دىيانەتسىز ئۇستاز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا قۇتلۇقشا دېگەن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ پەقەت پەرزەنتى يوق ئىكەن. ئۇ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بىرەر پەرزەنتى يوقلۇقىنى ئويلانغاندا يۈرىكى ئۆرتىنىدىكەن. دائىم خۇدادىن پەرزەنىت تىلەيدىكەن. تەلەپ - ئارزۇسىغا يارىشا خوتۇنى ھامىلدار بوپتۇ. ۋاقتى - سائىتى كېلىپ بىر ئوغۇل تۇغۇلۇپتۇ. خوشاللىقتىن پادىشاھنىڭ يۈرىگى يېرىلىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ. بىراق «خوشلۇقنىڭ خاپىلىقى بار » دېگەندەك، پادىشاھ خوشلۇقتا تۇرغىنىدا، تۇغۇلغان بوۋاق تۇيۇقسىزلا غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ. قۇتلۇقشا يىغلاپ - قاقشاپ قاپتۇ. ھەممە يەرنى ئىزلەپتۇ، ھېچيەردىن بالىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالماپتۇ.
ئەمدى گەپنى بوۋاقتىن باشلايلى، ئۇنى شەھىرى ئەلقانىڭ پەرىلىرى ئېلىپ قاچقان ئىكەن.
پەرىلەر ماكانى - شەھىرى ئەلقانىڭ پادىشاھى مارۇتنىڭ خوتۇنى ساھىبجامال بىر قىز تۇغۇپتۇ. پادىشاھى مارۇت دىۋە - پەرىلەرگە: «مېنىڭ قىزىم بىلەن بىر كۈن، بىر سائەتتە تۇغۇلغان ئوغۇل بالا بولسا ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ بۇيرۇپتۇ. دىۋە - پەرىلەر تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ ھەممە يەرنى ئىزلەپتۇ. قۇتلۇقشاھنىڭ ئوغلى شاھى مارۇتنىڭ قىزى بىلەن بىر كۈن، بىر سائەتتە تۇغۇلغانلىقىنى بىلگەن پەرىلەر بوۋاقنى زاكىسى بىلەنلا كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ مارۇت ساھىبجامال بۇ ئوغۇلنى كۆرۈپ، ناھايىتى خوشال بوپتۇ. قىزغا ماھان، ئوغولغا تابان دەپ ئات قويۇپتۇ. ماھان بىلەن تاباننى ئىنىگئانىغا تاپشۇرۇپتۇ. ئىنىگانا بۇلارنى ئاۋايلاپ، ئارزۇلاپ بېقىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپتۇ. پادىشاھ مارۇت پەرىلەرگە تاباننى ئاتا - ئانىسىغا كۆرسىتىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. ئىككى پەرى تاباننى بىر كېچىدە قۇتلۇقشاھنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ ئانىسىنىڭ يېنىدا ئاستاغىنا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. بالىسىنىڭ پىراقى بىلەن دەرد - ئەلەم ئىچىدە قالغان ئاتا - ئانا بالىنى كۆرۈپ چۆچۈپ ھەيرانۇ - ھەس بوپتۇ. «ئوڭۇممۇ - چۈشۈممۇ» دېيىشىپتۇ. بالىنى دەرھال قۇچىقىغا ئېلىپ، سۆيۈپ، خوشلۇقتا ئۆزىنى باسالماي قاپتۇ. بالا ئاپ - ئاق، سېمىز، قاۋۇل، چىرايلىق چوڭ بولغان ئىكەن. ئەمما ئۇلار بالىنى كىمنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. بالىنى يەنە ئوغرىلاپ كەتمىسۇن دەپ، سىرتقا ئېلىپ چىقماپتۇ. كىشىلەر نۆۋەت بىلەن بالىغا ھەمراھ بوپتۇ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپتۇ. بالا يەنە بىر كېچىدىلا غايىپ بوپتۇ. قۇتلۇقشاھ تەرەپ - تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپ ئىزلەپتۇ، ھېچيەردىن تاپالماپتۇ. قۇتلۇقشاھ بىلەن خوتۇنى بالىسىنىڭ دەردىدە يىغلاپتۇ. قاقشاپتۇ.
ئەمدى گەپنى يەنە شەھرى ئەلقادىن باشلايلى.
پادىشاھى مارۇت بىر ئايدىن كېيىن پەرىزاتلارنى بۇيرۇپ، تاباننى قايتۇرۇپ كەپتۇ. تاباننى يەنە ماھانغا قوشۇپ تەربىيلەشكە تاپشۇرۇپتۇ. بالىلارنى ياخشى تەربىيلەشكە باشلاپتۇ. ماھان بىلەن تابان تۇققۇز ياشقا كىرىپتۇ. بۇ ئىككىسى بىر - بىرىگە ناھايىتى ئىجىل ئىكەن. بىر - بىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايدىكەن. پادىشاھ بالىلارنى مەكتەپكە بېرىپتۇ. بالىلار مەكتەپكە بىللە بېرىپ، بىللە كېلىپ ناھايىتى ياخشى ئوقۇپتۇ. يىللار ئۆتۈپتۇ، بۇلار ھەممە بىلىملەردىن خەۋەردار بوپتۇ. بولۇپمۇ ماھان كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئىنتايىن چىرايلىق، ئەقىل - پاراسەتلىك چوڭ بوپتۇ. ئۇنىڭغا موللىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپتۇ. موللىنىڭ قورسىقىغا قىن كىرىپتۇ. ماھان بىلەن تاباننى بىر - بىردىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن، ھەر - خىل ئامال - چارىلەرنى ئىشقا ساپتۇ، بىراق، ئۇلارنى بىر - بىرىدىن زادىلا يىراقلاشتۇرالماپتۇ. موللا تاباننى ماھاندىن مەڭگۈلۈك ئايرىش ئۈچۈن، ئۇنى يوقىتىش نىيىتىگە كەپتۇ ۋە بىر كۈنى تاباننى يېنىغا چاقىرتىپ؛
_ ئوغلۇم، سەن ياخشى ئوقۇدۇڭ. ئۇستازىڭىنىڭ ھۆرمىتىنى ياخشى قىلىۋاتىسەن. ئۇستازىڭنىڭ مۇھىم بىر خىزمىتى چىقىپ قالدى، سېنى بىر ئىشقا بۇيرۇيمەن، شۇ ئىشنى بىجىرىپ كېلەلەمسەن؟ - دەپتۇ. ساددا، ئاقكۆڭۈل تابان:
_ ئۇستازىمنىڭ خىزمىتىگە مەن تەييار، ئوتقا كىر دېسە، ئوتقا كىرىمەن، سۇغا كىر دېسە، سۇغا كىرىمەن، ھەرقانداق قىيىن خىزمەت بولىسىمۇ بويرىسىلا، جان - دىلىم بىلەن بىجىرىپ كېلەي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. موللا:
_ ئوغلۇم سېنىڭ غەيرەت - ھىممىتىڭگە رەھمەت. تارىخنامىلەرگە قارىغاندا، كۈنپېتىش تەرەپتىكى بىر جەزىردە ھەزرىتى سۇلايماندىن قالغان بىر خاسىيەتلىك داش قازان بارمىش. بۇ داشقازاندا تۈرلۈك خاسىيەتلەر بارمىش. ئېسى - يادىم شۇ قازان بىلەن بولۇپ قالدى. شۇ قازاننى تېپىپ كېلىش قولۇڭدىن كېلەمدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. تابان:
_ ئۇستازىم، دۇئا قىلسىلا بۇنىڭدىنمۇ مۈشكۈل ئىش بولسا بىجىرىپ كېلەلەيمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
موللىسى دۇئا قىپتۇ. تابان موللىسىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ماھاننىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇستازىنىڭ بۇيرۇغان خىزمىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ شۇ خىزمەتنى ئۇرۇنلاشقا ماڭغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، ماھان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ ۋە:
_ قانداق بولۇپ مۇنداق مۈشكۈل خىزمەتنى سىزگە تاپشۇرغاندۇ؟ خەير، بوپتۇ، ئۇستاز خىزمىتىنى ئورۇنلاڭ. ئالدى بىلەن دادامنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇستازنىڭ بۇيرۇغان خىزمىتىنى ئېيتىڭ. دادام سىزگە تۆت دىۋە قوشۇپ بەرسۇن، يالغۇز ماڭسىڭىز مەن ئەنسىرەيمەن. سىز قازاننى يالغۇز ئېلىپ كېلەلمەيسىز. تارىخنامىلەرگە قارىغاندا، بۇ قازاننى قىرىق ئادەم نۆۋەتلىشىپ ساقلايمىش. كېچىلىكى ئېلىپ قاچمىسا، كۈندۈزى ئېلىپ كېلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسمىش، - دەپتۇ.
تابان پادىشاھنىڭ ئالىدىغا كىرىپ ئەھۋالنى پادىشاھقا ئېيتىپتۇ.
پادىشاھ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، تابانغا ياراملىق دىۋىدىن تۆتنى قۇشۇپ بېرىپتۇ. ئۇلار بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپ، ھېرىپ - چارچاپ مىڭ بىر جاپادا جەزىرگە كەپتۇ. ئۇلار يۇشۇرۇنچە ئىزلەپ، ئاخىر ھېلىقى قازان بار يەرنى بىلىۋاپتۇ. كېچىسى قازاننى ساقلايدىغانلار ئۇخلاپ قالغاندا، بېرىپ قازاننى ئېلىپ كەپتۇ. تابان ئۇستازىنىڭ خىزمىتىنى ئۇرۇنلاپ، خاسىيەتلىك قازاننى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە خوش بولۇپ، «ئۇستازىمنىڭ دۇئاسىنى ئالىدىغان بولدۇم» دەپ، زور ئۈمىد بىلەن، ئۇستازىنىڭ ئالدىغا كىرىپ سالام بېرىپ:
_ ئۇستازىم، بۇيرۇغان خىزمەتلىرىنى ئۇرۇنلاپ، خاسىيەتلىك قازاننى ئېلىپ كەلدىم، - دەپتۇ. موللا تاباننىڭ ئۆلمەي سالامەت كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئاچچىقى كېلىپ، تابانغا سۇغۇققىنا قاراپتۇ ۋە ئاغزىنىڭ ئۇچچىدا تابانغا : «ھە، ياخشى بوپتۇ» دەپ قويۇپتۇ. تابان مەيۈس ھالدا ماھاننىڭ قېشىغا كېلىپ، ئەھۋالنى ماھانغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. ماھان تابانغا چىرايلىق بىلەن تەسەللى بىرىپتۇ. بىر - ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ماھان تابان بىلەن بىرلىكتە مەكتەپكە بېرىپتۇ. موللا ئۆز قورسىقىدىكى مەككارلىقىنى يۇشۇرۇپ:
_ ۋاي، بالىلىرىم، كېلىڭلار، - دەپ ھاردۇق سوراپ، كۆرۈنۈشتە ياخشى مۇئامىلە قىپتۇ. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن موللا يەنە تاباننى يېنىغا چاقىرىپ:
_ ئوغلۇم، ئوتكەندە بۇيرۇغان خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاپ كەلدىڭ. مەن كۆپ خۇرسەن بولۇپ ھەققىڭگە دۇئا قىلىدىم. يەنە بىر خىزمەت چىقىپ قالدى. تارىخنامىلەردە يېزىلىشچە، كۈن يۇرۇش تەرەپتىكى بىر جاڭگاللىقتا ھەزرىتى سۇلايماندىن قالغان بىر دۇلدۇل بارئىمىش. ئۇ بىر ئايلىق يولنى بىر كۈندە باسارمىش. شۇ دۇلدۇلنى قولۇمغاكەلتۈرسەم دەپ كېچە - كۈندۈز ئوي - خىيالدا قالدىم. ئاشۇ دۇلدۇلنى تۇتۇپ كېلىش سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدۇ. شۇ دۇلدۇلنى تۇتۇپ كەلسەڭ، ساڭا كۆپ دۇئا قىلسام، - دەپتۇ.
تابان ماقۇل بولۇپ قايتىپ چىقىپ، ماھاننىڭ قېشىغا كەپتۇ. ماھانغا موللىسىنىڭ تاپشۇرغان ھېلىقى خىزمىتىنى ئېيتىپتۇ. ماھان بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئىچىدە موللىسىدىن ئاغرىنىپ، «بۇنى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق مۈشكۈل ئىشلارنى ئورۇنلاشقا ئەۋەتىدىغاندۇ» دەپ خاپا بوپتۇ. ئەمما چاندۇرماستىن تابانغا:
_ بۇ ئەھۋالنى دادامغا ئېيتىڭ. دادامنىڭ بىر خاسىيەتلىك كەمىرى بار. ئۇنى تەلەپ قىلىڭ، كۈچلۈك دېۋىدىن ئالتىنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىپ بىرگە ئېلىپ مېڭىڭ. تارىخنامىلەردە يېزىلىشچە، ئۇ دۇلدۇلنى ھېچقانداق كېشى قولغا چۈشۈرەلمىگەن. ئېيتىلىشچە، ئاشۇ دۇلدۇل ياشايدىغان جاڭگالدىكى ئورمانلىقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭقۇر كۆل بارئىمىش. دۇلدۇل ھەركۈنى چۈش بولغاندا، شۇ كۆلگە سۇ ئىچكىلى كېلەرمىش. سىز بارغاندا ئاشۇ كۆلنىڭ يېنىدا يۇشۇرنۇپ تۇرۇپ، دۇلدۇل كېلىپ سۇ ئىچكىلى تۇرغاندا چەبدەسلىك بىلەن كەمەرنى ئۇنىڭ بوينىغا تاشلاڭ. كەمەر ئۇنىڭ بوينىغا چۈشكەن ھامان، كۈچەپ تارتسىڭىز، كەمەر ئاتنىڭ بوينىنى سىقىدۇ، ئات قاچالمايدۇ. ئاندىن ئاتقا قاراپ: «يا ھەزرىتى سۇلايمان» دەپ چاقىرسىڭىز ئات بېشىنى تۈۋەن سېلىپ شۈك تۇرىدۇ، ئاندىن ئاتقا مىنگەيسىز، ئات سىزنى ئېلىپ كېلىدۇ، - دەپ يول كۆرسىتىپتۇ.
تابان پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ كۈچلۈك دىۋىدىن ئالتىنى تاللاپ تابانغا قوشۇپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. بۇلار بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپ ھېرىپ - چارچاپ جاڭگالغا كەپتۇ. جاڭگالدىكى ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ ماڭا - ماڭا بىر يەرگە كەلگەندە كۆل كۈرۈنۈپتۇ. بۇلار كۆلنىڭ قېشىغا كېلىپ دەرەخنىڭ ئارىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپتۇ. دەل چۈش ۋاقتى بولغاندا، كېلىشكەن، چىرايلىق، قاۋۇل دۇلدۇل بىلەن قىبلە تەرەپتىن چېپىپ كېلىپ كۆلنىڭ بويىدا توختاپتۇ. دۇلدۇل سۇ ئىچكىلى تۇرۇپتىكەن، تابان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، چەبدەسلىك بىلەن كەمەرنى تاشلىغان ئىكەن، كەمەر دۇلدۇلنىڭ بوينىغا چۈشۈپتۇ. تابان كەمەرنى ئۇچچىنى راسا كۈچەپ تارتقان ئىكەن، دۇلدۇلنىڭ بوينى چىڭ سىقىپتۇ. تابان شۇ ھامانلا ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي «يا ھەزرىتى سۇلايمان» دەپ چاقىرغان ئىكەن، دۇلدۇل بېشىنى تۈۋەن سېلىپ جىم تۇرۇپتۇ. تابان بىر سەكرەپلا دۇلدۇلغا مىنىپتۇ. دۇلدۇل تاباننى ئۈستىگە ئېلىپ نىشان قىلغان تەرەپكە ئۇچۇپتۇ. تابان دۇلدۇلنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇستازىنىڭ خىزمىتىنى ئۇرۇنلىغانلىقىغا خوش بولۇپ، دۇلدۇلنى ئۇستازنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ - ۋە:
_ سالام ئۇستازىم، تاپشۇرغان خىزمەتلىرىنى ئۇرۇنلاپ دۇلدۇلنى ئېلىپ كەلدىم، - دەپتۇ. تاباننىڭ بۇ قېتىممۇ ئۆلمەي قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ موللىنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىپتۇ.
_ خىزمەتنى ئوبدان ئورۇنلاپسەن، ئاتخانىغا ئەكىرىپ قوي، - دەپتۇ.
تابان قايتىپ كېتىپتۇ. موللا تاباننى يوقاتماي تۇرۇپ قىزنى قولغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ياۋاز نىيىتىدىن يانماپتۇ. ئىككى - ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە تاباننى يېنىغا چاقىرىپ:
_ ھەقىقەتەن غەيرەتلىك، باتۇر يىگىت ئىكەنسەن، ھەرقانداق خىزمەتنى ئورۇنلاش سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدىكەن، يەنە بىر خىزمەت بار، ئەمدى شۇ خىزمەتنىمۇ ئورۇنلاپ كەلسەڭ. ساڭا دۇئا قىلسام. تارىخىي كىتابلاردا يېزىلىشچە ھەزرىتى سۇلايمان زامانىسىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچىلىك ياشاپ كەلگەن بىر كىيىك بارمىش، ئۇ كىيىك«ئابى ھايات» سۈيىنى ئىچكەنمىش. ھەزرىتى سۇلايمان ئۆز قولى بىلەن «ئىسىم ئەزەم» نى يېزىپ، تۇمار قىلىپ كىيىكنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغانمىش، ئۇ تۇماردا قىرىق نەچچە تۈرلۈك خاسىيەت بار ئىمىش. مەن سەندىن كۆپ خۇرسەن بولسام، ھەققىڭگە دۇئا قىلسام، شۇ كىيىكنىڭ بوينىدىكى خاسىيەتلىك تۇمارنى ئەكىلىپ بەرسەڭ، - دەپتۇ.
تابان موللىسىنىڭ يېنىدىن چىقىپ ماھاننىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئەھۋالنى ماھانغا ئېيتىپتۇ. ماھاننىڭ تابانغا ئىچى ئاغرىپتۇ. موللىسىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن بۇنداق مۈشكۈل خىزمەتنى تاپشۇرۇپ خەتەرلىك يولغا بۇيرۇۋەرگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، «بۇنىڭ تىگىدە بىر سىر بار ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ. ئىچىدە موللىسىغا نەپرەتلىنىپتۇ. ئەمما بۇ ئاق نىيەتلىك قىز تابانغا بىلىندۈرمەپتۇ ۋە تابانغا:
_ خەير، بوپتۇ. ئۇستازنىڭ خىزمىتىگە مېڭىڭ. ئەمما بۇداقى خىزمەت تېخىمۇ مۈشكۈل ئىكەن. ئۆزىڭىزگە ئون دىۋىنى ھەمراھ قىلىۋېلىڭ. تارىخنامىلەردە يېزىلىشچە، ئۇ كىيىك ھەزرىتى سۇلايمان زامانىسىدا «ئابى ھايات سۈيى» نى ئىچكەنلىكتىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ھازىرغىچە ياشاپ كەلگەنمىش. ھەزرىتى سۇلايمان ئۇ كىيىكنىڭ بوينىغا «ئىسىم ئەزەم»نى پۈتۈپ تۇمار قىلىپ ئېسىپ قويغانمىش. ئۇ كىيىك كۈنچىقىش تەرەپتىكى بىر خەتەرلىك تاغ ئۈستىدە ياشايمىش. ھەزرىتى سۇلايمان شۇ يەرگە بەنت قىلىۋەتكەن ئىمىش. ئۇ كىيىك تۇرغان يەرگە ئادەمزاتنىڭ قەدىمى يەتكەن ئەمەسمىش. كىمكى شۇ خەتەرلىك تاغنىڭ ئۈستىگە چىقالىسا، ھەزرىتى سۇلايماننى شىپى كەلتۈرۈپ «ئىسىم ئەزەم»نى ئون مەررە ئۇقۇسا، كىيىك شۇ يەرگە ھازىر بولارمىش، - دەپ يول كۆرسىتىپتۇ.
تابان كۈچتۈڭگۈر پەھلىۋان دىۋىدىن ئوننى ئۆزىگە ھەمرا ھ قىلىپ مېڭىپتۇ. ئون بەش كۈن يول يۈرۈپ ئاخىر خەتەرلىك تاغقا يېتىپ بېرىپتۇ. ھەرخىل چارىلەر بىلەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ تاغ ئۈستىگە چىقىپتۇ. ماھاننىڭ ئېيتقىنى بويىچە ھەزرىتى سۇلايماننى شىپى كەلتۈرۈپ«ئىسىم ئەزەم» نى ئون مەررە ئوقۇپتۇ. قارىسا كۆز ئالدىدا بىرچوققىنىڭ ئۈستىدە بوينىغا تۇمار ئېسىلغان چىرايلىق، ھەيۋەتلىك بىر كىيىك تۇرغۇدەك. تابان كىيىكنىڭ ئالدىغا بېرىشىغا، ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي پەيدا بوپتۇ. تابان دەرھال بوۋايغا سالام بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن - ئاخىرغىچىلىك ئېيتىپ بېرىپتۇ. بوۋاي ئوغۇلدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قوشۇمىسىنى بىر تۈرۈپ، ئۇلۇغ - كىچىك تىنىۋېلىپ، تابانغا:
سەن تۇمارنى ئىزلەپ كەلدىڭمۇ؟ ئادىمزاتنىڭ بۇ يەرگە قەدىمى يەتكەن ئەمەس، سەن ئۇستازغا ئەقىدە قىلىپ، ئۇستازنىڭ خىزمىتىنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن بۇ خەتەرلىك جايغا كەپسەن. سېنىڭ ئەقىدەڭگە، ئاق نىيەتلىكىڭگە، غەيرىتىڭگە رەھمەت،- دەپتۇ ۋە بىر پەس جىم تۇرۇپ كېتىپ سۆزىنى داۋام قىپتۇ، - سېنىڭ ئۇستازىڭ يامان نىيەت بىلەن ساڭا سۈيقەست قىلىپ، سېنى خەتەرلىك يوللاردا ئۆلسۇن دەپ، ئادەمزاتنىڭ قەدىمى يەتمەيدىغان بۇنداق جايغا ئەۋەتىپتۇ. كىشىگە ئورا كولىغان كىشى، ئاۋۋال ئۆزى ئورىغا چۈشۈپ تۇرۇپ كولايدۇ، خەير، سۈيقەست ئۆزىگە يانسۇن. «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار» دېگەن گەپ بار. بوپتۇ، سەن ئىزلەپ كەلگەن تۇمارنى بېرەي، ئىچىنى ئېچىپ كۆرمە. ئاپىرىپ ئۇستازىڭنىڭ ئۆز قولىغا بەرگىن، ئۇستازىڭ ئۆزى ئاچسۇن.
بوۋاي تۇمارنى كىيىكنىڭ بوينىدىن ئېلىپ، بىر قۇتىغا سېلىپ تابانغا بېرىپتۇ. تابان بوۋايغا رەھمەت ئېيتىپ قايتپتۇ. بوۋاينىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاچماستىن شۇ پېتىچە ئەكىلىپ موللىسىغا بېرىپتۇ. موللىسى قۇتىنى قولىغا ئېلىپ قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشىغىلا قۇتىدىن «گۈر »قىلىپ بىر ئوت چىقىپلا موللىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ.
بۇ ئەھۋال پادىشاھ مارۇتقا ئاڭلىنىپتۇ. پادىشاھ موللىغا لەنەت - نەپرەت ئوقۇپتۇ. تاباننىڭ باتۇرلۇقىغا، سادىق - ئاق كۆڭۈللۈكىگە، ئەقىدە - ئىخلاسىغا ئاپرىن ئوقۇپتۇ ھەمدە تاباننىڭ ئۆتمۈشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، تاباننى ئۆز دادىسىغا كۆرسىتىش قارارىغا كەپتۇ. پادىشاھ مارۇت بىركۈنى تاباننى ئۆز يېنىغا چاقىرىپ:
_ ئوغلۇم، سەن ئەسلىدە قۇتلۇقشاھ دېگەن پادىشاھنىڭ ئوغلى ئىدىڭ. مەن قىزىمغا ھەمراھ بولۇپ بىرگە چوڭ بولسۇن دېگەن خىيالدا، قىزىم بىلەن بىر كۈن، بىر سائەتتە تۇغۇلغان ئوغۇل بالا بولسا ئېلىپ كېلىڭلار دەپ پەرىلەرگە بۇيرۇدۇم. پەرىلەر جاھاننى ئاقتۇرۇپ سېنى ئېلىپ كەپتۇ. سەن قىزىم بىلەن بىر كۈن، بىر سائەتتە تۇغۇلغان ئىكەنسەن. سېنى ئاسراپ - ئاۋايلاپ تەربىيلىدۇق. چوڭ بولدۇڭ، ئوقۇپ ھەرخىل بىلىملەردىن خەۋەردار بولدۇڭ. ئەپسۇسكى، دىيانەتسىز قارا كۆڭۈل ئۇستازنىڭ سۈيقەستىگىمۇ دۇچار بولدۇڭ. بەختىمىزگە يارىشا ئۆزۈڭنىڭ باتۇرلۇقى، ھوشيارلىقىڭ بىلەن يەنە ھايات قالدىڭ. ئەمدى سېنى ئۆز ئاتا - ئاناڭنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش قارارىغا كەلدىم. ئۆز ئاتا - ئاناڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگىن، - دەپتۇ. تابان:
_ دادا، ئۇنداق گەپنى قىلماڭ. سىزدىن باشقا يەنە دادام يوق، - دەپ تەسىرلىنىپ يىغلاپتۇ. پادىشاھى مارۇت:
_ بۇ ۋاقىتقا قەدەر بۇ سىرنى سەندىن ۋە باشقىلاردىن يۇشۇرۇن تۇتۇپ كەلدىم. ئەمدى چوڭ بولدۇڭ، يېشىڭ يىگىرمىدىن ئاشتى. بېرىپ ئۆز داداڭ، ئۆز ئاناڭنى كۆرۈپ كەلگىن، - دەپتۇ.
سەپەرگە مېڭىش ۋاقتىدا ماھان بىلەن تاباننىڭ بىر - بىرىدىن ئايرىلىشقا رايى بارماپتۇ. ماھان: «مەنمۇ تابان بىلەن بىرگە بارسام» دەپتۇ. تابانمۇ ماھاننىڭ بىرگە بېرىشىنى تەلەپ قىپتۇ. بۇلارنىڭ تەلىپى مارۇتقا يەتكۈزۈلۈپتۇ. پادىشاھ بۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىپتۇ. بۇلارغا نۇرغۇن پەرىزاتلارنى قوشۇپ داغدۇغا، ھەشەمەت بىلەن يولغا ساپتۇ. پادىشاھى مارۇت قۇتلۇقشاھقا ئۆتكەن ئەھۋاللارنى تەپسىلى بايان قىلىپ مەكتۇپنامە يېزىپتۇ ھەم ئەپۇ سوراپ ئۆزرە بايان قىپتۇ. تاباننى ئېلىپ كەلگەن پەرىلەر يول باشلاپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ئاخىر قۇتلۇقشاھنىڭ شەھىرىگە كەپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇتلۇقشاھنىڭ خوشلۇقى ئىچىگە سىغماي قاپتۇ ۋە يۇرت كاتتىلىرىنى باشلاپ ئوغلىنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئاتا - بالا قۇچاقلىشىپ، يىغلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ھەممە تەسىرلىنىپ يىغا - زارە قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ماھان بىلەن تابان بۇ شەھەردە بىر ئاي تۇرۇپتۇ. قۇتلۇقشاھ ماھان بىلەن تاباننى بىر - بىرىگە قۇشۇپ قويۇش ۋە توي قىلىش ھەققىدە پادىشاھى مارۇتقا مەكتۇپ يوللاپتۇ. پادىشاھ مارۇت بۇنىڭغا جاۋابەن «مېنىڭ نىيىتىممۇ ماھان بىلەن تاباننى قوشۇپ قويۇش ئىدى، ئۆزلىرىنىڭ مەسلىھىتىنى تامامەن ماقۇل كۆرىمەن» دېگەن مەزمۇندا مەكتۇپنامە قايتۇرۇپتۇ.
قۇتلۇقشاھ نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن تاباننى ماھان بىلەن بىرگە ئېلىپ پادىشاھى مارۇتنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ كەپتۇ. قۇتلۇقشاھ كۆپ ئىززەت ھۆرمەتكە سازاۋەر بوپتۇ. مارۇت قۇتلۇقشاھتىن تەكراپ ئەپۇ سوراپتۇ. پادىشاھى مارۇت شەھەر خەلقىگە ناھايىتى كاتتا داغدۇغلىق توي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. تابان بىلەن ماھاننى ھەممە قۇتلۇقلاپتۇ. شۇندىن كېيىن تابان بىلەن ماھان پادىشاھى مارۇتنىڭ قېشىدىمۇ، قۇتلۇقشاھ قېشىدىمۇ تۇرۇپتۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئىككى - ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ. بەخىتكە قارشى قۇتلۇقشاھ ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ. يۇرت ئەھلى مەسلىھەتلىشىپ تاباننى دادىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھلىققا سايلاپتۇ. تابان ئەلنى ئادالەت بىلەن سوراپتۇ. خەلق ئاسايىشلىقتا ئۆتۈپتۇ. يۇرت ئەھلى بۇنىڭدىن رازى بوپتۇ.