ھۇرۇننىڭ ئاقىۋىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا ھاللىق بىر ئائىلە بولۇپ، ئۇلارنىڭ جېلىل ئىسىملىك بىر بالىسى بار ئىكەن. جېلىل يەتتە ياشقا كىرگەندە ئاتا - ئانىسى ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىپتۇ ۋە:
موللاڭنىڭ گېپىگە قۇلاق سال، تىرىشىپ ئوقۇغىن، - دەپ جېكىلەپتۇ.
جېلىل بەكمۇ ھورۇن ئىكەن. شۇڭا موللامنىڭ ئۆگەتلىرىگە كۆڭۈل قويماپتۇ. كۈن - كۈنلەپ تەرتىپلىك ئولتۇرۇش جېلىلغا بەكمۇ قىيىن كەپتۇ. جېلىل ئىككى يىلدەك ئوقۇغاندىن كېيىن موللىسى ئۆيگە كېلىپ:
- بۇ بالا تىرىشمايدىكەن، ئىككى يىل ئوقۇتۇپمۇ ھېچنېمە بىلدۈرەلمىدىم. نەسىھەت قىلسام يىغلايدۇ. دەرس ئۆگەتسەم ئۇخلايدۇ. ھېچ ئىلاج قىلالمىدىم، - دەپ زارلىنىپتۇ. ئاتىسى جېلىلغا:
- بالام تىرىكلىكىمىزدە ياخشىراق ئوقۇساڭ بولمامدۇ؟ - دېگەنىكەن، جېلىل يىغلامسىراپ:
- ئاتا، ئون يىل ئوقۇساممۇ بىلەلمىگىدەكمەن. يەنە مەكتەپكە بار دېسەڭلار، مەن بېشىم قايغان يەرگە كېتىمەن، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
ئاتا - ئانىسى بىرلا بالا دەپ ئىزىزلىغاچقا ئۇنىڭ رايى بويىچە مەكتەپتىن توختىتىۋېلىپ كىيىم تىككۈچىگە شاگىرتلىققا بېرىپتۇ.
- بالام، ھۈنەر بولسىمۇ ئۆگىنىۋالغىن، ئەسقاتىدۇ، - دەپتۇ ئاتىسى.
جېلىل بىر نەچچە كۈن ئۇستامدىن تەلىم ئېلىپتۇ. بىراق ئۇستامنىڭ گەپلىرى زادىلا قۇلاققا ياقماپتۇ. شۇڭا، ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ ئانىسىغا:
- جېنىم ئانا، مەن كىيىم تىكىشنى ئۆگىنەلمىگىدەكمەن، ھېچلا ئەقلىم يەتمىدى، يەنە زورلىساڭلار ساراڭ بولغىدەكمەن، - دەپ يىغلاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ياغاچچىغا شاگىرتلىققا بېرىپتۇ. بۇ ھۈنەر جېلىلغا تېخىمۇ ياقماپتۇ. ئاخىرى ئاتىسى ئۇنىڭغا دېھقانچلىقنى ئۆگەتمەكچى بوپتۇ. لېكىن جېلىل ئىسسىقتا سايىدىن، سوغۇقتا ئۆيدىن چىقمايدىكەن. ئاتىسى ھەر نېمە قىلىپ بېقىپ جېلىلنى ئۆزگەرتەلمىگىنىگە ھەسرەتلىنىپتۇ. ئاخىرى ئەر - ئايال مەسلىھەتلىشىپ >تىرىكلىكىمىزدە ئىلىم - ھۈنەر ئىگىلىۋالسۇن، دەپ شۇنچە قىلدۇق، لېكىن جېلىلغا ھېچقايسىسى خۇشياقمىدى. ئەمدى بىزدىن كېيىن قالغاندا ئۆيدە بارنى يەپ ئۆتەر، ئۇنى زورلىمايلى< دېيىشىپتۇ.
شۇندىن كېيىن جېلىل قورسىقىنى توقلاپ ئۇخلايدىغان بوپتۇ. كېيىنچە تاماقنى يېيشكىمۇ خۇشياقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
جېلىلنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ ئۇ يالغۇز قاپتۇ. ئۇ تاماق ئېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا چاي قاينىتىشنىمۇ بىلمەيدىكەن شۇڭا بىر نەچچە كۈن ئاچ يېتىپتۇ. بۇنى بىلگەن قۇلۇم - قوشنىلىرى جېلىلغا نەسىھەت قىلىپ، ئۇنىڭغا تاماق بېرىپتۇ ۋە:
- ئۆزۈڭ تاماق ئېتەلمىسەڭ پۇل بېرىپ ئاشپۇزۇلداتاماق يېگىن، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. جېلىلغا بۇ تەييار تاماق خۇش يېقىپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاتا - ئانىسىنىڭ توپلىغان مال - دۇنياسى تۈگەپتۇ. ئۆمرىدە بىرەر نېمىنى ئويلاشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان جېلىل ئەمدى پۇشايمان قىلىشقا باشلاپ:>نېمە دەپمۇ ئوقۇمىغاندىمەن، ھۈنەر ئۆگەنمىگەندىمەن< دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ.
بىردىن جېلىلنىڭ ئېسىگە ئاتىسىنىڭ يۇڭ سېتىپ نۇرغۇن پۇل قىلغانلىقى كېلىپ:>ھەي ئاتامدىن نېمىشقىمۇ يۇڭ تېرىشنى ئۆگىنىۋالمىغاندىمەن. يۇڭ دېگەن ئوغۇتلىمىسىمۇ سۇغارمىسىمۇ بولىدىغۇ، خەير تېرىپ باقاي< دەپ ئويلاپتۇ.
جېلىل ئېتىزدا پەيدا بولغىنىدىن خۇشال بولغان قوشنىلىرى ئۇنىڭغا ياردەملەشمەكچى بولۇپ يېقىن كەلسە، جېلىل ئېتىزدا يېتىۋېلىپ يۇڭنى يەرگە كۆمۈۋاتقۇدەك. بۇن كۆرگەن قوشنىلىرى ئەجەبلىنىپ:
- جېلىل ئاخۇن، نېمە قىلىۋاتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۇھ، ھەجەبمۇ ھېرىپ كەتتىم، يۇت تېرىۋاتىمەن، - دەپتۇ جېلىل.
قوشنىلار جېلىلنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشۈپتۇ، ئارىدىن ياشانغان بىرسى:
- ھەي ئەخمەق، يۇڭ دېگەننى ھېچكىم تېرىمايدۇ. يۇڭ دېگەن قويدىن چىقىدۇ، - دەپتۇ. جېلىل:
- مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ مەن ئەمدى ئاچلىقتىن ئۆلىمەنغۇ؟ - دەپ ئېتىزدا ئېغىنىغىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاپتۇ.
- ھورۇنلۇق قىلمىساڭ ئۆلمەيسەن، بىزگە ئوخشاش تەر ئاققۇزۇپ ئىشلىگىن، - دەپتۇ بىر دېھقان.
- ئىشلىسەم ھېرىپ كېتىمەن، ھېرىپ كەتسەم قانداق قىلىمەن؟ - دەپ يەنە يىغلاپتۇ. بۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەن كىشىلەر >ھۇرۇننىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇ< دېيىشىپ قاپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن ناھىيە لاسكويدىن مەتكېرەم ئاخۇن.