چىۋىن قانداق پەيدا بولغان؟
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
زامانلارنىڭ زامانىسىدا بىر تىرەن سايدا بىر بوۋاي بىلەن، بىر موماي خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى، بىر قىزى ۋە بەش ئېتى بار ئىكەن. ئۇ بىر ئۆيلۈك ئاشۇ ئاتلىرىغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ بىر ئېتى تۇيۇقسىزدىنلا ئۆلۈپ قاپتۇ. >بالا كەلسە قوشلاپ كېلىدۇ، بىر - بىرىنى باشلاپ كېلىدۇ< دىگەندەك، بىر نەچچە كۈنلا ئۆتۈپ، يەنە بىر ئېتى ئۆلۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كەينى - كەينىدىن ئۈچ ئېتى ئۆلۈپ قاپتۇ. ئاتلارنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنىڭ سىرنى بىلمەك بولۇپ، ئوغۇل كېچىچە ئاتخانىنىڭ ئەتراپىنى پايلاپ يۈرۈپتۇ. تۈن يېرىم بولغاندا، ئىشىك ئاستا ئېچىلىپتۇ. ئوغۇل شۇنداق قارىسا ئۆز سىڭلىسى ئاتخانىغا كىرىپ كېلىۋاتقۇدەك، ئۇئاتنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر يۇمۇلاپلا بورسۇققا ئايلىنىپتۇ - دە، ئاتنىڭ قېنىنى شوراشقا باشلاپتۇ. يىگىت ئەتىسى ئاتا - ئانىسىغا كېچە كۆرگەنلىرىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ ۋە:
- سىڭلىمنى ئېتىۋېتىمەن! - دەپتۇ. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ:
- يالغۇز قىزىمىزنى ئاتقىچە بىزنى ئات! - دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
- خەير، مېنىڭ گىپىمگە كىرمىدڭلار. ئاخىر شۇ قىزىڭلار سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چىقىدۇ، - دەپ باشقا يۇرتلارغا كېتىپ قاپتۇ. يىگىت مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئاخىرى بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. شەھەرگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا، نۇرغۇن ئادەم بىر مەيدانغا توپلىشىپ، ئوق - يا بىلەن بىر تەڭگىنى نىشانلاپ ئېتىۋاتقان ئىكەن. يىگىت بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن. بىرەيلەن:
- پادىشاھىمىزنىڭ ھەم گۈزەل ھەم دانىشمەن بىر قىزى بار ئىدى. ئاشۇ مەلىكە >كىمدە كىم ئوق - يا ئېتىپ تەڭگىگە تەككۈزەلىسە، مەن شۇنىڭغا تېگىمەن< دىگەن ئىدى. بىز تەلىيىمىزنى سىناۋاتىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. يىگىت >مەنمۇ بىر ئۇرۇنۇپ كۆرەي< دەپ تەڭگىگە ئوق ئۈزۈپتىكەن، ئوق نىشانغا تېگىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت پادىشاھنىڭ كۈيوغلى بولۇپ قاپتۇ ۋە مەلىكە بىلەن بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ ئۆلۈپتۇ. ۋەسىيەت بويىچە يىگىت پادىشاھ بولۇپ تەختكە چىقىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ ھەش - پەش دىگىچە ئون يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ تەختكە يۆلىنىپ ئولتۇرسا، ئىككى ئوغلى ئىككى كۈچۈكنى ئەكىرىپ ئويناۋاتقۇدەك. پادىشاھ بالىلىرىنىڭ ۋە بۇ كۈچۈكلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ ئويغا چۆكۈپتۇ. كۆڭلى نىمىدىندۇر خاۋاتىرلىنىپ چوڭقۇر خىياللار بىلەن ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگەن خانىش سەۋەبىنى سوراپتىكەن. پادىشاد ئېيتماپتۇ. خانىش:
- مېنىڭ ئاتام سىزگە شۇنچىۋالا ياخشىلىقلارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىزى ۋە تەختىنى بەردى. ئىككىمىز بىر ياستۇققا باش قويغىلى ئون يىل بولدى. سىز يەنە مەندىن سىرلىرىڭىزنى يوشۇرامسىز؟ - دەپ رەنجىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پاىشاھ:
- مەن بالىلىرىمنىڭ ۋە كۈچۈكلەرنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ ئولتۇرسام، كۆڭلۈمگە ئاجايىپ بىر ۋەھىمى كېلىپ چۈشتى. گويا ئاتا - ئانام مېنى چاقىرىۋاتقاندەك بولدى، - دەپتۇ - دە، ئايالىغا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ خانىش:
- ئۇنداقتا سىز يۇرتىڭىزغا بېرىپ كېلىڭ. بىراق، يۇرتىڭىز ھازىر ئۆزگىرىپ بىر ئورمانلىققا ئايلىنىپ كەتتى. مېنىڭ مەسلىھىتىم: سىز ئۆيىڭىزگە يېقىنلاشقاندا، دۆڭدە ئالاھىدە ئىگىز ئۆسكەن بىر تۈپ تېرەكنى كۆرىسىز. سىز پالتىڭىزنى تېرەكنىڭ تۈۋىگە، ئوق - يارىڭىزنى تېرەكنىڭ ئۇچىغا قويۇپ قويۇپ ئۆيىڭىزگە بېرىڭ! - دەپتۇ.
پادىشاھ ئەقىللىق خوتۇنىنىڭ سۆزى بويىچە يۇرتىغا كېلىپ قارىغۇدەك بولسا، بۇ يۇرت ئايالى ئېيىتقاندەكلا ئۆزگەرگەن ئىكەن. بۇ يەردە ئادەم زاتى قالماپتۇ. راست دىگەندەك، دۆڭدە ئاجايىپ چوڭ ھەم مەزمۇت بىر تۈپ تېرەك بار ئىكەن. پادىشاھ ئايالىنىڭ دىگىنى بويىچە ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۆيدە يالغۇزلا ھېلىقى سىڭلىسى بار ئىكەن. سىڭىل ئۇزۇن يىل ئايرىلغان ئاكىسىنى كۆرۈپ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئاتا - ئانىسىنى سورىغان ئىكەن، سىڭلىسى:
- خوشنا مەھەللىگە تويغا كەتكەن. ئەتىگىچە كېلىپ قالار، ئاكا، سىز ھېرىپ - ئېچىپ كەلدىڭىز. مەن سىزگە غىزا تەييارلاي، سەل تەخىر قىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، گۆش ئەپكىرىمەن، - دەپ چىقىپ كېتىپتۇ.
پادىشاھ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆينىڭ ھەممە - يېرىنى ئاختۇرۇپ چىقىپتۇ. ئۇ ئاخىرىدا قازناققا قارىغۇدەك بولسا، كانارغا ئىككى ئادەمنىڭ گۆشى ئېسىقلىق تۇرغۇدەك. پادىشاھ دەرھال ئىشىكنى يېپىپ، ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇۋاپتۇ. شۇ ئەسنادا سىڭلىسى.
- قوي گۆشى تاپالمىدىم. كالا گۆشى بار ئىكەن، - دەپ بىر پۇت گۆشنى كۆتىرىپ كىرىپتۇ. ئاكىسى بۇنىڭ ئادەمنىڭ بىر پۇتى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ - يۇ. بۇ، لام - جىم دىمەپتۇ. قىز گۆشىنى پارىلاپ، پىشۇرۇشقا تۇتۇنۇپتۇ. شۇ چاغدا ئاكىسى:
- سىڭلىم، مەن بىكار قاراپ ئولتۇرغۇچە، ئۆگزىگە چىقىپ يۇرتىمىزنىڭ كەچكى ساپ ھاۋاسىدىن ھوزۇر ئالاي، غىزا پىشقاندا چاقىرارسىز، - دەپتۇ، سىڭلىسى:
- ماقۇل ئاكا، بىراق، سىز تۈڭلۈكتىن پۇتىڭىزنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇڭ. مەن ئۆيدە تۇرۇپ پۇتىڭىزنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ تۇتۇپ تۇراي، غىزاپىشقاندا، تانىنى تارتاي، سىز قايتىپ چۈشۈڭ، - دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئاكىسى ئۆگزىگە چىقىپ، بىر پۇتىنى تۈڭلۈكتىن ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. سىڭلىسى ئۇنىڭ پۇتىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ، ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى بېلىگە چىگىپتۇ - دە، تاماق ھازىرلاشقا كىرىشىپتۇ. بىر چاغدا پادىشاھ ئۆزىنىڭ قېشىدا بىر چاشقاننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ دەرھال ھېلىقى چاشقاننى تۇتۇپتۇ - دە، پۇتىنى ئۆتۈكتىن پەم بىلەن چىقىرىۋېلىپ، چاشقاننى ئۇنىڭ ئىچىگە ساپتۇ. ئۆزى بولسا ئۆگزىدىن چۈشۈپ قېچىپتۇ. سىڭلىسى تۈڭلۈكتىن بىر پاي ئۆتۈكنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولۇپ ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىپتۇ.
پادىشاھ قېچىپ ھېلىقى دۆڭگە كەلگىنىدە، ئارقىسىدا توپا - چاڭ كۆتىرىلىپتۇ. پادىشاھ سىنچىلاپ قارىغۇدەك بولسا، سىڭلىسى ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، خەنجەردەك چىشلىرىنى پارقىرىتىپ قويۇندەك كېلىۋاتقۇدەك. پادىشاھ دەرھال تېرەككە يامىشىپتۇ ۋە قويۇپ قويغان پالتىسى بىلەن ئۆزى دەسسىگەن پۇتاق - شاخلارنى كېسىپ مېڭىپتۇ. ئۇنىڭ سىڭلىسى بىر چىشىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئۇنى ھەر قىلىپ تېرەكنى ھەرىدەشكە باشلاپتۇ. يىگىت قولىغا ئوق - ياسىنى ئېلىپ كۈچەپ تارتىپ ئاتقان ئىكەن، ئوق سىڭلىسىغا ئۆتمەپتۇ. شۇ چاغدا شاھنىڭ بالىلىرى ئويناتقان ھېلىقى ئىككى كۈچۈك پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئىككى كۈچۈك ئىككى تەرەپتىن ئېتىلىپ كېلىپ سىڭلىسىنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ تالاپ كېتىپتۇ. ھەش - پەش دىگۈچە كۈچۈكلەر ئۇنى سۆرەپ - تارتىپ ئاپىرىپ كۆلگە تاشلىۋېتىپتۇ. پادىشاھ تېرەكتىن چۈشۈپ، ئۆز شەھىرىگە كېلىۋاپتۇ ۋە بولغان ئەھۋالنى خوتۇنىغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. خانىش:
- سىڭلىڭىز يالماۋۇز ئىكەن، ئۇ كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، تېخى ئۇ ئۆلمىدى، ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىدۇ. شۇڭا پۈتۈن شەھەر خەلقىنى ھەركەتلەندۈرۈپ شەھەرنى قوغدايلى. بىرىنچى سەپتىكىلەر ئوق - يا ئالسۇن. ئىككىنچى سەپتىكىلەر نەيزە، ئۈچىنچى سەپتىكىلەر قىلىچ ئالسۇن! - دەپتۇ. راست دىگەندەك ئۈچ كۈندىن كېيىن ھېلىقى يالماۋۇز كەپتۇ. شەھەر خەلقى بىلەن يالماۋۇزنىڭ ئارىسىدا قاتتىق جەڭ پولۇپتۇ. خەلق ئاخىرى يالماۋۇز ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە خوشال بولۇپ ئۆيلىرىگە تاراپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا خانىش نەۋكەرلىرىگە:
- يالماۋۇز تېخى ئۆلمىدى. سىلەر ئۇنىڭ جەسىدىنى ئۈچ پارچە قىلىپ پارچىلاپ، ئۈچ تاغنىڭ كەينىگە ئاپىرىپ تاشلاڭلار! - دەپ بۇيرۇپتۇ. نەۋكەرلەر خانىشنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ.
خانىش شۇ ئاخشىمى چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە يالماۋۇز يەنە تىرىلگۈدەكمىش. ئەتىسى خانىش:
- ئۇنىڭ جەسىدىنى كۆيدۈرۈپ چۆل - جەزىرىلەرگە چېچىۋېتىڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ. خەلق ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئۇرۇنلاپتۇ. شۇندىن كېيىن يۇرت خاتىرجەم بولۇپتۇ. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي، شەھەر ئۈستىگە بىر خىل ھاشارەت ئۇچۇپ كەپتۇ. گەرچە ئۇ چوڭ زىيان كەلتۈرەلمىسىمۇ، پاسكىنلىقى بىلەن كىشىلەرنى خاپا قىلىدىكەن. ئۇ داۋاملىق >مەن ئۆزەمنىڭ چامامنىڭ يېتىشىچە سىلەردىن ئۆچ ئالىمەن< دەپ گىژىلدىغۇدەك. شۇ چاغدا كىشىلەر بۇلارنىڭ يالماۋۇزنىڭ كۈلىدىن پەيدا بولغان ھاشارەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا >چىۋىن< دەپ ئات قويۇپتۇ. پالاق ياساپ قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە باشلاپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ئوسمان ئىبراھىم.