UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئون بەش ياشلىق ۋەزىر

ئون بەش ياشلىق ۋەزىر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر يۇرتتا كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل ئەل - جامائەت ئىچىدە داڭقى تارالغان بىر تىۋىپ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ دۇنيا - ئوقەتنى دوست تۇتمايدىكەن. مەيلى شاھ، مەيلى گاداي بولسۇن، كىملا ئاغرىپ قالسا قېتىقىنىپ داۋالايدىكەن، داۋالاش ھەققى تالاشمايدىكەن، ھەق بەرسە ئالىدىكەن، بېرەلمىسە قىستىمايدىكەن. شۇڭا ئۇ قازا تاپقاندا بالا - چاقىسىغا ھېچقانداق مىراس قالدۇرالماپتۇ. تىۋىپنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، ئەمما ئۆز زامانىسىدا پۇل بولمىسا كۈچ ئىشلىمەيدىكەن. شۇڭا بۇ ئوغۇلنىڭ ھال - كۈنى بەكمۇ غۇربەتچىلىكتە قاپتۇ، ھەتتا ئېغىر بوي خوتۇنىنى تۈزۈكرەك ئوزۇقلاندۇرۇشقىمۇ قۇدرىتى يەتمەي خىجالەت تارتىپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئوغۇلنىڭ خوتۇنى سىزىككە چۈشۈپ، گۆش غەلۋىسى قىلغىلى تۇرۇپتۇ. تەڭلىككە چىدىمىغان ئوغۇل تەلىيىمنى سىناپ كۆرەي، دەپ مەدىكار بازىرىغا بېرىپتۇ. شۇ كۈنى بۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى مەدىكار ياللىغىلى ئادەم چىقارغان ئىكەن. ئۇ، ھېلىقى ئوغۇلنى تاللاپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ بېغىنىڭ كەينىدە بىر قۇم دۆۋىسى بولۇپ، ۋەزىر ئاشۇ قۇم دۆۋىسىنى تۈزلەپ، ئورنىغا كۆچەت تىكىپ بېغىنى كېڭەيتمەكچى ئىكەن. ۋەزىر ئوغلىنى ھېلىقى قۇم دۆۋىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كېلىپ: - مانا، قىلىدىغان ئىشىڭ مۇشۇ، ھەققىگە نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ئوغۇل قۇم دۆۋىسىنى ئايلىنىپ، مۆلچەرلەپ چىققاندىن كېيىن: - ۋەزىر ئەزەم، بۇ ئاز كۈچ بىلەن پۈتۈدىغان ئىش ئەمەس ئىكەن، شۇنداقتىمۇ بۇ دۆڭنى بىر كۈنگە قالماي تۈزلىۋېتىمەن. ھەققىمگە ئاتىغانلىرىنى بېرەلا، - دەپتۇ ۋە ئايالىنىڭ گۆشكە سېزىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر بۇنداق ئەرزان مەدىكارنىڭ ئۇچرىغىنىغا بەكمۇ خۇشال بولۇپتۇ ۋە: - مۇشۇ دۆڭنى راستىنلا بىر كۈندە تۈزلەپ بولساڭ، ساڭا بىر ئوغلاق بېرىمەن، - دەپ لەۋزە قىپتۇ. تىۋىپنىڭ بالىسى ئوغلاقنىڭ خوشاللىقىدا ئىشنى دەرھال باشلاپتۇ. چۈشكە يېقىن قۇم دۆۋىسىنى چېپىۋاتقاندا كەتمەن >تاڭ< قىلىپ بىر نەرسىگە تېگىپتۇ. ئوغۇل قومنى ئىككى تەرەپكە سېرىۋېتىپ قارىغىدەك بولسا، كەتمەنگە تەككىنى يوغان بىر ياغاچ ئىكەن. ئوغۇل كۈچىمەيلا ھېلىقى ياغاچنى يەردىن سۇغۇرۇپ چىقىرىپتىكەن، چوڭ بىر تۆشۈك كۆرۈنۈپتۇ. بېشىنى تىقىپ قارىسا، يەرنىڭ ئاستىدا كەڭرى كەتكەن شەھەر تۇرغۇدەك، بۇ شەھەرنىڭ ئۆيلىرى ئالتۇندىن، بۇسۇغىلىرى قاشتېشىدىن ئىكەن، دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى ھەر خىل تاۋار - دۇردۇنلار بىلەن قاپلانغان ئىكەن. بۇ مۆجىزىگە تىۋىپنىڭ ئوغلىنىڭ ئەقىلى ھەيران قاپتۇ ۋە ئەھۋالنى ۋەزىرگە ئېيتىپتۇ. ۋەزىر ئۇنىڭ خەۋىرىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي ھېلىقى جايغا كەپتۇ. ئىككىيلەن ھېلىقى تۆشۈكتىن يەر ئاستىغا چۈشۈپ شەھەرنى ئايلىنىپتۇ، بىھىساب ئالتۇن - كۆمۈش، دۇنيا - دەپنىلەرنى كۆرۈپ، ۋەزىرنىڭ ئاغزى ئايدەك، كۆزى جامدەك بولۇپ قاپتۇ - دە، نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ. >بۇ ئەھۋالدىن پادىشاھنى ۋاقىپلاندۇرسام، ئۇ چاغدا شۇنچە بايلىق، پۈتۈن يەر ئاستى شەھىرى قولۇمدىن كېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى، بۇ ئىش سىر پېتى قالسۇن، پەيتى كەلگەندە پادىشاھنى ئۆلتۈرەي - دە، ئىككىلا شەھەرنى ئۆزەم سوراي...< دېگەن خىيالنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەزىر پەيتنى كەلتۈرۈپ بىخەستە تۇرغان تىۋىپنىڭ ئوغلىنى بىر خەنجەر ئۇرۇپلا ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ھېچ ئىش كۆرمىگەندەك بولۇپ، يەر ئۈستىگە چىقىپتۇ. ھېلىقى تۆشۈكنى كۆمۈپ تاشلاپ قۇم دۆۋىسىنى دۆۋىلەپ قويۇپتۇ. ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ. تىۋىپنىڭ ئوغلىنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ دەردىدە زار - زار يىغلاپتۇ. تۇغۇلغان ئوغلىنى يېمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي - كىيگۈزۈپ، مىڭ تەسلىكتە ئون بەش ياشقا كىرگۈزۈپتۇ. بالا غۇربەتچىلىكتە چوڭ بولسىمۇ، چىرايى سۈزۈك، ئەقلى تۈزۈك، دانىشمەن بالا بوپتۇ. نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ، كۆپ بىلىم ئىگەللەپ، ئۆلىمالىق مۇقامىغا بېتىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئانىسىدىن سوراپتۇ: - ئانا، مېنىڭ دادام كىم، نەگە كەتكەن؟ بىچارە خوتۇن كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش تۆكۈپ تۇرۇپ، دادىسىنىڭ كىملىكىنى، مەدىكارچىلىققا كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. - ئانا، - دەپتۇ بالا، - دادامدىن ماڭا ھېچقانداق نەرسە مىراس قالمىغانمۇ؟ - ياق بالام، - دەپتۇ ئانىسى، - بىز ئەزەلدىن مال - دۇنيانى دوست تۇتمىغان ئادەملەر ئەۋلادىدىن بولىمىز. بوۋاڭ داڭلىق تىۋىپ ئىدى. ئۇنىڭ بىر كىتابى بولۇپ، ئۇ كىتاب ھازىرمۇ قازناقتا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مىراس قالدۇرمىغان... بالا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قازناققا يۈگۈرۈپتۇ، بىر چاغدا ئۈستىنى تۆت ئىلىك تۇپا - چاڭ باسقان كونا مۇقاۋىلىق بىر كىتابنى كۆتىرىپ چىقىپتۇ. ئۇ بىر نەچچە كۈنگىچە ھېلىقى كىتابنى باش كۆتۈرمەي ئوقۇپتۇ. ئوقۇغانسېرى چىرايى ئېچىلىپتۇ. - بالام، دپتۇ ئانا، - بۇ كىتابتا نېمىلەر يېزىلىپتۇ ئوقۇغانسېرى چىرايىڭ ئېچىلىپ كەتتىغۇ؟ - بۇ بىر ھېكىمەتلىك كىتاب ئىكەن، - دەپتۇ بالا، - ئۇنىڭ ھەر بىر ۋارىقىدا ئىلگىرى ئۆتكەن ئىشلار، بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ھادىسىلەر يېزىقلىق ئىكەن. بالىنىڭ ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ: - ئۇنداقتا، داداڭنىڭ نەگە يوقالغانلىقى، نېمە كۈنلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدىمۇ بىرەر خەۋەر تاپقىلى بولغۇدەكمۇ؟ - دەپ سوراپتىكەن، بالا: - ئانا، بۇ ھەقتىمۇ يېزىلغان ئىكەن، ئەمما ۋاقتى كەلمىگىچە ئۇنى ئاشكارىلىمايمەن، پات يېقىندا ھەممە ئىشتىن خەۋەر تاپىسىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەمدى گەپنى بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىدىن ئاڭلايلى: پادىشاھ بىر كېچىسى ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ ۋە چۈشىگە تەبىر سوراپ ئوردا ئۆلىمالىرىنىڭ ھەممىسىنى ھوزۇرىغا چاقىرتىپتۇ. ئەمما پادىشاھ بۇنىڭدىن غەزەبلىنىپ ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسنى ئوردا خىزمىتىدىن ھەيدىمەكچى بولۇپتۇ. شۇ چاغدا بىر ئۆلىما: - پادىشاھى ئالەم، بۇ يۇرتتىكى پۇقرالار ئارىسىدا ئون بەش ياشلىق بىر دانىشمەن بالا بار دەپ ئاڭلىدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ناھايىتى ئەقىللىقمىش، ئىجازەت بولسا، شۇ بالىنى ئوردىغا چاقىرتساق، ئۆزلىرى كۆرگەن خاسىيەتلىك چۈشلىرىگە تەبىر بېرىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، - دەپ مەسلىھەت كۆرسىتىپتۇ. باشقا ئۆلىمالارمۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھېلىقى ئۆلىمانىڭ مەسلىھەتىنى قۇۋۋەتلەپتۇ. پادىشاھ: >شۇنچە پىشقەدەم، كۆپنى كۆرگەن ئۆلىمالارنىڭ ئەقلى يەتمىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى يېشىشكە كىچىككىنە بىر بالىنىڭ قۇربى يېتەرمۇ؟< دەپ ئويلاپتۇ يۇ، ئەمما ئۆلىمانىڭ مەسلىھىتى بويىچە بالىنى ئوردىغا چاقىرتىپ سىناپ كۆرۈشكە ماقۇلغا كەپتۇ. پادىشاھنىڭ ئىككى خىزمەتكارى دانىشمەن بالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپتۇ. بالا خىزمەتكارلارغا: - بېرىپ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، مەن پادىشاھ كۆرگەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيمەن، ئەمما كىچىك بولغانلىقىم ئۈچۈن ئات ئۈستىدە ئولتۇرالمايمەن. پىيادە بارسام ھېرىپ قالىمەن، شۇڭا پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى كەلسۇن، مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىپ ئوردىغا بارىمەن، بولمىسا چۈشنىڭ تەبىرى يامانغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، - دەپتۇ. بالىنىڭ شەرتى پادىشاھقا غەلىتە تۇيۇلۇپتۇ. ئەمما كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى ئاڭلاش تەقەززاسىدا ئوڭ قول ۋەزىرىنى بالىنىڭ شەرتىنى ئورۇنلاپ، بالىنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. بالا ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ مەيلىگە قويماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىپتۇ، قولىغا ئۇچلۇق تاياقتىن بىرنى ئېلىپ، قەدەمدە بىر سانچىپ ۋەزىرنى يۈگۈرتكىنىچە ئوردىغا يېتىپ كەپتۇ. يولدا كەلگىچە ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ ئۇچىسى يېغىر بولۇپتۇ. باش - كۆزلىرى تاياق زەربىدىن قانغا بويىلىپتۇ. بالا ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن پادىشاھقا تازىم بەجا كەلتۈرۈپ ئاندىن: - ئەي كېرەملىك شاھ، مەن ئۆزلىرىنىڭ كۆگەن چۈشلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، ئاندىن بۇ چۈشكە تەبىر ئېيتاي، - دەپتۇ. - مەن كۆرگەن چۈشنى سەن قانداق بىلىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ ھەيران بولغان پادىشاھ. - بىلىمەن، پادىشاھىم، - دەپتۇ بالا ۋە پادىشاھ كۆرگەن چۈشنى سۆزلەپتۇ، - ئۆزلىرى شۇنداق بىر چۈش كۆردىلە، چۈشلىرىدە باشلىرىغا بىر تەۋەڭ سارغىيىپ پىشقان نان قويۇلغان ھالدا كېتىپ بارغان ئىدىلە، توساتتىن يەنە بىر تەۋەڭ نان ئاسماندىن چۈشۈپ قۇچاقلىرىغا جايلاشتى. شۇ ئەسنادا پۇتلىرىغا سۈركىلىپ يۈرگەن بىر قوتۇر ئىت ئاسماندىن چۈشكەن ناننى تەۋەڭ بىلەنلا ئاستىغا بېسىۋالدى. بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي باشلىرىدىكى تەۋەڭگە قاراپ خىرىس قىلپ قاۋىدى. ئۆزلىرى بۇ چاغدا ھېلىقى قوتۇر ئىتقا >چاغ، نىجىس!< دېدىلە ۋە ئويغىنىپ كەتتىلە.... بالىنىڭ ئۆزى كۆرگەن چۈشنى تولۇق ئېيتىپ بەرگەنلىكىدىن ھەيرانۇ - ھەس بولغان پادىشاھ بىر ھازاغىچە ئاغزىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ ۋە بىر چاغدا ئېسىنى يىغىپ: - ئەي بالا، مەن كۆرگەن چۈشنى ئەينى پېتى ئېيتتىڭ، بۇ چۈشنى سېنىڭ بىلىۋالغانلىقىڭ مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرۋاتىدۇ، ئەمدى چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - باشلىرىدىكى بىر تەۋەڭ نان، - دەپتۇ بالا، - ئەسلىدىكى شاھلىق سەلتىنىتى، ئاسماندىن چۈشكەن قۇچاقلىرىغا جايلاشقان بىر تەۋەڭ نان بولسا، ئۆزلىرىگە يۈزلەنگەن ئامەت ۋە رىزقا، ئەمما بۇنى ئاستىغا بېسىۋالغان، ھەتتا باشلىرىدىكى نانغا خىرىس قىلغان قوتۇر ئىتنىڭ كىملىكىنى بىلەملا؟ بالا سۆزىنى شۇ يەرگىچە ئېيتىپ بىردەم شۈك تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھنىڭ ھەيرانلىقى ئەسلىدىكىدىن زىيادىلىشىپ بالىنىڭ سۆزىگە تېخىمۇ قىزىقىپتۇ. ئوردا ئۆلىمالىرى ۋە ساراي ئەھلى >سۇبھاناللا< دېيىشىپ ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر بولسا يېغىر ئۇچىسىنىڭ ۋە قانغا بويالغان باش - كۆزىنىڭ ئاغرىق ئازابىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئەنسىزلىك ئىچىدە لاغىلداپ تىترەشكە باشلاپتۇ. بۇ ھالەتتىن بىرەر ئىشنى سەزگەن پادىشاھ بالىغا قاراپ: - ئاجايىب سۆزلەرنى قىلىۋاتىسەن ئوغلۇم، ئاخىرىغىچە سۆزلە، - دەپ مەدەت بېرىپتۇ. - بۇ قوتۇر ئىت، - دەپتۇ بالا ئوڭ قول ۋەزىرنى كۆرسىتىپ، - دەل مۇشۇ ئوڭ قول ۋەزىر! پادىشاھ ۋە ئوردا ئەھلى بالىنىڭ بۇ تەبىرىدىن ھەيران بولۇشۇپ بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي تۇرۇپ قېلىشىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن پادىشاھ بالىدىن نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دېگەنلىكىنى سوراپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر بولسا >تۆھمەت، ھاقارەت!< دەپ ۋاقىراپ، جاقىراپ ئەرسات كۆتىرىپتۇ. بالا تەمتىرىمەي تۇرۇپ: - ئاۋۋال نەق مەيدانغا بارايلى، - دەپتۇ - دە، ھەممەيلەننى ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ بېغىغا يانداش قۇم دۆۋىسىگە باشلاپ بېرىپتۇ. بالىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە ئوڭ قول ۋەزىرمۇ تۆت جاللاتنىڭ يالاپ مېڭىشى بىلەن قۇم دۆۋىسى ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. كىشىلەر ئولاش - چولاش ھېلىقى قۇم دۆۋىسىنى چېپىپ، تۆشۈك ئېچىپ يەر ئاستىدىكى شەھەرگە كىرىپتۇ. بۇ شەھەردىكى بايلىق، گۈزەللىك ۋە ئاجايىپ - غارايىبلارنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قاپتۇ. پادىشاھ بالىنىڭ ئەقلىگە قايىل بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ سىرىنى چۈشەندۈرۈشىنى ئىلتىماس قىلغان ئىكەن، بالا بوۋىسىدىن قالغان ھېلىقى كىتاب ھېكىمىتىدىن تارتىپ، كىتابتا ئوقۇغانلىرىنى، بولغان ۋەقەلەرنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە: - ئەي پادىشاھىم، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەزىرلىرى يەر ئاستى شەھىرىدىكى دۇنيا - دەپنىلەرنى سىلىدىن قىزغانغاچقا، رەھمەتلىك ئاتامنى سىرنى پاش قىلىپ قويىدۇ، دەپ ئەنسىرەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، سىلىنىڭ سەلتەنەتلىرىگە كۆز ئالايتىپ پەيت كۈتكەن. ئەمما قول سېلىشنىڭ پۇرسىتىنى تاپالمىغان، - دەپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرغەزەبكە كەپتۇ. قارا نىيەت ئوڭ قول ۋەزىرنى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. توسۇن ئاتلار ۋەزىرنى باياۋانغا سۆرەپ تېنىنى تىتما - تىتما قىلىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. پادىشاھ بالىنىڭ خىزمىتىنى تارتۇقلاپ ئوڭ قول ۋەزىرىنىڭ ئىشىغا قويۇپتۇ. بۇ ئىشتىن پۈتكۈل پۇقرا ۋە ئوردا ئەھلى خۇرسەن، رازى بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، دانىشمەن بالا كىتابتىكى بىلىمنىڭ خاسىيىتى بىلەن قارا نىيەت قاتىلنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ، دادىسىنىڭ قىساسىنى ئاپتۇ . يۇرتنى يامانلارنىڭ قەستىدىن ساقلاپ، ئەلنى ئەمىن تاپتۇرۇپتۇ. ئانا - بالا ئۆمۈرلىرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختىيار ياشاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق