بېخىل باينىڭ ئۆلۈمى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا كونا شەھەر دىيارىدا بۇلاقبېشى دېگەن مەھەللە بولۇپ، بۇ مەھەللىدە مۇسا بېخىل دېگەن بىر ئادەم ئۆتكەنىكەن. بايلىقتا ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمىگەندەك، بېخىللىقتىمۇ ئۇنى ھېچكىم دورىيالمايدىكەن. شۇڭا شەھەر خەلقى ئۇنى،:>مۇسا بېخىل چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان، ئىتقا سۆەڭ بەرمەيدىغان پىخسىق< دېيىشىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇسا بېخىل ئۆيىدە ئۆمۈر بويى چاكارلىق قىلغان بىر موماينى ئەرزىمىگەن بىر باھانە بىلەن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. موماي ھەق تەلەپ قىلىپتىكەن، مۇسا بېخىل بىر مۇنچە ئاھانەت قىلىپتۇ. بۇ موماينىڭ ھەمراجان دېگەن بىر ئەقىللىق بالىسى بار ئىكەن، ئۇ باينىڭ يۈزسىزلىكىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا تەسەللىي بېرىپتۇ ۋە مۇسا بېخىلنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ قويۇشنىڭ چارىسىنى ئىزلەپتۇ. ئۇ ئويلىنا - ئويلىنا ئاخىرى بىر ئەپچىل چارە تېپىپتۇ ۋە دوستلىرىغا:
- ئاغىنىلەر، مۇسا بېخىلنى بىر باپلايلى، سىلەر مۇسا بېخىلنىڭ ئۆيىدە مىېھمان بولۇشنى خالامسىلەر، - دەپ سوراپتۇ.
- توۋا دېگىن ھەمراجان، - دەپتۇ ئاغىنىلىرى، - تۆگۈۋېتىدىغان يۇندىسىغا سەككىز كۈن ئىچى ئاغرىيدىغان بېخىلنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولىمىز دەۋاتامسەن؟ ئۆلۈكتىن زۇۋان چىقساچىقىدۇكى، مۇسا بېخىلدىن نەپ چىقمايدۇ.
- سىلەر ئىشەنمىسەڭلار بوپتۇ، - دەپتۇ ھەمراجان كۈلۈپ تۇرۇپ، - ئەمما ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە سىلەرنى مۇسا بېخىلنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ، ھەر خىل تائاملار بىلەن مېھمان قىلىمەن، ھەر بىرىڭلارغا ئىككى تەڭگىدىن پۇلمۇ ئېلىپ بېرىمەن تېخى!
ھەمراجاننىڭ دوستلىرى بۇ سۆزدىن بىر ئويۇننىڭ بارلىقىنى پەملەپ، ۋاقتى كەلگەندە كۆرەرمىز، دەپ تارقىلىشىپتۇ.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دەرۋازىسىدىنى قېقىپتۇ ۋە چىققان چاكارغا باي بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. باي بۇنى ئاڭلاپ، ھەمراجاننى ئۆيگە باشلاپ كىرسە بىر پىيالە چايغا زىيان بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزى چىقىپتۇ ۋە دەرۋازىنى سەل سىڭايان ئېچىپ تۇرۇپ بېشىنى چىقىرىپ:
- ھە، قاق سەھەردە نېمە گەپ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باي ئاكا، سىلىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈشلىرى تولا، زەر - جاۋاھىر ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ قولدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى بىلىلا، مۇشۇنچىلىك ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى قانچە سەر كېلىدىغانلىقىنى زادى بىلەلمىدىم. شۇڭا ئەتىگەندە ئۆزلىرىنى مالال قىلىپ كېلىشىمتى، - دەپتۇ ھەمراجان قوش مۇشتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
ئالتۇن دېگەن گەپنى ئاڭلىغان باينىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلىپ، قۇلاقلىرى دىڭ بوپتۇ. ئۇ دەرۋازىنى يوغانراق ئېچىپ:
- نېمە؟ ... نېم دەيسىنا؟ .... قانچىلىك؟ - دەپ كوچىلاپ سوراپتۇ.
- مانا، مۇشۇنچىلىك ئالتۇن قانچە سەر كېلەر؟ - ھەمراجان قوش مۇشتىنى تېخىمۇ يوغانراق قىلىپ كۆرسىتىپتۇ.
- يۈر، ھەمراجان بالام، ئۆيگە كىر، مەن گېپىڭنى زادىلا ئۇقالمايۋاتىمەن. سەن تېخى چاي - پاي ئېچمىگەنسەن، يۈر، ئۆيدە نانۇشتە قىلغاچ ئوڭچە پاراڭلىشايلى.
ھەمراجاننى ئالتۇن تېپىۋالغان دەپ ئويلىغان باي ئالداپ - سىلاپ قولغا چۈشۈرۈش نىيىتىدە ھەمراجاننى ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، قولىدىن كېلىشىچە مېھمان قىپتۇ ۋە داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن:
- ھە... قېنى، ھەمراجان بالام، بايا نېمە دېمەكچى ئىدىڭا؟ - دەپ گەپ تېشىپتۇ باي.
- مەن مۇشۇنچىلىك ئالتۇن قانچە سەر كېلىدىكىن، دەپ سوراپ كېلىۋىدىم، - دەپتۇ ھەمراجان يەنە قوش مۇشتىمى كۆرسىتىپ.
- ئۇ ئالتۇننى نېمە قىلماقچى ئىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ باي ئالدىراپ.
- ئالتۇننى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى سوراپ نېمە قىلىلا باي ئاكا، - دەپتۇ ھەمراجان گەپنى چالغىتىپ، - ھېلىغۇ مەندە ئالتۇن يوق. ئەگەردە بولۇپ قالغان تەقدىردە روزىغارىمىزغا ئىشلىتەرمىز، ئەمما سىلى سورىغان گەپنى جاۋاپسىز قالدۇرۇۋاتىدىلا، زادى مۇشۇنچىلىك ئالتۇننىڭ، - دەپتۇ ھەمراجان قوش مۇشتىنى تېخىمۇ يوغان تۈگۈپ، - ئېغىرلىقى قانچە سەر كېلىدۇ؟
- خۇپسەنلىك قىلما بالام، - دەپتۇ باي، - ئەگەر ئالتۇنىڭنى ساتماقچى بولساڭ، مەنلا ئالاي. باي ئاتاڭ سېنى ئوبدان رازى قىلىدۇ، ھەرگىز باشقا بىرسىنى ئىزلەپ يۈرمە، سېنى ئالداپ قاقتى - سوقتى قىلىپ كېتىدۇ....
- بوپتۇ، ساتسام ساتاي، - دەپتۇ ھەمراجان سەل ئويلىنىۋېلىپ.
مۇسا بېخىل بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوشال بولۇپ كېتىپتۇ ۋە ئىچىدە:>بۇ گالۋاڭنى ئەپلەپ قىلتاققا چۈشۈرۈش كېرەك< دەپ ئويلاپ:
- ئۇنداق بولسا، ساتماقچى بولغان ئالتۇنۇڭنى ئېلىپ، گۇۋاھ - شاھىتلىرىڭنى باشلاپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆيگە كەل، باھاسىنى چىقىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس، ئەمما بۇ ئىشنى سىر تۇتقىنىمىز ياخشى، ناۋادا پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، مەنمۇ، سەنمۇ ئالتۇندىن قۇرۇق قالىمىز، - دەپ جېكىپتۇ مۇسا بېخىل.
ھەمراجان باينىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ئۇدۇل دوستلىرىنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە:
- بۈگۈن كەچقۇرۇن ھەممىڭلار مۇسا بېخىلنىڭ ئۆيىگە چايغا جابدۇنۇڭلار، - دەپ تەكلىپ قىپتۇ، - ئۇ يەردە گۇۋاھچىلىرىم سۈپتىدە خىزمەت بېجىرىسىلەر.
ھەمراجان ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ھويلىدىكى باراڭدىن بىر قازان كاۋىسىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۇنى ئاق شايىغا چىرايلىق ئوراپ، ئۈستىدىن زەر چۇچە بىلەن چىگىپ قويۇپ ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپتۇ. كەچقۇرۇن ھەمراجاننىڭ دوستلىرى بىر - ئىككىلەپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپتۇ. ھەمراجان ھېلىقى كاۋا ئورالغان شايىنى ئىككى ئاغىنىسىگە كۆتەرتىپ، بەش ئاغىنىسىنى گۇۋاھ - شاھىت سۈپىتىدە باشلاپ مۇسا بېخىلنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. مۇسا بايمۇ شەھەرنىڭ قازىسى، ئۆلىما - ھۆكۈمالىرىنى يىغىپ ھەمراجاننى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.
ھەمراجاننىڭ ئاغىنىلىرى ھېلىقى شايىغا ئورالغان كاۋىنى قازىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن قازى:
- ھەي، ھەمراجان، بۇ نېمە گەپ ئۆزى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- قازاخۇنۇم، - دەپتۇ ھەمراجان، - كۆرۈپ تۇرۇپتىلەىكى، مەن مۇشۇ نەرسىچىلىك ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى قانچە سەر كېلەر، دەپ مۇسا باينىڭ ئالدىغا سورىغىلى كېىۋىدىم، بىراق باي ئاكام بۇنى ماڭا سېتىپ بەر، دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. مەن باي غوجامنىڭ لەۋزىنى يەردە قويماي دېگەن نىيەتتە سېتىپ بېرىشكە رازى بولدۇم. نەرقىنى پىچىپ قويسىلا ئىشىمىز پۈتىدۇ.
ھەمراجاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان باي ھاپىلا - شاپىلا:
- شۇنداق بولسۇن قازاخۇنۇم. سودا پۈتسىلا بولدى، قالغىنى يېپىق قازان بويىچە قالسۇن، - دەپتۇ.
بۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان جامائەت بۇنىڭ يەڭ سودىسى ئىكەنلىكىنى پەملەپ:>بوپتۇ، ھەر قايسىلىرىنىڭ ئىختىيارلىرى بويىچە بولسۇن، بىرىمىز سالا قىلىمىز، بىرىمىز ئالا قىلىمىز، كېلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس< دېيىشىپتۇ.
- ئۇنداق بولسا....، - دەپ قازى گەپ باشلىغان ئىكەن. مۇسا باي مەنىلىك بىر يۆتىلىپ قويۇپ قازىغا >بۇ گاداينى بىر ئەپلىسىلە، سىلىنى ئوبدان رازى قىلىمەن< دېگەن مەنادا ئىشارە قىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ سودا باشلىنىپتۇ. ھەمراجاننىڭ دوستلىرى باھانى ئۆرە قويۇپ چىڭ تۇرۇپتۇ. باينىڭ ئادەملىرى باھانى تۆۋەنلىتىشكە كۈچەپتۇ. ئۇيان تارتىپ، بۇيان تارتىپ 10 مىڭ تەڭگە باھا مۇقىملىشىپتۇ. مۇسا بېخىل دەرھال 10 مىڭ تەڭگىنى داستىخانغا قويۇپتۇ. پۈتۈكچى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تاپىلىشى بويىچە مۇنداق توختامنى يېزىپتۇ:
>... مەنكى ھەمراجان توختاخۇن بالىسىدۇرمەنكى، ئۆز رازى - رىزالىغىم بىلەن ئۇشبۇ مەيداندا قازاخۇنۇمنىڭ ئالدىغا قويۇلغان نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك بولۇشىغا قارىماي، موللا قۇتلۇق ھاجىنىڭ ئوغلى مۇسا بايغا 10 مىڭ تەڭگىگە ساتتىم، مەگەركى توختامنامىگە مۆھۈر شەرىپ بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن، قايسى تەرەپتىن نارازىلىق چىقسا، ئەرز - شىكايەتلىرى يۇرت - جامائەت ۋە شەرىئەت ئالدىدا باتىل بولغاي...<
توختامنامىنىڭ مۇشۇنداق ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغانلىقىغا مۇسا بېخىل بەكمۇ خوشال بولۇپتۇ. ھەممە گۇۋاھ - شاھىتلار قازىنىڭ باشچىلىقىدا مۆھۈرلىرىنى بېسىپ قوللىرىنى قويۇپتۇ. مېھمانلار تۈن كېچىگىچە زىياپەتكە داخىل بولۇپ ئاندىن تاقىشىپتۇ. مۇسا باي مېھمانلارنى ئۇزىتىپ بولۇپ، ئىشىك - تۈڭلۈكنى تاقاپ، شايى تۈگۈنچەكنى ئېچىپ قارىغۇدەك بولسا، يوغان بىر قازان كاۋىسى تۇرغۇدەك....بۇنى كۆرگەن مۇسا باي:>ۋاي شور پىشانەم، بۇ نېمە ئاھانەت، نېمە ئەلەم!< دېگىنىچە قازىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپتۇ. قار - يامغۇر يىغلاپ بولغان ئىشنى قازىغا مەلۇم قىلىپتۇ. ئەسلىدە بۇ قازى مۇسا بېخىلدىن نەپ ئالالماي قوسىغىدا غۇم ساقلاپ يۈرگەن ئىكەن. شۇڭا:
- ھەي... مۇساباي، مۆھۈر خەت پۈتۈلۈپ بولدى، ئەمدى بۇنىڭغا باشقا چارە يوق... - دەپ گەپنى ئۈزۈپتۇ.
مۇسا بېخىل ئىلاق قىلالماي دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ، ئۆيىگە قايتىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مۇسا بېخىل بۇ زىيانغا چىدىماي ھەسرەتتە ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.