىسىنى ئىزلەپ مېڭىپتۇ. كېتىۋېتىپ، ياسىن ھەمراھلىرىدىن ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ.
- مەن، - دەپتۇ يىلان بىرىنچى بولۇپ سۆز ئېلىپ، - ئاق يىلان پادىشاھىنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى ئىدىم، بىر كۈنى قارا يىلان پادىشاھى لەكمىڭ - لەكمىڭ لەشكەرلەر بىلەن مەملىكىتمىزگە تاجاۋۇز قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت خانىۋەيران بولۇپ، ئۆلۈكلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئانام مېنى بىر ئۆستەڭ بويىدىكى چاتقال ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويۇپ، دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلىنىپ كەتتى. قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئۆستەڭنىڭ سۈيى تېشىپ كېتىپ، مېنى قاياقلارغىدۇر ئېقىتىپ كەتتى. تاڭ ئاتقاندا بىر ھويلىنىڭ يېنىدا تۇرۇپتىمەن، ئىچكىرىدىن بىر بالا يۈگۈرۈپ چىقىپ قالدى. ئۇ مېنى كۆرۈش بىلەنلا، يۈگۈرۈپ كېلىپ قۇيرۇقىمدىن تۇتۇپ، سۆرەپ ئوينىغىلى تۇردى. بىر چاغدا ئۆيدىن دادىسى چىقىپ:
- ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئاتقا سېلىپ بەر. يىلان گۆشى يېگەن ئات ھەرگىز چارچىمايدۇ، - دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان بالا دادىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى دەرھال ئورۇنلىماقچى بولۇپ، مېنى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ يەرگە شۇنداق قاتتىق ئۇردىكى، سۆڭەكلىرىم قاراسلاپ سۇنۇپ، ئېغىز - بۇرنۇمدىن قان كەتتى. قورققىنىمدىن جېنىم تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى. ئويلانسام، بىكاردىن - بىكار ئاتقا يەم بولۇپ كەتكىدەكمەن. شۇڭا، بار كۈچۈم بىلەن قېچىشقا ئۇرۇندۇم. بالىمۇ دادىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مېنى قوغلاشقا باشلىدى ۋە ئۇزۇنغا قالماي يېتىشىۋېلىپ، ېمى يەنە تۇتۇۋالدى ھەم بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ، بىر تۈپ دەرەخكە ئۇرۇشقا تەمشەلدى. ئەمدى ئۆلۈم كۆزۈمگە كۆرۈندى، شۇڭا، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش نىيىتىدە، ئۇنىڭ قولىنى چىشلىۋالدىم. كېيىنكى ئىشلار ئۆزىڭىزگە مەلۇم.
- سەنمۇ كۆپ ئازاپ تارتىپسەن، - دەپتۇ ياسىن يىلان بالىسىغا، - ئەگەر ئىلاج بولسىلا، سېنى ئاتا - ئاناڭغا تاپشۇرايلى.
ئەمدى ئىت سۆز ئاپتۇ:
- مېنىڭ ئاتا - بوۋام، - دەپتۇ ئۇ، - ئۆمۈر بويى مېنى سىزگە ساتقان ھېلىقى باينىڭ بوسۇغىسىنى ساقلاپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. مەنمۇ ئەقلىمگە كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ بوسۇغىسىدا پايلاقچىلىق قىلدىم. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم. باي خىزمەتكارلىرىغا مېنى ئۆلتۈرۋېتىشنى بۇيرۇدى. ئۇزۇن يىل مەن بىلەن بىللە بولغان بۇ خىزمەتكار مېنى يىراق بىر چۆلگە ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى. بىر كۈنى كېچىسى ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسام، يىراقتىن بىرنەچچە ئادەمنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى كەلدى. ئۇلار مېنىڭ خوجايىنىمنى قانداق ئۆلتۈرۈش، مال - مۈلكىنى قانداق بۇلاش توغۇرلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتقۇدەك. كۆڭلۈمدە: «ئۇ باي مېنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك سادىقلىقىمنى چۈشەنمەي، مېنى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان ئىدى، ئەگەر مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى مۇشۇ ئوغرىلاردىن قوغداپ قالالىسام، خوجايىن چوقۇم ئۆزىنىڭ ماڭا قىلغان يامانلىقىدىن خىجىل بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مېنى تازا ئوبدان باقىدۇ؛ ئاخىرقى ئۆمرۈممۇ راھەتتە ئۆتىدۇ.....» دەپ ئويلاپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم - دە، ئوغرىلارنىڭ كەينىگە چۈشۈۋالدىم. ئۇلار ئىنسى - جىنمۇ ئۇيقۇغا كەتكەن چاغدا باينىڭ ئۆيى ئەتراپىغا كېلىشتى. مەنمۇ پەم بىلەن بىر دالدىغا يوشۇرۇندۇم. ئوغرىلار باي يېتىپ - قوپىدىغان ئۆينىڭ تېمىنى شەپە چىقارماي تېشىپ، ئىچكىرىگە كىرىشكە تەييارلانغان چاغدا، مەن يوشۇرۇنغان جايىمدىن چىقىپ، «ھاۋ - ھاۋ - ھاۋ .....» دەپ قاۋاپ، ئوغرىلارغا شۇنداق بىر ھەيۋە قىلغان ئىدىم، ئۇلار قورققىنىدىن ئالدى - كەينىگە قارىماي قېچىپ كېتىشتى. مەن خوجايىننىڭ رەھمىتىنى ئېلىشقا تەييارلىنىپ تۇرغىنىمدا، بىرسى بېقىنىمغا شۇنداق قاتتىق تەپتىكى، بەچچە يۇمۇلىنىپ كەتتىم. ئېسىمنى يىغىپ شۇنداق سەپسالسام، بۇ، مېنىڭ خوجايىنىم ئىكەن. كېيىنكى ئىشلار ئۆزىڭىزگە مەلۇم.
- خوجايىنىڭ ئەجەپمۇ رەھىمسىز، ئەجەپمۇ كۆڭلى قارا ئادەم ئىكەن، - دەپتۇ ياسىن بوپتۇ، - سەنمۇ ماڭا ھەمرا بولۇپ، ئاخىرقى ئۆمرۈڭنى مەن بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگىن.
ئەمدى مۈشۈك سۆز ئاپتۇ:
- ئەي ئىگەم، - دەپتۇ ئۇ، - مېنىڭ ئاتا - بوۋام ھېلىقى سىزگە مېنى ساتقان باينىڭ ئامبار - قازناقلىرىدىكى تاغار - تاغارلاپ ئاشلىقلارنى تۇلۇم چاشقانلاردىن قوغداپ، ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. مەنمۇ ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپلا ئاتا - ئانمنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلدىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە خوجايىننىڭ ئۆيىدە ئادەملەرگە ۋابا كېسىلى تارقىتىدىغان بىر چاشقان پەيدا بولۇپ قالدى. مەن بىر نەچچە كۈن پايلاپ يۈرۈپ ئۇنى تۇتۇۋېلىشقا ئاز قالغاندا، بۇ مەككار چاشقان قېچىپ قۇتۇلماقچى بولۇپ، بىر سەكرىگەن ئىدى، ياغلىق قاچىغا چۈشۈپ كەتتى ھەم ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈپ قالدى. مەن قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تۇرغىنىمدا، باينىڭ خوتۇنى تاماق ئېتىش ئۈچۈن ياغلىق قاچىدىكى ياغدىن ئالماقچى بولدى. بۇ چاغدا مەن ئۆينىڭ ئىچىدە چېپىپ يۈرۈپ مىياڭلاپ، ئۇنى يېسە جەزمەن كېسەل بولۇپ ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ مېنىڭ گەپلىرىمنى ئۇقمىدى بولغاي، يەنىلا ياغ ئالماقچى بولدى. مەن سەكرەپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە چىقىپ، چۆمۈچ تۇتقان قولىنى سىلكىۋەتتىم. شۇ چاغدا ئۇ، ياغلىق قاچىنى يەرگە تاشلىۋەتتى. ياغلىق قاچا چېقىلىپ، پۈتۈنلەي يەرگە تۆكۈلۈپ، توپىغا سىڭىپ كەتتى. بۇ چاغدا خوجايىن كىرىپ كەلدى - دە، خوتۇنىدىن ئەھۋالنى ئاڭلاپلا،مېنى ئۇرۇپ كەتتى. مەن ناھەن ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، جېنىمنى ئېلىپ قاچتىم، ئۇ بولسا، كەينىمدىن قالماي قوغلايتتى، يېتىشىۋالغان يەردە ئايىماي ئۇراتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئشلار سىزگە مەلۇم.
- سەنمۇ بىر دەرتمەن ئىكەنسەن، - دەپتۇ ياسىن مۈشۈككە، - خالىساڭ، سەنمۇ بىزگە ھەمرا بول. كېيىنكى كۈنلىرىمىزنى بىرگە ئۆتكۈزەيلى.
تۆتەيلەن مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، بىر قۇمۇشلۇق سازلىققا كېلىپ قاپتۇ، سازلىقنىڭ چوڭلۇقىدىن ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە كۆز يەتمەيدىكەن. ئۇلار سازلىقتىن ئۆتۈشكە ياكى كەينىگە يېنىپ باشقا بىر يول تېپىشنى بىلمەي، بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپتۇ. بىر چاغدا يىلان بالىسى گەپ ئېچىپتۇ:
- بۇ يەر، - دەپتۇ ئۇ خۇشال بىر قىياپەتتە، - بىزنىڭ مەملىكىتىمىزگە بەكمۇ ئوخشايدىكەن.
- راستمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ياسىن.
- راست، - دەپتۇ، يىلان بالىسى، - مۇشۇ قۇمۇشلۇق خۇددى ئوردىمىزنىڭ بېغىغىلا ئوخشاۋاتىدۇ!
- ئۇنداق بولسا، تۈزۈكرەك سەپسال، - دەپتۇ ياسىن، ئىت بىلەن مۈشۈك.
- ماقۇل، - دەپتۇ يىلان بالىسى ۋە جىمى ئەتراپقا بىر ھازا سىنچىلاپ قاراپتۇ. ئاندىن ئۈچەيلەننىڭ ئۆزىنى بىردەم كۈتۈپ تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈپ، چولتۇككىدە قىلىپ سۇغا شۇڭغۇپتۇ.
ئۈچەيلەن يىلان بالىسىنى كۈتۈپتۇ، كۈتۈپتۇ، كۈتۈۋېرىپ تاقىتى پۈتۈپتۇ. بىر چاغدا ساسلىقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، قۇمۇشلا شالدىرلاپ، پۈتۈن ئەتراپ شاۋ - شۇۋغا تولۇپ كېتىپتۇ. ئۇلارنى سۇر بېسىپ، قانداق قىلىشنى بىلمەي بېشى قېتىپتۇ ھەم چوڭقۇر غەمگە پېتىپتۇ. دولۇن بىلەن شاۋ - شۇۋلار ئۇلارنىڭ ئالدىدا دىڭگىيىپ تۇرغان قۇمۇشلارنى بىرنى قالدۇرماي يۇلۇپ، يىراق - يىراقلارغا تاشلاپتۇ. قۇمۇش يۇلۇنغان يەردىن شۇنداق بىر يول ئېچىلىپتۇكى، كەڭ - كۇشادىلىقى كۆز يەتكۈسىز ئىكەن.
ئۇلار ئەنە شۇ مەنزىرىگە مەس بولۇپ تۇرغانلىرىدا، ئاشۇ يولدىن زور داغدۇغا بىلەن ئايىغىغا كۆز يەتمىگىدەك بىر ئالمان كېلىۋاتقىدەك، تازا سەپسېلىپ قارىسا، ياسىن قۇتقۇزۇۋالغان يىلان بالسىنى باشلىرىدا كۆتىرىشىپ، سان - ساناقسىز يىلان كېلىشىۋاتقىدەك. بۇ ھالنى كۆرگەن ئۈچەيلەننىڭ تېنى ئەيمىنىپتۇ. جانلىرىنىڭ قايغۇسىدا بىر نەچچە قەدەم كەينىگە يېنىپتۇ. بۇنى سەزگەن يىلان بالىسى ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتقان يىلانلارغا دەرھال ئۆز جايىدا توختاشنى بۇيرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئۈچ دوستىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:
- ئەي كۈيۈمچان ھەمراھلىرىم، ئاتا - ئانام چىللايدۇ سىلەرنى ئوردىغا، ئۇلار ھەم كەلمەكتە ھەربىرىڭلارنىڭ ئالدىغا. يۈرۈڭلار ماڭايلى، قىلمايلى تەخىر؛ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قىلمايلى بەسىر.
- يۈرۈڭلار، - دەپتۇ ياسىن ئىت بىلەن مۈشۈككە، - يىلاننىڭ تەكلىپىنى قويمايلى يەردە.
ئۇلار يىلان بالىسىغا ئەگىشىپ، سازلىققا يول ئاپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، قىلىچ، نەيزە، سۇپەر - قالقان بىلەن قوراللانغان سانسىز يىلانلار يولنىڭ ئىككى قاسقىنىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر ئارىسىدىن چىقىپ ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپتۇ. يىلان بالىسى بېشىنى شۇنداق لىڭشىتىپ قويغان ئىكەن، بىردەمدە كۆزدىن غايىب بوپتۇ. يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، ئاق يىلان پادىشاھى بىلەن خانىش ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ياسىنغا پۈتمەس - تۈگمەس مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ. ئاندىن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ياسىننى ئوتتۇرىغا، ئىت بىلەن مۈشۈكنى ئىككى يېنىغا ئېلىپ، ئوغلىنى كەينىگە سېلىپ، ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ. مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە بەكمۇ كاتتا زىياپەت بېرىپتۇ. خۇشاللىقىدا تۇنجى قېتىم ئادەم بالىسى ئالدىغا تازىمغا چىققانلىقى؛ ياسىننىڭ ئۆز پەرزەنتىگە قىلغان بۇ ياخشىلىقىنى نېمە بىلەن قايتۇرۇشنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئەي ئادىمىزات، نېمە ھاجىتىڭىز بولسا تارتىنماي ئېيتىڭ. كەمىنە قۇلىڭىز ھەرقاچان خىزمىتىڭىزگە تەييار.
رەھمەت دەپتۇ ياسىن پادىشاھقا ھۆرمەت بىلەن تازىم قىلىپ، - پېقىرنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق.
- رەھمەت سىزگە، - دەپتۇ پادىشاھ ئۆز نۆۋىتىدە ياسىنغا ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، - يۈزمىڭ رەھمەت! ئەگەر بولمىسا ھېچقانداق ھاجىتىڭىز، پېقىرنىڭ ماۋۇ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغايسىز.
- قېنى ئېيتىڭ، ئەي سەلتەنەتلىك شاھ، - دەپتۇ ياسىن يەنە بىر قېتىم پادىشاھقا ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، - پېقىر كەلتۈرگۈسى ھەرقانداق تەلىپىڭىزنى بېجا.
ئاق يىلان پادىشاھ ئويلىنا - ئويلىنا، ئاخىرى غەزىنىچىنى توۋلاپتۇ:
- ئەي غەزىنىچى، - دەپتۇ ئۇ، - تېز ئېيت قېنى، غەزىنىمىزدە ھەم بىزگە، ھەم ئادىمىزاتقا كېرەكلىك ئەڭ قىممەتلىك نېمە بار؟
- ئەي قۇدرەتلىك شاھىم، - دەپتۇ غەزىنىچى، - غەزىنىمىزدە باردۇر بىر جۈپ گۆھەر: ئۇنىڭ بىرى ئاتىڭىزدىن مىراس قالغان خاسىيەتلىك ئالتۇن كەمەر، يەنە بىرى - ئۆزىڭىز كويىقاپتىن ئېلىپ چىققان ئەنگۈشتەر. ئالتۇن كەمەرنى باغلىغان كىشى ئۆمۈر بويى كۆرمىگەي خەتەر؛ كىمدە بولسا ئەنگۈشتەر ياردۇر ئۇنىڭغا زەپەر.
پادىشاھ ئەنگۈشتەر بىلەن كەمەرنى قولىغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئالتۇن پەتنۇسقا سېلىپ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ياسىنغا سۇنۇپتۇ. ياسىن ئىككى يارماق بەدىلىگە بۇنچە قىممەتلىك سوۋغىلارنى ئېلىشقا خىجالەت بولۇپ، پادىشاھقا مۇنداق دەپتۇ:
- ئەي ھۆرمەتلىك پادىشاھ، كۆپ خىجالەتمەن، ئالدىڭىزدا. قىلغان ئىشىم بەكمۇ ئازدۇر - بەكمۇ ئاز، ئەرزىمەيدۇ بۇ ئېسىل سوۋغىڭىزغا.
ياسىن ئويلىنىپ قاپتۇ. ئويلىنا - ئويلىنا، ئاخىرى مۇنداق دەپتۇ:
- ئۇنداق بولسا قوبۇل قىلاي ئەنگۈشتەرنى، سىزگە قالسۇن ئاتا مىراس كەمەر، كەلمەس ئەسلا ئېلىڭىزگە خەۋپ - خەتەر.
شۇنىڭ بىلەن ياسىن ئەنگۈشتەرنىلا ئېلىپ ئاق يىلان پادىشاھنىڭ گۈزەل مەملىكىتى بىلەن خوشلىشىپتۇ. ئۈچەيلەن ياسىننىڭ ئانىسىنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ. ماغدۇرلىرىدىن كېتىپتۇ، بولۇپمۇ ئىتنىڭ پۇتىنى يۆتكىگىدەك ھالى قالماپتۇ. ئىت مۇنداق دەپتۇ:
- ئەي مېھرىبان ھەمراھلىرىم، ماڭا قارىماي، يولۇڭلارنى مېڭىۋېرىڭلار؛ بولمىسا، ھەممىمىز بۇ چۆلدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىمىز.
- ياق، - دەپتۇ ياسىن، - نېمە بولساق بولىمىزكى، ھەرگىزمۇ سېنى تاشلاپ كەتمەيمىز. ئۈچەيلەن يەتكۈچە يول ئازابى تارتىپتۇ. يىغلاپتۇ، قاخشاپتۇ، ياسىن يىلان پادىشاھىنىڭ «كىمدە بولسا ئەنگۈشتەر، ياردۇر زەپەر» دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىگە ئاپتۇ. ياسىن قوينىدىن ئەنگۈشتەرنى ئېلىپ:
- ئەي ئەنگۈشتىرىم، كۆرسەت كارامەت، ئاچلىق دەردىدىن بولدۇق بىتاقەت؛ كەلترۈ بىزلەرگە جەننەتتىن نىمەت، دوستىمىز ئىتنى قىلغىن تەن سالامەت، - دېگەن ئىكەن، ئەنگۈشتەردىن ۋاللىدە ئوت چاقناپ، ئالەم شۇنداق گۈزەل تۈسكە كىرىپتۇكى ، جەننەت بىكار قالسۇن! ئارقىدىن تەخسە - تەخسە مېۋە - چېۋە، پولو، مانتا، ئۈگرە، سامسا، پەرمۇدە، كاۋاپ، شورپا ،،، يېغىپ كېتىپتۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئىت بىرلا سىلكىنگەن ئىكەن، مويلىرى ئالتۇندەك پارقىراپ، ئادەمنىڭ مەسلىكى كەلگىدەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. كۈچ قۇۋۋەتكە تولۇپتۇ، مۈشۈكمۇ جاراھەتلىرى ساقىيىپ، مويلىرى ئالتۇن رەڭ بوپتۇ، كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپتۇ. ئۇ ياسىنغا قاراپ:
- ئەي مېھرىبان ئېگەم، - دەپتۇ ئۇ، - كىيىم - كېچىكىڭىز بەكمۇ جۇل - جۇل بولۇپ كېتىپتۇ. يەڭگۈشلۈۋېلىڭ دەرھال يېڭىسىنى. ئەنگۈشتەر يەنە بىر كۆرسەتسۇن بىڭسىنى.
- رەھمەت سىلەرگە، - دەپتۇ ياسىن، - يۈرىكىمگە ئوت كېتىدۇ، ئانام چۈشسە يادىمغا. ئانامنىڭ دىدارىنى كۆرمەي تۇرۇپ، كىيىم يەڭگۈشلەشنى كىم قويۇپتۇ مەن يېتىم بىچارىگە؟!
ئۇلار قورسىقىنى ئوبدان تويغۇزۇپ، يەنە يولغا چۈشۈپتۇ. ئۇلارغا يەككە - يېگانە بىر ئۆي ئۇچراپتۇ. ئىشىكنى قاققان ئىكەن بىر موماي چىقىپ كەپتۇ. ياسىن ئۇنىڭدىن ئۆيدە بىر كېچە قوندۇرۇشنى ئۆتۈنگەن ئىكەن، موماي دەرھال ماقۇل بوپتۇ ۋە ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپتۇ. ئۆيگە كىرىپ قارىسا قاراڭغۇلۇقتىن گۆرگە ئوخشايدىكەن. ياسىننىڭ مومايغا ئىچى ئاغرىپ، ئەنگۈشتەرگە:
- ئەي ئەنگۈشتىرىم، - دەپتۇ ئۇ، - ئۆينى راسلا چىرايلىق، بولسۇن يورۇق، ئازادە، دەم ئېلىشقا قولايلىق. موماي ئۈچۈن ھازىرلا، تۇخۇم پوشكىلى، ئەتكەن چاي، بولسۇن يەنە قەنت - ناۋات، ھەسەل بىلەن سېرىق ماي، تەييار بولسۇن بىزگىمۇ كۆڭۈل تارتقان تاماقلار، راسا يەيلى تويغىدەك، ئەجەپ ئاچتى قورساقلار.
ياسىننىڭ گېپى تۈگىشىگە، ئەنگۈشتەر ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلاپتۇ. موماي خۇشاللىقىنى باسالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. ياسىن بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىرنى قويماي، مومايغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇ چاغدا، موماي ئۇنىڭغا قاتتىق ئىچ ئاغرىتقان بولۇپ، كۆز يېشى قىپتۇ. ئاندىن: «ئەنگۈشتەرنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ باقسام» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. ياسىن دەرھال ئۇنىڭ تەلىپىنى بېجا كەلتۈرۈرپتۇ. ئىت بىلەن مۈشۈك ياسىندىن قاتتىق نارازى بولۇپ، موماينىڭ قولىدىكى ئەنگۈشتەرنى تارتىۋالماقچى بوپتۇ. ئەمما قانداقتۇر بىر كۈچ ئۇلارنى مومايغا يېقىنلاشتۇرماپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن موماي قاقاقلاپ بىر كۈلۈپتۇ - دە، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- قولۇمدا بار ئەنگۈشتەر، يوقتۇر ماڭا خەۋپ - خەتەر.
موماينىڭ گېپى تۈگىشىگە ئەنگۈشتەردىن ۋال - ۋۇل قىلغان بىر نۇر چىقىپتۇ - دە، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچە، موماي ياپ - ياش بىر قىزنىڭ سۈرىتىگە كىرىپتۇ. ئۇ ئەنگۈشتەرنى بىر شىلتىغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە كۆز يەتكۈسىز، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۈيى بار بىر كۆل پەيدا بولۇپتۇ. ئاجايىپ خۇش ھاۋالىق بىر باغ پەيدا بولۇپتۇ. باغ ئىچىدىن ئاجايىپ كېلىشكەن بىر جۈپ قىز چىقىپ، كۆلدە تۇرغان قېيىققا سەكرەپ چىقىپتۇ. قېيىق ئۇچقاندەك مېڭىپ، موماينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. قىزلار قېيىقتىن چۈشۈپ مومايغا ئېگىلىپ تازىم قىپتۇ. ئاندىن موماينى ئىككى قولىدىن يۆلەپ، قىيىققا چىقىرىپتۇ. بۇ باغدا موماي ياسىنلارغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئامان قويدۇم جېنىڭنى، رەھمەت ئېيت بۇ كۆڭلۈمگە، دۇئا قىلىش ئۆلگىچە، بەختىم بىلەن ئۆمرۈمگە.
شۇنداق دەپتۇ - يۇ، كېمە ئۈزۈپ كېتىپتۇ. ياسىنلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆي - ئىمارەت، باغ - ۋارانلار بوران سوقۇۋەتكەندەك توزۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار ئەمدى ئۆيدە ئەمەس كۆلنىڭ بويىدا تۇرغىدەك. بۇ چاغدا، يامانغا ياخشىلىق قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمان يېگەن ياسىن يىغلاپ تاشلاپتۇ. ئۇلار مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ، ياسىننىڭ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بۇ چاغدا ئىت بىلەن مۈشۈك مۇنداق مەسلىھەتلىشىپتۇ:
دوستۇم، دەپتۇ مۈشۈك ئىتقا، - ئېگەم بىزنى دەپ مۇشۇ كۈنلەرگە قالدى. بىزمۇ ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق قىلمايلىمۇ؟
ئويلىنا - ئويلىنا، ئاخىرى ئىككىيلەن بىللە بېرىپ ئەنگۈشتەرنى تېپىپ كەلمەكچى بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىت مۈشۈكنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ كۆلگە چۈشۈپ مېڭىپتۇ. نەچچە كېچە - كۈندۈز ئۈزگەندىن كېيىن، موماي تۇرغان باغقا يېتىپ كەپتۇ. ئىت باغنىڭ سۇڭگۇچى تۈۋىدە پايلاقچىلىق قىلىپ قاپتۇ. مۈشۈك باغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يول ئاپتۇ. بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن، موماي تۇرغان راۋاقنىڭ تۈۋىگە كەپتۇ. راۋاقنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، موماي مەخمەل كۆرپە، پەي ياستۇقلار ئۈستىدە ياتقۇدەك. بىر جۈپ قىز موماينى يەلپۈۋاتقۇدەك. مۈشۈك پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، ئۇلارغا يېقىنلاپ كەپتۇ ۋە ئەنگۈشتەرنى ئىزلەپ موماينىڭ ئەتراپىغا كۆز ساپتۇ. موماي ئۇيقۇ ئارىلاش بىر ئەسنىگەن ئىكەن، ئاغزىدىن ۋال - ۋۇل قىلغان بىر نۇر چىقىپ، پۈتۈن ئالەمنى يۇرۇتۇۋېتىپتۇ. مۈشۈك دەرھال راۋاقتىن چۈشۈپ، كۆرگەنلىرىنى ئىتقا ئېيتىپتۇ. مۈشۈك يېرىم كۈن ئاۋارە بولۇپ بىر دانە چاشقان تۇتۇپتۇ. ئاندىن چاشقانغا ئۆز مۇدداسىنى ئېيتقان ئىكەن، چاشقان دەرھال ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشقا قەسەم ئىچىپتۇ ھەم قۇيرۇقىنى سۇغا چىلاپ، ئاندىن قازاننىڭ كۈيىسىگە مىلاپ، مۈشۈك بىلەن بىرلىكتە راۋاققا يامىشىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، موماي خىقىراپ ئۇخلاۋاتقىدەك، ئۇنى يەلپۈۋاتقان قىزلارمۇ كۆزلىرىنى ئاچالماي، ھەدەپ ئۈگدەۋاتقىدەك، چاشقان مۈشۈكنىڭ ئىشارىتى بىلەن چاندۇرماستىن كارۋاتقا يامىشىپ، موماينىڭ ياستۇقى ئۈستىگە چىقىپتۇ، موماي كۈيىنىڭ ئاچچىقىغا چىدىماي، كەينى - كەينىدىن بىر نەچچىنى چۈشكۈرگەن ئىكەن، ئاغزىدىن ئەنگۈشتەر چاچراپ چىقىپ، مۈشۈكنىڭ ئالدىغىلا چۈشۈپتۇ. مۈشۈك ئەنگۈشتەرنى كاپ قىلىپ چىشلەپتۇ - دە، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە راۋاقتىن چۈشۈپ، ئىتنىڭ يېنىغا كەپتۇ. موماي ئېسىنى يىغىپ چاپارمەنلىرىنى مۈشۈكنى تۇتۇشقا بۇيرۇغاندا، ئىت بىلەن مۈشۈك ئاللىقاچان كۆلدىن چىقىپ بولغان ئىكەن. قارىغۇدەك بولسا، ياسىن تېخىچە ئۇخلاۋاتقىدەك. ياسىنمۇ بىر نەچچىنى ئەسنەپ، ئاستا كۆزىنى ئېچىپتۇ. مۈشۈكنىڭ ئاغزىدا نۇر چېچىپ تۇرغان ئەنگۈشتەرنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدا سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئىت بىلەن مۈشۈك قانداق قىلىپ بۇ ئەنگۈشتەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ياسىن غەزەپ بىلەن ئەنگۈشتەرنى ئېلىپ بۇيرۇق قىلغان ئىكەن، ھېلىقى قارا نىيەت موماي دەرھال ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر بوپتۇ. ئۇلار ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى بېلىقلارغا يەم قىلىپ بېرىپتۇ. ئاندىن ئۈچەيلەن تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ياسىن:
- ئەگەر شۇ تاپتا، - دەپتۇ ئۇ، - ئاناممۇ قېشىمدا بولسا، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى - ھە!
ياسىن ئاخىرى ئانىسىنى ئەنگۈشتەرگە تاپقۇزماقچى بوپتۇ. ياسىن ئەنگۈشتەرگە مۇنداق دەپتۇ:
- ئەنگۈشتىرىم - مېھرىبان ئانامدىن، قالدىم كۆپ يىل بىخەۋەر، تېپىپ بەرگىن ئانامنى، ساقايتقىن دىل يارامنى.
ياسىننىڭ سۆزى ئاياقلىشىشى بىلەن تەڭ، ئەنگۈشتەردىن ۋال - ۋۇل قىلىپ بىر نۇر چاقناپتۇ - دە، پۈتۈن ئەتراپ نۇر بىلەن يورۇغاندەك يالتىراپ كېتىپتۇ. ئاشۇ نۇرلار ئارىسىدىن بىر يول ئېچىلىپتۇ. شۇ يول بىلەن ئازغىنە ماڭغان ئكەن، بىر ئەسكى تاملىقتا ئۆلەر ھالەتتە ياتقان ئانىسىنى ئۇچرىتىپتۇ. ئاتا - بالا خۇشاللىقىدىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇزاققىچە كۆز يېشى قىلىشىپتۇ. ئىت بىلەن مۈشۈكمۇ ئۆزىنى تۇتالماي قېلىشىپتۇ. ئىت بىلەن مۈشۈكمۇ ئۆزىنى تۇتالماي قېلىشىپتۇ. تۆتەيلەن بىر ھازا يىغا - زارە قىلىشقاندىن كېيىن، ئانا - بالا بىر - بىرىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلەرنى بىر - بىرلەپ سۆزلىشىپتۇ. ئانىنىڭ سۆزىدىن ماۋۇلار مەلۇم بوپتۇ: ياسىننى ئۆيدىن قوغلىۋەتكەن كۈننىڭ ئەتىسى ئانا باينىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. بىردەم كىر يۇغاندىن كېيىن، قورساقنىڭ ئاچلىقىدىن ماغدۇرى ئۈزۈلۈپ، ھۇشىدىن كېتىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن باي ئۇنى «ئۆلگەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ، خىزمەتكارلىرىغا ئەپچىقىپ كۆمۈۋېتىشكە بۇيرۇپتۇ، ئۆزى بىر نەچچە چاپارمەننى باشلاپ بېرىپ، نەزىر - چىراققا ئىشلىتىش نامى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىنى ئېچىپ، ياغاچ - تاشلىرىنى قايتۇرۇپ كەپتۇ. خىزمەتكارلار ئانىنى شەھەر سىرتىغا ئەپچىقىپ، بىر ئازگالغا تاشلاپتۇ - دە، ئۈستىگە ئازراق توپا تاشلىۋېتىپ قايتىپ كېتىشىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، ئانا ھۇشىغا كېلىپ، شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، بىر ئازگالدا ياتقىدەك، ئۇ، تىرىشىپ - تىرمىشىپ، مىڭ جاپادا ئازگالدىن چىقىپتۇ ۋە چارۋا تېرىۋاتقان بىر خوتۇنغا ئۇچراپتۇ. ئىككىيلەن بىردەم مۇڭدىشىپ، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككى تۇل خوتۇن بىر كۈندە مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تىرىلىپ، بىرلىكتە تىرىكچىلىك قىلىپ كەپتۇ. ياسىننى سېغىنىپ، ئانىنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇماپتۇ، سۈرۈشتۈرۈپ دېرىكىنى ئالالماپتۇ.....
شۇنداق قىلىپ ئانا - بالا تېپىشىپتۇ. ئۇلار ئەنگۈشتەرنىڭ خاسىيىتى بىلەن كېيىنكى ئۆمرىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈپتۇ. ئىت بىلەن مۈشۈكمۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بوسۇغۇسىنى ساقلاپتۇ.