UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدانىشمەن قىز

دانىشمەن قىز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ھەر كۈنى بىر قېتىم ئوردا ئەتراپىغا چىقىپ، قۇشلارنىڭ سايرىشىنى تاماشا قىلىدىكەن. پادىشاھ بىر كۈنى سىرتقا چىقىپ ئولتۇرسا، بىر قارلىغاچ:>ۋىچىر - ۋىچىر - ۋىچ< دەپ سايراپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ دەرگۇمان بولۇپ، ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قارلىغاچنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوڭ قول ۋەزىردىن: - بۇ جانىۋار نېمە دەيدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ۋەزىر ئۆزى بىلگەن بىر نېمىلەرنى دەپ بېقىپتۇ. ئەمما توغرا جاۋاب تاپالماپتۇ. جاۋابقا قايىل بولمىغان پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ: - مېنىڭ يېنىمدا ئەقىلدار بولۇپ تۇرغىنىڭغا شۇنچە ئۇزۇن يىل بولدى، تېخى ئەقىلدار بولۇپ قارلىغاچنىڭ نېمە دېگىنىنى بىلمەمسەن؟ ساڭا ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىمەن. شۇنىڭغىچە توغرا جاۋاب تېپىپ كەل، تاپالمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن، - دەپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر ئاھ - ئۇھ بىلەن ئۆيگە بېرىپ، خوتۇنى ۋە بالا - چاقىسىغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۆيدىكىلىرىگە ۋەسىيەت قىلىپ، رازىلىق ئاپتۇ. يىغلاپ - قاخشاپ ئىككى كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇ كۈنلەردە ۋەزىرنىڭ خوتۇنى تالا - تۈزگە چىقماپتۇ. قىزى مەكتەپكە بارماپتۇ، ھەممىسى جەم بولۇپ، باش قاتۇرۇپ ئىزلىنىپمۇ سوئالغا جاۋاب تاپالماپتۇ.... پادىشاھنىڭ قىزى بىلەن ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قىزى پادىشاھلىق مەدرىستە ئوقۇيدىكەن، ئىككىسى ئاجايىپ يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. پادىشاھنىڭ قىزى دوستىنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇقۇشقا كەلمىگەنلىكىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ ئۆيگە كېلىپ، دوستىنى چاقىرىپ، سەۋىبىنى سوراپتۇ. ۋەزىرنىڭ قىزى: - ۋاي دوستۇم، مەن ئوقۇشقا قانداق باراي، ھازىر ئۆلمىگەن ئادەم ئۈچۈن ھازا ئېچىۋاتىمىز، - دەپتۇ - دە، ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى بۇنى ئاڭلاپلا: - ۋاي ئەخمەق، شۇنىمۇ تاپالمىدىڭمۇ؟ قارلىغاچنىڭ ئۇنداق دېگىنى: خوتۇن ئەرنى باي قىلىدۇ، گاداي قىلىدۇ، ساراڭ قىلىدۇ، پادىشاھ قىلىدۇ، دېگىنى. شۇنىڭ ئۈچۈن قارلىغاچ ئۆيگە ئۇۋا سالىدۇ، دەپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قىزى بۇنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇپ ئۆيىگە كىرىپ جاۋابىنى دادىسىغا ئېيتىپتۇ. دادىسى قىزىدىن رازىمەن بولۇپ ئوردىغا بېرىشقا راسلىنىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر خۇشال ھالدا ئوردىغا كىرىپ، پادىشاھغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. ئاندىن كېيىن سوئالغا تاپقان جاۋابنى ئېيتىشىغا ئىجازەت تەلەپ قىپتۇ. پادىشاھ ئىشارەت قىپتۇ. - ھۆرمەتلىبك پادىشاھىم، - دەپتۇ ئوڭ قول ۋەزىر، - قارلىغاچنىڭ ئۇنداق دېگىنى خوتۇن ئەرنى باي قىلىدۇ، گاداي قىلىدۇ، ساراڭ قىلىدۇ، پادىشاھ قىلىدۇ، دېگىنى، - دەپتۇ. پادىشاھ سوراپتۇ: - جاۋابىڭغۇ توغرا، بۇنى ئۆزەڭ تاپتىڭمۇ ياكى بىرەرسى ئېيتىپ بەردىمۇ؟ - تەخسىر، ھېچكىم ئېيتىپ بەرمىدى! - راستىڭنى ئېيىت، بۇ بىلىنىپ قالسا، كاللاڭنى ئالدۇرىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ. ئوڭ قول ۋەزىر قورقۇپ كېتىپ پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ قۇيقا چېچى تىك بوپتۇ ۋە: - جاللات! - دەپ ۋاقىراپتۇ. شۇئان جاللاتلار ھازىر بوپتۇ. - ھازىر مېنىڭ قىزىمنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ جېنىدىن جۇدا قىلىڭلار! ئۇ قىز تۇرۇقلۇق خوتۇننىڭ ئەرنى باي، گاداي، ساراڭ، پادىشاھ قىلىدىغانلىقىنى نەدىن بىلىپتۇ، - دەپ بۇيرۇپتۇ پادىشاھ. ئەقىللىق قىزنىڭ جېنىغا ئېچىنغان ۋەزىر - ۋۇزرالار پادىشاھغا باش قويۇپ قىزنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىشىنى ئىلتىماس قىپتۇ. لېكىن پادىشاھ كۆنەك بەرمەپتۇ. پادىشاھنىڭ بىر دانىشمىنى: - ھۆرمەتلىك شاھىم، قۇتلۇق شەھىرىمىزگە بىر ساراڭ پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ساراڭنى بىر تاغارغا، سىزنىڭ قىزىڭىزنى بىر تاغارغا سېلىپ گەردى بالانىڭ چۆلىگە تاشلىۋەتسەك، شۇ چۆلدە گۇناھىنى تارتىپ ئۆلۈپ تۈگىشىدۇ، - دەپ مەسلىھەت بېرىتپۇ. پادىشاھ بۇ ئاقىل مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. شەھەردىكى ساراڭ بىلەن قىزنى ئايرىم - ئايرىم تاغارغا سېلىپ گەر بالانىڭ چۆلىگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. قىز بىر ئامال قىلىپ تاغارنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ چىقسا يېنىدا يەنە بىر تاغار تۇرغۇدەك، قىز تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچقان ئىكەن، ئىچىدىن بىر يىگىت چىقىپتۇ. قىز يىگىتنىڭ گەپ - سۆز، ھەرىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ ساراڭ قېتىش ئىكەنلىكىنى پەملەپ، ئۇنى مىڭبىر ئامال - چارىلەر بىلەن ئالداپ بىر تاققا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ھېرىپ - ئېچىپ يۈرۈپ تاققا كەپتۇ. قىز گۈل - گىياھلار ئېچىلىپ كەتكەن تاققا كەلگەندىن كېيىن، تاغ جىرالىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ھەر قانداق كېسەلگە داۋا بولىدىغان شىپالىق گىياھلارنى تېپىپ كېلىپ يىگىتكە يىگۈزۈپتۇ. كۈنلەر شۇ تەخلىتتە ئۆتۈۋېرىپتۇ. يىگىت ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كەپتۇ. قىز يىگىتنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ قالغىنىغا خۇرسەن بولۇپ يىگىتنى >ھەمراھ< دەپ ئاتاپتۇ. بىر كۈنى قىز يىگىتنى يېنىغا چاقىرىپ: - ھەمراھ سېنىڭ ئەل - يۇرتۇڭ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ھەمراھ: - يۇرتى يوق كىشى بولماس، يۇرتتىن ئايرىلمىغان ساراڭ بولماس، - دەپتۇ. - سېنىڭ يۇرتۇڭ نەدە؟ ھەمراھ جاۋابەن كۈن چىقىش تەرەپنى كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قىز بىلەن ھەمراھ تاغ بىلەن خوشلىشىپ، ھەمراھنىڭ يۇتىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار قانچىلىغان تاغ - ئېدىرلارنى ئېشىپ، دەريالارنى كېچىپ ئۆتۈپ، ھەمراھنىڭ يۇرتىغا كېلىپ، بىر ئەسكى ئۆيگە ئورۇنلىشىپتۇ. قىزنىڭ بىر دۇخاۋە كۆينىكى بار ئىكەن، يېڭى يۇرتقا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، قىز شۇ دۇخاۋا كۆينىگىنى سۆكۈپ دوپپا تىكىپتۇ. ھەمراھ ھەر كۈنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋېرىپتۇ. قانچە پۇل تاپسا شۇنچىلىگىنى قىزغا ئەكىلىپ بېرىۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ. ئېشىغان پۇلىغا تىللا ئېلىۋېرىپتۇ. تىللالار يىغىلىپ ئون ئالتىگە يېتىپتۇ. قىز بىر كۈنى ھەمرانى چاقىرىپ ئون ئالتە تىللانى توتقۇزۇپتۇ. ئاندىن مۇنداق دەپتۇ: - سەن ئۇدۇل مېھرات شەھىرىگە بارغىن، شەھەر پادىشاھىنىڭ بىر كۆك بوز ئېتى بار. كىرىپ پادىشاھغا >كۆك بوز ئاتنى ئالغىلى كەلدىم< دېگىن. پادىشاھ سېنىڭ تۇرقۇڭغا قاراپلا>بۇ ئات ئون ئالتە تىللا تۇرسا، سەن قانداق ئالالايسەن؟< دەيدۇ. سەن شۇ زامان ئون ئالتە تىللانى ئالدىغا قويساڭ، پادىشاھ لەۋزىدىن يانالماي، ئاتنى ئامالسىز بېرىدۇ. ھەمراھ قىزنىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇنلاپتۇ. پادىشاھ ئون ئالتە تىللانى ئېلىپ، ھەمراھنى كۆك بوز ئاتقا مىندۈرۈپ قويۇپتۇ. ھەمرا شۇ ماڭغان پېتى ئۆز يۇرتىغا سالامەت كەپتۇ. قىز كۆك ئاتنىڭ تۈكىنى دوپپا قاپچىسى بىلەن قايچىلاپ چىپار ئاتقا ئايلاندۇرۇپتۇ. ئاتنى بىر نەچچە كۈن دەم ئالدۇرغاندىن كېيىن، بىر قانچە كېچە تاڭشۇرۇپتۇ. ئات راسا تاڭشۇرۇلۇپ ۋايىغا يەتكەندىن كېيىن، قىز ھەمراھنى چاقىرىپ: - سەن ئۇدۇل مېھرات تېغىڭ باغرىغا بارساڭ، بىر شاھنىڭ بوينىغا مارجان ئېسىلغان بىر كىيىكنى تۇتالماي قوغلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىسەن، بىردەم قاراپ تۇرساڭ پادىشاھ:>مۇشۇ كىيىكنى تۇتۇپ بەرگەن كىشىگە يېرىم پادىشاھلىغىمنى بېرىمەن< دەپ ئۈچ قېتىم ۋاقىرايدۇ. شاھنىڭ ئاۋازى توختىغان ھامان كىيىكنىڭ ئىزىغا چۈش، ئاتنىڭ تىزگىنىنى قويۇۋەت، كۆپ ئۆتمەيلا كىيىكنى تۇتۇۋالىسەن. ئاندىن كېيىن، كىيىكنى شاھقا تەقدىم قىلساڭ، ساڭا يېرىم پادىشاھلىقىنى بېرىدۇ، - دەپتۇ. ھەمراھ خوشال بولۇپ ئاتلىنىپتۇ. ھەمراھ مېھرات تېغىنىڭ باغرىغا بارسا، قىز ئېيىتقاندەك بىر شاھ بوينىغا مارجان ئېسىلغان بىر كىيىكنى قوغلاپ يۈركىدەك. شاھ كىيىكنى تۇتالماي:>مۇشۇ كىيىكنى تۇتۇپ بەرگەن كىشىگە يېرىم پادىشاھلىقىمنى بېرىمەن< دەپ ئۈچ قېتىم ۋاقىراپتۇ. ھەمراھ دەرھال كىيىكنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ قوغلاپ تۇتۇپ، شاھقا تەقدىم قىلىپتۇ. شاھ ھەمراھغا يېرىم پادىشاھلىقنى بەرگەنلىكىنى جاكارلاپتۇ. ھەمراھ ئوردىغا كېلىپ، يېرىم پادىشاھ بولغاندىن كېيىنمۇ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتقان قىزنى ئۇنۇتماپتۇ. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى قىزنى بەك سېغىنىپتۇ. ھەمراھ قىزنى ئويلاپ بىر كۈنى غەمكىن ئولتۇرسا، پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ: - ۋۇي، سىز تولىمۇ غەمكىن بولۇپ قاپسىزغۇ؟ - دەپتۇ. - راست ئېيتىسىز، مېنىڭمۇ يۇرتۇم، ئەل - مەھەللەم، قومى - قېرىندىشىم، ئۆي - ماكانىم بار ئەمەسمۇ، - دەپتۇ ھەمراھ. پادىشاھ ھەمراھنىڭ سۆزىنى توغرا تېپىپ، ھەر ئىككىسى شاھانە ياسىنىپ، ياساۋۇللىرىنى باشلاپ ھەمراھنىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئىككى پادىشاھ كۆپمۇ ماڭماي، ئازمۇ ماڭماي، ھەمرانىڭ يۇرتىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە چۈشپتۇ. مېھمان كەلگەندىن كېيىن قىز دەرھال چاي قاينىتىپ، نازۇ - نېمەتلەرنى راسلاپتۇ. ھەمراھ پادىشاھنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ، پېتىر توقاچ، بىر چىنە سېرىق ياغ، بىر قوشۇق ئېلىپ كىرىپ داستىخانغا تىزىپتۇ. ئاندىن پەتنۇستا ئەتكەنچاي سونۇپتۇ. پادىشاھ ئەتكەنچاينى ئېلىپ دەستىخان ئۈستىگە قويۇپتۇ - دە، قولىغا قوشۇقنى ئېلىپ، بىرئىلىم سېرىق ياغنى ئېغىزىغا ساپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، پېتىر توقاچنى قولىغا ئېلىپلا كۆزىگە ياش ئاپتۇ. ھەيران بولغان ھەمراھ: - ۋاي، تەقسىر، ئۆزلىرىگە نېمە مالاللىق كەلدى؟ - دەپتۇ. - مېنىڭ بىر قىزىم بار ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ماڭا ئۆز قولى بىلەن مۇشۇنداق سېرىق ياغ، مۇشۇنداق پېتىر توقاچ. مۇشۇنداق چنىدە ئەتكەنچاي، مۇشۇنداق قوشۇق ئەكىرىپ بېرەتتى. ئۆز قىزىمنى گۇناھكار ھېسابلاپ، بىر ساراڭ بىلەن قوشۇپ گەردى بالانىڭ چۆلىگە تاشلاتقۇزغان ئىدىم. بۈگۈن مانا بۇلارنى كۆرۈپ قىزىمنى ئەسلەپ قالدىم، - دەپتۇ - دە، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئىشىك ئارقىسىدا پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغان قىز: - ئاشۇ ناھەق ئەيىبكار قىزىڭىز مەن بولىمەن، - دەپتۇ. ھەمراھ بۇ ئىشقا ھاڭ - تاڭ بوپتۇ. قىز يەنە: - يەنە بىر ئەيىپكار مانا بۇ كىشى بولىدۇ، - دەپتۇ، ئۆيگە كىرىپ ھەمراھنى پادىشاھغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پادىشاھ بىر جۈپ >ئەيىپكار< ئالدىدا ئۆلگۈدەك لەت بوپتۇ. ھەمراھ بولسا قىزنىڭ دانالىقىغا ھەيران قاپتۇ. پادىشاھ ئۆز گۇناھىنى تونۇپ، قىزى بىلەن ھەمراھغا 41 كېچەيۇ - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. ئاندىن پادىشاھلىقىنى ھەمراھقا ئۆتۈنۈپتۇ. ) بۇ چۆچەكنىڭ >ئەرنى باي قىلىدىغانمۇ، گاداي قىلىدىغانمۇ خوتۇن< دېگەن ۋارىيانتىمۇ بار(
← بارلىق تېمىلار چوچاق