مەغرۇ پىل
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئورمانلىقتا ناھايىتى زور بىر پىل بولغانىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ زورلۇقى، كۈچلۈكلۈكى ۋە چەبدەسلىكى بىلەن مەغرۇرلىنىپ، ئورمانلىقتىكى باشقا ھايۋاناتلارنى قىلچە كۆزگە ئىلمايدىكەن. ئوت - چۆپلەرنى خالىغانچە دەسسەپ - چەيلەيدىكەن. خۇشى تۇتسا، خارتۇمى بىلەن ھەر چوڭ قارغايلارنىمۇ يۇلۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭدىكى ئۇچار - قاناتلارغا ئازار بېرىدىكەن، ئورماننى نابۇت قىلىدىكەن. پىلنىڭ بۇ بولمىغۇر قىلىقى ئورمانلىقتىكى بارلىق جان - جانىۋارلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرۈپتۇ. بىراق ئۇنى ئاشكارا چەكلەشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ. ئاخىر ئۇلار قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ بۇ زورلۇقىدىن قۇتۇلۇشقا بولىدىغانلىقى تۇغرۇلۇق يوشۇرۇن يىغىن ئېچىپتۇ، لېكىن يەنىلا چارە تاپالماپتۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يىغىنىنى بىر تۈپ چۆپكە قونۇۋېلىپ تىڭشاپ تۇرغان پاشاقاقاقلاپ كۈلۈۋېتىپتۇ، ھەممە ئۇنىڭغا قاراپ ھەيران بولۇپ:
- پاشىجان، ھەممىمىز جان قايغۇسىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرساق، سېنىڭ كۈلگىنىڭ نېمىسى، ياكى بىزنى زاڭلىق قىلىۋاتامسەن؟ - دەپتۇ.
- بۇ كارامەتلىك دۇنياغا ھەيرانمەن، - دەپتۇ پاشا كۈلكىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - مەن ھەممىڭلاردىن ئاجىز ۋە كىچىك يارىتىلغان بولساممۇ، سىلەرنى بوزەك قىلىدىغان ئاشۇ مەغرۇر پىلنىڭ تېرىسىنى تېشىپ قېنىنى ئىچەلەيمەن. شۇنىڭغا قارىغاندا ھەممىڭلاردىن مەن كۈچلۈك ئوخشايمەن. قانداق، ئەنتىڭلارنى مەنلا ئېلىپ بېرەيمۇ؟
- قۇرۇق گەپنى قوي، - دەپتۇ ھەممە پاشىغا قاراپ، - سەن پەقەت ئۇنىڭ ھارام قېنىنىلا ئىچەلەيسەن، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ قىچىشقان يەرلىرىنى پەسەيتىپمۇ قويار، ياكى بولمىسا، تېخىمۇ قىچىشتۇرۇۋېتىپ، تېنىنى يەنە بىر تۈپ قارغايغا سۈركەشكە مەجبۇر قىلىپ، قۇشلارنىڭ بالىلىرىنى ئالاقزادە قىلىۋېتەر، قوي، سەن بىز بىلەن چاقچاقلاشما.
- ياق! - دەپتۇ پاشا ئۆز سۆزدە چىڭ تۇرۇپ، - مەن ئۇنىڭ كۆزىنىلا چاقىمەن، ئۇ كۆزىنىڭ يارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ قارىغايغا ئانچە قاتتىق سۈركىيەلمەيدۇ، لېكىن بۇ داۋاملىشىۋەرسە، ئۇنىڭ كۆزى يارىلىنىدۇ، شۇ چاغدا چىۋىن دوستۇمنى ياردەمگە چاقىرىمەن، پىلنىڭ يارىلانغان ئىككى كۆزى چىۋىن دوستۇمنىڭ قورسىقىدىكى قۇرۇتلىرى ئۈچۈن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ياخشى ماكانىغا ئايلىنىدۇ. قېنى ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ مېىڭ سىلەرنىڭ ئەنتىڭلارنى ئېلىپ بەرگىنىم بولمامدۇ!؟
ھەممە پاشىنىڭ سۆزىگە قايىپ بولۇپ باش لىڭشىتىپتۇ. شۇ چاغدا چۆپ ئارىسىدىن بىر پاقا سەكرەپ چىقىپ كۆپچىلىككە قاراپ:
- مەغرۇر پىل مېنىڭمۇ ئىككى بالامنى دەسسەپ ئۆلتۈرگەن، مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا غەزىپىم بار، پاشىجاننىڭ سۆزى مېنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنتىقام ئېلىشىمغا يول ئاچتى. مەن بۇنى ھازىر ئېيتمايمەن، ئاۋۋال پاشىجان تەدبىرىنى قىلىپ كۆرسۇن، كېيىن مەن ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن، - دەپتۇ - دە، يەنە چۆپ ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بوپتۇ.
ھەممە: >پاقىنىڭ قولىدىن نېمە كېلەر< دېگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئانچە ئېتىبار قىلماپتۇ. ئەمما پاشىنىڭ تەدبىرىنى خۇشاللىق بىلەن قوللاپ، ئۇنى دەرھاللا ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەپتۇ. پاشا ئۆز ۋەدىسى بويىچە دەرھاللا قاناتلىرىنى كىرىپ، جاڭگالغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، مەغرۇر پىلنى ئىزلەپ تېپىپتۇ - دە، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە نەشتەر سانجىشقا باشلاپتۇ، پىل كۆزلىرىنىڭ تىنىمسىز قىچىشىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھەدەپ قارىغايغا سۈركەشكە باشلاپتۇ، پاشا بولسا ئۇنىڭغا قىلچە ئارام بەرمەپتۇ، ئۇنىڭ كۆزىنى ئۈزلۈكسىز چېقىۋېرىپتۇ، پىل بولسا، كۆزىنى قارىغايغا سۈركەۋېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ، بىر كېچىدىلا پىلنىڭ كۆز - قاپاقلىرى يېرىلىپ قاناپ كېتىپتۇ، ئەتىسى چىۋىن كېلىپ، پىلنىڭ جاراھىتىگە قۇرۇت تاشلاپتۇ، قۇرۇتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئۈزلۈكسىز غاجىشى بىلەن ئۇنىڭ جاراھىتى تېزلا كېڭىيىپ، ئۇنىڭ كۆزىنى كۆرمەس قىلىپ قويۇپتۇ، مەغرۇر پىل شۇنىڭ بىلەن ھەرىكەت قىلىش، ئوزۇق تاللاپ يېيىش ئىقتىدارىدىن قاپتۇ، ئەمدى ئۇنىڭ بىردىنبىر تايىندىغىنى قۇلاق ۋە پۇراش سېزىمىدىنلا ئىبارەت ئىكەن.
بىر كۈنى ئۇ قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ. سۇنى پۇراش ۋە ئاڭلاش سېزىملىرىغا تايىنىپ تېپىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قانداق قىلىشنى بىلمەي تامىقىنى چاكىلدىتىپ ياتقاندا، يۇتۇقسىز يېقىنلا بىر يەردە پاقا كۇكىراپ قاپتۇ، پىل ئۆزىنىڭ ساق ۋاقىتلىرىدىكى تەجرىبىسىگە ئاساسەن >پاقا جەزمەن سۇ بار يەردە بولىدۇ< دەپ جەزمەنلەشتۈرۈپ، پاقىنىڭ ئاۋازى چىققان ياققا قاراپ مېڭىپتۇ، بىراق بۇ پاقا سۇ بار يەردىكى پاقا بولماستىن، بەلكى پىلدىن ئىنتىقام ئېلىشقا بەل باغلىغان ھېلىقى پاقا ئىكەن. ئۇ پىلنىڭ ئالدىدا كۇكىراپ يۈرۈپ، بىر سەكرەپ، ئىككى سەكرەپ، ئاخىرى پىلنى بىر تىك يارنىڭ لېۋىگە باشلاپ كەپتۇ. پىل پاقىنىڭ كۇكىرىشىغا ئەگىشىپ تەمتىلەپ ماڭغىنىچە ياردىن غۇلاپ ئۆلۈپتۇ. ئۇنىڭ ئورمانلىقتىكى پۈتۈن جان - جانىۋار، ھايۋاناتلارنى چۆچۈتىدىغان مەغرۇر گەۋدىسى قاغا - قۇزغۇن، قۇرت - قوڭغۇزلارغا يەم بولۇپ تۈگەپتۇ.
مەغرۇر پىلنىڭ زومىگەرلىكىدىن قۇتۇلغان جان - جانىۋارلار خۇشاللىقىدىن ئۇسسۇل ئوينىشىپ، مۇنداق دەپ ناخشا ئېيتىپتۇ:
ھېزى بول ھاياتلىق يولىدا دائىم،
كۈچلۈكمەن دېمىگىن ئاجىزنى كۆرۈپ.
مەغرۇر پىل جان بەردى پاشا قولىدا،
ئۆزىنى چوڭ ساناپ، زورلۇق قىلىپ يۈرۈپ.
مەغرۇرلۇق ھەر كىمنى قالدۇرار يېتىم.
ئۆزىگە قارشى كۈچ توپلايدۇ زورلۇق.
شۇ ئىككى ئىللەتكە بولسا كىم مەھكۈم،
قۇچقۇسى ئۆمرىنى بىھىساپ خورلۇق.