سودىگەر بىلەن دېھقان
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئەتىيازنىڭ راسا پاتقاچىلىق كۈلىرىنىڭ بىرىدە، بىر دېھقان ئۆكۈز قوشقان كۆتەك ھارىۋىسىنى ھەيدەپ شەھەرگە كىرىپتۇ. شەھەرنىڭ پاتقاق بىر كوچىسىدا كېتىپ بارغاندا، بىر خەسىس سودىگەر دېھقاننى كولدۇرلىتىپ، پۇلىنى ئالماقچى بوپتۇ.
- ھەي سەھرالىق، - دەپتۇ خەسىس سودىگەر، - بازار ئارىلاپ قاپسەنغۇ، بىرەر نەرسە ئالماقچىمىدىڭ؟
سودىگەرنىڭ ئەپتىدىن ئۆزىنى لەت قىلماقچى بولغانلىقىنى پەملىگەن دېھقان ئۇنى ئۆز كۆڭلىدە كېلىشىتۈرۈپ رەسۋا قىلماقچى بوپتۇ - دە:
- بازاردا نېمە ئەرزان بولسا، شۇنى ئالاي دەيمەن، - دەپتۇ. ئوڭايلا قىلتاققا چۈشۈرىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان سودىگەر:
- ئۇندا بولسا مەن ساڭا ئەرزان نەرسە سېتىپ بېرىمەن، بىر ھارىۋىسى بىر تەڭگە، چوقۇم ئالىمەن دىسەڭ، ئاندىن مەن كۆرسىتىمەن، - دەپتۇ.
دېھقان ئۇنىڭ غەرىزىنى پەملىۋاپتۇ - دە، ئونىڭ ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قاقماقچى بولۇپ:
- بولىدۇ، چوقۇم ئالىمەن، ئېيتىڭ، - دەپتۇ.
- ھەببەللى، ۋەدىمىز ۋەدە. ئۇنىداق بولسا، سېنىڭ ئالدىغىنىڭ مۇشۇ پاتقاق، كۆپ ئەمەس، بەش ھارۋا ساتىمەن، قېنى پۇلنى تۆلە، - دەپتۇ سودىگەر.
دېھقان ئىككىلەنمەيلا بەش تەڭگە پۇلنى يانچۇقىدىن ئېلىپ:
- ئالغىنىم ئالغان، قاچان ئېلىپ كەتسەم، ئىختىيار ئۆزەمدە، پۇلنى ئېلىڭ - دە، مۇشۇ گەپ بويىچە تىلخەت يېزىڭ، - دەپتۇ.
خەسىس سودىگەر ئاقىۋىتىنى ئويىلماي، بەش تەڭگىگە مەپتۇن بولۇپ، تىلخەت بېرىپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئوتۇن، پاتىقاق قۇرۇپ، ئەتراپ راسا بوستانلىققا ئايلانغاندا، دېھقان ھارىۋىسىنى ھەيدەپ كېلىپ، خەسىس سودىگەرنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى يولنى ئويۇپ، توپىسىنى ھارىۋىغا باسقىلى تۇرۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن ھېلىقى سودىگەر دەرغەزەپ بىلەن ئاچچىقىغا بەس كېلەلمەي:
- ھەي سەھرالىق، بىراۋنىڭ ئىشىك ئالدىنى ئويۇپ، توپىسىنى توشۇش ئۇيات ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ.
دېھقان قىلچىمۇ ئەيمەنمەي دەپتۇ:
- بەش تەڭگىگە پاتقاق سېتىپ بەرگەن سودىگەرگە ئۇيات ئەمەسمۇ، پاتقاقنىڭ توپىسىنى ئالغان دېھقانغا ئۇيال بولامدۇ؟
رەسۋا بولغانلىقىنى ئەمدىلا سەزگەن سودىگەر بىر ئامال قىلىپ دېھقاننى قايتۇرماقچى بولۇپ، ئون تەڭگە بېرىپ رازى قىلماقچى بوپتۇ. دېھقانمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ:
- مەن پۇل ئالغىلى كەلمىدىم، سېتىۋالغان پاتقاتنىڭ توپىسىنى ئالغىلى كەلدىم، خالىسىڭىز بۇ پاتقاقنىڭ توپىسىنى ئالغىلى كەلدىم، خالىسىڭىز بۇ پاتقاقنىڭ توپىسىغا بىر ھارىۋىسىغا 10 تەڭگىدىن 50 تەڭگە بېرىسىز، - دەپتۇ.
شەرمەندە بولغان سودىگەر بىر نەرسە دەي دىسە ئۆز قولىدىن تىلخەت بەرگەن. سودىگەر يۇرت ئىچىدىكى نۇمۇستىن قورقۇپ، نائىلاج 50 تەڭگىنى بېرىپتۇ. دېھقان خۇشال ھالدا پۇلنى ئالغاندا، خەسىس سودىگەرنىڭ يۈرىگى سۇغىرىلىپ كەتكەندەك بوپتۇ.