UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقغېرىب ھىكايىسى

غېرىب ھىكايىسى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر باي ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ غېرىپ دىگەن بىر ئوغلى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ پۇلى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نەگە بارىمەن دىسە، شۇ يەرگە بارالايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە غېرىپ دوستلىرى بىلەن يىراق بىر شەھەرگە سەيلىگە بېرىپتۇ ۋە ئۇ يەردە ئويۇن - تاماشا، ئەيشى - ئىشرەت بىلەن بىر نەچچە يىل تۇرۇپ قاپتۇ. كېيىن ئۆز شەھىرىدىن دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەر كەپتۇ. بىراق، غېرىپ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي يۈرۈۋېرىپتۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئانىسىنىڭمۇ ئۆلۈم خەۋرى كەپتۇ. بۇ چاغدا غېرىپنىڭ پۇلى تۈگەپ قالغان بولۇپ، ئامالسىز قايتىپ بېرىپ، ئۆيىدىكى ئاتا - ئانىسىدىن قالغان مال - دۇنيالارمۇ قۇرۇغدىلىنىپ قالغان ئىكەن. ئۇ دوستلىرىدىن پۇل سوراپتۇ. ئۇلارمۇ پۇل بەرمەپتۇ. غېرىپ تەمبۇر چېلىشقا ناھايىتى ئۇستا بولغاچقا، تەمبۇرنى ئېلىپ يۇرتنى تاشلاپ جاھان كېزىشكە باشلاپتۇ. ئۇ بىر شەھەرگە بېرىپتۇ. بۇ شەھەردە بىر سودىگەر بولۇپ، ئۇ ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ تالاق قىلىۋەتكەن ئىكەن. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ سودىگەر ئايالى بىلەن يارىشىپ قېلىشنى ئويلاپ، ئۆيىگە قازى، موللىلارنى چاقىرىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراپتۇ. ئۇلار >ئەگەر خوتۇنىڭىز بىلەن يارىشىپ قېلىشنى ئويلىغان بولسىڭىز، ئالدى بىلەن بىر ئەرنى تېپىپ، ئۇنى ئايالىڭىز ىلەن بىر كېچە ياتقۇزۇڭ، ئاندىن ئىككىڭلارغا نىكاھ ئوقۇپ قويايلى< دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھېلىقى سودىگەرنىڭ بېشى قېتىپتۇ. بىراق شۇنداق قىلمىسا بولمايدىكەن. شۇڭا، ئۇ بىرەر كىشى ئىزلەپ كوچىغا چىقىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالدىغا غېرىپ ئۇچراپتۇ. سودىگەر غېرىپقا ئەھۋالنى ئېيتىپ ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ، ئايالى بىلەن بىر كېچە ئايرىم بىر ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ. دەل شۇ كۈنى شەھەر پادىشاھى >كىم مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىدىكەن، كىم مېنىڭ ياخشى گېپىمنى قىلىدىكىن...< دەپ شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە پايلاقچى ئەۋەتىپتۇ. پايلاقچىلاردىن بىرى سودىگەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، ئۆي ئىچىدىن تەمبۇر ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. پايلاقچى ھويلىغا تىۋىشسىز ئۆز ئەھۋالىنى ھېلىقى ئايالغا بايان قىلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. بۇلارنى >پادىشاھنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ دەرت تۆكۈۋاتقان كىشىلەر ئىكەن< دەپ چۈشىنىپ قالغان پايلاقچى دەرھال پادىشاھقا خەۋەر ئېلىپ بېرىپتۇ. غېرىپ ھەممە ئەھۋالنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە ئېتىپ بېرىپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ قازىغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپتۇ. ئەتىسى قازى ھېلىقى سودىگەر بىلەن غېرىپنى ئوردىغا باشلاپ كەپتۇ. پادىشاھ غېرىپنى چىقىرىۋېتىپ، قازىنى ھېلىقى خەتنى ئوقۇشقا بۇيرۇپتۇ. خەتتە >سودىگەرنىڭ ئايالىنى غېرىپ ئالسۇن، سودىگەر پۈتۈن مال - دۇنياسىنى غېرىپقا تاشلاپ بېرىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتسۇن! كىمكى بۇ پەرمانغا بويسۇنمايدىكەن، كاللىسى تېنىدىن جۇدا قىلىنسۇن< دىيىلگەن ئىكەن، بۇنى ئاڭلىغان سودىگەرنىڭ پۇت - قولىدا جان قالماي لاسسىدە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. >ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا< دىگەندەك، قىلمىشىغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلىپتۇ. ئامالسىز ئايالىنى ۋە ئۆيدىكى مال - دۇنياسىنىڭ ھەممىسىنى غېرىپقا بېرىپ، سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. غېرىپ ھېلىقى ئايال بىلەن توي قىلىپ شۇ ئۆيدە تۇرۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ھارۋا ئەۋەتىپ غېرىپنى ئايالى بىلەن ئۆز ئوردىسىغا كۆچۈرۈپ كەپتۇ. پادىشاھ كۈندە دىگۈدەك ئۇنى تەمبۇر چالدۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىشقا باشلاپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، غېرىپنىڭ ئايالىغا پادىشاھنىڭ كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ ۋە ئۆز مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن غېرىپنى كۆزدىن يوق قىلماقچى بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى غېرىپنى ئۆز ئۆيىگە چاقىرتىپ يەنە تەمبۇر چالدۇرۇپتۇ. ئازراق ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ ئەتەي ئۇخلاۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. غېرىپ كۆڭلىدە >پادىشاھ ئۇخلاۋاتقاندىكىن، مەنمۇ ئازراق كۆز يۇمۇۋالاي< دەپ ئويلاپ، ئۇخلاپ قاپتۇ. پادىشاھ ئورنىدىن ئاستاغىنە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ئايالىنى كۆتىرىپ غېرىپنىڭ يېنىغا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. غېرىپنىڭ قولىنى ئايالىنىڭ بوينىغا ئارتىلدۇرۇپ قويۇپ، ئۆيدىن غىپپىدە چىقىپ كېتىپتۇ. تاڭ ئاتقاندا، پادىشاھ غېرىپنىڭ ئايالىنى ۋە بىر قانچە ۋەزىرنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. غېرىپنى ۋە ئۆز ئايالىنى ئويغىتىپ غېرىپقا: - مەن ساڭا ياخشىلىق قىلسام، ئاخىرى مېنىڭ شەنىمگە داغ تەككۈزدۈڭ! - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. غېرىپنىڭ ئايالىنى زورلۇق بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ ئۆز ئىلىكىگە ئېلىۋاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشېدىن: ئوسمان ئىبراھىم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق