ھىيلە مىكىر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بارئىكەنۇ - يوق ئىكەن. بۇرۇنقى زاماندا كۆيقاپتا بىر توپ دىۋىلەر ياشايدىكەن، ئۇلار ھەردائىم «ئادەمزاتنى قانداق قىلغاندا يەڭگىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرىشىدىكەن، بىر كۈنى بىر قېرى دېۋە:
_ ئادەمزاتنىڭ ھىيلە - مىكىرىسى بار، ئەگەر بىز شۇنى بىلىۋالالايدىغان بولساق، چوقۇم ئۇلارنى يېڭەلەيتتۇق. بىراق ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىسىنى بىلمەك بەك تەس، - دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان بىر ياش دېۋە ئادەمزاتنىڭ ھىيلە - مىكرىسىنى بىلىپ كېلىشكە قەتئىي بەل باغلاپتۇ. ئۇ، باشقا دېۋىلەرگە قاراپ:
_ مەن ئادەمزاتنىڭ ھىيلە - مىكرىسىنى بىلىپ كېلىپ، سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي، ئاندىن بىز ئادەمزاتنى يېڭەيلى، - دەپتۇ.
ياش دېۋىنىڭ غەيرىتىگە بارلىق دىۋىلەر ئاپىرىن ئوقۇشۇپ، ئۇنى خۇشال - خۇرام يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
ياش دېۋە كۆيقاپتىن چىقىپ كۆپ يول يۈرۈپتۇ. چۆللەرنى بېسىپ، سۇلاردىن ئۆتۈپ، بىر جاڭگالغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ، جاڭگال ئارىلاپ يۈرۈپ بىر ئوتۇنچىنى ئۇچرىتىپتۇ.
_ ھەي ئوتۇنچى، ئادەمزاتنىڭ ھىيلە - مىكرىسى بار دەيدۇ. راستمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ۋە؛
_ راست، - دەۋەتكىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قاپتۇ. دېۋىنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتكەن ئوتۇنچى.
_ ئۇنداق بولسا، ماڭا ئادەمزاتنىڭ ھىيلە - مىكرىسىنى كۆرسىتىپ قويساڭ، - دەپتۇ دىۋە.
_ ئاپلا! دەپتۇ ئوتۇنچى، - ھىيلە - مىكىر ئۆيدە قاپتۇ. بولمىسا كۆرسىتىپ قوياتتىم، ھازىر بۇ يىغقان ئوتۇنلىرىمنى بازارغا ئاپىرىپ ساتمىسام بولمايدۇ.
_ ئوتۇنۇڭغا مەن قاراپ تۇراي، سەن ئۆيۈڭگە بېرىپ، ھىيلە - مىكىرنى ئېلىپ كېلىپ ماڭا كۆرسىتىپ قويساڭ، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ دىۋە.
_ مېنى ماڭغۇزۇۋېتىپ، ئوتۇنۇمنى ئېلىپ قېچىپ كەتسەڭ قانداق قىلىمەن؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، سەنمۇ يولۇڭغا كېتىۋەر، مەنمۇ ئۆز ئىشىمنى قىلاي، - دەپتۇ ئوتۇنچى.
_ ئىشەنمىسەڭ مېنى مۇشۇ يەرگە باغلاپ قوي، مەن ئوتۇنۇڭغا قاراپ تۇراي، دەپتۇ دىۋە.
ئوتۇنچى ماقۇل بولۇپ، دېۋىنى يوغان بىر چىنارغا كېلىشتۈرۈپ چىڭ باغلاپتۇ، ئاندىن دىۋىگە قاراپ:
_ ھىيلە - مىكىرنى كۆرمەكچى بولساڭ، مانا ئەمدى كۆرسىتىپ قوياي، - دەپتۇ - دە، بېلىدىكى ئورغاقنى ئېلىپ دىۋىنى چاناشقا باشلاپتۇ. قورقۇپ كەتكەن دىۋە جاڭگالنى بېشىغا كىيىپ ۋارقىراپ، بارلىق كۈچى بىلەن چىنارنى قومۇرۋېلىپ قېچىپتۇ.
كۆيقاپتىكى ھېلىقى دىۋىلەر ياش دېۋىنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن. ياش دىۋە قاچە - قاچە ئاخىر كۆيقاپقا يېقىنلىشىپتۇ. ياش دىۋىنىڭ كەينىدىن بىر نېمىنىڭ چاڭ - توزان كۆتۈرۈپ سۆتۈلۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن كۆيقاپتىكى دېۋىلەر تەرەپ - تەرەپكە قېچىپ مۆكۈنۈشۈپتۇ. ياش دېۋە كۆيقاپ ئاغىزىغا كېلىپ، ھالىدىن كېتىپ يېقىلىپتۇ. كۆيقاپتىكى دىۋىلەر ياش دىۋىنىڭ كەينىدىكى باشقا نېمە ئەمەس، يوغان بىر تۈپ دەرەخ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاستا - ئاستا يېقىنلىشىپ، ياش دىۋىنى چىناردىن ئاجرىتىپ، سۇ چېچىپ ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. ياش دىۋە بىر ئاز ئېسىنى يىغقاندىن كېيىن، كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە؛
_ ھەقىقەتەن ئادەمزاتنىڭ ھىيلە - مىكرىسى يامانىكەن، - دەپ گېپىنى تۈگىتىپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان دىۋىلەر ئالدىراپ:
زادى ھىيلە - مىكىرنىڭ ئۆزى قانداق بولىدىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
ياش دىۋە دەرھاللا ھېلىقى ئوتۇنچىنىڭ بىلىدىن سوغۇرۋېلىپ ئۇنى چاناشقا باشلىغان ئورغىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ - دە؛
_ ئادەمزاتنىڭ ھىيلە - مىكرىسىنىڭ سېپى بولىدىكەن، ئۆزى ئەگرى ئىكەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.