UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپولات بىسلىق خەنجەر

پولات بىسلىق خەنجەر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، مەلۇم مەھەللىدە بىر ئۆيلۈك ئەر - خۇتۇن ياشايدىكەن. ئەرنىڭ ئىسمى توختى، ئايالنىڭ ئىسمى ھاشىخان ئىكەن. ئۇلار ھەريىلى بىكار تۇرماي ئىشلىسىمۇ قوسىغى تويغۇدەك نانغا، ئۇچىسى ئىسسىغۇدەك كىيىم - كېچەككە ئىگە بولالمايدىكەن. بىر يىلى قاتتىق قەھەتچىلىك بولۇپ ئۇلار يەرگە چاچقان ئۇرۇغىنىمۇ يىغىۋاپتۇ. ياندۇرقى يىلى باھار كەلگەندە توختى غەمگە چۈشۈپتۇ. ھاشىخان ئېرىگە: - ئامالىمىز يوق، سەن باينىڭكىگە بېرىپ ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ئىششەك (تۆت جىڭ) قوناق ئېلىپ كەل، - دەپتۇ. توختى تېرلغۇ ۋاقتى بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن ئامالىنىڭ يوقلۇقىدىن بېشىنى تاتىلاپ باينىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئىش خېلى ئوڭۇشلۇق بولۇپتۇ. باي ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماقۇل كەپتۇ. - بولىدۇ، بەرسەم بېرەي، ئەتە كەلگىن، - دەپتۇ باي ۋە توختاخۇن كەتكەندىن كېيىن خۇتۇنىغا: - ئىششەك قوناق ئېلىپ چىق، - دەپتۇ. باينىڭ خۇتۇنى تەلەتىنى سەتلەشتۈرۈپ: - خەلققە ئۆتنە بەرمەكچىمۇ سەن؟ - دەپتۇ چالۋاقاپ. باي خوتۇنىغا قاراپ: - سەن نېمىنى بىلىسە، ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىشەك قوناق بەرسەك، كۈزدە ئۇنىڭدىن ئۈچ مو يەرنى ئۆتكۈزۈپ ئالىمىز. - دەپتۇ. باينىڭ خوتۇنى ئېرىگە دۇمسىيىپ: - چۆچىرىنى خام ساناپسەن، ئۇ كۈزدە قونىغىنى يېغىۋالغاندىن كېيىن قونىغىڭغا چوقۇم قوناق بېرىدۇ. ساڭا نەدىكى يەر؟ - دەپتۇ . باي ئاستاغىنە: - ئۇنىڭغا بېرىدىغان قوناقنى قورۇۋېتىمىز، شۇنداق قىلساق ئۇرۇق ئۈنمەيدۇ. بۇ ھالدا ئۇ گاداي قانداق قىلىپ كۈزدە قوناق بېرەلىسۇن؟ - دەپتۇ. باينىڭ خوتۇنى خوشال بولۇپ، قوناقنى ئېلىپ چىقىپ قورۇشقا باشلاپتۇ. قوناقنى قازانغا قۇيغاندا بىر تال قوناق قازان بېشىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن. قوناق قورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تەڭلىگە قويۇپتۇ. قازان بېشىغا چېچىلغان قوناقلارنى سۈپۈرگەندە ھېلىقى بىر تال قوناقمۇ تەڭلىگەن چۈشۈپتۇ. ئەتىسى توختى ئۇرۇقلۇق قوناققا كەپتۇ. باي: - باشتا گەپ بولمىسا ئايىغىدا سۆز بولمايدۇ، بىز ئوبدانراق كېلىشىۋالايلى، كۈزدە قونۇقۇمغا قوناق بېرىسەن. ئەگەر بېرەلمىسەڭ ئۈچ مو يېرىڭ مېنىڭ بولىدۇ، - دەپتۇ. توختى «ھەرنىمە قىلسام ئىششەك قوناقنى بىر نىمە قىلالارمەن» دەپتۇ - دە، باينىڭ دىگىنىگە ماقۇل بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ توختى خوتۇنى بىلەن مىڭبىر جاپادا يېرىنى تېرىۋاپتۇ. ئەمما يەردىن بار - يوقى بىر توپلا قوناق ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ئوغۇت ۋە سۇنىڭ كۈچىدىن ھېلىقى قوناق قاباھەت ئوخشاپتۇ. ئادەمنىڭ يوتىسىدەك يوغان باش تارتىپتۇ. توختى «بۇنىڭدىن قانداقلا بولمىسۇن ئىششەك قوناق چىقىپ قالار» دىگەن ئويدا بولۇپتۇ. قوناق پىشىشقا يېقىنلاشقاندا توختى قوناقنىڭ يېنىدىن زادىلا نېرى كەتمەپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەتىگەندە، بىر قاغا ئۇچۇپ كېلىپ، ھېلىقى قوناقنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ قېچىپتۇ. بۇ ئىشقا دىققەت بولغان توختى ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. قاغا ئۇچۇپ تالماپتۇ، توختىمۇ ئارقىسىدىن قالماپتۇ. قوغلا، قوغلا، قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغاندا قاغا قوناق بېشىنى بىر غارغا ئېلىپ كېرىپ كېتىپتۇ. توختى قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنلىگى ۋە يولنى پەرق ئېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن غارغا كىرىپ يېتىشنى ئويلاپتۇ. غارغا كىرىپ قارىسا بىرمۇ ئادەم يوق، قاغىمۇ يوق، ئۆڭكۈرنىڭ بىر چېتىدە بىر تۈپ ئانار دەرىخى تۇرغۇدەك. توختى ئەنە شۇ ئانار دەرىخىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋاپتۇ. بىر ھازدىن كېيىن يوغان بىر بۆرە غارغا كىرىپ كەپتۇ. كېيىن يولۋاس، شىر، ئېيىق، مايمۇنلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىشىپتۇ. ھېلىقى دىغان تىنىغىنىمۇ تېشىغان چىقىرىشقا پېتىنالماي يېتىۋېرىپتۇ. بۆرە ئەتراپنى پۇراپ: - بۇرنۇمغا ئادەم ھىدى كېلىدىغۇ؟ ئەگەر كۆرۈنىدىغان بولسا تېرىسىنى شىلىپ داپ كېرىمەن، - دەپتۇ مايمۇن. - بۇ نەدىكى ئادەمنىڭ پۇرىغى بولسۇن؟ بۇ ئۆزىمىز سىرتتىن بىرگە ئېلىپ كىرگەن پۇراق، - دەپتۇ ئېيىق. - مەن تويمۇدۇم، - دەپتۇ شىر. - مەن چالا تويدۇم، - دەپتۇ ئېيىق. - مېنىڭمۇ قوسىغىم يېرىمراق تۇرىدۇ، يەنە بىر ئاز نەرسە بولسىدى، - دەپتۇ مايمۇن. يولۋاس ئانارنىڭ تۈۋىنى كولاپ كۈمۈش ساپلىق، پولات بېلىق بىر خەنجەرنى ئاپتۇ. يولۋاس ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئىككى قېتىم شىلتىپ: - بۇ كۈمۈش ساپلىق، پولات تىغلىق خەنجەر، بۇنى ئىككىلا شىلتىپ قويساق تۈرلۈك نازۇ - نىمەتلەر ھازىر بولىدۇ، - دەپتۇ. ھەش - پەش دىگۈچە بىر ئالتۇن قاچا پەيدا بوپتۇ، قاچىدا نازۇ - نېمەتلەر بار ئىكەن. ھايۋانلار تاماققا تويۇپتۇ. ئاندىن خەنجەرنى ئانارنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويۇپ ئۇخلاشقا يېتىپتۇ. خوراز بىر چىللىغاندا يولۋاس چىقىپ كېتىپتۇ. كېيىن شىر، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بۆرى، ئېيىق،مايمۇن چىقىپ كېتىپتۇ. توختى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ئىچىدە: «بۇ خاسىيەتلىك خەنجەرنى قولغا چۈشۈسەملا تاماقتىن قىسلمايدىكەنمەن، باينىڭ قونىغىنى تۆلىيەلەيدىكەنمەن، خۇدا بەرگەن دىگەن شۇ.» دەپتۇ - دە، ئانارنىڭ ئارىسىدىن ئاستا چىقىپ خەنجەرنى ئېلىپ ئۆيگە راۋان بوپتۇ. ئۇ ئۆيگە كېلىپ خوتۇنغا ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ - دە، خەنجەرنى ئىككىلا شىلتىپ: «كۈمۈش ساپلىق، پولات بىسلىق خەنجەر، دەرھال ئىششەك قوناق ھازىر قىل» دەپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئىششەك قوناق ھازىر بوپتۇ. ئۇ خوتۇنىغا خەنجەرنى ياخشى ساقلاپ قويۇشنى تاپىلاپ، ئۆزى قوناقنى ئېلىپ باينىڭ ئۆيگە راۋان بوپتۇ. باي قوناقنى كۆرۈپتۇ - دە، تەرىنى تۈرۈپ: - قونىغىڭ ئۈنمىسە بونى نەدىن تاپتىڭ؟ - دەپتۇ. توختى يالغان ئېيتىشنى بىلمەيدىكەن. شۇڭا بايغا بولغان ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ياندۇرقى بىلى باي خىزمەتچىسىگە بىر دانە قوناق تېرىپ ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشى تاپىلاپتۇ. بۇ قوناقمۇ توختى تېرىغان قوناققا ئوخشاش ئوخشاپتۇ. قوناق پىشىشقا ئاز قالغاندا قاغا كېلىپ قوناقنىڭ بېشىنى ئېلىپ قېچىتۇ. بار قوغلاپتۇ. ھېلىقى غارغا بارغاندا كەچ بوپتۇ. باي غارغا كىرىپ يېتىپتۇ. ياۋايى ھايۋانلار كۈمۈش ساپلىق، پولات بىسلىق خەنجەر يوقالغاندىن كېيىن غارنى يالغۇز تاشلاپ چىقمايدىغان، چىقىشقا توغرا كەلسە بىرى قاراۋۇللۇق قىلىدىغان بولغان ئىكەن، بۇ كۈنى نۆۋەت يولۋاسقا كەلگەن ئىكەن، ئۇ باينى كۆرۈپ دەھشەتلىك ھۆكىرەپ بايغا ھۇجۇم قىپتۇ. باي قورقۇپ كەتكىنىدىن شۇ جايدىلا جان بېرىپتۇ. باينىڭ تويماس كۆزى ئۆلگەندىن كېيىن تويۇپتۇ. توختى ئەر - خوتۇن خاتىرجەم ياشاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق