UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقمۇنۇكباي

مۇنۇكباي

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، مەلۇم بىر يېزىدا مۇنۇكباي دېگەن بىر كەمبەغەل جۇۋازچى ئۆتكەنىكەن. ئۇ كۈندە ئىككى چاۋا ياغ ئارىلاپ يۈرۈپ سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى مۇنۇكباي ئېشىكىگە ئىككى چاۋا ياغنى ئارتىپ ساتقىلى مېڭىپتۇ. بىر يېزىنىڭ دوقمۇشىدا ئۈچ قىمارۋاز - لۈكچەك تام يۆلەپ نەشە چېكىپ، غەيۋەت قىلىشىپ ئولتۇرغانىكەن. ئۇلار مۇنۇكباينىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، قورسىقىغا جىن كىرىپتۇ - دە، ئۆز ئارا تىلىنى بىر قىلىشىپ، مۇنۇكباينى نەشە چەكتۈرۈپ مەست قىلىپ قويۇپ ياغنى ئەپ قېچىپ كېتىپ، بۆلۈشۈۋالماقچى بولۇشۇپتۇ. شۇ ئارىدا مۇنۇكباي يېتىپ كەپتۇ. قىمارۋازلار ئورنىدىن تۇرۇشۇپ مۇنۇكبايغا سالام - سائەت قىلىشىپتۇ. ئۇنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ ئىنتايىن ھۆرمەت قىلغان بولۇشۇپ، نەشىنى تەڭلەپ تۇرۇپ: - بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇنى بىر تارتىپ قويسىلا! - دېيىشىپتۇ. مۇنۇكباي ھۇزۇرخاھلىق بىلدۈرۈپ، رەت قىلغان بولسىمۇ، قىمارۋازلار چىڭ تۇرۇۋالغانلىقتىن نائىلاج نەشىنى قولىغا ئاپتۇ، ئۇ بىر ئىككى قېتىم شورا - شورىمايلا كۆڭلى ئېلىشىپ، بېشى قېيىپ مەست بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. قىمارۋازلار ھەش - پەش دېگۈچە ئۇنىڭ ساقال - بۇرۇت، قاش - كىرپىكلىرىنى قويماي پاك - پاكىز قىرىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، ئېشەكتىن ئىككى چاۋا ياغنى چۈشۈرۈپ ئېلىپ قېچىپ كېتىپتۇ. كۈن چۈشتىن قايرىلغاندا مەيىن شامال چىقىپتۇ. مونۇكباي ئاستا - ئاستا ھوشىغا كېلىپتۇ - دە، كۆزىنى ئېچىپ ئېشىكىگە قارىسا ئىككى چاۋا ياغ يوق. >ئەستاغپۇرۇللا ئەلئەزىم بۇ نېمە ئىشتۇر؟...< دەپ ساقىلىنى سىپىسا، ساقال - بۇرۇتىمۇ يوق ئىمىش، مۇنۇكباي خاپا بولۇپ كېتىپتۇ - دە، ئۆز - ئۆزىگە: مېنىڭ ئېتىم مۇنۇكباي، ساقال بۇرتۇم قەنىكباي... دەپتۇ. ئۇنداق ئويلىنىپ - بۇنداق ئويلىنىپ، بۇ ھېلىقى نەس باسقان، شۇم ئۈچ قىمارۋاز - لۈكچەكنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قاپتۇ. مۇنۇكباي لىۋىنى چىشلەپ، ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. مونۇكباي بىر ھىيلە ئويلاپ تېپىپتۇ. ئېشىكىگە ئىككى چاۋا ياغنى ئارتىپ، غانجۇغسىنى تارتىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنە ياغ ساتقىلى مېڭىپتۇ. ھېلىقى مەھەللىنىڭ دوقمۇشىغا ئاز قالغاندا يانچۇقىدىن ئۈچ تىللا ئېلىپ ئېشىكىنىڭ قۇيرۇقىغا قىستۇرۇپ قويۇپتۇ - دە، بەھۇزۇر كېتىۋېرىپتۇ. ھېلىقى ئۈچ قىمارۋاز يەنە شۇ تامنىڭ تۈۋىدە ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇشقانىكەن. مۇنۇكباي ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلگەندە ئېشىكىگە: - تېزەكلەڭ ئېشىكىم، تېزەكلەڭ! ئالتۇن - تىللا تېزەكلەڭ! - دەپتۇ. ئېشەك تېزەكلەپتۇ. ئېشەكنىڭ تېزىكى بىلەن بىللە ئۈچ دانە تىللا جىرىڭلاپ يەرگە چۈشۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن قىمارۋازلارنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتىپتۇ. ئۇلار ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇشۇپ، مۇنۇكباينىڭ قېشىغا كېلىشىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىشىپتۇ. - مۇنۇكباي ئاكا، ئۆتكەندە بىز سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئىككى چاۋا ياغلىرىنى ئەپ قېچىپتۇق. بىزنى كەچۈرسىلە، بىز ئۇنى تۆلەپ بېريلى. نېمە ئالسىلا ئالسىلا، مۇنۇ ئېشەكلىرىنى بىزگە سېتىپ بەرسىلە، - دېيىشىپتۇ. مۇنۇكباي ئۇلار بىلەن باھادا كۆپ تالىشىپتۇ، ئاخىرى ئۈچ يۈز ئەللىك بەش تەڭگىگە ئېشىكىنى ئىككى چاۋا ياغ بىلەن قىمارۋازلارغا سېتىپتۇ. قىمارۋازلار مۇنۇكبايدىن: - بۇ ئېشەك قانداق قىلسا، ئالتۇن - كۈمۈش تېزەكلەپ بېرىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ، مۇنۇكباي: - مېھمانخانا ئۆينى زىلچا - گىلەم بىلەن زىننەتلەپ ياساڭلار، ئۇ ئۆيگە مايسا بىدە، يېڭى گۈرۈچنى دۆۋىلەپ، ئېشەكنى ئۇ يەرگە بىر ھەپتە سولاپ قويۇپ ياخشى بېقىڭلار، ئۇ ئۆيگە ھېچكىمنى كىرگۈزمەي، بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۈچىڭلار كىرىپ، قولۇڭلارغا كالتەك ئېلىپ، نۆۋەت بىلەن >تېزەكلەڭ ئېشىكىم، تېزەكلەڭ! ئالتۇن - تىللا تېزەكلەڭ...< دەپ قوغلىساڭلار، ساپلا ئالتۇن - تىللا تېزەكلەپ بېرىدۇ، - دەپتۇ. ئۈچ قىمارۋازنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ ئېشەكنى ھەيدەپ كېتىپتۇ. قىمارۋازلار مۇنۇكباينىڭ دېگىنىدەك بىر ئۆينى ئېسىل قىلىپ ياساپ، زىلچا - گىلەم بىلەن زىننەتلەپتۇ. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئون بەش تاغار يېڭى گۈرۈچ، يۈز باغ مايسا بىدىنى دۆۋىلەپ قويۇپ، ئېشەكنى سولاپ ئىشىكىنى بېكىتىپتۇ. ئەمدى گەپنى مۇنۇكبايدىن ئاڭلايلى. مۇنۇكباي ئۆيگە كېلىپ بولغان ۋەقەنى خوتۇنىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ - دە: - قىمارۋازلار ئەمدى مېنى ساق قويمايدۇ. مەن ئاۋۇ شام گۆرگە كىرىپ مۆكۈۋالاي، قىمارۋازلار مېنى ئىزدەپ كەلسە، سەن چاندۇرماي، ئالدىغا چىقىپ، يالغاندىن ھازا ئېچىپ، مېنى ئۆلۈپ كەتتى دېگىن - دەپتۇ. مۇنۇكباي شام گۆرگە يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپتۇ. ئۈچ قىمارۋاز ئىشىكنى زور تامادا ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ، قوللىرىغا بىردىن كالتەك ئېلىشىپ ئېشەكنى نۆۋەت بىلەن >تېزەكلەڭ ئېشىكىم، تېزەكلەڭ! ئالتۇن - تىللا تېزەكلەڭ!< دەپ ئۇرۇپ قوغلاپتۇ. ياش بىدە، يېڭى گۈرۈچ يەپ قورسىقى كۆپۈپ كەتكەن ئېشەك ئۈچ قىمارۋازنىڭ ساقال - بۇرۇت، باش كۆزىنى تېزىكى بىلەن بۇلغىۋېتىپتۇ. ئۆيدىكى زىلچا - گىلەم، تاۋار - دۇردۇن، يوتقان - كۆرپىلەرمۇ بۇلغىنىپ ئۆي ئېغىلدەك بولۇپ كېتىپتۇ. ئۈچ ئەخمەق قارىغۇدەك بولسا، ھېچ نەرسە يوق، ئۆي سەرەمجانلىرى بۇلغىنىپ كېرەكتىن چىققان. ئۇلار ئۆزىنىڭ كولدۇرلىتىلغانلىقىنى بىلىشىپ، غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكىلى تاس قېلىشىپتۇ. ئۈچ قىمارۋاز قوللىرىغا بىردىن خەنجەر ئېلىشىپ، مۇنۇكبايدىن ئۆچ ئالغىلى ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۈچ قىمارۋاز كۆزلىرىگە قان تولۇپ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ مۇنۇكباينىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىشىپتۇ. مۇنۇكباينىڭ خوتۇنى قارىلىق تۇتۇپ ھازا ئېچىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: - ئى مۇرەببىم، ئارمىنىغا يېتەلمەي كەتكەن مۇرەببىم، كۆزى ئوچۇق كەتكەن مۇرەببىم، مېنى تاشلاپ نەگە كەتتىڭ مۇرەببىم! - دەپ يىغلاپتۇ. ئۈچ قىمارۋاز چىشىنى چىشلەپ، يالغاندىن كۆز يېشى قىلغان بولۇشۇپ، ئۇ خوتۇنغا: - بىز مۇنۇكباينىڭ يېقىن دوستلىرى، ھاياتلىقىمىزدا >ئەگەر بىرەرسىمىز ئۆلۈپ - تارتىپ قالساق، تۇپراق بېشىمىزنى بولسىمۇ يوقلاپ تۇرىمىز< دەپ ۋەدىلەشكەنتۇق، ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىگەن بولساقمۇ، تۇپراق بېشىنى بولسىمۇ بېرىپ كۆرەيلى. قەبرىسىنى كۆرسىتىپ قويسىلا، خەتمە - قۇرئان ئوقۇپ قايتايلى، - دەپتۇ. خوتۇن ئۇلارغا ئىس چىقىۋاتقان بىر شام گۆرنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. ئۇلار شام گۆرنىڭ قېشىغا كېلىشىپتۇ. بىر قىمارۋاز: - بۇ قېرى قاقباش ئوغرى بىزنى راسا بابلاپ رەسۋا قىلدى. بۇنىڭ بېشىغا بىز تاھارەت قىلىپ قويۇپ كېتەيلى! - دەپ شام گۆرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ. مۇنۇكباي گۆرنىڭ ئىچىدە زىخنى قىزىتىپ ئولتۇرغانىكەن، قىزىپ كەتكەن بىر زىخنى قىمارۋازنىڭ سۆڭگىچىگە سانجىپتۇ. ئۇ ئاغرىققا چىدىيالمىسىمۇ لېۋىنى چىشلەپ ئۈندىمەي قوپۇپ كېتىپتۇ. مۇنۇكباي ئىككىنچىسىنىمۇ شۇنداق قىپتۇ. ئارقىدىنلا ئۈچىنچى قىمارۋاز ئولتۇرۇپتۇ. مۇنۇكباي چوغدەك قىزىرىپ كەتكەن زىخنى ئۇنىڭغمۇ ساغرىسىغا سانجىپتىكەن، ئۇ: >ۋايجان!< دەپ چىقىراپ سەكرەپ تۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈچ قىمارۋاز قورققىنىدىن ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي قېچىپ كېتىپتۇ. مۇنۇكباي شام گۆرىدىن بەخىرامان چىقىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ئويلىنىپ تۇرمايلا ئۇدۇل پادىشاھنىڭ سارىيىغا ئەرز قىلغىلى بېرىپتۇ. ئۇ پادىشاھقا: - دات، پادىشاھى ئالەم! سىلىگە بىر ئەرزىم بار ئىدى. ئاتامدىن ماڭا ئۈچ قۇل قالغان، ئۇ قوللار ماڭا نۇرغۇن قەرزدار بولغانىدى. ئۇلار قەرزىنى ياندۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە مېنىڭ ئېشىكىمنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى، - دەپ ئەرز قىپتۇ. پادىشاھى ئالەم ئادەم ئەۋەتىپ ئۈچ قىمارۋازنى ھەيدىتىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئۇلاردىن سورىسا، ئۇلار: >بۇ ئىش ئەزبىرايى خۇدا يالغان< دەپ تېنىپتۇ. مۇنۇكباي: -دادامنىڭ ئۇلارنىڭ ساغرىسىغا بېسىپ قويغان مۆھرى بار، تەكشۈرۈپ باقسىلا، - دەپتۇ. پادىشاھ ئۇلارنى تەكشۈرۈپتۇ. دېگەندەك ئۇلارنىڭ ساغرىسىغا زىخنىڭ ئىزى خۇددى مۆھۈر شەكلىدە چۈشۈپ قالغانىكەن. پادىشاھ ئۇلارنىڭ بارلىق مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ مۇنۇكبايغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى مۇنۇكبايغا ئۆمۈرلۈك بۇيرۇپ بېرىپتۇ. مۇنۇكباي قىمارۋاز - لۈكچەكلەردىن دەردىنى مانا شۇنداق ئېلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، باياشاد ئۆتكۈزۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق